ئىنسان نە قەدەر مەنمەنچى ھاكاۋۇر!دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئۆلچىمى

   ئىككىنچى نۇكتە: ئىنساندا ئىككى تەرەپ بار. بىرىسى، مەنمەنچىلىك جەھەتى بويىچە شۇ دۇنيالىق ھاياتقا قارايدۇ. يەنە بىرى، ئىبادەت جەھەتى بويىچە ئەبەدىي ھاياتقا قارايدۇ.

   بىرىنچى تەرەپ ئېتىبارى بويىچە شۇنداق بىر بىچارە مەخلۇقتۇركى، سەرمايىسى پەقەت ئىختىياردىن بىر تال چاچتەك كىچىككىنە بىر جۈزئى ئىختىيارى، ئىقتىداردىن ئازغىنە بىر كۈچ، ھاياتتىن تېز ئۆچىدىغان بىر شولا، ئۆمۈردىن تېز ئۆتىدىغان بىر مۇددەت ۋە مەۋجۇدلۇقتىن تېز چىرىيدىغان كىچىك بىر جىسىمدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كائىناتنىڭ تۈرلۈك تەبىقىلىرىدە يېيىلغان چەكسىز تۈرلەرنىڭ ھېساپسىز ئەزالىرى ئىچىدە نازۇك، ئاجىز بىر شەخس بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

   ئىككىنچى تەرەپ ئېتىبارى بىلەن، بولۇپمۇ ئىبادەتكە قارىغان ئاجىزلىق ۋە مۇھتاجلىق جەھەتىدە ناھايىتى كەڭ دائىرىنىڭ ئىگىسىدۇر، ناھايىتى چوڭ بىر ئەھمىيىتى بار. چۈنكى، قۇدرىتى چەكسىز ۋە ئىنتايىن رەھىملىك، ھەم بايلىقى چەكسىز ۋە ئىنتايىن مەرد بولغان بىر زاتنىڭ چەكسىز جىلۋىلىرى جەم بولالايدىغان كەڭ بىر كۆرسەتكۈچى ئەينەك بولىشى ئۈچۈن، چەكسىز ھىكمەت ئىگىسى بولغان ياراتقۇچى ﷲ، ئىنساننىڭ مەنىۋى ماھىيىتىدە چەكسىز بىر ئاجىزلىق ۋە مۇھتاجلىق قويغان.

   شۇنداق، ئىنسان بىر ئۇرۇققا ئوخشايدۇ. ئۇرۇقنىڭ تۇپراق ئاستىدا ئىشلەپ ئۇ تار ئالەمدىن چىقىپ، كەڭ ھاۋا ئالىمىگە كىرىپ، ياراتقۇچىسىدىن قابىلىيەت تىلى ئارقىلىق بىر دەرەخ بولىشىنى تىلەپ، ئۆزىگە لايىق ھالدا يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا قۇدرەت تەرىپىدىن مەنىۋى ۋە مۇھىم سىستېمىلار، تەقدىر تەرىپىدىن ئىنچىكە ۋە قىممەتلىك پروگراممىلار بېرىلگەن. ئەگەر ئۇ ئۇرۇق ئۆزىنىڭ يامان تەبىئىتى سەۋەبلىك، ئۇنىڭغا بېرىلگەن مەنىۋى سىستېمىلارنى تۇپراقتىكى بەزى زىيانلىق ماددىلارنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن سەرپ قىلسا، ئۇ تار يەردە، قىسقا بىر زاماندا، پايدىسىز سېسىپ، چىرىپ كېتىدۇ. ئەگەر ئۇ ئۇرۇق ئۇ مەنىۋى سىستېمىلىرىنى ﴿فَالِقُ الْحَبِّ وَالنَّوَى﴾(ئەنئام:95) بولغان ﷲنىڭ (تەبىئەتكە ئائىت شەرىئەت) ئەمرلىرىگە بويسۇنۇپ ياخشى قوللانسا، ئۇ تار ئالەمدىن چىقىپ يوغان بىر مېۋىلىك دەرەخ بولۇشى بىلەن بىرگە، باشتىكى كىچىك بىر پارچە ھەقىقىتى ۋە مەنىۋى روھى چوڭ بىر ئومۇمى ھەقىقەت شەكلىنى ئالىدۇ.

   دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، ئىنساننىڭ ماھىيىتىگە قۇدرەت تەرىپىدىن مۇھىم سىستېمىلار، تەقدىر تەرىپىدىن قىممەتلىك پروگراممىلار قويۇلغان. ئەگەر ئىنسان شۇ تار زېمىن ئالىمىدە، دۇنياۋى ھايات تۇپرىقى ئاستىدا ئۇ مەنىۋى سىستېمىلىرىنى نەفىسنىڭ ھەۋەسلىرىگە سەرپ قىلسا، چىرىگەن ئۇرۇققا ئوخشاش ئازغىنا بىر لەززەت ئۈچۈن، قىسقا بىر ئۆمۈردە، تار بىر يەردە قىينالغان ھالدا چىرىپ خاراپ بولىدۇ. مەنىۋى مەسئۇلىيىتىنى بەختسىز روھىغا يۈكلەپ شۇ دۇنيادىن كۆچۈپ كېتىدۇ.

   ئەگەر ئۇ قابىلىيەت ئۇرۇقىنى ئىسلامىيەت سۈيى بىلەن، ئىمان نۇرى بىلەن، ئىبادەت تۇپرىقى ئاستىدا تەربىيىلەپ، قۇرئان ئەمىرلىرىگە بويسۇنۇپ مەنىۋى سىستېملىرىنى ھەقىقىي غايىلىرىگە يۈزلەتسە، ئەلۋەتتە روھانىي ئالەم ۋە قەبىر ھاياتىدا تال ۋە شاخ چىقىرىدىغان، ھەمدە ئاخىرەت ئالەمى ۋە جەننەتتە چەكسىز كامالەت ۋە نىمەتلەرگە سەۋەب بولىدىغان بىر باقىي دەرەخنىڭ ۋە بىر دائىملىق ھەقىقەتنىڭ سىستېمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىممەتلىك بىر ئۇرۇق، ھەيران قالارلىق بىر ماشىنا(ئاپپارات)، بۇ كائىنات دەرىخىنىڭ مۇبارەك ۋە نۇرلۇق بىر مېۋىسى بولىدۇ.

   شۇنداق، ھەقىقىي تەرەققىيات (يۈكسەكلىك) بولسا، ئىنسانغا بېرىلگەن قەلب، سىر، روھ، ئەقىل، ھەتتا خىيال ۋە باشقا سېزىملارنىڭ يۈزلىرىنى ئەبەدىي ھاياتقا بۇراپ، ھەربىرىنى ئۆزىگە لايىق خۇسۇسىي بىر ئىبادەت ۋەزىپىسى بىلەن مەشغۇل قىلىشتىدۇر. بولمىسا، زالالەتتىكىلەر تەرەققىيات دەپ بىلگەن، دۇنيا ھاياتىنىڭ بارلىق ئىنچىكىلىكلىرىنىڭ ئىچىگە كىرىپ ۋە لەززەتلەرنىڭ ھەر تۈرىنى، ھەتتا ئەڭ پەس لەززەتلەرنى تېتىش ئۈچۈن بارلىق سېزىملىرىنى، قەلب ۋە ئەقلىنى نەفسى ئەممارىنىڭ* ئەمرىگە باش ئەگدۈرۈپ، ئۇنىڭغا ياردەمچى قىلسا، ئۇ تەرەققىيات ئەمەس، بەلكى چۆكۈشتۇر. شۇ ھەقىقەتنى بىر خىيالىي ۋەقەدە شۇنداق بىر مىسال ئارقىلىق كۆردۈم:

   مەن بىر چوڭ شەھەرگە كىردىم، ئۇ شەھەردە چوڭچوڭ سارايلار بار ئىكەن. بەزى سارايلارنىڭ ئىشىك ئالدىغا قارىدىم. ناھايىتى جانلىق ۋە ھەشەمەتلىك تىياتىرخانىدەك كىشىنىڭ دىققەت نەزىرىنى جەلپ قىلاتتى. كىشىگە راھەتلىك بېغىشلايدىغان بىر جەزىبىدارلىق بار ئىدى. دىققەت قىلدىمكى، ئۇ ساراينىڭ خوجايىنى ئىشىك ئالدىغا كېلىپ ئىت بىلەن ئويناۋاتاتتى ۋە ئوينىشىغا ياردەم قىلىۋاتاتتى. ئاياللار باشقا ياشلار بىلەن تاتلىق سۆھبەتلەردە ئىدى. يېتىشكەن قىزلار ئۇششاق بالىلارنىڭ ئويۇنلىرىنى تەرتىپكە سېلىۋاتاتتى. دەرۋازىۋەنمۇ ئۇلارغا قوماندانلىق قىلىۋاتقاندەك بىر رېژىسسور ھالىتىدە ئىدى. ئۇ ۋاقىت بىلدىمكى، ئۇ چوڭ ساراينىڭ ئىچى قۇپقۇرۇق، مۇھىم ۋەزىپىلەر تەرك قىلىنغان. ئەخلاقلىرى شۇ قەدەر تۆۋەن دەرىجىگە چۈشكەنلىكى ئۈچۈن ئىشىك ئالدىدا يۇقىرىقىدەك ھالەت شەكىللەنگەن.

   ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر چوڭ سارايغا دۇچ كەلدىم. كۆردۈمكى، ئىشىك ئالدىدا ياتقان ۋاپادار بىر ئىتئاددى، توڭ، جىمخور بىر دەرۋازىۋەنجىمجىت بىر ھالەت بار ئىدى. ھەيران قالدىم. نېمە ئۈچۈن ئۇ ئۇنداق، بۇ مۇنداق؟ ئىچىگە كىردىم. قارىسام ئىچىدە ناھايىتى جانلىق بىر كەيپىياتقاتمۇقات قەۋەتلەردە سارايدىكىلەر باشقاباشقا مۇھىم ۋەزىپىلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتاتتى. بىرىنچى قەۋەتتىكى كىشىلەر ساراينىڭ باشقۇرۇلىشىنى كۆزدىن كەچۈرىۋاتاتتى. ئىككىنچى قەۋەتتە قىزلار ۋە ئۇششاق بالىلار دەرس ئوقۇشىۋاتاتتى. ئۈستىدىكى قەۋەتتە ئاياللار ناھايىتى ئىنچىكە سەنئەت ۋە نەپىس كەشتىلەر بىلەن مەشغۇل ئىدى. ئەڭ يۇقىرى قەۋەتتە خوجايىن پادىشاھ بىلەن خەۋەرلىشىپ خەلقنىڭ ئامانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ كامالىتى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىگە خاس ۋە يۈكسەك ۋەزىپىلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتاتتى. مەن ئۇلارغا كۆرۈنمىگەنلىكىم ئۈچۈن «رۇخسەت يوقدېيىشمىدى. بىر قۇر قاراپ چىقالىدىم.

   كېيىن چىقىپ قارىسام، ئۇ شەھەرنىڭ ھەر تەرىپىدە ئۇ ئىككى خىلدىكى سارايلار بار. سەۋەبىنى سورىدىم. «ئۇ ئىشىك ئالدى ھەشەمەتلىك ۋە ئىچى بوش سارايلار كافىرلار ۋە زالالەتتىكىلەرنىڭدۇر. يەنە بىرى شەرەپلىك مۇسۇلمان چوڭلىرىنىڭدۇر» جاۋابىنى ئالدىم. كېيىن بىر بۇلۇڭدا يەنە بىر سارايغا دۇچ كەلدىم. ئۈستىدە «سەئىد» ئىسمىنى كۆردۈم. قىزىقىپ تېخىمۇ دىققەت بىلەن قارىدىم. رەسىمىمنى ئۈستىدە كۆرگەندەك بولدۇم. بەكمۇ ھەيرانلىقىمدىن توۋلاپ تاشلىدىمدە، ئەقلىم بېشىمغا كەلدى. ئېسىمگە كەلدىم.

   مانا بۇ خىيالىي ۋەقەنى ساڭا تەبىر قىلىمەن. ﷲ خەيرلىك قىلسۇن.

  ئۇ شەھەر بولسا، ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى ۋە مەدەنىي شەھرىدۇر. ئۇ سارايلارنىڭ ھەربىرى بىر ئىنساندۇر. ئۇ ساراي ئىچىدىكىلەر بولسا، ئىنساندىكى كۆز، قۇلاق، قەلب، سىر، روھ، ئەقىلگە ئوخشاش تۇيغۇلار، ھەمدە نەفىس، ئارزۇ، شەھۋەت(ئىشتىھا) ۋە غەزەپ سېزىملىرىدەك نەرسىلەردۇر. ھەربىر ئىنساندا ھەربىر سېزىمنىڭ باشقاباشقا ئىبادەت ۋەزىپىلىرى بار، باشقاباشقا لەززەتلىرى ۋە ئەلەملىرى بار. نەفىس ۋە ئارزۇ، ئىشتىھا(شەھۋەت) ۋە غەزەپ سېزىملىرى بىر دەرۋازىۋەن ۋە ئىت ھۆكمىدىدۇر. ئەنە شۇ يۈكسەك سېزىملارنى ھاۋايى نەفسىگە ئەگەشتۈرۈش ئەلۋەتتە تۆۋەنگە قاراپ چۆكۈشتۇر، تەرەققىيات ئەمەس. باشقا تەرەپلىرىنى سەن تەبىر قىلالايسەن.

——————————————————————-

*نەفسى ئەممارە: شەيتاننىڭ تەكلىپ ۋە ئەمرلىرىنى ئىتىرازسىز قوبۇل قىلىدىغان نەفىس. ساۋاپلىق ئىشتىن ئۈركۈپ، گۇناھقا ئامراق بولغان ھېس.-ت

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir