بارلىق نەرسىلەرنىڭ بار بولۇش ھىكمىتى، ئىجاد قىلىنىش غايىسى، يارىتلىش پايدىسى ۋە ھايات نەتىجىسى نىمە؟

  شۇنداق، ھەر نەرسىنىڭ بار بولۇش ھىكمىتى، ئىجاد قىلىنىش غايىسى، يارىتلىش پايدىسى ۋە ھايات نەتىجىسى ئۈچ تۈرلۈكتۇر.

  بىرىنچى تۈرى: ئۆزىگە، ئىنسانغا، ئىنساننىڭ مەنپەئەتلىرىگە قارايدۇ.

  ئىككىنچى تۈرى: تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ، ھەر نەرسە پۈتۈن ئىدراك ئىگىلىرى مۇلاھىزە قىلالايدىغان ۋە ئۇلۇغ ياراتقۇچىنىڭ ئىسىملىرىنىڭ جىلۋىسىنى بىلدۈرىدىغان بىردىن ئايەت، بىردىن مەكتۇب، بىردىن كىتاب ۋە بىردىن قەسىدە ھۆكمىدە مەنىلىرىنى چەكسىز ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىپادە قىلىدۇ.

  ئۈچىنچى تۈرى: ئۇلۇغ سەنئەتكار بولغان ﷲقا ئائىتتۇر، ئۇنىڭغا قارايدۇ. ھەر نەرسىنىڭ ئۆزىگە قارىغان پايدىسى ۋە نەتىجىسى بىر بولسا، سەنئەتكارىغا قارىغان جەھەتى يۈزلەرچەدۇركى، ئۇلۇغ سەنئەتكار ئۆزىنىڭ ئاجايىپ سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئۆزى كۆرىدۇ. ئۆزىنىڭ سەنئەت ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ ئىسىملىرىنىڭ جىلۋىسىگە قارايدۇ. بۇ ئۈچىنچى چوڭ تۈر بويىچە بىر سىكۇنتچىلىك ياشاش يېتەرلىكتۇر.

  ھەمدە، ھەر نەرسىنىڭ بار بولۇشىنى تەقەززا قىلىدىغان بىر قەييۇمىيەت سىرى باردۇركى، ئۈچىنچى شولىدا ئىزاھ قىلىنىدۇ.

  بىر زامان كائىنات تىلسىمى ۋە يارىتىلىش سىرىنىڭ جىلۋىسى بىلەن مەۋجۇداتنىڭ ھىكمەتلىرىگە ۋە پايدىلىرىغا قارىدىم. دېدىم: «ئەجەبا بۇ شەيئىلەر شۇنداق ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ ۋە نېمە ئۈچۈن تېزدىنلا يوقاپ كېتىدۇ؟» ئۇلارنىڭ شەخسىگە قارىسام، ئىنتىزاملىق ۋە ھىكمەتلىك كېيىنگەن، كىيدۈرۈلگەن، گۈزەللەشتۈرۈلگەن، ھەمدە كۆرگەزمىگە ۋە سەيرانگاھقا ئەۋەتىلگەن. ھالبۇكى، بىرئىككى كۈندە، ھەتتا بىرئىككى مىنۇتتا يوقىلىپ، پايدىسىز، بىكاردىنلا كېتىشىۋاتىدۇ. بۇنچىلىك قىسقا زاماندا بىزگە كۆرۈنۈشلىرىدىكى مەقسەت نېمىدۇر؟ دەپ كۆپ ئويلىناتتىم. ئۇ زامان مەۋجۇداتنىڭ، بولۇپمۇ جانلىقلارنىڭ دۇنيا دەرسخانىسىغا كېلىشلىرىنىڭ مۇھىم بىر ھىكمىتىنى ﷲنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن تاپتىم. يەنى:

