ئېسىل پەزىلەتلەر

ئېسىل پەزىلەتلەر

  ئۇستاد بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرى ۋە ئۇنىڭ سادىق شاگىرتلىرىنىڭ ئەزىمەت (تەقۋالىق) بىلەن ئەمەل قىلىشقا دائىر ئىسل پەزىلەتلىرى.

  ئۇستاد بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرى ۋە ئۇ ئالىپەزىلەتلىك زاتلار:

اِنْ اَجْرِىَ اِلَّا عَلَى اللّهِ (ماڭا ئەجىر بېرىشنى پەقەت ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان ) دەپ ھىچ كىمدىن ھەدىيە ئالمىغان؛

-سىياسەتكە ئارلاشمىغان؛

-ئىقتىساتچىللىق بىلەن ياشاپ، زۆرۇرىيەت مىقدارىدا يىگەن ۋە ئىچكەن؛

-تەھەججۈد نامىزىنى تەرىك قىلمىغان؛

-ئۇستاد ھەزرەتلىرى بۈگۇنكى ئىنسانلارغا ئوخشاش كىيىنمەيتى، سەللىسىنى بېشىدىن چىقارمىغان؛

-بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرى كېنىشكە ئىلىش ئۈچۈن دۆلەتكە مۇراجات قىلمىغان؛ خۇرشىت پاشىغا بويۈن ئەگمىگەن؛ نىكولا نىكولاۋىچقا قارشى ئورنىدىن تۇرمىغان،؛ ھىچ بىر سىياسەتچىگە تەۋىز بەرمىگەن (سىياسەتچىلەرنىڭ خائىشى بويىچە دىنى مەسىلىلەرنى ئۆزگەرتمىگەن) يازغان پۈتۈن مەكتۈپلىرىدا سىياسەتچىلەرنى شەرىئەتكە دەۋەت قىلغان؛

-ئۇستاد بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرى ھارامغا نەزەر سالمىغان، پەقەتلا بىر قېتىم ھارامغا نەزىرى چۈشۈپ قىلىش سەۋەبى بىلەن تەھەججۈد نامىزىغا تۇرالمىغان؛

-ئۇستاد ھەزرەتلىرى قەغەز پۇلغا قول تەككۈزمىگەن؛ ھاجى خۇلۇسى ئەپەندىمۇ يانچۇغىدا پۇل بار ھالەتتە ناماز قىلمىغان؛

  ئۇستاد بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرى ۋە ئۇنىڭ سادىق شاگىرتلىرىدىن ھاجى خۇلۇسى ئەپەندى، موللا سەبرى، ھاپىز ئەلى، مەھمەت فەيزىگە ئوخشاش ئاليجاناپ زاتلار شۇنداق ياشىغان، رۇخسەت بىلەن ئەمەس ئەزىمەت بىلەن ئەمەل قىلىشقان.

  بۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەر ئۇستاد بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسى ۋە ئۇنىڭ خاس تالىبىلىرىنىڭ رۇخسەت بىلەن ئەمەس ئەزىمەت بىلەن ئەمەل قلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھاشا (ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس) بۇلار ھەرگىزمۇ ئەھمىيەتسىز قارىلىدىغان مەسىلىلەر ئەمەس.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.