“ئەي ئۇيقۇدا تۇرۇپمۇ ئۆزىنى ئويغاق دەپ قارىغان “مەدىنىي

مەسنەۋىئى نۇرىيە»دىن)

  بىلگىن ئەي ئەزىز قېرىنداش! «كېچىگە ئوخشىغان ياشلىق زامانىمدا كۆزلىرىم ئۇيقىدا ئىدى، قېرىلىق تېڭى بىلەنلا ئويغاندىممەنىسىدە بولغان

وَ عَيْنِى قَدْ نَامَتْ بِلَيْلِ شَبِيبَتِى ٭ وَ لَمْ تَنْتَبِهْ اِلاَّ بِصُبْحِ مَشِيبِ

شېئىرىنىڭ مەزمۇنىغا مەنمۇ ماس كېلىمەن. چۈنكى ياشلىقىمدا ئەڭ يۈكسەك «ئويغاقلىق» چوققىسىغا چىقتىم دەپ ئويلايتتىم. ئەمدى چۈشەندىمكى، ئۇ ئويغاقلىق، ئويغاقلىق ئەمەسكەن. بەلكى ئۇيقۇنىڭ ئەڭ چوڭقۇر ئازگىلىدا بولۇشتىن ئىبارەت ئىكەن. مېنىڭچە «مەدەنىي»لەرنىڭمۇ ئىپتىخار بىلەن ماختىنىۋاتقان ئۇ پارلاق ئويغاقلىقلىرى مېنىڭ ياشلىق ۋاقتىمدىكى ئويغاقلىق تۈرىدىن بولسا كېرەك.

  ئۇلارنىڭ مىسالى، چۈشىدە گويا ئويغىنىپ، چۈشىنى باشقىلارغا ئېيتىپ بەرگەن ئۇيقۇدىكى ئادەمگە ئوخشايدۇ. ھالبۇكى ئۇنىڭ چۈشىدىكى ئۇ ئويغىنىشى ئۇيقۇنىڭ نېپىز پەردىسىدىن چوڭقۇر ۋە قېلىن بىر پەردىسىگە ئۆتكەنلىكىگە ئىشارەتتۇر. بۇخىل ئۇيقۇدىكى ئادەم خۇددى ئۆلۈكتەكتۇر. مۇنداق تۇرۇقلۇق يېرىم ئۇيقۇدا بولغان ئىنسانلارنى قانداقمۇ ئويغىتالىسۇن.

  ئەي ئۇيقۇدا تۇرۇپمۇ ئۆزىنى ئويغاق دەپ قارىغانلار! دىنىي ئىشلاردا بىپەرۋالىق بىلەن مەدەنىيلەرنى دورىماڭلار. چۈنكى ئارىمىزدىكى دەريا بەك چوڭقۇردۇر، تولدۇرۇپ تۇتۇشۇش يولىنى بەرپا قىلالمايسىلەر. يا سىلەرمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ كېتىسىلەر ۋە ياكى ئازغۇنلۇققا چۈشۈپ تۇنجۇقىسىلەر.

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ لاَ تَتَّخِذُواْ الْيَهُودَ وَالنَّصَارَى أَوْلِيَاء بَعْضُهُمْ أَوْلِيَاء بَعْضٍ وَمَن يَتَوَلَّهُم مِّنكُمْ فَإِنَّهُ مِنْهُمْ إِنَّ اللّهَ لاَ يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ﴿٥١﴾

ﺋﻰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ ! ﻳﻪھۇﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﻧﺎﺳﺎﺭﺍﻻﺭﻧﻰ ﺩﻭﺳﺖ ﺗﯘﺗﻤﺎﯕﻼﺭ. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﻭﺳﺖ ﺗﯘﺗﯩﺪﯗ. ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺩﻭﺳﺖ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﯘﻣﯘ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻻﺭﺩﯨﻦ سانىلىدۇ، ﺍﻟﻠﻪ ﺯﺍﻟﯩﻢ ﻗﻪﯞﻣﻨﻰ ھەﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ھىدﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ (51).

(سۇرە مائىدە، 5:51)

  يەنى: «ئەي مۇئمىنلەر! يەھۇدى ۋە خىرىستىيانلارنى،

a-دىن ۋە ئېتىقاد نوقتىسىدا ئۇلارنى دوسىت تۇتماڭلار؛

b-جەڭلەردە ئۇلارغا ياردەم قىلماڭلار ۋە ئۇلارنى قوللىماڭلار؛

 c-ئۇلارنىڭ ھۆكۈملىرىنى، ئۆرپ ۋە ئادەتلىرىنى، كىيىنىش ئۇسۇللىرىنى قۇبۇل قىلماڭلار؛

 d-ئۇلارنى ۋەلىييۇل ئۇمۇر قىلماڭلار، يەنى ئۇلارنى دۆلەتنىڭ ئۈنۈملىك ئۇرۇنمەۋقىلىرىدە   قويماڭلار؛

 e-ئۇلارغا ھۆرمەتتازىم قىلماڭلار ۋە مەدىھسانالاردا بۇلۇنماڭلار؛

 f-ئۇلارنى قەلبىي جەھەتتىن ياخشى كۆرمەڭلار ۋە ئۇلارغا ئىشەنمەڭلار؛

 g-دۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىك مۇئامىلىلەردە ئۇلارنى سىرداش تۇتماڭلار؛

h-ئۇلارنى جىزىيە تۆلىتىش ۋاستىسى بىلەن داۋاملىق تۈردە زىللەتپەسلىك ئىچىدە قويۇڭلار؛ سىزگە قارشى شانشەۋكەت ۋە قۇۋۋەت ساھىبى بولۇۋېلىشىغا يول قويماڭلار؛(جىزىيەقەدىمدە مۇسۇلمان دۆلەتلەردە غەيرىي مۇسۇلمانلاردىن ياكى باشقا دۆلەتلەردىن ئالىدىغان باج-ت

