بۇرۇن مۇسۇلمانلار باي، ئۇلار(كاپىر مۈشرىكلەر) پېقىر ئىكەن

  سۇئال: بۇرۇن مۇسۇلمانلار باي، ئۇلار(كاپىر مۈشرىكلەر) پېقىر ئىكەن. ئەمدى بولسا، ھەر يەردە ئەمىلىي ئەھۋال بولسا دەل ئەكىسچە. ھېكمىتى نىمە؟

جاۋاپ: ئىككى خىل سەۋەبىنى بىلىمەن:

  بىرىنچىسى: ” لَّيْسَ لِلْإِنسَانِ إِلَّا مَا سَعَى “ دىن ئىبارەت بولغان رەببىمىزنىڭ: ”ئىنسان ئۈچۈن پەقەتلا تىرىشقىنىنىڭ نەتىجىسى باردۇر. يەنى ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ (نەجىم سۈرىسى:39-ئايەت) “ پەرماندىن پايدىىنىشقا تىگىشلىك بولغان تىرىشىش قىزغىنلىقى بۇ ئايەتنىڭ تەشۋىق قىلغان تىرىشىش ئىشتىياقى ۋە اَلْكَاسِبُ حَبِيبُ اللّٰهِ دىن ئىبارەت بولغان پەيغەمبىرىمىزنىڭ ’تىرىشچان، ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرگەن قۇلىدۇر.‘ مەنىسىدىكى پەرمانىدىن پايدىلانغان ھۆنەر كەسىپكە ئىشتىياق بۇ ھەدىسى شەرىپنىڭ تەشۋىق قىلىدىغان تىرىشچانلىق ھىسسى بولۇپ، بەزى قۇتىراتقۇچىلارنىڭ يەنى يەھۇدى ۋە خىرىستىيانلارنىڭ ئىندەككە كەلتۇرىۋالغان جاھىل ۋە دىندە رۇسۇھى بولمىغان يەنى ئىلمى بىلەن ئەمەل قىلمايدىغان، قۇرئاننى چۈشىنىشكە لازىملىق پەننى ئىلىملەرگە پىششق ئەھلى ئەربابى بولمىغان بەزى ئۆلىمالارنىڭ ’سىڭدۈرىشى‘ بىلەن ئۇ تىرىشچانلىققا بولغان ئىشتىياقى سۇنغان ۋە ئۇ ھۆنەر كەسىپكە بولغان قىزغىنلىقى ئۆچكەن. ھازىرقى ھورۇنلىقىمىز سەۋەبى بىلەن ھەم پېقىر بولدۇق.

  چۈنكى ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۈستۈن قىلىش ۋە يېيىش ئۈچۈن بۇ زاماندا ماددى تەرەققىياتقىمۇ باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن بەزى جاھىل ئەمىرلەر، ئۆلىمالار ۋە شەيىخلەر ئۇ قىزغىنلىقنى يوقتىپ، ئۇ ئىشتىياققا سۇ سەپتى ۋە ئۆچۈرىۋەتتى. دۆلەت بېشىدىكى كىشىلەرگە بولۇپمۇ دىن نامىغا دۆلەتنىڭ بېشىغا ئۆتكەن بەزى ئەمىرلەر ۋە ئۆلىمالارغا قارىتا دىيىلگەن بۇ بابتىكى ”ماددى تەرەققى قىلىش“ ئىپادىسىكى مۇرات مەقسەت ئىسلام دۆلىتىنىڭ ”قۇرالياراق، دېھقانچىلىق، تىجارەت ۋە ھۆنەر سەنئەت“ ساھەلىرىدە تەرەققى قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ، شەخىسنىڭ باي بولىشىنى قەسىت قىلمايدۇ.

  بۇنىڭ بىلەن بىللە، ”مِنْ حَيْثُ هِىَ مَزْرَعَةُ اْلاٰخِرَةِ دۇنيا ئاخىرەتنىڭ ئېتىزىدۇر.“ ھەدىسى شەرىپ جەھەتىدىن قاراپ دۇنيانىڭ ئۇ يۈزىنىڭ قىممىتىنى بىلمىگەن، قوللاپ تەقدىرلىمىگەن بەزى جاھىل ئەمىرلەر ۋە شەيىخلەر ئۇ تىرىشىش ئىشتىياقى ۋە قىزىقىشنى يوق قىلدى.

  بۇنىڭ بىلەن بىرگە قۇرۇنى ۋۇستا (ئوتتۇرىقى دەۋىرنىڭ) قۇرۇنى ئۇخرا (ھازىرقى دەۋەرنىڭ ) ئىلجائاتلىرىنى ئۆزىگە خاس بولغان ھاجەتلىرىنى بىربىرىدىن ئايرىمىغان، ھېلىغىچە ئوتتۇرقى دەۋردە ياشاۋاتقاندەك بىلىپ قالغان بەزى جاھىل ئەمىرلەر، ئۆلىمالار ۋە شەيخلەر ئۇ تىرىشىش قىزغىنلىقىنى سۇندۇرۇپ ئۇ ئىشتىياقنى يوق قىلدى.

  بۇنىڭ بىلەن بىرگە ماھىيىتى جەھەتتىن بىر بىرىدىگە ھېچقانداق ئوخشاشمىغان ئاللاھ تەرىپىدىن يامان كۆرۈلگەن ۋە بىرىسى ماختالغان بىر نەرسىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ۋە تىرىشىشتىكى قانائەت بىلەن مەھسۇلات ئېلىش يەنى نەتىجە ۋە ھەق ئېلىشتىكى قانائەتنى بىر بىرىدىن پەرىق ئېتەلمىگەن بەزى جاھىل ئەمىرلەر، ئۆلىمالار ۋە شەيىخلەر ئۇ قىزغىنلىقنى ئۈچۈرىۋەتتى. قانائەت قىلىش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ.

  1.”تەھسىل قىلىش ۋە ئىشلەش(كەسىپ)قىلىشتىكى تىرىشىشتىكى قانائەت. “

يەنى ئاز ئىشلىگەن بولسىمۇ، ئىشلەشكە قانائەت قىلىشتۇركى بۇ ’’مەزمۇم “ بىر خىسلەتتۇر يەنى دىندە يامان كۆرۈلگەندۇر.

  2. ”ھۇسۇل ئېلىش ۋە ھەق ئېلىشتىكى يەنى نەتىجىدىكى قانائەت.“ يەنى كېرەك بولغىنىدەك تىرىشىش(ئىشلەش) ئارقىلىق، قولغا كەلتۈرگەن ھەققە نەتىجىگە قانائەت قىلىشتۇركى، بۇ ”مەمدۇھ “ بىر خىسلەتتۇر، دىندە ياخشى كۆرۈلگەندۇر.

  بۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر بىرىدىن چەكسىز دەرىجىدە ئۇزاق ئىكەن، ھەتتا بىرىسى ھورۇنلۇقنىڭ ئۈنۋانى يەنى بىرىسى ھەقىقى ئىخلاسنىڭ سەمىمىي تىرىشچانلىقنىڭ سەدەپ قۇتىسى بولغان ئىككى تەۋەككۈل بولىدۇكى، بىرىسى تىرىكچىلىك مەئىشەت ئىقتىزا قىلغىنى بولۇپ جانابى ھەقنىڭ خالىشىنىڭ لازىمى بولغان سەۋەپ دائىرىسىدە سەۋەپلەرنى ئورنىغا كەلتۈرۈپ بىر ئىشنىڭ ۋوجۇۇتقا كەلتۈرىلىش قانۇنىغا قارشى جايىللىق قىلىپ كاجلىق قىلىش ھۆكمىدە بولغان لازىم بولغان سەۋەپلەرنى بەجا كەلتۈرۈشتىكى سەۋپلەرنى ئورۇندىماي تۇرۇپ ھورۇنلارچە تەۋەككۈل قىلىش؛ يەنە بىرىسى ئىسلامىيەتنىڭ مۇقتەزاسى ۋە لازىمى بولغان ئاللاھنىڭ بەرگەن نەتىجىگە بويۇن ئىگىشتىن ئىبارەت بولغان جانابى ھەقنىڭ ۋەزىپىسىگە ئارلاشماستىن نەتىجە ئىتىبارى بىلەن تىرىشىشنىڭ نەتىجىسى بولغان قولغا كەلتۈرگەن ھۇسۇل ۋە مەھسۇلاتنى ۋە ھەقنى ئېلىشتا مۇئمىنلەرچە تەۋەككۈل قىلىشتۇر. بۇ ئىككى خىل تەۋەككۈلنى بىر بىرسىگە ئارلاشتۇرۇپ قويغان بەزى جاھىل ئەمىرلەر، ئۆلىما ۋە شەيىخلەر ئۇ تىرىشىش قىزغىنلىقىنى سۇندۇرۇپ ئىشتىياقىنى ئۆلتۈرۋەتتى.

تەۋەككۈل قىلىش ئىككى خىل بولىدۇ:

1. ھورۇنلۇقچە تەۋەككۈل قىلىشتۇر. يەنى ئاللاھنىڭ مەشىئىتىگە رىئايەت قىلىش مەنىسىدىكى سەۋەپلەرنى قىلىشنى تەرك قىلغان ئادەمنىڭ تەۋەككۈلىدۇر.

2. مۇئمىنلەرچە تەۋەككۈل قىلىشتۇر. يەنى سەۋەپلەرنى قىلىپ نەتىجىنى ئاللاھتىن كۈتۈش مەنىسىدىكى تەۋەككۈل بولۇپ، ئەسلى تەۋەككۈل بۇدۇر.

