ئىنسانلارنى زىياندىن سالامەتلىككە چىقىرىدىغان تۆت ئىلمىنىت!
اِلاَّ الَّذ۪ينَ اٰمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ
وَتَوَاصَوْا بِالْحَقِّ وَتَوَاصَوْا بِالصَّبْرِ
”(پەقەتلا ئۇ كىشىلەردۇركى: ئىمان ئېيتىشتى ۋە سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشتى ۋە بىر–بىرسىگە ھەقنى ۋە سەبىرنى تەۋسىيە قىلىشتى، ئۇلار مۇستەسنادۇر.) بۇ سۈپەتكە ساھىپ بولغانلار، زىياندا قالمايدۇ.“
بۇ ئايىتى كەرىمىدە، ئىنسانلارنىڭ زىياندىن سالامەتلىككە ئېرىشىشى، تۆۋەندىكى تۆت شەرىتكە باغلىنىشلىقتۇر:
بىرىنچىسى: ئىمان؛
ئىككىنچىسى: سالىھ ئەمەل؛
ئۈچىنچىسى: ھەقنى تەۋسىيە قىلىش؛
تۆتىنچىسى: سەبىرنى تەۋسىيە قىلىش؛
ئىنساننى زىياندىن خالاس قىلىدىغان سالىھ ئەمەللەرنىڭ بېشىدا، ناماز ئىبادىتى ئورۇن ئالماقتا. ئۇنداق بولسا، ناماز ۋاسىتىسى بىلەن بىر ساندۇقچە ھۆكمىدە بولغان جاينامازغا ئۆمۈر سەرمايىسىدىن بىر مىقدار ئات ۋە قۇتۇل! چۈنكى چارە يوق، يوقىلىشقا–ئاخىرلىشىقا قاراپ كىتىپ بارىسەن. دۇنيا ئالىمىمۇ ئاخىرلىشىشقا–يوقىلىشقا قاراپ تىز سۈرەتتە كىتىپ بارىدۇ. يىگىرمە تۆت سائەتتىن ئىبارەت بولغان سېنىڭ بۈگۈنكى كۈنۈڭ، پۈتۈن ئالەمنىڭ زاۋال تېپىش ۋە ئايرىلىشلىرىدىن، ئۆلۈم ۋە يوق بولۇشلىرىدىن خەۋەر بېرىۋاتىدۇ. سېنىڭ ۋە ئالەمنىڭ تەقدىرىنى ساڭا ئوقۇتتۇرىۋاتىدۇ. مۇئەللىپ(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ”سۆزلەر“ نامىلىق ئەسىرىدە شۇنداق دىگەندۇر:
”ئەي نەفس! بىلگىنكى، تۈنۈگۈنكى كۈن سېنىڭ قولۇڭدىن چىقتى ۋە ئەتىگىچە ياشىيالايدىغانلىقىڭغا قولۇڭدا كاپالەت ھۆججىتى يوق. ئۇنداقتا، ھەقىقىي ئۆمرۈڭنى ياشاۋاتقان كۈنۈڭ دەپ بىل، ھېچ بولمىغاندا ئۇ كۈننىڭ بىر سائىتىنى خۇددى زاپاس پۇلدەك ھەقىقىي ئىستىقبال ئۈچۈن بىر ساندۇقچە ھۆكمىدە بولغان بىر مەسجىتكە ياكى بىر جاينامازغا تاشلا.“[1]
—————————————————————–
[1]سۆزلەر،21-سۆز،بەشىنچى ئويغىتىش،ئىككىنچى كان، 272-273بەت؛