ئايال كىشىنىڭ تەسەتتۈرى ھىجابى« مانتو(ئايالچە پەلتۇ)، پەردەسۈ(پىلاشى) » ئەمەس بەلكى پۈركەنجە چارشاپىدۇر(چارشاپ–باشتىن تا ئاياققىچە بىر پارچە رەخىت ئۆرتىسى).
ئۇستاد بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسى ھەزرەتلىرى، ئەھلى سۈننەت ۋە ئەھلى سۈننەت بولمىغان(مۇئتەزىلەر، شىئە ۋە باشقىلىرىدەك) مەزھەپلەرنىڭمۇ ئىتتىپاق قىلىپ «شەرىئەتكە ئۇيغۇن تەسەتتۈر–چارشاپ»نىڭ پەرىز ئىكەنلىكىنى ھېكمەتلىرى بىلەن بىرگە ئەسەرلىرىدە ئىزاھ قىلغان ۋە ئىسپاتلىغان.
«مانتۇ(پەلتۇ) ۋە بېشىنى يۆگەيدىغان ياغلىق–باش ئۆرتىسى»نى شەرئى تەسەتتۈر دەپ قوبۇل قىلمىغان ئۇستاد بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرى، ئاياللارنىڭ «مانتۇ(پەلتۇ)» كىيىپ، باش ئۆرتىسى–ياغلىق تاقىشى دەل ئەكىسچە تېخىمۇ ئۆزىگە جەلىپ قىلىدىغان بىر ھالەتكە كىلىدىغانلىقىنى، ئەركىشىلەر توپلانغان يىغىلىش ۋە ئولتۇرۇشلارغا، سەمپوزىيۇم(مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە يىغىنى) ۋە كونفىرانىس(مەجىلىس)لارغا قېتىلىشلىرىغا قەتئىييەن پەتىۋا بەرمىگەن. ھەرەملىك(ئاياللارغا مەخسىۇس ئايرىلغان بۆلۈم) ۋە سالاملىق(ئەرلەرگە مەخسۇس ئايرىلغان بۆلۈم)نى ئەمەلدىن قالدۇرمىغان. ئەكىسچە، ئاياللارنىڭ ئۆيلىرىدە قېلىشىنى، سىرىتقا چىققان ۋاقىتلىرىدا بولسا «شەرئى ھىجاپى بولغان چارشاپىنى كېيىپ يۆگىنىپ ئورىنىشىنى مۇداپىيە قىلغان ۋە قۇرئاننىڭ بۇ پەرىز ھۆكىمىنى ئىسپات قىلغان.»