نېمە ئامال!مۆھتەرەم ئۇستازىم- ھەقىقەتكە بىز قىز- ئاياللار تېخمۇ مۇھتاج

نېمە ئامال!مۆھتەرەم ئۇستازىم- ھەقىقەتكە بىز قىز- ئاياللار تېخمۇ مۇھتاج

(ھەسەن فەيزى، خەلىل ئىبراھىمدەك نۇرنىڭ قەھرىمانلىرى كەبى،

ئىستانبۇلدىكى ئاياللار ئىچىدىن نۇرلارغا ئاجايىپ بىر ئالاقىدارلىق كۆرسەتكەن

خانىملارنىڭ مەكتۇبىدۇر.)

بِاسْمِهِ سُبْحَانَهُ

بەكمۇ مۆھتەرەم، بەكمۇ مۇبارەك، بۈيۈك ئۇستازىمىز ھەزرەتلىرى!

  بىز ئاجىز بىچارىلەرنى تالىپلىققا قوبۇل قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن بەكمۇ سۆيۈندۇق. گويا دۇنيالار بىزنىڭ بولدى. كۆزلىرىمىز سۆيۈنچ ياشلىرى بىلەن تولدى. يىغلىدۇقۋە يىغلاپ، ئۇلۇغ رەببىمىزگە چەكسىز شۈكۈرلەر ئېيتتۇق. جانابى ھەق بىز پېقىرلەرنى، ئوخشىشى بولمىغان بىر يۈز ئوتتۇز پارچە ئەسەرلىرى ھەر تەرەپتە ئىشتىياق بىلەن ئوقۇلغان سىزدەك دۇنيادا بىر بەدىئۇززامان بولغان بۈيۈك بىر ئۇستازنىڭ دۇئالىرىغا داخىل قىلدى. بۇ زاماننىڭ ئەڭ بۈيۈك كىشىسى بولغان رىسالەئى نۇرنىڭ ساھىبىنىڭ تالىپى بولۇشتەك بەكمۇ بۈيۈك بىر شەرەپكە، بەكمۇ بۈيۈق بىر نىئمەتكە ئېرىشتۈردى

  ئاھ ئۇستازىمىز، نېمە ئامال! ھەدىيە ئەۋەتەيلى دېسەك، ھەدىيە قوبۇل قىلمايسىز. سىز بىزنىڭ ئەبەدىي ھاياتىمىزنى قۇتقازدىڭىز. بىز سىزگە كىچىككىنە ياخشىلىقمۇ قىلالمايۋاتىمىز. دۇنيا تولغۇدەك ياخشىلىق قىلىنغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا سىزنىڭ بىزنى كامىل ئىمانغا ئېرىشتۈرگەن رىسالەئى نۇردەك بۈيۈك بىر ئىلتىپاتىڭىزغا تەڭ كېلەلمەيدۇ. جانابى ھەق سىز ئۇستازىمىزدىن ئەبەدىي رازى بولسۇن، سالامەتلىك ۋە شىپا بەرسۇن. ھەمدە بىزلەرنى ئۇستازىمىز بەدىئۇززاماندىن ئايرىمىسۇن، ئامىن

  ئەي رەببىمىز! سۆيۈملۈك پەيغەمبەرىمىز بولغان ھەبىبىڭنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن، بۇ دۇئايىمىزنى قوبۇل قىلغىن. ئامىن!

  بۈيۈك ئۇستازىمىز! ئۆزىمىزنى سىزگە تالىپ بولۇشقا لايىق كۆرمەيۋاتىمىز. سىزنىڭ بىزلەرگە ناھايىتىمۇ مېھرىبانلىقىڭىز، بەكمۇ زىيادە تۆھپىكارلىقىڭىز بىزلەرنى دۇنيائاخىرەتتە سائادەتلەرگە ئېرىشتۈرىدىغان رىسالەئى نۇر تالىپلىقىغا داخىل قىلدى. رىسالەئى نۇرنى ئوقۇۋاتىمىز. ئاخىرەتلىك ھەمشىرىلىرىڭىز رىسالەئى نۇرغا تولىمۇ مۇشتاقتۇر. بىرلىكتە ئوقۇۋاتىمىز. نۇر رىسالىلىرىدىن كۆپلەپكۆپلەپ فەيزلەر ئېلىۋاتىمىز. بىزلەر ھازىرغا قەدەر رىسالەئى نۇردا ئاياللارغا بېرىلگەن تولىمۇ مۇقەددەس دەرسلەرنى، ھېچبىر كىتاپتا كۆرمىدۇق، ھېچبىر موللىدىن ئاڭلىمىدۇق. ئۇ بەكمۇ قىممەتلىك، بەكمۇ گۈزەل، بەكمۇ تاتلىق ئىمان ھەقىقەتلىرى بىزنىڭ روھىمىزنىڭ ئوزۇقىدۇر.