  لېكىن خاتا چۈشەنمە. تەۋەككۈل قىلىش سەۋەبلەرنى پۈتۈنلەي تەرك قىلىش دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى سەۋەبلەرنى قۇدرەت قولىنىڭ پەردىسى دەپ بىلىپ ئۇنىڭغا رىئايە قىلىش، سەۋەبلەرنى ئورۇنلاشنى بولسا بىر خىل ھەرىكەت دۇئاسى دەپ قوبۇل قىلىپ، نەتىجىنى پەقەت جانابى ﷲدىن تىلەش ۋە ئۇنىڭدىن دەپ بىلىش، ھەمدە ئۇنىڭغا مىننەتدار بولۇشتىن ئىبارەتتۇر.

تەۋەككۈل قىلغان ۋە قىلمىغاننىڭ مىساللىرى شۇ ھېكايىگە ئوخشايدۇ:

  بىر ۋاقىتتا ئىككى كىشى ھەم بەللىرىگە، ھەم باشلىرىغا ئېغىر يۈكلەرنى يۈكلەپ، چوڭ بىر كېمىگە بىلەت ئېلىپ چىقىشىدۇ. بىرىسى چىقىپ–چىقمايلا يۈكىنى كېمىگە تاشلاپ، ئۈستىدە ئولتۇرۇپ مېلىغا قارايدۇ. يەنە بىرى ھەم ئەخمەق، ھەم تەكەببۇر بولغانلىقىدىن يۈكىنى يەرگە قويمايدۇ. ئۇنىڭغا ئېيتىشتى:

  ــ ئېغىر يۈكۈڭنى كېمىگە قويۇپ راھەتلەن!

ئۇ دېدى:

  ــ ياق، مەن قويمايمەن، بەلكىم يوقىلىپ كېتىدۇ. مەن كۈچلۈك، مېلىمنى بېلىمدە ۋە بېشىمدا مۇھاپىزەت قىلىمەن.

يەنە ئۇنىڭغا ئېيتىشتى:

  ــ بىزنى ۋە سېنى كۆتۈرگەن سۇلتاننىڭ شۇ ئىشەنچلىك كېمىسى تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ ياخشى مۇھاپىزەت قىلىدۇ. بەلكىم بېشىڭ قېيىپ يۈكۈڭ بىلەن بىللە دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىشىڭ مۇمكىن. ھەمدە بارغانسېرى قۇۋۋىتىڭدىن كېتىسەن، شۇ پۈكۈلگەن بېلىڭ، شۇ ئەقىلسىز بېشىڭ بارغانسېرى ئېغىرلاشقان شۇ يۈكلەرگە تاقەت قىلالمايدۇ. كاپىتانمۇ ئەگەر سېنى بۇ ھالدا كۆرسە، يا سېنى «ساراڭ ئىكەن» دەپ ھەيدەيدۇ، يا «خائىن ئىكەن، كېمىمىزنى پەس كۆرۈپ بىزنى ھاقارەتلەۋاتىدۇ، تۈرمىگە تاشلانسۇندەپ ئەمىر قىلىشى مۇمكىن. ھەمدە ھەممىنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرايسەن. چۈنكى ساڭا دىققەت بىلەن قارىغانلارنىڭ نەزىرىدە زەئىپلىكىڭنى كۆرسەتكەن تەكەببۇرلۇقۇڭ، ئاجىزلىقىڭنى كۆرسەتكەن غۇرۇرۇڭ، رىيانى ۋە پەسلىكنى كۆرسەتكەن ياسالما ھەرىكىتىڭ بىلەن ئۆزۈڭنى قىزىقارلىق ئەخمەققە ئوخشىتىپ قويدۇڭ. شۇڭا ھەممە ساڭا قاراپ كۈلۈشىۋاتىدۇ،– دېيىلگەندىن كېيىن ئۇ بىچارىنىڭ ئەقلى بېشىغا كەلدى. يۈكىنى يەردە قويۇپ ئۈستىدە ئولتۇردى.

ــ ئۇھ! ﷲ سەندىن رازى بولسۇن. زەخمەتتىن، تۈرمىدىن، مەسخىرىلەردىن قۇتۇلدۇردۇڭ،–دېدى.

  ئەي تەۋەككۈلسىز ئىنسان! مانا سەنمۇ بۇ ئادەمگە ئوخشاش ئەقلىڭنى بېشىڭغا ئال. تەۋەككۈل قىل، شۇندىلا پۈتۈن كائىناتتىكى ھەممە نەرسىگە تىلەمچىلىك قىلىشتىن، ھەر ھادىسىنىڭ قارشىسىدا تىترەشتىن، ماختانچاقلىقتىن، مەسخىرىدىن، ئاخىرەت ئازابىدىن ۋە دۇنيادىكى قىيىنچىلىق تۈرمىسىدىن قۇتۇلىسەن.

——

مۇنازاراتتىن ئېلىندى.

692قېتىم كۆرۈلدى

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir