Etiket: مۇھتاج

  • نېمە ئامال!مۆھتەرەم ئۇستازىم- ھەقىقەتكە بىز قىز- ئاياللار تېخمۇ مۇھتاج

    نېمە ئامال!مۆھتەرەم ئۇستازىم- ھەقىقەتكە بىز قىز- ئاياللار تېخمۇ مۇھتاج

    (ھەسەن فەيزى، خەلىل ئىبراھىمدەك نۇرنىڭ قەھرىمانلىرى كەبى، ئىستانبۇلدىكى ئاياللار ئىچىدىن نۇرلارغا ئاجايىپ بىر ئالاقىدارلىق كۆرسەتكەن خانىملارنىڭ مەكتۇبىدۇر.) بِاسْمِهِ سُبْحَانَهُ بەكمۇ مۆھتەرەم، بەكمۇ مۇبارەك، بۈيۈك ئۇستازىمىز ھەزرەتلىرى!   بىز ئاجىز بىچارىلەرنى تالىپلىققا قوبۇل قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن بەكمۇ سۆيۈندۇق. گويا دۇنيالار بىزنىڭ بولدى. كۆزلىرىمىز سۆيۈنچ ياشلىرى بىلەن تولدى. يىغلىدۇق… ۋە يىغلاپ، ئۇلۇغ رەببىمىزگە چەكسىز شۈكۈرلەر ئېيتتۇق. جانابى ھەق بىز پېقىرلەرنى، […]

  • روزىنىڭ نەفسنىڭ ئەخلاقىنى ياخشىلاش ۋە ئىتائەتسىزلەرچە مۇئامىلىلىرىدىن ۋاز كەچۈرۈشكە قارىغان كۆپ ھىكمەتلىرىدىن بىرىسى

    روزىنىڭ نەفسنىڭ ئەخلاقىنى ياخشىلاش ۋە ئىتائەتسىزلەرچە مۇئامىلىلىرىدىن ۋاز كەچۈرۈشكە قارىغان كۆپ ھىكمەتلىرىدىن بىرىسى

      بەشىنچى نۇقتا: رامىزانى شەرىپتىكى روزىنىڭ نەفسنىڭ ئەخلاقىنى ياخشىلاش ۋە ئىتائەتسىزلەرچە مۇئامىلىلىرىدىن ۋاز كەچۈرۈشكە قارىغان كۆپ ھىكمەتلىرىدىن بىرىسى شۇدۇركى: ئىنساننىڭ نەفسى غەپلەت بىلەن ئۆزىنى ئۇنۇتىدۇ. ماھىيىتىدىكى چەكسىز ئاجىزلىقىنى، چەكسىز پېقىرلىقىنى ۋە چەكسىز دەرىجىدىكى قۇسۇرىنى كۆرەلمەيدۇ ۋە كۆرۈشنى خالىمايدۇ. ھەمدە ئىنتايىن زەئىپ، زاۋال تېپىشقا تەييار ۋە بالا–مۇسىبەتلەرگە دۇچار ئىكەنلىكىنى، تېز بۇزۇلۇپ چىرىيدىغان گۆش ۋە سۆڭەكتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى […]

  • ئىنساندىكى ئىككى تەرەپ- ھەم ياخشى ھەم يامان

    ئىنساندىكى ئىككى تەرەپ- ھەم ياخشى ھەم يامان

       بىرىنچى نۇكتە: ئىنسان مەۋجۇداتلار ئالىمىنىڭ كۆپلىگەن تۈرلىرىگە مۇھتاج ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقىداردۇر. ئېھتىياجلىرى ئالەمنىڭ ھەر تەرىپىگە تارالغان، ئارزۇلىرى ئەبەدكە قەدەر ئۇزارغان. بىر گۈلنى خالىغىنىدەك بىر باھارنىمۇ خالايدۇ. بىر باغچىنى ئارزۇ قىلغاندەك، ئەبەدىي جەننەتنىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. بىر دوستىنى كۆرۈشكە ئىنتىزار بولغاندەك، چەكسىز گۈزەللىك ۋە ئۇلۇغلۇق ئىگىسى بولغان ﷲنىمۇ كۆرۈشكە ئىنتىزاردۇر. باشقا بىر يەردىكى سۆيگىنىنى زىيارەت […]

  • …ئاجىزلار ئىتتىپاققا مۇھتاج بولغانلىقى ئۈچۈن قۇۋۋەتلىك ئىتتىپاقلىشىدۇ

    …ئاجىزلار ئىتتىپاققا مۇھتاج بولغانلىقى ئۈچۈن قۇۋۋەتلىك ئىتتىپاقلىشىدۇ

    بەشىنچى سەۋەب:   ھىدايەت ئەھلىنىڭ ئىختىلاپ ۋە ئىتتىپاقسىزلىقى ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقىدىن بولمىغىنىدەك، ئازغۇنلارنىڭ قۇۋۋەتلىك ئىتتىپاقلىقىمۇ ئۇلارنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن كەلگەن ئەمەستۇر. بەلكى ھىدايەت ئەھلىنىڭ ئىتتىپاقسىزلىقى كامىل ئىماندىن كەلگەن تايانچ كۈچتىن ۋە ئۇ تايانچ كۈچتىن كېلىپ چىققان قۇۋۋەتتىن كەلگەنلىكىدەك؛ ئەھلى غەپلەت ۋە ئەھلى زالالەتنىڭ ئىتتىپاقلىرى قەلبتە تايانچ نۇقتا تاپالماسلىق نەتىجىسىدىكى زەئىپلىك ۋە ئاجىزلىقلىرىدىن كەلگەندۇر. چۈنكى ئاجىزلار ئىتتىپاققا مۇھتاج بولغانلىقى ئۈچۈن قۇۋۋەتلىك […]