ئىنساندىكى ئىككى تەرەپ- ھەم ياخشى ھەم يامان

ئىنساندىكى ئىككى تەرەپ- ھەم ياخشى ھەم يامان

   بىرىنچى نۇكتە: ئىنسان مەۋجۇداتلار ئالىمىنىڭ كۆپلىگەن تۈرلىرىگە مۇھتاج ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقىداردۇر. ئېھتىياجلىرى ئالەمنىڭ ھەر تەرىپىگە تارالغان، ئارزۇلىرى ئەبەدكە قەدەر ئۇزارغان. بىر گۈلنى خالىغىنىدەك بىر باھارنىمۇ خالايدۇ. بىر باغچىنى ئارزۇ قىلغاندەك، ئەبەدىي جەننەتنىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. بىر دوستىنى كۆرۈشكە ئىنتىزار بولغاندەك، چەكسىز گۈزەللىك ۋە ئۇلۇغلۇق ئىگىسى بولغان ﷲنىمۇ كۆرۈشكە ئىنتىزاردۇر. باشقا بىر يەردىكى سۆيگىنىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن، ئۇ يەرنىڭ ئىشىكىنى ئېچىشقا مۇھتاج بولغىنىدەك، قەبىر ئالىمىگە كۆچۈپ كەتكەن يۈزدە توقسان توققۇز دوستيېقىنلىرىنى زىيارەت قىلىش ۋە ئۇلاردىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، بۇ دۇنيانىڭ ئىشىكىنى تاقاپ، ئاجايىپ ھادىسىلەر مەيدانى بولغان ئاخىرەت ئىشىكىنى ئاچىدىغان، دۇنيانىڭ ئورنىغا ئاخىرەتنى قۇرىدىغان ۋە قويىدىغان بىر چەكسىز قۇدرەت ئىگىسى بولغان ﷲنىڭ دەرگاھىغا ئىلتىجا قىلىشقا مۇھتاجدۇر. ئەنە شۇ ئەھۋالدىكى بىر ئىنسانغا ھەقىقىي مەبۇد بولسا، پەقەتلا ھەر نەرسىنىڭ تىزگىنى قولىدا، ھەر نەرسىنىڭ خەزىنىسى يېنىدا، ھەر يەردە ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى، ماكانغا باغلىنىشچانلىقى بولمىغان، ئاجىزلىقتىن مۇستەسنا، قۇسۇر ۋە كەمچىلىكتىن پاك بولغان چەكسىز قۇدرەت ۋە ھەيۋەت ئىگىسى، چەكسىز مەرھەمەت ۋە گۈزەللىك ئىگىسى، چەكسىز ھىكمەت ۋە كامالەت ئىگىسى بولغان ﷲ بولالايدۇ. چۈنكى ئىنساننىڭ چەكسىز ھاجەتلىرىنى تەمىنلىگەن پەقەتلا ھەممىگە قادىر بولغان، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلىم ئىگىسى بولغان زاتلا بولالايدۇ. ئۇنداقتا مەبۇدلۇققا لايىق پەقەت ئۇدۇر.

   ئەي ئىنسان! ئەگەر پەقەت ئۇنىڭغىلا قۇل بولساڭ، بارلىق مەۋجۇدات ئۈستىدە بىر مەرتىۋە قازىنىسەن. ئەگەر قۇلچىلىقتىن يۈز ئۆرىسەڭ، ئاجىز مەخلۇقاتلارغا پەس بىر قۇل بولۇپ قالىسەن. ئەگەر مەنمەنچىلىكىڭگە ۋە ئىقتىدارىڭغا ئىشىنىپ، تەۋەككۈل ۋە دۇئانى تاشلاپ، تەكەببۇر ۋە ئىسيان قىلىشقا چۈشسەڭ، ئۇ چاغدا ياخشىلىق ۋە ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش جەھەتىدە ھەرە ۋە چۈمۈلىدىن تۆۋەن، ئۆمۈچۈك ۋە چىۋىندىنمۇ ئاجىز بولىسەن. يامانلىق ۋە بۇزۇش جەھەتىدە بولسا تاغدىنمۇ ئېغىر، ۋابادىنمۇ زىيانلىق بولىسەن.

