ئىنساننىڭ ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتىگە نەزەرسال

ئىنساننىڭ ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتىگە نەزەرسال

  ئۈچىنچى نۇكتە: ئىنسان ھەرىكەت ۋە ئىش جەھەتى بويىچە ۋە ماددى ھەرىكەت ئېتىبارى بويىچە ئاجىز بىر جانلىقتۇر. ئۇنىڭ ئۇ جەھەتتىكى باشقۇرۇش ۋە ئىگىدارچىلىق دائىرىسى ئۇ قەدەر تاركى، قولىنى ئۇزاتسا ئۇنىڭغا يېتىشەلەيدۇ. ھەتتا ئىنساننىڭ قولىغا تىزگىنىنى بەرگەن ئۆي ھايۋانلىرى ئىنساننىڭ زەئىپلىك، ئاجىزلىق ۋە ھورۇنلىقىدىن ئۈلۈش ئېلىشقان بولۇپ، ياۋايىلىرى بىلەن سېلشتۇرغاندا چوڭ پەرق كۆرىنىدۇ. (ئۆچكە ۋە ئۆكۈزلەر بىلەن ياۋا ئۆچكە ۋە ياۋا ئۆكۈزلەردەك). لېكىن ئۇ ئىنسان تەسىرگە ئۇچراش، قوبۇل قىلىش، دۇئا ۋە تىلەك جەھەتىدە شۇ دۇنيا سارىيىدا ئەزىز بىر يولۇچىدۇر. شۇنداق بىر مەرد ﷲقا مېھمان بولغانكى، چەكسىز رەھمەت خەزىنىلىرىنى ئۇنىڭغا ئاچقان، ھېساپسىز ئېسىل سەنئەت ئەسەرلىرىنى ۋە خىزمەتچىلىرىنى ئۇنىڭ ئەمرىگە ئىتائەتكار قىلغان. ھەم ئۇ مېھماننىڭ سەيلە قىلىشى، ھوزۇرلىنىشى ۋە پايدىلىنىشى ئۈچۈن شۇنداق چوڭ بىر دائىرە ئېچىپ تەييارلىغانكى، ئۇ دائىرىنىڭ رادىئوسى (يەنى مەركىزىدىن ئەڭ چېتىگە قەدەر بولغان ئارىلىق) كۆز يەتكەن، ھەتتا خىيال كەتكەن يەرلەرگىچە كەڭ ۋە ئۇزۇندۇر. ئەگەر ئىنسان مەنمەنچىلىكىگە تايىنىپ، دۇنياۋى ھاياتىنى غايە قىلىپ، تىرىكچىلىك دەرتلىرى ئىچىدە، ۋاقىتلىق بەزى لەززەتلەر ئۈچۈنلا ئىشلىسە، بەكمۇ تار بىر دائىرە ئىچىدە تۇنجۇقۇپ تۈگىشىدۇ. ئۇنىڭغا بېرىلگەن سىستېمىلار، ئەزالار ۋە سېزىملار ئۇنىڭدىن شىكايەت قىلىپ، مەھشەرگاھتا ئۇنىڭغا قارشى گۇۋاھچى ۋە دەۋاگەر بولىدۇ. ئەگەر ئۆزىنى چەكسىز مەرد بولغان ﷲقا مېھمان دەپ بىلسە، ئۆمۈر سەرمايىسىنى ئۇنىڭ رۇخسىتى دائىرىسىدە سەرپ قىلسا، ناھايىتى كەڭ بىر دائىرە ئىچىدە، ئۇزۇن بىر ئەبەدىي ھايات ئۈچۈن ياخشى تىرىشىدۇ، نەپەس ئېلىپ راھەت تاپىدۇ. كېيىن ئالايى ئىللىييىنگە قەدەر چىقالايدۇ. ھەمدە ئۇ ئىنسانغا بېرىلگەن بارلىق سىستېمىلار ۋە ئەزالار ئۇنىڭدىن مەمنۇن بولۇپ، ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا تەرەپدار بولۇپ گۇۋاچىلىق قىلىدۇ.

  شۇنداق، ئىنسانغا بېرىلگەن بارلىق ھەيران قالارلىق سىستېمىلار بۇ ئەھمىيەتسىز دۇنياۋى ھايات ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بەكمۇ مۇھىم بولغان بىر باقىي ھايات ئۈچۈن بېرىلگەندۇر. چۈنكى ئىنساننى ھايۋان بىلەن سېلىشتۇرساق كۆرىمىزكى، ئىنسان مەنىۋى سىستېما ۋە ئەزالار ئېتىبارى بويىچە ئىنتايىن باي بولۇپ ھايۋاندىن يۈز ھەسسە ئۈستۈن. دۇنياۋى ھايات لەززىتىدە ۋە ھايۋانى ياشىشىدا ھايۋاندىن يۈز ھەسسە تۆۋەن چۈشۈپ كېتىدۇ. چۈنكى كۆرگەن ھەربىر لەززىتىدە بىر ئەلەم ئىزى بار. ئۆتكەن زاماننىڭ ئەلەملىرى ۋە كېلەچەك زاماننىڭ قورقۇنچلىرى، ھەمدە ھەربىر لەززەتنىڭمۇ ئايرىلىش قايغۇسى ھوزۇرىنى بۇزىدۇ ۋە لەززىتىدە بىر ئىز قويىدۇ. بىراق ھايۋان ئۇنداق ئەمەس. ئەلەمسىز بىر لەززەت، قايغۇسىز بىر ھوزۇر ئالىدۇ. ئۆتكەن زاماننىڭ ئەلەملىرىمۇ ئۇنى قورقۇتمايدۇ، كېلەچەك زاماننىڭ قورقۇنچلىرىمۇ ئۇنى ئۈركۈتمەيدۇ. راھەت بىلەن ياشايدۇ، ياراتقۇچىسىغا شۈكۈر قىلىدۇ.

  دېمەك، ئەھسەنە تەقۋىم (ئەڭ مۇكەممەل ماقام) سۈرىتىدە يارىتىلغان ئىنسان پىكىر چۈشەنچىلىرىنى پەقەت دۇنياۋى ھاياتقىلا يۈزلەندۈرسە، سەرمايە بويىچە ھايۋاندىن يۈز ھەسسە ئۈستۈن بولسىمۇ، قۇشقاچتەك بىر ھايۋاندىن يۈز ھەسسە تۆۋەن چۈشىدۇ. باشقا بىر يەردە بۇ ھەقىقەتنى بىر مىسال بىلەن بايان قىلغانىدىم. مۇناسىۋەت كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ مىسالنى يەنە قايتىلايمەن:

  بىر كىشى بىر خىزمەتكارىغا ئون ئالتۇن بېرىپ: «ياخشى بىر رەختتىن ئۆزۈڭگە بىر يۈرۈش كىيىم ئال» دەيدۇ. يەنە بىر خىزمەتكارىغا مىڭ ئالتۇن بېرىپ بىر ۋاراقچىغا بەزى بىر نەرسىلەرنى يېزىپ يانچۇقىغا سېلىپ قويىدۇ ۋە بىر بازارغا ئەۋەتىدۇ. ئالدىنقى خىزمەتكار ئون ئالتۇنغا ئېسىل بىر رەختتىن تىكىلگەن ياخشى بىر كىيىم ئالىدۇ. ئىككىنچىسى ئەخمەقلىق قىلىپ، بىرىنچىسىگە قاراپ، يانچۇقىدىكى ۋاراقچىنى ئوقۇماي بىر دۇككانغا مىڭ ئالتۇن بېرىپ بىر يۈرۈش كىيىم سورايدۇ. ئىنساپسىز دۇككانچىمۇ رەختنىڭ ئەڭ ناچىرىدىن بىر كىيىم بېرىدۇ. ئۇ بەختسىز خىزمەتكار خوجايىنىنىڭ ھوزۇرىغا كېلىپ قاتتىق ئازار يەيدۇ ۋە ئېغىر قايغۇدا قالىدۇ.

  ئەلۋەتتە ئازغىنا بىر ئەقلى بولغان چۈشىنىدۇكى، ئىككىنچى خىزمەتكارغا بېرىلگەن مىڭ ئالتۇن بىر يۈرۈش كىيىم ئېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى چوڭ بىر تىجارەت قىلىش ئۈچۈن ئىدى.

  دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، ئىنساندىكى مەنىۋى سىستېمىلار ۋە ئىنسانىي سېزىملارنىڭ ھەربىرى ھايۋانغا نىسبەتەن يۈز ھەسسە ئۈستۈن. مەسىلەن، گۈزەللىكنىڭ بارلىق دەرىجىلىرىنى ئايرىغان ئىنسان كۆزى، تائاملارنىڭ تۈرلۈكتۈرلۈك مەخسۇس تەملىرىنى پەرق قىلالىغان ئىنسان تىلى، ھەقىقەتلەرنىڭ بارلىق ئىنچىكىلىكلىرىگە كىرەلەيدىغان ئىنساننىڭ ئەقلى، كامالەتنىڭ بارلىق تۈرلىرىگە قىزىقىدىغان ئىنساننىڭ قەلبى ۋە شۇنىڭدەك سىستېمىلىرى ۋە ئەزالىرى قەيەردە؟ ھايۋاننىڭ ناھايىتى ئاددى، پەقەت بىرئىككى جەھەتتە تەرەققى قىلغان ئەزالىرى قەيەردە؟ شۇ قەدەر پەرق باركى، ھايۋاننىڭ ئۆزىگە خاس بىر ھەرىكىتىدە (پەقەت ئۇ خىل ھايۋاندا) بىر مەخسۇس سىستېمىسى كۆپرەك تەرەققى قىلغان بولىدۇ. لېكىن ئۇ تەرەققىيات خۇسۇسىيدۇر.

  ئەمدى ئىنساننىڭ سىستېمىلىرى بويىچە بايلىقى شۇ سىردىندۇركى، ئەقىل ۋە پىكىر سەۋەبى بىلەن ئىنساننىڭ سېزىم ۋە تۇيغۇلىرى ناھايىتى تەرەققى قىلغان ۋە كېڭەيگەن. ئېھتىياجلىرىنىڭ كۆپلىكى سەۋەبلىك ئۇنىڭدا خىلمۇخىل ھېسسىيات پەيدا بولغان ۋە سېزىمچانلىقى كۆپخىللاشقان. يارىتىلىشىدىكى مۇجەسسەملىك سەۋەبىدىن ناھايىتى كۆپ مەقسەتلەر ئۈچۈن يۈزلەنگەن ئارزۇلارنىڭ مەنبەسى بولغان. ھەم يارىتىلىشىدىكى ناھايىتى كۆپ ۋەزىپىلىرى سەۋەبلىك ئەزالىرى ۋە سىستېمىلىرى كۆپ تەرەققى قىلغان. ئىبادەتنىڭ ھەر تۈرىنى قىلىشقا مۇۋاپىق بىر شەكىلدە يارىتىلغانلىقىدىن، بارلىق كامالەتلەرنىڭ ئۇرۇقلىرى يىغىلغان بىر قابىلىيەت بېرىلگەن. مانا شۇ قەدەر باي سىستېمىلار ۋە كۆپ سەرمايىلار، ئەلۋەتتە ئەھمىيەتسىز، ۋاقىتلىق شۇ دۇنياۋى ھايات ئۈچۈن بېرىلگەن ئەمەس، بەلكى بۇ خىل دەرىجىدىكى ئىنساننىڭ ھەقىقىي ۋەزىپىسى، چەكسىز مەقسەتكە قارىغان ۋەزىپىلەرنى كۆرۈپ ئاجىزلىق، مۇھتاجلىق ۋە كەمچىلىكلىرىنى ئىبادەت يولى ئارقىلىق ئېلان قىلىش، كۆپ تەرەپلىمىلىك نەزىرى بىلەن مەۋجۇداتلارنىڭ تەسبىھزىكىرلىرىنى كۆرۈپ بىلىش، نىمەتلەر ئىچىدە شەپقەتلىك ﷲنىڭ ياردەملىرىنى كۆرۈپ شۈكۈر قىلىش ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىدە رەببانىي قۇدرەتلەرنىڭ مۆجىزىلىرىنى كۆرۈپ ھەيرانلىق بىلەن تەپەككۇر قىلىشتۇر.

  ئەي دۇنياپەرەست، دۇنياۋى ھاياتقا ئاشىق ۋە ئەھسەنە تەقۋىم سىرىدىن خەۋەرسىز ئىنسان! شۇ دۇنيالىق ھاياتنىڭ ھەقىقىتىنى بىر خىيالى ۋەقەدە «كونا سەئىد» كۆرگەن. ئۇنى «يېڭى سەئىد»كە ئۆزگەرتكەن شۇ مىسالىي ۋەقەنى ئاڭلا:

  كۆردۈمكى، مەن بىر يولۇچى، ئۇزۇن بىر سەپەرگە كېتىۋاتىمەن. يەنى ئەۋەتىلدىم. خوجايىنىم بولغان زات ماڭا ئايرىغان ئاتمىش ئالتۇندىن بىر مىقتاردىن، بىر مىقتاردىن پۇل بېرەتتى. مەنمۇ سەرپ قىلىپ، ناھايىتى ھوزۇر بېغىشلايدىغان بىر سارايغا كىردىم. ئۇ سارايدا بىر كېچە ئىچىدە ئون ئالتۇننى قىمارغا، تاماشالارغا، شۆھرەتپەرەستلىك يوللىرىغا خەجلىدىم. ئەتىگىنى قولۇمدا پەقەتلا پۇل قالمىدى. بىر تىجارەت قىلالمىدىم. كېتىدىغان يېرىمگە بىر مال ئالالمىدىم. پەقەت ئۇ پۇللاردىن قولۇمدا ئەلەملەر، گۇناھلار، ھەمدە تاماشالاردىن كەلگەن يارىلار، ئىزلار، قايغۇلار قالغان ئىدى. مەن ئۇ چۈشكۈن ھالەتتىكى چاغدا توساتتىن بىر كىشى پەيدا بولدى. ماڭا دېدى:

  -«سەرمايەڭنى پۈتۈنلەي زايا قىلدىڭ، جازاغا لايىق بولدۇڭ. كېتىدىغان يېرىڭگىمۇ ۋەيران ھالدا قۇرۇق قول كېتىسەن. لېكىن ئەقلىڭ بولسا تۆۋبە قىل، تۆۋبە ئىشىكى ئوچۇقتۇر. بۇنىڭدىن كېيىن يەنە ساڭا بېرىلىدىغان ئون بەش ئالتۇنۇڭدىن ھەر ئالغىنىڭدا يېرىمىنى ئېھتىيات ئۈچۈن ساقلاپ قوي. يەنى، بارىدىغان يېرىڭدە ساڭا لازىملىق بەزى نەرسىلەرنى ئال

  قاراپ باقسام نەفسىم رازى بولمىدى. «ئۈچتىن بىرسىنى» دېدى. ئۇنىڭغىمۇ نەفسىم چىدىمىدى. كېيىن «تۆتتىن بىرىنى» دېدى. قارىسام نەفسىم مۇپتىلا بولغان ئادىتىنى تەرك قىلالمايۋاتاتتى. ئۇ كىشى غەزەپلىنىپ يۈزىنى ئۆرۈپ كېتىپ قالدى.

  تۇيۇقسىز ئەھۋال ئۆزگەردى. قارىسام مەن بىر تونىل ئىچىدە ناھايىتى تېزلىك بىلەن تۆۋەنگە چۈشۈپ كېتىپ بارغان بىر پويىزدا تۇرىمەن. ئالاقزادە بولۇپ كەتتىم. لېكىن بىر تەرەپكە قاچىدىغانغا ھېچبىر چارە يوق ئىدى. قىزىق يېرى، ئۇ پويىزنىڭ ئىككى تەرىپىدە ناھايىتى جەلپ قىلارلىق گۈللەر ۋە مېۋىلەر كۆرىنىۋاتاتتى. مەنمۇ ئەقىلسىز دۆتلەردەك ئۇلارغا قولۇمنى ئۇزاتتىم. ئۇ گۈللەرنى ئۈزۈش ۋە مېۋىلەرنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشتىم. بىراق ئۇ گۈللەر ۋە مېۋىلەر تىكەنلىك بولۇپ، قولۇم تەگسە سانجىلاتتى، قانىتاتتى. پويىزنىڭ يۈرىشى بىلەن ئايرىلىشىدىن قولۇمنى تىتىپ يارىلاندۇراتتى. ماڭا بەك قىيىن كەلگەن ئىدى. بىردىنلا پويىزدىكى خىزمەتچى دېدى:

  ــ بەش تىيىن بەرسەڭ ساڭا ئۇ گۈل ۋە مېۋىلەردىن خالىغىنىڭچە بېرىمەن. بەش تىيىن ئورنىغا قولۇڭ تىتىلىپ يۈز تىيىن زىيان كۆرىسەن. ھەمدە جازا بار. رۇخسەتسىز ئۈزەلمەيسەن

  مەيۈس ھالدا قايغۇرۇپ، بۇ تونىل قاچان تۈگەيدىغاندۇ، دەپ بېشىمنى چىقىرىپ، ئالدى تەرەپكە قارىدىم. كۆردۈمكى، تونىل ئىشىكى ئورنىدا كۆپ تۆشۈكلەر بار بولۇپ، ئۇلارغا ئۇ ئۇزۇن پويىزدىن كىشىلەر تاشلىنىۋاتاتتى. مېنىڭ دەل ئۇدۇلىمدا بىر تۆشۈك كۆردۈم. ئۇ تۆشۈكنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئىككى مازار تېشى قويۇلغان بولۇپ قىزىقىپ قارىدىم. تاش ئۈستىدە چوڭ ھەرپلەر بىلەن «سەئىد» ئىسمى يېزىلغانلىقىنى كۆردۈم. قورقۇنچ ۋە ھەيرانلىقىمدىن: «بۇ نېمە ئىش؟» دېدىم. توساتتىن ھېلىقى ساراي ئىشىكىدە ماڭا نەسىھەت قىلغان زاتنىڭ ئۈنىنى ئاڭلىدىم:

  ــ ئەقلىڭ بېشىڭغا كەلدىمۇ؟

  ــ ھەئە كەلدى. بىراق قۇۋۋەت قالمىدى، ئامال يوق،دېدىم.

  دېدى:

  ــ تۆۋبە قىل، تەۋەككۈل قىل.

  ــ قىلدىم،دېدىم. ئېسىمگە كەلدىم. كونا سەئىد يوقىلىپ، ئورنىغا يېڭى سەئىد دەپ ئۆزۈمنى كۆردۈم.

  شۇ خىيالىي ۋەقەنى ﷲ خەيرلىك قىلسۇن، بىرئىككى قىسمىنى مەن تەبىر قىلاي، باشقا جەھەتلىرىنى ئۆزۈڭ تەبىر قىل.

  ئۇ سەپەر بولسا، روھلار ئالىمىدىن، ئانا رەھمىدىن، ياشلىقتىن، قېرىلىقتىن، مازاردىن، قەبىر ئالىمىدىن، مەھشەرگاھتىن، كۆۋرۈكتىن ئۆتىدىغان ئەبەدىلئەبەد تەرەپكە سوزۇلغان بىر سەپەردۇر. ئۇ ئاتمىش ئالتۇن بولسا، ئاتمىش يىللىق ئۆمۈردۇركى، بۇ ۋەقەنى كۆرگەن ۋاقتىمدا ئۆزۈمنى قىرىق بەش ياشتا بىلەتتىم. قولۇمدا ھۆججەت يوق. بىراق قېلىپ قالغان ئون بەشتىن يېرىمىنى ئاخىرەتكە سەرپ قىلىش ئۈچۈن قۇرئانى كەرىمنىڭ خالىس بىر شاگىرتى مېنى ئىرشاد قىلدى(توغرا يولغا باشلىدى).

  ئۇ ساراي بولسا مەن ئۈچۈن ئىستانبۇل ئىكەن.

  ئۇ پويىز بولسا ۋاقىتتۇر. ھەربىر يىل بىر ۋاگوندۇر.

  ئۇ تونېل بولسا دۇنيا ھاياتىدۇر.

  ئۇ تىكەنلىك گۈل، مېۋىلەر بولسا، ھارام لەززەتلەر ۋە گۇناھلىق ئويۇنتاماشالار بولۇپ، ئۇلار بىلەن مەشغۇل بولۇش ئەسناسىدا، يوقىلىدىغانلىقىنى ئويلىنىشتىن كەلگەن ئەلەم يۈرەكنى قانىتىدۇ. ئايرىلىشىدا يارىلاندۇرىدۇ ۋە يەنە جازانىمۇ چەكتۈرىدۇ. پويىز خىزمەتچىسى دېگەن ئىدى: «بەش تىيىن بەرسەڭ ئۇلاردىن خالىغىنىڭنى بېرىمەنئۇنىڭ تەبىرى شۇكى، ئىنساننىڭ ھالال ئەمگىكى بىلەن ھالال دائىرىدە تاپقان لەززەتلەر ۋە ھوزۇرلار كەيپىگە يېتەرلىكتۇر. ھارامغا كىرىشكە ھاجەت يوقتۇر. باشقا قىسىملىرىنى سەن ئۆزۈڭ تەبىر قىلالايسەن.

—————————————————————

*مەھشەرگاھ: قىيامەتتىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ قايتا تىرىلىپ يىغىلىدىغان يەر، ھەشر مەيدانى.-ت


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.