رامىزانى شەرىپتىكى روزىنىڭ نەفسنى تەربىيە قىلىشقا قارىغان جەھەتتىكى كۆپ ھىكمەتلىرىدىن بىر ھىكمىتى

رامىزانى شەرىپتىكى روزىنىڭ نەفسنى تەربىيە قىلىشقا قارىغان جەھەتتىكى كۆپ ھىكمەتلىرىدىن بىر ھىكمىتى

  تۆتىنچى نۇقتا: رامىزانى شەرىپتىكى روزىنىڭ نەفسنى تەربىيە قىلىشقا قارىغان جەھەتتىكى كۆپ ھىكمەتلىرىدىن بىر ھىكمىتى شۇدۇركى: نەفس ئۆزىنىڭ ھۆر ۋە ئەركىن بولىشىنى خالايدۇ ۋە شۇنداق ئويلايدۇ. ھەتتا مەۋھۇم بىر خۇسۇسىي رۇبۇبىيەتنى ۋە خالىغانچە ھەرىكەت قىلىشنى تەبىئى ھالدا ئارزۇ قىلىدۇ. چەكسىز نىئمەتلەر بىلەن بېقىلىۋاتقانلىقىنى ئويلىنىشنى خالىمايدۇ. بولۇپمۇ دۇنيادا بىر ئاز بايلىق ۋە ئىقتىدارى بولسا، غەپلەتمۇ ياردەم قىلسا، ﷲنىڭ نىئمەتلىرىنى تامامەن ئوغرىلارچە، بۇلاڭتالاڭ قىلغاندەك ھايۋان كەبى يۇتىدۇ.

  رامىزان شەرىپتە بولسا، ئەڭ بايدىن ئەڭ پېقىرغىچە ھەر كىمنىڭ نەفسى چۈشىنىدۇكى، ئۆزىگە ئۆزى مالىك (ئىگە) ئەمەس، بەلكى قۇلدۇر. ھۆر ئەمەس، بەلكى باشقا بىرىنىڭ بەندىسىدۇر. ئەمىر بولمىسا ئەڭ ئاددى ۋە ئەڭ راھەت ئىشلارنىمۇ قىلالمايدۇ. قولىنى سۇغا ئۇزىتالمايدۇ، دەپ مەۋھۇم رۇبۇبىيىتى سۇنىدۇ. ھەقىقى قۇللۇققا كىرىدۇ، ھەقىقى ۋەزىپىسى بولغان شۈكۈرگە يۈزلىنىدۇ.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.