ئەنسىرەيمەن

ئەنسىرەيمەن

ماڭا ئىزدىراپ بەرگەن ئازاپلىغان نەرسە پەقەتلا ئىسلامنىڭ دۇچار بولغان خىيىمخەتەر ۋە تەھلىكىلەردۇر. بۇنىڭدىن بۇرۇن خەۋپ خەتەر تېشىدىن يەنى سىرىتتىن كىلەتتى، ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇقاۋەمەت قىلىش يەنى قارشى چىقىش ۋە تاقابىل تۇرۇش قولاي ئىدى. ئەمدى بولسا خەۋپخەتەر ئىچىدىن يەنى ئىچىمىزدىن كىلىۋاتىدۇ. قۇرۇت بەدەننىڭ ئىچىگە كىردى. ئەمدىلىكتە بولسا تاقابىل تۇرۇش قىيىنلاشتى. قورقىدىغان يىرىم ۋە ئەنسىرەيدىغىنىم، جەمىيەتنىڭ ۋۇجۇدى ۋە فىترەتى بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. چۈنكى دۈشمەننى سەزمەيدۇ. قان تومىرىنى يۇلۇپ ئېلىپ قېنىنى ئىچكەن ئەڭ چوڭ دۈشمىنىنى دوست دەپ قارايدۇ. جەمىيەتنىڭ باسىرەت كۆزى، پاراسىتى ۋە سەزگۈھۇشيارلىقى مۇشۇنداق كۆرلەشكەن يەردە، ئىمان قەلئەسى خەۋپ ئىچىدە قالىدۇ. دەل مۇشۇ مېنىڭ ئىزدىرابىمدۇر، يىگانە ئىزدىرابىممۇ مۇشۇدۇر. بولمىسا شەخسىمنىڭ دۇچار بولغان زىيانزەخمەت ۋە مۇشەققەتلەرنى ھەتتا ئويلىنىشقىمۇ ۋاقتىم يوقتۇر. كەشكى بۇنىڭ مىڭ مىسلىچلىك مۇشەققەتلەرگە دۇچار بولغان بولسا ئىدىم، ئىمان قەلئەسىنىڭ ئىستىقبالى سالامەتتە قالغان بولسا رازى بولاتتىم ! “

                                                سەئىد نۇرسى


(تارىخچەئى ھايات، 628-بەت )


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.