رىسالەئى نۇر ھەققىدە

ئىنساننىڭ سائادىتى ۋە ھالاكىتى

ئىككىنچى قىسىم

﴿لَقَدْ خَلَقْنَا اْلاِنْسَانَ فِى اَحْسَنِ تَقْوِيمٍ ٭ ثُمَّ رَدَدْنَاهُ اَسْفَلَ سَافِلِينَ ٭ اِلاَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَ عَمِلُوا الصَّالِحَاتِ

بىز ئىنساننى شەك ـ شۈبھىسىز ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق[4].ئاندىن ئۇنى(چىرايلىق ياراتقانلىق نېمىتىمىزگە شۈكۈر قىلماي ئاسىيلىق قىلغانلىقتىن)دوزاخقا قايتۇردۇق[5].پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا.بۇلارغا ئۈزۈلمەس ساۋاب بېرىلىدۇ[6]

(سۇرە تىن:4-6)

(ئىنساننىڭ سائادىتى ۋە ھالاكىتىنى چۈشەندۈرگەن «بەش نۇكتە»*دىن ئىبارەت.)

   ئىنسان ئەھسەنە تەقۋىمدە (ئەڭ گۈزەل، ئەڭ مۇكەممەل ماقامدا) يارىتىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك قابىلىيەت بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئەسفەلە سافىلىندىن تا ئالايى ئىللىييىنگىچە، پەرىشتىن تا ئەرىشكىچە، زەررىدىن تا قۇياشقىچە بولغان مەرتىۋىلەرگە، دەرىجىلەرگە، تەبىقىلەرگە چىقالايدىغان ۋە ياكى ئەكسىچە چۈشەلەيدىغان بىر ئىمتىھان مەيدانىغا تاشلانغان بولۇپ، ئالدىغا چەكسىز تۆۋەنلەش ۋە چەكسىز كۆتىرىلىشكە قارىغان ئىككى يول ئېچىلغان بىر قۇدرەت مۆجىزىسى، يارىتىلىش نەتىجىسى ۋە ھەيران قالارلىق سەنئەت ئەسىرى قىلىنىپ شۇ دۇنياغا ئەۋەتىلگەندۇر. ئىنساننىڭ ئەنە شۇ غايەت دەرىجىدە كۆتىرىلىش ۋە چۈشۈش سىرىنى «بەش نۇكتە» بىلەن بايان قىلىمىز:

   بىرىنچى نۇكتە: ئىنسان مەۋجۇداتلار ئالىمىنىڭ كۆپلىگەن تۈرلىرىگە مۇھتاج ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقىداردۇر. ئېھتىياجلىرى ئالەمنىڭ ھەر تەرىپىگە تارالغان، ئارزۇلىرى ئەبەدكە قەدەر ئۇزارغان. بىر گۈلنى خالىغىنىدەك بىر باھارنىمۇ خالايدۇ. بىر باغچىنى ئارزۇ قىلغاندەك، ئەبەدىي جەننەتنىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. بىر دوستىنى كۆرۈشكە ئىنتىزار بولغاندەك، چەكسىز گۈزەللىك ۋە ئۇلۇغلۇق ئىگىسى بولغان ﷲنىمۇ كۆرۈشكە ئىنتىزاردۇر. باشقا بىر يەردىكى سۆيگىنىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن، ئۇ يەرنىڭ ئىشىكىنى ئېچىشقا مۇھتاج بولغىنىدەك، قەبىر ئالىمىگە كۆچۈپ كەتكەن يۈزدە توقسان توققۇز دوستيېقىنلىرىنى زىيارەت قىلىش ۋە ئۇلاردىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، بۇ دۇنيانىڭ ئىشىكىنى تاقاپ، ئاجايىپ ھادىسىلەر مەيدانى بولغان ئاخىرەت ئىشىكىنى ئاچىدىغان، دۇنيانىڭ ئورنىغا ئاخىرەتنى قۇرىدىغان ۋە قويىدىغان بىر چەكسىز قۇدرەت ئىگىسى بولغان ﷲنىڭ دەرگاھىغا ئىلتىجا قىلىشقا مۇھتاجدۇر. ئەنە شۇ ئەھۋالدىكى بىر ئىنسانغا ھەقىقىي مەبۇد بولسا، پەقەتلا ھەر نەرسىنىڭ تىزگىنى قولىدا، ھەر نەرسىنىڭ خەزىنىسى يېنىدا، ھەر يەردە ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى، ماكانغا باغلىنىشچانلىقى بولمىغان، ئاجىزلىقتىن مۇستەسنا، قۇسۇر ۋە كەمچىلىكتىن پاك بولغان چەكسىز قۇدرەت ۋە ھەيۋەت ئىگىسى، چەكسىز مەرھەمەت ۋە گۈزەللىك ئىگىسى، چەكسىز ھىكمەت ۋە كامالەت ئىگىسى بولغان ﷲ بولالايدۇ. چۈنكى ئىنساننىڭ چەكسىز ھاجەتلىرىنى تەمىنلىگەن پەقەتلا ھەممىگە قادىر بولغان، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلىم ئىگىسى بولغان زاتلا بولالايدۇ. ئۇنداقتا مەبۇدلۇققا لايىق پەقەت ئۇدۇر.

  ئەي ئىنسان! ئەگەر پەقەت ئۇنىڭغىلا قۇل بولساڭ، بارلىق مەۋجۇدات ئۈستىدە بىر مەرتىۋە قازىنىسەن. ئەگەر قۇلچىلىقتىن يۈز ئۆرىسەڭ، ئاجىز مەخلۇقاتلارغا پەس بىر قۇل بولۇپ قالىسەن. ئەگەر مەنمەنچىلىكىڭگە ۋە ئىقتىدارىڭغا ئىشىنىپ، تەۋەككۈل ۋە دۇئانى تاشلاپ، تەكەببۇر ۋە ئىسيان قىلىشقا چۈشسەڭ، ئۇ چاغدا ياخشىلىق ۋە ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش جەھەتىدە ھەرە ۋە چۈمۈلىدىن تۆۋەن، ئۆمۈچۈك ۋە چىۋىندىنمۇ ئاجىز بولىسەن. يامانلىق ۋە بۇزۇش جەھەتىدە بولسا تاغدىنمۇ ئېغىر، ۋابادىنمۇ زىيانلىق بولىسەن.

  ئەي ئىنسان! سەندە ئىككى جەھەت بار. بىرىسى: ئىجاد (ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش)، بارلىق، ياخشىلىق، مۇسبەت ۋە ئىشھەرىكەت جەھەتىدۇر. يەنە بىرى: بۇزۇش، يوقلۇق، يامانلىق، مەنفى ۋە تەسىرگە ئۇچراش جەھەتىدۇر.

  بىرىنچى جەھەت ئېتىبارى بويىچە، ھەرە ۋە قۇشقاچتىن تۆۋەن، چىۋىن ۋە ئۆمۈچۈكتىن ئاجىزسەن. ئىككىنچى جەھەت ئېتىبارى بويىچە، تاغ، يەر، كۆكلەردىن ئاشىسەن، ئۇلار چېكىنگەن ۋە ئاجىزلىق كۆرسەتكەن بىر يۈكنى كۆتۈرىسەن، ئۇلاردىن تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ چوڭ بىر دائىرىگە ئىگە بولىسەن. چۈنكى سەن ياخشىلىق ۋە ئىجاد قىلغان ۋاقىت، پەقەت تاقىتىڭ قەدەر، قولۇڭ يېتىشكىدەك دەرىجىدە، قۇۋۋىتىڭ يەتكىدەك مەرتىۋىدىلا ياخشىلىق ۋە ئىجاد قىلالايسەن. ئەگەر يامانلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلساڭ، ئۇ يامانلىقىڭ، بۇزغۇنچىلىقىڭ ھەسسىلەپ نەتىجە بېرىدۇ. مەسىلەن، كۇفۇر بىر يامانلىقتۇر، بىر بۇزغۇنچىلىقتۇر، ھەقىقەتنى يوققا چىقىرىشتۇر. لېكىن ئۇ بىرلا يامانلىق، پۈتۈن كائىناتتىكى ھەممە نەرسىنى ھاقارەتلەش، پۈتۈن ئىلاھىي ئىسىملارنى پەس كۆرۈش، پۈتۈن ئىنسانىيەتنى رەزىل كۆرۈش ھېساپلىنىدۇ. چۈنكى شۇ مەۋجۇداتلارنىڭ ئالى بىر دەرىجىسى، ئەھمىيەتلىك بىر ۋەزىپىسى باردۇر. يەنى ئۇلار رەببانىي خەت، سۇبھانىي ئەينەك، ئىلاھىي خىزمەتچىلەردۇر. كۇفۇر بولسا ئۇلارنى ئەينەك، ۋەزىپىدار ۋە مەنىدار بولۇش مەرتىۋىسىدىن چۈشۈرۈپ، بوشلۇق ۋە تاسادىپىيلىقنىڭ ئويۇنچۇقى بولۇش دەرىجىسىگە، يوقىلىش ۋە ئايرىلىشقا يۈز تۇتۇش بىلەن تېز بۇزۇلۇپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ماددا دەرىجىسىگە، ئەھمىيەتسىزلىك، قىممەتسىزلىك، يوقلۇق دەرىجىسىگە ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، پۈتۈن كائىناتتا ۋە مەۋجۇداتلارنىڭ ئەينەكلىرىدە نەقىشلىرى، جىلۋىلىرى ۋە جاماللىرى كۆرۈنگەن ئىلاھىي ئىسىملارنى ئىنكار قىلىپ پەس كۆرسىتىدۇ. شۇنداقلا ئىنسانلىق دېيىلگەن ﷲنىڭ بارلىق مۇقەددەس ئىسىملىرىنىڭ جىلۋىلىرىنى گۈزەل ھالدا ئېلان قىلغان(ياكى كۆرسەتكەن) ھىكمەت قەسىدىسىگە ئوخشاش، ھەمدە ئۆلمەس بىر دەرەخنىڭ پروگراممىلىرىنى ئىچىگە ئالغان ئۇرۇققا ئوخشاش ئوچۇق بىر قۇدرەت مۆجىزىسىنى، شۇنداقلا ئەڭ چوڭ بىر ئامانەتنى زىممىسىگە ئېلىش ئارقىلىق يەر، كۆك، تاغلاردىن ئۈستۈن كەلگەن ۋە پەرىشتىلەرگە نىسبەتەن ئۈستۈنلۈك قازانغان، زېمىندىكى خەلىپىلىك مەرتىۋىسىنىڭ ئىگىسىنى ئەڭ خار بىر فانىي ھايۋاندىن تېخىمۇ خار، تېخىمۇ زەئىپ، تېخىمۇ ئاجىز، تېخىمۇ مۇھتاج بىر دەرىجىگە ئاتىدۇ. ھەمدە مەنىسىز، قالايمىقان، تېز بۇزۇلىدىغان ئاددى بىر لەۋھە دەرىجىسىگە چۈشۈرىۋېتىدۇ.

  نەتىجە: يامانلىقنى خالىغان نەفىس، بۇزۇش ۋە يامانلىق جەھەتى بويىچە چەكسىز جىنايەت قىلالايدۇ. لېكىن ئىجاد ۋە ياخشىلىقتا ئىقتىدارى ناھايىتى ئاز ۋە چەكلىكتۇر. شۇنداق، بىر ئۆينى بىر كۈندە بۇزۇپ خاراپ قىلىدۇ، يۈز كۈندە ياسىيالمايدۇ.

  ئەگەر مەنمەنچىلىكنى تاشلىسا، ياخشىلىق ۋە ۋۇجۇتقا چىقىرىشنى ﷲدىن تىلىسە، يامانلىق، بۇزغۇنچىلىق ۋە نەفسىگە ئەگىشىشتىن ۋاز كەچسە، ئىستىغفار قىلىپ، دۇرۇس قۇل بولسا ئۇ چاغدا ﴿يُبَدِّلُ اللّهُ سَيِّئَاتِهِمْ حَسَنَاتٍ﴾(فۇرقان:70) سىرىغا ئىگە قىلىدۇ. ئۇنىڭدىكى چەكسىز يامانلىق قابىلىيىتى، چەكسىز ياخشىلىق قابىلىيىتىگە ئالمىشىدۇ. ئەھسەنە تەقۋىم قىممىتىنى ئېلىپ، ئالايى ئىللىييىنگە چىقىدۇ.

  ئەي غافىل ئىنسان! جانابى ﷲنىڭ ئېھسان ۋە ئىنايىتىگە قارا: بىر گۇناھنى مىڭ يېزىش، ساۋاپنى بىر ياكى ھېچ يازماسلىق ئادالەت تۇرسىمۇ، بىر گۇناھنى بىر يازىدۇ، بىر ساۋاپنى ئون، بەزىدە يەتمىش، بەزىدە يەتتەيۈز، بەزىدە يەتتەمىڭ يازىدۇ. ھەم شۇ نۇقتىدىن چۈشەنكى، ئۇ دەھشەتلىك جەھەننەمگە كىرىش، قىلغان ئىشنىڭ جازاسىدۇر. ھەقىقىي ئادىللىقتىندۇر. لېكىن جەننەتكە كىرىش بولسا، چەكسىز ساخاۋەت ۋە مەرتلىكتىندۇر.

  ئىككىنچى نۇكتە: ئىنساندا ئىككى تەرەپ بار. بىرىسى، مەنمەنچىلىك جەھەتى بويىچە شۇ دۇنيالىق ھاياتقا قارايدۇ. يەنە بىرى، ئىبادەت جەھەتى بويىچە ئەبەدىي ھاياتقا قارايدۇ.

   بىرىنچى تەرەپ ئېتىبارى بويىچە شۇنداق بىر بىچارە مەخلۇقتۇركى، سەرمايىسى پەقەت ئىختىياردىن بىر تال چاچتەك كىچىككىنە بىر جۈزئى ئىختىيارى، ئىقتىداردىن ئازغىنە بىر كۈچ، ھاياتتىن تېز ئۆچىدىغان بىر شولا، ئۆمۈردىن تېز ئۆتىدىغان بىر مۇددەت ۋە مەۋجۇدلۇقتىن تېز چىرىيدىغان كىچىك بىر جىسىمدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كائىناتنىڭ تۈرلۈك تەبىقىلىرىدە يېيىلغان چەكسىز تۈرلەرنىڭ ھېساپسىز ئەزالىرى ئىچىدە نازۇك، ئاجىز بىر شەخس بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

  ئىككىنچى تەرەپ ئېتىبارى بىلەن، بولۇپمۇ ئىبادەتكە قارىغان ئاجىزلىق ۋە مۇھتاجلىق جەھەتىدە ناھايىتى كەڭ دائىرىنىڭ ئىگىسىدۇر، ناھايىتى چوڭ بىر ئەھمىيىتى بار. چۈنكى، قۇدرىتى چەكسىز ۋە ئىنتايىن رەھىملىك، ھەم بايلىقى چەكسىز ۋە ئىنتايىن مەرد بولغان بىر زاتنىڭ چەكسىز جىلۋىلىرى جەم بولالايدىغان كەڭ بىر كۆرسەتكۈچى ئەينەك بولىشى ئۈچۈن، چەكسىز ھىكمەت ئىگىسى بولغان ياراتقۇچى ﷲ، ئىنساننىڭ مەنىۋى ماھىيىتىدە چەكسىز بىر ئاجىزلىق ۋە مۇھتاجلىق قويغان.

   شۇنداق، ئىنسان بىر ئۇرۇققا ئوخشايدۇ. ئۇرۇقنىڭ تۇپراق ئاستىدا ئىشلەپ ئۇ تار ئالەمدىن چىقىپ، كەڭ ھاۋا ئالىمىگە كىرىپ، ياراتقۇچىسىدىن قابىلىيەت تىلى ئارقىلىق بىر دەرەخ بولىشىنى تىلەپ، ئۆزىگە لايىق ھالدا يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا قۇدرەت تەرىپىدىن مەنىۋى ۋە مۇھىم سىستېمىلار، تەقدىر تەرىپىدىن ئىنچىكە ۋە قىممەتلىك پروگراممىلار بېرىلگەن. ئەگەر ئۇ ئۇرۇق ئۆزىنىڭ يامان تەبىئىتى سەۋەبلىك، ئۇنىڭغا بېرىلگەن مەنىۋى سىستېمىلارنى تۇپراقتىكى بەزى زىيانلىق ماددىلارنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن سەرپ قىلسا، ئۇ تار يەردە، قىسقا بىر زاماندا، پايدىسىز سېسىپ، چىرىپ كېتىدۇ. ئەگەر ئۇ ئۇرۇق ئۇ مەنىۋى سىستېمىلىرىنى ﴿فَالِقُ الْحَبِّ وَالنَّوَى﴾(ئەنئام:95) بولغان ﷲنىڭ (تەبىئەتكە ئائىت شەرىئەت) ئەمرلىرىگە بويسۇنۇپ ياخشى قوللانسا، ئۇ تار ئالەمدىن چىقىپ يوغان بىر مېۋىلىك دەرەخ بولۇشى بىلەن بىرگە، باشتىكى كىچىك بىر پارچە ھەقىقىتى ۋە مەنىۋى روھى چوڭ بىر ئومۇمى ھەقىقەت شەكلىنى ئالىدۇ.

   دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، ئىنساننىڭ ماھىيىتىگە قۇدرەت تەرىپىدىن مۇھىم سىستېمىلار، تەقدىر تەرىپىدىن قىممەتلىك پروگراممىلار قويۇلغان. ئەگەر ئىنسان شۇ تار زېمىن ئالىمىدە، دۇنياۋى ھايات تۇپرىقى ئاستىدا ئۇ مەنىۋى سىستېمىلىرىنى نەفىسنىڭ ھەۋەسلىرىگە سەرپ قىلسا، چىرىگەن ئۇرۇققا ئوخشاش ئازغىنا بىر لەززەت ئۈچۈن، قىسقا بىر ئۆمۈردە، تار بىر يەردە قىينالغان ھالدا چىرىپ خاراپ بولىدۇ. مەنىۋى مەسئۇلىيىتىنى بەختسىز روھىغا يۈكلەپ شۇ دۇنيادىن كۆچۈپ كېتىدۇ.

   ئەگەر ئۇ قابىلىيەت ئۇرۇقىنى ئىسلامىيەت سۈيى بىلەن، ئىمان نۇرى بىلەن، ئىبادەت تۇپرىقى ئاستىدا تەربىيىلەپ، قۇرئان ئەمىرلىرىگە بويسۇنۇپ مەنىۋى سىستېملىرىنى ھەقىقىي غايىلىرىگە يۈزلەتسە، ئەلۋەتتە روھانىي ئالەم ۋە قەبىر ھاياتىدا تال ۋە شاخ چىقىرىدىغان، ھەمدە ئاخىرەت ئالەمى ۋە جەننەتتە چەكسىز كامالەت ۋە نىمەتلەرگە سەۋەب بولىدىغان بىر باقىي دەرەخنىڭ ۋە بىر دائىملىق ھەقىقەتنىڭ سىستېمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىممەتلىك بىر ئۇرۇق، ھەيران قالارلىق بىر ماشىنا(ئاپپارات)، بۇ كائىنات دەرىخىنىڭ مۇبارەك ۋە نۇرلۇق بىر مېۋىسى بولىدۇ.

   شۇنداق، ھەقىقىي تەرەققىيات (يۈكسەكلىك) بولسا، ئىنسانغا بېرىلگەن قەلب، سىر، روھ، ئەقىل، ھەتتا خىيال ۋە باشقا سېزىملارنىڭ يۈزلىرىنى ئەبەدىي ھاياتقا بۇراپ، ھەربىرىنى ئۆزىگە لايىق خۇسۇسىي بىر ئىبادەت ۋەزىپىسى بىلەن مەشغۇل قىلىشتىدۇر. بولمىسا، زالالەتتىكىلەر تەرەققىيات دەپ بىلگەن، دۇنيا ھاياتىنىڭ بارلىق ئىنچىكىلىكلىرىنىڭ ئىچىگە كىرىپ ۋە لەززەتلەرنىڭ ھەر تۈرىنى، ھەتتا ئەڭ پەس لەززەتلەرنى تېتىش ئۈچۈن بارلىق سېزىملىرىنى، قەلب ۋە ئەقلىنى نەفسى ئەممارىنىڭ* ئەمرىگە باش ئەگدۈرۈپ، ئۇنىڭغا ياردەمچى قىلسا، ئۇ تەرەققىيات ئەمەس، بەلكى چۆكۈشتۇر. شۇ ھەقىقەتنى بىر خىيالىي ۋەقەدە شۇنداق بىر مىسال ئارقىلىق كۆردۈم:

   مەن بىر چوڭ شەھەرگە كىردىم، ئۇ شەھەردە چوڭچوڭ سارايلار بار ئىكەن. بەزى سارايلارنىڭ ئىشىك ئالدىغا قارىدىم. ناھايىتى جانلىق ۋە ھەشەمەتلىك تىياتىرخانىدەك كىشىنىڭ دىققەت نەزىرىنى جەلپ قىلاتتى. كىشىگە راھەتلىك بېغىشلايدىغان بىر جەزىبىدارلىق بار ئىدى. دىققەت قىلدىمكى، ئۇ ساراينىڭ خوجايىنى ئىشىك ئالدىغا كېلىپ ئىت بىلەن ئويناۋاتاتتى ۋە ئوينىشىغا ياردەم قىلىۋاتاتتى. ئاياللار باشقا ياشلار بىلەن تاتلىق سۆھبەتلەردە ئىدى. يېتىشكەن قىزلار ئۇششاق بالىلارنىڭ ئويۇنلىرىنى تەرتىپكە سېلىۋاتاتتى. دەرۋازىۋەنمۇ ئۇلارغا قوماندانلىق قىلىۋاتقاندەك بىر رېژىسسور ھالىتىدە ئىدى. ئۇ ۋاقىت بىلدىمكى، ئۇ چوڭ ساراينىڭ ئىچى قۇپقۇرۇق، مۇھىم ۋەزىپىلەر تەرك قىلىنغان. ئەخلاقلىرى شۇ قەدەر تۆۋەن دەرىجىگە چۈشكەنلىكى ئۈچۈن ئىشىك ئالدىدا يۇقىرىقىدەك ھالەت شەكىللەنگەن.

   ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر چوڭ سارايغا دۇچ كەلدىم. كۆردۈمكى، ئىشىك ئالدىدا ياتقان ۋاپادار بىر ئىتئاددى، توڭ، جىمخور بىر دەرۋازىۋەنجىمجىت بىر ھالەت بار ئىدى. ھەيران قالدىم. نېمە ئۈچۈن ئۇ ئۇنداق، بۇ مۇنداق؟ ئىچىگە كىردىم. قارىسام ئىچىدە ناھايىتى جانلىق بىر كەيپىياتقاتمۇقات قەۋەتلەردە سارايدىكىلەر باشقاباشقا مۇھىم ۋەزىپىلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتاتتى. بىرىنچى قەۋەتتىكى كىشىلەر ساراينىڭ باشقۇرۇلىشىنى كۆزدىن كەچۈرىۋاتاتتى. ئىككىنچى قەۋەتتە قىزلار ۋە ئۇششاق بالىلار دەرس ئوقۇشىۋاتاتتى. ئۈستىدىكى قەۋەتتە ئاياللار ناھايىتى ئىنچىكە سەنئەت ۋە نەپىس كەشتىلەر بىلەن مەشغۇل ئىدى. ئەڭ يۇقىرى قەۋەتتە خوجايىن پادىشاھ بىلەن خەۋەرلىشىپ خەلقنىڭ ئامانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ كامالىتى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىگە خاس ۋە يۈكسەك ۋەزىپىلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتاتتى. مەن ئۇلارغا كۆرۈنمىگەنلىكىم ئۈچۈن «رۇخسەت يوقدېيىشمىدى. بىر قۇر قاراپ چىقالىدىم.

   كېيىن چىقىپ قارىسام، ئۇ شەھەرنىڭ ھەر تەرىپىدە ئۇ ئىككى خىلدىكى سارايلار بار. سەۋەبىنى سورىدىم. «ئۇ ئىشىك ئالدى ھەشەمەتلىك ۋە ئىچى بوش سارايلار كافىرلار ۋە زالالەتتىكىلەرنىڭدۇر. يەنە بىرى شەرەپلىك مۇسۇلمان چوڭلىرىنىڭدۇر» جاۋابىنى ئالدىم. كېيىن بىر بۇلۇڭدا يەنە بىر سارايغا دۇچ كەلدىم. ئۈستىدە «سەئىد» ئىسمىنى كۆردۈم. قىزىقىپ تېخىمۇ دىققەت بىلەن قارىدىم. رەسىمىمنى ئۈستىدە كۆرگەندەك بولدۇم. بەكمۇ ھەيرانلىقىمدىن توۋلاپ تاشلىدىمدە، ئەقلىم بېشىمغا كەلدى. ئېسىمگە كەلدىم.

  مانا بۇ خىيالىي ۋەقەنى ساڭا تەبىر قىلىمەن. ﷲ خەيرلىك قىلسۇن.

  ئۇ شەھەر بولسا، ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى ۋە مەدەنىي شەھرىدۇر. ئۇ سارايلارنىڭ ھەربىرى بىر ئىنساندۇر. ئۇ ساراي ئىچىدىكىلەر بولسا، ئىنساندىكى كۆز، قۇلاق، قەلب، سىر، روھ، ئەقىلگە ئوخشاش تۇيغۇلار، ھەمدە نەفىس، ئارزۇ، شەھۋەت(ئىشتىھا) ۋە غەزەپ سېزىملىرىدەك نەرسىلەردۇر. ھەربىر ئىنساندا ھەربىر سېزىمنىڭ باشقاباشقا ئىبادەت ۋەزىپىلىرى بار، باشقاباشقا لەززەتلىرى ۋە ئەلەملىرى بار. نەفىس ۋە ئارزۇ، ئىشتىھا(شەھۋەت) ۋە غەزەپ سېزىملىرى بىر دەرۋازىۋەن ۋە ئىت ھۆكمىدىدۇر. ئەنە شۇ يۈكسەك سېزىملارنى ھاۋايى نەفسىگە ئەگەشتۈرۈش ئەلۋەتتە تۆۋەنگە قاراپ چۆكۈشتۇر، تەرەققىيات ئەمەس. باشقا تەرەپلىرىنى سەن تەبىر قىلالايسەن.

   ئۈچىنچى نۇكتە: ئىنسان ھەرىكەت ۋە ئىش جەھەتى بويىچە ۋە ماددى ھەرىكەت ئېتىبارى بويىچە ئاجىز بىر جانلىقتۇر. ئۇنىڭ ئۇ جەھەتتىكى باشقۇرۇش ۋە ئىگىدارچىلىق دائىرىسى ئۇ قەدەر تاركى، قولىنى ئۇزاتسا ئۇنىڭغا يېتىشەلەيدۇ. ھەتتا ئىنساننىڭ قولىغا تىزگىنىنى بەرگەن ئۆي ھايۋانلىرى ئىنساننىڭ زەئىپلىك، ئاجىزلىق ۋە ھورۇنلىقىدىن ئۈلۈش ئېلىشقان بولۇپ، ياۋايىلىرى بىلەن سېلشتۇرغاندا چوڭ پەرق كۆرىنىدۇ. (ئۆچكە ۋە ئۆكۈزلەر بىلەن ياۋا ئۆچكە ۋە ياۋا ئۆكۈزلەردەك). لېكىن ئۇ ئىنسان تەسىرگە ئۇچراش، قوبۇل قىلىش، دۇئا ۋە تىلەك جەھەتىدە شۇ دۇنيا سارىيىدا ئەزىز بىر يولۇچىدۇر. شۇنداق بىر مەرد ﷲقا مېھمان بولغانكى، چەكسىز رەھمەت خەزىنىلىرىنى ئۇنىڭغا ئاچقان، ھېساپسىز ئېسىل سەنئەت ئەسەرلىرىنى ۋە خىزمەتچىلىرىنى ئۇنىڭ ئەمرىگە ئىتائەتكار قىلغان. ھەم ئۇ مېھماننىڭ سەيلە قىلىشى، ھوزۇرلىنىشى ۋە پايدىلىنىشى ئۈچۈن شۇنداق چوڭ بىر دائىرە ئېچىپ تەييارلىغانكى، ئۇ دائىرىنىڭ رادىئوسى (يەنى مەركىزىدىن ئەڭ چېتىگە قەدەر بولغان ئارىلىق) كۆز يەتكەن، ھەتتا خىيال كەتكەن يەرلەرگىچە كەڭ ۋە ئۇزۇندۇر. ئەگەر ئىنسان مەنمەنچىلىكىگە تايىنىپ، دۇنياۋى ھاياتىنى غايە قىلىپ، تىرىكچىلىك دەرتلىرى ئىچىدە، ۋاقىتلىق بەزى لەززەتلەر ئۈچۈنلا ئىشلىسە، بەكمۇ تار بىر دائىرە ئىچىدە تۇنجۇقۇپ تۈگىشىدۇ. ئۇنىڭغا بېرىلگەن سىستېمىلار، ئەزالار ۋە سېزىملار ئۇنىڭدىن شىكايەت قىلىپ، مەھشەرگاھتا ئۇنىڭغا قارشى گۇۋاھچى ۋە دەۋاگەر بولىدۇ. ئەگەر ئۆزىنى چەكسىز مەرد بولغان ﷲقا مېھمان دەپ بىلسە، ئۆمۈر سەرمايىسىنى ئۇنىڭ رۇخسىتى دائىرىسىدە سەرپ قىلسا، ناھايىتى كەڭ بىر دائىرە ئىچىدە، ئۇزۇن بىر ئەبەدىي ھايات ئۈچۈن ياخشى تىرىشىدۇ، نەپەس ئېلىپ راھەت تاپىدۇ. كېيىن ئالايى ئىللىييىنگە قەدەر چىقالايدۇ. ھەمدە ئۇ ئىنسانغا بېرىلگەن بارلىق سىستېمىلار ۋە ئەزالار ئۇنىڭدىن مەمنۇن بولۇپ، ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا تەرەپدار بولۇپ گۇۋاچىلىق قىلىدۇ.

   شۇنداق، ئىنسانغا بېرىلگەن بارلىق ھەيران قالارلىق سىستېمىلار بۇ ئەھمىيەتسىز دۇنياۋى ھايات ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بەكمۇ مۇھىم بولغان بىر باقىي ھايات ئۈچۈن بېرىلگەندۇر. چۈنكى ئىنساننى ھايۋان بىلەن سېلىشتۇرساق كۆرىمىزكى، ئىنسان مەنىۋى سىستېما ۋە ئەزالار ئېتىبارى بويىچە ئىنتايىن باي بولۇپ ھايۋاندىن يۈز ھەسسە ئۈستۈن. دۇنياۋى ھايات لەززىتىدە ۋە ھايۋانى ياشىشىدا ھايۋاندىن يۈز ھەسسە تۆۋەن چۈشۈپ كېتىدۇ. چۈنكى كۆرگەن ھەربىر لەززىتىدە بىر ئەلەم ئىزى بار. ئۆتكەن زاماننىڭ ئەلەملىرى ۋە كېلەچەك زاماننىڭ قورقۇنچلىرى، ھەمدە ھەربىر لەززەتنىڭمۇ ئايرىلىش قايغۇسى ھوزۇرىنى بۇزىدۇ ۋە لەززىتىدە بىر ئىز قويىدۇ. بىراق ھايۋان ئۇنداق ئەمەس. ئەلەمسىز بىر لەززەت، قايغۇسىز بىر ھوزۇر ئالىدۇ. ئۆتكەن زاماننىڭ ئەلەملىرىمۇ ئۇنى قورقۇتمايدۇ، كېلەچەك زاماننىڭ قورقۇنچلىرىمۇ ئۇنى ئۈركۈتمەيدۇ. راھەت بىلەن ياشايدۇ، ياراتقۇچىسىغا شۈكۈر قىلىدۇ.

   دېمەك، ئەھسەنە تەقۋىم (ئەڭ مۇكەممەل ماقام) سۈرىتىدە يارىتىلغان ئىنسان پىكىر چۈشەنچىلىرىنى پەقەت دۇنياۋى ھاياتقىلا يۈزلەندۈرسە، سەرمايە بويىچە ھايۋاندىن يۈز ھەسسە ئۈستۈن بولسىمۇ، قۇشقاچتەك بىر ھايۋاندىن يۈز ھەسسە تۆۋەن چۈشىدۇ. باشقا بىر يەردە بۇ ھەقىقەتنى بىر مىسال بىلەن بايان قىلغانىدىم. مۇناسىۋەت كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ مىسالنى يەنە قايتىلايمەن:

  بىر كىشى بىر خىزمەتكارىغا ئون ئالتۇن بېرىپ: «ياخشى بىر رەختتىن ئۆزۈڭگە بىر يۈرۈش كىيىم ئال» دەيدۇ. يەنە بىر خىزمەتكارىغا مىڭ ئالتۇن بېرىپ بىر ۋاراقچىغا بەزى بىر نەرسىلەرنى يېزىپ يانچۇقىغا سېلىپ قويىدۇ ۋە بىر بازارغا ئەۋەتىدۇ. ئالدىنقى خىزمەتكار ئون ئالتۇنغا ئېسىل بىر رەختتىن تىكىلگەن ياخشى بىر كىيىم ئالىدۇ. ئىككىنچىسى ئەخمەقلىق قىلىپ، بىرىنچىسىگە قاراپ، يانچۇقىدىكى ۋاراقچىنى ئوقۇماي بىر دۇككانغا مىڭ ئالتۇن بېرىپ بىر يۈرۈش كىيىم سورايدۇ. ئىنساپسىز دۇككانچىمۇ رەختنىڭ ئەڭ ناچىرىدىن بىر كىيىم بېرىدۇ. ئۇ بەختسىز خىزمەتكار خوجايىنىنىڭ ھوزۇرىغا كېلىپ قاتتىق ئازار يەيدۇ ۋە ئېغىر قايغۇدا قالىدۇ.

  ئەلۋەتتە ئازغىنا بىر ئەقلى بولغان چۈشىنىدۇكى، ئىككىنچى خىزمەتكارغا بېرىلگەن مىڭ ئالتۇن بىر يۈرۈش كىيىم ئېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى چوڭ بىر تىجارەت قىلىش ئۈچۈن ئىدى.

  دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، ئىنساندىكى مەنىۋى سىستېمىلار ۋە ئىنسانىي سېزىملارنىڭ ھەربىرى ھايۋانغا نىسبەتەن يۈز ھەسسە ئۈستۈن. مەسىلەن، گۈزەللىكنىڭ بارلىق دەرىجىلىرىنى ئايرىغان ئىنسان كۆزى، تائاملارنىڭ تۈرلۈكتۈرلۈك مەخسۇس تەملىرىنى پەرق قىلالىغان ئىنسان تىلى، ھەقىقەتلەرنىڭ بارلىق ئىنچىكىلىكلىرىگە كىرەلەيدىغان ئىنساننىڭ ئەقلى، كامالەتنىڭ بارلىق تۈرلىرىگە قىزىقىدىغان ئىنساننىڭ قەلبى ۋە شۇنىڭدەك سىستېمىلىرى ۋە ئەزالىرى قەيەردە؟ ھايۋاننىڭ ناھايىتى ئاددى، پەقەت بىرئىككى جەھەتتە تەرەققى قىلغان ئەزالىرى قەيەردە؟ شۇ قەدەر پەرق باركى، ھايۋاننىڭ ئۆزىگە خاس بىر ھەرىكىتىدە (پەقەت ئۇ خىل ھايۋاندا) بىر مەخسۇس سىستېمىسى كۆپرەك تەرەققى قىلغان بولىدۇ. لېكىن ئۇ تەرەققىيات خۇسۇسىيدۇر.

