ئۇخۇۋۋەتى ئىسلامىيە(ئسلامى قېرىنداشلىق)قانداق ئورنىتىلىدۇ؟

ئۇخۇۋۋەتى ئىسلامىيە(ئسلامى قېرىنداشلىق)قانداق ئورنىتىلىدۇ؟

ئۇخۇۋۋەتى ئىسلامىيە(ئسلامى قېرىنداشلىق)قانداق ئورنىتىلىدۇ؟

  دەسلەپتە ئوسمانلى خەلىپىلىگى ھېچبىر زامان ئىرقچىلىق قىلمىغان. مۇسۇلمانلارمۇ ئوسمانلى خەلقىنى تۈرك بولغانلىقى ئۈچۈن سۆيمىگەن، بەلكى ئىسلامىيەتكە خىزمەت قىلغانلىقى تۈپەيلى سۆيگەن ۋە تەقدىرلىگەن. ئوسمانلى ئىدار قىلغۇچىلىرىمۇ ئىرقچىلىق قىلمىغان ۋە ھەتتا مۇنداق ئېيىتقان:

  ’’بۇ ئىدارە قىلىش بىزنىڭ ھەققمىز ئەمەستۇر. قۇرەيىشلەرنىڭ ھەققىدۇر. بىز بۇ ھەقنى زۇلۇم بىلەن تارتىۋالدۇق. بۇنىڭ سەۋەبى بولسا-ئۇ يۇشۇرۇن ئەجنەبى كومىتىسىگە باغلىق بولغان يۇشۇرۇن ھەددىدىن ئاشقۇچى شىئەلەرنىڭ بارا بارا سەييىدلەرنى يولدىن چىقىرۋىتىشى سەۋەبىدىن بۇنىڭغا قارشى ئىسلام بىرلىكىنى تەمىن قىلىش ۋە دىنىمىزنى قۇتۇلدۇرۇش مەجبۇرىيىتىمىز بولغاچقا.

  ئۇستاد بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرى (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) كىتاپ ۋە سۈننەت دائىرىسىدە ئىسلامى قېرىنداشلىقنىڭ تەسىس قىلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى ۋە مەنپى مىللەتچىلىك(ئىرقچىلىق)نىڭ ئىسلامى قېرىنداشلىققا بەرگەن زىيانلىرىنى شۇنداق ئىزاھ قىلغان:

  ” ئەمدى بولسا ئەڭ زىيادە بىربىرىگە مۇھتاج ۋە بىر بىرىدىن مەزلۇم ۋە بىر بىرىدىن پېقىر بولغان ۋە ئەجنەبىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئىزىلگەن مىللەتلەر ۋە ئىسلامى قەبىلىلەر ئىچىدە، مىللەتچىلىك(ئىرىقچىلىق)پىكىرى بىلەن بىر بىرىگە ناتۇنۇش(ياقا يۇرۇتلۇق) نەزىرى بىلەن قاراش ۋە بىر بىرىنى دۈشمەن دەپ بىلىش، شۇنداق بىر پالاكەت بولىدۇكىتەرىپ قىلىپ بولالمايمىز. بىر پاشىنى چاقمىسۇن دەپ، كۆپ يىلانلارغا ئارقىسنى بۇراپ(كۆرمەسكە سېلىش)، پاشىنىڭ چېقىۋېلىشىغا قارشى تاقابىل تۇرمىز دەپ ئەخمەقلىق قىلىپ، چوڭ ئەجدىرھالار ھۆكمىدە بولغان ياۋرۇپانىڭ تويۇشنى بىلمەيدىغان خىرىس(ئاچكۆزلىكى) بىلەن پەنچەقارماقلىرىنى ئاچقان مۇشۇنداق بىر پەيىتتە ئۇلارغا ئەھمىيەت بەرمەستىن، بەلكى مەنىۋى جەھەتتىن ئۇلارغا ياردەم بىرىپ، مەنپى مىللەتچىلىك پىكىرى بىلەن شەرىق ۋىلايەتلىرىدىكى ۋەتەنداشلارغا ۋەياكى جەنۇب تەرپتىكى دىنداشلارغا ئاداۋەت ساقلاپ ئۇلارغا قارشى سەپ تۈزۈش بولسا كۆپ زىيانلىرى ۋە خەتەرلىرى بولىشى بىلەن بىرگە، ئۇ جەنۇپتىكى كىشىلەر ئىچىدە ھېچقانداق دۈشمەنلىك قىلغان يوقتۇرسا، قانداقمۇ ئۇلارغا قارشى سەپ تۈزۈپ قارشى چىقىلسۇن. جەنۇپتىن كەلگەن قۇرئان نۇرى بار، ئىسلامىيەت زىياسى بار، ئۇ ئىچىمىزدە بار ۋەھەم ھەر يەردە تېپىلىدۇ. دېمەك، ئۇ دىنداشلارغا ئاداۋەت قىلىشۋاستىلق شەكىلدە ئىسلامىيەتكە ۋە قۇرئانغا زىيان سالغانلىق بولىدۇ. ئىسلامىيەت ۋە قۇرئانغا قارشى ئاداۋەت قىلىش-پۈتۈن ۋەتەنداشلارغا دۇنيا ھاياتىغا ۋە ئاخىرەت ھاياتىغا بىر تۈرلۈك ئاداۋات قىلىش ھېساپلىنىدۇ. ھامىيەت نامى بىلەن ئىجتىمائى ھاياتقا خىزمەت قىلدىم دەپ ئىككى ھاياتنىڭ ئۇلتېشىنى خاراپ قىلىۋىتىشھامىيەت ئەمەس بەلكى ھاماقەتلىكتۇر.

  دېمەك ئەي قۇرئان ئەھلى بولغان شۇ ۋەتەن ئەۋلاتلىرى!

  ئالتەيۈز يىل ئەمەس بەلكى ئابباسىلار زامانىدىن بېرى مىڭ يىلدىن بۇيان قۇرئانى ھەكىمنىڭ بايراقدارلىقىنى ئېلىپ، پۈتۈن جاھانغا قارشى مەيدان ئوقۇپ، قۇرئاننى ئىلان قىلدىڭلار. مىللىتىڭلارنى قۇرئانغا ۋە ئىسلامىيەتكە قەلئە قىلدىڭلار. پۈتۈن دۇنيانى جىمىقتۇرۋەتتىڭلار.  دەھشەتلىك ھوجۇملارغا قاخشاتقۇچ زەربە بىرىپ يوق قىلدىڭلار. تاكى

يَأْتِي اللّهُ بِقَوْمٍ يُحِبُّهُمْ وَيُحِبُّونَهُ أَذِلَّةٍ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ أَعِزَّةٍ عَلَى الْكَافِرِينَ يُجَاهِدُونَ فِي سَبِيلِ اللّهِ ﴿٥٤﴾ وَلِسَانًا وَشَفَتَيْنِ﴿٩﴾

  ئەي ئىمان ئېيىتقانلار! سىلەردىن كىم دىنىدىن قايىتسا(ئۇنىڭ دىنىدىن يېنىۋېلىشى سىلەرنى غەمگە سالمىسۇن)مۇرتەد بولسا، ئاللاھ سىلەرنى كۆچۈرۈپ تاشلاپ باشقىسىنى كەلتۇرىدۇ.(مائىدە،54) ئايىتىگە ياخشى بىر ئەينەك بولدۇڭلار. ئەمدى، ياۋرۇپانىڭ ۋە پىرەنك مەشرەپ (ئىسلامىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان يات ئادىتى بار ياقا يۇرۇتلۇقلارنى قارىغۇلارچە دورايدىغان) مۇناپىقلارنىڭ ھېلەمىكىرلىرىگە ئالدىنىپ. شۇ ئايەتنىڭ بېشىدىكى خىتاپقا ئەينەك بولۇپ ئوخشاپ قېلىشىڭلاردىن باش تارتىپ پەخەس بولۇڭلار ۋە قورقۇشىڭلار كىرەك!

  ئىلاھىي رەھمەتتىن ئۈمىت كىسىلمەيدۇ.

  چۈنكى جانابى ھەق مىڭ يىلدىن بېرى قۇرئان خىزمىتىنى قىلدۇرغان ۋە ئۇنىڭغا بايراقدارلىق ۋەزىپىسىنى تەيىن قىلغان بۇ ۋەتەنداشلارنىڭ ھەشەمەتلىك ئوردائارمىيىسىنى ۋە ئازامەتلىك جامائىتىنى ۋاقىتلىق كاشىلىلار بىلەن ئىنشائاللاھ پەرىشان قىلمايدۇ. يەنە ئۇ نۇرنى نۇرلاندۇرىدۇ ۋە ۋەزىپىسىنى داۋام قىلدۇرىدۇ

(مەكتۇبات-327)


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.