ئۈچىنچى داۋا:
ئەي بەرداشلىق بېرەلمەيۋەتقان بىمار! ئىنسان بۇ دۇنياغا كەيپ سۈرۈش ۋە لەززەت ئېلىش ئۈچۈن كەلمىگەنلىكىگە، داۋاملىق ھالدا كەلگەنلەرنىڭ كېتىشى، ياشلارنىڭ قېرىشى ۋە دائىم ئايرىلىش ۋە يوقىلىشىلارغا دۇچار بولۇپ، قايغۇ–ھەسرەت ئىچىدە قېلىشى ئېنىق دەلىلدۇر. ئىنسان جانلىقلار ئىچىدە ئەڭ مۇكەممەل، ئەڭ ئۈستۈن ۋە تۈزۈلۈش جەھەتتە ئەڭ باي، بەلكى جانلىقلارنىڭ سۇلتانى ھۆكمىدە بولسىمۇ، ئۆتكەن لەززەتلىرىنى ۋە كېلىدىغان بالالارنى ئويلىنىش ئارقىلىق ھايۋانغا نىسبەتەن بەكمۇ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈش بىلەن بىرگە، ئەلەملىك ۋە مۇشەققەتلىك بىر ھايات كەچۈرىدۇ. دېمەك ئىنسان بۇ دۇنياغا پەقەتلا ياخشى ياشاش ئۈچۈن ياكى راھەتچىلىك ۋە كەيپ–ساپا ئۈچۈن كەلمىگەن، بەلكى قولىدا چوڭ بىر سەرمايە بولغان بۇ ئىنسان، بۇ يەردە (مەنىۋى) تىجارەت قىلىش ئارقىلىق ئەبەدىي ۋە دائىملىق بىر ھاياتنىڭ بەخت–سائادىتى ئۈچۈن تىرىشىشقا كەلگەندۇر. ئۇنىڭ قولىغا بېرىلگەن سەرمايە بولسا ئۆمۈردۇر. ئەگەر كېسەللىك بولمىسا، ساقلىق ۋە سالامەتلىك غەپلەت بېرىپ دۇنيانى ياخشى سۈرەتتە كۆرسىتىدۇ، ھەمدە ئاخىرەتنى ئۇنۇتتۇرىدۇ. قەبىرنى ۋە ئۆلۈمنى ئېسىگە كەلتۈرمەيدۇ. ئۆمۈر سەرمايىسىنى ئورۇنسىز بوش يەرگە سەرپ قىلىدۇ. كېسەللىك بولسا، تېز كۆزىنى ئاچقۇزۇپ، تېنىگە ۋە جەسىتىگە دەيدۇكى: «سەن ئۆلمەس ئەمەس، بەلكى بىر ۋەزىپەڭ بار. غۇرۇرىڭنى تاشلا، سېنى ياراتقاننى ئويلا، قەبىرگە كىرىدىغانلىقىڭنى بىلىپ ئۇ بويىچە تەييارلان.» مانا بۇ نۇقتىئىنەزەردىن كېسەللىك ئالدىماس بىر نەسىھەتچى ۋە ئويغاتقۇچى بىر رەھبەردۇر. شۇڭا ئۇنىڭدىن شىكايەت ئەمەس، بەلكى بۇ جەھەتتە ئۇنىڭغا تەشەككۈر ئېيتىش كېرەك. ئەگەر بەكرەك ئېغىر كەلسە، سەبىر تىلەش كېرەكتۇر.