   ئەي ئىنسان! سەندە ئىككى جەھەت بار. بىرىسى: ئىجاد (ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش)، بارلىق، ياخشىلىق، مۇسبەت ۋە ئىشھەرىكەت جەھەتىدۇر. يەنە بىرى: بۇزۇش، يوقلۇق، يامانلىق، مەنفى ۋە تەسىرگە ئۇچراش جەھەتىدۇر.

   بىرىنچى جەھەت ئېتىبارى بويىچە، ھەرە ۋە قۇشقاچتىن تۆۋەن، چىۋىن ۋە ئۆمۈچۈكتىن ئاجىزسەن. ئىككىنچى جەھەت ئېتىبارى بويىچە، تاغ، يەر، كۆكلەردىن ئاشىسەن، ئۇلار چېكىنگەن ۋە ئاجىزلىق كۆرسەتكەن بىر يۈكنى كۆتۈرىسەن، ئۇلاردىن تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ چوڭ بىر دائىرىگە ئىگە بولىسەن. چۈنكى سەن ياخشىلىق ۋە ئىجاد قىلغان ۋاقىت، پەقەت تاقىتىڭ قەدەر، قولۇڭ يېتىشكىدەك دەرىجىدە، قۇۋۋىتىڭ يەتكىدەك مەرتىۋىدىلا ياخشىلىق ۋە ئىجاد قىلالايسەن. ئەگەر يامانلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلساڭ، ئۇ يامانلىقىڭ، بۇزغۇنچىلىقىڭ ھەسسىلەپ نەتىجە بېرىدۇ. مەسىلەن، كۇفۇر بىر يامانلىقتۇر، بىر بۇزغۇنچىلىقتۇر، ھەقىقەتنى يوققا چىقىرىشتۇر. لېكىن ئۇ بىرلا يامانلىق، پۈتۈن كائىناتتىكى ھەممە نەرسىنى ھاقارەتلەش، پۈتۈن ئىلاھىي ئىسىملارنى پەس كۆرۈش، پۈتۈن ئىنسانىيەتنى رەزىل كۆرۈش ھېساپلىنىدۇ. چۈنكى شۇ مەۋجۇداتلارنىڭ ئالى بىر دەرىجىسى، ئەھمىيەتلىك بىر ۋەزىپىسى باردۇر. يەنى ئۇلار رەببانىي خەت، سۇبھانىي ئەينەك، ئىلاھىي خىزمەتچىلەردۇر. كۇفۇر بولسا ئۇلارنى ئەينەك، ۋەزىپىدار ۋە مەنىدار بولۇش مەرتىۋىسىدىن چۈشۈرۈپ، بوشلۇق ۋە تاسادىپىيلىقنىڭ ئويۇنچۇقى بولۇش دەرىجىسىگە، يوقىلىش ۋە ئايرىلىشقا يۈز تۇتۇش بىلەن تېز بۇزۇلۇپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ماددا دەرىجىسىگە، ئەھمىيەتسىزلىك، قىممەتسىزلىك، يوقلۇق دەرىجىسىگە ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، پۈتۈن كائىناتتا ۋە مەۋجۇداتلارنىڭ ئەينەكلىرىدە نەقىشلىرى، جىلۋىلىرى ۋە جاماللىرى كۆرۈنگەن ئىلاھىي ئىسىملارنى ئىنكار قىلىپ پەس كۆرسىتىدۇ. شۇنداقلا ئىنسانلىق دېيىلگەن ﷲنىڭ بارلىق مۇقەددەس ئىسىملىرىنىڭ جىلۋىلىرىنى گۈزەل ھالدا ئېلان قىلغان(ياكى كۆرسەتكەن) ھىكمەت قەسىدىسىگە ئوخشاش، ھەمدە ئۆلمەس بىر دەرەخنىڭ پروگراممىلىرىنى ئىچىگە ئالغان ئۇرۇققا ئوخشاش ئوچۇق بىر قۇدرەت مۆجىزىسىنى، شۇنداقلا ئەڭ چوڭ بىر ئامانەتنى زىممىسىگە ئېلىش ئارقىلىق يەر، كۆك، تاغلاردىن ئۈستۈن كەلگەن ۋە پەرىشتىلەرگە نىسبەتەن ئۈستۈنلۈك قازانغان، زېمىندىكى خەلىپىلىك مەرتىۋىسىنىڭ ئىگىسىنى ئەڭ خار بىر فانىي ھايۋاندىن تېخىمۇ خار، تېخىمۇ زەئىپ، تېخىمۇ ئاجىز، تېخىمۇ مۇھتاج بىر دەرىجىگە ئاتىدۇ. ھەمدە مەنىسىز، قالايمىقان، تېز بۇزۇلىدىغان ئاددى بىر لەۋھە دەرىجىسىگە چۈشۈرىۋېتىدۇ.

  نەتىجە: يامانلىقنى خالىغان نەفىس، بۇزۇش ۋە يامانلىق جەھەتى بويىچە چەكسىز جىنايەت قىلالايدۇ. لېكىن ئىجاد ۋە ياخشىلىقتا ئىقتىدارى ناھايىتى ئاز ۋە چەكلىكتۇر. شۇنداق، بىر ئۆينى بىر كۈندە بۇزۇپ خاراپ قىلىدۇ، يۈز كۈندە ياسىيالمايدۇ.

  ئەگەر مەنمەنچىلىكنى تاشلىسا، ياخشىلىق ۋە ۋۇجۇتقا چىقىرىشنى ﷲدىن تىلىسە، يامانلىق، بۇزغۇنچىلىق ۋە نەفسىگە ئەگىشىشتىن ۋاز كەچسە، ئىستىغفار قىلىپ، دۇرۇس قۇل بولسا ئۇ چاغدا ﴿يُبَدِّلُ اللّهُ سَيِّئَاتِهِمْ حَسَنَاتٍ﴾(فۇرقان:70) سىرىغا ئىگە قىلىدۇ. ئۇنىڭدىكى چەكسىز يامانلىق قابىلىيىتى، چەكسىز ياخشىلىق قابىلىيىتىگە ئالمىشىدۇ. ئەھسەنە تەقۋىم قىممىتىنى ئېلىپ، ئالايى ئىللىييىنگە چىقىدۇ.

  ئەي غافىل ئىنسان! جانابى ﷲنىڭ ئېھسان ۋە ئىنايىتىگە قارا: بىر گۇناھنى مىڭ يېزىش، ساۋاپنى بىر ياكى ھېچ يازماسلىق ئادالەت تۇرسىمۇ، بىر گۇناھنى بىر يازىدۇ، بىر ساۋاپنى ئون، بەزىدە يەتمىش، بەزىدە يەتتەيۈز، بەزىدە يەتتەمىڭ يازىدۇ. ھەم شۇ نۇقتىدىن چۈشەنكى، ئۇ دەھشەتلىك جەھەننەمگە كىرىش، قىلغان ئىشنىڭ جازاسىدۇر. ھەقىقىي ئادىللىقتىندۇر. لېكىن جەننەتكە كىرىش بولسا، چەكسىز ساخاۋەت ۋە مەرتلىكتىندۇر.

—————————————————————

*سۇبھانىي: ﷲنىڭ «سۇبھان»(پۈتۈن قۇسۇرلاردىن پاك بولغان) ئىسمىغا ئائىت.-ت


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.