-
قانداق قىلامىز، بۇ بىچارىلەر ئۆزلىرىنى ماگىنىتتەك تارتىۋاتقان بۇ جەزبىلىك فىتنىنىڭ ئوتىدىن قۇتقۇزالمايدۇ؟؟؟
بىر ۋاقىت ئەسكىشەھىر تۈرمىسىنىڭ دەرىزىسى يېنىدا ئولتۇرغان ئىدىم قارشىسىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ چوڭ قىزلىرى قورودا كۈلۈشۈپ ئۇسۇل ئويناۋاتاتتى. ئۇلارنى بۇ دۇنيا جەننەتلىرىدە جەھەننەم ھۆرلىرى ھۆكمىدە كۆردۈم. بىردىنلا ئەللىك يىل كېيىنكى ھالەتلىرى ماڭا كۆرۈندى. نەزىرىمدە ئۇلارنىڭ بۇ كۈلۈشلىرى ئەلەملىك ھالدا يىغلاش سۈرىتىنى ئالدى ۋە بىردىنلا بۇ ھەقىقەت ئېچىلدى، يەنى: ئەللىك يىل كېيىنكى ھاللىرىنى مەنىۋى […]