ئىخلاس ھەققىدە

ئىخلاس ھەققىدە

يىگىرمىنچى لەمئا

ئىخلاس ھەققىدە

(ئون يەتتىنچى لەمئانىڭ ئون يەتتىنچى نوتىسىنىڭ يەتتە مەسىلىسىدىن بەش نۇقتىدىن تەركىپ تاپقان ئىككىنچى مەسىلىسىنىڭ بىرىنچى نۇقتىسى ئىدى. ئەھمىيىتىگە بىنائەن يىگىرمىنچى لەمئا قىلىپ بېكىتىلىدى.)

بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ

﴿اِنَّا اَنْزَلْنَا اِلَيْكَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ فَاعْبُدِ اللّهَ مُخْلِصًا لَهُ الدِّينَ اَلاَ لِلّهِ الدِّينُ الْخَالِصُ﴾

(زۇمەر:2-3) دېگەن ئايەتى كەرىمە ۋە

هَلَكَ النَّاسُ اِلاَّ الْعَالِمُونَ وَهَلَكَ الْعَالِمُونَ اِلاَّ الْعَامِلُونَ وَهَلَكَ الْعَامِلُونَ اِلاَّ الْمُخْلِصُونَ وَالْمُخْلِصُونَ عَلَى خَطَرٍ عَظِيمٍ (ئەۋ كەما قالە)

دېگەن ھەدىس شەرىف ئىسلامىيەتتە ئىخلاسنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئاساس ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىخلاس مەسىلىسىنىڭ چەكسىز نۇكتەلىرىدىن پەقەت بەش نۇقتىنى قىسقىچە بايان قىلىمىز: (ھاشىيە) *

بىرىنچى نۇقتا:

مۇھىم ۋە دەھشەتلىك بىر سوئال:

  نېمە ئۈچۈن ئەھلى دۇنيا، ئەھلى غەپلەت، ھەتتا ئەھلى زالالەت ۋە ئەھلى نىفاق** ئىنسانلار رىقابەتسىز ئىتتىپاقلاشقان يەردە، ئەھلى ھەقىقەت ۋە ئەھلى ھىدايەتتىن بولغان دىندارلار، ھەمدە ئەھلى ئىلىم ۋە ئەھلى تەرىقەتلەر رىقابەتلىشىپ ئىختىلاپلىشىدۇ؟ ئىتتىپاق ھىدايەت ئەھلىگە، ئىختىلاپ نىفاق ئەھلىگە لايىق تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن بۇ ھەق ئۇ يەرگە ۋە ئۇ ھەقسىزلىق بۇ يەرگە ئالمىشىپ قالدى؟

  جاۋاب: بۇ ئەلەملىك، ئېچىنىشلىق بولغان ۋە دىنگە ھامىيەت (تۆھپىكارلىق) قىلغۇچىلارنى يىغلىتىدىغان دەھشەتلىك ھادىسىنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرىدىن يەتتە سەۋەبنى بايان قىلىمىز:

  بىرىنچى سەۋەب:

  ئەھلى ھەقنىڭ (ھەقىقەت ئەھلىنىڭ) ئىختىلاپى ھەقسىزلىقتىن كەلمىگىنىدەك، ئەھلى غەپلەتنىڭ ئىتتىپاقىمۇ ھەقىقەتپەرۋەرلىكتىن كەلگەن ئەمەس. بەلكى ئەھلى دۇنيا ۋە ئەھلى سىياسەتنىڭ ۋە ئەھلى مەكتەپكە ئوخشاش ئىجتىمائى ھايات تەبىقىلىرىگە دائىر مۇئەييەن بىر ۋەزىپە ۋە خاس بىر خىزمەت بىلەن مەشغۇل بولىدىغان تائىپە، جامائەت ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ ۋەزىپىلىرى تەيىن قىلىنىپ ئايرىلغاچقا، ئۇ ۋەزىپىلىرى بەدىلىگە ئالىدىغان تىرىكچىلىك جەھەتتىكى ماددى ھەق، ھەمدە ئابروي ۋە شانشەرەپكە ئوخشاش كىشىلەرنىڭ يۈزلىنىشىدىن (ھاشىيە)** ئالىدىغان مەنىۋى ھەقلەر ئايرىم–ئايرىم بۆلۈنگەن. ئۇلاردا تىركىشىش، تالاشتارتىش ۋە رىقابەتلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دەرىجىدە شېرىكلىشىش  يوق. شۇنىڭ ئۇچۈن ئۇلار قانچىلىك يامان يولدا ماڭسىمۇ بىربىرى بىلەن ئىتتىپاق ئۆتەلەيدۇ. ئەمما ئەھلى دىن، ئەھلى ئىلىم ۋە ئەھلى تەرىقەت بولسا، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ۋەزىپىسى ئومۇمغا قارىغىنىدەك، مۇئەججەل*** بولغان ھەق ۋە ئەجىرلىرى ئايرىلىپ تەيىن قىلىنمىغاندۇر ۋە ھەربىرىنىڭ ئىجتىمائى مەرتىۋە، كىشىلەرنىڭ يۈزلىنىشى ۋە قوبۇل قىلىنىش جەھەتلەردىكى ئۈلۈشلىرى ئايرىمئايرىم ھالدا مۇئەييەن بولمايدۇ. بىر مەرتىۋىگە كۆپلىگەن كىشىلەر نامزات بولىدۇ، ماددى ۋە مەنىۋى ھەربىر ھەققە كۆپ قوللار ئۇزارتىلىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا تىركىشىش ۋە رىقابەتلىشىش تۇغۇلۇپ، ئېناقلىق نىفاققا، ئىتتىپاقلىق ئىختىلاپقا ئۆزگىرىپ قالىدۇ.

  مانا بۇ دەھشەتلىك كېسەلنىڭ دورىسى ۋە داۋاسى ئىخلاستۇر. يەنى ھەقىقەتپەرۋەرلىكنى نەفىسپەرەسلىكنىڭ ئۈستىگە قويۇششۇنداقلا ھەقنىڭ ھۆرمىتىنى نەفس ۋە مەنمەنچىلىكتىن يۇقىرى كۆرۈش، ﴿اِنْ اَجْرِىَ اِلاَّ عَلَى اللّٰهِ﴾ (ئەجىرنى ﷲتىنلا كۈتىمەن) دىگەن ئايەتنىڭ سىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئىنسانلاردىن كەلگەن ماددى ۋە مەنىۋى ھەقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش (ھاشىيە)***** ﴿وَمَا عَلَى الرَّسُولِ اِلاَّ الْبَلاَغُ (نۇر:54) دىگەن ئايەتنىڭ مەنىسى بويىچە، كىشىلەرنىڭ قوبۇل قىلىشى، ئۇلاردا ياخشى تەسىر قالدۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ يۈزلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش نۇقتىلىرىنىڭ جانابى ﷲنىڭ ئىشى ۋە ئېھسانى ئىكەنلىكىنى، ئۆز ۋەزىپىسى بولغان تەبلىغنىڭ ئىچىگە كىرمەيدىغانلىغىنى ۋە كىرىشىنىڭمۇ لازىم ئەمەسلىكىنى، ھەمدە ئۇنىڭغا بۇيرۇلمىغانلىقىنى تونۇپ يېتىش بىلەن ئىخلاسنى قولغا كەلتۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولىدۇ. بولمىسا ئىخلاسنى قاچۇرۇپ قويىدۇ.

——————————————————————

*(ھاشىيە): ئەسكەرتىش: بۇ مۇبارەك ئىسپارتا شەھرىنىڭ شۈكۈرگە سەۋەب بولغان بىر ياخشى تەرىپى، بۇ يەردىكى ئەھلى تەقۋا، ئەھلى تەرىقەت ۋە ئەھلى ئىلىملەر ئارىسىدا باشقا يەرلەرگە نىسبەتەن رىقابەتلىك ئىختىلاپلار كۆرۈنمەيۋاتىدۇ. گەرچە لازىم بولغان ھەقىقىي مۇھەببەت ۋە ئىتتىپاقلىق بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلاردا زىيانلىق ئىختىلاپ ۋە رىقابەت باشقا يەرگە قارىغاندا يوقتۇر.ئا

**ئەھلى نىفاق: مۇسۇلماندەك كۆرۈنسىمۇ ئۆزى كاپىر ۋە دۈشمەن بولغانلار. ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلغانلار.-ت

***(ھاشىيە): كىشلەرنىڭ يۈزلىنىشى تەلەپ قىلىنمايدۇ، بەلكى بېرىلىدۇ. بېرىلسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىشكە بولمايدۇ. پەخىرلەنسە ئىخلاسنى يوقىتىدۇ، رىياكارلىق قىلغان بولىدۇ. شانشەرەپ ئارزۇسى بىلەن كىشىلەرنىڭ يۈزلىنىشىگە ئېرىشىش بولسا، ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئەجىر ۋە مۇكاپات ئەمەس، بەلكى ئىخلاسسىزلىقتىن كەلگەن بىر خىل جازادۇر. شۇنداق، سالىھ ئەمەللەرنىڭ جېنى بولغان ئىخلاسنىڭ زىيىنى بەدىلىگە كەلگەن ھۆرمەت ۋە شانشەرەپ، قەبىر ئىشىكىگىچىلىك بولغان ۋاقىتلىق ئازغىنە لەززەتكە بەدەل، قەبىرنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى قەبىر ئازابىدەك ئەلەملىك بىر ھالەتنى نەتىجىلەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ يۈزلىنىشىنى ئارزۇ قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن ئۈركۈش ۋە قېچىش لازىمدۇر. شۆھرەتپەرەسلەر ۋە شانشەرەپ قوغلىشىدىغانلارنىڭ سەمىدە بولسۇن.

****مۇئەججەل: مۆھلەتسىز، دەرھال، كېيىنگە قالدۇرماستىن.-ت

*****(ھاشىيە): ساھابىلەرنىڭ قۇرئاننىڭ مەدھىيەسىگە ئېرىشكەن «ئىسار» (ئۆزى مۇھتاج تۇرۇقلۇق باشقىلارغا ئۆتۈنۈش) خىسلىتىنى ئۆزىگە يىتەكچى قىلىش، يەنى مەدھىيە ۋە سەدىقىلەرنى قوبۇل قىلىشتا باشقىلارنى ئۆزىدىن ئەۋزەل كۆرۈش، ھەمدە دىنى خىزمەت بەدىلىگە كەلگەن ماددى مەنپەئەتنى خالىماستىن ۋە قەلبىي جەھەتتىمۇ تەلەپ قىلماستىن، ئۇنى پەقەتلا بىر ئىلاھىي ئېھسان دەپ بىلىپ، كىشىلەرنىڭ مىھنىتىنى ئالماسلىق ۋە قىلغان دىنى خىزمىتىگە باشقىلاردىن بىر نەرسە كۈتمەسلىك لازىم. چۈنكى دىنى خىزمەت بەدىلىگە دۇنيالىق مەنپەئەت تەلەپ قىلىنسا ئىخلاش يوقىلىدۇ. گەرچە دىنى خىزمەتتىكىلەرنىڭ تىرىكچىلىكىنى خەلقنىڭ تەمىنلەپ تۇرىشىغا ئۇلارنىڭ ھەقلىرى بار، ھەمدە زاكاتقىمۇ لايىقتۇر. لېكىن خالانمايدۇ، بەلكى بېرىلىدۇ. بېرىلگەن چاغدا «بۇ مېنىڭ خىزمىتىمنىڭ ھەققى» دېيىشكە بولمايدۇ. ئىمكانقەدەر قانائەت قىلىپ ئۆزىدىن بەكراق لايىق بولغانلارنى ئۆزىدىن ئۈستۈن كۆرۈش،
وَ يُؤْثِرُونَ عَلَى اَنْفُسِهِمْ وَلَوْ كَانَ بِهِمْ خَصَاصَةٌ

 

 (ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجلىرى بولغان بولسىمۇ باشقىلارنى ئۆزلىرىدىن ئەۋزەل كۆرىدۇ) دېگەن ئايەتنىڭ سىرىنى ئۆزىدە يەرلەشتۈرۈش بىلەن بۇ دەھشەتلىك ھالاكەتتىن قۇتۇلۇپ ئىخلاسنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.