سىزگە بىرى ناماز قىلىش ياخشى ئەمما ھەر كۈن بەش ۋاخ نامازقىلىۋىرىش زېرىكىشلىك بېرىۋاتىدۇ…دېگەندۇ؟

يىگىرمە بىرىنچى سۆز

بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيم

﴿اِنَّ الصَّلاَةَ كَانَتْ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ كِتَابًا مَوْقُوتًا

  بىر ۋاقىت يېشى، تەقىتۇرقى، دەرىجىسى چوڭ بىر ئادەم ماڭا: «ناماز ھەقىقەتەن ياخشىدۇر، ئەمما ھەر كۈنى بەش ۋاخ ناماز جىق كېلىپ زېرىكىش بېرىۋاتىدۇ» دېدى.

  شۇ كىشىنىڭ سۆزىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن نەفسىمنى تىڭشاپ باقتىم. شۇ كىشى ئېيتقان ئەشۇ سۆزلەرنى سۆزلەۋاتاتتى. قارىسام نەفسىم ھورۇنلۇق قۇلىقى بىلەن شەيتاندىن دەل شۇ دەرسنى ئېلىۋاتاتتى. ئۇ ۋاقىت چۈشەندىمكى، ئۇ زات شۇ سۆزىنى بارلىق نەفسى ئەممارىلەرگە *ۋاكالىتەن سۆزلىگەن ۋەياكى سۆزلەتتۈرۈلگەن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ دېدىم: «مادەمكى نەفسىم ئەممارىدۇر، ئۆز نەفسىنى(ئۆزىنى) تەربىيەلىيەلمىگەن باشقىلارغا تەربىيە قىلالمايدۇ. شۇڭا تەربىيىنى ئۆز نەفسىمدىن باشلايمەن.»

  ئەي نەفس! قاتمۇقات جاھالەت ئىچىدە، ھورۇنلۇق تۆشىكىدە، غەپلەت ئۇيقۇسىدا سۆزلىگەن ئۇ سۆزۈڭگە قارىتا مەندىن بەش تۈرلۈك «ئويغىتىش»نى ئاڭلا:

  بىرىنچى ئويغىتىش: ئەي بەدبەخت نەفسىم! ئەجىبا ئۆمرۈڭ ئەبەدىمۇ؟ كېلەر يىلىغا، ھەتتا ئەتىگىچە ھايات قالالايدىغانلىقىڭغا قارىتا قولۇڭدا بىر كاپالەت قەغىزى بارمۇ؟ ساڭا زېرىكىش بېرىۋاتقان ئەبەدىي ياشايمەن دەپ ئويلىغان ئاساسسىز خىيالىڭدۇر. كەيپ ئۈچۈن ئەبەدىي دۇنيادا قالىدىغاندەك ئەركىلەۋاتىسەن. ئەگەردە ئۆمرۈڭنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى، پايدىسىز كېتىۋاتقانلىقىنى بىلگەن بولساڭ، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ يىگىرمە تۆتتىن بىرىنى ئەبەدىي ھايات سائادىتىڭ ئۈچۈن بەكمۇ راھەت، ھۇزۇرلۇق، يۈكسەك ۋە ئىلاھىي بىر رەھمەت بولغان بۇ ۋەزىپىگە ئاجرىتىشنىڭ زېرىكىشكە ئەمەس، بەلكى تولۇق بىر ئىشتىياق، لەززەتلىك بىر ھۇزۇرغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن بولاتتىڭ.

  ئىككىنچى ئويغىتىش: ئەي ئاچكۆز نەفسىم! ئەجىبا ھەر كۈنى نان يەيسەن، سۇ ئىچىسەن، ھاۋادىن نەپەسلىنىسەن، ئۇلار ساڭا زېرىكىش بېرەمدۇ؟ ئەلۋەتتە بەرمەيدۇ، چۈنكى سەندىكى ئېھتىياج تەكرارلىنىۋاتقاچقا زېرىكىش ئەمەس، بەلكى لەززەت ئېلىۋاتىسەن. ئۇنداق بولسا بۇ بەدەن خانەمدە سېنىڭ قېرىنداشلىرىڭ بولغان قەلبىمنىڭ غىزاسى، روھىمنىڭ ئابىھاياتى، لەتىيفەئى رەببانىيەمنىڭ** ساپ ھاۋاسىنى جەلپ قىلغان نامازمۇ سېنى زېرىكتۈرمەسلىكى لازىم.

