ئىسمى ئەزەم – قەييۇم

ئىسمى ئەزەم – قەييۇم

ئوتتۇزىنچى لەمئانىڭ ئالتىنچى نۇكتەسى

«قەييۇم» ئىسمىغا دائىردۇر.

ھەييۇن» ئىسمىنىڭ بىر خۇلاسىسى، «نۇر بۇلىقى مەجمۇئەسى»نىڭ بىر قوشۇمچىسى بولغان. بۇ «قەييۇم» ئىسمىمۇ ئوتتۇزىنچى سۆزنىڭ قۇشۇمچىسى بولۇشى مۇناسىپ كۆرۈلدى.)

  ئۆزرە: بۇ بەكمۇ ئەھمىيەتلىك مەسىلىلەر، ھەمدە ناھايىتى چوڭقۇر ۋە كەڭرى بولغان بۇ «قەييۇم» ئىسمىنىڭ چوڭ جىلۋىسى، ھەم ئىنتىزاملىق ئەمەس، بەلكى ئايرىمئايرىم جىلۋىلەر شەكلىدە قەلبكە كەلگەنلىكتىن، ھەم بەكمۇ تېز ۋە قالايمىقان يېزىلىپ تەھقىقىسىز پېتى قالغانلىقتىن ئەلۋەتتە تەبىر ۋە ئىپادىلىرىدە كۆپلىگەن نۇقسانلىقلار، ئىنتىزامسىزلىقلار بولىدۇ. مەسىلىلەرنىڭ گۈزەللىكلىرى نامىدىن مېنىڭ قۇسۇرلىرىمنى كەچۈرۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەسكەرتىش:

  ئىسمى ئەزەمگە دائىر نۇكتەلەر بەكمۇ چوڭ دەرىجىدە كەڭ ۋە غايەت چوڭقۇر بولغانلىقتىن، بولۇپمۇ «قەييۇم» ئىسمىغا ئائىت مەسىلىلەر

  خۇسۇسەن بىرىنچى شولىسى (ھاشىيە)*ماتېرىيالىستلارغا قارىغاچقا تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ بارغانلىقى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە ھەر ئادەم ھەر مەسىلىنى ھەر جەھەتتە چۈشىنەلمەيدۇ. بىراق ھەركىم ھەر مەسىلىدىن بىر مىقدار ئۆلۈش ئالالايدۇ. «بىر نەرسە تامامەن ئېرىشىلمىگەن تەقدىردىمۇ، پۈتۈنلەي قولدىن قاچۇرۇلمايدۇدېگەن قائىدە بويىچە «بۇ مەنىۋى باغچىنىڭ بارلىق مېۋىلىرىنى ئۈزەلمەيۋاتىمەن» دەپ ۋاز كېچىش ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس. ئىنسان نە قەدەر ئۈزەلىسە شۇنچىلىك پايدا. ئىسمى ئەزەمگە ئائىت مەسىلىلەرنىڭ قورشىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كەڭرىلىرى بولغىنىدەك، ئەقىل كۆرەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئىنچىكىلىرى باردۇر. بولۇپمۇ «ھەييۇن» ۋە «قەييۇم» ئىسىملىرىغا، ۋە بولۇپمۇ ھاياتنىڭ ئىمان ئاساسلىرىغا قارىغان ئىشارەتلىرىگە، خۇسۇسەن ھاياتنىڭ تەقدىر ۋە قازا ئاساسىغا ئائىت ئىشارەتلىرىگە، ھەمدە «قەييۇم» ئىسمىنىڭ بىرىنچى شولىسىغا ھەر كىمنىڭ تەپەككۇرى يىتىشمەيدۇ. بىراق ئۆلۈشسىزمۇ قالمايدۇ. ئەكسىچە ئىمانىنى قۇۋۋەتلەندۈرىشى ئېنىقتۇر. ئەبەدىي سائادەتنىڭ ئاچقۇچى بولغان ئىماننىڭ قۇۋۋەتلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زوردۇر. ئىمان قۇۋۋىتىنىڭ بىر زەررىچىلىك زىيادە بولىشى بىر خەزىنىدۇر. ئىمامى رەببانىي ئەھمەدى فەرۇقى دەيدۇكى: «ئىماننىڭ بىر كىچىك مەسىلىسىنىڭ ئېچىلىشى مېنىڭ نەزىرىمدە يۈزلەرچە زوق ۋە كارامەتلەردىن ئۈستۈندۇر

بِسْمِ اللّهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ

   ﴿بِيَدِهِ مَلَكُوتُ كُلِّ شَيْءٍ(ياسىن:83) ﴿لَهُ مَقَالِيدُ السَّموَاتِ وَ اْلاَرْضِ(زۇمەر:63)﴿وَاِنْ مِنْ شَيْءٍ اِلاَّ عِنْدَنَا خَزَائِنُهُ (ھىجر:21) ﴿مَا مِنْ دَابَّةٍ اِلاَّ هُوَ آخِذٌ بِنَاصِيَتِهَا (ھۇد:56) غا ئوخشاش ﷲنىڭ قەييۇمىيىتىگە ئىشارەت قىلغان ئايەتلەرنىڭ بىر نۇكتەسى، ئىسمى ئەزەم ياكى ئىسمى ئەزەمنىڭ ئىككى زىياسىدىن ئىككىنچى زىيا ۋە ياكى ئىسمى ئەزەمنىڭ ئالتە نۇرىدىن ئالتىنچى نۇرى بولغان «قەييۇم» ئىسمىنىڭ چوڭ بىر جىلۋىسى زۇلقەئدە ئېيىدا ئەقلىمگە كۆرۈندى. ئەسكىشەھىر تۈرمىسىدىكى شارائىتىمنىڭ يار بەرمەسلىكى تۈپەيلى، ئۇ چوڭ نۇرنى ئەلۋەتتە تامامەن بايان قىلالمايمەن. بىراق ھەزرىتى ئىمامى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «ئەرجۇزە قەسىدىسى»دىكى «سەكىنە» دېگەن ئالىي نام بىلەن ئىسمى ئەزەم ئىچىدە بولغان ئۇ ئالتە ئىسىمنى ئەڭ ئەزەم (چوڭ)، ئەڭ ئەھمىيەتلىك تۇتقانلىقى ئۈچۈن، ھەمدە ئۇلارنىڭ بايانى ئىچىدە بىزگە كارامەتكارانە تەسەللىي بەرگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ «قەييۇم» ئىسمىغىمۇ ئاۋۋالقى بەش ئىسىمدەك، ھېچ بولمىسا قىسقىچە بىر سۈرەتتە «بەش شولا» بىلەن ئۇ بۈيۈك نۇرغا ئىشارەت قىلىمىز.

  بىرىنچى شولا: بۇ كائىناتنىڭ ئۇلۇغ ياراتقۇچىسى قەييۇمدۇر. يەنى، بىزاتىھى (ئۆزىدىنلا) قائىمدۇر، دائىمدۇر، باقىيدۇر. پۈتۈن شەيئىلەر ئۇ ئارقىلىقلا قائىمدۇر، داۋام قىلىدۇ. مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. باقىيلىققا ئىگە بولىدۇ. ئەگەر كائىناتتىن بىر سېكۇنت ئۇ قەييۇمىيەت بېغى كېسىلسە، كائىنات يوقىلىدۇ. ھەم ئۇ ئۇلۇغ زات قەييۇمىيىتى بىلەن بىللە قۇرئانى ئەزىيمۇششاندا (شانى ئۇلۇغ) پەرمان قىلغىنىدەك ﴿لَيْسَ كَمِثْلِهِ شَيْءٌ(شۇرا:11)دۇر. يەنى نە زاتىدا، نە سۈپىتىدە، نە پېئىللىرىدا ئوخشىشى يوقتۇر. مىسلى بولماس، تەڭدىشى يوقتۇر، شىرىكى بولمايدۇ. شۇنداق، پۈتۈن كائىناتنى پۈتۈن ھاللىرى ۋە ۋەزىيەتلىرى بىلەن رۇبۇبىيەت قولىدا تۇتۇپ، بىر ئۆي ۋە بىر ساراي ھۆكمىدە مۇكەممەل ئىنتىزام بىلەن تەدبىر ۋە ئىدارە قىلىپ باشقۇرغان بىر زاتى ئەقدەسنىڭ** مىسلى، ئوخشىشى، شىرىكى ۋە تەڭدىشى بولمايدۇ ۋە ئىمكانسىزدۇر. شۇنداق، بىر زاتكى، يۇلتۇزلارنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاتوملار قەدەر ئوڭاي كېلىدىغانئەڭ چوڭ نەرسە ئەڭ كىچىك نەرسىدەك قۇدرىتىگە بويسۇنىدىغانھېچبىر نەرسە ھېچبىر نەرسىگە، ھېچبىر ئىشى ھېچبىر ئىشىغا توسقۇنلۇق قىلمايدىغانچەكسىز شەخسلەر بىر شەخستەكلا نەزىرىدە بولىدىغانپۈتۈن ئاۋازلارنى بىرلا ۋاقىتتا ئاڭلايدىغانھەممىسىنىڭ چەكسىز ھاجىتىدىن بىرلا ۋاقىتتا چىقىدىغانكائىناتنىڭ مەۋجۇداتىدىكى پۈتۈن ئىنتىزام ۋە ئۆلچەملەرنىڭ شاھىتلىقى بىلەن ھېچبىر نەرسە، ھېچبىر ئەھۋال ئىختىيار ۋە ئىرادە دائىرىسىدىن سىرت بولمايدىغان ھېچبىر ماكاندا بولماي تۇرۇپ، ھەر بىر يەردە ۋە ھەر بىر ماكاندا قۇدرىتى، ئىلمى بىلەن ھازىر، نازىر بولىدىغانھەر نەرسە ئۇنىڭدىن چەكسىز دەرىجىدە يىراق بولسىمۇ، ئۆزى ھەر نەرسىگە چەكسىز دەرىجىدە يېقىن بولغان «ھەييۇل قەييۇم» بولغان ئۇلۇغ زاتنىڭ ئەلۋەتتە ھېچبىر جەھەتتە مىسلى، ئوخشىشى، شىرىكى، زىتى، ۋەزىرى بولمايدۇ ۋە بولۇشى مۇمكىن ئەمەستۇر. پەقەتلا مىسال ۋە تەمسىل سۈرىتىدە مۇقەددەس شۇئۇناتىغا*** قارىسا بولىدۇ. رىسالەئى نۇردىكى پۈتۈن تەمسىل ۋە ئوخشىتىشلار بۇ خىل مىسال ۋە تەمسىل تۈرىدىندۇر. مانا شۇنداق مىسىلسىزۋاجىبۇل ۋۇجۇدماددىيلىقتىن پاكماكانغا باغلىنىشتىن پاكبۆلۈنۈشى ۋە پارچىلىنىشى ھەر جەھەتتىن ئىمكانسىزئۆزگىرىشى ۋە ئالمىشىشى مۇمكىن بولمىغانئېھتىياج ۋە ئاجىزلىقى ئىمكانىيەت سىرتىدا بولغان بىر زاتى ئەقدەسنىڭ كائىنات يۈزىدە ۋە مەۋجۇداتنىڭ تەبىقىلىرىدە جىلۋىلەنگەن بىر قىسىم جىلۋىلىرىنى خاتا ھالدا زاتى ئەقدەسنىڭ ئۆزى دەپ قاراپ، بىر قىسىم مەخلۇقاتىغا ئىلاھلىق ھۆكۈملىرىنى بەرگەن ئازغۇن ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمى ئۇ ئۇلۇغ زاتنىڭ بەزى ئەسەرلىرىنى تەبىئەتتىن كۆرگەندۇر. ھالبۇكى رىسالەئى نۇرنىڭ خىلمۇخىل يەرلىرىدە قەتئىي دەلىللەر بىلەن ئىسپات قىلدۇقكى، تەبىئەت ئىلاھىي بىر سەنئەتتۇر، سەنئەتكار ئەمەس. رەببانىي بىر كىتابتۇر، يازغۇچى ئەمەس. بىر نەقىشتۇر، نەققاش ئەمەس. بىر دەپتەردۇر، دەپتەردار ئەمەس. بىر قانۇندۇر، قۇدرەت ئەمەس، بىر مىستاردۇر (قوللىنىلغۇچى)، ماسدار (قوللانغۇچى) ئەمەس. بىر قابىلدۇر (تەسىر قوبۇل قىلغۇچى)، مۇنفائىلدۇر (تەسىرگە ئۇچرىغۇچى)، فائىل (قىلغۇچى) ئەمەس. بىر نىزامدۇر، نىزام قويغۇچى ئەمەس. بىر يارىتىلىش شەرىئىتىدۇر، شارى (شەرىئەت ئىگىسى) ئەمەس.

  ئىمكانسىز بىر پەرەز بىلەن، ئەڭ كىچىك بىر ھاياتلىق ئىگىىسىنىڭ يارىتىلىشى تەبىئەتكە ھاۋالە قىلىنسا، يەنى، «بۇنى ياراتدېيىلسە، رىسالەئى نۇرنىڭ كۆپ يەرلىرىدە قەتئىي دەلىللەر بىلەن ئىسپات قىلىنغىنىدەك، تەبىئەتنىڭ ئۇ ئىشنى قىلالىشى ئۈچۈن، ئۇ كىچىك جانلىقنىڭ ئەزالىرى ۋە ھېستۇيغۇلىرى سانىچە قېلىپلار بەلكى ماشىنائۈسكۈنىلەر بار بولۇشى لازىمدۇر.

  ماتېرىيالىست دېيىلگەن بىر قىسىم ئەھلى زالالەت ئاتوملاردىكى ئىنتىزاملىق ئۆزگىرىشلەر ئىچىدە، ئىلاھىي خەللاقىيەتنىڭ (ياراتقۇچىلىق) ۋە رەببانىي قۇدرەتنىڭ بىر چوڭ جىلۋىسىنى ھېس قىلغانلىقتىن ۋە ئۇ جىلۋىنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلەلمىگەنلىكىدىن، ھەمدە ئۇ سەمەدانىي قۇدرەتنىڭ جىلۋىسىدىن كەلگەن ئومۇمىي قۇۋۋەتنىڭ نەدىن ئىدارە قىلىنغانلىقىنى چۈشىنەلمىگەنلىكتىن ماددا ۋە قۇۋۋەتنى ئەزەلىي دەپ ئويلاپ، ئىلاھىي ئەسەرلەرنىڭ يارىتىلىشىنى ئاتوملارغا ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىگە تاياندۇرۇشقا باشلىغاندۇر. فەسۇبھاناللاھ! ئىنسانلاردا بۇ دەرىجە چەكسىز جاھالەت بولامدۇكى، ماكاندىن پاك بولۇش بىلەن بىللە ھەر بىر يەردە ھەر بىر نەرسىنىڭ ئىجادىدا ھەر نەرسىنى كۆرىدىغان، بىلىدىغان ۋە ئىدارە قىلىدىغان ماھىيەتتىكى سۈپەتلەرنىڭ ئىگىسى تەرىپىدىنلا قىلىنىۋاتقان پېئىللارنى ۋە ئەسەرلەرنى، جانسىز، كور، شۇئۇرسىز، ئىرادىسىز، مىزانسىز بولغان ۋە تاسادىبىيلىق بورانلىرى ئىچىدە تەمتىرىگەن ئاتوملارغا ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىگە باغلاش نەقەدەر نادانلارچە ۋە خۇراپىيلارچە بىر پىكىر ئىكەنلىكىنى ئاتومچىلىك ئەقلى بولغانلار بىلىشى كېرەكتۇر. شۇنداق، بۇ ئەخمەقلەر مۇتلەق ۋەھدەتتىن (تەۋھىدتىن) ۋاز كەچكەنلىكلىرى ئۈچۈن ھەددىھېساپسىز بىر مۇتلەق كۆپلۈككە چۈشكەندۇر. يەنى، بىرلا ئىلاھنى قوبۇل قىلمىغانلىقلىرى ئۈچۈن چەكسىز ئىلاھلارنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغاندۇر. يەنى، بىر بولغان زاتى ئەقدەسنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە خاس سۈپىتى بولغان ئەزەلىيەتنى ۋە ياراتقۇچىلىقنى بۇزۇلغان ئەقىللىرىگە سىغىشتۇرالمىغانلىقتىن، ئۇ ھەددىھېساپسىز، جانسىز ئاتوملارنىڭ ئەزەلىيەتلىرىنى، ھەتتا ئىلاھلىقلىرىنى قوبۇل قىلىشقا مەسلەكلىرى بويىچە مەجبۇر بولۇشقاندۇر

  قېنى كەل، قاتمۇقات جاھالەت زۇلمىتىنىڭ چەكسىز دەرىجىلىرىگە قارا! شۇنداق، ئاتوملاردىكى جىلۋە بولسا ئاتوملار تائىپىسىنى ۋاجىبۇل ۋۇجۇدنىڭ قۇۋۋىتى، قۇدرىتى ۋە ئەمرى بىلەن مۇنتىزىم ۋە ھەشەمەتلىك بىر ئارمىيە ھۆكمىگە ئېلىپ كېلىدۇ. ئەگەر ئۇ ئۇلۇغ قومانداننىڭ ئەمرى ۋە قۇۋۋىتى بىر سېكۇنىت تارتىلسا، ئۇ چەكسىزلىگەن جانسىز ۋە ئىدراكسىز تائىپە باشباشتاق ئەسكەرلەر ھۆكمىدە بولۇپ قالىدۇ، بەلكى تامامەن يوقىلىدۇ.

  ھەم ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمى تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ كەتكەندەك، تېخىمۇ زىيادە جاھالەتلىك بىر ئازغۇنلۇق بىلەن ئۇلۇغ سەنئەتكارنىڭ ئىنتايىن گۈزەل، نازۇك، ئىتائەتكار، بويسۇنغان بىر ئىجرائىيەت سەھىپىسى، ئەمىرلىرىنى نەقىل (توشۇش) ۋاستىسى، تەسەررۇپلىرىنىڭ زەئىپ بىر پەردىسى، لەتىف بىر مەتبەئە سىياھى، ئەڭ گۈزەل بىر ئىجادىيەت لىباسى، سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ بىر ئاساسى ۋە ئۇرۇقلىرىنىڭ(مەنىۋى) بىر ئېتىزى بولغان «ئەسىر» ماددىسىنى ﷲنىڭ رۇبۇبىيەت جىلۋىسىگە ئەينەكدارلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن خاتا ھالدا مەسدەر ۋە فائىل (قىلغۇچى) دەپ قاراشقان. بۇ ئاجايىپ جاھالەت چەكسىزلىگەن ئىمكانسىزلىقلارنى نەتىجىلەندۈرىدۇ. چۈنكى ئەسىر ماددىسى ماتېرىيالىستلار تۇنجۇققان ئاتوم ماددىسىدىن تېخىمۇ لەتىف ۋە قەدىمقى پەلسەپىچىلەر پېتىپ قالغان «ھەيۇلا مۇندەرىجىسى»دىن**** تېخىمۇ قاراڭغۇ، ئىختىيارسىز، ئىدراكسىز ۋە جانسىز بىر ماددىدۇر. بۇ چەكسىز بىر سۈرەتتە بۆلۈنگەن، پارچىلانغان، ھەمدە نەقىللىك (توشۇماق) ۋە تەسىرگە ئۇچراش ئالاھىدىلىكى ۋە ۋەزىپىسى بىلەن قوراللاندۇرۇلغان بۇ ماددىغا، ھەتتا ئۇ ماددىنىڭ زەررىدىن كۆپ ھەسسە تېخىمۇ كىچىك بولغان زەررىلىرىگە، ھەر نەرسىدە ھەر نەرسىنى كۆرىدىغان، بىلىدىغان، ئىدارە قىلىدىغان بىر ئىختىيار ۋە بىر ئىقتىدار بىلەن ۋۇجۇدقا كېلدىغان پېئىللارنى، ئەسەرلەرنى تاياندۇرماق ئەسىرنىڭ زەررىلىرى سانىچە خاتادۇر. شۇنداق، مەۋجۇداتتا كۆرۈنگەن ئىجاد پېئىلى شۇنداق بىر ھالەتتىدۇركى، ھەر نەرسىدە، بولۇپمۇ جانلىق بولسا، كۆپىنچە شەيئىلەرنى ھەتتا پۈتۈن كائىناتنى كۆرىدىغان، بىلىدىغان ۋە ئۇ جانلىقنىڭ كائىنات بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى تونۇيدىغان، تەمىن قىلىدىغان بىر ئىقتىدار ۋە ئىختىياردىن كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، ھېچبىر جەھەتتە ماددى ۋە چەكلىمىلىك بولغان سەۋەبلەرنىڭ پېئىلى بولالمايدۇ. شۇنداق، كىچىك بىر يارىتىش پېئىلى قەييۇمىيەت سىرى بىلەن بىۋاستە پۈتۈن كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسىنىڭ پېئىلى ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدىغان چوڭ بىر سىرنى ساقلايدۇ. مەسىلەن: بىر ھەرىنىڭ يارىتىلىشىغا يۈزلەنگەن بىر پېئىل ئىككى جەھەتتە كائىنات ياراتقۇچىسىغا خاسلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

  بىرىنچىسى: ئۇ ھەرىنىڭ پۈتۈن تۈرداشلىرىنىڭ پۈتۈن زېمىندا ئوخشاش ۋاقىتتا ئوخشاش پېئىلغا ئىگە ئىكەنلىكلىرى كۆرسىتىدۇكى، بۇ جۈزئىي ۋە خۇسۇسىي پېئىل بولسا، پۈتۈن زېمىن يۈزىنى قاپلىغان كەڭ دائىرىلىك پېئىلنىڭ بىر ئۇچىدۇر. ئۇنداقتا ئۇ چوڭ پېئىلنىڭ فائىلى (قىلغۇچىسى) ۋە ئۇ پېئىلنىڭ ئىگىسى كىم بولسا، ئۇ جۈزئىي پېئىلمۇ ئۇنىڭدۇر.

  ئىككىنچى جەھەت: بۇ ھەرىنىڭ يارىتىلىشىغا يۈزلەنگەن پېئىلنىڭ فائىلى بولۇش ئۈچۈن ئۇ ھەرىنىڭ ھاياتىي شارائىتلىرىنى، تۈزۈلمىلىرىنى ۋە كائىنات بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تەمىن قىلىدىغان ۋە بىلىدىغان ناھايىتى چوڭ بىر ئىقتىدار ۋە ئىختىيار لازىم كەلگەنلىكتىن، ئۇ جۈزئىي پېئلنى قىلغان زاتنىڭ كائىناتتىكى كۆپىنچە مەۋجۇداتلارغا ھۆكۈمى ئۆتۈش بىلەنلا ئۇ پېئىلنى شۇنداق مۇكەممەل قىلالايدۇ.

  دېمەك، ئەڭ جۈزئىي پېئىل ئىككى جەھەت بىلەن پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ ياراتقۇچىسىغا خاس ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

  ئەڭ كۆپ دىققەت تارتىدىغان ۋە ھەيران قالدۇرىدىغان مەسىلە شۇدۇركى، ۋۇجۇدنىڭ(مەۋجۇتلۇقنىڭ) ئەڭ قۇۋۋەتلىك مەرتىۋىسى بولغان «ۋۇجۇب»نىڭ*****؛ ۋۇجۇدنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم دەرىجىسى بولغان «ماددىيلىقتىن تەجەررۈد (ئايرىلىشنىڭ، ۋۇجۇدنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشتىن ئەڭ يىراق ھالى بولغان «ماكانغا باغلىنىشتىن پاكلىق»نىڭ؛ ۋە ۋۇجۇدنىڭ ئەڭ ساغلام، ھەمدە ئۆزگىرىش ۋە يوقىلىشتىن ئەڭ مۇقەددەس سۈپىتى بولغان «ۋەھدەت»نىڭ ئىگىسى بولغان ۋاجىبۇل ۋۇجۇد بولغان زاتنىڭ خاس ئالاھىدىلىكى ۋە زاتىي (ئايرىلماس، زۆرۈرى) سۈپىتى بولغان ئەزەلىيەت ۋە سەرمەدىيەتنى****** ۋۇجۇدنىڭ ئەڭ زەئىپ مەرتىۋىسى، ئەڭ ئىنچىكە دەرىجىسى، ئەڭ ئۆزگىرىشچان، تۇراقسىز ھالى ۋە ئەڭ زىيادە ماكانغا يېيىلغان، چەكسىز كۆپ بولغان بىر ماددى جىسىم بولغان «ئەسىر» ۋە ئاتوملارغا بېرىش، ھەمدە ئۇلارغا ئەزەلىيلىكنى تاياندۇرۇش ۋە ئۇلارنى ئەزەلىي دەپ تەسەۋۋۇر قىلماق، شۇنداقلا ﷲنىڭ ئەسەرلىرىنى قىسمەن ئۇلاردىن ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىنى ئويلىماق نەقەدەر ھەقىقەتكە زىت، رېئاللىققا مۇخالىپ، ئەقىلدىن يىراق ۋە باتىل بىر پىكىر ئىكەنلىكى رىسالەئى نۇرنىڭ تۈرلۈك پارچىلىرىدا قەتئىي دەلىللەر بىلەن كۆرسىتىلگەندۇر.

ئىككىنچى شولا: «ئىككى مەسىلە»دۇر.

  بىرىنچى مەسىلە: قەييۇم ئىسمىنىڭ بىر چوڭ جىلۋىسىگە ئىشارەت قىلغان ﴿لاَ تَاْخُذُهُ سِنَةٌ وَلاَ نَوْمٌ (بەقەرە:255) ﴿مَا مِنْ دَابَّةٍ اِلاَّ هُوَ آخِذٌ بِنَاصِيَتِهَا(ھۇد:56)﴿لَهُ مَقَالِيدُ السَّمٰوَاتِ وَ اْلاَرْضِ(زۇمەر:63)گە ئوخشاش ئايەتلەر ئىشارەت قىلغان ئۇلۇغ ھەقىقەتلەرنىڭ بىر تەرىپى شۇدۇركى، شۇ كائىناتتىكى ئاسمان جىسىملىرىنىڭ قىياملىرى، داۋام قىلىشى ۋە دائىمىيلىقلىرى قەييۇمىيەت سىرى بىلەن باغلىقتۇر. ئەگەر ئۇ قەييۇمىيەت جىلۋىسى بىر مىنۇت يۈزىنى بۇرىسا، بىر قىسمى يەرشارىدىن مىڭ ھەسسە چوڭ بولغان مىليونلارچە سەييارىلەر پايانسىز بوشلۇقتا تارىلىپ كېتىدۇ. بىربىرى بىلەن سوقۇلىدۇ، ھالاك بولىدۇ. مەسىلەن: ھاۋادا ئايروپىلانلاردەك، مىڭلارچە ھەشەمەتلىك قەسىرلەرنى مۇكەممەل ئىنتىزام بىلەن تۇرغۇزۇپ ساياھەت قىلدۇرغان بىر زاتنىڭ قەييۇمىيەت ئىقتىدارى، ئۇ ھاۋادىكى سارايلارنىڭ تۇراقلىقلىقى، ئىنتىزامى ۋە داۋاملىرى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، قەييۇم بولغان ئۇ ئۇلۇغ زاتنىڭ، ئەسىر ماددىسىنىڭ ئىچىدىكى چەكسىز ئاسمان جىسىملىرىغا قەييۇمىيەت سىرى بىلەن چەكسىز دەرىجىدە ئىنتىزام ۋە ئۆلچەم ئىچىدە بىر قىيام، بىر دائىمىيلىق ۋە داۋام بېرىپ، بەزىسى يەرشارىدىن مىڭ ۋە بەزىسى بىر مىليون ھەسسە چوڭ بولغان مىليونلارچە يوغان يۇلتۇزلارنى تىرەكسىز، تايانچسىز بوشلۇقتا تۇرغۇزۇش بىلەن بىللە؛ ھەر بىرىسىنى بىر ۋەزىپە بىلەن ۋەزىپىلەندۈرۈپ، غايەت ھەشەمەتلىك بىر ئارمىيە شەكلىدە «كۇن فەيەكۇن»******* ئەمرىدىن كەلگەن پەرمانلارغا تولۇق ئىتائەت بىلەن بويسۇندۇرۇشى قەييۇم ئىسمىنىڭ چوڭ جىلۋىسىگە بىر مىقياس بولغىنىدەك؛ ھەر بىر مەۋجۇتنىڭ زەررىلىرىمۇ يۇلتۇزلاغا ئوخشاش قەييۇمىيەت سىرى بىلەن قائىم ۋە دائىم بولۇپ داۋام قىلىدۇ. شۇنداق، بىر جانلىقنىڭ بەدىنىدىكى زەررىلەرنىڭ ھەر بىر ئەزاغا مەخسۇس بىر گۇرۇپپا ھالەتتە توپتوپ بولۇپ يىغىلىپ، تارىلىپ كەتمەسلىكى، سەلدەك ئاققان ئۇنسۇرلارنىڭ بورانچاپقۇنلىرى ئىچىدە ۋەزىيەتلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىپ تارقالماسلىقى ۋە ئىنتىزام بىلەن تۇرۇشلىرى بەكمۇ ئوچۇق ھالدا، ئۆزئۆزىدىن ئەمەس بەلكى قەييۇمىيەت سىرى بىلەن بولغانلىقتىن، ھەر بىر بەدەن مۇنتىزىم بىر باتاليون، ھەر بىر تۈر مۇنتىزىم بىر ئارمىيىدەك، پۈتۈن جانلىقلار ۋە بېرىكمە جىسىملارنىڭ زېمىن يۈزىدە، يۇلتۇزلارنىڭ بولسا ئالەم بوشلۇقىدا تۇرۇشلىرى ۋە كېزىشلىرىدەك بۇ زەررىلەرمۇ چەكسىز تىللىرى بىلەن قەييۇمىيەت سىرىنى ئېلان قىلىشىدۇ

  ئىككىنچى مەسىلە: قەييۇمىيەت سىرى بىلەن شەيئىلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتدار بولغان پايدىلىرىنىڭ ۋە ھىكمەتلىرىنىڭ بىر قىسمىغا ئىشارەت قىلىشنى بۇ تېما ئىقتىزا قىلىدۇ.

  شۇنداق، ھەر نەرسىنىڭ بار بولۇش ھىكمىتى، ئىجاد قىلىنىش غايىسى، يارىتلىش پايدىسى ۋە ھايات نەتىجىسى ئۈچ تۈرلۈكتۇر.

  بىرىنچى تۈرى: ئۆزىگە، ئىنسانغا، ئىنساننىڭ مەنپەئەتلىرىگە قارايدۇ.

  ئىككىنچى تۈرى: تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ، ھەر نەرسە پۈتۈن ئىدراك ئىگىلىرى مۇلاھىزە قىلالايدىغان ۋە ئۇلۇغ ياراتقۇچىنىڭ ئىسىملىرىنىڭ جىلۋىسىنى بىلدۈرىدىغان بىردىن ئايەت، بىردىن مەكتۇب، بىردىن كىتاب ۋە بىردىن قەسىدە ھۆكمىدە مەنىلىرىنى چەكسىز ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىپادە قىلىدۇ.

  ئۈچىنچى تۈرى: ئۇلۇغ سەنئەتكار بولغان ﷲقا ئائىتتۇر، ئۇنىڭغا قارايدۇ. ھەر نەرسىنىڭ ئۆزىگە قارىغان پايدىسى ۋە نەتىجىسى بىر بولسا، سەنئەتكارىغا قارىغان جەھەتى يۈزلەرچەدۇركى، ئۇلۇغ سەنئەتكار ئۆزىنىڭ ئاجايىپ سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئۆزى كۆرىدۇ. ئۆزىنىڭ سەنئەت ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ ئىسىملىرىنىڭ جىلۋىسىگە قارايدۇ. بۇ ئۈچىنچى چوڭ تۈر بويىچە بىر سىكۇنتچىلىك ياشاش يېتەرلىكتۇر.

  ھەمدە، ھەر نەرسىنىڭ بار بولۇشىنى تەقەززا قىلىدىغان بىر قەييۇمىيەت سىرى باردۇركى، ئۈچىنچى شولىدا ئىزاھ قىلىنىدۇ.

  بىر زامان كائىنات تىلسىمى ۋە يارىتىلىش سىرىنىڭ جىلۋىسى بىلەن مەۋجۇداتنىڭ ھىكمەتلىرىگە ۋە پايدىلىرىغا قارىدىم. دېدىم: «ئەجەبا بۇ شەيئىلەر شۇنداق ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ ۋە نېمە ئۈچۈن تېزدىنلا يوقاپ كېتىدۇ؟» ئۇلارنىڭ شەخسىگە قارىسام، ئىنتىزاملىق ۋە ھىكمەتلىك كېيىنگەن، كىيدۈرۈلگەن، گۈزەللەشتۈرۈلگەن، ھەمدە كۆرگەزمىگە ۋە سەيرانگاھقا ئەۋەتىلگەن. ھالبۇكى، بىرئىككى كۈندە، ھەتتا بىرئىككى مىنۇتتا يوقىلىپ، پايدىسىز، بىكاردىنلا كېتىشىۋاتىدۇ. بۇنچىلىك قىسقا زاماندا بىزگە كۆرۈنۈشلىرىدىكى مەقسەت نېمىدۇر؟ دەپ كۆپ ئويلىناتتىم. ئۇ زامان مەۋجۇداتنىڭ، بولۇپمۇ جانلىقلارنىڭ دۇنيا دەرسخانىسىغا كېلىشلىرىنىڭ مۇھىم بىر ھىكمىتىنى ﷲنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن تاپتىم. يەنى:

  ھەر شەيئى، بولۇپمۇ ھايات ئىگىسى ناھايىتى مەنىدار بىر كەلىمە، بىر مەكتۇب ۋە بىر رەببانىي قەسىدىدۇر. بىر ئىلاھىي ئېلاننامىدۇر. پۈتۈن ئىدراك ئىگىلىرىنىڭ مۇلاھىزىسىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن ۋە چەكسىز پىكىر يۈرگۈزگۈچىلەرگە مەنىسىنى ئىپادە قىلغاندىن كېيىن، سۆزى ۋە ھەرىپى ھۆكمىدىكى جىسمانىي سۈرىتى يوقىلىدۇبۇ ھىكمەت بىر يىلغىچە ماڭا كۇپايە كەلدى. بىر يىلدىن كېيىن سەنئەت ئەسەرلىرىدىكى، بولۇپمۇ ھايات ئىگىلىرىدىكى ناھايىتى ھەيران قالارلىق ۋە بەكمۇ ئىنچىكە بولغان سەنئەت مۆجىزىلىرى كۆرۈندى. چۈشەندىمكى، بۇ ناھايىتى ئىنچىكە ۋە ئاجايىپ ھەيران قالارلىق بولغان سەنئەت نەقىشلىرى پەقەتلا ئىدراك ئىگىلىرىنىڭ نەزىرىگە مەنە ئىپادە قىلىش ئۈچۈن ئەمەستۇر. گەرچە ھەر بىر مەۋجۇتنى (بارلىقنى) چەكسىز ئىدراك ئىگىلىرى مۇلاھىزە قىلىدۇ. بىراق، ھەم ئۇلارنىڭ مۇلاھىزىسى چەكلىكتۇر، ھەم ھەركىم ئۇ ھايات ئىگىلىرىنىڭ بارلىق سەنئەت ئىنچىكىلىكلىرىگە ئۆتەلمەيدۇ. دىمەك، ھايات ئىگىلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم يارىتىلىش نەتىجىسى ۋە ئەڭ چوڭ بار بولۇش غايىسى «قەييۇم» بولغان ئەزەلىي زاتنىڭ ئۆزىنىڭ نەزىرىگە ئۆزىنىڭ ئاجايىپ سەنئىتىنى، بەرگەن مەرھەمەتكارانە ھەدىيە ۋە ئېھسانلىرىنى كۆرسەتمەكتۇربۇ غايە كۆپ زامان ماڭا قانائەت بەردى. ۋە ئۇنىڭدىن چۈشەندىمكى، ھەر مەۋجۇتتا، بولۇپمۇ جانلىقلاردا، چەكسىزلىگەن ئىنچىكە سەنئەت بولۇشى ۋە بۇنى «قەييۇم» بولغان ئەزەلىي زاتنىڭ نەزىرىگە سۇنۇشى، يەنى: ئۇ زات ئۆزىنىڭ سەنئىتىنى ئۆزى كۆرۈشتىن ئىبارەت يارىتىلىش ھىكمىتى ئۇ چەكسىز سەرپىياتلارغا كۇپايە كېلىۋاتاتتى. بىر زامان كېيىن، مەۋجۇداتنىڭ شەخسلىرىدىكى ۋە سۈرەتلىرىدىكى ئىنچىكە سەنئەتلەرنىڭ داۋام قىلمايدىغانلىقىنى، غايەت سۈرئەت بىلەن يېڭىلىنىپ ئالمىشىۋاتقانلىقىنى، چەكسىز بىر پائالىيەت ۋە بىر خەللاقىيەت (ياراتقۇچىلىق) ئىچىدە ئۆزگۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بۇ خەللاقىيەت ۋە بۇ پائالىيەتنىڭ ھىكمىتى ئەلۋەتتە ئۇ پائالىيەت دەرىجىسىدە چوڭ بولۇشى لازىمغۇ؟ دەپ تەپەككۈر قىلىشقا باشلىدىم. بۇ قېتىم يۇقىرىدىكى ئىككى ھىكمەت كۇپايە قىلماسلىققا باشلىدى، يىتەرسىز قالدى. بەكمۇ قىزىقىش بىلەن باشقا بىر ھىكمەتنى ئىزدەشكە باشلىدىم. بىر زامان كېيىن، ئەلھەمدۇلىللاھ، قۇرئانى مۆجىزۇلباياننىڭ پەيزى بىلەن قەييۇمىيەت سىرى نۇقتىسىدا بۈيۈك بولغان چەكسىز بىر ھىكمەت، بىر غايە كۆرۈندى. ئۇنىڭ بىلەن «يارىتىلىش سىرى» ۋە «كائىنات تىلسىمى» تەبىر قىلىنغان بىر ئىلاھىي سىر چۈشىنىلدى. (يىگىرمە تۆتىنچى مەكتۇبتا تەپسىلىي بايان قىلىنغانلىقتىن، بۇ يەردە پەقەتلا ئىخچام شەكىلدە ئىككىئۈچ نۇقتىسىنى ئۈچىنچى شولىدا زىكىر قىلىمىز.)

  شۇنداق، قەييۇمىيەت سىرىنىڭ جىلۋىسىگە بۇ نۇقتىدىن قاراڭلاركى، پۈتۈن مەۋجۇداتنى يوقلۇقتىن چىقىرىپ، ھەر بىرىسىنى بۇ چەكسىز بوشلۇقتا ﴿اَللّٰهُ الَّذِى رَفَعَ السَّمٰوَاتِ بِغَيْرِ عَمَدٍ تَرَوْنَهَا (رەئد:2) سىرى بىلەن تۇرغۇزۇپ، قىيام ۋە دائىملىق بېرىپ، ھەممىسىدە بۇ خىل قەييۇمىيەت سىرىنىڭ جىلۋىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بۇ تايانچ نۇقتىسى بولمىسا، ھېچبىر نەرسە ئۆزلىكىدىن تۇرمايدۇ. چەكسىز بىر بوشلۇقتا يۇمىلىنىپ يوقلۇققا كېتىدۇ.

  ھەم يۇقىرىقىدا دېيىلگىنىدەك، مەۋجۇدات ۋۇجۇدلىرى، قىياملىرى ۋە دائىمىيلىقلىرى جەھەتىدە ئۇ ئۇلۇغ «قەييۇم» بولغان زاتقا تايىنىدۇ. قىياملىرى ئۇنىڭ بىلەندۇر. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، مەۋجۇداتنىڭ ھالەت ۋە ۋەزىيەتلىرىدە مىڭلارچە زەنجىرلەرنىڭ ئۇچلىرى ﴿اِلَيْهِ يُرْجَعُ اْلاَمْرُ كُلُّهُ(ھۇد:123) ئايىتىنىڭ سىرى بويىچە، (تەمسىل خاتا چۈشىنىلمىسۇن) تېلېفۇن، تېلېگراف زەنجىرلىرىنىڭ مەركىزى ۋە باش ئاپپارات مۇنارى ھۆكمىدە بولغان قەييۇمىيەت سىرىدا ئۇلانغاندۇر.

  ئەگەر ئۇ نۇرانىي تايانچ نۇقتىسىغا تايانمىسا، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ

  پىكرىچە ئىمكانسىز ۋە باتىل بولغان مىڭلارچە دەۋرلەر (ئايلىنىشلار) ۋە زەنجىرلىشىشلەر لازىم كېلىدۇ. مەسىلەن: بىر شەيئى (مۇھاپىزەت ياكى نۇر ياكى ۋۇجۇد ۋەياكى رىزىقتەك) بىر جەھەتتە بۇنىڭغا تايىنىدۇ، بۇمۇ يەنە بىرىسىگە، ئۇمۇ باشقىسىغاكېتىۋىرىپ چوقۇم چەكسىز بولالمايدۇ. بىر چەك بىلەن چەكلىنىدۇ

  پۈتۈن بۇ خىل زەنجىرلەرنىڭ ئاخىرلىرى ئەلۋەتتە قەييۇمىيەت سىرىدۇر. قەييۇمىيەت سىرى چۈشىنىلگەندىن كېيىن، ئۇ مەۋھۇم زەنجىرلەردىكى بىربىرىگە تايىنىش بېغى ۋە مەنىسى قالمايدۇ. يوقىلىدۇ، ھەر نەرسە بىۋاستە قەييۇمىيەت سىرىغا قارايدۇ.

  ئۈچىنچى شولا: ﴿كُلَّ يَوْمٍ هُوَ فِى شَاْنٍ(رەھمان:29) ﴿فَعَّالٌ لِمَا يُرِيدُ (بۇرۇج:16)﴿يَخْلُقُ مَا يَشَاءُ(رۇم:54) ﴿بِيَدِهِ مَلَكُوتُ كُلِّ شَيْءٍ(ياسىن:83)﴿فَانْظُرْ اِلَى آثَارِ رَحْمَتِ اللّٰهِ كَيْفَ يُحْيِى اْلاَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا(رۇم:50)غا ئوخشاش ئايەتلەر ئىشارەت قىلغان ئىلاھىي خەللاقىيەت ۋە رەببانىي پائالىيەت ئىچىدىكى قەييۇمىيەت سىرىنىڭ بىر مىقدار ئېچىلىشىغا بىر ئىككى مۇقەددىمە بىلەن ئىشارە قىلىمىز:

  بىرىنچىسى: بۇ كائىناتقا قارىغان ۋاقىت كۆرىمىزكى، زامان ئېقىنىدا داۋاملىق چايقالغان ۋە توپتوپ بولۇپ بىربىرى ئارقىسىدىن كېلىپ كېتىۋاتقان مەخلۇقاتنىڭ بىر قىسمى بىر سىكۇنتتا كېلىدۇ، ئارقىدىنلا يوقىلىدۇ. بىر تائىپىسى بىر مىنۇتتا كېلىدۇ، كېتىدۇ. بىر تۈرى بىر سائەتتە بۇ شاھادەت ئالىمىگە قەدەم باسىدۇ ۋە غەيب ئالىمىگە كىرىپ كېتىدۇ. بىر قىسمى بىر كۈندە، بر قىسمى بىر يىلدا ۋە بىر قىسمى بىر ئەسىردە، يەنە بىر قىسمى بولسا ئەسىرلەردە بۇ شاھادەت ئالىمىگە كېلىپ، قونۇپ، ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ كېتىشىدۇ. مەۋجۇداتنىڭ بۇ ھەيران قالارلىق ساياھىتى ۋە سەيرانى، ھەمدە بۇ مەخلۇقاتنىڭ بۇ خىل سەپەر ۋە سەيلىسى شۇنداق بىر ئىنتىزام، ئۆلچەم ۋە ھىكمەت بىلەن ئىدارە قىلىنىپ باشقۇرىلىدۇكى، ۋە ئۇلارغا، ئۇ كارۋانلارغا قوماندانلىق قىلغۇچى شۇنداق بەسىيرانە (كۆرۈپ تۇرۇپ)، ھىكمەتكارانە ۋە مۇدەببىرانە (تەدبىرلىك ھالدا) قوماندانلىق قىلىدۇكى، مۇبادا پۈتۈن ئەقىللەر بىرلىشىپ بىرلا ئەقىل بولسىمۇ، ئۇ ھىكمەتكارانە ئىدارىنىڭ ماھىيىتىگە يېتەلمەيدۇ ۋە قۇسۇر تېپىپ تەنقىد قىلالمايدۇ!

  مانا بۇ رەببانىي خەللاقىيەت ئىچىدە ئۇ سۆيۈملۈك ۋە سۆيگەن سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ھايات ئىگىلىرىنىڭ ھېچ بىرىسىگە كۆز ئاچتۇرماي غەيب ئالىمىگە ئەۋەتىۋېتىدۇ، ھېچ بىرىسىگە نەپەس ئالغۇزماي دۇنيادىكى ھاياتتىن بوشىتىۋېتىدۇ. داۋاملىق بۇ ئالەم مېھمانخانىسىنى تولدۇرۇپ، مېھمانلارنىڭ رازىلىقى بولماستىن چىقىرىۋېتىدۇ. قازا ۋە تەقدىر قەلىمى يەرشارىنى «يېزىپ ئۆچۈرۈش دوسكىسى»دەك قىلىپ

  يُحْيِى وَيُمِيتُ (ھايات بەرگۈچى ۋە ئۆلتۈرگۈچى) جىلۋىلىرى بىلەن داۋاملىق

  يەرشارىدا يېزىقلىرىنى يازىدۇ ۋە يېڭىلاپ ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ

  مانا بۇ رەببانىي پائالىيەتنىڭ ۋە بۇ ئىلاھىي خەللاقىيەتنىڭ بىر ھىكمەت سىرى، ئاساسلىق بىر تەقەززاسى ۋە كېرەك بولۇش سەۋەبى ئۈچ مۇھىم تارماققا ئايرىلغان چەكسىز، ھېسابسىز بىر ھىكمەتتۇر.

  ئۇ ھىكمەتنىڭ بىرىنچى تارمىقى شۇدۇركى، پائالىيەتنىڭ ھەر تۈرى جۈزئىي بولسۇن، كۈللىي بولسۇن بىر لەززەت بېرىدۇ. بەلكى ھەر پائالىيەتتە بىر لەززەت بار. بەلكى پائالىيەت لەززەتنىڭ ئۆزىدۇر. بەلكى پائالىيەت لەززەتنىڭ ئۆزى بولغان ۋۇجۇدنىڭ (بارلىقنىڭ) كۆرىنىشىدۇر ۋە ئەلەمنىڭ ئۆزى بولغان يوقلۇقتىن يىراقلاش ئارقىلىق سىلكىنىشىدۇر. شۇنداق، ھەر قابىلىيەت ئىگىسى بىر پائالىيەت ئارقىلىق قابىلىيىتىنىڭ كۆرىنىشىنى لەززەت بىلەن كۆزىتىدۇ. ھەر بىر قابىلىيەتنىڭ پائالىيەت بىلەن كۆرىنىشى بىر لەززەتتىن كېلىدۇ، بىر لەززەتنى نەتىجە بېرىدۇ. ھەر بىر كامالەت ئىگىسى پائالىيەت ئارقىلىق كامالىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى لەززەت بىلەن كۆرىدۇمادەم ھەر بىر پائالىيەتتە شۇنداق سۆيۈلىدىغان، ئارزۇ قىلىنىدىغان بىر كامال، بىر لەززەت باردۇر. پائالىيەتمۇ بىر كامالدۇر. ۋە مادەم جانلىقلار ئالىمىدە دائىمىي ۋە ئەزەلىي بىر ھاياتتىن چىققان چەكسىز بىر مۇھەببەتنىڭ، ھېسابسىز بىر مەرھەمەتنىڭ جىلۋىلىرى كۆرىنىدۇ. ۋە ئۇ جىلۋىلەر كۆرسىتىدۇكى، ئۆزىنى شۇنداق سۆيدۈرگەن، سۆيگەن ۋە شەپقەت قىلىپ ئىلتىپاتلىرىنى نامايەن قىلغان زاتنىڭ مۇقەددەسلىكىگە لايىق ۋۇجۇبى ۋۇجۇدىغا******** مۇناسىپ بولغان سەرمەدىي ھاياتنىڭ تەقەززاسى بولغان ھالدا، چەكسىز دەرىجىدە (تەبىر خاتا چۈشىنىلمىسۇن) بىر ئىلاھىي ئىشق، بىر ئۇلۇغ مۇھەببەت ۋە مۇقەددەس لەززەتتەك قۇدسىي********* شۇئۇنات ئۇ ئەڭ مۇقەددەس (ئىلاھى) ھاياتتا باردۇركى، ئۇ شۇئۇنات شۇنداق چەكسىز پائالىيەت بىلەن ۋە چەكسىز خەللاقىيەت بىلەن كائىناتنى دائىما يېڭىلاپ تۇرىدۇ، تەۋرىتىپ تۇرىدۇ ۋە ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ

  قەييۇمىيەت سىرىغا قارىغان چەكسىز ئىلاھىي پائالىيەتتىكى ھىكمەتنىڭ ئىككىنچى تارمىقى: ﷲنىڭ ئىسىملىرىغا قارايدۇ. مەلۇمدۇركى، ھەر بىر گۈزەللىك ئىگىسى ئۆز گۈزەللىكىنى كۆرۈش ۋە كۆرسىتىشنى خالايدۇ؛ ھەر بىر ھۈنەر ئىگىسى ئۆز ھۆنىرىنى ئېلان قىلىش ۋە نامايەن قىلىش ئارقىلىق دىققەتنەزەرلەرنى جەلب قىلىشنى خالايدۇ ۋە ياخشى كۆرىدۇ. ھەمدە ھۆنىرى يوشۇرۇن قالغان بىر گۈزەل ھەقىقەت ۋە يۈكسەك بىر مەنا مەيدانغا چىقىشنى، ئالقىشلىغۇچى تېپىشنى خالايدۇ ۋە ياخشى كۆرىدۇ. مادەم بۇ ئاساسلىق قائىدىلەر ھەر نەرسىدە دەرىجىسىگە قارىتا كۆرىلىدۇ. ئۇنداقتا مۇتلەق گۈزەللىك ئىگىسى بولغان ئۇ ئۇلۇغ قەييۇمنىڭ مىڭبىر گۈزەل ئىسىملىرىدىن ھەر بىر ئىسمىنىڭ كائىناتنىڭ گۇۋاھلىقى ، جىلۋىلىرىنىڭ دالالىتى ۋە نەقىشلىرىنىڭ ئىشارىتى بىلەن ئەلۋەتتە ھەر بىرىسىنىڭ ھەر بىر مەرتىۋىسىدە ھەقىقىي بىر ھۆسن، ھەقىقىي بىر كامالەت، ھەقىقىي بىر گۈزەللىك ۋە غايەت گۈزەل بىر ھەقىقەت، بەلكى ھەر بىر ئىسىمنىڭ ھەر بىر مەرتىۋىسىدە چەكسىز ھۆسن تۈرلىرى بىلەن بىرگە چەكسىز گۈزەللىك ھەقىقەتلىرى باردۇر. مادەم بۇ ئىسىملارنىڭ مۇقەددەس گۈزەللىكلىرىنى كۆرسەتكەن ئەينەكلىرى، گۈزەل نەقىشلىرىنى نامايەن قىلغان لەۋھەلىرى، ھەمدە گۈزەل ھەقىقەتلەرنى ئىپادە قىلغان سەھىپىلىرى بۇ مەۋجۇداتتۇر ۋە بۇ كائىناتتۇر. ئۇنداقتا، ئەلۋەتتە ئۇ دائىمىي ۋە باقىي ئىسىملار چەكسىز جىلۋىلىرىنى، ھېسابسىز مەنىدار نەقىشلىرىنى ۋە كىتابلىرىنى ھەم مۇسەمماسى (ئىسىم ئىگىسى) بولغان قەييۇم بولغان ئۇلۇغ زاتنىڭ كۆرۈش نەزىرىگە ھەم ھەددىھېسابسىز روھ ئىگىلىرى ۋە ئىدراك ئىگىلىرى بولغان مەخلۇقاتلارنىڭ مۇلاھىزە نەزىرىگە كۆرسىتىش، چەكلىك بىر نەرسىدىن چەكسىز لەۋھەلەرنى، بىرلا شەخستىن ناھايىتى كۆپ شەخسلەرنى ۋە بىرلا ھەقىقەتتىن بەكمۇ كۆپ ھەقىقەتلەرنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇ ئىلاھىي مۇقەددەس ئىشققا تايىنىپ ۋە قەييۇمىيەت سىرىغا بىنائەن كائىناتنى ئومۇمەن ۋە داۋاملىق جىلۋىلىرى بىلەن يېڭىلاپ تۇرىدۇ، ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ.

  تۆتىنچى شولا: كائىناتتىكى ھەيران قالارلىق دائىمىي پائالىيەت ھىكمىتىنىڭ ئۈچىنچى تارمىقى شۇدۇركى، ھەر بىر مەرھەمەت ئىگىسى باشقىسىنى مەمنۇن قىلىشتىن سۆيۈنىدۇ؛ ھەر بىر شەپقەت ئىگىسى باشقىسىنى خوشال قىلىشتىن مەمنۇن بولىدۇ؛ ھەر بىر مۇھەببەت ئىگىسى سۆيۈندۈرۈشكە لايىق مەخلۇقلارنى سۆيۈندۈرۈش بىلەن سۆيۈنچ ھېس قىلىدۇ؛ ھەر بىر ئالىيجاناب زات باشقىسىنى خۇرسەن قىلىش بىلەن لەززەت ئالىدۇ؛ ھەر بىر ئادىل زات ھەق ئىگىسىگە ھەققىنى بېرىش ۋە لايىق بولغانلارغا جازا بېرىشتە، ھوقۇق ئىگىلىرىنى مىننەتدار قىلىش ئارقىلىق ھوزۇرلىنىدۇ؛ ھۆنەر ئىگىسى بولغان ھەر بىر سەنئەتكار سەنئىتىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق سەنئەت ئەسىرىنىڭ خالىغىنىدەك ئىشلىشى ۋە ئويلىغىنىدەك نەتىجىلەرنى بېرىشى بىلەن ئىپتىخارلىنىدۇ.

  مانا بۇ يۇقىرىدىكى دەستۇرلارنىڭ ھەر بىرى بىردىن ئاساسلىق قائىدىدۇركى، كائىناتتا ۋە ئىنسانىيەت ئالىمىدە ھۆكۈمىنى يۈرگۈزىدۇ. ﷲنىڭ ئىسىملىرىدا بۇ قائىدىلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئۈچ مىسال ئوتتۇز ئىككىنچى سۆزنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىدە ئىزاھ قىلىنغاندۇر. بىر خۇلاسىسى بۇ يەردە يېزىلىشى مۇناسىپ بولغانلىقتىن دەيمىز:

  مەسىلەن: غايەت مەرھەمەتلىك، ساخاۋەتلىك ۋە ئىنتايىن كەرەملىك ۋە ئالىيجاناپ بىر زات تەبىئىتىدىكى ئالىي خىسلەتلەرنىڭ تەلىپى بويىچە، چوڭ بىر ساياھەت كېمىسىگە ناھايىتى پېقىر ۋە مۇھتاجلىقتا قالغان ئىنسانلارنى چىقىرىپ تولىمۇ مۇكەممەل زىياپەتلەر ۋە ئىكراملار بىلەن ئۇ پېقىرلارنى مەمنۇن قىلىپ، دېڭىزلاردا، ساھىل ئەتراپلىرىدا كەزدۈرىدۇ. ئۆزىمۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ئۇلارنى مەمنۇنلۇق بىلەن كۆزىتىپ، ئۇ پېقىرلارنىڭ مىننەتدارلىقىدىن لەززەتلىنىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ سۆيۈنۈشلىرىدىن خوشال بولىدۇ. شاتلىنىشلىرىدىن ئىپتىخارلىنىدۇ. قارا، بىر تەقسىمات خىزمەتچىسى ھۆكمىدە بولغان شۇنداق بىر ئىنسان مۇنداق كىچىك بىر زىياپەت بېرىشتىن بۇ قەدەر مەمنۇن ۋە خوشال بولسا؛ ئەلۋەتتە پۈتۈن ھايۋانلارنى، ئىنسانلارنى، چەكسىز پەرىشتىلەرنى، جىن ۋە روھلارنى بىر رەھمانىي كېمە بولغان يەرشارى كېمىسىگە چىقىرىپ، زېمىن يۈزىنى تۈرلۈك نىمەتلەر بىلەن، پۈتۈن ھېستۇيغۇلار خالىغان رىزىق ۋە زوقلار بىلەن تولدۇرۇلغان بىر رەببانىي داستىخان شەكلىدە ئۇلار ئۈچۈن تەييارلىغان، ھەمدە ئۇ مۇھتاج، شۈكۈر قىلغۇچى، مىننەتدار بولغان ۋە سۆيۈنگەن مەخلۇقاتىنى كائىناتنىڭ ھەر تەرىپىدە ساياھەت قىلدۇرغان ۋە بۇ دۇنيادا بۇ قەدەر ئىكراملار بىلەن ئۇلارنى سۆيۈندۈرۈش بىلەن بىللە، مەڭگۈلۈك دىياردىكى جەننەتلىرىدىن ھەر بىرىسىنى دائىمىي زىياپەت ئۈچۈن بىردىن داستىخان قىلغان زاتى ھەييۇل قەييۇمغا ئائىت بولغان، ئۇ مەخلۇقاتلارنىڭ شۈكۈرلىرىدىن، مىننەتدارلىقلىرىدىن، خوشاللىقلىرىدىن ۋە سۆيۈنۈشلىرىدىن كەلگەن ۋە دېيىشكە تىلىمىز ئاجىزلىق قىلىدىغان ۋە رۇخسەت بېرىلمىگەن «مۇقەددەس مەمنۇنىيەت»، «مۇقەددەس ئىپتىخار» ۋە «مۇقەددەس لەززەت»دەك ئىسىملار بىلەن ئىلاھىي شۇئۇناتقا ئىشارەت قىلىنغان رۇبۇبىيەت مەنىلىرىدۇركى، بۇ دائىمىي پائالىيەتنى، بۇ توختاۋسىز خەللاقىيەتنى تەقەززا قىلىدۇ.

  ھەم مەسىلەن: بىر ماھىر سەنئەتكار پلاستىنكىسىز بىر پاتېفۇن ياسىسا، ئۇ پاتېفۇن خالىغىنىدەك سۆزلىسە، ئىشلىسە، سەنئەتكارى نەقەدەر ئىپىتخارلىنىدۇ، زوقلىنىدۇ ۋە ئۆزئۆزىگە ماشائاللاھ! دەيدۇ. مادەم كۆرۈنۈشتىكى كىچىك بىر سەنئەت، سەنئەتكارىنىڭ روھىدا بۇ قەدەر بىر ئىپتىخار ۋە بىر مەمنۇنىيەت ھېسسى ئويغاتسا، ئۇنداقتا، ئەلۋەتتە بۇ مەۋجۇداتنىڭ ھىكمەتلىك سەنئەتكارى كائىنات مەخلۇقاتلىرىنى، چەكسىز نەغمە تۈرلىرى بىلەن سادا بېرىدىغان، ئۈن چىقىرىپ تەسبىھ قىلىدىغان، ھەمدە زىكىر قىلىپ سۆزلەيدىغان ئىلاھىي مۇزىكا ۋە ئاجايىپ فابرىكا قىلغىنىدەك، مەۋجۇداتلارنىڭ ھەر بىر تۈرىنى، ھەر بىر ئالىمىنى باشقا بىر سەنئەت بىلەن ۋە باشقا بىر سەنئەت مۆجىزىلىرى بىلەن كۆرسىتىپ، جانلىقلارنىڭ باشلىرىدا بىردىن پاتېفۇن، بىردىن كامېرا ۋە بىردىن تېلېگرافقا ئوخشاش كۆپلىگەن ئاپپاراتلارنى ھەتتا ئەڭ كىچىك باشتىمۇ يارىتىش بىلەن بىللە، ھەر بىر ئىنساننىڭ بېشىغا پەقەتلا پلاستىنكىسىز پاتېفۇن، ئەينەكسىز كامېرا ۋە سىمسىز تېلېگراف ئەمەس، بەلكى بۇلاردىن يىگىرمە ھەسسە تېخىمۇ ھەيران قالارلىق شۇنداق بىر ئاپپاراتلارنى قويغانكى، ئۇلارنى ياساشتىن، خالىغىنىدەك شەكىلدە ئىشلەپ نەتىجە ھاسىل قىلىشىدىن كەلگەن مۇقەددەس ئىپتىخار ۋە مۇقەددەس مەمنۇنىيەتتەك مەنىلەر، ھەمدە رۇبۇبىيەتنىڭ بۇ تۈردىن بولغان يۈكسەك شۇئۇناتى، ئەلۋەتتە بۇ دائىمىي پائالىيەتنى ئىقتىزا قىلىدۇ.

  ھەم مەسىلەن: بىر ئادىل ھۆكۈمدارنىڭ ھەقنىڭ ھەق بولۇشى ئۈچۈن مەزلۇملارنىڭ ھەققىنى زالىملاردىن ئېلىشتىن، پېقىرلەرنى كۈچلۈكلەرنىڭ يامانلىقىدىن مۇھاپىزەت قىلىشتىن ۋە ھەركىمگە لايىق بولغان ھەققىنى بېرىشتىن لەززەت ئېلىشى، ئىپتىخارلىنىشى ۋە مەمنۇن بولۇشى ھۆكۈمدارلىق ۋە ئادالەتنىڭ ئاساسى قائىدىسى بولغانلىقتىن، ئەلۋەتتە چەكسىز ھىكمەت ۋە چەكسىز ئادالەت ئىگىسى بولغان ھەييۇل قەييۇمنىڭ پۈتۈن مەخلۇقلىرىغا، بولۇپمۇ جانلىقلىرىغا «ھايات ھوقۇقى» تەبىر قىلىنىدىغان ھاياتىي شارائىتلارنى بېرىشتىن؛ ھاياتلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا تۈرلۈك قوراللارنى ئېھسان قىلىشتىن؛ زەئىپلەرنى كۈچلۈكلەرنىڭ يامانلىقىدىن شەپقەتكارانە ھىمايە قىلىشتىن؛ پۈتۈن ھايات ئىگىلىرىدە بۇ دۇنيادا ئادالەتنىڭ ھەق ئىگىسىگە ھەققىنى بېرىش تۈرىنى تامامەن، ھەقسىزلەرگە جازا بېرىش تۈرىنى بولسا قىسمەن ئىجرا قىلىشتىن؛ ھەمدە خۇسۇسەن مەھشەرگاھتىكى چوڭ سوتتا ئەڭ بۈيۈك ئادالىتىنى جىلۋىلەندۈرۈشتىن ھاسىل بولغان، شۇنداقلا بىز تەبىر قىلىشقا ئاجىزلىق قىلغان رەببانىي شۇئۇنات ۋە مۇقەددەس مەنىلەر كائىناتتا بۇ دائىمىي پائالىيەتنى ئىقتىزا قىلىدۇ.

  مانا بۇ ئۈچ مىسالدەك، ﷲنىڭ گۈزەل ئىسىملىرىنىڭ ھەممىسىدە، ھەر بىرىسى بۇ دائىمىي پائالىيەتتە بەزى مۇقەددەس ئىلاھىي شۇئۇناتقا سەۋەب بولغانلىقتىن دائىمىي خەللاقىيەتنى ئىقتىزا قىلىدۇ. ھەمدە مادەم ھەر قابىلىيەت ۋە ھېس ئۆسۈپ ۋە ئېچىلىپ مېۋە بېرىش نەتىجىسىدە بىر خوشاللىق، بىر راھەتلىك ۋە بىر لەززەت بېرىدۇ. ۋە مادەم ھەر ۋەزىپىدار كىشى ۋەزىپىسىنى قىلىش ۋە تۈگىتىشتە ھەمدە ۋەزىپىسىدىن بوشىنىشتا چوڭ بىر مەمنۇنىيەت، بىر ھۇزۇر ھېس قىلىدۇ. ۋە مادەم بىر دانە ئۇرۇقتىن كۆپلىگەن مېۋىلەرگە ئېرىشمەك ۋە بىر دىرھەمدىن يۈز دىرھەم پايدا قازانماق، ئىگىلىرىگە ناھايىتى خوشاللىنارلىق بىر ھالەتتۇر، بىر تىجارەتتۇر. ئۇنداقتا، ئەلۋەتتە پۈتۈن مەخلۇقاتتىكى چەكسىز قابىلىيەتلەرنى ئۆستۈرگەن، پۈتۈن مەخلۇقاتىنى مۇھىم ۋەزىپىلەردە خىزمەت قىلدۇرۇپ، كېيىن تاكامۇللىشىش شەكلىدە ۋەزىپىسىدىن بوشاتقان، يەنى ئېلېمېنتلارنى مېتال مەرتىۋىسىگە، مېتاللارنى ئۆسۈملۈك ھاياتىغا، ئۆسۈملۈكلەرنى رىزىق ۋاستىسى بىلەن ھايۋاناتنىڭ ھايات دەرىجىسىگە ۋە ھايۋانلارنى ئىنسانلارنىڭ ئىدراكلىق بولغان يۈكسەك ھاياتىغا چىقارغان زاتنىڭ، ھەر بىر ھايات ئىگىسىنىڭ كۆرۈنۈشتىكى بىر ۋۇجۇدىنىڭ زاۋال تېپىشى بىلەن (يىگىرمە تۆتىنچى مەكتۇبتا ئىزاھ قىلىنغىنىدەك) روھىي، ماھىيىتى، ئەسلى ۋە سۈرىتىدەك نۇرغۇنلىغان ۋۇجۇدلىرىنى ئارقىسىدا قويۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭىلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن دائىمىي پائالىيىتى ۋە رەببانىي خەللاقىيىتىدىن چىققان مۇقەددەس مەنىلەرنىڭ ۋە ئىلاھىي رۇبۇبىيەتنىڭ نەقەدەر ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكى چۈشىنىلىدۇ.

  مۇھىم بىر سوئالغا قەتئىي بىر جاۋاپ:

  ئازغۇنلارنىڭ بىر قىسمى دەيدۇكى: «كائىناتنى دائىمىي بىر پائالىيەت بىلەن ئۆزگەرتىپ، ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىغان بىر زاتنىڭ ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭمۇ ئۆزگىرىشچان بولۇشى لازىم»(؟)

  جاۋاب: ھاشا! يۈزمىڭ قېتىم ھاشا!… يەردىكى ئەينەكلەرنىڭ ئالمىشىشى، ئاسماندىكى قۇياشنىڭ ئالمىشىدىغانلىقىنى ئەمەس، ئەكىسچە جىلۋىلىرىنىڭ يېڭىلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھەمدە ئەزەلىي، ئەبەدىي، سەرمەدىي ۋە ھەر جەھەتتە مۇتلەق كامالەت، مۇتلەق ئىستىغنادىكى*********، ماددىيلىقتىن خالىي، ماكاندىن، چەكلىمىدىن، ئىمكاندىن** پاك، مۇقەددەس ۋە ئالىي بولغان بىر زاتى ئەقدەسنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئالمىشىشى مۇمكىن ئەمەستۇر. كائىناتنىڭ ئۆزگىرىشى ئۇنىڭ ئۆزگۈرۈشىگە ئەمەس، بەلكى ئۆزگىرىشچان ئەمەس ئىكەنلىكىگە دەلىلدۇر. چۈنكى تۈرلۈك نەرسىلەرنى ئىنتىزام بىلەن، دائىمىي ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئۆزگەرتىپ تۇرغان زاتنىڭ ھەرىكەتچان ۋە ئۆزگىرىشچان بولماسلىقى لازىمدۇر. مەسىلەن: سەن كۆپ تانىلار بىلەن

  باغلىق بولغان توپ ئوقلىرىنى (قەدىمكى دەۋر ئۇرۇش قورالى) ئايلاندۇرۇپ، دائىمىي بىر ئىنتىزام بىلەن ھەرىكەت قىلدۇرۇپ تەرتىپلىك ھالەتكە كەلتۈرگەن ۋاقتىڭدا، سەن ئورنۇڭدا تۇرۇپ ئالماشماسلىقىڭ ۋە ھەرىكەت قىلماسلىقىڭ كېرەكتۇر. بولمىسا ئۇ ئىنتىزامنى بۇزىۋىتىسەن.

  مەلۇمدۇركى، ئىنتىزام بىلەن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى ھەرىكەت قىلماسلىقى، ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ تۇرغۇچى ئۆزگىرىشچان بولماسلىقى كېرەكتۇر. شۇندىلا ئۇ ئىش ئىنتىزام بىلەن داۋاملىشالايدۇ.

  ئىككىنچىدىن: ئۆزگىرىش ۋە ئالمىشىش ھۇدۇستىن (يوقتىن پەيدا بولۇش)، تاكامۇللىشىش ئۈچۈن يېڭىلىنىشتىن، ئېھتىياجدىن، ماددىيلىقتىن ۋە ئىمكاندىن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. زاتى ئەقدەس بولغان ﷲ بولسا، ھەم قەدىم (باشلىنىش نۇقتىسى يوق) ھەم ھەر جەھەتتە مۇتلەق كامالەتتە ھەم مۇتلەق ئىستىغنادا ھەم ماددىيلىقتىن پاك، ھەمدە ۋاجىبۇل ۋۇجۇد بولغانلىقتىن، ئەلۋەتتە ئۆزگىرىشى ۋە ئالمىشىشى ئىمكانسىزدۇر، مۇمكىن ئەمەستۇر.

  بەشىنچى شولا:

  بىرىنچى مەسىلە: «قەييۇم» ئىسمىنىڭ چوڭ جىلۋىسىنى كۆرۈشنى خالىساق، خىيالىمىزنى پۈتۈن كائىناتنى كۆرەلەيدىغان، بىرى ئەڭ ئۇزاق نەرسىلەرنى، يەنە بىرى ئەڭ كىچىك زەررىلەرنى كۆرسىتىدىغان ئىككى خىل دۇربۇن قىلايلى. بىرىنچى دۇربۇن بىلەن قارىساق، «قەييۇم» ئىسمىنىڭ جىلۋىسى بىلەن يەرشارىدىن مىڭ ھەسسە چوڭ بولغان مىليونلارچە يۇلتۇزلار، سەييارىلەر تىرەكسىز ھالدا ھاۋادىن تېخىمۇ لەتىف (يۇمشاق) بولغان ئەسىر ماددىسىنىڭ ئىچىدە، قىسمەن تۇرغۇزۇلغان، قىسمەن ۋەزىپە ئۈچۈن ساياھەت قىلدۇرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. كېيىن ئۇ خىيالنىڭ كىچىك ئىككىنچى دۇربۇنى بىلەن كىچىك ئاتوملارنى كۆرىدىغان بىر سۈرەتتە قارىساق، قەييۇمىيەت سىرى بىلەن يەرشارىدىكى جانلىق مەخلۇقلارنىڭ ھەر بىرىسىنىڭ تېنىدىكى زەررىلىرى يۇلتۇزلاردەك ئىنتىزاملىق بىر ھالەت بىلەن ھەرىكەت قىلىشىپ ۋەزىپە كۆرىۋاتقانلىقىنىبولۇپمۇ جانلىقلارنىڭ قېنىدىكى «ئاق قان ۋە قىزىل قان دانچىلىرى» دەپ تەبىر قىلىنغان زەررىلەردىن تۈزۈلگەن كىچىك شارچىلارنى سەييارە يۇلتۇزلاردەك، مەۋلەۋىي ساماچىلىرىدەك ئىككى خىل ئىنتىزاملىق ھەرىكىتى بىلەن ھەرىكەت قىلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز.

  ئومۇمىي بىر خۇلاسە:(ھاشىيە)***********

 ئالتە ئىسمى ئەزەمنىڭ خۇددى نۇردىكى يەتتە رەڭدەك ئۆزئارا بېرىكىپ شەكىللەندۈرگەن مۇقەددەس نۇرىغا قاراش ئۈچۈن بىر خۇلاسىنىڭ زىكىر قىلىنىشى مۇناسىپتۇر.

يەنى:

  پۈتۈن كائىناتنىڭ مەۋجۇداتلىرىنى شۇنداق تۇرغۇزغان، قىيام ۋە دائىمىيلىق بەرگەن «قەييۇم» ئىسمىنىڭ بۇ چوڭ جىلۋىسىنىڭ ئارقىسىدىن قارا: «ھەييۇن» ئىسمىنىڭ چوڭ جىلۋىسى پۈتۈن ھايات ئىگىلىرىنى جىلۋىسى بىلەن زىننەتلەندۈرگەن.

  ئەمدى قارا: «ھەييۇن» ئىسمىنىڭ ئارقىسىدا «فەرد» ئىسمىنىڭ چوڭ جىلۋىسى پۈتۈن كائىناتنى پۈتۈن تۈرلىرى ۋە جۈزلىرى بىلەن بىر بىرلىك ئىچىگە ئالغان، ھەر نەرسىنىڭ پىشانىسىگە بىر بىرلىك تامغىسى قويغان، ھەر نەرسىنىڭ يۈزىگە بىر ئەھەدىيەت مۆھۈرىنى باسقان بولۇپ، ھەددىھېسابسىز تىللار بىلەن جىلۋىسىنى ئېلان قىلدۇرىۋاتىدۇ

  ئەمدى «فەرد» ئىسمىنىڭ ئارقىسىدىن «ھەكەم» ئىسمىنىڭ چوڭ جىلۋىسىگە قارا: يۇلتۇزلاردىن باشلاپ ئاتوملارغا قەدەر يۇقىرىدا خىيالنىڭ ئىككى دۇربۇنى بىلەن كۆزەتكەن مەۋجۇداتنىڭ ھەر بىرىسىنى جۈزئىي بولسۇن، كۈللىي بولسۇن، ئەڭ چوڭ دائىرىدىن ئەڭ كىچىك دائىرىگىچە ھەر بىرىگە لايىق ۋە مۇناسىپ قىلىپ مېۋىدار بىر نىزام، ھىكمەتلىك بىر ئىنتىزام ۋە نەتىجىلىك بىر تەرتىپ ئىچىگە ئالغان، پۈتۈن مەۋجۇداتنى گۈزەللەشتۈرۈپ نەقىشلىگەن.

  كېيىن «ھەكەم» ئىسمىنىڭ چوڭ جىلۋىسىنىڭ ئارقىسىدىن قارا: «ئەدل» ئىسمىنىڭ چوڭ جىلۋىسى بىلەن (ئىككىنچى نۇكتەدە ئىزاھ قىلىنغىنىدەك) پۈتۈن كائىناتنى مەۋجۇداتلىرى بىلەن بىللە، دائىمىي پائالىيەت ئىچىدە شۇنداق ھەيران قالارلىق ئۆلچەملەر، تارازىلار ۋە مىزانلار بىلەن ئىدارە قىلىدۇكى، ئاسمان جىسىملىرىدىن بىرىسى تەڭپۇڭلۇقىنى بىر سېكۇنت يوقاتسا، يەنى «ئەدل» ئىسمىنىڭ جىلۋىسىدىن ئالاقىسىنى ئۈزسە، يۇلتۇزلار ئىچىدە بىر مالىمانچىلىق ۋە بىر قىيامەتنىڭ قوپىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

  پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ چوڭ دائىرىسى «سامانيولى» دەپ تەبىر قىلىنغان چوڭ گالاكتىكىدىن باشلاپ، تا قان ئىچىدىكى ئاق قان ۋە قىزىل قان دانچىلىرىنىڭ ھەرىكەت دائىرىسىگە قەدەر ھەر بىر دائىرىسىنى، ھەربىر مەخلۇقىنى ئىنچىكە بىر مىزان، بىر ئۆلچەم بىلەن پىچىلغان بىر شەكىل ۋە بىر ۋەزىيەت بىلەن، يۇلتۇزلار ئارمىيىسىدىن ئاتوملار ئارمىيىسىگىچە باشتىنئاخىر پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ «كۇن فەيەكۇن» ئەمرىدىن كەلگەن كوماندىلارغا تولۇق ئىتائەت بىلەن بويسۇنۇشلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

  ئەمدى «ئەدل» ئىسمىنىڭ چوڭ جىلۋىسىنىڭ ئارقىسىدىن (بىرىنچى نۇكتەدە ئىزاھ قىلىنىغىنىدەك) «قۇددۇس» ئىسمىنىڭ چوڭ جىلۋىسىگە قارىغىنكى، كائىناتنىڭ پۈتۈن مەۋجۇداتىنى شۇنچىلىك پاكىز، ساپ، پاك، گۈزەل، پارلاق ۋە زىننەتلىك قىلىپ كۆرسىتىدۇكى، پۈتۈن كائىناتقا ۋە بارلىق مەۋجۇداتقا، مۇتلەق گۈزەللىك ئىگىسى بولغان ﷲنىڭ چەكسىز دەرىجىدە جامالى زاتىيسىغا لايىق ۋە چەكسىز گۈزەل بولغان ئىسىملىرىغا مۇناسىپ بولغان گۈزەل ئەينەكلەر شەكلىنى بەرگەندۇر.

  خۇلاسە: ئىسمى ئەزەمنىڭ بۇ ئالتە ئىسمى ۋە ئالتە نۇرى خىلمۇخىل گۈزەل رەڭلەردە، تۈرلۈكتۈرلۈك نەقىشلەردە ۋە باشقاباشقا زىننەتلەردە بولغان پارلاق پەردىلەر ئىچىدە كائىناتنى ۋە مەۋجۇداتنى قاپلىغاندۇر.

  بەشىنچى شولىنىڭ ئىككىنچى مەسىلىسى: كائىناتتا جىلۋىلەنگەن قەييۇمىيەت جىلۋىسى ۋاھىدىيەت ۋە ھەيۋەت نۇقتىسىدا بولغىنىدەك، كائىناتنىڭ مەركىزى، تىرىكى ۋە ئىدراكلىق مېۋىسى بولغان ئىنساندىمۇ ئەھەدىيەت ۋە گۈزەللىك نۇقتىسىدا قەييۇمىيەت جىلۋىسىنىڭ كۆرۈنۈشى بار. يەنى كائىنات قەييۇمىيەت سىرى بىلەن قائىم بولغىنىدەك، «قەييۇم» ئىسمىنىڭ ئەڭ مۇكەممەل كۆرسەتكۈچىسى بولغان ئىنسان بىلەن بىر جەھەتتە كائىنات قىيامدا تۇرىدۇ. يەنى كائىناتنىڭ كۆپىنچە ھىكمەتلىرى، مەنپەئەتلىرى ۋە غايىلىرى ئىنسانغا قارىغانلىقى ئۈچۈن گويا ئىنساندىكى قەييۇمىيەت جىلۋىسى كائىنات ئۈچۈن بىر تىرەكتۇر. شۇنداق، ھەييۇل قەييۇم بولغان زات بۇ كائىناتتا ئىنساننى ئىرادە قىلىپ كائىناتنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ياراتقان دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى ئىنسان تولۇق بىر مۇجەسسەملىك بىلەن ﷲنىڭ پۈتۈن ئىسىملىرىنى چۈشىنىدۇ، ھوزۇرلىنىدۇ. خۇسۇسەن رىزىقتىكى زوق جەھەتى بىلەن ناھايىتى كۆپ گۈزەل ئىسىملارنى چۈشىنىدۇ. ھالبۇكى، پەرىشتىلەر ئۇلارنى ئۇ خىل زوق بىلەن چۈشىنەلمەيدۇ.

  ئىنساننىڭ بۇ ئەھمىيەتلىك مۇجەسسەملىكىدۇركى، ھەييۇل قەييۇم بولغان زات ئىنسانغا پۈتۈن ئىسىملىرىنى ھېس قىلدۇرۇش، ئېھسانلىرىنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى تېتىتىش ئۈچۈن شۇنداق ئىشتىھالىق بىر ئاشقازان بەرگەنكى، ئۇ ئاشقازاننىڭ كەڭ داستىخېنىنى چەكسىز تائاملارنىڭ تۈرلىرى بىلەن ساخاۋەتلىك ھالدا تولدۇرغان.

  ھەم بۇ ماددى ئاشقازاندەك، ھاياتنىمۇ بىر ئاشقازان قىلغان. ھېستۇيغۇلىرى خۇددى قوللار ھۆكمىدە بولغان ئۇ ھايات ئاشقازىنىغا ناھايىتى كەڭ نىمەت داستىخېنى ئاچقان. ئۇ ھايات بولسا، ئۇ تۇيغۇلىرى ۋاستىسى ئارقىلىق ئۇ نىمەت داستىخېنىدىن ھەر تۈرلۈك پايدىلىنشلار بىلەن شۈكۈرلەرنىڭ ھەر تۈرىنى قىلىدۇ.

  بۇ ھايات ئاشقازىنىدىن كېيىن، بىر ئىنسانىيەت ئاشقازىنى بەرگەنكى، ئۇ ئاشقازان ھاياتتىن تېخىمۇ كەڭرى بىر دائىرىدە رىزىق ۋە نىمەت خالايدۇ. ئەقىل، پىكىر ۋە خىيال ئۇ ئاشقازاننىڭ قوللىرى ھۆكمىدە، ساماۋات ۋە يەر كەڭلىكىدىكى ئۇ رەھمەت داستىخېنىدىن پايدىلىنىپ شۈكۈر قىلىدۇ.

  ھەمدە ئىنسانىيەت ئاشقازىنىدىن كېيىن، چەكسىز كەڭ بولغان باشقا بىر نىمەت داستىخېنى ئېچىش ئۈچۈن ئىسلامىيەت ۋە ئىمان ئەقىدىلىرىنى كۆپ رىزىق خالايدىغان بىر مەنىۋى ئاشقازان ھۆكمىگە ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ رىزىق داستىخېنىنىڭ دائىرىسىنى مەخلۇقات دائىرىسىنىڭ سىرتىغا كېڭەيتىپ، ﷲنىڭ ئىسىملىرىنىمۇ ئىچىگە ئالىدىغان قىلغاندۇركى، ئۇ ئاشقازان بىلەن رەھمان ۋە ھەكىم ئىسىملىرىنى ئەڭ چوڭ بىر رىزىق جەھەتتىكى زوق بىلەن ھېس قىلىدۇ. «ئەلھەمدۇلىللاھى ئەلا رەھمانىيەتىھى ۋە ئەلا ھەكىمىيەتىھى» دەيدۇ ۋەھاكازابۇ مەنىۋى بۈيۈك ئاشقازان بىلەن چەكسىز ئىلاھىي نىمەتلەردىن پايدىلىنالايدۇ. بولۇپمۇ ئۇ ئاشقازاندىكى ﷲقا بولغان مۇھەببەت زوقىنىڭ تېخىمۇ ئۆزگىچە بىر دائىرىسى بار

  ھەييۇل قەييۇم بولغان زات ئىنساننى پۈتۈن كائىناتقا بىر مەركەز، بىر تىرەك قىلىپ، كائىنات قەدەر كەڭرى بولغان بىر نىمەت داستىخېنىنى ئىنسانغا ئاچقانلىقىنىڭ، كائىناتنى ئىنسانغا بويسۇندۇرغانلىقىنىڭ ۋە كائىناتنىڭ بىر جەھەتتە ئىنسان ئارقىلىق ئىگە بولغان قەييۇمىيەت سىرى بىلەن قائىم بولىدىغانلىقىنىڭ ھىكمىتى بولسا، ئىنساننىڭ ئۈچ مۇھىم ۋەزىپىسىدۇر:

  بىرىنچىسى: كائىناتتا يېيىلغان پۈتۈن نىمەت تۈرلىرىنى ئىنسان ئارقىلىق تەرتىپكە قويۇپ، ئىنساننىڭ مەنپەئەتلىنىش يىپى بىلەن تەسبىھ دانىلىرىدەك ئىنتىزامغا سالىدۇ، نىمەتلەرنىڭ يىپلىرىنىڭ ئۇچلىرىنى ئىنساننىڭ بېشىغا باغلايدۇ، رەھمەت خەزىنىلىرىنىڭ پۈتۈن تۈرلىرىگە ئىنساننى بىر تىزىملىك ھۆكمىگە كەلتۈرگەندۇر.

  ئىككىنچى ۋەزىپىسى: ھەييۇل قەييۇم بولغان زاتنىڭ خىتابلىرىغا مۇجەسسەملىك خۇسۇسىيىتى بىلەن ئەڭ مۇكەممەل مۇخاتاب (خىتاپ قىلىنغۇچى) بولۇش، ھەيرانلىق بىلەن سەنئەت ئەسەرلىرىنى تەقدىرلەش ۋە ئالقىشلاش ئارقىلىق، ئەڭ يۇقىرى سادالىق بىر ئېلانچى بولۇش ۋە ئىدراكلىق بولغان شۈكۈرلەرنىڭ پۈتۈن تۈرلىرى بىلەن پۈتۈن نىمەت تۈرلىرىگە ۋە خىلمۇخىل چەكسىزلىگەن ئېھسانلىرىغا شۈكۈر ۋە ھەمدۇسانا قىلىشتۇر.

  ئۈچىنچى ۋەزىپىسى: ھايات بىلەن ئۈچ جەھەتتە ھەييۇل قەييۇم بولغان زاتقا، شۇئۇناتىغا ۋە ھەممىنى قورشىغان سۈپەتلىرىگە ئەينەكدارلىق قىلماقتۇر.

  بىرىنچى جەھەتى: ئىنساننىڭ مۇتلەق ئاجىزلىقى بىلەن ياراتقۇچىسىنىڭ مۇتلەق قۇدرىتىنى، ئاجىزلىق دەرىجىلىرى بىلەن قۇدرىتىنىڭ مەرتىۋىلىرىنى ھېس قىلىشىدۇر.

  مۇتلەق پېقىرلىقى بىلەن رەھمىتىنى ۋە رەھمىتىنىڭ دەرىجىلىرىنى ئىدراك قىلىشى، زەئىپلىك بىلەن ئۇنىڭ قۇۋۋىتىنى چۈشىنىشىدۇر ۋەھاكازانۇقسانلىق سۈپەتلىرى بىلەن ياراتقۇچىسىنىڭ كامالىي سۈپەتلىرىگە سېلىشتۇرما ئەينەك بولۇشى، كېچىدە نۇرنىڭ تېخىمۇ زىيادە پارلىشىدەك ۋە كېچە قاراڭغۇلىقىنىڭ ئېلېكتىر لامپىلىرىنى كۆرسىتىشكە مۇكەممەل بىر ئەينەك بولغىنىدەك، ئىنسانمۇ شۇ خىل نۇقسانلىق سۈپەتلىرى ئارقىلىق ﷲنىڭ كامالەتلىرىگە ئەينەكدارلىق قىلىشىدۇر.

  ئىككىنچى جەھەت: ئىنسان جۈزئىي ئىرادىسى، ئازغىنا ئىلمى، كىچىككىنە قۇدرىتى، كۆرۈنۈشتىكى ئىگىدارچىلىقى ۋە ئۆزىنىڭ ئۆيىنى بىنا قىلىشى بىلەن بۇ كائىنات ئۇستىسىنىڭ ئىگىدارچىلىقىنى، سەنئىتىنى، ئىرادىسىنى، قۇدرىتىنى ۋە ئىلمىنى كائىناتنىڭ چوڭلۇقى نىسبىتىدە چۈشىنىدۇ، ئەينەكدارلىق قىلىدۇ.

  ئۈچىنچى جەھەتتىكى ئەينەكدارلىقىنىڭ ئىككى يۈزى بار:

  بىرىسى: ئىلاھىي ئىسىملارنىڭ باشقاباشقا نەقىشلىرىنى ئۆزىدە كۆرسىتىشتۇر. گويا ئىنسان مۇجەسسەملىكى بىلەن كائىناتنىڭ كىچىك بىر مۇندەرىجىسى ۋە بىر كىچىكلىتىلگەن مىسالى ھۆكمىدە بولۇپ، پۈتۈن ئىسىملارنىڭ نەقىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

  ئىككىنچى يۈزى: ئىلاھىي شۇئۇناتقا ئەينەكدارلىق قىلىدۇ. يەنى، ئۆز ھاياتى بىلەن ھەييۇل قەييۇم بولغان ﷲنىڭ ھاياتىغا ئىشارەت قىلغىنىدەك، ئۆز ھاياتىدىكى قۇلاق ۋە كۆزدەك تۇيغۇلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن ھەييۇل قەييۇمنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈشتەك سۈپەتلىرىگە ئەينەكدارلىق قىلىدۇ، بىلدۈرىدۇ.

  شۇنداقلا ئىنسان، ئۆزىنڭ ھاياتىدىكى تەرەققىي قىلمىغان، ھېس ۋە سەزگۈ سۈرىتىدە ھاياجانغا كېلىدىغان ۋە بەكمۇ كۆپ سۈرەتتە بولغان ئىنتايىن ئىنچىكە ھاياتىي تۇيغۇلار، مەنىلەر ۋە ھېسلار ۋاستىسى ئارقىلىق زاتى ھەييۇل قەييۇمنىڭ مۇقەددەس شۇئۇناتىغا ئەينەكدارلىق قىلىدۇ. مەسىلەن: ئۇ ھېسلار ئىچىدە سۆيۈش، ئىپتىخارلىنىش، مەمنۇن بولۇش، سۆيۈنۈش، راھەتلىنىشتەك مەنىلەر ئارقىلىق، زاتى ئەقدەسنىڭ مۇقەددەسلىكىگە، مۇتلەق ئىستىغناسىغا مۇناسىپ ۋە لايىق بولۇش شەرتى بىلەن ئۇ تۈردىن دېيىشكە بولىدىغان شۇئۇناتىغا ئەينەكدارلىق قىلىدۇ.

  ھەمدە ئىنسان مۇجەسسەم ھاياتى ئارقىلىق ﷲنىڭ سۈپەت ۋە شۇئۇناتىنى بىر تونۇش ئۆلچىمىدۇر. ئىسىملىرىنىڭ جىلۋىسىگە بىر مۇندەرىجىدۇر. ۋە ئىدراكلىق بىر ئەينەكتۇر ۋەھاكازاشۇنىڭغا ئوخشاش كۆپ جەھەتلەردە زاتى ھەييۇل قەييۇمغا ئەينەكدارلىق قىلغاندەك، ئىنسان شۇ كائىنات ھەقىقەتلىرىگە بىر قىياسىي ئۆلچەم بىرلىكىدۇر، بىر مۇندەرىجىدۇر، بىر تارازىدۇر.

  مەسىلەن: كائىناتتا لەۋھۇلمەھفۇزنىڭ بارلىقىغا بەكمۇ قەتئىي بولغان بىر دەلىل ۋە بىر نەمۇنە ئىنساندىكى ئەستە ساقلاش ھېسسىدۇر. مىسال ئالىمىنىڭ بارلىقىغا قەتئىي دەلىل ۋە نەمۇنە خىيال سېزىمىدۇر. (ھاشىيە)*********** كائىناتتىكى روھانىلارنىڭ بارلىقىنىڭ بىر دەلىلى ۋە نەمۇنىسى ئىنساندىكى ھېستۇيغۇلاردۇر ۋەھاكازائىنسان كىچىك بىر مىقياستا كائىناتتىكى ئىمان ھەقىقەتلىرىنى كۆرگەندەك دەرىجىدە كۆرسىتەلەيدۇ.

  ئىنساننىڭ يۇقىرىدىكى مانا بۇ ۋەزىپىلىرىدەك كۆپلىگەن مۇھىم خىزمەتلىرى بار. باقىي بىر جامالغا ئەينەكتۇر، سەرمەدىي بىر كامالنى كۆرسىتىدىغان ئېلانچىدۇر ۋە ئەبەدىي رەھمەتكە ئېھتىياجلىق شۈكۈر قىلغۇچىدۇر. مادەم جامال، كامال، رەھمەت باقىيدۇر، ئەبەدىيدۇر، ئۇنداقتا ئەلۋەتتە ئۇ باقىي جامالنىڭ ئىشتىياقلىق ئەينىكى، ئۇ سەرمەدىي كامالنىڭ ئاشىق ئېلانچىسى ۋە ئۇ ئەبەدىي رەھمەتنىڭ ئېھتىياجلىق شۈكۈر قىلغۇچىسى بولغان ئىنسان باقىي قېلىش ئۈچۈن بىر باقىيلىق دىيارىغا كىرىدۇ. ئۇ باقىيلارغا ھەمراھ بولۇش ئۈچۈن ئەبەدكە بارىدۇ. ۋە ئۇ ئەبەدىي جامال، سەرمەدىي كامال ۋە دائىمىي رەھمەت بىلەن ئەبەدىلئەبەد بىللە بولۇشى لازىمدۇر، زۆرۈردۇر. چۈنكى ئەبەدىي بىر جامال فانىي بىر ئىشتىياق ئىگىسىگە ۋە زاۋال تاپقۇچى بىر دوستقا رازى بولمايدۇ. چۈنكى جامال ئۆزىنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن سۆيۈشىگە جاۋابەن مۇھەببەت خالايدۇ. زاۋال تېپىش ۋە يوقىلىش بولسا ئۇ مۇھەببەتنى ئاداۋەتكە ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. ئەگەر ئىنسان ئەبەدكە يۈزلىنىپ باقىي قالمىسا، يارىتىلىشىدىكى سەرمەدىي جامالغا قارىتا بولغان قۇۋۋەتلىك مۇھەببەت ئورنىدا ئاداۋەت شەكىللىنىدۇ. ئونىنچى سۆزنىڭ ھاشىيەسىدە بايان قىلىنغىنىدەك، بىر زامان بىر دۇنيا گۈزىلى بىر ئاشىقىنى ھۇزۇرىدىن ھەيدەيدۇ. ئۇ ئادەمدىكى ئاشىقلىق بىردىنلا ئاداۋەتكە ئۆزگىرىدۇ ۋە دەيدۇكى: «تۈفى! نەقەدەر سەتدەپ ئۆزىگە تەسەللىي تېپىش ئۈچۈن جامالىدىن ئاغرىنىدۇ، گۈزەللىكىنى ئىنكار قىلىدۇ. شۇنداق، ئىنسان بىلمىگەن نەرسىگە دۈشمەن بولغىنىدەك، قولى يېتىشمىگەن ياكى ئېرىشەلمىگەن نەرسىلەرنىڭ قۇسۇرىنى ئاداۋەت بىلەن ئىزدەيدۇ. ھەتتا دۈشمەنلىك قىلىشنى خالايدۇ.

  مادەم پۈتۈن كائىناتنىڭ شاھادىتى بىلەن ھەقىقىي مەھبۇب (سۆيۈلگۈچى) ۋە مۇتلەق گۈزەللىك ئىگىسى بولغان ﷲ پۈتۈن گۈزەل ئەسمائۇل ھۇسناسى بىلەن ئۆزىنى ئىنسانغا سۆيدۈرىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ ئۇنى سۆيۈشلىرىنى خالايدۇ. ئۇنداقتا، ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ ھەم مەھبۇبى ھەم ھەبىبى (ياخشى كۆرگىنى) بولغان ئىنسانغا فىترى (تەبئىي) بىر ئاداۋەتنى بېرىپ ئىچئىچىدىن چوڭقۇر قايغۇغا مۇبتىلا قىلمايدۇ. يارىتىلىشىدىن ھەممىدىن بەك سۆيۈملۈك ۋە مۇھەببەتكە باي، ھەمدە ئىبادەت ئۈچۈن ياراتقان، ئەڭ ئۆزگىچە مەخلۇقى بولغان ئىنساننىڭ روھىغا ئۇنىڭ تەبىئىتىگە تامامەن زىت ھالدا يوشۇرۇن بىر ئاداۋەتنى قويمايدۇ. چۈنكى ئىنسان سۆيگەن ۋە قەدىرقىممىتىنى ئالقىشلىغان مۇتلەق بىر جامالدىن ئەبەدىي ئايرىلىشتىن كەلگەن چوڭقۇر جاراھىتىنى پەقەتلا ئۇنىڭغا ئاداۋەت قىلىش، ئۇنىڭدىن ئاغرىنىش ۋە ئۇنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق داۋالايدۇ. كاپىرلارنىڭ ﷲنىڭ دۈشمىنى بولۇشى مۇشۇ نۇقتىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنداق بولسا، ئۇ ئەزەلىي جامال ئۆزىنىڭ ئىشتىياقلىق ئەينىكى بولغان ئىنسان بىلەن ئەبەدىلئەبەد يولىدىكى ساياھىتىدە بىللە بولۇش ئۈچۈن ئەلۋەتتە نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىر باقىي دىياردا ئۇ ئىنساننى بىر باقىي ھاياتقا ئېرىشتۈرىدۇ.

  شۇنداق، مادەم ئىنسان يارىتىلىشىدىن باقىي بىر جامالغا ئاشىق ۋە مۇشتاق بىر سۈرەتتە يارىتىلغاندۇر

  ۋە مادەم باقىي بىر جامال ئۆتكۈنچى بىر مۇشتاققا رازى بولمايدۇ.

  ۋە مادەم ئىنسان بىلمىگەن، يېتىشمىگەن ياكى ئېرىشەلمىگەن مەقسىتىدىن كەلگەن قايغۇ ۋە ئەلەمدىن تەسەللىي تېپىش ئۈچۈن ئۇ نەرسىنىڭ قۇسۇرىنى تېپىش ئارقىلىق، ھەتتا يوشۇرۇن ئاداۋەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى تېنچلاندۇرىدۇ.

  ۋە مادەم بۇ كائىنات ئىنسان ئۈچۈن يارىتىلغان، ئىنسان بولسا ﷲنى تونۇش ۋە سۆيۈش ئۈچۈن يارىتىلغان.

  ۋە مادەم بۇ كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى ئىسىملىرى بىلەن بىللە ئەبەدىيدۇر.

  ۋە مادەم ئىسىملىرىنىڭ جىلۋىلىرى دائىمىي، باقىي ۋە ئەبەدىي بولىدۇ. ئۇنداق بولغانىكەن ئەلۋەتتە ۋە ئەلۋەتتە ئىنسان بىر باقىي دىيارغا بارىدۇ ۋە باقىي بىر ھاياتقا ئىگە بولىدۇ

  ئىنساننىڭ قىممىتىنى، ۋەزىپىلىرىنى ۋە كامالىتىنى بىلدۈرگەن ئەڭ بۈيۈك رەھبەر، ئەڭ كامىل ئىنسان بولغان مۇھەممەدى ئەرەبى ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئىنسانغا دائىر بىز بايان قىلغان پۈتۈن كامالەتنى ۋە ۋەزىپىلەرنى ئەڭ مۇكەممەل بىر سۈرەتتە ئۆزىدە ۋە دىنىدا كۆرسىتىشى بىلەن كۆرسىتىدۇكى، كائىنات ئىنسان ئۈچۈن يارىتىلغان، ھەمدە كائىناتتىن مەقسۇد (مەقسەت قىلىنغان) ۋە مۇنتەھاب (تاللىنىلغان) مەخلۇق ئىنساندۇر. شۇنىڭدەك ئىنسان ئىچىدىنمۇ ئەڭ بۈيۈك مەقسۇد، ئەڭ قىممەتلىك مۇنتەھاب ۋە ئەڭ پارلاق ئەھەدىيەت ۋە سەمەدىيەت ئەينىكى ئەھمەدى مۇھەممەدتۇر.

عَلَيْهِ وَ عَلَى آلِهِ الصَّلاَةُ و السَّلاَمُ بِعَدَدِ حَسَنَاتِ اُمَّتِهِ

(ئۈممىتىنىڭ ساۋاپلىرى سانىچە ئۇنىڭغا ۋە ئائىلەتاۋاباتلىرىغا

سالاتۇسالاملار بولسۇن.)

يَا اَللّهُ يَا رَحْمنُ يَا رَحِيمُ يَا فَرْدُ يَا حَىُّ يَا قَيُّومُ

يَا حَكَمُ يَا عَدْلُ يَا قُدُّوسُ

نَسْئَلُكَ بِحَقِّ فُرْقَانِكَ الْحَكِيمِ وَ بِحُرْمَةِ حَبِيبِكَ اْلاَكْرَمِ

وَ بِحَقِّ اَسْمَائِكَ الْحُسْنَى وَ بِحُرْمَةِ اِسْمِكَ اْلاَعْظَمِ اِحْفَظْنَا مِنْ شَرِّ النَّفْسِ وَ الشَّيْطَانِ وَ مِنْ شَرِّ الْجِنِّ

وَ اْلاِنْسَانِ آمِينَ

﴿سُبْحَانَكَ لاَ عِلْمَ لَنَا اِلاَّ مَا عَلَّمْتَنَا اِنَّكَ اَنْتَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ

——————————————————–

* قەييۇم: ئەزەلىي ۋە ئەبەدى بولۇپ، ھەر نەرسە ئۇ ئارقىلىقلا (قىيامدا، قائىم) بولغان ﷲ.

**(ھاشىيە): بۇ رىسالىنى ئوقۇغان ئەگەر پەن بىلەن شوغۇللانغۇچىلار بولمىسا، بىرىنچى شولىنى ئوقۇمىسۇن ياكى ئاخىرىدا ئوقۇسۇن. ئىككىنچىدىن باشلىسۇن.

*** زاتى ئەقدەس: پۈتۈن نۇقسان ۋە كەمچىلىكلەردىن چەكسىز دەرىجىدە پاك ۋە مۇقەددەس بولغان زات ().

**** شۇئۇنات: ئىشلار، ھاللار، ھالەتلەر.

*****ھەيۇلا مۇندەرىجىسى: كونا پەلسەپىدە شەيئىلەرنىڭ ئاساسى دەپ قارالغان نەرسە.

****** ۋۇجۇب: بارلىقى قەتئىي ۋە زۆرۇرى بولغان، بولمىسا بولمايدىغان.

********سەرمەدىيەت: دائىمىيلىق، ئەبەدىيلىك، مەڭگۈلۈك.

******* ۋۇجۇتقا كەل، دېيىلىدۇ ۋە دەرھال ۋۇجۇتقا كېلىدۇ.

******** ۋۇجۇبى ۋۇجۇد: بارلىقى، مەۋجۇتلىقى قەتئىي ۋە زۆرۈر بولۇش.

********* قۇدسىي: كەمچىلىكلەردىن پاك، مۇقەددەس.

********** ئىستىغنا: ئېھتىياجسىزلىق، ھېچبىر نەرسىگە مۇھتاج بولماسلىق.

*********** ئىمكان: مۇمكىن بولۇش، بولۇشبولماسلىقى ئىمكانىيەتتە بولۇش، ۋاجىپ ۋە زۆرۈرىي بولماسلىق، (مەخلۇقات سۈپىتى).

************ (ھاشىيە): ئوتتۇزىنچى لەمئانىڭ ئالتە رىسالىسىنىڭ ئاساسى، باش تېمىسى ۋە ئىسمى ئەزەمنىڭ سىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە مۇقەددەس ئىسىمنىڭ غايەت قىسقا بىر خۇلاسىسىدۇر.

************(ھاشىيە): شۇنداق، خۇددى ئىنسان بەدىنىنىڭ زەررىلىرى كائىناتنىڭ ئېلېمېنتلىرىدىن، سۆڭەكلىرى تاش ۋە قىيالىرىدىن، چاچلىرى ئۆسۈملۈك ۋە دەرەخلەردىن، ئېقىۋاتقان قانلىرى، ھەمدە كۆز، قۇلاق، بۇرۇن ۋە ئېغىزلىرىدىن ئاققان باشقاباشقا سۇلىرى زېمىندىكى بۇلاق ۋە مېنىرال سۇلىرىدىن خەۋەر بېرىپ، دالالەت قىلىپ ئۇلارغا ئىشارەت قىلغىنىدەك، ئوخشاشلا ئىنساننىڭ روھى روھلار ئالىمىدىن، ئەستە ساقلاش سېزىمى لەۋھۇلمەھفۇزدىن، خىيالى مىسال ئالىمىدىن ۋەھاكازاھەر بىر ھېستۇيغۇسى بىر ئالىمىدىن خەۋەر بېرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ بارلىقىغا قەتئىي گۇۋاھلىق قىلىدۇ.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.