«مەدىنىي كىمدۇر؟»
سوئالىنىڭ جاۋابى: «مەدىنىي ئىنسان»-ئۆزىگە ئىسلام تەبلىغ قىلىنغاندا قوبۇل قىلغان، يەنى ئىنسانىيەتنىڭ سەزگۈر بىر قۇرالى بولغان ئەقلىنى قوللىنىپ، قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان ۋە قايىل قىلارلىق دەلىللەر بىلەن ئىسپات قىلىنغان ئىسلامىيەتنىڭ داۋاسىنى قوبۇل قىىلغان، مۇتەئەسسىپلىق قىلمىغان ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە قۇرئان مەدىنىيىتىنىڭ تەربىيىسى ئاستىغا كىرگەن كىشىدۇر. باشقا بىر تەبىر بىلەن «مەدىنىي»ئىنسان-«ھاھام(يەھۇدى دىن ئادىمى)ۋە پاپالارنىڭ(خىرىستىيان پوپى)ھۇجۇمىنىڭ تەسىرىدىن، ھاۋرانىڭ(يەھۇدى ئىبادەتخانىسى)ۋە كىلىسەنىڭ(خىرىستىيان چىركاۋى) مۇتەئەسسىپلىقلىرىدىن ۋە خۇراپاتلىقلىرىدىن قوتۇلغان » كىشىدۇر.
ئۇستاد بەدىئۇززامان(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)«مەدىنىي»لەردىن سۆز ئاچقاندا بايان قىلغان كىشىلەر يۇقارىدىكى تەرىپ قىلغان كىشىلەردۇر. «ۋھشىي ياۋايى ئىنسان» بولسا، كاجلىق–جايىللىق بىلەن مۇتەئەسسىپلىق ئىچىدە قالغان، يەنى «ئەقلىنى ھاھام ۋە پاپالارنىڭ ھوجۇملىرنىڭ تەسىرىدىن، ھاۋرا ۋە كىلىسەلەرنىڭ خوراپاتلىقلىرىدىن قۇتۇلدۇرالماي قالغان، ھەق دىن بولغان ئىسلامىيەتكە قارشى ئىنات–كاجلىق قىلغان كىشىدۇر.»
«مەدىنىيەت» دىگەن نېمە؟
«مەدىنىيەت» دىگەن نېمە؟ دېگەن سۇئالنىڭ جاۋابى:
«مەدىنىيەت» كەلىمىسىنىڭ لۇغەتچە «شەھەر» مەنىسىدە كەلگەن «مەدىنە» كەلىمىسىدىن تۈرلىنىپ چىققان بولۇپ «شەھەرلىك»مەنىسىگە كىلىدۇ. ئىستىلاھى مەنىسىگە كەلسەك: ئىنسانلار ئاجىز ۋە پېقىرلىقى تۈپەيلىدىن ئۆز جىنسىدىكلەر بىلەن بىللە ياشاشقا ۋە ئىجتىمائى ھاياتقا مۇھتاجدۇر. شۇڭلاشقا، «ئىنسانلارنىڭ بىر ئىجتىمائى ھاياتلىرىنى تەرتىپكە سالىدىغان ئۆرپ، ئادەت، ئەخلاق ۋە قانۇنلارغا» مەدىنىيەت دېيىلىدۇ. بۇ سەۋەپتىن «مەدىنىيەت» كەلىمىسى «ھۈنەر–سانائەت ۋە تېخنىكا ساھەسى بىلەن ئارلاشتۇرىلۋەتمەسلىكى لازىم.»
ئۇستاد بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرىنىڭ بۇ دەسلەپكى ئەسەرلىرىدە ئورۇن ئالغان «مەدىنىيەت» كەلىمىسىدىكى مۇرات–مەقسىتى، ھەرگىزمۇ فۇھشىيات–بۇزغۇنچىلىقلارنى، ئەخلاقسىزلىق–پەسلىكلەرنى، جازانە–ئۈسۈملەرنى، زۇلۇم ۋە ھاقارەتلەرنى ئۇل ئاساسى قىلىۋالغان ياۋرۇپا مەدىنىيىتى ئەمەستۇر. چۈنكى، ئۇلارنىڭ مەدىنىيىتى يۈزەكى ھىساپلىنىدۇ. يەنى زاھىر كۆرىنىشتە مەدىنىيەتتەك كۈرۈنسىمۇ، باتىنى ئىچ يۈزى جەھەتتە ۋە ھەقىقەت نوقتىسىدا «دەنىييەت» يەنى «پەسلىك»تۇر، «پەسكەشلىك»تۇر. قەتئىى ھالدا ئۇستاد بەدىئۇززاماننىڭ(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئەسەرلىرىدىكى ھەقىقى«مەدىنىيەت» بولسا، شانى پاك–شەرىئەتى غاررا مەدىنىيىتىدۇر. يەنى، ھەزرىتى ئادەم (ئەلەيھىسسالام)دىن باشلىنىپ ساماۋى ۋەھىيدىن كەلگەن ۋە قۇرئانى ھەكىمنىڭ ۋە سۈننەتى نەبەۋىيەنىڭ ئىچىدە جەم قىلىنغان مەدىنىيەت ۋە ئۇ مەدىنىيەتتىكى ئۆرپ، ئادەت ۋە ئىسلامى شەئائىر–ئالامەتلەر، قۇرئانى قانۇنلار يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ شەرىئىيتى ۋە شەرىئەت ئەخلاقىدۇر.
شۇنداق، ھەقىقى مەدىنىيەت–ئىسلام مەدىنىيىتىدۇر ۋە بۇ مەدىنىيەتنىڭ ئانا مەركىزى «يەسىرب»شەھرى بولغانلىقى تۈپەيلى، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ھىجرەتتىن كىيىن بۇ شەھەرگە «مەدىنە» ئىسمىنى قويغان. لىكىن، ياۋرۇپا مەدىنىيىتى ئىچىدە كۆرۈنگەن بەزى گۈزەللىك–ئارتۇقچىلىقلار بولسا، ئۇلارنىڭ مېلى ئەمەس، بەلكى ئۇ ساماۋى ۋەھىينىڭ خۇلاسىسى ۋە مۇتلەق ۋارىسى بولغان قۇرئانى ھەكىمنىڭ خالىس مېلىدۇر. شۇنىڭغا بىنائەن: ياۋرۇپا مەدىنىيىتى تەلمۈرۈشكە لايىق ۋە ئەگىشىشكە ئەرزىيدىغان بىر مەدىنىيەت ئەمەستۇر. ئىنسانلار، بارلىق مەزىيەت–گۈزەللىكلەرنى ئۆزىدە جەم قىلغان قۇرئان مەدىنىيىتىگە ئەگىشىشلىرى نىسبىتىدە مەدىنىيلىشىدۇ. بۇ تۈپەيلى ئۇستاد بەدىئۇززامانغا(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ياۋروپالارچە بىر مەدىنىيەت خالىغان ۋە ئۇنى مەدىھىيلىگەن دەپ قاراش ۋە «مەدىنىي» تەبىرى بىلەن غەيرى مۇسلىم بولغان ۋە ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلمىغان ئەجنەبىلەرنى قەسىت قىلغان دەپ قاراش چوڭ بىر خاتالىقتۇر. بەلكى ئۇستاد بەدىئۇززامان (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئەسەرلىرىدە تىلغا ئېلىنغان «مەدىنىيەت» كەلىمىسىدىن مۇرادى– يۇقارىدا دېيىلگىنىدەك «ئۆرپ، ئادەت ۋە ئىسلامى شەئائىر–ئالامەتلەر ۋە قۇرئاننىڭ قانۇنلىرى يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ شەرىئىتى ۋە شەرئى بولغان ئەخلاقىدۇر.» باشقا بىر تەبىر بىلەن ئېيىتقاندا، «مەدىنىيەت»- «ھاھامنىڭ ۋە پاپازنىڭ ھوجۇملىرىنىڭ تەسىرىدىن، ھاۋرانىڭ ۋە كىلىسەنىڭ مۇتەئەسسىپلىقىدىن ۋە خۇراپاتلىقىدىن قۇتۇلۇشتۇر.»