  ھەر شەيئى، بولۇپمۇ ھايات ئىگىسى ناھايىتى مەنىدار بىر كەلىمە، بىر مەكتۇب ۋە بىر رەببانىي قەسىدىدۇر. بىر ئىلاھىي ئېلاننامىدۇر. پۈتۈن ئىدراك ئىگىلىرىنىڭ مۇلاھىزىسىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن ۋە چەكسىز پىكىر يۈرگۈزگۈچىلەرگە مەنىسىنى ئىپادە قىلغاندىن كېيىن، سۆزى ۋە ھەرىپى ھۆكمىدىكى جىسمانىي سۈرىتى يوقىلىدۇبۇ ھىكمەت بىر يىلغىچە ماڭا كۇپايە كەلدى. بىر يىلدىن كېيىن سەنئەت ئەسەرلىرىدىكى، بولۇپمۇ ھايات ئىگىلىرىدىكى ناھايىتى ھەيران قالارلىق ۋە بەكمۇ ئىنچىكە بولغان سەنئەت مۆجىزىلىرى كۆرۈندى. چۈشەندىمكى، بۇ ناھايىتى ئىنچىكە ۋە ئاجايىپ ھەيران قالارلىق بولغان سەنئەت نەقىشلىرى پەقەتلا ئىدراك ئىگىلىرىنىڭ نەزىرىگە مەنە ئىپادە قىلىش ئۈچۈن ئەمەستۇر. گەرچە ھەر بىر مەۋجۇتنى (بارلىقنى) چەكسىز ئىدراك ئىگىلىرى مۇلاھىزە قىلىدۇ. بىراق، ھەم ئۇلارنىڭ مۇلاھىزىسى چەكلىكتۇر، ھەم ھەركىم ئۇ ھايات ئىگىلىرىنىڭ بارلىق سەنئەت ئىنچىكىلىكلىرىگە ئۆتەلمەيدۇ. دىمەك، ھايات ئىگىلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم يارىتىلىش نەتىجىسى ۋە ئەڭ چوڭ بار بولۇش غايىسى «قەييۇم» بولغان ئەزەلىي زاتنىڭ ئۆزىنىڭ نەزىرىگە ئۆزىنىڭ ئاجايىپ سەنئىتىنى، بەرگەن مەرھەمەتكارانە ھەدىيە ۋە ئېھسانلىرىنى كۆرسەتمەكتۇربۇ غايە كۆپ زامان ماڭا قانائەت بەردى. ۋە ئۇنىڭدىن چۈشەندىمكى، ھەر مەۋجۇتتا، بولۇپمۇ جانلىقلاردا، چەكسىزلىگەن ئىنچىكە سەنئەت بولۇشى ۋە بۇنى «قەييۇم» بولغان ئەزەلىي زاتنىڭ نەزىرىگە سۇنۇشى، يەنى: ئۇ زات ئۆزىنىڭ سەنئىتىنى ئۆزى كۆرۈشتىن ئىبارەت يارىتىلىش ھىكمىتى ئۇ چەكسىز سەرپىياتلارغا كۇپايە كېلىۋاتاتتى. بىر زامان كېيىن، مەۋجۇداتنىڭ شەخسلىرىدىكى ۋە سۈرەتلىرىدىكى ئىنچىكە سەنئەتلەرنىڭ داۋام قىلمايدىغانلىقىنى، غايەت سۈرئەت بىلەن يېڭىلىنىپ ئالمىشىۋاتقانلىقىنى، چەكسىز بىر پائالىيەت ۋە بىر خەللاقىيەت (ياراتقۇچىلىق) ئىچىدە ئۆزگۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بۇ خەللاقىيەت ۋە بۇ پائالىيەتنىڭ ھىكمىتى ئەلۋەتتە ئۇ پائالىيەت دەرىجىسىدە چوڭ بولۇشى لازىمغۇ؟ دەپ تەپەككۈر قىلىشقا باشلىدىم. بۇ قېتىم يۇقىرىدىكى ئىككى ھىكمەت كۇپايە قىلماسلىققا باشلىدى، يىتەرسىز قالدى. بەكمۇ قىزىقىش بىلەن باشقا بىر ھىكمەتنى ئىزدەشكە باشلىدىم. بىر زامان كېيىن، ئەلھەمدۇلىللاھ، قۇرئانى مۆجىزۇلباياننىڭ پەيزى بىلەن قەييۇمىيەت سىرى نۇقتىسىدا بۈيۈك بولغان چەكسىز بىر ھىكمەت، بىر غايە كۆرۈندى. ئۇنىڭ بىلەن «يارىتىلىش سىرى» ۋە «كائىنات تىلسىمى» تەبىر قىلىنغان بىر ئىلاھىي سىر چۈشىنىلدى. (يىگىرمە تۆتىنچى مەكتۇبتا تەپسىلىي بايان قىلىنغانلىقتىن، بۇ يەردە پەقەتلا ئىخچام شەكىلدە ئىككىئۈچ نۇقتىسىنى ئۈچىنچى شولىدا زىكىر قىلىمىز.)

  شۇنداق، قەييۇمىيەت سىرىنىڭ جىلۋىسىگە بۇ نۇقتىدىن قاراڭلاركى، پۈتۈن مەۋجۇداتنى يوقلۇقتىن چىقىرىپ، ھەر بىرىسىنى بۇ چەكسىز بوشلۇقتا ﴿اَللّٰهُ الَّذِى رَفَعَ السَّمٰوَاتِ بِغَيْرِ عَمَدٍ تَرَوْنَهَا (رەئد:2) سىرى بىلەن تۇرغۇزۇپ، قىيام ۋە دائىملىق بېرىپ، ھەممىسىدە بۇ خىل قەييۇمىيەت سىرىنىڭ جىلۋىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بۇ تايانچ نۇقتىسى بولمىسا، ھېچبىر نەرسە ئۆزلىكىدىن تۇرمايدۇ. چەكسىز بىر بوشلۇقتا يۇمىلىنىپ يوقلۇققا كېتىدۇ.