  ئەمدى ئىنساننىڭ سىستېمىلىرى بويىچە بايلىقى شۇ سىردىندۇركى، ئەقىل ۋە پىكىر سەۋەبى بىلەن ئىنساننىڭ سېزىم ۋە تۇيغۇلىرى ناھايىتى تەرەققى قىلغان ۋە كېڭەيگەن. ئېھتىياجلىرىنىڭ كۆپلىكى سەۋەبلىك ئۇنىڭدا خىلمۇخىل ھېسسىيات پەيدا بولغان ۋە سېزىمچانلىقى كۆپخىللاشقان. يارىتىلىشىدىكى مۇجەسسەملىك سەۋەبىدىن ناھايىتى كۆپ مەقسەتلەر ئۈچۈن يۈزلەنگەن ئارزۇلارنىڭ مەنبەسى بولغان. ھەم يارىتىلىشىدىكى ناھايىتى كۆپ ۋەزىپىلىرى سەۋەبلىك ئەزالىرى ۋە سىستېمىلىرى كۆپ تەرەققى قىلغان. ئىبادەتنىڭ ھەر تۈرىنى قىلىشقا مۇۋاپىق بىر شەكىلدە يارىتىلغانلىقىدىن، بارلىق كامالەتلەرنىڭ ئۇرۇقلىرى يىغىلغان بىر قابىلىيەت بېرىلگەن. مانا شۇ قەدەر باي سىستېمىلار ۋە كۆپ سەرمايىلار، ئەلۋەتتە ئەھمىيەتسىز، ۋاقىتلىق شۇ دۇنياۋى ھايات ئۈچۈن بېرىلگەن ئەمەس، بەلكى بۇ خىل دەرىجىدىكى ئىنساننىڭ ھەقىقىي ۋەزىپىسى، چەكسىز مەقسەتكە قارىغان ۋەزىپىلەرنى كۆرۈپ ئاجىزلىق، مۇھتاجلىق ۋە كەمچىلىكلىرىنى ئىبادەت يولى ئارقىلىق ئېلان قىلىش، كۆپ تەرەپلىمىلىك نەزىرى بىلەن مەۋجۇداتلارنىڭ تەسبىھزىكىرلىرىنى كۆرۈپ بىلىش، نىمەتلەر ئىچىدە شەپقەتلىك ﷲنىڭ ياردەملىرىنى كۆرۈپ شۈكۈر قىلىش ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىدە رەببانىي قۇدرەتلەرنىڭ مۆجىزىلىرىنى كۆرۈپ ھەيرانلىق بىلەن تەپەككۇر قىلىشتۇر.

  ئەي دۇنياپەرەست، دۇنياۋى ھاياتقا ئاشىق ۋە ئەھسەنە تەقۋىم سىرىدىن خەۋەرسىز ئىنسان! شۇ دۇنيالىق ھاياتنىڭ ھەقىقىتىنى بىر خىيالى ۋەقەدە «كونا سەئىد» كۆرگەن. ئۇنى «يېڭى سەئىد»كە ئۆزگەرتكەن شۇ مىسالىي ۋەقەنى ئاڭلا:

  كۆردۈمكى، مەن بىر يولۇچى، ئۇزۇن بىر سەپەرگە كېتىۋاتىمەن. يەنى ئەۋەتىلدىم. خوجايىنىم بولغان زات ماڭا ئايرىغان ئاتمىش ئالتۇندىن بىر مىقتاردىن، بىر مىقتاردىن پۇل بېرەتتى. مەنمۇ سەرپ قىلىپ، ناھايىتى ھوزۇر بېغىشلايدىغان بىر سارايغا كىردىم. ئۇ سارايدا بىر كېچە ئىچىدە ئون ئالتۇننى قىمارغا، تاماشالارغا، شۆھرەتپەرەستلىك يوللىرىغا خەجلىدىم. ئەتىگىنى قولۇمدا پەقەتلا پۇل قالمىدى. بىر تىجارەت قىلالمىدىم. كېتىدىغان يېرىمگە بىر مال ئالالمىدىم. پەقەت ئۇ پۇللاردىن قولۇمدا ئەلەملەر، گۇناھلار، ھەمدە تاماشالاردىن كەلگەن يارىلار، ئىزلار، قايغۇلار قالغان ئىدى. مەن ئۇ چۈشكۈن ھالەتتىكى چاغدا توساتتىن بىر كىشى پەيدا بولدى. ماڭا دېدى:

سەرمايەڭنى پۈتۈنلەي زايا قىلدىڭ، جازاغا لايىق بولدۇڭ. كېتىدىغان يېرىڭگىمۇ ۋەيران ھالدا قۇرۇق قول كېتىسەن. لېكىن ئەقلىڭ بولسا تۆۋبە قىل، تۆۋبە ئىشىكى ئوچۇقتۇر. بۇنىڭدىن كېيىن يەنە ساڭا بېرىلىدىغان ئون بەش ئالتۇنۇڭدىن ھەر ئالغىنىڭدا يېرىمىنى ئېھتىيات ئۈچۈن ساقلاپ قوي. يەنى، بارىدىغان يېرىڭدە ساڭا لازىملىق بەزى نەرسىلەرنى ئال

  قاراپ باقسام نەفسىم رازى بولمىدى. «ئۈچتىن بىرسىنى» دېدى. ئۇنىڭغىمۇ نەفسىم چىدىمىدى. كېيىن «تۆتتىن بىرىنى» دېدى. قارىسام نەفسىم مۇپتىلا بولغان ئادىتىنى تەرك قىلالمايۋاتاتتى. ئۇ كىشى غەزەپلىنىپ يۈزىنى ئۆرۈپ كېتىپ قالدى.

  تۇيۇقسىز ئەھۋال ئۆزگەردى. قارىسام مەن بىر تونىل ئىچىدە ناھايىتى تېزلىك بىلەن تۆۋەنگە چۈشۈپ كېتىپ بارغان بىر پويىزدا تۇرىمەن. ئالاقزادە بولۇپ كەتتىم. لېكىن بىر تەرەپكە قاچىدىغانغا ھېچبىر چارە يوق ئىدى. قىزىق يېرى، ئۇ پويىزنىڭ ئىككى تەرىپىدە ناھايىتى جەلپ قىلارلىق گۈللەر ۋە مېۋىلەر كۆرىنىۋاتاتتى. مەنمۇ ئەقىلسىز دۆتلەردەك ئۇلارغا قولۇمنى ئۇزاتتىم. ئۇ گۈللەرنى ئۈزۈش ۋە مېۋىلەرنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشتىم. بىراق ئۇ گۈللەر ۋە مېۋىلەر تىكەنلىك بولۇپ، قولۇم تەگسە سانجىلاتتى، قانىتاتتى. پويىزنىڭ يۈرىشى بىلەن ئايرىلىشىدىن قولۇمنى تىتىپ يارىلاندۇراتتى. ماڭا بەك قىيىن كەلگەن ئىدى. بىردىنلا پويىزدىكى خىزمەتچى دېدى:

ــ بەش تىيىن بەرسەڭ ساڭا ئۇ گۈل ۋە مېۋىلەردىن خالىغىنىڭچە بېرىمەن. بەش تىيىن ئورنىغا قولۇڭ تىتىلىپ يۈز تىيىن زىيان كۆرىسەن. ھەمدە جازا بار. رۇخسەتسىز ئۈزەلمەيسەن

  مەيۈس ھالدا قايغۇرۇپ، بۇ تونىل قاچان تۈگەيدىغاندۇ، دەپ بېشىمنى چىقىرىپ، ئالدى تەرەپكە قارىدىم. كۆردۈمكى، تونىل ئىشىكى ئورنىدا كۆپ تۆشۈكلەر بار بولۇپ، ئۇلارغا ئۇ ئۇزۇن پويىزدىن كىشىلەر تاشلىنىۋاتاتتى. مېنىڭ دەل ئۇدۇلىمدا بىر تۆشۈك كۆردۈم. ئۇ تۆشۈكنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئىككى مازار تېشى قويۇلغان بولۇپ قىزىقىپ قارىدىم. تاش ئۈستىدە چوڭ ھەرپلەر بىلەن «سەئىد» ئىسمى يېزىلغانلىقىنى كۆردۈم. قورقۇنچ ۋە ھەيرانلىقىمدىن: «بۇ نېمە ئىش؟» دېدىم. توساتتىن ھېلىقى ساراي ئىشىكىدە ماڭا نەسىھەت قىلغان زاتنىڭ ئۈنىنى ئاڭلىدىم:

ــ ئەقلىڭ بېشىڭغا كەلدىمۇ؟

ــ ھەئە كەلدى. بىراق قۇۋۋەت قالمىدى، ئامال يوق،دېدىم.

دېدى:

ــ تۆۋبە قىل، تەۋەككۈل قىل.

ــ قىلدىم،دېدىم. ئېسىمگە كەلدىم. كونا سەئىد يوقىلىپ، ئورنىغا يېڭى سەئىد دەپ ئۆزۈمنى كۆردۈم.

  شۇ خىيالىي ۋەقەنى ﷲ خەيرلىك قىلسۇن، بىرئىككى قىسمىنى مەن تەبىر قىلاي، باشقا جەھەتلىرىنى ئۆزۈڭ تەبىر قىل.

  ئۇ سەپەر بولسا، روھلار ئالىمىدىن، ئانا رەھمىدىن، ياشلىقتىن، قېرىلىقتىن، مازاردىن، قەبىر ئالىمىدىن، مەھشەرگاھتىن، كۆۋرۈكتىن ئۆتىدىغان ئەبەدىلئەبەد تەرەپكە سوزۇلغان بىر سەپەردۇر. ئۇ ئاتمىش ئالتۇن بولسا، ئاتمىش يىللىق ئۆمۈردۇركى، بۇ ۋەقەنى كۆرگەن ۋاقتىمدا ئۆزۈمنى قىرىق بەش ياشتا بىلەتتىم. قولۇمدا ھۆججەت يوق. بىراق قېلىپ قالغان ئون بەشتىن يېرىمىنى ئاخىرەتكە سەرپ قىلىش ئۈچۈن قۇرئانى كەرىمنىڭ خالىس بىر شاگىرتى مېنى ئىرشاد قىلدى(توغرا يولغا باشلىدى).

ئۇ ساراي بولسا مەن ئۈچۈن ئىستانبۇل ئىكەن.

ئۇ پويىز بولسا ۋاقىتتۇر. ھەربىر يىل بىر ۋاگوندۇر.

ئۇ تونېل بولسا دۇنيا ھاياتىدۇر.

  ئۇ تىكەنلىك گۈل، مېۋىلەر بولسا، ھارام لەززەتلەر ۋە گۇناھلىق ئويۇنتاماشالار بولۇپ، ئۇلار بىلەن مەشغۇل بولۇش ئەسناسىدا، يوقىلىدىغانلىقىنى ئويلىنىشتىن كەلگەن ئەلەم يۈرەكنى قانىتىدۇ. ئايرىلىشىدا يارىلاندۇرىدۇ ۋە يەنە جازانىمۇ چەكتۈرىدۇ. پويىز خىزمەتچىسى دېگەن ئىدى: «بەش تىيىن بەرسەڭ ئۇلاردىن خالىغىنىڭنى بېرىمەنئۇنىڭ تەبىرى شۇكى، ئىنساننىڭ ھالال ئەمگىكى بىلەن ھالال دائىرىدە تاپقان لەززەتلەر ۋە ھوزۇرلار كەيپىگە يېتەرلىكتۇر. ھارامغا كىرىشكە ھاجەت يوقتۇر. باشقا قىسىملىرىنى سەن ئۆزۈڭ تەبىر قىلالايسەن.

  تۆتىنچى نۇكتە: ئىنسان شۇ كائىنات ئىچىدە ناھايىتى نازۇك، نازدار بىر كىچىك بالىغا ئوخشايدۇ. كۈچسىزلىكىدە چوڭ بىر قۇۋۋەت، ئاجىزلىقىدا چوڭ بىر قۇدرەت باردۇر. چۈنكى، ئۇ كۈچسىزلىكنىڭ قۇۋۋىتى ۋە ئاجىزلىقنىڭ قۇدرىتى نەتىجىسىدە شۇ مەۋجۇداتلار ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇلغان. ئەگەر ئىنسان كۈچسىزلىكىنى چۈشىنىپ، تىلى، ئەھۋالى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق دۇئا قىلسا، ھەمدە ئاجىزلىقىنى بىلىپ ياردەم تىلىسە، بويسۇندۇرۇلغان نەرسىلەر ئۈچۈن شۈكۈر قىلغان بولۇش بىلەن بىرگە، تىلىكىگە شۇ دەرىجىدە مۇۋەپپەق بولىدۇ ۋە مەقسەتلىرى شۇ دەرىجىدە ئىتائەت قىلدۇرىلىدۇكى، ئۆز ئىقتىدارىغا قالسا ئۇنىڭ مىڭدىن بىرسىگىمۇ ئېرىشەلمەيتتى. بىراق ئىنسان بەزىدە ئەھۋال تىلى بىلەن قىلغان دۇئاسى ئارقىلىق ھاسىل بولغان نەتىجىنى خاتا ھالدا ئۆز ئىقتىدارىنىڭ مېۋىسى دەپ قارايدۇ. مەسىلەن: چۆجىنىڭ ئاجىزلىقىدىكى قۇۋۋەت توخۇنى شىرغا ئېتىلدۇرىدۇ. يېڭىلا دۇنياغا كەلگەن شىرنىڭ بالىسى، ئۇ يىرتقۇچ ۋە ئاچ شىرنى ئۆزىگە باش ئەگدۈرۈپ، ئۇنى ئاچ قويۇپ، ئۆزى توق بولىدۇ. دىققەت تارتىدىغان نۇقتا: ئاجىزلىقتىكى بىر قۇۋۋەت ۋە ھەيران قالارلىق بىر رەھمەت جىلۋىسى….

  نازدار بىر كىچىك بالا يىغىسى بىلەن ياكى تىلەش بىلەن ۋە ياكى بىچارە ھالى بىلەن ئارزۇئىستەكلىرىگە شۇنداق مۇۋەپپەق بولىدۇكى، ھەمدە چوڭلار ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق ئىتائەت قىلدۇرىلىدۇكى، ئۇ ئارزۇئىستەكلەردىن مىڭدىن بىرىگىمۇ مىڭ ھەسسە ئارتۇق قۇۋۋىتى بىلەن يېتىشەلمەيتتى. دېمەك، كۈچسىزلىك ۋە ئاجىزلىق ئۇنىڭغا قارىتا شەپقەت ۋە مۇھاپىزەت قىلىش تۇيغۇسىنى قوزغىتالىغانلىقى ئۈچۈن كىچىككىنە بىر بارمىقى بىلەن قەھرىمانلارنىمۇ ئۆزىگە باش ئەگدۈرىدۇ. ئەگەر شۇنداق بىر كىچىك بالا ئۇ شەپقەت ۋە مۇھاپىزەتنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ئەخمەقلەرچە بىر تەكەببۇرلۇق بىلەن: «مەن قۇۋۋىتىم ئارقىلىق بۇلارنى باش ئەگدۈرىۋاتىمەندېسە ئەلۋەتتە كاچات يەيدۇ.

  ئىنسانمۇ ياراتقۇچىسىنىڭ رەھمىتىنى ئىنكار قىلىدىغان ۋە ھىكمىتىنى ھاقارەتلەيدىغان بىر شەكىلدە نىمەتلەرگە قارىتا تۇزكورلۇق قىلغان ھالدا قارۇنغا ئوخشاش ﴿اِنَّمَا اُوتِيتُهُ عَلَى عِلْمٍ﴾(قەسەس:78) يەنى: «مەن ئۆزۈمنىڭ ئىلىمى ۋە ئىقتىدارى ئارقىلىق تاپتىم» دېسە، ئەلۋەتتە ئۆزىنى ئازاپ كاچىتىغا لايىق قىلىدۇ.

  دېمەك، ئىنسانىيەتنىڭ ھازىرقى سەلتەنىتى، تەرەققىياتى ۋە يۇقىرى ماددى مەدەنىيىتى، قۇۋۋەت ئارقىلىق، ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش ئارقىلىق ۋە كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا ئۇنىڭ كۈچسىزلىكى ئۈچۈن ئىتائەت قىلدۇرۇلغان، ئۇنىڭ ئاجىزلىقى ئۈچۈن ياردەم قىلىنغان، ئۇنىڭ مۇھتاجلىقى ئۈچۈن ئېھسان قىلىنغان، ئۇنىڭ نادانلىقى ئۈچۈن ئىلھام قىلىنغان، ئۇنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئىلتىپات كۆرسىتىلگەن. يەنى ئۇ سەلتەنەتنىڭ كېلىش سەۋەبى، قۇۋۋىتى ۋە ئىلمىي ئىقتىدارى ئەمەس، بەلكى رەببانىي شەپقەت ۋە مەرھەمەت، ھەمدە ئىلاھىي رەھمەت ۋە ھىكمەت بولۇپ، كۆپ نەرسىنى ئۇنىڭغا خىزمەتكار قىلغاندۇر.

  شۇنداق، كۆزسىز بىر چايان ۋە پۇتسىز بىر يىلاندەك ھاشارەتكە مەغلۇپ بولغان ئىنسانغا، بىر كىچىك قۇرتتىن يىپەكنى كىيگۈزگەن ۋە زەھەرلىك ھەرىدىن ھەسەلنى يىگۈزگەن، ئۇنىڭ ئىقتىدارى بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئاجىزلىقىنىڭ مېۋىسى بولغان رەببىنىڭ باش ئەگدۈرىشى ۋە مېھرىبان ﷲنىڭ ئېھسانىدۇر.

  ئەي ئىنسان! ھەقىقەت ئەنە شۇنداق. ئۇنداقتا ھاكاۋۇرلۇق ۋە مەنمەنچىلىكنى تاشلا. ﷲنىڭ دەرگاھىدا ئاجىزلىق ۋە كۈچىسزلىكىڭنى ياردەم تىلەش تىلى بىلەن، مۇھتاجلىق ۋە ئېھتىياجلىرىڭنى يالۋۇرۇش ۋە دۇئا تىلى بىلەن ئېلان قىل، ھەمدە قۇل ئىكەنلىكىڭنى كۆرسەت ۋە ﴿حَسْبُنَا اللّهُ وَنِعْمَ الْوَكِيلُ﴾(ئالى ئىمران:173) دە، ئۆرلە.

ھەم «مېنىڭ ھېچبىر قىممىتىم يوق. بۇ كائىناتنىڭ(مەۋجۇداتنىڭ) بىر چەكسىز ھىكمەت ئىگىسى تەرىپىدىن ماڭا ئىتائەت قىلدۇرىلىشىدا ۋە مەندىن ئومۇمى بىر شۈكۈر خالىنىلىشىدا مېنىڭ نېمە ئەھمىيىتىم بار ئىكەن؟دېمە. چۈنكى سېنىڭ نەفىس ۋە سۈرىتىڭ ئېتىبارى بويىچە ھېچ قەدرىڭ يوق. بىراق، ۋەزىپە ۋە مەرتىۋە نۇقتىسىدىن، سەن شۇ ھەشەمەتلىك كائىناتنىڭ دىققەتلىك بىر كۆزەتكۈچىسى، شۇ ھىكمەتلىك مەۋجۇداتلارنىڭ ناھايىتى گۈزەل سۆزلىگەن بىر تىلى، شۇ ئالەم كىتابىنىڭ ئەقىللىق مۇھاكىمىچىسى، شۇ تەسبىھ قىلىۋاتقان مەخلۇقاتلارنىڭ ھەيران قالارلىق بىر رەئىسى ۋە شۇ ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولغان سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ بىر يېتەكچىسى ھېساپلىنىسەن.

  شۇنداق، ئەي ئىنسان! سەن ئۆسۈملۈكلەرچە بەدىنىڭ ۋە ھايۋانلارچە نەفسىڭ جەھەتى بويىچە كىچىككىنە بىر پارچە، قەدىرسىز بىر بارلىق، يوقسۇل بىر مەخلۇق، ئاجىز بىر جانلىق بولۇپ، قورقۇنچ بېرىپ، ئېقىپ كېتىۋاتقان بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ دولقۇنلىرى ئىچىدە چايقىلىپ كېتىپ بارىسەن. بىراق ئىلاھىي مۇھەببەت زىيالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىمان نۇرى بىلەن نۇرلانغان ئىسلامىيەت تەربىيىسى ئارقىلىق مۇكەممەللەشسەڭ، ئىنسانىيەت جەھەتى بويىچە، قۇللۇقۇڭ ئىچىدە بىر سۇلتانسەن. بىر پارچىلىقىڭ ئىچىدە بىر پۈتۈنلۈككە ئىگىسەن. كىچىكلىكىڭ ئىچىدە بىر ئالەمسەن. ھەمدە قەدىرسىزلىكىڭ ئىچىدە دەرىجىسى بەك چوڭ، ھوقۇق دائىرىسى بەك كەڭ بىر نازارەتچى بولۇپ، «مېنىڭ رەھىملىك رەببىم، دۇنيانى ماڭا بىر ئۆي، ئاي ۋە قۇياشنى ئۇ ئۆيۈمگە بىر چىراق، باھارنى بىر دەستە گۈل، يازنى بىر نىمەت داستىخىنى، ھايۋانلارنى بىر خىزمەتكار، ئۆسۈملۈكلەرنى ئۇ ئۆيۈمنىڭ چىرايلىق لازىمەتلىكلىرى قىلدىدېيەلەيسەن.

  خۇلاسە: سەن ئەگەر نەفىس ۋە شەيتاننىڭ سۆزىگە كىرسەڭ ئەسفەلە سافىلىنگە چۈشىسەن. ئەگەر ھەق ۋە قۇرئاننىڭ سۆزىنى ئاڭلىساڭ ئالايى ئىللىييىنگە چىقىپ كائىناتتا ئەھسەنى تەقۋىم ماقامىغا يۈكسەلگەن بولىسەن.

  بەشىنچى نۇكتە: ئىنسان شۇ دۇنياغا بىر خىزمەتچى ۋە مېھمان قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن. كۆپلىگەن مۇھىم قابىلىيەتلەر ئۇنىڭغا بېرىلگەن. قابىلىيىتىگە قارىتا مۇھىم ۋەزىپىلەر يۈكلەنگەن. ئىنسانغا ئۇ غايە ۋە ئۇ ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلدۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق تەشۋىقلەر (قىزىقتۇرۇشلار) ۋە دەھشەتلىك تەھدىتلەر قىلىنغان. «ئەھسەنە تەقۋىم» سىرىنىڭ چۈشىنىلىشى ئۈچۈن، بىز باشقا يەردە ئىزاھ قىلغان ئىنسانىيەت ۋەزىپىسىنىڭ ۋە ئىبادەتنىڭ ئاساسلىرىنى بۇ يەردە قىسقىچە يىغىنچاقلايمىز:

  ئىنسان شۇ كائىناتقا كەلگەندىن كېيىن «ئىككى جەھەت» بىلەن ئىبادىتى بار.

بىرىنچى جەھەت: غەيبى شەكىلدىكى بىر ئىبادىتى ۋە بىر تەپەككۈرى بار.

  يەنە بىرى: توغرىدىنتوغرا خىتاپ قىلىش سۈرىتىدە بىر ئىبادىتى، بىر دۇئاسى بار.

  بىرىنچى جەھەت شۇدۇركى، كائىناتتا كۆرۈنگەن رۇبۇبىيەت سەلتەنىتىنى ئىتائەتچانلىق بىلەن تەستىق قىلىپ، كامالەتلىرى ۋە گۈزەللىكلىرىنى ھەيرانلىق بىلەن كۆزىتىشتۇر.

  كېيىن ﷲنىڭ مۇقەددەس ئىسىملىرىنىڭ نەقىشلىرىدىن ئىبارەت بولغان بەدىئىي سەنئەت ئەسەرلىرىنى بىربىرىگە كۆرسىتىپ ئۇقتۇرۇش ۋە ئېلان قىلىشتۇر.

  ئاندىن ھەربىرى بىردىن يوشۇرۇن مەنىۋى خەزىنە ھۆكمىدە بولغان رەببانىي ئىسىملارنىڭ ماھىيىتىنى ئەقىل تارازىسى بىلەن تارتىش، قەدىرقىممەتنى بىلگۈچى قەلب ئارقىلىق مەدھىيىلەپ باھا بېرىشتۇر.

  ئاندىن قۇدرەت قەلىمىنىڭ خەتلىرى ھۆكمىدە بولغان مەۋجۇدات بەتلىرىنى، زېمىن ۋە ئاسمان سەھىپىلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ھەيرانلىق بىلەن تەپەككۇر قىلىشتۇر.

  ئاندىن شۇ مەۋجۇداتلاردىكى ھۆسنلەرنى ۋە نازۇك سەنئەتلەرنى مەدھىيىلەپ كۆزىتىش ئارقىلىق چەكسىز گۈزەللىك ئىگىسى بولغان ياراتقۇچىنى تونۇشقا ئىنتىلىش، ئۇلارنىڭ چەكسىز كامالەت ئىگىسى بولغان سەنئەتكارىنىڭ ھوزۇرىغا چىقىش ۋە ئىلتىپاتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىشتىياق كۆرسىتىشتۇر.

  ئىككىنچى جەھەت بولسا، توغرىدىنتوغرا خىتاپ قىلىش دەرىجىسى بولۇپ، ئەسەردىن ئەسەر ئىگىسىگە ئۆتىدۇ. كۆرىدۇكى، چەكسىز ھەيۋەت ئىگىسى بولغان سەنئەتكار ياراتقۇچى ئۆز سەنئەتلىرىنىڭ مۆجىزىلىرى ئارقىلىق ئۆزىنى تونۇتۇش ۋە بىلدۈرۈشنى خالايدۇ. ئۇمۇ ئىمان بىلەن، تونۇش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ.

  كېيىن كۆرىدۇكى، بىر رەھىملىك ياراتقۇچى، رەھمىتىنىڭ گۈزەل مېۋىلىرى ئارقىلىق ئۆزىنى سۆيدۈرۈشنى خالايدۇ. ئۇمۇ مۇھەببىتىنى تامامەن ئۇنىڭغا بېغىشلاش، ئىبادىتىنى پەقەت ئۇنىڭغىلا يۈزلەندۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنى ئۇنىڭغا سۆيدۈرىدۇ.

  ئاندىن كۆرىدۇكى، چەكسىز مەرد بولغان بىر نىمەت بەرگۈچى ئۇنى ماددى ۋە مەنىۋى نىمەتلەرنىڭ لەززەتلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن، ھەرىكەت، ئەھۋال ۋە سۆزلىرى ئارقىلىق، ھەتتا قولىدىن كەلسە بارلىق سېزىملىرى بىلەن شۈكۈر ۋە ھەمدۇسانا قىلىدۇ.

  ئاندىن كۆرىدۇكى، چەكسىز گۈزەللىك ۋە ھەيۋەت ئىگىسى بولغان بىر زات شۇ مەۋجۇدات ئەينەكلىرىدە ئۇلۇغلۇق ۋە كامالەتلىرىنى، ھەيۋەت ۋە گۈزەللىكلىرىنى ئىزھار قىلىپ دىققەتنى جەلپ قىلىدۇ. ئۇمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن «ﷲ ئەكبەر، سۇبھاناللاھدەپ، مەھۋىيەت (تۆۋەنچىلىك) ئىچىدە ھەيرانلىق ۋە مۇھەببەت بىلەن سەجدە قىلىدۇ.

  ھۆرمەت ۋە سانا ئىچىدە مۇھتاجلىقىنى دەل ھېس قىلىپ تىلەيدۇ ۋە ئاندىن كۆرىدۇكى، بىر چەكسىز بايلىق ئىگىسى، چەكسىز ساخاۋىتى ئىچىدە ھېساپسىز بايلىق ۋە خەزىنىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن، سورايدۇ.

  ئاندىن كۆرىدۇكى، ئۇ ئۇلۇغ ياراتقۇچى، يەر يۈزىنى بىر كۆرگەزمىگە ئوخشاش تەييارلاپ، ھەيران قالدۇرىدىغان بارلىق سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئۇ يەردە يايغان. ئۇمۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن «ماشائاللاھ» دەپ تەقدىرلەپ، «بارەكەللاھ» دەپ ئالقىشلاپ، «سۇبھاناللاھ» دەپ ھەيران بولۇپ، «ﷲ ئەكبەردەپ ئۇلۇغلايدۇ.

  ئاندىن كۆرىدۇكى، ۋاھىدى ئەھەد بولغان (بىر بولغان) ﷲ شۇ كائىنات سارىيىدا تەقلىد قىلىنماس تامغىلىرى، ئۇنىڭغا خاس ئىمزالىرى، ئۇنىڭغىلا مەخسۇس مۆھۈرلىرى، ئۇنىڭغىلا يارىشىدىغان پەرمانلىرى بىلەن بارلىق مەۋجۇداتقا بىرلىك تامغىسىنى قويىدۇ. تەۋھىد دەلىللىرىنى نەقىشلەيدۇ. پۈتۈن ئالەمنىڭ ھەر تەرىپىدە بىرلىكنىڭ بايرىقىنى قادايدۇ ۋە رۇبۇبىيىتىنى ئېلان قىلىدۇ. ئۇمۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن تەستىق بىلەن، ئىمان بىلەن، تەۋھىد بىلەن، ئىتائەت بىلەن، شاھادەت بىلەن، ئىبادەت بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ.

  مانا بۇ خىل ئىبادەت ۋە تەپەككۇرلار بىلەن ھەقىقىي ئىنسان بولىدۇ. ئەھسەنە تەقۋىمدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئىماننىڭ بەرىكىتى بىلەن ئامانەتكە لايىق زېمىننىڭ ئىشەنچلىك خەلىپىسى بولىدۇ.

  ئەي ئەھسەنە تەقۋىمدە يارىتىلغان ۋە ئىختىيارىنى يامانغا قوللىنىش ئارقىلىق ئەسفەلە سافىلىن تەرىپىگە يول ئالغان غافىل ئىنسان! ماڭا قۇلاق سال، مەنمۇ سېنىڭدەك ياشلىق مەستلىكى بىلەن، غەپلەت ئىچىدە دۇنيانى ياخشى ۋە گۈزەل كۆرگەنىدىم. ياشلىق مەستلىكىدىن قېرىلىق ئەتىگىنىدە ھۇشۇمنى تاپقان ۋاقتىمدا مەن گۈزەل دەپ بىلگەن دۇنيانىڭ ئاخىرەتكە قارىمىغان يۈزىنى نەقەدەر ناچار كۆرگەنلىكىمنى ۋە ئاخىرەتكە قارىغان ھەقىقىي يۈزىنىڭ نەقەدەر گۈزەل ئىكەنلىكىنى بىلگىڭ كەلسە، ئون يەتتىنچى سۆزنىڭ ئىككىنچى مەرتىۋىسىنىڭ 219، 220-بەتلىرىدە يىزىلغان ئىككى ھەقىقەت لەۋھەلىرىگە قارا، سەنمۇ كۆر.

  بىرىنچى لەۋھە: زالالەتتىكىلەرگە ئوخشاش، بىراق مەست بولماستىن، مەن بۇرۇنلاردا غەپلەت پەردىسى ئارقىلىق كۆرگەن غەپلەتتە يۈرگەنلەرنىڭ دۇنياسىنىڭ ھەقىقىتىنى تەسۋىرلەيدۇ.

  ئىككىنچى لەۋھە: ھىدايەتتىكىلەر (ھەق يولدىكىلەر) ۋە ئۆزلىرىنى ھەر دائىم ﷲنىڭ ھوزۇرىدا ھېس قىلغۇچىلارنىڭ دۇنيالىرىنىڭ ھەقىقىتىگە ئىشارەت قىلىدۇ. بۇرۇن قانداق يېزىلغان بولسا شۇ پېتىچە قويدۇم. شېئىرغا ئوخشايدۇ. بىراق شېئىر ئەمەس

﴿سُبْحَانَكَ لاَ عِلْمَ لَنَا اِلاَّ مَا عَلَّمْتَنَا اِنَّكَ اَنْتَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ﴾

﴿رَبِّ اشْرَحْ لِى صَدْرِى وَيَسِّرْ لِى اَمْرِى وَاحْلُلْ عُقْدَةً مِنْ لِسَانِى يَفْقَهُوا قَوْلِى﴾

(تاھا:25-28)

اَللّهُمَّ صَلِّ وَ سَلِّمْ عَلَى الذَّاتِ الْمُحَمَّدِيَّةِ اللَّطِيفَةِ اْلاَحَدِيَّةِ شَمْسِ سَمَاءِ اْلاَسْرَارِ وَ مَظْهَرِ اْلاَنْوَارِ وَ مَرْكَزِ مَدَارِ الْجَلاَلِ وَ قُطْبِ فَلَكِ الْجَمَالِ اَللّهُمَّ بِسِرِّهِ لَدَيْكَ وَ بِسَيْرِهِ اِلَيْكَ آمِنْ خَوْفِى وَ اَقِلْ عُثْرَتِى وَ اَذْهِبْ حُزْنِى وَ حِرْصِى وَ كُنْ لِى وَ خُذْنِى اِلَيْكَ مِنِّى وَ ارْزُقْنِى الْفَنَاءَ عَنِّى وَ لاَ تَجْعَلْنِى مَفْتُونًا بِنَفْسِى مَحْجُوبًا بِحِسِّى وَاكْشِفْ لِى عَنْ كُلِّ سِرٍّ مَكْتُومٍ يَا حَىُّ يَا قَيُّومُ يَا حَىُّ يَا قَيُّومُ يَا حَىُّ يَا قَيُّومُ وَ ارْحَمْنِى وَارْحَمْ رُفَقَائِى وَ ارْحَمْ اَهْلِ اْلاِيمَانِ وَ الْقُرْآنِ آمِينَ يَا اَرْحَمَ الرَّاحِمِينَ وَ يَا اَكْرَمَ اْلاَكْرَمِينَ

وَ آخِرُ دَعْوَيهُمْ اَنِ الْحَمْدُ لِلّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ

—————————————————————

*نۇكتە: دىققەت بىلەن چۈشىنىلىدىغان ئىنچىكە ۋە نازۇك مەنە.-ت

**سۇبھانىي: ﷲنىڭ «سۇبھان»(پۈتۈن قۇسۇرلاردىن پاك بولغان) ئىسمىغا ئائىت.-ت

***نەفسى ئەممارە: شەيتاننىڭ تەكلىپ ۋە ئەمرلىرىنى ئىتىرازسىز قوبۇل قىلىدىغان نەفىس. ساۋاپلىق ئىشتىن ئۈركۈپ، گۇناھقا ئامراق بولغان ھېس.-ت

****مەھشەرگاھ: قىيامەتتىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ قايتا تىرىلىپ يىغىلىدىغان يەر، ھەشر مەيدانى.-ت

*****قارۇن: مۇسا ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە ياشىغان، مالدۇنياسى بىلەن مەغرۇرلىنىپ ھەددىدىن ئاشقان، نەتىجىدە ئىلاھىي غەزەپكە ئۇچرىغان بىر باي.-ت