  ئىسلام فىقھىشۇناسلىرى ۋە چوڭ مۇپەسسىرلەرنىڭ ئىزاھلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ نوقتىدا يەھۇدى ۋە خىرىستىيانلار بىلەن دوسىتلۇق ئورنىتىش ھارام ۋە نىپاق(مۇناپىقلىق)تۇر. دۇنيالىق ئىش مۇئامىلىلەردە بولسا، سىر بەرمەسلىك شەرتى بىلەن ئۇلار بىلەن مۇدارات(دوسىتتەك كۆرىنىپ، يۈزىگە كۈلۈمسىرەپ)قىلىش جائىزدۇر؛ مەسىلەن: پەن ۋە ھۈنەركەسىپ جەھەتتە ئۇلاردىن ئۈگىنىشكە بولىدۇ. ئۇلار بىلەن زۈرۈرىيەت مىقدارىچىلىك تىجارەت قىلىشقا بولىدۇ. قىزلىرى بىلەن ئۆيلىنىشكە بولىدۇ. مەزكۇر تىمىلاردا تەپسىلاتلىق بىلىممەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن فىقھى كىتاپلارغا مۇراجات قىلىنسا بولىدۇ.

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ أَطِيعُواْ اللّهَ وَأَطِيعُواْ الرَّسُولَ وَأُوْلِي الأَمْرِ

ﺋﻰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ! ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﮔﻪ ﯞﻩ (ﺋﯚﺯﻩﯕﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ) ئۇلۇلئەمىرگە ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ

(سۇر نىسا، 4:59)

ئايىتى ئۇلۇلئەمىرگە ئىتائەت قىلىشنى ئەمىر قىلىدۇ. ئاللاھ ۋە رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىشقا زىت بولماسلىق شەرتى بىلەن، ئۇ ئىتائەتكە ئەمىر قۇلىمەن(پەرمان بەردارمەن)دەپ ھەرىكەتكە ئۆتسە بولىدۇ. ئەمما، باشتا ئاللاھقا، يەنى قۇرئانغا ۋە رەسۇلىغا، يەنى سۈننەتى نەبەۋىيەگە ئىتائەت قىلىپ، ئۇنڭدىن كىيىن ئۇلۇلئەمىرگە ئىتائەت نۆۋىتى كىلىدۇ. (ھالبۇكى بۇ مەسىلىدە، ئىسلامىيەت ئەنئەنىسىنىڭ قانۇنلىرى، كېسەللەرگە رەھىمشەپقەت قىلىپ قىينىماسلىق، غېرىپمىسكىنلەرگە رەھىمشەپقەت كۆرسىتىپ قىيناپ قويماسلىقنى، ئاللاھ ئۈچۈن قۇرئان ۋە ئىمان ئىلمىغا خىزمەت قىلغۇچىلارغا زىيانزەخمەت يەتكۈزمەسلىك ۋە قىيناپ قويماسلىقنى ئەمىر قىلغان بولسىمۇ؛ بولۇپمۇ مۇنزەۋىتەركى دۇنيا بولغان بىر ئادەمگە ئەجنەبى پوپلارنىڭ سەرپۇچ باش كىيىمىنى كىيىشكە زورلاش ئون تەرەپتىن ئەمەس بەلكى يۈز تەرەپتىن قانۇنسىزلىق بولىدۇ ۋە كەيپى ئۆز مەيلىچە بىر ئەمىر بەرگەنلىك بولۇپ ئۇ مۇقەددەس قانۇنلارنى دەپسەندە قىلغانلۇقتۇر.)

  قۇرئان دەللالى داۋەتچىسى بولغان بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرى ناھايتى ئوچۇق شەكىلدە دەيدۇكى: يەھۇدى ۋە خىرىستىيانلارغا ئوخشاپ قالماڭلار. كىم بولىشىدىن قەتئىنەزەر دىن ۋە ئېتىقاد نوقتىسىدا ئۇلارنى دوسىت تۇتسا، جەڭلەردە ئۇلارغا ياردەم قىلسا ۋە ئۇلارنىڭ ھۆكۈملىرىنى، ئۆرىپ ۋە ئادەتلىرىنى ۋە كيىنىش تەرىزلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ ۋە خالاپ تۇرۇپ قۇبۇل قىلسا، ئۇلاردىن سانىلىدۇ.

  بۇ ھەقتە بەك كۆپ ئايەت ۋە ھەدىس بار.

  مەسىلەن:

وَمَن يَتَوَلَّهُم مِّنكُمْ فَإِنَّهُ مِنْهُمْ

ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺩﻭﺳﺖ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﯘﻣﯘ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻻﺭﺩﯨﻦ سانىلىدۇ

(سۇرە مائىدە، 5:51)

  رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام شۇنداق بۇيرىغان:

مَنْ تَشَبَّهَ بِقَوْمٍ فَهُوَ مِنْهُمْ

كىم بىر قەۋىمگە ئوخشاپ قالسا، يەنى دىن ۋە ئېتىقاد، ئۆرىپ ۋە ئادەتلىرى ۋە كيىنىش تەرىزلىرى جەھەتلەردە بىلىپ تۇرۇپ ۋە خالاپ تۇرۇپ ئۇلارنى دورىغان بولسا، ئۇمۇ ئۇلاردىن سانىلىدۇ.