  ھەم يۇقىرىقىدا دېيىلگىنىدەك، مەۋجۇدات ۋۇجۇدلىرى، قىياملىرى ۋە دائىمىيلىقلىرى جەھەتىدە ئۇ ئۇلۇغ «قەييۇم» بولغان زاتقا تايىنىدۇ. قىياملىرى ئۇنىڭ بىلەندۇر. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، مەۋجۇداتنىڭ ھالەت ۋە ۋەزىيەتلىرىدە مىڭلارچە زەنجىرلەرنىڭ ئۇچلىرى ﴿اِلَيْهِ يُرْجَعُ اْلاَمْرُ كُلُّهُ(ھۇد:123) ئايىتىنىڭ سىرى بويىچە، (تەمسىل خاتا چۈشىنىلمىسۇن) تېلېفۇن، تېلېگراف زەنجىرلىرىنىڭ مەركىزى ۋە باش ئاپپارات مۇنارى ھۆكمىدە بولغان قەييۇمىيەت سىرىدا ئۇلانغاندۇر.

  ئەگەر ئۇ نۇرانىي تايانچ نۇقتىسىغا تايانمىسا، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ پىكرىچە ئىمكانسىز ۋە باتىل بولغان مىڭلارچە دەۋرلەر (ئايلىنىشلار) ۋە زەنجىرلىشىشلەر لازىم كېلىدۇ. مەسىلەن: بىر شەيئى (مۇھاپىزەت ياكى نۇر ياكى ۋۇجۇد ۋەياكى رىزىقتەك) بىر جەھەتتە بۇنىڭغا تايىنىدۇ، بۇمۇ يەنە بىرىسىگە، ئۇمۇ باشقىسىغاكېتىۋىرىپ چوقۇم چەكسىز بولالمايدۇ. بىر چەك بىلەن چەكلىنىدۇ

  پۈتۈن بۇ خىل زەنجىرلەرنىڭ ئاخىرلىرى ئەلۋەتتە قەييۇمىيەت سىرىدۇر. قەييۇمىيەت سىرى چۈشىنىلگەندىن كېيىن، ئۇ مەۋھۇم زەنجىرلەردىكى بىربىرىگە تايىنىش بېغى ۋە مەنىسى قالمايدۇ. يوقىلىدۇ، ھەر نەرسە بىۋاستە قەييۇمىيەت سىرىغا قارايدۇ.

  ئۈچىنچى شولا: ﴿كُلَّ يَوْمٍ هُوَ فِى شَاْنٍ(رەھمان:29) ﴿فَعَّالٌ لِمَا يُرِيدُ (بۇرۇج:16)﴿يَخْلُقُ مَا يَشَاءُ(رۇم:54) ﴿بِيَدِهِ مَلَكُوتُ كُلِّ شَيْءٍ(ياسىن:83)﴿فَانْظُرْ اِلَى آثَارِ رَحْمَتِ اللّٰهِ كَيْفَ يُحْيِى اْلاَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا(رۇم:50)غا ئوخشاش ئايەتلەر ئىشارەت قىلغان ئىلاھىي خەللاقىيەت ۋە رەببانىي پائالىيەت ئىچىدىكى قەييۇمىيەت سىرىنىڭ بىر مىقدار ئېچىلىشىغا بىر ئىككى مۇقەددىمە بىلەن ئىشارە قىلىمىز:

  بىرىنچىسى: بۇ كائىناتقا قارىغان ۋاقىت كۆرىمىزكى، زامان ئېقىنىدا داۋاملىق چايقالغان ۋە توپتوپ بولۇپ بىربىرى ئارقىسىدىن كېلىپ كېتىۋاتقان مەخلۇقاتنىڭ بىر قىسمى بىر سىكۇنتتا كېلىدۇ، ئارقىدىنلا يوقىلىدۇ. بىر تائىپىسى بىر مىنۇتتا كېلىدۇ، كېتىدۇ. بىر تۈرى بىر سائەتتە بۇ شاھادەت ئالىمىگە قەدەم باسىدۇ ۋە غەيب ئالىمىگە كىرىپ كېتىدۇ. بىر قىسمى بىر كۈندە، بر قىسمى بىر يىلدا ۋە بىر قىسمى بىر ئەسىردە، يەنە بىر قىسمى بولسا ئەسىرلەردە بۇ شاھادەت ئالىمىگە كېلىپ، قونۇپ، ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ كېتىشىدۇ. مەۋجۇداتنىڭ بۇ ھەيران قالارلىق ساياھىتى ۋە سەيرانى، ھەمدە بۇ مەخلۇقاتنىڭ بۇ خىل سەپەر ۋە سەيلىسى شۇنداق بىر ئىنتىزام، ئۆلچەم ۋە ھىكمەت بىلەن ئىدارە قىلىنىپ باشقۇرىلىدۇكى، ۋە ئۇلارغا، ئۇ كارۋانلارغا قوماندانلىق قىلغۇچى شۇنداق بەسىيرانە (كۆرۈپ تۇرۇپ)، ھىكمەتكارانە ۋە مۇدەببىرانە (تەدبىرلىك ھالدا) قوماندانلىق قىلىدۇكى، مۇبادا پۈتۈن ئەقىللەر بىرلىشىپ بىرلا ئەقىل بولسىمۇ، ئۇ ھىكمەتكارانە ئىدارىنىڭ ماھىيىتىگە يېتەلمەيدۇ ۋە قۇسۇر تېپىپ تەنقىد قىلالمايدۇ!

