ئىنسان فانى بولغىنىدەك، ئىچىدە ياشىغان ئالەممۇ فانىيدۇر، يىقىلىۋاتىدۇ

ئىنسان فانى بولغىنىدەك، ئىچىدە ياشىغان ئالەممۇ فانىيدۇر، يىقىلىۋاتىدۇ

دۇنيا مىھمانخانىسىغا كەلگەنلەرنىڭ ئۆمرى قانچىلىك بولىدۇ؟

  بۇ دۇنياغا كەلگەن ھەر بىر ئىنسان، ئون بەش يېشىغا كىرگىنىدە چۈشىنىدۇكى، دۇنيا مەزكۇر يەتتە تۈۋرۈك ئۈستىگە بىنا قىلىنغان ۋە دائىمى تەۋرىنىش ھالىتىدە بولۇپ، ھېچقانداق بىر نەرسە ئۆز ئورنىدا تۇرمايدۇ. دېمەك دۇنيانىڭ ماھىيتى بولسا بۇدۇر. شۇ دۇنيا ئۆيىگە كەلگەنلەرنىڭ ئۆمرى بىر كۈندۇر. چۈنكى، دۇنيا بىر كۈن بولغىنىدەك، ئاخىرەتمۇ(ھەشىر مەيدانىدىن ئۆتىدىغان پەيىتمۇ) بىر كۈندۇر. ”ئاخىرەت كۈنى“ دەپ ئاتايمىز. ئىنسان بۇ دۇنياغا كىلەركەلمەس مۇئەييەن بىر مۇددەت بۇيەردە قالىدۇ، ئاندىن كۆچۈپ كېتىدۇ. ئىنسان فانى بولغىنىدەك، ئىچىدە ياشىغان ئالەممۇ فانىيدۇر، يىقىلىۋاتىدۇ، تۇرماستىن كىتىپ بارىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ ئايرىلىش ۋە زاۋاللىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىر چارە ئىزدەش لازىمدۇر. ئۇ چارىنىمۇ پەقەتلا قۇرئان كۆرسەتكەندۇر.

  ” ئەجەبا، بۇ دۇنيا مىمانخانىسىنىڭ يارىتلىش غايىسى نىمە؟ نىمىشقا بۇنداق ئالمىشىش ۋە ئۆزگىرىشلەرگە دۇچار قىلىنىدۇ؟ ئىنساننىڭ بۇ دۇنياغا ئەۋەتىلىش غايىسى نېمە؟“ دېگەندەك سۇئاللىرىغا قۇرئان جاۋاپ بەرگەندۇر.

  جانابى ھەق، ئىنساننى بۇ مىھمانخانىغا ئەكەلدۈرگەن ۋە زېمىن يۈزىنى بىر دوستىخانغا ئوخشاش ئۇنىڭ ئالدىغا ئاچقان. نە قەدەر تائاملارنىڭ تۈرلىرى بولغان بولسا ئۇ دوستىخانغا تىزغاندۇر. ئەمما ئۇ دوستىخان سابىتمۇقىم بولماستىن داۋاملىق تۈردە ئالمىشىپ تۇرىدۇ ۋە دائىما ئۆزگىرىش ۋەزىيتىدىدۇر. ئۇنداق بولسا، ھەر بىر ئىنسان چۈشىنىشى كېرەكتۇركى، بىر ئۆي، بىر مىھمانخانا ھۆكمىدە بولغان بۇ دۇنيانىڭ بىر ساھىبى ۋە بىر مالىكى بار. ئۇ مالىكنىڭ ئىنساننى بۇ مىھمانخانىغا ئەۋەتىشىدىكى ھېكمەت ۋە غايىسى شۇدۇركى، ئىنساننى ئەبەدى بىر ئالەمدە ئەبەدى بىر سائادەتكە نامزات قىلغان. شۇ پانىي ئالەم، ئۇ ئەبەدى ئالەمنىڭ نەمۇنىسى ھېساپلىنىدۇ، ئۆتەكى ئالەم ھېسابىغا ئىشلەۋاتىدۇ ۋە ئۇ ئالەم ئۈچۈن مەھسۇلات ئىشلەپچىقرىۋاتىدۇ. بۇ دۇنيا كىلىپ كىتىدىغان يولۇچىلارنىڭ بىر كۈن قونۇپ يوللىرىغا داۋام قىلىشى ئۈچۈن قۇرۇلغان بىر مىھمانخانىدۇر ۋە ئىنسان بۇ مىھمانخانىدا ئىمتىھان ئۈچۈن تۇرىۋاتىدۇ.

  ئۇنداق بولسا بۇ ئىمتىھان قايسى؟

  چۈشىنىپ باقساڭ، بۇ ساراينىڭ ۋە بۇ مىھمانخانىنىڭ بىر سەنئەتكارى بار. مېنى بۇ يەرگە قۇللۇق ئۈچۈن يەنى ئىمان ۋە ئىبادەت ئۈچۈن ئەۋەتتى. بۇيەردىن باشقا بىر يەرگە كىتىۋاتىمەن. چۈنكى بۇ يەر سابىت ۋە مۇقىم بىر يەر ئەمەستۇر. مەنمۇ سابىت بولمىغىنمدەك ئىچىدىكىلەرمۇ سابىت ئەمەستۇر. چۈنكى، بۇ مىھمانخانىنىڭ ئۇلى ساغلام ئەمەستۇر. بۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ مىھمانخانىدا بەك كۆپ سەرپىيات چىقىم قىلىنىۋاتىدۇ. كەلگەن كەتكەنلەرگە ناھايىتى دىققەت قىلىنىۋاتىدۇ. ھەركۈن بىر يەر يىقىلىدۇ، ئارقىسىدىنلا رىمۇنىت قىلىنىۋاتىدۇ. بىر تائىپە بوشىتىلىدۇ ۋە پىنسىيەگە چىقپ كىتىدۇ، يېڭى بىر تائىپە ۋەزىپە بېشىغا، قۇرال ئاستىغا(ئەسكەرلىككە) ئېلىنىۋاتىدۇ.

  شۇنداق، بۇ دۇنيا راھمانى بىر مىھمانخانىدۇر. بۇ مىھمانخانىغا كەلگەنلەر بىر كېچە قونۇپ ئاندىن ساياھەتلىرىگە داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئەجەبا، بۇ يولۇچىلار نەگە كىتىپ بارىدۇ؟ بىر كارۋان جەننەتكە، بىر كارۋان جەھەننەمگە كىتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە جەھەننەم ئەھلى جەننەت ئەھلىدىن تېخىمۇ كۆپ. بۇ مىھمانخانىغا كەلگەنلەر پانى ئىكەنلىكىگە ئوخشاشلا، مىھمانخانىنىڭ ئۆزىمۇ پانى بولۇپ چىرىپ كەتكەن ئۇل ئۈستىگە بىنا قىلىنغان. بۇ مەنىگە ئاساسلانغاندا، دۇنيا ئەبەدى ئالەمگە بارىدىغان يولۇچىلارنىڭ بىر ئان ئىستىراھەت(ئارام ئېلىشى) ئۈچۈن قۇرۇلغان بىر مىھمانخانىدۇر. دېمەك، دۇنيانىڭ ماھىيىتى بۇدۇر. كىلىپ كىتىدىغان مىھمانلارنىڭ قونۇپ كۆچۈپ كىتىدىغان بىر يېرىدۇر. ھېچ ئۇنۇتمىغىن، بۇ ئۆيگە كىلىپ ئارام ئالاي ئالماستىن بىر مەزگىلدىن كىيىن كۆچۈپ كىتىدىغان بىر يولۇچىغا ئوخشاشسەنمۇ كۆچۈپ كىتىسەن. سېنىمۇ بۇ مىھمانخانىدا تۇرغۇزمايدۇ. مىھمانخانا ساھىبىنىڭ ساڭا ئېھسان قىلغان پۈتۈن نىئمەتلەرنىمۇ ئارقاڭغا تاشلاپ قويۇپ كېتىسەن. چۈنكى، يولۇچى بىللە ئېلىپ كەلمىگەن بىر نەرسىسنى بىللە ئېلىپ كېتەلمەيدۇ. بۇ مىھمانخانىغا يالغۇز ۋە يالىڭاچ ھالەتتە كەلدىڭ، يەنە يالغۇز بېشىڭغا ۋە يالىڭاچ ھالدا چىقىپ كىتىسەن.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.