  رىسالەئى نۇردىكى مۇقەددەس قۇرئان ھەقىقەتلىرى بىزنىڭ قەلبىمىزگە تەسىر قىلىپ، قەلبىمىزدە نۇردىن مۇھەببەت ئاتەشلىرىنى ياندۇرماقتا، ئىمانىمىزغا قۇۋۋەت بەرمەكتە، مەنىۋىياتتا دەرىجىلىرىمىزنى يۈكسەلتمەكتە. رىسالەئى نۇر بىزنى پىتنىلەردىن ئۇزاقلاشتۇرماقتا، توپتوغرا يولغا، قۇرئان يولىغا باغلىماقتا. بىزنى شەيتانلارنىڭ، جىنلارنىڭ، ھەمدە بىزنى دىن پەردىسى ئارقىسىدا ئالدىغۇچى، ئازدۇرغۇچى كىشىلەرنىڭ شەررىدىن ئەمىن قىلماقتا. ئۇلۇغ رەببىمىز سىز ئۇستازىمىزدىن ئەبەدىي رازى بولسۇن، ئۇزۇن ئۆمۈر بەرسۇنسىز ئۇستازىمىزغا بولغان تەشەككۈرلىرىمىز چەكسىزدۇر.

  سەييىدىمىز سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام، سىز ئۇستازىمىزغا ۋە نۇر تالىپلىرى بولغان قېرىنداشلىرىمىزغا ئىمان ۋە قۇرئان خىزمىتىدە دائىما مەدەتكار ۋە ياردەمچى بولسۇن. جانابى ھەق سىزلەرنى بۇ قۇرئان خىزمىتىدە مۇۋەپپەق قىلسۇن. ئامىن، ئامىن، ئامىن

ئۇستازىمىز ھەزرەتلىرى!

  نېمىدىگەن چىدىغۇسىز ئەھۋال! بۇزغۇنچى تەشكىلاتلار، دىن دۈشمەنلىرى، ھىيلەمىكىرلەر بىلەن بىز ئاياللارنى ئازدۇردى، كۆپلىرىمىزنى ئىسلامىيەتتىن ئۇزاقلاشتۇردى. بىزنى يۈكسەك ئىسلام تەربىيىسىدىن، ئالىي ئىسلام ئەدەپلىرىدىن مەھرۇم قىلدى. ھېلىھەم دىنىمىزغا زەرەرلىك نەرسىلەرنى بىزگە سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا. رەببىمىزگە ھېسابسىز ھەمدۇسانالار بولسۇنكى، رىسالەئى نۇر بىزنى بۇلارغا كىرىپ قېلىشتىنمۇ قۇتقۇزدى. رىسالەئى نۇرغا نائىل بولغاندىن بېرى، قەلبلىرىمىزگە نۇرلار ياغدى. روھىمىزدا نۇرلۇق ئالەملەرگە قارىغان پەنجىرىلەر ئېچىلدى. نۇر رىسالىلىرىنى ئوقۇغانسېرى، ئىمانىمىزغا، مۇقەددەس دىنىمىزغا ئالاقىمىز كۈچەيدى. شەرەپلىك سەييىدىمىز بولغان ھەبىبۇللاھقا (ئە.س.ۋ) مۇھەببىتىمىز ئارتتى. ﷲقا بولغان ئىتائىتىمىز، مۇھەببىتىمىز، ئىشقىمىز بىناھايەت ھالغا كەلدى. نۇرلارنى ئوقۇغانسېرى، دىنىمىزغا، ئىمانىمىزغا زىيان بەرگەن نەرسىلەرنى پەرق ئېتىشكە باشلىدۇق.