  مانا بۇ رەببانىي خەللاقىيەت ئىچىدە ئۇ سۆيۈملۈك ۋە سۆيگەن سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ھايات ئىگىلىرىنىڭ ھېچ بىرىسىگە كۆز ئاچتۇرماي غەيب ئالىمىگە ئەۋەتىۋېتىدۇ، ھېچ بىرىسىگە نەپەس ئالغۇزماي دۇنيادىكى ھاياتتىن بوشىتىۋېتىدۇ. داۋاملىق بۇ ئالەم مېھمانخانىسىنى تولدۇرۇپ، مېھمانلارنىڭ رازىلىقى بولماستىن چىقىرىۋېتىدۇ. قازا ۋە تەقدىر قەلىمى يەرشارىنى «يېزىپ ئۆچۈرۈش دوسكىسى»دەك قىلىپ يُحْيِى وَيُمِيتُ (ھايات بەرگۈچى ۋە ئۆلتۈرگۈچى) جىلۋىلىرى بىلەن داۋاملىق يەرشارىدا يېزىقلىرىنى يازىدۇ ۋە يېڭىلاپ ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ

  مانا بۇ رەببانىي پائالىيەتنىڭ ۋە بۇ ئىلاھىي خەللاقىيەتنىڭ بىر ھىكمەت سىرى، ئاساسلىق بىر تەقەززاسى ۋە كېرەك بولۇش سەۋەبى ئۈچ مۇھىم تارماققا ئايرىلغان چەكسىز، ھېسابسىز بىر ھىكمەتتۇر.

  ئۇ ھىكمەتنىڭ بىرىنچى تارمىقى شۇدۇركى، پائالىيەتنىڭ ھەر تۈرى جۈزئىي بولسۇن، كۈللىي بولسۇن بىر لەززەت بېرىدۇ. بەلكى ھەر پائالىيەتتە بىر لەززەت بار. بەلكى پائالىيەت لەززەتنىڭ ئۆزىدۇر. بەلكى پائالىيەت لەززەتنىڭ ئۆزى بولغان ۋۇجۇدنىڭ (بارلىقنىڭ) كۆرىنىشىدۇر ۋە ئەلەمنىڭ ئۆزى بولغان يوقلۇقتىن يىراقلاش ئارقىلىق سىلكىنىشىدۇر. شۇنداق، ھەر قابىلىيەت ئىگىسى بىر پائالىيەت ئارقىلىق قابىلىيىتىنىڭ كۆرىنىشىنى لەززەت بىلەن كۆزىتىدۇ. ھەر بىر قابىلىيەتنىڭ پائالىيەت بىلەن كۆرىنىشى بىر لەززەتتىن كېلىدۇ، بىر لەززەتنى نەتىجە بېرىدۇ. ھەر بىر كامالەت ئىگىسى پائالىيەت ئارقىلىق كامالىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى لەززەت بىلەن كۆرىدۇمادەم ھەر بىر پائالىيەتتە شۇنداق سۆيۈلىدىغان، ئارزۇ قىلىنىدىغان بىر كامال، بىر لەززەت باردۇر. پائالىيەتمۇ بىر كامالدۇر. ۋە مادەم جانلىقلار ئالىمىدە دائىمىي ۋە ئەزەلىي بىر ھاياتتىن چىققان چەكسىز بىر مۇھەببەتنىڭ، ھېسابسىز بىر مەرھەمەتنىڭ جىلۋىلىرى كۆرىنىدۇ. ۋە ئۇ جىلۋىلەر كۆرسىتىدۇكى، ئۆزىنى شۇنداق سۆيدۈرگەن، سۆيگەن ۋە شەپقەت قىلىپ ئىلتىپاتلىرىنى نامايەن قىلغان زاتنىڭ مۇقەددەسلىكىگە لايىق ۋۇجۇبى ۋۇجۇدىغا مۇناسىپ بولغان سەرمەدىي ھاياتنىڭ تەقەززاسى بولغان ھالدا، چەكسىز دەرىجىدە (تەبىر خاتا چۈشىنىلمىسۇن) بىر ئىلاھىي ئىشق، بىر ئۇلۇغ مۇھەببەت ۋە مۇقەددەس لەززەتتەك قۇدسىي* شۇئۇنات ئۇ ئەڭ مۇقەددەس (ئىلاھى) ھاياتتا باردۇركى، ئۇ شۇئۇنات شۇنداق چەكسىز پائالىيەت بىلەن ۋە چەكسىز خەللاقىيەت بىلەن كائىناتنى دائىما يېڭىلاپ تۇرىدۇ، تەۋرىتىپ تۇرىدۇ ۋە ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ

  قەييۇمىيەت سىرىغا قارىغان چەكسىز ئىلاھىي پائالىيەتتىكى ھىكمەتنىڭ ئىككىنچى تارمىقى: ﷲنىڭ ئىسىملىرىغا قارايدۇ. مەلۇمدۇركى، ھەر بىر گۈزەللىك ئىگىسى ئۆز گۈزەللىكىنى كۆرۈش ۋە كۆرسىتىشنى خالايدۇ؛ ھەر بىر ھۈنەر ئىگىسى ئۆز ھۆنىرىنى ئېلان قىلىش ۋە نامايەن قىلىش ئارقىلىق دىققەتنەزەرلەرنى جەلب قىلىشنى خالايدۇ ۋە ياخشى كۆرىدۇ. ھەمدە ھۆنىرى يوشۇرۇن قالغان بىر گۈزەل ھەقىقەت ۋە يۈكسەك بىر مەنا مەيدانغا چىقىشنى، ئالقىشلىغۇچى تېپىشنى خالايدۇ ۋە ياخشى كۆرىدۇ. مادەم بۇ ئاساسلىق قائىدىلەر ھەر نەرسىدە دەرىجىسىگە قارىتا كۆرىلىدۇ. ئۇنداقتا مۇتلەق گۈزەللىك ئىگىسى بولغان ئۇ ئۇلۇغ قەييۇمنىڭ مىڭبىر گۈزەل ئىسىملىرىدىن ھەر بىر ئىسمىنىڭ كائىناتنىڭ گۇۋاھلىقى ، جىلۋىلىرىنىڭ دالالىتى ۋە نەقىشلىرىنىڭ ئىشارىتى بىلەن ئەلۋەتتە ھەر بىرىسىنىڭ ھەر بىر مەرتىۋىسىدە ھەقىقىي بىر ھۆسن، ھەقىقىي بىر كامالەت، ھەقىقىي بىر گۈزەللىك ۋە غايەت گۈزەل بىر ھەقىقەت، بەلكى ھەر بىر ئىسىمنىڭ ھەر بىر مەرتىۋىسىدە چەكسىز ھۆسن تۈرلىرى بىلەن بىرگە چەكسىز گۈزەللىك ھەقىقەتلىرى باردۇر. مادەم بۇ ئىسىملارنىڭ مۇقەددەس گۈزەللىكلىرىنى كۆرسەتكەن ئەينەكلىرى، گۈزەل نەقىشلىرىنى نامايەن قىلغان لەۋھەلىرى، ھەمدە گۈزەل ھەقىقەتلەرنى ئىپادە قىلغان سەھىپىلىرى بۇ مەۋجۇداتتۇر ۋە بۇ كائىناتتۇر. ئۇنداقتا، ئەلۋەتتە ئۇ دائىمىي ۋە باقىي ئىسىملار چەكسىز جىلۋىلىرىنى، ھېسابسىز مەنىدار نەقىشلىرىنى ۋە كىتابلىرىنى ھەم مۇسەمماسى (ئىسىم ئىگىسى) بولغان قەييۇم بولغان ئۇلۇغ زاتنىڭ كۆرۈش نەزىرىگە ھەم ھەددىھېسابسىز روھ ئىگىلىرى ۋە ئىدراك ئىگىلىرى بولغان مەخلۇقاتلارنىڭ مۇلاھىزە نەزىرىگە كۆرسىتىش، چەكلىك بىر نەرسىدىن چەكسىز لەۋھەلەرنى، بىرلا شەخستىن ناھايىتى كۆپ شەخسلەرنى ۋە بىرلا ھەقىقەتتىن بەكمۇ كۆپ ھەقىقەتلەرنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇ ئىلاھىي مۇقەددەس ئىشققا تايىنىپ ۋە قەييۇمىيەت سىرىغا بىنائەن كائىناتنى ئومۇمەن ۋە داۋاملىق جىلۋىلىرى بىلەن يېڭىلاپ تۇرىدۇ، ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ.

  تۆتىنچى شولا: كائىناتتىكى ھەيران قالارلىق دائىمىي پائالىيەت ھىكمىتىنىڭ ئۈچىنچى تارمىقى شۇدۇركى، ھەر بىر مەرھەمەت ئىگىسى باشقىسىنى مەمنۇن قىلىشتىن سۆيۈنىدۇ؛ ھەر بىر شەپقەت ئىگىسى باشقىسىنى خوشال قىلىشتىن مەمنۇن بولىدۇ؛ ھەر بىر مۇھەببەت ئىگىسى سۆيۈندۈرۈشكە لايىق مەخلۇقلارنى سۆيۈندۈرۈش بىلەن سۆيۈنچ ھېس قىلىدۇ؛ ھەر بىر ئالىيجاناب زات باشقىسىنى خۇرسەن قىلىش بىلەن لەززەت ئالىدۇ؛ ھەر بىر ئادىل زات ھەق ئىگىسىگە ھەققىنى بېرىش ۋە لايىق بولغانلارغا جازا بېرىشتە، ھوقۇق ئىگىلىرىنى مىننەتدار قىلىش ئارقىلىق ھوزۇرلىنىدۇ؛ ھۆنەر ئىگىسى بولغان ھەر بىر سەنئەتكار سەنئىتىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق سەنئەت ئەسىرىنىڭ خالىغىنىدەك ئىشلىشى ۋە ئويلىغىنىدەك نەتىجىلەرنى بېرىشى بىلەن ئىپتىخارلىنىدۇ.

  مانا بۇ يۇقىرىدىكى دەستۇرلارنىڭ ھەر بىرى بىردىن ئاساسلىق قائىدىدۇركى، كائىناتتا ۋە ئىنسانىيەت ئالىمىدە ھۆكۈمىنى يۈرگۈزىدۇ. ﷲنىڭ ئىسىملىرىدا بۇ قائىدىلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئۈچ مىسال ئوتتۇز ئىككىنچى سۆزنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىدە ئىزاھ قىلىنغاندۇر. بىر خۇلاسىسى بۇ يەردە يېزىلىشى مۇناسىپ بولغانلىقتىن دەيمىز:

  مەسىلەن: غايەت مەرھەمەتلىك، ساخاۋەتلىك ۋە ئىنتايىن كەرەملىك ۋە ئالىيجاناپ بىر زات تەبىئىتىدىكى ئالىي خىسلەتلەرنىڭ تەلىپى بويىچە، چوڭ بىر ساياھەت كېمىسىگە ناھايىتى پېقىر ۋە مۇھتاجلىقتا قالغان ئىنسانلارنى چىقىرىپ تولىمۇ مۇكەممەل زىياپەتلەر ۋە ئىكراملار بىلەن ئۇ پېقىرلارنى مەمنۇن قىلىپ، دېڭىزلاردا، ساھىل ئەتراپلىرىدا كەزدۈرىدۇ. ئۆزىمۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ئۇلارنى مەمنۇنلۇق بىلەن كۆزىتىپ، ئۇ پېقىرلارنىڭ مىننەتدارلىقىدىن لەززەتلىنىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ سۆيۈنۈشلىرىدىن خوشال بولىدۇ. شاتلىنىشلىرىدىن ئىپتىخارلىنىدۇ. قارا، بىر تەقسىمات خىزمەتچىسى ھۆكمىدە بولغان شۇنداق بىر ئىنسان مۇنداق كىچىك بىر زىياپەت بېرىشتىن بۇ قەدەر مەمنۇن ۋە خوشال بولسا؛ ئەلۋەتتە پۈتۈن ھايۋانلارنى، ئىنسانلارنى، چەكسىز پەرىشتىلەرنى، جىن ۋە روھلارنى بىر رەھمانىي كېمە بولغان يەرشارى كېمىسىگە چىقىرىپ، زېمىن يۈزىنى تۈرلۈك نىمەتلەر بىلەن، پۈتۈن ھېستۇيغۇلار خالىغان رىزىق ۋە زوقلار بىلەن تولدۇرۇلغان بىر رەببانىي داستىخان شەكلىدە ئۇلار ئۈچۈن تەييارلىغان، ھەمدە ئۇ مۇھتاج، شۈكۈر قىلغۇچى، مىننەتدار بولغان ۋە سۆيۈنگەن مەخلۇقاتىنى كائىناتنىڭ ھەر تەرىپىدە ساياھەت قىلدۇرغان ۋە بۇ دۇنيادا بۇ قەدەر ئىكراملار بىلەن ئۇلارنى سۆيۈندۈرۈش بىلەن بىللە، مەڭگۈلۈك دىياردىكى جەننەتلىرىدىن ھەر بىرىسىنى دائىمىي زىياپەت ئۈچۈن بىردىن داستىخان قىلغان زاتى ھەييۇل قەييۇمغا ئائىت بولغان، ئۇ مەخلۇقاتلارنىڭ شۈكۈرلىرىدىن، مىننەتدارلىقلىرىدىن، خوشاللىقلىرىدىن ۋە سۆيۈنۈشلىرىدىن كەلگەن ۋە دېيىشكە تىلىمىز ئاجىزلىق قىلىدىغان ۋە رۇخسەت بېرىلمىگەن «مۇقەددەس مەمنۇنىيەت»، «مۇقەددەس ئىپتىخار» ۋە «مۇقەددەس لەززەت»دەك ئىسىملار بىلەن ئىلاھىي شۇئۇناتقا ئىشارەت قىلىنغان رۇبۇبىيەت مەنىلىرىدۇركى، بۇ دائىمىي پائالىيەتنى، بۇ توختاۋسىز خەللاقىيەتنى تەقەززا قىلىدۇ.

  ھەم مەسىلەن: بىر ماھىر سەنئەتكار پلاستىنكىسىز بىر پاتېفۇن ياسىسا، ئۇ پاتېفۇن خالىغىنىدەك سۆزلىسە، ئىشلىسە، سەنئەتكارى نەقەدەر ئىپىتخارلىنىدۇ، زوقلىنىدۇ ۋە ئۆزئۆزىگە ماشائاللاھ! دەيدۇ. مادەم كۆرۈنۈشتىكى كىچىك بىر سەنئەت، سەنئەتكارىنىڭ روھىدا بۇ قەدەر بىر ئىپتىخار ۋە بىر مەمنۇنىيەت ھېسسى ئويغاتسا، ئۇنداقتا، ئەلۋەتتە بۇ مەۋجۇداتنىڭ ھىكمەتلىك سەنئەتكارى كائىنات مەخلۇقاتلىرىنى، چەكسىز نەغمە تۈرلىرى بىلەن سادا بېرىدىغان، ئۈن چىقىرىپ تەسبىھ قىلىدىغان، ھەمدە زىكىر قىلىپ سۆزلەيدىغان ئىلاھىي مۇزىكا ۋە ئاجايىپ فابرىكا قىلغىنىدەك، مەۋجۇداتلارنىڭ ھەر بىر تۈرىنى، ھەر بىر ئالىمىنى باشقا بىر سەنئەت بىلەن ۋە باشقا بىر سەنئەت مۆجىزىلىرى بىلەن كۆرسىتىپ، جانلىقلارنىڭ باشلىرىدا بىردىن پاتېفۇن، بىردىن كامېرا ۋە بىردىن تېلېگرافقا ئوخشاش كۆپلىگەن ئاپپاراتلارنى ھەتتا ئەڭ كىچىك باشتىمۇ يارىتىش بىلەن بىللە، ھەر بىر ئىنساننىڭ بېشىغا پەقەتلا پلاستىنكىسىز پاتېفۇن، ئەينەكسىز كامېرا ۋە سىمسىز تېلېگراف ئەمەس، بەلكى بۇلاردىن يىگىرمە ھەسسە تېخىمۇ ھەيران قالارلىق شۇنداق بىر ئاپپاراتلارنى قويغانكى، ئۇلارنى ياساشتىن، خالىغىنىدەك شەكىلدە ئىشلەپ نەتىجە ھاسىل قىلىشىدىن كەلگەن مۇقەددەس ئىپتىخار ۋە مۇقەددەس مەمنۇنىيەتتەك مەنىلەر، ھەمدە رۇبۇبىيەتنىڭ بۇ تۈردىن بولغان يۈكسەك شۇئۇناتى، ئەلۋەتتە بۇ دائىمىي پائالىيەتنى ئىقتىزا قىلىدۇ.

  ھەم مەسىلەن: بىر ئادىل ھۆكۈمدارنىڭ ھەقنىڭ ھەق بولۇشى ئۈچۈن مەزلۇملارنىڭ ھەققىنى زالىملاردىن ئېلىشتىن، پېقىرلەرنى كۈچلۈكلەرنىڭ يامانلىقىدىن مۇھاپىزەت قىلىشتىن ۋە ھەركىمگە لايىق بولغان ھەققىنى بېرىشتىن لەززەت ئېلىشى، ئىپتىخارلىنىشى ۋە مەمنۇن بولۇشى ھۆكۈمدارلىق ۋە ئادالەتنىڭ ئاساسى قائىدىسى بولغانلىقتىن، ئەلۋەتتە چەكسىز ھىكمەت ۋە چەكسىز ئادالەت ئىگىسى بولغان ھەييۇل قەييۇمنىڭ پۈتۈن مەخلۇقلىرىغا، بولۇپمۇ جانلىقلىرىغا «ھايات ھوقۇقى» تەبىر قىلىنىدىغان ھاياتىي شارائىتلارنى بېرىشتىن؛ ھاياتلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا تۈرلۈك قوراللارنى ئېھسان قىلىشتىن؛ زەئىپلەرنى كۈچلۈكلەرنىڭ يامانلىقىدىن شەپقەتكارانە ھىمايە قىلىشتىن؛ پۈتۈن ھايات ئىگىلىرىدە بۇ دۇنيادا ئادالەتنىڭ ھەق ئىگىسىگە ھەققىنى بېرىش تۈرىنى تامامەن، ھەقسىزلەرگە جازا بېرىش تۈرىنى بولسا قىسمەن ئىجرا قىلىشتىن؛ ھەمدە خۇسۇسەن مەھشەرگاھتىكى چوڭ سوتتا ئەڭ بۈيۈك ئادالىتىنى جىلۋىلەندۈرۈشتىن ھاسىل بولغان، شۇنداقلا بىز تەبىر قىلىشقا ئاجىزلىق قىلغان رەببانىي شۇئۇنات ۋە مۇقەددەس مەنىلەر كائىناتتا بۇ دائىمىي پائالىيەتنى ئىقتىزا قىلىدۇ.

  مانا بۇ ئۈچ مىسالدەك، ﷲنىڭ گۈزەل ئىسىملىرىنىڭ ھەممىسىدە، ھەر بىرىسى بۇ دائىمىي پائالىيەتتە بەزى مۇقەددەس ئىلاھىي شۇئۇناتقا سەۋەب بولغانلىقتىن دائىمىي خەللاقىيەتنى ئىقتىزا قىلىدۇ. ھەمدە مادەم ھەر قابىلىيەت ۋە ھېس ئۆسۈپ ۋە ئېچىلىپ مېۋە بېرىش نەتىجىسىدە بىر خوشاللىق، بىر راھەتلىك ۋە بىر لەززەت بېرىدۇ. ۋە مادەم ھەر ۋەزىپىدار كىشى ۋەزىپىسىنى قىلىش ۋە تۈگىتىشتە ھەمدە ۋەزىپىسىدىن بوشىنىشتا چوڭ بىر مەمنۇنىيەت، بىر ھۇزۇر ھېس قىلىدۇ. ۋە مادەم بىر دانە ئۇرۇقتىن كۆپلىگەن مېۋىلەرگە ئېرىشمەك ۋە بىر دىرھەمدىن يۈز دىرھەم پايدا قازانماق، ئىگىلىرىگە ناھايىتى خوشاللىنارلىق بىر ھالەتتۇر، بىر تىجارەتتۇر. ئۇنداقتا، ئەلۋەتتە پۈتۈن مەخلۇقاتتىكى چەكسىز قابىلىيەتلەرنى ئۆستۈرگەن، پۈتۈن مەخلۇقاتىنى مۇھىم ۋەزىپىلەردە خىزمەت قىلدۇرۇپ، كېيىن تاكامۇللىشىش شەكلىدە ۋەزىپىسىدىن بوشاتقان، يەنى ئېلېمېنتلارنى مېتال مەرتىۋىسىگە، مېتاللارنى ئۆسۈملۈك ھاياتىغا، ئۆسۈملۈكلەرنى رىزىق ۋاستىسى بىلەن ھايۋاناتنىڭ ھايات دەرىجىسىگە ۋە ھايۋانلارنى ئىنسانلارنىڭ ئىدراكلىق بولغان يۈكسەك ھاياتىغا چىقارغان زاتنىڭ، ھەر بىر ھايات ئىگىسىنىڭ كۆرۈنۈشتىكى بىر ۋۇجۇدىنىڭ زاۋال تېپىشى بىلەن (يىگىرمە تۆتىنچى مەكتۇبتا ئىزاھ قىلىنغىنىدەك) روھىي، ماھىيىتى، ئەسلى ۋە سۈرىتىدەك نۇرغۇنلىغان ۋۇجۇدلىرىنى ئارقىسىدا قويۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭىلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن دائىمىي پائالىيىتى ۋە رەببانىي خەللاقىيىتىدىن چىققان مۇقەددەس مەنىلەرنىڭ ۋە ئىلاھىي رۇبۇبىيەتنىڭ نەقەدەر ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكى چۈشىنىلىدۇ.

————————————————

* ۋۇجۇبى ۋۇجۇد: بارلىقى، مەۋجۇتلىقى قەتئىي ۋە زۆرۈر بولۇش.

** قۇدسىي: كەمچىلىكلەردىن پاك، مۇقەددەس.

960قېتىم كۆرۈلدى

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir