ئۆتكەن ئۆمرۈڭنى ئېسىڭگە ئېلىپ باق

ئۆتكەن ئۆمرۈڭنى ئېسىڭگە ئېلىپ باق

ئالتىنچى داۋا:

  ئەي ئەلەمدىن شىكايەت قىلغان بىمار! ئۆتكەن ئۆمرۈڭنى ئېسىڭگە ئېلىپ باق، ئۇ ئۆمۈردە ئۆتكەن لەززەتلىك، راھەتلىك كۈنلىرىڭنى ۋە ئەلەملىك، بالالىق ۋاقىتلىرىڭنى ئويلىساڭ، ئەلۋەتتە يا «ئۇھ» ۋەيا «ئاھ» دەيسەن. يەنى قەلبىڭ ياكى تىلىڭ يا «ئەلھەمدۇلىللاھ شۈكۈر»، ياكى بولمىسا ھەي ئىسىت دەيدۇ. ساڭا «ئۇھ، ئەلھەمدۇلىللاھ شۈكۈر» دېگۈزىۋاتقان نەرسە، سېنىڭ بېشىڭدىن ئۆتكەن ئەلەملەر ۋە قىيىنچىلىقلار بولۇپ، ئۇلارنى ئەسلىشىڭ، بىر مەنىۋى لەززەتنى تېشىدۇدە، سېنىڭ قەلبىڭ شۈكۈر قىلىدۇ. چۈنكى ئەلەمنىڭ يوقىلىشى لەززەتتۇر. ئۇ ئەلەملەر ۋە قىيىنچىلىقلار، يوقىلىشى بىلەن روھتا بىر لەززەت ئېرسىيەت قويۇپ قويغان بولۇپ، ئويلىنىش ئارقىلىق تېشىلسە، روھتىن بىر لەززەت ئاقىدۇ. شۈكۈرلەر تامچىلايدۇ. ساڭا «ئاھ، ۋاي ئىسىت» دېگۈزگەن، ئۆتكەن ۋاقىتلاردا سەن كەچۈرگەن لەززەتلىك، كەيپساپا ئەھۋاللار بولۇپ، يوقىلىشى بىلەن سېنىڭ روھۇڭدا دائىمىي بىر ئەلەم ئېرسىيەت قۇيۇپ قويغان. شۇڭا قاچان ئەسلىسەڭ ئۇ ئەلەم يەنە تېشىلىدۇدە، ھەسرەتلەر ئېقىتىدۇ. دېمەك بىر كۈنلۈك ھارام لەززەت، بەزىدە بىر يىللىق مەنىۋى ئەلەم چەكتۈرىدۇ. ۋاقىتلىق بولغان كېسەللىكتىن كەلگەن بىر ئەلەم بولسا، كۆپ كۈنلەر ساۋاپ لەززىتى بىلەن بىرگە يوقىلىشىدىكى قۇتۇلۇشتىن كەلگەن مەنىۋى لەززەتلەرنى بېرىدۇ. سەندىكى بۇ ۋاقىتلىق بولغان كېسىلىڭنىڭ نەتىجىسى ۋە ماھىيىتىدىكى ساۋاپنى ئويلاپ «ئىنشاللاھ بۇمۇ ئۈتۈپ كېتەر» دە. شىكايەت ئورنىغا شۈكۈر قىل.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.