ئىبادەتنىڭ دۇنيا سائادىتىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

﴿يَا اَيُّهَا النَّاسُ اعْبُدُوا رَبَّكُمُ الَّذِى خَلَقَكُمْ وَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ ❁ اَلَّذِى جَعَلَ لَكُمُ اْلاَرْضَ فِرَاشًا وَالسَّمَاءَ بِنَاءً وَاَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَاَخْرَجَ بِهِ مِنَ الثَّمَرَاتِ رِزْقًا لَكُمْ فَلاَ تَجْعَلُوا لِلّهِ اَنْدَادًا وَ اَنْتُمْ تَعْلَمُونَ﴾

«ئى ئىنسانلار! تەقۋادارلاردىن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى ۋە سىلەردىن بۇرۇنقىلارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار. ﷲ سىلەرگە زېمىننى تۆشەك ۋە ئاسماننى بىنا قىلىپ بەردى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، سىلەرگە رىزىق بولۇش ئۈچۈن يامغۇر ئارقىلىق تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى. ئەمدى ﷲقا شېرىك كەلتۈرمەڭلار. ھالبۇكى، سىلەر (نىڭ شېرىكى يوقلۇقىنى) بىلىپ تۇرىسىلەر (سۈرە بەقەرە 20-21)

مۇقەددىمە

  ئەقىدە ۋە ئىمانىي ھۆكۈملەرنى (قەلبتە) قۇۋۋەتلەندۈرۈش ۋە مۇقىملاشتۇرۇش ئارقىلىق (ئۇ جەھەتتە) پىششىق تاكامۇللىشىش ھالىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان پەقەتلا ئىبادەتتۇر. شۇنداق، ﷲنىڭ ئەمرلىرىنى قىلىش، چەكلىمىلىرىنى قىلماسلىقتىن ئىبارەت بولغان ئىبادەت ئارقىلىق ۋىجدانىي ۋە ئەقلىي بولغان ئىمانىي ھۆكۈملەرگە كۈچقۇۋۋەت بېرىلمىسە تەسىرى ئاز ۋە ئاجىز قالىدۇ. بۇنىڭغا ئىسلام ئالىمىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى شاھىتتۇر.

  بەرھەق، ئىبادەت دۇنيا ۋە ئاخىرەت سائادەتلىرىگە ۋاستە بولغىنىدەك؛ ھەم تىرىكچىلىك ۋە سالىھ ئەمەل، يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئىشلىرىنى ئىنتىزامغا سېلىشقا سەۋەبتۇر، ھەم شەخسى ۋە ئومۇمى كامالەتلەرگە ۋاستىدۇر، ھەمدە ياراتقۇچى بىلەن قۇل ئارىسىدىكى ناھايىتى يۈكسەك بىر باغ ۋە شەرەپلىك مۇناسىۋەتتۇر.

  ئىبادەتنىڭ دۇنيا سائادىتىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئىزاھ قىلىدىغان جەھەتلەر:

  بىرىنچى: ئىنسان پۈتۈن ھايۋانلاردىن ئىمتىيازلىق ۋە ئۆزگىچە شەكىلدە، ئاجايىپ ۋە يۈكسەك بىر تۈزۈلمە بىلەن يارىتىلغاندۇر. شۇ سەۋەبتىن ئىنساندا تۈرلۈكتۈرلۈك ئارزۇلار ۋە ئىنتىلىشلەر مەيدانغا كەلگەندۇر. مىسال: ئىنسان ئەڭ گۈزەل نەرسىلەرنى خالايدۇ. ئەڭ مۇكەممەل نەرسىلەرگە ئىنتىلىدۇ، بەك زىننەتلىك نەرسىلەرنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئىنسانىيەتكە لايىق بىر تىرىكچىلىك ۋە شەرەپ بىلەن ياشىغۇسى كېلىدۇ. شۇ ئىنتىلىشلەرنىڭ تەلىپى بويىچە، يەيدىغان، كىيىدىغان ۋە باشقا ھاجەتلىرىنى خالىغىنىدەك بىر شەكىلدە تەمىنلەش ئۈچۈن كۆپلىگەن ھۆنەرسەنئەتلەرگە ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ. ئۇ كەسىپلەرنىڭ ھەممىسىگە قارىتا قابىلىيىتى بولمىغانلىقتىن، باشقا كىشلەر بىلەن «ئەمگەكتە شېرىكلىشىش»كە مەجبۇردۇر. شۇندىلا ھەر بىرىسى ئۆز ئەمگەك مېۋىلىرىنى بۇرادىرى بىلەن ئالماشتۇرش ئارقىلىق ئېھتىياجلىرىنى ياخشى تەمىن قىلالايدۇ.

  بىراق ئىنساندىكى (پايداھۇزۇرغا ئىنتىلگۈچى) قۇۋۋەئى شەھەۋىييە، (زىيان ۋە قىيىنچىلىقتىن قاچقۇچى) قۇۋۋەئى غەزابىييە ۋە (توغراخاتانى ئايرىغۇچى) قۇۋۋەئى ئەقلىييە ھېسلىرى ياراتقۇچى تەرىپىدىن (يارىتىلىش جەھەتتە) چەكلەنمىگەنلىكتىن ۋە ئىنساننىڭ جۈزئىي ئىختىيارى ئارقىلىق تاكامۇللىشىشىنى تەمىن قىلىش ئۈچۈن بۇ ھېسلار ئەركىن قويۇۋېتىلگەنلىكتىن، ئۇ ئالاقە ۋە مۇئامىلىلەردە زۇلۇم ۋە دەخلەتەرۇزلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

  بۇ دەخلەتەرۇزلارنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئىنسانىيەت جامائەتلىرى ئۇ ئەمگەك مېۋىلىرىنى ئالماشتۇرۇشتا ئادالەتكە مۇھتاج بولىدۇ. بىراق ھەر شەخسنىڭ ئەقلى ئۇ ئادالەتنى دەل ئىدراك قىلىشتىن ئاجىز بولغانلىقتىن ئومۇمى بىر ئەقىلگە ئېھتىياج تۇغۇلىدۇ، شۇندىلا شەخسلەر ئۇ ئومۇمى ئەقىلدىن (ئېتىرازسىز) پايدىلىنالايدۇ. ئۇ خىل ئومۇمى ئەقىلمۇ پەقەتلا قانۇن شەكلىدە بولىدۇ، ئۇنداق قانۇنمۇ پەقەتلا شەرىئەتتۇر.

   كېيىن ئۇ شەرىئەتنىڭ تەسىر، ئىجرا ۋە تەتبىقىنى تەمىن قىلىدىغان بىر رەھبەر ۋە مۇراجىئات قىلىنغۇچى لازىمدۇر. ئۇمۇ پەقەتلا پەيغەمبەردۇر. پەيغەمبەر بولغان زاتنىڭمۇ ئىچكى ۋە سىرتقى جەھەتتىن خەلققە قارىتا بولغان ھاكىمىيىتىنى داۋام قىلدۇرۇش ئۈچۈن ماددى ۋە مەنىۋى يۈكسەكلىككە ۋە بىر ئۆزگىچىلىككە ئېھتىياجى بولغىنىدەك، ياراتقۇچى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت دەرىجىسىنى كۆرسىتىش ئۈچۈنمۇ بىر دەلىلگە ئېھتىياجى باردۇر. ئۇ خىل دەلىلمۇ پەقەت مۆجىزىلەردۇر.

  كېيىن ﷲنىڭ ئەمرلىرىگە ۋە چەكلىمىلىرىگە ئىتائەت ۋە بويسۇنۇشنى تەمىن ۋە تەسىس قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بۈيۈكلىكىنى زېھىنلەردە مۇقىم سىڭدۇرۇشكە ئېھتىياج باردۇر. بۇمۇ پەقەت ئەقىدىلەر ئارقىلىق يەنى، ئىمان ھۆكۈملىرىنىڭ ئىنكاسى ئارقىلىق بولىدۇ. ئىمانىي ھۆكۈملەرنىڭ قۇۋۋەتلىنىشى ۋە تەرەققى قىلىشى پەقەتلا تەكرارتەكرار بولۇپ تۇرىدىغان ئىبادەت ئارقىلىق بولىدۇ.

  ئىككىنچى: ئىبادەت، پىكىرلەرنى چەكسىز ھىكمەت ئىگىسى بولغان ياراتقۇچىسىغا بۇراش ئۈچۈندۇر. قۇلنىڭ ئۇ ياراتقۇچىسىغا بولغان يۈزلىنىشى، ئۇنىڭغا ئىتائەت ۋە بويسۇنۇشنى نەتىجىلەندۇرىدۇ. ئىتائەت ۋە بويسۇنۇش بولسا، قۇلنى مۇكەممەل ئىنتىزام ئاستىغا كىرگۈزىدۇ. قۇلنىڭ ئىنتىزام ئاسىتىغا كىرىشى ۋە قانۇنىيەتلەرگە بويسۇنۇشى ئارقىلىق ھىكمەتنىڭ سىرى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ھىكمەت بولسا، كائىنات سەھىپىلىرىدە پارلىغان سەنئەت نەقىشلىرى بىلەن ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.

  ئۈچىنچى: ئىنسان خۇددى ئۇلىنىش مەركىزىگە ئوخشاش، يارىتىلىشنىڭ پۈتۈن قانۇن ۋە ئىنتىزاملىرى ئۈچۈن ۋە كائىناتتىكى ئىلاھىي نىزام ۋە قائىدىلەرنىڭ جىلۋىلىرى ئۈچۈن بىر مەركەزدۇر. شۇڭلاشقا ئىنساننىڭ ئۇ قانۇنلارغا قارىتا باغ ۋە ئالاقە قۇرۇشى، ھەمدە ئۇ نىزام ۋە قائىدىلەرنىڭ ئىتەكلىرىگە يېپىشىپ ئەگىشىشى لازىمدۇر. شۇندىلا ئومۇمى بىر جەرياننى تەمىن قىلغان بولۇش بىلەن بىرگە، ئالەم تەبىقىلىرىدە ئايلىنىۋاتقان سىستىما ۋە مېخانىزىملارنىڭ ھەرىكەتلىرىگە زىتلىق قىلىش نەتىجىسىدە ئۇ مېخانىزىملارنىڭ چاقلىرى ئاستىدا ئېزىلمەيدۇ. بۇمۇ پەقەتلا ئۇ ئەمر ۋە چەكلىمىلەردىن ئىبارەت بولغان ئىبادەت ئارقىلىق بولىدۇ.

  تۆتىنچى: ئەمرلەرگە بويسۇنۇش، چەكلىمىلەردىن قېچىش سايىسىدە، بىر شەخس ئىجتىمائى ھاياتتا كۆپلىگەن ساھەلەر ۋە مەرتىۋىلەر بىلەن مۇناسىۋەتدار بولىدۇ. بولۇپمۇ دىنىي ھۆكۈملەر ۋە ئومۇمى بولغان ئىجتىمائىي ھىكمەتلەر بويىچە بىر شەخس بىر تۈر (كوللىكتىپ) ھۆكمىگە ئۆتىدۇ، يەنى ھوقۇق، شەرەپ، رەھبەرلىك، تۈزىتىش دېگەندەك كۆپلىگەن ۋەزىپىلەر بىر شەخسكە يۈكلىنىدۇ. ئەگەر ئۇ ئەمرلەرگە بويسۇنۇپ چەكلىمىلەردىن قاچقۇچى ئۇ شەخس بولمىسا ئۇ ۋەزىپىلەر تامامەن ئاياغ ئاستى قىلىنغان بولىدۇ.

  بەشىنچى: ئىنسان ئىسلامىيەت سايىسىدا، ئىبادەت تۈرتكىسى بىلەن پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا قارىتا مەھكەم بىر مۇناسىۋەت پەيدا قىلىدۇ. قۇۋۋەتلىك بىر باغلىنىشقا ئىگە بولىدۇ. بۇلار بولسا تەۋرەنمەس بىر قېرىنداشلىققا ۋە ھەقىقى بىر مۇھەببەتكە سەۋەب بولىدۇ. ھەقىقەتتىمۇ ئىجتىمائى ھاياتنىڭ تاكاممۇل ۋە تەرەققى تېپىشىدا ئالدىنقى ۋە بىرىنچى پەشتاقلار قېرىنداشلىق ۋە مۇھەببەتتۇر.

  ئىبادەتنىڭ شەخسى كامالەتكە سەۋەب ئىكەنلىكىنىڭ ئىزاھى:

  ئىنسان جىسمانى جەھەتتە كىچىك، ئاجىز، زەئىپ بولۇشى بىلەن ھايۋانلارغا ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن مەنىۋى جەھەتتىن بەكمۇ يۈكسەك بىر روھ ئىگىسىدۇر. بەكمۇ چوڭ مەنىۋى قابىلىيەتكە مالىكتۇر. ھېساپسىز دەرىجىدە ئىنتىلىشلىرى ۋە چەكسىز ئارزۇلىرى باردۇر. پايانسىز دەرىجىدە پىكىرلىرى، ھەمدە پۈتمەستۈگىمەس دەرىجىدە شەھەۋىييە ۋە غەزابىييە ھېسلىرى مەۋجۇت. شۇنداق ئاجايىپ بىر يارىتىلىشى باردۇركى، گويا پۈتۈن تۈرلەر ۋە ئالەملەرگە بىر «كىچىك خۇلاسە» شەكلىدە يارىتىلغاندۇر.

  ئەنە شۇنداق بىر ئىنساننىڭ ئۇ يۈكسەك روھىنى تەرەققى قىلدۇرغان ئىبادەتتۇر. مەنىۋى قابىلىيەتلىرىگە كامالەت قازاندۇرغان ئىبادەتتۇر. ئىنتىلىشلىرىنى پەرقلەندۈرۈپ پاك ھالغا كەلتۈرگەن ئىبادەتتۇر. ئارزۇئۈمىدلىرىنى ئەمىلىلەشتۈرگەن ئىبادەتتۇر. شەھەۋىييە ۋە غەزابىييە ھېسلىرىنى چەك ئاستىغا ئالغان ئىبادەتتۇر. ئىچكى ۋە سىرتقى ھېس ۋە تۇيغۇلىرىنى كىرلىتىدىغان تەبىئەت داتلىرىنى تازىلايدىغان ئىبادەتتۇر. ئىنساننى تەقدىرىدە مۇمكىن بولغان ئەڭ يۈكسەك دەرىجىگە چىقارغۇزغان ئىبادەتتۇر، قۇل ۋە ﷲ ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ بۈيۈك ۋە ئەڭ نازۇك باغ پەقەتلا ئىبادەتتۇر. بەرھەق، ئىنسانىي كامالەتنىڭ ئەڭ يۈكسىگى شۇ باغ ۋە شۇ مۇناسىۋەتتۇر.

  ئەسكەرتىش: ئىبادەتنىڭ روھى ئىخلاستۇر. ئىخلاس بولسا، قىلىنغان ئىبادەتنىڭ پەقەتلا ئەمر قىلىنغانلىقى ئۈچۈن قىلىنىشىدۇر. ئەگەر باشقا بىر پايدا ياكى بىر ھىكمەت ئىبادەتكە بىردىنبىر سەۋەب بولۇپ قالسا ئۇ ئىبادەت باتىلدۇر (خاتادۇر.) ئۇ پايدىلار ۋە ھىكمەتلەر پەقەتلا (ئۇ ئىبادەتنى قەلبىدە) ئۈستۈن كۆرۈشكە سەۋەب بولسا بولىدۇ. بىراق (ئۇ ئىبادەتنى قىلدۇرىدىغان) بىردىنبىر سەۋەب بولسا بولمايدۇ.

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir