وَ اَسْئَلُكَ بِاَسْمَٓائِكَ يَا حَنَّانُ ❶ يَا مَنَّانُ ❷ يَا دَيَّانُ ❸ يَا غُفْرَانُ ❹ يَا بُرْهَانُ ❺ يَا سُلْطَانُ ❻ يَا سُبْحَانُ ❼ يَا مُسْتَعَانُ ❽ يَا ذَا الْمَنِّ وَ الْبَيَانِ ❾ يَا ذَااْلاَمَانِ ❿
سُبْحَانَكَ لآَ اِلٰهَ اِلآَّ اَنْتَ اْلاَمَانُ اْلاَمَانُ خَلِّصْنَا مِنَ النَّارِ﴿5﴾
ئاللاھىم! سەندىن شۇ ئىسىملىرىڭنىڭ ھەققى ئۈچۈن تىلەيمەن ۋە يالۋۇرىمەن:
ئەي چەكسىز رەھمەت ئىگىسى بولغان ھەننان!❶
ئەي ھەقىقىي ياخشىلىق ۋە ئىھسان ئىگىسى بولغان مەننان!❷
ئەي قۇللىرىنىڭ ئەمەللىرىگە لايىق ئەجىر بەرگەن دەييان!❸
ئەي ئەپۇسى مول بولغان غۇفران!❹
ئەي قۇللىرىغا يول كۆرسەتكۈچى بۇرھان!❺
ئەي ھەقىقىي سەلتەنەت ئىگىسى بولغان سۇلتان!❻
ئەي پۈتۈن قۇسۇر–نۇقسانلاردىن ئۇزاق بولغان سۇبھان!❼
ئەي ئۆزىدىن ياردەم تىلىنىلىدىغان مۇستەئان!❽
ئەي نىئمەت ۋە بايان ئىگىسى!❾
ئەي خاتىرجەملىك ۋە ئامانلىق بەرگۈچى!❿
سەن پۈتۈن قۇسۇر–نۇقسانلاردىن مۇنەززەھسەن، سەندىن باشقا ئىلاھ يوق، مەدەت بىزگە، ئامانلىق بەر، بىزنى جەھەننەم ئازابىدىن خالاس قىل!﴿5﴾