(ھەدىس ئەبۇ داۋۇت، باب: كىيىنىش)

  ئۇستاز بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرى ئەسەرلىرىدە شۇنداق دەيدۇ:

   ”ئەي بۇ ۋەتەننىڭ ياشلىرى! پەرەڭلەرنى(غەرپلىكلەرنى) تەقلىد قىلماڭلار! ئەجەبا، ياۋرۇپانىڭ سىلەرگە سالغان ھەددىھېساپسىز زۇلۇم ۋە دۈشمەنلىكىنى ئويلىماي، قايسى ئەقىل بىلەن ئۇلارنىڭ كەيپساپالىرىغا ۋە باتىل پىكىرلىرىگە ئەگىشىپ ئىشەنچ قىلىۋاتىسىلەر؟ ياق! ياق! ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ تەقلىد قىلغانلار، ئەگىشىش ئەمەس، بەلكى تۇيماستىن ئۇلارنىڭ سېپىغا قېتىلىپ كېتىپ، ئۆزئۆزۈڭلارنى ۋە قېرىندىشىڭلارنى ئۆلتۈرىۋاتىسىلەر. ئاگاھ بولۇڭلاركى، سىلەر ئەخلاقسىزلارچە ئەگەشكەنسېرى، تۆھپىكارلىق قىلىۋاتىمىز دېگەن دەۋايىڭلاردا يالغانچىلىق قىلغان بولىسىلەر!… چۈنكى بۇ شەكىلدە ئەگىشىشىڭلار مىللىتىڭلارنى بىر خىل ھاقارەت قىلىشتۇر ۋە مىللەتنى بىر خىل مەسخىرە قىلىشتۇر!….

    بەشىنچى نوتا: شۇ نوتىدا ياۋرۇپا پەنلىرى ۋە مەدەنىيىتى كونا سائىدنىڭ پىكرىدە قىسمەن يەرلەشكەنلىكى ئۈچۈن، يېڭى سائىد تەپەككۇرىي ھەرىكەتلىرىدە سەيىر قىلغان ۋاقىتلاردا ياۋرۇپانىڭ پەنلىرى ۋە مەدەنىيىتى ئۇ قەلبىي ساياھىتىدە قەلبىي كېسەللىكلەرگە ئۆزگىرىپ، زىيادە مۈشكۈلاتلارغا سەۋەب بولغانلىقتىن، مەجبۇرەن يېڭى سائىد زېھنىنى سىلكىپ ساختا پەلسەپىنى ۋە بۇزۇق مەدەنىيەتنى چىقىرىۋېتىشنى خالىغان پەيتلەردە، ئۆز روھىدا ياۋرۇپاغا تەرەپدارلارچە شاھىتلىق قىلغان نەفسانىي ھېسلىرىنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن، ياۋرۇپانىڭ مەنىۋى شەخسىيىتى بىلەن بىر جەھەتتە غايەت قىسقا، بىر جەھەتتە ئۇزۇن بولغان تۆۋەندىكى خىتاپقا مەجبۇر بولغاندۇر.

  خاتا چۈشىنىلمىسۇن، ياۋرۇپا ئىككىدۇر:

  بىرسى، ھەقىقىي خرىستىئانلىق دىنىدىن ئالغان فەيز بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىغا پايدىلىق تېخنىكا ۋە ئادالەت، ھەمدە ھەققانىيەتكە خىزمەت قىلغان پەنلەرنىڭ ئارقىسىدىن ماڭغان بىرىنچى ياۋرۇپاغا خىتاپ قىلمايۋاتىمەن. بەلكى تەبىئەت پەلسەپىسىنىڭ زۇلمىتى بىلەن مەدەنىيەتنىڭ يامانلىقلىرىنى گۈزەللىكلەر دەپ قاراپ، ئىنسانىيەتنى بۇزۇقچىلىققا ۋە زالالەتكە باشلىغان، بۇزۇلغان ئىككىنچى ياۋرۇپاغا خىتاپ قىلىۋاتىمەن. يەنى:

  ئۇ زامان، ئۇ روھىي ساياھەتتە مەدەنىيەتنىڭ گۈزەللىكلىرىدىن ۋە پايدىلىق پەنلەردىن باشقا بولغان مەنىسىز ۋە زىيانلىق پەلسەپىنى، ھەمدە زىيانداش ۋە بۇزۇق مەدەنىيەتنى قولىدا تۇتقان ياۋرۇپانىڭ مەنىۋى شەخسىيىتىگە قارشى دېگەنىدىم:

  بىل ئەي ئىككىنچى ياۋرۇپا! سەن ئوڭ قولۇڭدا خاتا ۋە زالالەتلىك پەلسەپىنى ۋە سول قولۇڭدا بۇزۇق ۋە زىيانداش بىر مەدەنىيەتنى تۇتۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ سائادىتى بۇ ئىككىسى بىلەندۇر، دەپ دەۋا قىلىسەن. سېنىڭ بۇ ئىككى قولۇڭ سۇنسۇن ۋە شۇ ئىككى پەس ھەدىيەڭ بېشىڭنى يېسۇن ۋە يەيدۇ.

  ئەي كۇفۇر ۋە كۇفراننى تارقىتىپ نەشىر قىلغان بەدبەخت روھ! ئەجەبا ھەم روھىدا، ھەم ۋىجدانىدا، ھەم ئەقلىدە، ھەم قەلبىدە دەھشەتلىك بالامۇسىبەتلەر بىلەن مۇسىبەتكە ئۇچرىغان ۋە ئازاپقا چۈشكەن بىر ئادەمنىڭ جىسمى بىلەن، زاھىرى بىر سۈرەتتە، ئالدامچى بىر زىننەت ۋە بايلىق ئىچىدە بولىشى بىلەن سائادەتمەن بولالىشى مۇمكىنمۇ؟! ئۇنى بەختلىك دېگىلى بولامدۇ؟ ئەجەبا كۆرمەيۋاتامسەنكى، بىر ئادەمنىڭ كىچىك بىر نەرسە سەۋەبلىك مەيۇس بولىشى، نەتىجىسىز بىر خىيالدىن ئۈمىدىنىڭ كېسىلىشى ۋە ئەھمىيەتسىز بىر ئىشتىن چۈشكۈنلىششى نەتىجىسىدە تاتلىق خىياللار ئۇنىڭغا ئاچچىقلىشىدۇ، شىرىن ۋەزىيەتلەرمۇ ئۇنى ئازاپلايدۇ، دۇنيا ئۇنىڭغا تار كېلىدۇ، زىندان بولىدۇ. ھالبۇكى سېنىڭ بەدبەختلىكىڭ بىلەن قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ۋە روھىنىڭ تا ئۇلىدا زالالەت زەربىسىنى يېگەن، ھەمدە ئۇ زالالەت جەھەتى بىلەن پۈتۈن ئارزۇلىرى كېسىلىشكە يۈز تۇتقان ۋە پۈتۈن ئەلەملىرى ئۇنىڭدىن پەيدا بولغان بىر بىچارە ئىنسانغا قايسى سائادەتنى تەمىنلەۋاتىسەن؟ ئەجەبا ئۆتكۈنچى، يالغانچى بىر جەننەتتە جىسمى بولغان ۋە قەلبى، روھى جەھەننەمدە ئازاپ چەككەن بىر ئىنساننى بەختلىك دېگىلى بولامدۇ؟ مانا سەن بىچارە ئىنسانىيەتنى مۇشۇنداق يولدىن چىقاردىڭ، ساختا بىر جەننەت ئىچىدە جەھەننەمدەك ئازاپ چەكتۈرىۋاتىسەن.

