جانسىزلاردىن تاش ۋە تاغ تائىپىسىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسىنى كۆرسەتكەنلىكىگە ئىشارەت

ئون بىرىنچى ئىشارەت:

  ئونىنچى ئىشارەت دەرەخ تائىپىسىدىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسىنى كۆرسەتكىنىدەك، ئون بىرىنچى ئىشارەتمۇ جانسىزلاردىن تاش ۋە تاغ تائىپىسىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسىنى كۆرسەتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ. بىزمۇ ئۇ كۆپلىگەن مىساللاردىن يەتتەسەككىز مىسالنى زىكىر قىلىمىز:

  بىرىنچى مىسال: مەغرىب ئەللامەسى ھەزرەتى قازى ئىياز شىفائى شەرىفىدە ئۈستۈن بىر سەنەد بىلەن ۋە بۇخارى ساھىبىدەك مۇھىم ئىماملاردىن سەھىھ نەقىل بىلەن خەۋەر بېرىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خادىمى ھەزرەتى ئىبنى مەسئۇد شۇنداق دەيدۇ: بىز رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ يېنىدا تاماق يېگەندە تائامنىڭ تەسبىھلىرىنى ئاڭلايتتۇق.

  ئىككىنچى مىسال: سەھىھ نەقىل بىلەن، ئەنەس ۋە ئەبۇ زەردىن سەھىھ كىتابلار خەۋەر بېرىدۇكى، ھەزرەتى ئەنەس (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خادىمى) دېگەن: رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ يېنىدا ئىدۇق؛ ئالقىنىغا كىچىك تاشلارنى ئالدى، مۇبارەك قولىدا تاشلار تەسبىھ ئېيتىشقا باشلىدى، ئاندىن ئەبۇ بەكىرى سىددىقنىڭ قولىغا قويدى، يەنە تەسبىھ ئېيتتى. ئەبۇ زەررى غىففارىنىڭ رىۋايىتىدە دەيدۇكى: ئۇنىڭدىن كېيىن ھەزرەتى ئۆمەرنىڭ قولىغا قويدى، يەنە تەسبىھ ئېيتتى. ئاندىن يەرگە قويدى، تەسبىھتىن توختىدى. ئاندىن يەنە ئېلىپ ھەزرەتى ئوسماننىڭ قولىغا قويدى، يەنە تەسبىھ ئېيتىشقا باشلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ھەزرەتى ئەنەس ۋە ئەبۇ زەر دەيدۇكى: «بىزنىڭ قوللىرىمىزغا قويغانىدى، جىم بولدى

  ئۈچىنچى مىسال: ھەزرەتى ئەلى، ھەزرەتى جابىر ۋە ھەزرەتى ئائىشەئى سىددىقەدىن قىلىنغان سەھىھ نەقىل بىلەن ئېنىقتۇركى: تاغ، تاش رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا: اَلسَّلاَمُ عَلَيْكَ يَا رَسُولَ اللّٰهِ دەيتتى. ھەزرەتى ئەلىنىڭ رىۋايىتىدە دەيدۇكى، نۇبۇۋۋەتنىڭ دەسلىپىدە مەككىنىڭ ناھىيەلىرىدە رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام بىلەن بىللە يۈرگىنىمىزدە، دەرەخ ۋە تاش ئۇچرىسا، ئۇلار: اَلسَّلاَمُ عَلَيْكَ يَا رَسُولَ اللّٰهِ دەيتتى. ھەزرەتى جابىر رىۋايىتىدە دەيدۇكى، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام تاش ۋە دەرەخكە دۇچ كەلسە، ئۇلار سەجدە قىلاتتى، يەنى ئىگىلىپ اَلسَّلاَمُ عَلَيْكَ يَا رَسُولَ اللّٰهِ دەيتتى. جابىرنىڭ بىر رىۋايىتىدە، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام: اِنِّى َلاَعْرِفُ حَجَرًا كَانَ يُسَلِّمُ عَلَىَّ دېگەن. بەزىلەر ئۇ، كەئبىدىكى قارا تاشقا ئىشارەتتۇر دېگەن. ھەزرەتى ئائىشەنىڭ رىۋايىتىدە دېگەن: رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام: لَمَّا اسْتَقْبَلَنِى جَبْرَائِيلُ بِالرِّسَالَةِ جَعَلْتُ لاَ اَمُرُّ بِحَجَرٍ وَلاَ شَجَرٍ اِلاَّ قَالَ اَلسَّلاَمُ عَلَيْكَ يَا رَسُولَ اللّٰهِ دېگەن.

  تۆتىنچى مىسال: سەھىھ نەقىل بىلەن ھەزرەتى ئابباستىن خەۋەر بېرىشىدۇكى، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئابباسنى ۋە ئۇنىڭ تۆت ئوغلىنى (ئابدۇللاھ، ئۇبەيدۇللاھ، فەزل، قۇسەم) بىللە، مۇلائەت دېيىلىدىغان بىر پەردە ئاستىغا ئېلىپ، ئۈستىنى ياپتى ۋە: يَا رَبِّ هذَا عَمِّى وَصِنْوُ اَبِى وَ هؤُلاَءِ بَنُوهُ فَاسْتُرْهُمْ مِنَ النَّارِ كَسَتْرِى اِيَّاهُمْ بِمُلاَئَتِى دەپ دۇئا قىلدى. بىردىنلا ئۆينىڭ تورۇسى، ئىشىكى ۋە تاملىرى «ئامىن، ئامىن» دەپ دۇئاغا ئىشتىراك قىلىشتى.

  بەشىنچى مىسال: باشتا بۇخارى، ئىبنى ھىببان، داۋۇد، تىرمىزىدەك سەھىھ كىتابلار ئورتاق ھالدا ھەزرەتى ئەنەس، ئەبۇ ھۇرەيرە، ئوسمان زىننۇرەين، ئاشەرەئى مۇبەششەرەدىن (جەننەتتىن خۇشخەۋەر بېرىلگەن ئون ساھابىدىن) سەئىد بىن زەيدتىن خەۋەر بېرىدۇكى، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئەبۇ بەكىرى سىددىق، ئۆمەرۇل فارۇق ۋە ئوسمان زىننۇرەين بىلەن ئۇھۇد تېغىنىڭ ئۈستىگە چىقتى. ئۇھۇد تېغى يا ئۇلارنىڭ ھەيۋەتلىرىدىن ۋەياكى ئۆز خۇشاللىق ۋە سۆيۈنچىدىن لەرزىگە كەلدى، قىمىلدىدى. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام: اُثْبُتْ يَا اُحُدُ فَاِنَّمَا عَلَيْكَ نَبِىٌّ وَ صِدِّيقٌ وَ شَهِيدَانِ دېدى.

  شۇ ھەدىس، ھەزرەتى ئۆمەر ۋە ئوسماننىڭ شېھىد بولىدىغانلىقىغا بىر غەيبى خەۋەردۇر. شۇ مىسالنىڭ قوشۇمچىسى سۈپىتىدە نەقىل قىلىنغانكى، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام مەككىدىن ھىجرەت قىلغان ۋە كۇپپارلار قوغلاپ كەلگەن ۋاقىتتا سەبىر ئىسمىدىكى بىر تاغقا چىقتى. سەبىر: «يا رەسۇلۇللاھ مەندىن چۈشۈپ كېتىڭ! ئەگەر مېنىڭ ئۈستۈمدە سىزنى ئۆلتۈرۈشسە ﷲنىڭ مېنى جازالىشىدىن قورقىمەندېدى. ھىرا تېغى: « يَا رَسُولَ اللّٰهِ اِلَىَّ يەنى، ماڭا كېلىڭدېدى. بۇ سىر ئۈچۈندۇركى، ئەھلى قەلب ئىنسانلار سەبىردە قورقۇش ۋە ھىرادا خاتىرجەملىك ھېس قىلىدۇ. بۇ مىسالدىن چۈشىنىلىدۇكى، ئۇ چوڭ تاغلار بىردىن مۇستەقىل ئابىدتۇر (قۇل) ، مۇسەببىھتۇر (ﷲقا تەسبىھ ئېيتقۇچى) ۋە ۋەزىپىداردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنى تونۇيدۇ ۋە سۆيىدۇ، ئىگىسىز ئەمەستۇر.

  ئالتىنچى مىسال: سەھىھ نەقىل بىلەن، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەردىن خەۋەر بېرىلىدۇكى، ئۇ شۇنداق دېگەن: رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام مۇنبەردە خۇتبە ئوقۇغاندا: ﴿وَمَا قَدَرُوا اللّهَ حَقَّ قَدْرِهِ وَاْلاَرْضُ جَمِيعًا قَبْضَتُهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَالسَّمٰوَاتُ مَطْوِيَّاتٌ بِيَمِينِهِ﴾ ئايىتىنى ئوقۇدى. ۋە: اِنَّ الْجَبَّارَ يُعَظِّمُ نَفْسَهُ وَيَقُولُ اَنَا الْجَبَّارُ اَنَا الْجَبَّارُ اَنَا الْكَبِيرُ الْمُتَعَالُ دېگەن ۋاقىتتا مۇنبەر شۇنداق سىلكىندى ۋە شۇنداق لەرزىگە كەلدى، ھەمدە تىترىدىكى، بىز رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنى يىقىتىۋىتەمدىكىن دەپ قورقتۇق.

  يەتتىنچى مىسال: سەھىھ نەقىل بىلەن، ئۈممەتنىڭ ئەللامەسى ۋە قۇرئاننىڭ تەرجىمانى بولغان ھەزرەتى ئىبنى ئابباستىن، ھەمدە پەيغەمبىرىمىزنىڭ خادىمى ۋە ساھابىلەرنىڭ بۈيۈك ئالىمى بولغان ئىبنى مەسئۇدتىن خەۋەر بېرىشىدۇكى، مەككىنىڭ فەتھى كۈنىدە، كەئبە ۋە ئەتراپىدا تاش ئۈستىدە قەلەي بىلەن مىخلانغان ئۈچيۈز ئاتمىش بۇت بار ئىدى. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام قولىدا يايغا ئوخشايدىغان بىر تاياق بىلەن بۇتلارغا بىربىردىن ئىشارەت قىلىپ: ﴿جَاءَ الْحَقُّ وَزَهَقَ الْبَاطِلُ اِنَّ الْبَاطِلَ كَانَ زَهُوقًا﴾ دەپ قايسىسىغا ئىشارەت قىلسا، ئۇ بۇت يەرگە يىقىلدى. بۇتنىڭ يۈزىگە ئىشارەت قىلسا ئوڭدىسىغا، ئارقىسىغا ئىشارەت قىلسا دۈم چۈشەتتى. ۋەھاكازا… بۇتلار يەرگە يۇمىلاندى.

  سەككىزىنچى مىسال: مەشھۇر بۇھەيرائى راھىبنىڭ مەشھۇر قىسسىسىدۇركى، پەيغەمبەرلىك كېلىشتىن ئىلگىرى، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام تاغىسى ئەبۇ تالىب ۋە بىر قىسىم قۇرەيشىيلەر بىلەن بىللە شام تەرەپكە تىجارەتكە كېتىۋاتاتتى. بۇھەيرائى راھىبنىڭ چىركاۋى ئەتراپىغا كەلگەندە بىر يەردە ئولتۇردى. ئىنسانلار بىلەن ئالاقە قىلمىغان زاھىد بۇھەيرائى راھىب بىردىنلا چىقىپ كەلدى؛ كارۋان ئىچىدە مۇھەممەدۇل ئەمىننى(ئە.س.ۋ) كۆردى. كارۋانغا: «شۇ سەييىدىل ئالەمىندۇر (ئالەملەرنىڭ خوجىسى) ۋە پەيغەمبەر بولىدۇدېدى. قۇرەيشىيلەر: «سەن نەدىن بىلسەن؟» دەپ سورىدى. مۇبارەك راھىب دېدىكى: «سىلەر كېلىۋاتقاندا ھاۋادا بىر پارچە بۇلۇتنىڭ ئۈستۈڭلاردا بىللە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. سىلەر ئولتۇرغاندا شۇ بۇلۇت مۇھەممەدۇل ئەمىن(ئە.س.ۋ) تەرەپكە مايىل بولدى ۋە ئۇنىڭغا سايە چۈشۈردى. ھەم تاش، دەرەخلەرنى ئۇنىڭغا سەجدە قىلىۋاتقاندەك ۋەزىيەتتە كۆردۈم. بۇ پەيغەمبەرلەرگە قىلىنىدۇ

  مانا بۇ سەككىز مىسالدەك بەلكىم سەكسەن مىسال بار. بۇ سەككىز مىسال بىرلەشتۈرۈلسە، ئۈزۈلمەس بىر زەنجىر بولىدۇكى، ھېچبىر شۈبھە ئۇنى ئۈزەلمەيدۇ ۋە تەۋرىتەلمەيدۇ. شۇ تۈردىكى مۆجىزە ئومۇمىيىتى ئېتىبارى بىلەن، يەنى، جانسىزلارنىڭ پەيغەمبەرلىك دەۋاسىغا دەلىل بولۇپ سۆزلەشلىرى مەنىۋى تەۋاتۇر ھۆكمىدە، شەكسىزلىكنى ۋە قەتئىيلىكنى ئىپادە قىلىدۇ. ھەربىر مىسال ئومۇمنىڭ قۇۋۋىتىدىن، ئۆز قۇۋۋىتىدىن كۆپرەك قۇۋۋەت ئالىدۇ. شۇنداق، زەئىپ بىر تۈۋرۈك، قۇۋۋەتلىك تۈۋرۈكلەر بىلەن يانمۇيان كەلسە قۇۋۋەتلىنىدۇ. زەئىپ، قۇۋۋەتسىز بىر ئادەم ئەسكەر بولۇپ ئارمىيەگە كىرسە، شۇنداق قۇۋۋەت تاپىدۇكى، مىڭ ئادەمگە جەڭ ئېلان قىلالايدۇ.

761قېتىم كۆرۈلدى

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir