رىسالەئى نۇر ھەققىدە

ئىمان ۋە ئىسلامىيەتنىڭ پەرقى؟

  ئىسلامىيەت، ئىلتىزامدۇرتەرەپتارلىقتۇر. ئىمان بولسا، ئىزئاندۇرپاراسەت بىلەن ئىشىنىشتۇر. ئىسلامىيەت، ھەققە تەرەپتارلىق ۋە تەسلىم بولۇش ۋە ئىنقىياتتۇرئەگىشىشتۇر. ئىمان بولسا، ھەقنى قوبۇل قىلىش ۋە تەستىقتۇر. بۇرۇن بەى دىنسىزلارنى كۆرگەنتىم: قۇرئان ئەھكاملىرىغا شىددەتلىك تۈردە تەرەپتارلىق كۆرسىتەتتى. دېمەك، ئۇ دىنسىز بىر جەھەتتە ھەقنىڭ ئىلتىزامى يەنى لازىم دەپ بىلىپ تەرەپتارلىق كۆرسىتەتتى ۋە ئىسلامىيەتكە مەزھەر« دىنسىز بىر مۇسلىمان» دېيىلەتتى. كېيىن بەزى مۆئمىنلەرنى كۆردۈمكى، قۇرئان ئەھكاملىرىغا تەرەپتارلىق كۆرسەتمەيىتتى ۋە ئىلتىزام يەنى تەرەپتارلىق كۆرسەتمەيىتتى…«غەيرى مۇسلىمان بىر مۆئمىن» تەبىرىگە مەزھەر ئىدى.

  ئەجىبا، ئىمانسىز ئىسلامىيەت نىجاتلىق تېپىشقا مەدارى سەۋەب بولالمايدۇ. فەلىللاھىل ھەمىد ۋەل مىننەتۇ، قورئاننىڭ مەنىۋى مۆجىزىلىكىنىڭ پەيزى بىلەن، رىسالەئى نۇر مىزانلىرىدىنى ئىسلامنىڭ ۋە قۇرئان ھەقىقەتلىرىنىڭ مەنىۋى مۆجىزلىكىدىن چىققان مېۋىلىرىنى ۋە نەتىجىلىرىنى شۇنداق بىر ئۇسلۇبتا كۆرسەتكەندۇركى، دىنسىزلارمۇ ئۇلارنى ئاڭلىسا، تەرەپتار بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس.ھەەم ئىمان ۋە ئىسلامنىڭ دەلىلل بۇرھانلىرى، ئۇ دەرىجە قۇۋۋەتلىك شەكىلدە كۆرسىتىلگەنكى، غەيرى مۇسلىم ئاڭلىسا، ئىككىلەنمەستىن تەستىق قىلىدۇ. غەيرى مۇسلىم بولغان تۇرۇقلۇق، ئىمان ئېيتىدۇ.

مەكتۇبات(34-35)

  ئىمان-رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ تەبلىغ قىلغان دىنى زۈرۈرىيەتلەرنى تەپسىلاتلىق ھالدە، زۈرۈرىيەتلەرنىڭ غەيرىسىنى يەنى سىرتىدىكىلىرىنى يىغىنچاق شەكىلدە تەستىق قىلىشتىن ھاسىل بولغان بىر نۇردۇر. ئىشارەتۇل ئىجاز،(41) ؛

  ئىسلام بولسا، قۇرئاندا ۋە سۈننەتتە تىلغا ئېلىنغان فەرىد يەنى شەخىس ۋە دۆلەت بىلەن ئالاقىدار بولغان ئىلاھى ئەھكاملارغا ئىشەنمەك؛ ئۇ ئەھكاملارنىڭ بولۇپمۇ شەئائىرى ئسلامىيە يەنى ئىسلامى بولغان ۋە ئۇنىڭغا ئىشارەت بولىدىغان ئالامەتلەرنىڭ تەتبىق ۋە ئىجراسىغا قەلبى جەھەتتىن تەرەپتار بولۇش، دىنگە مۇخالىپ بولغان بىدئەتلەرگە بولسا تەرەپتار بولماسلىقتۇر.

  ھەرقانداق كىشى، بۇ ئىككى ئۇل ئاساسىنى-يەنى ئىمان ۋە ئىسلامنى قولغا كەلتۈرمەي تۇرۇپ ئەھلى نىجات ۋە ئەھلى جەننەت بولالمايدۇ، ئەبەدى جەھەننەمدە قالىدۇ.