ئۈممىتىم ئىچىدە فىتنە-پاسات يامرىغان ۋاقىتتا، كىم مېنىڭ سۈننىتىمگەچىڭ ئېسلىسا، يۈز شېھىدنىڭ ئەجرىنى، ساۋابىنى تاپىدۇ»، قانداق چۈشىنىمىز؟»

  بىرىنچى نۇكتە: رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام دېگەنكى: مَنْ تَمَسَّكَ بِسُنَّتِى عِنْدَ فَسَادِ اُمَّتِى فَلَهُ اَجْرُ مِاَةِ شَهِيدٍ يەنى: «ئۈممىتىم ئىچىدە فىتنەپاسات يامرىغان ۋاقىتتا، كىم مېنىڭ سۈننىتىمگەچىڭ ئېسلىسا، يۈز شېھىدنىڭ ئەجرىنى، ساۋابىنى تاپىدۇ.» سۈننەتى سەنىييەگە ئەگىشىش شۈبھىسىزكى غايەت ئەھمىيەتلىكتۇر. خۇسۇسەن، بىدئەتلەرنىڭ ئىستېلاسى زامانىدا سۈننەتى سەنىييەگە ئەگىشىش تېخىمۇ مۇھىمدۇر. خۇسۇسەن، فەسادى(بۇزغۇنچىلىق) ئۈممەت زامانىدا سۈننەتى سەنىييەنىڭ كىچىك بىر ئەدەبىگە ھۆرمەت كۆرسىتىش يۈكسەك بىر تەقۋانى ۋە قۇۋۋەتلىك بىر ئىماننى ھېس قىلدۇرىدۇ. بىۋاستە سۈننەتى سەنىييەگە ئەگىشىش، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنى ئەسكە كەلتۈرىدۇ. ئۇ ئەسكە ئېلىش، بىر ﷲنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرغانلىق ھالىتىگە ئېلىپ كېلىدۇ. ھەتتا ئەڭ كىچىك ھەرىكەتلەردە، يەنى يېمەك، ئىچمەك ۋە ياتماق ئەدەبىدە سۈننەتى سەنىييەگە رىئايە قىلغان ۋاقىتتا، ئۇ ئاددى ھەرىكەت ۋە فىترىي(تەبىئىي) ئەمەل، ساۋاپلىق بىر ئىبادەت ۋە شەرئىي بىر ھەرىكەت بولغان بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئاددى ھەرىكىتى بىلەن رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا ئەگەشكەنلىكىنى ئويلايدۇ ۋە شەرىئەتنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ، ھەمدە شەرىئەت ساھىبىنىڭ ئۇ(پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام) ئىكەنلىكىنى ئېسىگە كەلتۈرىدۇ، شۇنداقلا شەرىئەتنى ھەقىقىي ئوتتۇرىغا قويغۇچى بولغان جانابى ﷲقا يۈزلىنىدۇ. بىر تۈرلۈك ھۇزۇر ۋە ئىبادەت قازىنىدۇ.

  دېمەك بۇ سىرغا بىنائەن، سۈننەتى سەنىييەگە ئەگىشىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان ئادەم، ئادەتلىرىنى ئىبادەتكە ئۆزگەرتىدۇ، پۈتۈن ئۆمرىنى مېۋىدار ۋە ساۋابدار قىلالايدۇ.

1511قېتىم كۆرۈلدى

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir