بېخىللىق ۋە خورلۇق ئىسراپخورلارنىڭ كۆرۈنۈشتىكى قىياپەتلىرى قانداق بولىدۇ؟

بېخىللىق ۋە خورلۇق ئىسراپخورلارنىڭ كۆرۈنۈشتىكى قىياپەتلىرى قانداق بولىدۇ؟

  بەشىنچى نۇقتا: جانابى ﷲ، كامالى كەرەمىدىن، ئەڭ پېقىر ئادەمگە ئەڭ باي ئادەمدەك ۋە گادايغا پادىشاھتەك نىمەتنىڭ لەززەتلىرىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. دۇرۇست، بىر پېقىرنىڭ بىر پارچە قاتتىق ناندىن ئاچلىق ۋە ئىقتىسادچىللىق ۋاستىسى بىلەن ئالغان لەززىتى، بىر پادىشاھنىڭ ۋە بىر باينىڭ ئىسراپچىلىقتىن كەلگەن زېرىكىش ۋە ئىشتىھاسىزلىق بىلەن يېگەن ئەڭ ئالىي باققالىسىدىن ئالغان لەززىتىدىن تېخىمۇ زىيادە لەززەتلىكتۇر. ھەيران قالدۇرىدىغان نۇقتا شۇكى، بەزى ئىسراپخور ئىنسانلار بۇنداق ئىقتىسادچىللارنى «بېخىل» دەپ قارىلايدۇ. ھاشا! ئىقتىسادچىللىق ئىززەت ۋە مەردلىكتۇر. بېخىللىق ۋە خورلۇق ئىسراپخورلارنىڭ كۆرۈنۈشتىكى مەردانە قىياپەتلىرىنىڭ ئىچ يۈزىدۇر. بۇ ھەقىقەتنى قۇۋۋەتلەيدىغان، بۇ رىسالە يېزىلغان يىللاردا ئىسپارتادا ھۇجرامدا يۈز بەرگەن بىر ۋەقە بار، ئەلقىسسە:

  قائىدەمگە ۋە ھاياتىي دەستۇرۇمغا مۇخالىپ بىر سۈرەتتە، بىر شاگىرتىم ئىككى يېرىم لېتىردەك ھەسەلنى ماڭا قوبۇل قىلدۇرىمەن دەپ چىڭ تۇرىۋالدى. قائىدەم بويىچە شۇنچە چىڭ تۇرساممۇ ئۇنىمىدى. مەجبۇرى ھالدا، يېنىمدىكى ئۈچ قېرىندىشىمغا يېگۈزۈش ۋە شابان ۋە رامىزان ئايلىرىدا ئۇ ھەسەلدىن ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئوتتۇزقىرىق كۈن ئۈچ ئادەم يېسۇن ۋە ئەكەلگىنىمۇ ساۋاب تاپسۇن ۋە ئۆزلىرىمۇ تاتلىقتۈرۈمسىز قالمىسۇن دەپ «ئېلىڭلار»-دېدىم. مېنىڭمۇ بىر لېتىر ھەسىلىم بار ئىدى. ئۇ ئۈچ قېرىندىشىم گەرچە دۇرۇست ۋە ئىقتىسادچىللىقنى تەقدىرلەيدىغانلاردىن ئىدى. بىراق، بىر جەھەتتە ئۈستۈن بىر خىسلەت بولغان بىربىرىگە ئىكرام قىلىش ۋە باشقىسىنىڭ نەفسىنى سۆيۈندۈرۈش ۋە باشقىلارنىڭ نەفسىنى ئۆز نەفسىدىن ئۈستۈن بىلىش بىلەن ئىقتىسادچىللىقنى ئۇنۇتۇشتى. ئۈچ كۈندە ئىككى يېرىم لېتىر ھەسەلنى يەپ بولدى. مەن كۈلۈپ تۇرۇپ: «ئۇ ھەسەلنى مەن سىلەرگە ئوتتۇزقىرىق كۈن يىگۈزمەكچىدىم، سىلەر ئوتتۇز كۈننى ئۈچ كۈنگە چۈشۈردۈڭلار، سىڭىشلىك بولسۇن!»-دېدىم. ئەمما ئۆزۈم ئۇ بىرلېتىر ھەسەلنى ئىقتىسادچىللىق بىلەن سەرپ قىلدىم. پۈتۈن شابان، رامىزاندا ھەم مەن يېدىم، ھەم ﷲقا شۈكۈر بولسۇنكى، ئۇ قېرىنداشلىرىمنىڭ ھەربىرسىگە ئىفتار ۋاقتىدا بىر قوشۇقتىن (يەنى چوڭراق بىر چاي قوشۇقى بىلەن) بېرىپ، چوڭ ساۋاپقا سەۋەب بولدى. مېنىڭ ھالىمنى كۆرگەنلەر، بەلكىم ئۇ ھالىتىمنى بېخىللىق دەپ قارىغاندۇر. ئۇ قېرىنداشلىرىمنىڭ ئۈچ كۈنلۈك ۋەزىيەتلىرىنى بولسا بىر مەردلىك دېيىشى مۇمكىن. ئەمما، ھەقىقەت نوقتىسىدا، ئۇ كۆرۈنۈشتىكى بېخىللىق ئاستىدا چوڭ بىر ئىززەت، بۈيۈك بىر بەرىكەت ۋە يۈكسەك بىر ساۋاب يوشۇرۇنغانلىقىنى كۆردۇق. ئۇ مەردلىك ۋە ئىسراپ ئاستىدا بولسا، ئەگەر ۋاز كېچىلمىگەن بولسا، بىر تىلەمچىلىك ۋە باشقىلارنىڭ قولىغا تاماكارلىق بىلەن قاراشتەك، بېخىللىقتىن كۆپ ھەسسە پەس بىر ھالەت بولۇپ قالاتتى


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.