  دىنىي دەرس بېرىۋاتىمەن دەپ، بىز ساپدىل ئاياللارنى ئازدۇرۇپ، خاتا يوللارغا تەشۋىق قىلغان كىشىلەرگە ئەگەشمەس بولدۇق. چۈنكى رىسالەئى نۇر بىزنىڭ كۆزىمىزنى ئاچتى. رىسالەئى نۇرنى ئوقۇشتىن ئاۋۋال بۇلارنى بىلمەيتتۇق. باشقا نەرسىلەرگە، باشقا ھەۋەسلەرگە ئەگىشىپ گۇناھلاردا يۈرۈپتىكەنمىز. پاك ئىسلام ئاياللىرىنىڭ شەرىپىگە ياراشمىغان، ياۋروپالىق كافىرلارنىڭ ھالەتلىرىنى تەقلىد قىلىشقا بېرىلىپتىكەنمىز. رىسالەئى نۇر بىزنى جاھالەتتىن، شۇ چىركىن نەرسىلەردىن قۇتقۇزدى. گۇناھلاردىن ئۇزاقلاشتۇردى، ساۋاپلىق ئىشلارغا ئېرىشتۈردى. رىسالەئى نۇر بىزنىڭ ھەر دەردىمىزگە دەرمان، يارىلىرىمىزغا نۇرلۇق بىر مەلھەم بولدى. ھازىر ئىشىنىمىزكى، رىسالەئى نۇر ھەر نەرسىگە داۋادۇر. بۇ بەكمۇ نۇرانىي، بەكمۇ ھۇزۇرلۇق ئەسەرلەر بىزگە كۇپايىدۇر. ئۇ، باشقا نەرسىلەرنى ئىزدەشكە ئېھتىياج قويمىدى.

  بىز ئاياللار، ئەلھەمدۇلىللاھ دىنىمىزغا باغلانغانمىز. ئەمما، بىزگە ھەقىقىي بىر سۈرەتتە دىنىمىزنى ئۆگىتىدىغان، بىزنى ئىبادەتكە، گۈزەل ئەمەللەرگە، گۈزەل ئەخلاققا يېتەكلەيدىغان ئەسەرلەردىن مەھرۇم قىلىنغانىدۇق. دىنسىزلار ئاياللارنى يولدىن ئاداشتۇرغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە قۇرئان يولىنى ئۆگىتىدىغان، ئىسلامىيەتنىڭ نۇرلۇق، سالامەت يولىدا ئىمان ئىلمىنى تەھسىل قىلدۇرىدىغان نۇر رىسالىلىرىدەك بىر مۇرشىدى كامىل لازىم ئىدى. بۇنىڭغا تولىمۇ مۇھتاج ئىدۇق. بىزنى ئەبەدىي سائادەتلەرگە نائىل قىلىدىغان، بىزنى قۇرئان نۇرلىرى بىلەن نۇرلاندۇرىدىغان، قۇرئانى كەرىمنىڭ بىناھايەت ھۇزۇرلىرى بىلەن ھۇزۇرلاندۇرىدىغان نۇر رىسالىلىرىدەك بىر ئۇستازغا، بىر ئەسەرگە ئېھتىياجىمىز زور ئىدى. دېمەك بۇ نۇرلارنى، بۇ ئەسەرلەرنى، بۇ ئۇستازنى كۆرمەپتىكەنمىز. دېمەك غەپلەتتە ئىدۇق. كۆردۇق، ئۆزىمىزگە كەلدۇق، ئويغاندۇق، رىسالەئى نۇرغا يېپىشتۇق. باشقىلارنىڭ ئالداشلىرىدىن قۇتۇلدۇق. نۇر رىسالىلىرىدىكى قۇرئان، ئىمان نۇرلىرىغا ئېرىشتۇق، ئەلھەمدۇلىللاھ. ﷲنىڭ بۇ بۈيۈك ئىلتىپات ۋە كەرەمىگە چەكسىز شۈكۈرلەر ئېيتىمىز

  ئۇستازىمىز! بىز نۇر رىسالىلىرىگە روھىجېنىمىز بىلەن ئېسىلدۇق. «خانىمقىزلار رەھبىرى»، «ياشلار رەھبىرى»، «كىچىك سۆزلەر»، «بىمارلار رىسالىسى»، «ياشانغانلار رىسالىسى» بىزنىڭ تولىمۇ ئۈستۈن رەھبىرىمىزدۇر. بىزنىڭ يارىلىرىمىزنى ساقايتقان نۇرانىي دەرسلىرىمىزدۇر. «خانىمقىزلار رەھبىرى» تەكرارتەكرار ئوقۇلۇشقا لايىق بىر ئەسىرىڭىزدۇر. ئوقۇغانسېرى ئوقۇغىمىز كېلىدۇ. «ياشلار رەھبىرى»نى تەكرارتەكرار ئوقۇۋاتىمىز. تەكرار ئوقۇغانسېرى چۈشىنىشىمىز ئېشىۋاتىدۇ. روھ ۋە قەلبىمىزدە تەسىرى زىيادىلىشىۋاتىدۇ.

  «سۆزلەر»نى، «بىمارلار رىسالىسى»نى، «ياشانغانلار رىسالىسى»نى پاتپات ئوقۇپ تۇرىۋاتىمىز. بۇ رىسالىلەرگە بىزلەر ناندىن، سۇدىن، ھاۋادىنمۇ بەك مۇھتاج ئىكەنلىكىمىزنى ئوقۇغانسېرى ئىدراك قىلىۋاتىمىز، چۈشىنىۋاتىمىز. مۇشۇ تەرزدە نۇر رىسالىلىرىنى قايتىلاپ ئوقۇپ تۈگىتىۋاتىمىز. نۇر رىسالىلىرى بىزنىڭ روھىمىزدۇر، قەلبىمىزدۇر، بېشىمىزنىڭ تاجىدۇر، كۆڭلىمىزنىڭ نۇرىدۇر. نۇرلارنى باغرىمىزغا باستۇق. ئۇلارنى يېنىمىزدىن، تىلىمىزدىن، سومكىمىزدىن ئايرىمايۋاتىمىز.

  ئۇستازىمىز! نۇر رىسالىلىرىدىكى ئىمان نۇرلىرى، بىردىن گۈلى مۇھەممەدىيگە ئوخشايدۇ (ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام). بىز بۇ ئەسەرلىرىڭىزنىڭ بىزگە نەقەدەر پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، روھىمىزغا، قەلبىمىزگە قانچىلىك دەرىجىدە تەسىر قىلغانلىقىنى تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزمىز.

  ئۇستازىمىز! نۇر تالىپلىرى ئوقۇيدىغان، مىسلى ۋە ئوخشىشى تېخى دۇنيادا بولمىغان «جەۋشەنۇل كەبىر» ئىسملىك، سەييىدىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ھەزرەتلىرىنىڭ دۇئاسىغا ۋە ئىنتايىن ساۋاپلىق، ئىنتايىن نۇرلۇق، ئىنتايىن پەزىلەتلىك بولغان دۇرۇتى شەرىفلىرىڭىزگە ئىگە بولدۇق، ئوقۇشقا باشلىدۇق. سىز داۋاملىق ئوقۇغان بۇ تولىمۇ قىممەتلىك، تولىمۇ مۇبارەك دۇئالار بىزنىڭ زىكرىمىز، بىزنىڭ دۇئايىمىز بولدى، ئەلھەمدۇلىللاھ! ئەمما رىسالىلەرنى ئوقۇشقا ئەڭ كۆپ غەيرەت كۆرسىتىۋاتىمىز، ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىۋاتىمىز. چۈنكى نۇر رىسالىلىرىنى قانچىلىك پاتپات ئوقۇپ تۇرساق، بۇ دۇئالاردىن تېخىمۇ بەك ھۇزۇر ئېلىۋاتىمىز. دۇئالارنى، زىكىرلەرنى مۇبارەك كېچىلەردە، بولۇپمۇ رەغائىب كېچىسى، مىراج كېچىسى، بارات كېچىسى، قەدر كېچىسى ۋە جۈمە كېچىلىرىدە ئوقۇۋاتىمىز.

  جانابى ﷲ، شەپقەتكە ئىنتايىن مۇھتاج بولغان بىز ئاياللارغا، سىزدەك تولىمۇ شەپقەتلىك، تولىمۇ مەرھەمەتلىك بىر زاتنى ئۇستاز قىلدى. زېمىن يۈزىدە ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ يۈكسەك، ئەڭ ھەقىقىي بىر مۇرشىد بولغان نۇر رىسالىلىرىنى بىزلەرگە ئېھسان قىلدى.

  ۋاپات بولغاندىن كېيىن بىز مۇرشىدسىز قالىدىغان فانىي بىر ئۇستازغا يېپىشمايۋاتىمىز. ئۆلمەيدىغان، باقىي بولغان قۇرئاننىڭ تەپسىرى بولغان رىسالەئى نۇردەك ئەبەدىي بىر ئۇستازىمىز بار. ئۇستازىمىز بىزگە ئەبەدىي ئۇستازلىق قىلىدۇ، بىزگە ھامىي بولىدۇ، بىزنى تا ئۆلگۈچە نۇرلاندۇرىدۇ ئىنشائاللاھ.

  ئاللاھىمىزغا كۆپ شۈكۈرلەر بولسۇن، بىز ئەمدى بىر ئالىي مەكتەپ بولغان نۇر مەكتىپىگە كىردۇق. قۇرئان نۇرلىرىغا باغلاندۇق. رىسالەئى نۇر بىزنىڭ يۈكسەك دەرسلىكىمىزدۇر. رىسالەئى نۇر بەكمۇ بۈيۈك نۇر مەنبەسى، بەكمۇ مول ھۇزۇر خەزىنىسىدۇر. بىز ئاياللار نۇر تالىپى بولغىنىمىزدىن ئىپتىخارلىنىمىز، شەرەپ ھېس قىلىمىز. بۇ ئالدامچى زاماندا، ھالاكەتلەر ئىنسانىيەتنى بوغقان بۇ ئەسىردە، قوغدىغۇچى ئەڭ بۈيۈك قەلئە، رىسالەئى نۇرغا تالىپ بولۇشتۇر. رىسالەئى نۇر تالىپلىقى، ئەڭ بۈيۈك بىر شەرەپتۇر. قۇرئان ھەقىقەتلىرىنى قەلبىمىزگە، روھىمىزغا، ئەقلىمىزگە سىڭدۈرگەن نۇر رىسالىلىرىگە باغلىنىش قۇرئانغا، ئىسلامىيەتكە باغلىنىشتۇر.

  بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ ساددىلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى ئالداۋاتقان كىشىلەر كۆپ بولغان بۇ قالايمىقان دەۋردە، ئەڭ توغرا يول، ئەڭ توغرا رەھبەر، ئەڭ ھەقىقىي ئۇستاز رىسالەئى نۇردۇر. رىسالەئى نۇر، قۇرئان يولىدۇر. رىسالەئى نۇر، ئىمان ۋە ئىسلامىيەت يولىدۇر. ئەڭ گۈزەل، ئەڭ شېرىن، ئەڭ ھۇزۇرلۇق نۇرانىي ھەقىقەتلەر رىسالەئى نۇردىدۇر. ئىنسان كەلىمەئى تەۋھىدنى زىكىر قىلغاندا، قۇرئان ئوقۇغاندا قانچىلىك ئىلاھىي بىر ئىشققا تولغان بولسا؛ رىسالەئى نۇرنى ئوقۇغاندا ۋە ئاڭلىغاندىمۇ شۇنداق بولىدۇ. چۈنكى رىسالەئى نۇر باشتىن ئاياغ كەلىمەئى تەۋھىدنىڭ ھەقىقەتلىرىنى دەرس بەرمەكتە. قۇرئان ھەقىقەتلىرىنى، تەۋھىد ھەقىقەتلىرىنى بىزگە چۈشەندۈرۈپ، قەلبىمىزگە، ئەقلىمىزگە، روھىمىزغا نەقىش قىلىپ ئويماقتا. ھەممىسىنى لايىقىدا چۈشىنەلمىسەكمۇ، چۈشىنەلىگىنىمىز بىزنى قۇتقازماقتا. بىز چۈشىنەلمىگەن يۈكسەك ھەقىقەتلەرمۇ، مەنىۋى جەھەتتىن بىزگە تەسىر قىلماقتا، ھۇزۇرلاندۇرماقتا، نۇرلاندۇرماقتا. شۇنداق بولغاچقا، نۇر رىسالىلىرى قېتىمقېتىملاپ ئوقۇلماقتا، تەكرارتەكرار مۇتالىئە قىلىنماقتا.

ئۇستازىمىز ھەزرەتلىرى!

  سىز ئالدىمايدىغان، ئۆزى سۆزى بىلەن بىردەك بولغان، ئىلمىگە ئەمەل قىلغان ھەقىقىي بىر ئۇستازسىز. ئەڭ مۇستەقىم، ھەقىقىي بىر مۇرشىدى كامىلسىز. ناۋادا سىزگە بېرىلگەن ھەدىيەلەرنى ھازىرغا قەدەر رەت قىلمىغان بولسىڭىز، ئالتۇندىن ساراي قۇرغىلى بولاتتى. سىز نۇر رىسالىلىرى بىلەن ھەقىقىي بىر ئۇستاز، ھەقىقىي ئەڭ بۈيۈك مۇرشىدسىزكى، ئۆزىڭىز ئۈچۈن دۇنيا پايدىلىرىنى توپلىمىدىڭىز، دۇنيا بايلىقلىرىنى جەملىمىدىڭىزدۇنيانى تەرك قىلدىڭىز. پەقەت ﷲ رازىلىقى ئۈچۈن ئىمان دەرسلىرىنى بەردىڭىز، قۇرئانغا خىزمەت قىلدىڭىز. دېمەك، سىزدىكى بۇ ئىخلاس ئۈچۈندۇركى، بىز ئاياللار ۋە مىليونلارچە ئەرلەر، ياشانغانلار ۋە ياشلار، كىتابلىرىڭىزغا ئېسىلماقتادەرسلىرىڭىزنى ئىشەنچ بىلەن داۋام قىلماقتا. دىن ئۈچۈن، ئىمان ئۈچۈن پىدائىي بولماقتا. رىسالەئى نۇر يولىدا پۈتۈن مۈشكۈلاتلارغا كۆكرەك كېرىمەكتە. سىزنىڭ سۆزلىرىڭىزگە تولىمۇ ئەھمىيەت بەرمەكتە، ئىشەنمەكتە

  سىز قۇرئانى كەرىمدىكى ئاياللارنىڭ قىممىتىنى، ئىپپەت ۋە نۇمۇسىنى قوغدىغان، ھەمدە ئۇلارنى پەسكەش نەزەرلەردىن ساقلىغان ئايەتنى تەپسىر قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن، دىنسىزلار سىزنى يوقۇتۇش ئۈچۈن سوت مەھكىمىلىرىگە تاپشۇردى، زىندانلارغا تاشلىدى. ئۇ مەھكمىلەردە سىزگە بېرىلىدىغان ئۆلۈم جازاسىدىن ئەسلا قورقمىدىڭىز. چىدىغۇسىز ئىسكەنجىلەرگە بەرداشلىق بەردىڭىز، قورقمىدىڭىز. يەنە شۇ ئايەتى كەرىمىنىڭ تەپسىرى بولغان ۋە ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان رىسالىڭىزنى چىدامچانلىق بىلەن مۇداپىئە قىلدىڭىز. بۇ ئەسىردە ئەسكىلىكلەر ئىچىدە قالغان ۋە دىنىي، ھەقىقىي بىر قوغدىغۇچىغا بەكمۇ مۇھتاج بولغان ئاياللارنى گۇناھلاردىن ساقلايدىغان، يۈكسەلتىدىغان رىسالىڭىزنى ئاخىرى نەشىر قىلدىڭىز، بىزلەرگە ياردەمگە يېتىشتۈردىڭىز. بىزگە ئەرلىرىمىز دەۋاتىدۇكى: «بۇ ئوتتۇزقىرىق يىل ئىچىدە، ئاياللارنى مۇداپىئە قىلىدىغان ئىسلامىي بىر ئەسەرنى يېزىشقا ھېچ كىشى جاسارەت قىلالمىدى. بۇنداق بىر ئەسەرنى، دىنسىزلارنىڭ ئىسكەنجىلىرى ئاستىدا، پەقەت بەدىئۇززامانلا يازالىدى. ئاياللار ئالىمىگە بۈيۈك بىر رەھبەر بولدى…»

  ئۇستازىمىز! سىز، دىنسىزلار كۆپ بولغان مۇشۇنداق بىر زاماندا، سىزنى يوقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان مەھكىمىلەردە قۇرئاننى ۋە ئىسلامىيەتنى مۇداپىئە قىلدىڭىز.

  كامىل مۇرشىدنىڭ قانداق بىر زات بولىدىغانلىقىنى، ئابدۇلقادىر گەيلانىي (ر.ئە)، شاھى نەقشىبەند (ر.ئە)، ئىمامى رەببانىي (ر.ئە) ھەزرەتلىرى كەبى بۈيۈك زاتلارنىڭ كىتابلىرىدىن بىلگەن قېرىنداشلىرىمىز بار. بىزلەر، ئەڭ بۈيۈك بىر ئۇستازنىڭ، ئەڭ بۈيۈك بىر مۇرشىدى كامىلنىڭ شەرتلىرىنى، ھاللىرىنى، سۈپەتلىرىنى سىزدىن تامامەن تاپماقتىمىز، ئەسەرلىرىڭىزدە ئوقۇماقتىمىز. مۇرشىدى كامىل، پەقەت بىز يۇقىرىدا بىرئىككى سۈپىتىنى بايان قىلغان شەكىلدە بولغان بىر زاتتۇر. بىز، پەقەت ئەنە شۇنداق بولغان سىزدەك بىر ئۇستازغا ۋە ئەسەرلىرىڭىزگە باغلانماقتىمىز. بالىلىقىڭىزدىن بېرى ئىستىقامەت بىلەن ئۆتكەن سىزنىڭ ھاللىرىڭىزنى كۆپلەر ئەينەن كۆرگىنىگە ئوخشاش، سوت مەھكىمىلىرىدىمۇ سىزنىڭ ھالىڭىز ئايان بولدى. بۇلار سىزنىڭ بۇ زاماندا ئوخشىشى بولمىغان، ئەسەر ساھىبى بولغان ئەڭ بۈيۈك بىر زات ئىكەنلىكىڭىزگە دەلىلدۇر.

  سىزنىڭ رىسالەئى نۇر ئەسەرلىرىڭىزگە چىن كۆڭۈلدىن ئىشەنچ باغلىدۇق. قۇرئان نۇرىنى سۆيگۈ بىلەن، مۇھەببەت بىلەن ئوقۇۋاتىمىز. سىز پۈتۈن ئۆمرىڭىزدىكى ھاللىرىڭىز بىلەن، شانشەرەپلىك سەييىدىمىز پەيغەمبىرىمىز ھەزرەتلىرىنىڭ ماڭغان قۇرئان يولىدىن كېتىۋاتىسىز. دىنىي ئەسەرلەر چەكلەنگەن ئېچىنىشلىق كۈنلەردە، ئىماننى قۇتقۇزىدىغان نۇر رىسالىلىرىدەك ئەسەرلەرنى روياپقا چىقاردىڭىز.

  سەييىدىمىز ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ يولىغا دەل ئەگەشكەنلىكىڭىزدىن، قەتلى قىلىنىشتىن، سوتلاردىن، زۇلۇملاردىن قورقمىدىڭىز. ھەمدە ﷲنىڭ ئىنايىتى بىلەن، بىر يۈز ئوتتۇز پارچە نۇر رىسالىلىرىنى مەيدانغا كەلتۈردىڭىز. تىك تۇرغان ئارسلانلار كەبى، ئىسلام دىنىنى جازا مەھكىمىلىرىدە مۇداپىئە قىلدىڭىز.

ئەزىز ئۇستازىمىز!

  يىگىرمە يىلدىن بېرى رىسالەئى نۇرغا خىزمەت قىلغان قىممەتلىك تالىپىڭىز، مۆھتىرەم ئانىمىز ئاسىيە خانىم بۇ يەردە. بىزلەرگە رىسالەئى نۇرنى تونۇتتى. ئاياللار ئارىسىدا ئىمان ئۈچۈن، رىسالەئى نۇر ئارقىلىق بۈيۈك خىزمەتلەرنى قىلدى. ئەنقەرەدىكى ئانىمىز رىسالەئى نۇرغا ئىخلاس بىلەن خىزمەت قىلماقتا. كۆپلىگەن خانىملارنىڭ رىسالەئى نۇر بىلەن بەختسائادەت تېپىشىغا، ئىمانلىرىنىڭ قۇتۇلۇشىغا سەۋەب بولماقتا. ئافيون شەھرى تەرەپتىكى شاھادەتلىك، نۇرلۇق، پائال رىسالەئى نۇر ئوقۇغۇچى قېرىندىشىمىز رىسالەئى نۇرنىڭ مەسلىكىگە ئۇيغۇن ھالدا خىزمەت قىلىۋېتىپتۇ. نۇرغۇن ئاياللار، ياش قىزلار ئۇنىڭ ۋاستىسى بىلەن رىسالەئى نۇردىن ئىمان دەرسى ئوقۇش سائادىتىگە ئېرىشىۋېتىپتۇ. ئانتاليادىمۇ نۇرغۇن رىسالەئى نۇر ئوقۇغۇچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ رىسالەئى نۇر ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى، رىسالەئى نۇرنى يازغانلىقلىرىنى ئاڭلىدۇق. تولىمۇ خۇرسەن بولدۇقھەمدە نۇرلار ئۈچۈن تىرىشقان بۇ نۇرلارنى ئوقۇغۇچى قېرىنداشلىرىمىزغا ۋە ۋەتىنىمىزدىكى بارلىق ئاخىرەتلىك قېرىنداشلىرىمىزغا دۇئا قىلىمىز، ئۇلارنى چىن كۆڭلىمىزدىن تەبرىكلەيمىز.

  ئۇزۇن يازدۇق، سىزدىن كەچۈرۈم سورايمىز. نۇرغا بولغان مۇھەببەت، نۇرغا بولغان سۆيگۈ بىزنى تۇرغۇزمايۋاتىدۇ. دائىما نۇردىن سۆزلىشىمىز. ھەر زامان تىلىمىزدا، قەلبىمىزدە، روھىمىزدا نۇر سۆيگۈسى!… نۇر ئوقۇيمىزنۇر يەتكۈزىمىزنۇر يايىمىز ئىنشائاللاھ

  ئەنقەرەدە رىسالەئى نۇر مەتبۇئاتلاردا مىڭلاپ بېسىلىۋېتىپتۇ. بۇ ئەڭ چوڭ بايرىمىمىزدۇر. بۇ بايرام، پۈتۈن دۇنيادىكى دىن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بايرىمىدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋۋال سىز ئۇستازىمىزنى ۋە پۈتۈن رىسالەئى نۇر تالىپلىرىنى تەبرىكلەيمىز. بۇ يەردىكى رىسالەئى نۇر بىلەن ئالاقىدار ئاخىرەتلىك ھەمشىرىلىرىمىز ۋە بىزلەر سىزگە بەك كۆپ سالام ۋە دۇئالارنى قىلىۋاتىمىز. ئەڭ يۈكسەك ھۆرمەت بىلەن قوللىرىڭىزنى سۆيىمىز.

ئۇستازىمىز ھەزرەتلىرى!

  بىز بۇ دەھشەتلىك زاماندا، رىسالەئى نۇردىن ئالغان دەرسلىرىمىز بىلەن ئىماننى قازىنىشتەك چەكسىز بىر سائادەتكە نائىل بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، قەلبىمىزدە تۇغۇلغان شۈكرانىلىرىمىزنى مانا بۇ سۈرەتتە يازدۇق. ئەگەر قولىمىزدىن كەلسە، رىسالەئى نۇرنىڭ ئاياللارغا ۋە پۈتۈن ئىسلام مىللەتلىرىگە بەرگەن پايدىلىرىنى، مىڭلارچە سەھىپىلەر تولغۇدەك قىلىپ قەلەمگە ئالاتتۇق. ئەمما مۇمكىن بولمايدۇ.

  شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، مىليونلاچە ئاياللار نۇر رىسالىلىرىنىڭ دائىرىسىگە، رىسالەئى نۇر دەرسلىرىگە پەرۋانىلەردەك ئېتىلىدۇ. رىسالەئى نۇردىن مۇقەددەس ئىمان دەرسلىرىنى ئالىدۇ، ئاڭلايدۇ. نۇر ئاسمىنىدا نۇرلار پارلايدۇ. فىردەۋس جەننىتىنى قازاندۇرىدىغان ئىمان نىئمىتىگە نائىل بولىدۇ.

بەكمۇ شەپقەتلىك، بەكمۇ مەرھەمەتلىك ئۇستازىمىز!

  رىسالەئى نۇرنىڭ بۇ بۈيۈك بايرىمىنى تەكرار تەبرىكلەيمىزبىز، سىز شەپقەتلىك ئۇستازىمىزدىن، رىسالەئى نۇردىن تا ئۆلگەنگە قەدەر ئايرىلمايمىز. سىز ۋە رىسالەئى نۇر دۇنيادا مۇرشىدىمىز، ئاخىرەتتە شاپائەتچىمىزسىلەر. جېنىمىز قۇرئان ۋە ئىمان نۇرى بولغان رىسالەئى نۇر ئۈچۈن ۋە قۇرئان ئېلانچىسى بولغان سىز ئۇستازىمىز ئۈچۈن قۇربان بولسۇن. ھەر نەرسىمىز رىسالەئى نۇرغا پىدا بولسۇن

اَلْبَاقِى هُوَ الْبَاقِى

ئىستانبۇلدىكى دۇئايىڭىزغا مۇھتاج

تالىبەلىرىڭىز ۋە مەنىۋىي ئەۋلاتلىرىڭىز:

خەيرۇننىسا، سەييىدە، ئەمىنە، فاتىمە


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.