ئىسمى ئەزەم ھەر كىم ئۈچۈن بىر بولمايدۇ، شۇنداقمۇ؟

ئىسمى ئەزەم ھەر كىم ئۈچۈن بىر بولمايدۇ، شۇنداقمۇ؟

 

   ئىسمى ئەزەم ھەر كىم ئۈچۈن بىر بولمايدۇ. بەلكى باشقاباشقا بولىدۇ.

  مەسىلەن: ئىمامى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۈچۈن «فەرد، ھەييۇن، قەييۇم، ھەكەم، ئەدل ۋە قۇددۇس»تىن ئىبارەت ئالتە ئىسىمدۇر. ئىمامى ئەزەمنىڭ ئىسمى ئەزەمى: «ھەكەم، ئەدل» ئىسىملىرىدۇر. غەۋسۇل ئەزەمنىڭ ئىسمى ئەزەمى: «يا ھەييۇندۇر. ۋە ئىمامى رەببانىينىڭ ئىسمى ئەزەمى: «قەييۇم»دۇر. ۋەھاكازا… نۇرغۇنلىغان زاتلار يەنە باشقا ئىسىملارنى ئىسمى ئەزەم دەپ كۆرۈشكەندۇر. بۇ بەشىنچى نۇكتە «ھەييۇن» ئىسمى ھەققىدە بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەم تەۋەرۈك، ھەم شاھىت، ھەم دەلىل، ھەم مۇقەددەس ھۆججەت، ھەم ئۆزىمىزگە بىر دۇئا، ھەم بۇ رىسالىگە گۈزەل بىر خاتىمە قاتارىدا، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ «جەۋشەنۇل كەبىر» نامىدا مەرىفەتۇللاھتىكى غايەت يۈكسەك ۋە غايەت مۇجەسسەم دەرىجىدە مەرىپىتىنى ئىپادىلەپ قىلغان ئۇلۇغ مۇناجاتىغا؛ بىزمۇ خىيالەن ئۇ زامانغا بېرىپ رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ دېگىنىگە «ئامىندەپ ئەينى شۇ مۇناجاتنى ئۆزىمىزمۇ سۆزلەۋاتقاندەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ساداسى بىلەن دەيمىز:

يَا حَىُّ قَبْلَ كُلِّ حَىٍّ يَا حَىُّ بَعْدَ كُلِّ حَىٍّ

يَا حَىُّ الَّذِى لَيْسَ كَمِثْلِهِ حَىٌّ يَا حَىُّ الَّذِى لاَ يُشْبِهُهُ شَيْءٌ

يَا حَىُّ الَّذِى لاَ يَحْتَاجُ اِلَى حَىٍّ يَا حَىُّ الَّذِى لاَ يُشَارِكُهُ حَىٌّ يَا حَىُّ الَّذِى يُمِيتُ كُلَّ حَىٍّ يَا حَىُّ الَّذِى يَرْزُقُ كُلَّ حَىٍّ

يَا حَىُّ الَّذِى يُحْيِى الْمَوْتَى يَا حَىُّ الَّذِى لاَ يَمُوتُ

سُبْحَانَكَ يَا لاَ اِلهَ اِلاَّ اَنْتَ اْلاَمَانُ اْلاَمَانُ نَجِّنَا مِنَ النَّارِ آمِينَ

﴿سُبْحَانَكَ لاَ عِلْمَ لَنَا اِلاَّ مَا عَلَّمْتَنَا اِنَّكَ اَنْتَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.