  شۇنداق، چەكسىزلىگەن ئەلەم، قايغۇلارغا دۇچار ۋە مۇپتىلا، چەكسىزلىگەن لەززەت، ئارزۇلارغا مەپتۇن ۋە ئاشىق بولغان قەلبنىڭ غىزا ۋە قۇۋۋىتى ھەر نەرسىگە قادىر بولغان كەرىمى رەھىمنىڭ**** ئىشىكىنى دۇئا بىلەن چېكىش ئارقىلىقلا قولغا كېلىدۇ. ھەم بۇ فانىي دۇنيادا ئايرىلىشنىڭ پەريادپىغانلىرىنى چەكتۈرۈپ ناھايىتى تېز سۈرەتتە زاۋال تاپقۇچى كۆپلىگەن مەۋجۇداتلار بىلەن ئالاقىدار بولغان روھنىڭ ئابىھاياتى ھەر نەرسىنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان باقىي مەبۇدنىڭ ۋە ئەبەدىي مەھبۇبنىڭ رەھمەت بۇلىقىغا ناماز بىلەن يۈزلىنىش ئارقىلىقلا ئىچىلىدۇ، ھەم يارىتىلىشتىن ئەبەدنى خالىغان، ئەبەد ئۈچۈن يارىتىلغان، ئەزەلىي ۋە ئەبەدىي بولغان زاتنى (كۆرسەتكۈچى) ئەينەك بولغان، چەكسىز دەرىجىدە نازۇك، زىشۇئۇر ( ئاڭ ئىگىسى بولغان) بىر ئىنسانىي سىر ۋە نۇرلۇق بىر لەتىيفەئى رەببانىيە، شۇ قايغۇلۇق، ئېزىدىغان، سىقىدىغان، ئۆتكۈنچى، قاراڭغۇ ۋە بوغقۇچى بولغان بۇ دۇنيا ئەھۋاللىرى ئىچىدە ئەلۋەتتە تەنەپپۇس قىلىشقا بەك مۇھتاجدۇر ۋە پەقەتلا ناماز دەرىزىسى ئارقىلىقلا نەپەسلىنەلەيدۇ.

  ئۈچىنچى ئويغىتىش: ئەي سەبرسىز نەفسىم! ئەجىبا ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەردىكى ئىبادەتنىڭ، نامازنىڭ جاپاسىنى ۋە بالامۇسىبەت زەخمىتىنى بۈگۈن ئويلاپ ئۇنىڭدىن ئازاپ چېكىش، كېلىدىغان كۈنلەردىكى ئىبادەت ۋەزىپىسىنى، ناماز خىزمىتىنى ۋە بالامۇسىبەت ئەلىمىنى بۈگۈن ئويلاپ سەبرسىزلىك بىلەن ئەلەم چېكىش ئەقىلگە مۇۋاپىق كېلەمدۇ؟ بۇ سەبرسىزلىكىڭگە بىر مىسال:

  بىر ئەخمەق قوماندان، دۈشمەننىڭ ئوڭ قانات قوشۇنى ئۆزىنىڭ ئوڭ قانات قوشۇنىغا قوشۇۋېلىنغان ۋە ئۇنىڭغا يېڭى قۇۋۋەت بولغان تۇرۇقلۇق، مەركەزدىن مۇھىم بىر قۇۋۋەتنى ئوڭ قاناتقا ئەۋەتىپ مەركەزنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ ۋە سول تەرەپتە تېخى دۈشمەن ئەسكىرى يوق ۋە كەلمىگەن تۇرسا، مەركەزدىن يەنە ئۆزىنىڭ سول قانىتىغا ئەسكەر ئەۋەتىدۇ. «ئوت ئېچىڭلاردەپ بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. مەركەزنى تامامەن قۇۋۋەتتىن چۈشۈرىدۇ. دۈشمەن بۇنى سېزىپ مەركەزگە ھۇجۇم قىلىپ تارمار قىلىدۇ.

  سەنمۇ مانا شۇ قوماندانغا ئوخشايسەن، چۈنكى ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەرنىڭ زەخمىتى بۈگۈن رەھمەتكە ئۆزگەردى. ئەلىمى كەتتى، لەززىتى قالدى. كۈلپىتى ئېھسانغا، مۇشەققىتى ساۋاپقا ئۆزگەردى. ئۇنداقتا ئۇنىڭدىن زېرىكىش ئەمەس، بەلكى يېڭى بىر زوق بىلەن قىزغىنلىققا ۋە داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن غەيرەتكە كېلىش لازىمدۇر. كېلەچەكتىكى جاپامۇشەققەت بولسا تېخى كەلمىدى. ئۇنى ھازىر ئويلىۋېلىپ زېرىكىش ۋە ھورۇنلۇق قىلىش، خۇددى ئۇ كۈنلەردە ئاچ ۋە سۇسىز قالىمەنمىكىن دەپ بۈگۈن ۋارقىراپجارقىرىغاندەك بىر ئەخمەقلىقتۇر.

  ھەقىقەت شۇنداق بولغاندىكىن ئەقىللىق بولساڭ، ئىبادەت جەھەتتە بۈگۈننىلا ئويلا، بۈگۈننىڭ بىر سائىتىنى جاپامۇشەققىتى بەك ئاز، ھەققى بەك چوڭ بولغان، ھۇزۇرلۇق، راھەت ۋە يۈكسەك بىر خىزمەتكە سەرپ قىلىۋاتىمەن دەپ ئويلا، شۇندىلا ئۇ ئاچچىق ھورۇنلۇقۇڭ تاتلىق غەيرەتكە ئۆزگۈرىدۇ.

  ئەي سەبرسىز نەفسىم! سەن ئۈچ خىل سەبر بىلەن ۋەزىپىدارسەن. بىرى، تائەتئىبادەتتىكى سەبر، بىرى گۇناھمەئسىيەتتىن سەبر، يەنە بىرى بالامۇسىبەتكە قارىتا سەبردۇر. ئەقلىڭ بولسا شۇ ئۈچىنچى ئويغىتىشتىكى تەمسىل ھەقىقىتىنى ئۆزۈڭگە رەھبەر قىل، مەردانە ھالدا يا سەبۇر!**** دە، ئۈچ سەبرنى مۈرەڭگە ئال، ئەگەر ﷲنىڭ ساڭا بەرگەن سەبر قۇۋۋىتىنى خاتا ھالدا تارقىتىۋەتمىسەڭ، ھەر مۇشەققەت ۋە ھەر بالامۇسىبەتكە يېتەرلىكتۇر، ئۇنىڭغا تايان.

  تۆتىنچى ئويغىتىش: ئەي ئەخمەق نەفسىم! ئەجەبا شۇ ئىبادەت ۋەزىپىسىنىڭ نەتىجىسى يوقمىدۇر؟ ھەققىنى سېنى زېرىكتۈرگىدەك دەرىجىدە ئاز كۆرۈپ قالدىڭمۇ؟ ھالبۇكى بىر ئادەم ساڭا ئازغىنا پۇل بەرسە، ياكى سېنى قورقۇتسا، ئاخشامغا قەدەر ئىشلىتىدۇ، ئېتىرازسىز ئىشلەيسەن. ئەجىبا، بۇ دۇنيا مېھمانخانىسىدا ئاجىز، پېقىر بولغان قەلبىڭ ئۈچۈن قۇۋۋەت ۋە بايلىق، قەبىردىن ئىبارەت چوقۇم بارىدىغان مەنزىلىڭدە غىزا ۋە نۇر، سەن چوقۇم دۇچ كېلىدىغان مەھشەر مەھكىمىسىدە ساڭا كاپالەت ۋە ئاقلىغۇچى بولغان، خالىساڭ خالىمىساڭ ئۈستىدىن ئۆتىدىغان سىرات كۆۋرۈكىدە ساڭا ئۇلاغ ۋە نۇر بولىدىغان بىر ناماز نەتىجىسىزمۇ ياكى ھەققى ئازمۇ؟ بىرى ساڭا يۈز لىرالىق ھەدىيە بېرىشنى ۋەدە قىلسا سېنى يۈز كۈن ئىشلىتىدۇ. ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش ئىھتىمالى بولغان ئۇ ئادەمگە ئىشىنىپ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلەيسەن. ئەجەبا ھېچ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش ئىھتىمالى بولمىغان بىر زات جەننەتتەك بىر ھەق، ئەبەدىي سائادەتتەك بىرھەدىيەنى ساڭا ۋەدە قىلسا، قىسقىغىنا بىر زاماندا، ئىسىل بىر خىزمەتتە سېنى ۋەزىپىلەندۈرسە، سەن ئۇنى قىلمىساڭ، ئۇنى خۇددى ھاشاردەك كۆرۈپ ئۆزۈڭنى قاچۇرۇپ، زېرىكىشلىك بىلەن يېرىم يارتا قىلغان خىزمىتىڭ بىلەن ئۇنى ۋەدىسىدە ئىشەنچسىز ۋە ھەدىيەسىنى ئەھمىيەتسىز كۆرسەڭ، ناھايىتى شىددەتلىك بىر ئەدەپلەشكە، دەھشەتلىك جازاغا لايىق بولىدىغانلىقىڭنى ئويلىمامسەن؟ دۇنيادا تۈرمىنىڭ قورقۇنچىسىدىن ئېغىر ئىشلاردىمۇ قارشىلىقسىز خىزمەت قىلىسەنۇ، جەھەننەمدەك بىر ئەبەدىي تۈرمىنىڭ قورقۇنچىسى سېنى ئەڭ يەڭگىل ۋە راھەت ۋەزىپە بولغان ناماز ئوقۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشقا يەتمەمدۇ؟

  بەشىنچى ئويغىتىش: ئەي دۇنياپەرەس نەفسىم! ئەجەبا، ئىبادەتتە ھورۇنلۇق قىلىشىڭ، نامازغا ئەھمىيەت بەرمەسلىكىڭ دۇنياۋى مەشغۇلاتلىرىڭنىڭ كۆپلۈكىدىنمۇ ياكى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى تۈپەيلى نامازغا ۋاقىت چىقىرالمىغانلىقىڭدىنمۇ؟ پەقەت دۇنيا ئۈچۈنلا يارىتىلغاندەك پۈتۈن ۋاقتىڭنى ئۇنىڭغا سەرپ قىلساڭ قانداق بولىدۇ؟ سەن قابىلىيەت جەھەتتە پۈتۈن ھايۋانلاردىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىڭنى، ھايات لازىمەتلىكلىرىنى تەمىن قىلىشتا بولسا، بىر قۇشقاچقىمۇ يەتمەيدىغانلىقىڭنى بىلىسەن. بۇنىڭدىن، سېنىڭ ھەقىقىي ۋەزىپەڭنىڭ ھايۋاندەك پالاقشىش ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي بىر ئىنساندەك ھەقىقىي ۋە ئەبەدىي بىر ھايات ئۈچۈن تىرىشىش ئىكەنلىكىنى نېمە ئۈچۈن چۈشەنمەيسەن؟ بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە دۇنيا مەشغۇلاتلىرى دېگەنلىرىڭنىڭ كۆپى ساڭا ئائىت بولمىغان، ئوشۇقچە ھالدا ئۆزۈڭ ئارىلىشىۋالغان مەشغۇلاتلاردۇر. ئەڭ ئەۋزىلىنى تاشلاپ، گوياكى مىڭلارچە يىل ئۆمرۈڭ باردەك ئەرزىمەس مەلۇماتلار ئۈچۈن ۋاقتىڭنى سەرپ قىلىۋاتىسەن. مىسال، ساتورون ئەتراپىدىكى ھالقىلار قانداقتۇر، ئامېرىكىنىڭ توخۇلىرى قانچىلىكتۇر دېگەندەك قىممەتسىز نەرسىلەرگە قىممەتلىك ۋاقتىڭنى بېرىۋاتىىسەن. گوياكى جۇغراپىيە ئىلمى ۋە سىتاستىكا پېنىدىن كامالەت تېپىۋاتقاندەك.

  ئەگەردە سەن: «مېنىڭ ناماز ۋە ئىبادەت قىلماسلىقىمغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئۇنىڭغا ئوخشاش مەنىسىز نەرسىلەر ئەمەس، بەلكى تۇرمۇش تىرىكچىلىكىدە زۆرۈر بولغان ئىشلار» دېسەڭ، مەنمۇ دەيمەنكى: ئەگەر كۈنلۈكى ئون لىرا ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان بولساڭ، بىرى كېلىپ ساڭا: «بۇ يەرنى ئون مىنۇت قېزىپ بەر، ساڭا يۈز تىللا قىممىتىدىكى بىر مەرۋايىت ياكى زۇمرەت بېرىمەن» دېسە، سەن: «ياق، قىلالمايمەن، كۈنلۈكىمدىن بىر لىرا ئازىيىپ كېتىدۇ» دېسەڭ، نەقەدەر ئەخمەقلەرچە باھانە بولىدىغانلىقىنى ئەلۋەتتە بىلىسەن.

  دەل شۇ مىسالدەك، سەن شۇ بېغىڭدا تىرىكچىلىك ئۈچۈن ئىشلەۋاتىسەن، ئەگەر پەرز نامىزىنى تەرك قىلساڭ، پۈتۈن ئەمگىكىڭنىڭ مېۋىسى پەقەتلا دۇنياۋى، ئەھمىيەتسىز، بەرىكەتسىز نەتىجە بىلەن چەكلىنىپ قالىدۇ. ئەگەر سەن ئارام ۋە تەنەپپۇس ۋاقتىڭنى، روھىڭنىڭ راھىتىگە، قەلبىڭنىڭ تەنەپپۇسىغا سەۋەب بولىدىغان ناماز ئۈچۈن سەرپ قىلساڭ، ئۇ ۋاقىت بەرىكەتلىك بىر دۇنياۋى نەتىجە بىلەن بىرگە، ئاخىرەتلىك ساۋاپ ۋە ئۇزۇقتۈلۈكۈڭ ئۈچۈن مەنبە بولىدىغان ئىككى مەنىۋى خەزىنىنى تاپىسەن:

  بىرىنچىسى: سەن بۇ بېغىڭدا (ھاشىيە)***** ئۆستۈرگەن (چېچەكلىك بولسۇن، مېۋىلىك بولسۇن) ھەر بىر ئۆسۈملۈك ۋە ھەر بىر دەرەخنىڭ تەسبىھزىكىرلىرىدىن ياخشى بىر نىيىتىڭ بىلەن بىر ئۈلۈش ئالغان بولىسەن.

  ئىككىنچىسى: ھەمدە بۇ فانىي باغدىن چىققان مەھسۇلاتتىن كىم يېسە (ھايۋان بولسۇن، ئىنسان بولسۇن، خېرىدار بولسۇن، ئوغرى بولسۇن) سەن ئۈچۈن بىر سەدىقە ھۆكمىگە ئۆتىدۇ. بىراق شۇ شەرت بىلەنكى، سەن ھەقىقى رىزىق بەرگۈچى نامىدىن، ئۇنىڭ رۇخسىتى دائىرىسىدە پايدىلىنىشىڭ، شۇنداقلا ئۆزۈڭگە ئۇنىڭ مالمۈلكىنى ئۇنىڭ مەخلۇقلىرىغا يەتكۈزىدىغان بىر تارقىتىش خىزمەتچىسى دېگەن نەزەر بىلەن قارىشىڭ كېرەك.

  مانا قارا، ناماز ئوقۇمىغان نەقەدەر چوڭ زىيانغا قالىدۇ ۋە نەقەدەر چوڭ بىر بايلىقتىن مەھرۇم قالىدۇ. ھەمدە ئىشلەشكە يۈكسەك بىر قىزغىنلىق بېرىدىغان ۋە ئەمەلدە چوڭ بىر مەنىۋى قۇۋۋەت تەمىن قىلىدىغان ئۇ ئىككى نەتىجە ۋە ئۇ ئىككى خەزىنىدىن ئايرىلىپ ھەسرەتتە قالىدۇ. ھەتتا قېرىغىنىدا باغۋەنچىلىكتىن زېرىكىپ قالىدۇدە، «بولدىلا، بەرىبىر كېتىدىغان گەپ، نېمىشقا بۇ قەدەر مۇشەققەت تارتىپ يۈرىمەن؟» دەپ ئۆزىنى ھورۇنلۇققا تاشلايدۇ.

  بىراق ئاۋۋالقى ئادەم دەيدۇ: «تېخىمۇ كۆپ ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇش بىلەن بىرگە ھالال ئەمگەككىمۇ ياخشى تىرىشاي، بۇ ئارقىلىق قەبرىمگە تېخىمۇ كۆپ نۇر، ئاخىرىتىمگە تېخىمۇ كۆپ ساۋاب ئەۋەتەي

  خۇلاسە: ئەي نەفس! بىلگىنكى، تۈنۈگۈنكى كۈن سېنىڭ قولۇڭدىن چىقتى ۋە ئەتىگىچە ياشىيالايدىغانلىقىڭغا قولۇڭدا كاپالەت ھۆججىتى يوق. ئۇنداقتا، ھەقىقىي ئۆمرۈڭنى ياشاۋاتقان كۈنۈڭ دەپ بىل، ھېچ بولمىغاندا ئۇ كۈننىڭ بىر سائىتىنى خۇددى زاپاس پۇلدەك ھەقىقىي ئىستىقبال ئۈچۈن بىر ساندۇقچە ھۆكمىدە بولغان بىر مەسجىتكە ياكى بىر جاينامازغا تاشلا.

  ھەمدە چۈشەنگىنكى، ھەر يېڭى كۈن سەن ۋە ھەر كىم ئۈچۈن بىر يېڭى ئالەمنىڭ ئىشىكىدۇر. ئەگەر ناماز ئوقۇمىساڭ سېنىڭ ئۇ كۈنكى ئالىمىڭ زۇلمەتلىك ۋە پەرىشان بىر ھالدا بولۇپ قالىدۇ. ئالەمى مىسالدا****** ساڭا قارشى ھالدا گۇۋاھلىق قىلىدۇ. چۈنكى ھەر كىمنىڭ ھەر كۈنىدە شۇ چوڭ ئالەمدىن ئۆزىگە مەخسۇس بىر ئالىمى بار. ئۇ ئالەمنىڭ ئەھۋالى ئۇ كىشىنىڭ قەلبىگە ۋە ئەمىلىگە مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن، ئەينىكىڭدە كۆرۈنگەن ھەشەمەتلىك بىر ساراينىڭ ئەھۋالى سېنىڭ ئەينىكىڭنىڭ رەڭگىگە قارايدۇ. قارا بولسا ئۇمۇ قارا كۆرۈنىدۇ، قىزىل بولسا قىزىل كۆرۈنىدۇ، ھەمدە ئەينىكىڭنىڭ سۈپىتىگە قارايدۇ، ئۇ ئەينەك شىشىسى تەكشى بولسا ساراينى گۈزەل كۆرسىتىدۇ، تەكشى بولمىسا سەت كۆرسىتىدۇ. ھەتتا ئەڭ نازۇك ۋە نەپىس نەرسىلەرنىمۇ قوپال كۆرسىتىپ قويغىنىدەك، سەنمۇ قەلبىڭ، ئەقلىڭ، كۆڭلۈڭ ۋە ئەمەللىرىڭ ئارقىلىق ئۆز ئالىمىڭنىڭ شەكلىنى ھەر خىل كۆرسىتىسەن، يا ئۆزۈڭگە پايدىلىق ھالدا ياكى ساڭا قارشى ھالدا گۇۋاھلىق بەرگۈزەلەيسەن. ئەگەر نامازنى ئوقۇساڭ، ئۇ نامىزىڭ ئارقىلىق ئۇ ئالەمنىڭ ئۇلۇغ سەنئەتكارىغا يۈزلەنسەڭ، ساڭا قارىغان ئالىمىڭ نۇرلىنىپ كېتىدۇ. گوياكى نامىزىڭ خۇددى بىر ئېلېكتىر لامپىسىدەك، نامازغا نىيىتىڭ ئۇنىڭ كونۇپكىسىغا باسقانغا ئوخشاش ئۇ ئالەمنىڭ قاراڭغۇ زۇلمەتلىرىنى تارىتىدۇ. شۇنداقلا ئۇ دۇنياۋى پەرىشانلىق ئىچىدىكى قالايمىقان ۋەزىيەتلەردىكى ھەرىكەت ۋە ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ھىكمەتلىك بىر ئىنتىزام ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ۋە قۇدرەتنىڭ مەنىدار ھالدا داۋام قىلىۋاتقان يېزىقلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ﴿اَللّهُ نُورُ السَّموَاتِ وَاْلاَرْضِ******* دېگەن نۇرانى ئايەتتىن بىر نۇرنى سېنىڭ قەلبىڭگە چاچىدۇ. سېنىڭ ئۇ كۈنلۈك ئالىمىڭنى ئۇ نۇرنىڭ ئىنكاسى بىلەن پارلىتىدۇ. ساڭا پايدىلىق ھالدا ئاخىرەتتە نۇرانىيلىق بىلەن گۇۋاھلىق بەرگۈزىدۇ.

  بىراق دىققەت، «مېنىڭ نامىزىم نەدە، نامازنىڭ بۇ ھەقىقىتى نەدە؟» دېمىگىن، چۈنكى بىر خورمىنىڭ ئۇرۇقى خورما دەرىخىدەكلا ئۆز دەرىخىنى سۈپەتلەيدۇ. پەرقى، بىرى ئىخچام، بىرى تەپسىلى بولغىنىغا ئوخشاش، سېنىڭ ۋە مېنىڭدەك ئادەتتىكى بىر كىشىنىڭ نامىزىدىمۇ (ھەتتاكى ھېس قىلمىسىمۇ) بۈيۈك بىر ئەۋلىيانىڭ نامىزىغا ئوخشاش شۇ نۇردىن بىر ئۈلۈش بار. شۇ ھەقىقەتتىن بىر سىر بار (ھەتتا ئەقلىڭ يەتمىسىمۇ). بىراق دەرىجىلەرگە قارىتا ئېچىلىش ۋە نۇرلىنىشى ئايرىمئايرىمدۇر. مەسىلەن، بىر خورما ئۇرىقىدىن مۇكەممەل بىر خورما دەرىخىگە قەدەر نەقەدەر مەرتىۋىلەر بولسا، نامازنىڭ دەرىجىلىرىدىمۇ تېخىمۇ كۆپ مەرتىۋىلەر بولىشى مۇمكىن. بىراق پۈتۈن ئۇ مەرتىۋىلەردە ئۇ نۇرانى ھەقىقەتنىڭ ئاساسى بولىدۇ

اَللّهُمَّ صَلِّ وَسَلِّمْ عَلَى مَنْ قَالَ اَلصَّلاَةُ عِمَادُ الدِّينِ وَعَلَى آلِهِ وَصَحْبِهِ اَجْمَعِينَ

———————————————————

*شۈبھىسىزكى ناماز مۆئمىنلەر ئۈچۇن ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرز قىلىندى. (سۈرە نىسا: 103)

**نەفسى ئەممارە: شەيتاننىڭ تەكلىپىنى ئېتىرازسىز قوبۇل قىلىدىغان نەفس؛ ئىنساننىڭ ساۋابلىق ئىشتىن ئۈركىدىغان، گۇناھلارغا بەك ئىنتىلىدىغان ھېسسى.ت

***لەتىيفەئى رەببانىيە: ئىنساننىڭ قەلبىگە باغلىق بولغان ئىنچىكە ۋە سەزگۇر بىر ھېسسى، ئەبەدى رەببىدىن خەۋەر بېرىدىغان سىرلىق سىزىم.ت

****كەرىم: مەرتلىك ۋە ساخاۋەت ئىگىسى؛ رەھىم: مېھرىبان، مەرھەمەتلىك().ت

*****سەبۇر: بەكمۇ سەۋرچان ۋە سەبر بەرگۈچى ﷲ.-ت

******(ھاشىيە): بۇ بايان بىر باغدا باغ ئىگىسىگە بېرىلگەن بىر دەرس بولۇپ، شۇ شەكىلدە بايان قىلىنغان.ئا

******* ئالەمى مىسال: رۇھانىي ئالەمنىڭ بىر تۈرى. دۇنيادىكى ھەر نەرسە ۋە ھەر ھەرىكەت دائىمىي ھالدا سۈرەتكە ئېلىنىپ تۇرىدىغان ئالەم.ت

*ﷲ ئاسمانلار ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر. (سۈرە نۇر: 35)********

949قېتىم كۆرۈلدى

Bir Cevap Yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir