ئەي ئىنسان كىبىرلىك قىلما

ئەي ئىنسان كىبىرلىك قىلما

بِسْمِ اللَّـهِ الرَّحْمَـٰنِ الرَّحِيمِ

وَقَالَ الَّذِينَ لَا يَرْجُونَ لِقَاءَنَا لَوْلَا أُنزِلَ عَلَيْنَا الْمَلَائِكَةُ أَوْ نَرَىٰ رَبَّنَا ۗ لَقَدِ اسْتَكْبَرُوا فِي أَنفُسِهِمْ وَعَتَوْا عُتُوًّا كَبِيرًا

[بىزگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار (يەنى مۇشرىكلار): «نېمىشقا بىزگە پەرىشتىلەر چۈشۈرۈلمەيدۇ، ياكى (بىز نېمىشقا) پەرۋەردىگارىمىزنى كۆرمەيمىز» دېيىشتى. شۈبھىسىزكى ئۇلار كىبىرلەندى(ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتتى) ۋە تولىمۇ ھەددىدىن ئاشتى]

[فۇرقان سۈرىسى، 21-ئايەت]

  بىرى كىبىرلىك(ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىلىشكە تۈرتىلىۋاتقان ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىگەن، ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشتىن قورىقمايدىغان، ئاللاھنىڭ بۈيۈكلىكىنى چۈشىنىپ تىترىمەيدىغان بەلكى ئىنكار قىلىدىغان ھەتتا زاڭلىق قىلىشقا قەدەر كىتىدىغان، ئاللاھ ۋە رەسۇلىغا قارشى چىقىشتىن باش تارىتمايدىغان، قۇرئان ۋە ھەقنى قوبۇل قىلىشتىن قاچىدىغان، زۇلۇمدا ھەددىدىن ئاشقان، يۇقىرىدىكى چۈشەنچىلەردە بولۇنۇشقا جۈرئەت كۆرسىتىدىغان. مۇئجىزلەرنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئىشەنمەيدىغان، ھەتتا ۋاستىسىز شەكىلدە ئاللاھ بىلەن كۆرۈشۈش جۈرئىتى بار بولغان، پەسىت ئەخلاق ساھىبى كاپىرلاردۇر)؛

 بىرى مۇتەۋازى(كەمتەر، ھەقنىقۇرئان ۋە سۈننەتنى قوبۇل قىلىدىغان، جانابى ھەقنىڭ نامى بىلەن كىزىدىغان، جۈزئى ئىرادىسىنى جانابى ھەقنىڭ كۇللى ئىرادىسىگە تەسلىم قىلغان، ئاجىز ۋە دۈشمىنى كۆپ بولۇپ جانابى ھەقنىڭ قۇدرىتىگە تايىنىدىغان، زەئىپ ۋە ئىھتىياجى كۆپ بولۇپ جانابى ھەقنىڭ رەھمىتىدىن ۋە بايلىقىدىن مەدەت تىلەيدىغان مۇئمىنلەردۇر)؛


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.