ئۆلۈم نېمە دېگەنلىك بولىدۇ؟

ئۆلۈم نېمە دېگەنلىك بولىدۇ؟

  جانابى ھەق، بىر نەرسىنى يارىتىشنى خالىغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا بىر غايە تەيىن قىلىدۇ، ئۇ غايىغا قارىتا بىر شەكىل بېرىدۇ ۋە بىر ماددا مۇقىملاشتۇرىدۇ. فائىل يەنى پىئىل ئىگىسى، ئەسلىدىنلا ئۆزىدۇر. بۇ تۆت ئىللەت بىر يەرگە توپلانغان ھامان، ئۇ نەرسە ئەمدى مەخلۇق بولۇپ قۇدرەت دائىرىسىگە چىقىدۇ. بۇ بارلىققا كەلگەن ۋۇجۇتقا «ۋاجىبۇل ۋۇجۇدى لى غەيرىھى» يەنى غەيرى ۋۇجۇت دېيىلىدۇ.

  ئۆلۈم دېگەنلىكئۇ ۋۇجۇتنىڭ قۇدرەت دائىرىسىدىن ئىلىم دائىرىسىگە ئۆتىشى دېگەنلىكتۇر. يەنى، تەكرار لەۋھى مەھپۇزدىكى ئورنىغا قەيىت قىلىنىشى، ئىلمى ئىلاھىغا ئۆتىشى دېگەنلىكتۇر. دېمەك، مەۋجۇداتلار ئۆلۈم بىلەن يوق بولۇپ كەتمەيدۇ. خارىجى ۋۇجۇدىنى يەنى سىرىتقى ۋۇجۇدىنى چىقىرىپ تاشلاپ تەكرار ئىلمى ۋۇجۇتقا يۆتكىلىدۇ.

ئىلمى ئىلاھىمۇ ئىككى قىسىمدۇر:

  بىرى: زاتىغا مەخسۇس ئىلمىدۇر.

  يەنە بىرى: مەلەكلەر ۋاسىتىسى بىلەن لەۋھى مەھپۇزدا قەيىت قىلىنىدىغان ئىلمىدۇر.

  دېمەك، ھەرقانداق مەۋجۇت، ۋۇجۇتقا كېلىشتىن بۇرۇن ھەر ئىككى قىسىم ئىلمىدە مەۋجۇت ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىلاھى قۇدرىتى ئارقىلىق ئىلم دائىرىسىدىن قۇدرەت دائىرىسىگە ئۆتكەنلىك دېگەنلىكتۇر، يوقلۇق(تامامەن يوق بولۇش) ئەمەستۇر.

  قىيامەت نېمە دېگەنلىكتۇر؟ كائىناتنىڭ ۋاپاتى دېگەنلىك بولۇپئالەمدىكى مەۋجۇداتلارنىڭ پۈتكۈل ھەممىسى، قۇدرەت دائىرىسىدىن تەكرار ئىلم دائىرىسىگە يۆتكىلىشىدۇر. ئالەمدىكى مەۋجۇداتلار، قىيامەت پەيتىدە، زاھىرى كۆرىنىشى جەھەتتە يوق بولىدۇ. قىيامەت كۈنىدە، لەۋھى مەھپۇزمۇ كېتىدۇ، چۈنكى ئۇمۇ مەخلۇقتۇر. پەقەت ئاللاھ ۋە ئىلمى باقىدۇر. ھەشىر يەنى قايتا تىرىلىش دېگەنلىك – پۈتۈن كائىناتنىڭ، ئىلم دائىرىسىدىن يەنە بىر قېتىم يېڭىباشتىن قۇدرەت دائىرىسىگە ئۆتىشى دېگەنلىكتۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن، پۈتكۈل مەۋجۇدات ھەشىر مەيدانىغا تۆكۈلىدۇ. ھېساپ ۋە كىتاپ بېرىشتىن كېيىن تەسفىيە (ئايرىلغان) بولىدۇ. تەسفىيە نەتىجىسىدە جەننەتكە لايىق بولغانلار جەننەتكە، جەھەننەمگە مۇستەھەق بولغانلارمۇ جەھەننەمگە كېتىشى بىلەن ھەر نەرسە باقىلىققا مەزھەر(ئېرىشكەن) بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچبىر مەۋجۇداتقا ئەمدى ئۆلۈم يوقتۇر.


الَّذِي خَلَقَ الْمَوْتَ وَالْحَيَاةَ لِيَبْلُوَكُمْ أَيُّكُمْ أَحْسَنُ عَمَلًا وَهُوَ الْعَزِيزُ الْغَفُورُ

(مۈلىك:2)

«(ئۇ ئالەملەرنىڭ رەببىسىدۇركى: قايسىڭىزنىڭ ئەمەل جەھەتتە تېخىمۇ ياخشى ئىكەنلىكىڭىزنى ئىمتىھان قىلىش ئۈچۈن ئۆلۈمنى ۋە ھاياتنى ياراتتى. ئۇ ئەزىزدۇر. ) ئەمىر قىلىشتا غالىپتۇر. ئىنتىقامى شىددەتلىكتۇر، ھېچبىر گۇناھكار، ئۇنىڭ قەھىر پەنچىسىدىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالمايدۇ ۋە (ئۇ ناھايتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.) قۇسۇرلىرىنى بىلگەن، تەۋبىكار قۇللىرىنى ئەپۇ ۋە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.»

1128قېتىم كۆرۈلدى

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir