قانداق قىلامىز، بۇ بىچارىلەر ئۆزلىرىنى ماگىنىتتەك تارتىۋاتقان بۇ جەزبىلىك فىتنىنىڭ ئوتىدىن قۇتقۇزالمايدۇ؟؟؟

قانداق قىلامىز، بۇ بىچارىلەر ئۆزلىرىنى ماگىنىتتەك تارتىۋاتقان بۇ جەزبىلىك فىتنىنىڭ ئوتىدىن قۇتقۇزالمايدۇ؟؟؟

  بىر ۋاقىت ئەسكىشەھىر تۈرمىسىنىڭ دەرىزىسى يېنىدا ئولتۇرغان ئىدىم

  قارشىسىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ چوڭ قىزلىرى قورودا كۈلۈشۈپ ئۇسۇل ئويناۋاتاتتى. ئۇلارنى بۇ دۇنيا جەننەتلىرىدە جەھەننەم ھۆرلىرى ھۆكمىدە كۆردۈم. بىردىنلا ئەللىك يىل كېيىنكى ھالەتلىرى ماڭا كۆرۈندى. نەزىرىمدە ئۇلارنىڭ بۇ كۈلۈشلىرى ئەلەملىك ھالدا يىغلاش سۈرىتىنى ئالدى ۋە بىردىنلا بۇ ھەقىقەت ئېچىلدى، يەنى: ئەللىك يىل كېيىنكى ھاللىرىنى مەنىۋى ۋە خىيالىي بىر كىنو بىلەن كۆردۈمكى، ئۇ كۈلگەن ئاتمىش قىزدىن ئەللىكى قەبىردە ئازاپ تارتىشىۋاتاتتى، تەنلىرى تۇپراق بولۇشقانقالغان ئونى بولسا يەتمىش ياشلىرىدا سەتلەشكەن بىر قىياپەتتە، ھەركىمنىڭ نەپرەت نەزىرىنى جەلپ قىلىۋاتاتتى. مەن ئۇلارنىڭ بۇ ھاللىرىغا يىغلىدىم. ئاخىرزامان فىتنىلىرىنىڭ ئەڭ دەھشەتلىكى ۋە جەلپ قىلارلىقى ئاياللارنىڭ يۈزسىز يۈزىدىن چىقىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەت ماڭا كۆرۈندى. شۇ سەۋەبلىك ئىختىيارىنى كونترولدىن چىقارغان ئىنسانلار پەرۋانىدەك گۇناھ ئوتىغا ئېتىلىدۇ، بىر مىنۇتلۇق دۇنيا ھاياتىنى، يىللارچە باقىي ھاياتىدىن ئۈستۈن كۆرىدۇ.

  بىر كۈنى مەن كوچىغا قاراپ، ئۇ فىتنىنىڭ تەسىرلىك بىر مىسالىنى سەزدىم. ياشلارغا بەكمۇ ئىچىم ئاغرىدى. «بۇ بىچارىلەر ئۆزلىرىنى ماگىنىتتەك تارتىۋاتقان بۇ جەزبىلىك فىتنىنىڭ ئوتىدىن قۇتقۇزالمايدۇ» دەپ ئويلىنىۋاتقاندا، بىردىنلا ئۇ فىتنە ئوتىنى ياندۇرغان ۋە ئۇنى ياقىلىغان دىنسىز بىر مەنىۋى شەخس ئالدىمدا پەيدا بولدى، مەنمۇ ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭدىن دەرس ئالغان كاپىرلارغا دېدىم:

  –ئەي جەھەننەم ھۆرلىرى بىلەن لەززەتلىنىش يولىدا دىنىنى قۇربان قىلغان، كەيپساپا زالالىتىنى سۆيۈپ ئەگەشكەن، نەفسانىي* ھەۋەسلەرنىڭ لەززىتى يولىدا دىنسىزلىكنى ۋە كاپىرلىقنى قوبۇل قىلغان، ھەمدە بۇ ھاياتنى سۆيۈپ، ئۆلۈمدىن شىددەت بىلەن قورققان ۋە دىندىن يۈز ئۆرىگەن بەدبەخت!

   قەتئىييەن بىلكى، دىنسىزلىكىڭ ھۆكۈمى بويىچە، سېنىڭ بۇ يوغان دۇنيادىكى ھەممە نەرسەڭ ـــــ ئۆتكەن ۋە كېلەچەك زامانىڭ، ئۆتكەن تۈرلىرىڭ ۋە جىنسلىرىڭ، كېلىدىغان مەخلۇقلار ۋە نەسىللەر، كەتكەن دۇنيالار ۋە مىللەتلەر، كەلگەن ئىنسانلار ۋە تائىپىلەر بۇ سائەتتىن بۇرۇن ۋە بۇ مىنۇتتىن كېيىن تامام يوق ۋە ئۆلۈكتۇر. سەن ئىنسانىيەت ۋە ئەقىل ئارقىلىق ئالاقىدار بولغان ئۇ ئۆزگەرگەن پۈتۈن دۇنيالار ۋە ئاققان شەيئىلەر، سېنىڭ زالالىتىڭ سەۋەبلىك داۋاملىق ھالدا بېشىڭغا دۇنيا تولغۇدەك چەكسىز ئۆلۈملەرنىڭ دەھشەتلىك ئەلەملىرىنى ياغدۇرىدۇ. ئەگەر ۋىجدانىڭ بار بولسا، قەلبىڭنى ئۆرتەيدۇ. روھىڭ بار بولسا، كۆيدۈرىدۇ. ئەقلىڭ ئۆچمىگەن بولسا، غەملەر ئىچىدە تۇنجۇقتۇرىدۇ. ئەگەر بىر سائەتلىك مەستلەرچە كەيپ ۋە پاسكىنا لەززىتىڭ، بۇ چەكسىز غەملەرگە، قايغۇلارغا ۋە ئەلەملەرگە تەڭ كەلسە، ئۇ كەيپىڭدە قالبولمىسا ئەقلىڭنى بېشىڭغا ئال! ئۇ مەنىۋى جەھەننەمدىن قۇتۇلۇش، ھەمدە ئىمان بۇ دۇنيادىمۇ تەمىنلىگەن بىر مەنىۋى جەننەتكە كىرىش ۋە ھاياتنىڭ بەختسائادىتىنى تېپىش ئۈچۈن، قۇرئاننىڭ دەرسىنى ئاڭلاكىچىككىنە ۋاقىتلىق بىر مىنۇتلۇق لەززەتنى ئومۇمىي، باقىي، دائىمىي، ئىمانىي (ھاشىيە)** لەززەتلەر بىلەن ئالماشتۇر

  ھەمدە «ھاياتىمنى ھايۋاندەك ئۆتكۈزىمەن» دېمە. چۈنكى ھايۋان ئۈچۈن ئۆتكەن ۋە كېلەچەك زامان غەيپ ھۆكمىدىدۇر. جانابى ھەكىمى رەھىم** غەيپنى بىلدۈرمەسلىك ئارقىلىق ئۇلارنى چەكسىز ئەلەملەردىن قۇتقۇزغان. ھەتتا سويۇش ئۈچۈن ياتقۇزۇلغان بىر توخۇ ھېچبىر ئەلەم ۋە قايغۇ ھېس قىلمايدۇ. پىچاق كەسكەن ۋاقىتتا، ئۇ قورقۇنچ ھېسسى كېلىدۇيۇ، دەرھال ئۇ ھېسمۇ كېتىدۇ، ئۇ ئەلەمدىن قۇتۇلىدۇ. دېمەك جانابى ﷲنىڭ ناھايىتى چوڭ ۋە مۇكەممەل شەپقىتى ۋە مەرھەمىتى غەيپنى بىلدۈرمەسلىكتۇر. بولۇپمۇ مەسۇم(گۇناھسىز) ھايۋانلار ئۈچۈن بۇ مەرھەمەت تېخىمۇ تولۇقتۇر. دېمەك، ھارام لەززەتلەردە سەن ھايۋانلارغا يېتىشەلمەيسەن. چۈنكى ھايۋان ئۈچۈن غەيپ بولغان نەرسىلەرنى سېنىڭ ئەقلىڭ كۆرىدۇ، ئەلىمىنى ئالىدۇ. غەيپ پەردىسى ئاستىدىكى تولۇق راھەتچىلىكتىن تامامەن مەھرۇمسەن.

  شۇنداقلا سېنىڭ ئىفتىخارىڭ بولغان قېرىنداشلىق، ھۆرمەت ۋە تۆھپىكارلىقتەك ئەڭ ياخشى خىسلەتلىرىڭ، كىچىككىنە بىر زامانغا يەنى، چوڭ بىر چۆلگە نىسبەتەن بىر بارماقچىلىك يەرگىلا خاس، ھەمدە چەكسىز زامان ئىچىدە پەقەتلا ھازىرقى سائەتكىلا مەخسۇس بولغانلىقتىن، سۈنئىي، ۋاقىتلىق، ساختا، ئاساسسىز ۋە ناھايىتى ئەرزىمەس بولۇپ، سېنىڭ ئىنسانىيىتىڭ ۋە كامالىتىڭ شۇنچىلىك نىسبەت بىلەن تۆۋەنلەيدۇ ۋە يوقىلىدۇ. لېكىن مۆئمىنلەرنىڭ قېرىنداشلىقى، ھۆرمىتى، مۇھەببىتى ۋە تۆھپىكارلىقى ئىمان نەزىرىدە مەۋجۇت بولغان ئۆتكەن ۋە كېلەچەك زاماننى ئىچىگە ئالغانلىقتىن ئىنسانىيىتىمۇ، كامالىتىمۇ شۇ بويىچە يۈكسىلىدۇ.

  سېنىڭ بۇ دۇنيادىكى مۇۋەپپىقىيەتلىرىڭ بولسا، ئالماسچى، بىراق ئەخمەق بىر يەھۇدىينىڭ شىشە پارچىلىرىنى ئالماس دەپ قاراپ، ئالماس نەرقى بويىچە ئالغىنىدەك، سەنمۇ كىچىككىنە، قىسقىغىنە بىر زامانغا، بىر ھاياتقا ئۇزۇن بىر ھاياتنى ئۇتىدىغان نەرقنى بەرگەنلىكىڭ ئۈچۈن ئەلۋەتتە يېڭىپ چىقىسەن. بىر مىنۇت ئۈچۈن خۇددى بىر يىلدەك قاتتىق ھېرىس، مۇھەببەت، ئىنتىقامدەك ھېسلىرىڭ بىلەن يۈگۈرگەنلىكىڭ ئۈچۈن دىندارلاردىن ۋاقىتلىق ئېشىپ چۈشىسەن.

  شۇنداقلا سېنىڭ ئەقلىڭ، روھىڭ، قەلبىڭ، تۇيغۇلىرىڭ يۈكسەك ۋەزىپىلىرىنى تاشلاپ، پەس نەفىس ۋە شەھۋانى ھەۋىسىڭنىڭ رەزىل ئىشلىرىغا قاتنىشىپ ياردەم قىلغانلىقتىن مۆئمىنلەرنى بۇ دۇنيادىكى چاغدا ئۇتۇپ چىقىسەن ۋە كۆرۈنۈشتە تېخىمۇ جەلپ قىلارلىق كۆرۈنىسەن. چۈنكى ئەقىل، قەلب ۋە روھلىرىڭ ئىنتايىن چىرىكلىشىپ، شەھۋانىي ھەۋەس ۋە رەزىل نەفىسكە ئۆزگەرگەن بولغاچقا، ئەلۋەتتە بۇ جەھەتتە، ساڭا جەھەننەمنى ۋە مۆئمىنلەرگە جەننەتنى ئېرىشتۈرىدىغان بىر ۋاقىتلىق ئۇتۇقۇڭ بولىدۇ.

——————————————————————————

*باقىي: ئەبەدىي، دائىمىي، ئۆلمەس. («فانىي»گە قارمۇقارشى سۆز)

**نەفسانىي: نەفىسنىڭ يامان ئارزۇلىرى بىلەن ئالاقىدار.

***(ھاشىيە): شۇنداق، ئىمان بۇ دۇنيادىمۇ مەنىۋى جەھەتتىن جەننەت لەززەتلىرىنى بىرەلەيدۇ. يۈزلىگەن لەززەتلىك نۇرلىردىن يالغۇز بۇ پايدىسىغا قارا. مەسىلەن: سەن ناھايىتى سۆيگەن بىرىنى بىر خەتەردە ئۆلىۋاتقان بىر پەيتتە كۆرگىنىڭدە، توساتتىن لوقمان ھەكىم ۋە خىزىرغا ئوخشىغان بىر دوختۇر كەلدى ۋە ئۇ تىرىلدى. سەن ئۇ چاغدا قانچىلىك سۆيۈنچ ھېس قىلىسەن. دەل شۇنىڭغا ئوخشاشلا، سەن سۆيگەن ۋە ئالاقىدار بولغان ئۆلگەنلەرنىڭ سانىچىلىك سۆيۈنچ ۋە خۇشاللىقلارنى ئىمان ساڭا تېتىتىدۇ. چۈنكى ئۆتكەن زامان مازارىستانىدا سەن سۆيگەن مىليونلارچە كىشىلەر يوقلۇقتىن ۋە ئۆلۈمدىن، بىردىنلا قۇتۇلۇپ، ئىمان نۇرى بىلەن سېنىڭ ئالدىڭدا تىرىلىدۇ. «بىز ئۆلمەپتۇق ۋە ئۆلمەيمىز» دەپ ھاياتلىنىدۇ. ئۇ چەكسىز ئايرىلىشلاردىن كەلگەن چەكسىز ئەلەملەر ئورنىغا، كۆرۈشۈش ۋە ھاياتلىنىش بىلەن چەكسىز لەززەتلەر، سۆيۈنچلەر ئىمان نۇقتىئىنەزىرى بويىچە بۇ دۇنيادىمۇ قولغا كېلىدۇ. مانا بۇ كۆرسىتىدۇكى: «ئىمان شۇنداق بىر ئۇرۇقتۇركى، ئەھلى ئىمان ئۈچۈن جەننەتنى بارلىق لەززەتلىرى ۋە ھۆسنلىرى بىلەن ئۆستۈرىدۇ ۋە بېرىدۇ…»

****ھەكىمى رەھىم: چەكسىز ھىكمەت ۋە چەكسىز شەپقەت ئىگىسى.-ت


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.