  ئەي ئىنسانىيەتنىڭ نەفسى ئەممارىسى! بۇ تەمسىلگە قارا، ئىنسانىيەتنى نەگە باشلاۋاتقانلىقىڭنى بىل. مەسىلەن بىزنىڭ ئالدىمىزدا ئىككى يول بار. بىرسىدە كېتىۋاتىمىز. كۆرىۋاتىمىزكى، ھەر قەدەم بېشىدا بىچارە، ئاجىز بىر ئادەم بار. زالىملار ھۇجۇم قىلىپ، مېلىنى، ئەشيالىرىنى تارتىۋېلىپ، كىچىك ئۆيىنى خاراپ قىلىۋاتىدۇ، بەزەن يارىلاندۇرىۋاتىدۇ. شۇنداق بىر ھالدا قالدىكى، ئېچىنىشلىق ھالىغا ئاسمان يىغلاۋاتىدۇ. نەگە قارالسا ھال ۋە ئەھۋال مۇشۇنداقتۇر. ئۇ يولدا ئاڭلىنىۋاتقان ئاۋازلار، زالىملارنىڭ قىيقاسچۇقانلىرى، مەزلۇملارنىڭ يىغلاشلىرى بولغانلىقتىن ئومۇمىي بىر ماتەم ئۇ يولنى قاپلاۋاتىدۇ. ئىنسان، ئىنسانىيەت ئېتىبارى بىلەن باشقىلارنىڭ ئەلەملىرى بىلەن ئەلەم چەككەنلىكتىن، چەكسىز بىر ئەلەمگە گىرىپتار بولىۋاتىدۇ. ھالبۇكى ۋىجدان بۇ دەرىجىدىكى ئەلەمگە تاقەت قىلالمىغانلىقتىن، بۇ يولدا ماڭغانلار ئىككى ئىشتىن بىرىگە مەجبۇر بولىدۇ. يا ئىنسانىيەتتىن چىقىپ، چەكسىز ياۋايىلىقنى قوبۇل قىلىدىغان شۇنداق بىر قەلبنى ئېلىپ يۈرىشى لازىم. چۇنكى شۇندىلا ئۆز ئامانلىقى بولسىلا كۆپچىلىكنىڭ ھالاكىتى ئۇنىڭغا ئەلەم چەكتۈرمەيدۇ. ۋەياكى قەلب ۋە ئەقىلنىڭ فونكىسىيىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇرىشى لازىم.

  ئەي بۇزۇقچىلىق ۋە زالالەتتە بۇزۇلغان ۋە خرىستىئان دىنىدىن ئۇزاقلاشقان ياۋرۇپا! دەججالغا ئوخشاش بىرلا كۆزى بولغان كور ئەقلىڭ بىلەن ئىنسانىيەت روھىغا بۇ جەھەننەمدەك ھالەتنى ھەدىيە قىلدىڭ! كېيىن چۈشەندىڭكى، بۇنىڭ، ئىنساننى ئالايى ئىللىيىندىن ئەسفەلى سافىلىينگە ئاتىدىغان، ھايۋاناتنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسىگە چۈشۈرۈۋېتىدىغان شۇنداق بىر دورىسىز ئىللەت ئىكەنلىكىنى بىلدىڭ. بۇ كېسەللىككە قارشى تاپقان دوراڭ تۇيغۇلارنى ۋاقىتنچە ناركوز قىلىش خىزمىتىنى كۆرگەن جەزىبىدار ئويۇنچۇقلىرىڭ، ھەمدە ئۇخلاتقۇچى ھەۋەسلەر ۋە فانتازىيەلىرىڭدۇر. سېنىڭ بۇ دوراڭ، سېنىڭ بېشىڭنى يېسۇن ۋە يەيدۇ. مانا ئىنسانىيەتكە ئاچقان يولۇڭ ۋە بەرگەن سائادىتىڭ بۇ مىسالغا ئوخشايدۇ.

  ئىككىنچى يول بولسا: قۇرئانى ھەكىم ھىدايەت بىلەن ئىنسانىيەتكە ھەدىيە قىلغان يولدۇر. يەنى: كۆرىۋاتىمىزكى، ئۇ يولنىڭ ھەر مەنزىلىدە، ھەر ماكانىدا، ھەر شەھرىدە بىر ئادىل سۇلتاننىڭ مۇستەقىم ئەسكەرلىرى كېزىپ يۈرىشىۋاتىدۇ. پاتپات ئۇ سۇلتاننىڭ ئەمرى بىلەن ئۇ ئەسكەرلەرنىڭ بىر قىسمىنى دەم ئېلىشقا چىقىرىۋاتىدۇ. قوراللىرىنى، ئاتلىرىنى ۋە ئۇنىڭدىكى دۆلەتكە ئائىت لازىمەتلىكلەرنى ئۇلاردىن ئېلىپ، ئۇلارغا ۋەزىپىدىن بوشىنىش كېنىشكىسى بېرىۋاتىدۇ. ئۇ دەم ئېلىشقا چىققان ئەسكەرلەر گەرچە كۆنۈپ قالغان ئات ۋە قوراللارنىڭ قايتۇرۇپ ئېلىنىشىدىن زاھىردە پەرىشان بولىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ھەقىقەت نۇقتىسىدا ۋەزىپىسىدىن بوشىنىش بىلەن يەڭگىللەپ، سۇلتاننىڭ زىيارىتىگە ۋە پادىشاھنىڭ پايتەختىگە قايتىش ۋە پادىشاھنى زىيارەت قىلىش جەھەتتە ناھايىتى مەمنۇن بولىدۇ. بەزەن قورال يىغىۋېلىش مەمۇرلىرى يېڭى بىر ئەسكەرگە دۇچ كېلىدۇ. ئەسكەر ئۇلارنى تونىمايدۇ. «قورالىڭنى بەردېگىنىدە، ئەسكەر دەيدۇ: «مەن پادىشاھنىڭ ئەسكىرىمەن، ئۇنىڭ خىزمىتىدىمەن، كېيىن ئۇنىڭ يېنىغا كېتىمەن. سىلەر كىم؟ ئەگەر ئۇنىڭ رۇخسەت ۋە رازىلىقى بىلەن كەلگەن بولساڭلار، مەرھابا، بۇيرۇقنى كۆرسىتىڭلار! بولمىسا نېرى كېتىڭلار، مەندىن يىراق تۇرۇڭلار! مەن تىغ جان، يالغۇز قالغان تەقدىردە، سىلەر مىڭلارچە بولساڭلارمۇ، يەنە سىلەر بىلەن ئېلىشىمەن. ئۆز نەفسىم ئۈچۈن ئەمەس. چۈنكى نەفسىم مېنىڭ ئەمەس، سۇلتانىمنىڭدۇر. بەلكى مەندىكى نەفسىم ۋە قورالىم ئىگەمنىڭ ئامانىتىدۇر. ئامانەتنى مۇھاپىزەت قىلىش، سۇلتانىمنىڭ شەرىپىنى ھىمايە قىلىش ۋە ئىززىتىنى قوغداش ئۈچۈن سىلەرگە باش ئەگمەيمەن.

  مانا بۇ ئىككىنچى يولدىكى بەخت ۋە خۇشاللىقنىڭ سەۋەبى بولغان مىڭلارچە ئەھۋالدىن مەزكۇر ئەھۋال بىر نەمۇنىدۇر. باشقا ئەھۋاللارنى سەن قىياس قىل. بۇ ئىككىنچى يولنىڭ پۈتۈن سەپىرىدە، تۇغۇلۇش نامىدا سۆيۈنچ ۋە ھاياجان بىلەن بىر توپلىنىش ۋە ئەسكەرلىككە مېڭىش باردۇر، ھەمدە ئۆلۈش نامىدا خۇشاللىق ۋە مۇزىكا بىلەن ئەسكەرلىك ۋەزىپىسىدىن بوشىنىش كۆرىنىۋاتىدۇ. مانا قۇرئانى ھەكىم ئىنسانىيەتكە بۇ يولنى ھەدىيە قىلغاندۇر. بۇ ھەدىيەنى كىم تامامەن قوبۇل قىلسا، شۇنداق ئىككى جاھاننىڭ سائادىتىگە ماڭىدىغان بۇ ئىككىنچى يولدىن ماڭىدۇ. ئۆتكەن نەرسىدىنمۇ پەرىشان بولمايدۇ، ھەم كېلىدىغان نەرسىدىنمۇ قورقۇپ ئەندىشە قىلمايدۇ.

  ئەي ئىككىنچى بۇزۇق ياۋرۇپا! سېنىڭ چىرىك ۋە ئاساسسىز ئاساسلىرىنىڭنىڭ بىر قىسمى شۇلاردۇركى: «ئەڭ چوڭ مەلەكتىن (پەرىشتىدىن) تارتىپ ئەڭ كىچىك سەمەككىچە(بېلىق) ھەربىر جانلىق ئۆز ئۆزىگە مالىكتۇر(ئىگىدۇر). ھەمدە ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەيدۇ، ئۆز لەززىتى ئۈچۈن تىرمىشىدۇ. ئۇنىڭ بىر ياشاش ھەققى بار. تىرمىشىشىنىڭ غايىسى ۋە مەقسەتنىشانى ياشاش ۋە ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشتۇر» دەۋاتىسەن. ھەمدە خالىقى كەرىمنىڭ كەرەم دەستۇرلىرىدىن ۋە كائىناتنىڭ ئەركانلىرىدا كامالى ئىتائەت بىلەن جارى بولىۋاتقان ياردەملىشىش دەستۇرىنى، يەنى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھايۋانلار ئۈچۈن ياردەمگە ۋە ھايۋانلارنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن ياردەمگە يۈگۈرۈشلىرىدىكى ئومۇمىي قانۇنىيەتلەردە كۆرۈلگەن مەرھەمەت، كەرەم جىلۋىلىرىنى ئۇرۇشجىدەل دەپ قاراپ، «ھايات بىر كۆرەشتۇر» دەپ ئەقمەقلەرچە ھۆكۈم چىقاردىڭ. ئەجەبا ئۇ ياردەملىشىش دەستۇرىنىڭ جىلۋىسى بولغان تائام زەررىچىلىرىنىڭ يۈكسەك قىزغىنلىق بىلەن بەدەن ھۈجەيرىلىرىنىڭ غىزالاندۇرۇلىشى ئۈچۈن يۈگۈرۈشلىرى قانداقسىگە كۆرەش بولىدۇ؟ قانداقسىگە ئۇرۇشۇش ھېساپلىنىدۇ؟ بەلكى ئۇ ياردەم ۋە يۈگۈرۈش كەرىم بىر رەبنىڭ ئەمرى بىلەن بىر ياردەملىشىشتۇر. ھەم يەنە بىر چىرىك ئاساسىڭ «ھەر نەرسە ئۆز ئۆزىگە مالىكتۇر» دەۋاتىسەن. ھېچبىر نەرسىنىڭ ئۆزىگە مالىك ئەمەسلىكىگە قەتئىي بىر دەلىل شۇدۇركى، سەۋەبلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ شەرەپلىكى ۋە ئىختىيار نۇقتىسىدا ئارزۇئىستەكلىرى ئەڭ كەڭرى بولغىنى ئىنساندۇر. ھالبۇكى بۇ ئىنساننىڭ ئويلاش، سۆزلەش ۋە يېيىشكە ئوخشاش ئەڭ ئاشكارا بولغان ئىختىيارىي ھەرىكەتلىرىدىن يۈز پارچىسىدىن ئۇنىڭ ئىختىيار قولىغا بېرىلگەن ۋە ئىقتىدار دائىرىسىگە كىرگىنى پەقەتلا شۈبھىلىك بولغان بىر پارچىدۇر. بۇنداق ئەڭ ئاشكارا ھەرىكەتنىڭ يۈز پارچىسىدىن بىر پارچىسىغا مالىك بولالمىغان نەرسە، قانداقسىگە ئۆزئۆزىگە ئىگە دېيىلىدۇ؟ بۇنداق ئەڭ شەرەپلىك ۋە ئىختىيارى ئەڭ كەڭ بولغىنى بۇ دەرىجىدە ھەقىقىي تەسەررۇپ قىلىشتىن ۋە ئىگىدارچىلىق قىلىشتىن قولى باغلانغان بولسا، «باشقا ھايۋانلار ۋە جانلىقلار ئۆز ئۆزىگە مالىكتۇر» دېگەنلەر ھايۋاندىن تېخىمۇ بەكرەك ھايۋان ۋە جانسىزلاردىن تېخىمۇ زىيادە جانسىز ۋە شۇئۇرسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

  سېنى بۇ خاتاغا ئېتىپ، بۇ ھاڭغا چۈشۈرگەن نەرسە، سېنىڭ بىر كۆزلۈك ئەقلىڭدۇر. يەنى، ھەيران قالارلىق ۋە شۇم زىرەكلىكىڭدۇر. ئۇ كور ئەقلىڭ بىلەن ھەر نەرسىنىڭ خالىقى(ياراتقۇچىسى) بولغان رەببىڭنى ئۇنۇتتۇڭ، ئۇلارنى مەۋھۇم بىر تەبىئەتكە بەردىڭ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى سەۋەبلەرگە تاياندۇردۇڭ. ئۇ خالىقنىڭ مېلىنى باتىل مەبۇد بولغان تاغۇتلارغا تەقسىم قىلدىڭ. شۇ نۇقتىدا ۋە شۇ ئەقلىڭ نەزىرىدە ھەر جانلىق، ھەربىر ئىنسان ئۆزى يالغۇز چەكسىز دۈشمەنلەرگە قارشى تۇرۇشى ۋە چەكسىز ھاجەتلىرىنى تەمىنلەش ئۈچۈن تىرمىشىشى لازىم كېلىدۇ. زەررىچىلىك بىر ئىقتىدار، ئىنچىكە يىپتەك بىر ئىختىيار، يالت قىلىپلا يوقىلىدىغان يورۇقلۇقتەك بىر شۇئۇر، تىزلا ئۆچىدىغان بىر يالقۇندەك ھايات، ئىتتىكلا ئۆتۈپ كېتىدىغان مىنۇتتەك بىر ئۆمۈر بىلەن، ئۇ چەكسىز دۈشمەنلەرگە ۋە ھاجەتلەرگە قارشى تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. ھالبۇكى ئۇ بىچارە جانلىقنىڭ سەرمايىسى مىڭلارچە مەقسەتلىرىدىن بىرسىگىمۇ يەتمەيدۇ. بالامۇسىبەتكە گىرىپتار بولغان ۋاقىتتا، دەردىگە دەرماننى گاس، كور سەۋەبلەردىنلا كۈتىدۇ. ﴿وَمَا دُعَاءُ الْكَافِرِينَ اِلاَّ فِى ضَلاَلٍ(رەئد:14) سىرىغا لايىق بولىدۇ.

  سېنىڭ ئۇ زۇلمەتلىك ئەقلىڭ ئىنسانىيەتنىڭ كۈندۈزىنى كېچىگە ئايلاندۇردى. پەقەت ئۇ ئەلەملىك ۋە زۇلۇمسىتەمگە تولغان، زۇلمەتلىك كېچىگە ئادەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، يالغانچى، ۋاقىتلىق لامپىلار بىلەن يورۇتتۇڭ. ئۇ لامپىلار ئىنسانىيەتنىڭ يۈزىگە خۇشاللىق بىلەن تەبەسسۇم قىلمايۋاتىدۇ. بەلكى ئىنسانىيەتنىڭ يىغلاشقا لايىق ئېچىنىشلىق ھالەتلىرىدىكى ئەبلەخلەرچە كۈلىشىگە، ئۇ يورۇقلۇقلار مەسخىرە بىلەن كۈلۈپ ئويناۋاتىدۇ. ھەربىر جانلىق سېنىڭ شاگىرتلىرىڭنىڭ نەزىرىدە زالىملارنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچار بولغان، مىسكىن، بالامۇسىبەتكە ئۇچرىغانلاردۇر. دۇنيا بىر ئومۇمىي ماتەمخانىدۇر. دۇنيادىكى سادالار ئۆلۈملەردىن، ئەلەملەردىن كەلگەن پەريادلاردۇر. تامامەن سېنىڭ دەرسىڭنى ئالغان شاگىرت، بىر فىرئەۋىن بولىدۇ. ئەمما ئەڭ پەس نەرسىگە ئىبادەت قىلغان ۋە مەنپەئەت كۆرگەن ھەر نەرسىنى ئۆزىگە رەب دەپ قارىغان بىر زەلىل(پەس) فىرئەۋىندۇر. ھەم سېنىڭ شاگىرتىڭ تەكەببۇردۇر. ئەمما بىر لەززەت ئۈچۈن چەكسىز پەسلىكنى قوبۇل قىلىدىغان مىسكىن تەكەببۇردۇر. ئەرزىمەس بىر مەنپەئەت ئۈچۈن شەيتاننىڭ پۇتىنى سۆيىدىغان دەرىجىدە پەسلىك كۆرسىتىدۇ. ھەم زالىمدۇر، ئەمما قەلبىدە بىر تايىنىش نۇقتىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، تېگىدىن ناھايىتى ئاجىز بىر مەنمەنچى زالىمدۇر. ئۇ شاگىرتنىڭ تىرىشىپتىرمىشىشىنىڭ غايىسى، نەفسانىي ھەۋەسلىرىنى تەمىنلەش، ھەمدە تۆھپىكارلىق ۋە پىداكارلىق پەردىسى ئاستىدا ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىدىغان، ھەمدە ھېرىس ۋە ھاكاۋۇرلىقىنى تەسكىن تاپقۇزۇشقا تىرىشىدىغان بىر ھىيلىگەردۇر. نەفسىدىن باشقا ھېچبىر نەرسىنى چىن كۆڭلىدىن سۆيمەيدۇ. ھەر نەرسىنى نەفسىگە پىدا قىلىدۇ.

  بىراق قۇرئاننىڭ خالىس ۋە ھەقىقىي شاگىرتى بولسا، بىر قۇلدۇر. ئەمما مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ چوڭىغىمۇ ئىبادەت قىلمايدىغان، ھەمدە جەننەتتەك ئەڭ بۈيۈك ۋە چوڭ مەنپەئەتنىمۇ ئىبادەتنىڭ غايىسى قىلمايدىغان ئەزىز(ئىززەتلىك) بىر قۇلدۇر. ھەم ھەلىم(خۇش تەبىئەتلىك) ۋە سەلىمدۇر(يامانلىقى يوق). ئەمما ياراتقۇچىسىدىن باشقىسىغا ئۇنىڭ رۇخسىتى ۋە ئەمرى بولماستىن باش ئىگىپ قالمايدىغان جەسۇر بىر ھەلىمدۇر. ھەم فەقىردۇر، ئەمما ئۇنىڭ كەرىم بولغان مالىكى ئۇنىڭ ئۈچۈن ساقلاۋاتقان مۇكاپات بىلەن مەخلۇققا ئېھتىياجى چۈشمەس بىر فەقىردۇر. ھەم زەئىپتۇر، ئەمما قۇدرىتى چەكسىز بولغان خوجىسىنىڭ قۇۋۋىتىگە تايانغان بىر قۇۋۋەتلىك ئاجىزدۇركى، قۇرئان ھەقىقىي بىر شاگىرتىغا ئەبەدىي جەننەتنىمۇ ئەڭ چوڭ مەقسىتى قىلغۇزمىغان تۇرۇقلۇق، بۇ ئۆتكۈنچى، فانىي دۇنيانى ئۇنىڭغا مەقسەتنىشان قىلغۇزامدۇ؟ مانا بۇ ئىككى شاگىرتنىڭ قەدرقىممىتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە بىربىرىدىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەن!

  ھەم خاتا يولدىكى پەلسەپەنىڭ شاگىرتلىرى بىلەن قۇرئانى ھەكىمنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ تۆھپىكارلىق ۋە پىداكارلىقلىرىنى بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرساڭلار بولىدۇ. يەنى:

  پەلسەپىنىڭ شاگىرتى، ئۆز نەفسى ئۈچۈن قېرىندىشىدىن قاچىدۇ، ئۇنىڭ قارشىسىدا دەۋا ئاچىدۇ. قۇرئاننىڭ شاگىرتى بولسا، ئاسمانلار ۋە زېمىندىكى پۈتكۈل سالىھ قۇللارنى ئۆزىگە قېرىنداش دەپ بىلىپ، غايەت سەمىمىي بىر سۈرەتتە ئۇلارغا دۇئا قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ سائادەتلىرى بىلەن خۇشال بولىدۇ ۋە روھىدا ئۇلارغا قارىتا شىددەتلىك بىر ئالاقىنى ھېس قىلىدۇ. ھەمدە ئەڭ چوڭ نەرسە بولغان ئەرش ۋە قۇياشنى مۇسەخخەر(بۇيسۇنغۇچى) بىردىن خىزمەتچى ۋە ئۆزىگە ئوخشاش بىر قۇل، بىر مەخلۇق(يارالغۇچى) دەپ قارايدۇ.

   ھەم ياۋرۇپانىڭ بۇزۇق پەلسەپىسى بىلەن يەكچەشمە بولغان ئەقىللىرى كۆرگەن خاتا ھەقىقەتلەرگە قارشى، ئىككى جاھانغا قارىغان، غەيبنى كۆرەر پارلاق ئىككى كۆزى بىلەن ئىككى ئالەمگە نەزەر سالغان ۋە ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىككى سائادەتكە ئىككى قولى بىلەن ئىشارەت قىلغان قۇرئاننىڭ ھىدايەت يولى دەيدۇكى: «ئەي ئىنسان! سېنىڭ قولۇڭدا بولغان نەفىس ۋە مېلىڭ سېنىڭ مۈلكۈڭ ئەمەس، بەلكى ساڭا ئامانەتتۇر. ئۇ ئامانەتنىڭ مالىكى(ئىگىسى) ھەر ئىشقا قادىر، ھەر ئىشنى بىلىدىغان بىر رەھىمى كەرىمدۇر. ئۇ سېنىڭ يېنىڭدىكى مۈلكىنى ساڭا مۇھاپىزەت قىلىپ بېرىش ۋە سېنىڭ ئۇ ماللارنى زايا قىلىۋەتمەسلىكىڭ ئۈچۈن سېتىۋېلىشنى خالايدۇ، كېيىن ساڭا يۇقىرى باھادا ھەق بېرىدۇ. سەن ۋەزىپىدار ۋە خىزمەتكار بىر ئەسكەرسەن، ئۇنىڭ نامى بىلەن ئىشلە ۋە ئۇنىڭ ھېسابىدىن ئەمەل قىل. ئۇ شۇنداق زاتتۇركى، سەن مۇھتاج بولغان نەرسىلەرنى ساڭا رىزىق قىلىپ ئەۋەتىدۇ ۋە سېنىڭ كۈچۈڭ يەتمەيدىغان نەرسىلەردىن سېنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ. سېنىڭ شۇ ھاياتىڭنىڭ غايىسى، نەتىجىسى ئۇ مالىكنىڭ ئىسىملىرىغا ۋە شۇئۇناتىغا ئەينەكدارلىق قىلىشتۇر. ساڭا بىر بالامۇسىبەت كەلگەن ۋاقىتتا: ﴿اِنَّا لِلّٰهِ وَاِنَّا اِلَيْهِ رَاجِعُونَ (بەقەرە:156) دە! يەنى: مەن مالىكىمنىڭ خىزمىتىدىمەن، ئەي مۇسىبەت! ئەگەر ئۇنىڭ رۇخسىتى ۋە رازىلىقى بىلەن كەلگەن بولساڭ مەرھابا، خوش كەلدىڭ! چۈنكى ئەلۋەتتە بىر ۋاقىت ئۇنىڭغا قايتىمىز ۋە ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كېتىمىز ۋە ئۇنىڭغا مۇشتاقمىز. مادەم بەرىبىر بىر كۈنى بىزنى ھاياتنىڭ تەكلىپلىرىدىن ئازاد قىلىدۇ. قېنى ئەي مۇسىبەت! ئۇ ۋەزىپىدىن بوشىتىش ۋە ئازاد قىلىش ۋەزىپىسى سېنىڭ قولۇڭدا بولغان بولسا، رازىمەن. ئەگەر مېنىڭ ئامانەتنى مۇھاپىزەت قىلىشىمدا ۋە ۋەزىپەپەرۋەرلىكىمنى سىناش سۈرىتىدە ساڭا ئەمىر ۋە ئىرادە قىلغان، ئەمما ساڭا تەسلىم بولىشىمغا رۇخسىتى ۋە رازىلىقى بولمىسا، كۈچۈملا يېتىدىكەن، ئىشەنچلىك بولمىغانغا مالىكىمنىڭ ئامانىتىنى تاپشۇرمايمەندەيدۇ.

  مىڭلارچە نەمۇنىدىن بىر نەمۇنە قاتارىدا پەلسەپىۋىي ئەقىل بىلەن قۇرئانىي ھىدايەتنىڭ بەرگەن دەرسلىرىنىڭ دەرىجىلىرىگە قارا. شۇنداق، ئىككى تەرەپنىڭ ھەقىقىي ھالى يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلارغا ئوخشايدۇ. ئەمما ھىدايەت ۋە زالالەتتە ئىنسانلارنىڭ دەرىجىلىرى پەرقلىقتۇر. غەپلەتنىڭ مەرتىۋىلىرى ئوخشىمايدۇ. ھەركىم ھەر مەرتىۋىدە بۇ ھەقىقەتنى تامامەن ھېس قىلالمايدۇ. چۈنكى غەپلەت يۈكسەك ھېسلارنى ناركوز قىلىدۇ. بۇ زاماندا ئالىي ھېسلارنىڭ رولى شۇنداق بىر دەرىجىدە ئىشسىز قالدىكى، بۇ ئاچچىق ئەلەمنىڭ ئازابىنى ئەھلى مەدەنىيەت ھېس قىلالمايۋاتىدۇ. ئەمما ئىلمىي سەزگۈرلۈكنىڭ زىيادىلىشىشى بىلەن ۋە ھەر كۈندە ئوتتۇز مىڭ مېيىتنى كۆرسەتكەن ئۆلۈمنىڭ ئويغۇتۇشى بىلەن ئۇ غەپلەت پەردىسى پارچىلانماقتا. ئەجنەبىيلەرنىڭ تاغۇتلىرى بىلەن ۋە تەبىئەت پەنلىرى بىلەن زالالەتكە كەتكەنلەرگە ۋە ئۇلارنى قارىغۇلارچە تەقلىد قىلىپ ئەگەشكەنلەرگە مىڭلارچە لەنەت ۋە ئەپسۇسلار!

  ئەي بۇ ۋەتەننىڭ ياشلىرى! پەرەڭلەرنى(غەرپلىكلەرنى) تەقلىد قىلماڭلار! ئەجەبا، ياۋرۇپانىڭ سىلەرگە سالغان ھەددىھېساپسىز زۇلۇم ۋە دۈشمەنلىكىنى ئويلىماي، قايسى ئەقىل بىلەن ئۇلارنىڭ كەيپساپالىرىغا ۋە باتىل پىكىرلىرىگە ئەگىشىپ ئىشەنچ قىلىۋاتىسىلەر؟ ياق! ياق! ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ تەقلىد قىلغانلار، ئەگىشىش ئەمەس، بەلكى تۇيماستىن ئۇلارنىڭ سېپىغا قېتىلىپ كېتىپ، ئۆزئۆزۈڭلارنى ۋە قېرىندىشىڭلارنى ئۆلتۈرىۋاتىسىلەر. ئاگاھ بولۇڭلاركى، سىلەر ئەخلاقسىزلارچە ئەگەشكەنسېرى، تۆھپىكارلىق قىلىۋاتىمىز دېگەن دەۋايىڭلاردا يالغانچىلىق قىلغان بولىسىلەر!… چۈنكى بۇ شەكىلدە ئەگىشىشىڭلار مىللىتىڭلارنى بىر خىل ھاقارەت قىلىشتۇر ۋە مىللەتنى بىر خىل مەسخىرە قىلىشتۇر!….

هَدَينَا اللّٰهُ وَ اِيَّاكُمْ اِلَى الصِّرَاطِ الْمُسْتَقِيمِ

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir