سەككىزىنچى رىجا
بېشىمغا قېرىلىق ئالامىتى بولغان ئاق چاچلار چۈشكەن زامانلاردا، ياشلىقنىڭ ئېغىر ئۇيقۇسىنى تېخىمۇ زىيادە قېلىنلاشتۇرغان بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ قالايمىقانچىلىقلىرى، ئەسىرگە چۈشكەن چاغدىكى پاراكەندىچىلىكلەر، شۇنداقلا كېيىن ئىستانبۇلغا كەلگەندىن كېيىنكى ماڭا ئائىت بولغان چوڭ بىر شان–شەرەپ ۋەزىيىتى، ھەتتا خەلىپىدىن، دىنىي رەئىستىن، باش قومانداندىن باشلاپ، مەدرىسە تالىپلىرىغا قەدەر ئۇلارنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن ھەددىمدىن تولىمۇ يۈكسەك بولغان ھۆرمەت–ئىلتىپاتلىرى سايىسىدىكى ياشلىق مەستلىكى ۋە ئۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ ماڭا بەرگەن روھانىي ھالىتى، ئۇ ئۇيقۇنى شۇنچىلىك قېلىنلاشتۇرغانكى، خۇددى دۇنيانى دائىمىي، ئۆزۈمنى بولسا ئۆلمەيدىغاندەك دۇنياغا يېپىشقان ئاجايىپ بىر ئەھۋالدا كۆردۈم…
ئەنە شۇ پەيتلەردە ئىستانبۇلدىكى مۇبارەك بايەزىد مەسچىدىگە رامازانى شەرىفتە، ئىخلاسلىق قارىلارنى ئاڭلاش ئۈچۈن باردىم. قۇرئانى مۆجىزۇلبايان غايەت قۇۋۋەتلىك بىر سۈرەتتە يۈكسەك ساماۋىي خىتابى ئارقىلىق ئىنسانلار ۋە جانلىقلارنىڭ ۋاپاتىنى خەۋەر بەرگەن
﴿كُلُّ نَفْسٍ ذَائِقَةُ الْمَوْت﴾
(ھەر نەفىس ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىيدۇ. سۇرە ئەنكۇبۇت: 57)
پەرمانىنى قارىلارنىڭ تىلى ئارقىلىق ئېلان قىلدى. قۇلىقىمغا كىرىپ، تا قەلبىمنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئېلىپ ئۇ بەكمۇ قېلىن بولغان غەپلەت ئۇيقۇسىنى ۋە مەستلىك تەبىقىلىرىنى پارچە– پارچە قىلىۋەتتى. مەسچىتتىن چىقتىم. يەنىلا كۆپتىن بېرى كاللامدا يەرلەشكەن بۇرۇنقى ئۇ ئۇيقۇنىڭ ھۇشسىز ھالىتى سەۋەبلىك بىر قانچە كۈن بېشىمدا بىر بوران–چاپقۇن، تۇمانلىق بىر ئاتەش (ئوت) باردەك ئۆزۈمنى يۆنىلىشىنى تاپالمايۋاتقان كېمىدەك كۆردۈم. ئەينەككە قارىسام، چېچىمدىكى ئاق قىللار خۇددى ماڭا «دىققەت قىل!» دەۋاتقاندەك ئىدى. ئەنە شۇ ئاق چاچلارنىڭ ئەسكەرتىشى بىلەن ۋەزىيەت ئوپئوچۇق كۆرۈندى. قارىسام، بەك ئىشەنچ باغلىغان ۋە زوقلىرىغا مەپتۇن بولغان ياشلىقىم «ئەلۋىدا!» دەۋاتاتتى. ھەمدە سۆيۈپ بەكمۇ چىڭ ئالاقىدار بولغان بۇ دۇنيالىق ھاياتىم ئۆچۈشكە باشلاۋاتاتتى. مەن خۇددى ئاشىقتەك يېپىشقان بۇ دۇنيا ماڭا «خوش ئەمىسە!» دەپ بۇ مېھمانخانىدىن كېتىدىغانلىقىمنى ئەسكەرتىۋاتاتتى. «خۇداغا ئامانەت!» دەپ ئۆزىمۇ كېتىشكە تەييارلانماقتا ئىدى. قۇرئانى مۆجىزۇلباياندىكى ﴿كُلُّ نَفْسٍ ذَائِقَةُ الْمَوْت﴾ ئايىتىنىڭ ئومۇمىي مەنىلىرىنىڭ ئىچىدە: «ئىنسانىيەت بىر نەفىستۇر، يېڭىدىن تىرىلىش ئۈچۈن ئۆلىدۇ. يەر شارىمۇ بىر نەفىستۇر، باقىي بىر سۈرەتكە كىرىش ئۈچۈن ئۇمۇ ئۆلىدۇ. بۇ دۇنيامۇ بىر نەفىستۇر، ئاخىرەت سۈرىتىگە كىرىش ئۈچۈن ئۇمۇ ئۆلىدۇ.» دېگەن مەنا ئايەتنىڭ ئىشارىتىدىن قەلبىمگە ئېچىلغان ئىدى.
مانا بۇ ھالەتتىكى ۋەزىيىتىمگە قارىدىم. كۆردۈمكى، زوقلىنىدىغان ياشلىق كېتىۋاتىدۇ… قايغۇرىدىغان قېرىلىق ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسەۋاتىدۇ… ھەمدە پارلاق ۋە نۇرانىي ھايات كېتىۋاتىدۇ… كۆرۈنۈشتە قاراڭغۇ بولغان دەھشەتلىك ئۆلۈم كېلىشكە تەييارلىنىۋاتىدۇ… شۇنداقلا سۆيۈملۈك ۋە دائىمىي كۆرۈلۈپ قېلىۋاتقان غاپىللارنىڭ مەشۇقى بولغان بۇ دۇنيامۇ بەكمۇ تېز ھالدا زاۋاللىققا قاراپ يۈگىرەۋاتقان ھالەتتە كۆردۈم. ئۆز–ئۆزۈمنى ئالداش ۋە يەنە بېشىمنى غەپلەتكە تىقىۋېلىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى نەزىرىمدە ھەددىمدىن تولىمۇ ئارتۇق كۆرگەن ئىجتىمائى ئورنۇمنىڭ زوقلىرىغا قارىدىم، ھېچبىر پايدىسى بولمىدى. ھەممىسىنىڭ ھۆرمەتلىرى، ئىلتىپاتلىرى ۋە تەسەللىلىرى يېقىنلا بولغان قەبىر ئىشىكىگە قەدەر كېلىشى مۇمكىن، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆچىدۇ. شۆھرەتپەرەستلەرنىڭ مۇھىم بىر غايىسى بولغان شان ۋە شەرەپنىڭ «چىرايلىق» پەردىسى ئاستىدا (مەنىۋى جەھەتتىن) ئېغىر بىر رىيا، سوغۇق بىر مەنمەنچىلىك ۋە ۋاقىتلىق بىر ھۇشسىزلىق بارلىقىنى كۆرگەنلىكىمدىن چۈشەندىمكى، مېنى ھازىرغىچە ئالداۋاتقان بۇ ئىشلار ھېچبىر تەسەللى بېرەلمەيدۇ ۋە ئۇلاردا ھېچبىر نۇر يوق…
يەنە دەل ئويغىنىش ئۈچۈن قۇرئاننىڭ ساماۋىي دەرسىنى ئاڭلاي دەپ، يەنە بايەزىد مەسچىتىدىكى قارىلارنى تىڭشاشقا باشلىدىم، شۇ ۋاقىتتا ئۇ ساماۋىي دەرستىن
﴿وَ بَشِّرِ الَّذِينَ آمَنُوا…. ﴾
(ۋە ئىمان ئېيتقانلارغا ۋە…سۇر بەقەرە: 25-ئايەتنىڭ ئاخىرىغىچە)گە ئوخشاش مۇقەددەس پەرمانلاردىن ئىمان ئېيتقانلارغا قىلغان خوشخەۋەرلىرىنى ئاڭلىدىم. قۇرئاننىڭ پەيزى بىلەن سىرتتىن تەسەللى ئىزدەش ئەمەس، بەلكى ئاشۇ دەھشەت، قورقۇنچ ۋە مەيۈسلىكلىرىمگە سەۋەب بولغان مەسىلىلەرنىڭ ئۆزىدە تەسەللىنى، ئۈمىدنى ۋە نۇرنى ئىزدىدىم. ﷲقا يۈزمىڭ شۈكۈر بولسۇنكى، دەرتنىڭ ئۆزىدە دەرماننى تاپتىم، زۇلمەتنىڭ ئۆزىدە نۇرنى تاپتىم، دەھشەتنىڭ ئۆزىدە تەسەللىنى تاپتىم.
ئەڭ دەسلەپ ھەر كىشىنى قورقۇتقان، ئەڭ قورقۇنچلۇق دەپ قارىلىپ قېلىۋاتقان ئۆلۈمنىڭ يۈزىگە قارىدىم. قۇرئان نۇرى ئارقىلىق كۆردۈمكى، ئۆلۈمنىڭ سىيماسى(يۈزى) گەرچە قاراڭغۇ، قارا، يىرگىنچلىك بولسىمۇ، لېكىن مۆئمىن ئۈچۈن ھەقىقىي سىيماسىنىڭ نۇرانىي ۋە گۈزەل ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. كۆپ رىسالىلەردە بۇ ھەقىقەتنى ئېنىق بىر سۈرەتتە ئىسپات قىلغانمىز. سەككىزىنچى سۆز ۋە يىگىرمىنچى مەكتۇپتەك كۆپ تېمىلاردا ئىزاھ قىلغىنىمىزدەك، ئۆلۈم يوقىلىش ئەمەس، ئەبەدى ئايرىلىش ئەمەس، بەلكى ئەبەدى ھاياتنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر، باشلىنىشىدۇر، ھايات ۋەزىپىسىنىڭ كۈلپەتلىرىدىن قۇتۇلۇش ۋە مەڭگۈلۈك تەتىلگە چىقىشتۇر، بىر ماكان ئالماشتۇرۇشتۇر، بەرزەخ ئالىمىگە كۆچكەن دوست–يېقىنلىرىنىڭ توپىغا قوشۇلماقتۇر… ۋەھاكازا. شۇنىڭغا ئوخشاش ھەقىقەتلەر بىلەن ئۆلۈمنىڭ ھەقىقىي گۈزەل سىيماسىنى كۆردۈم. ئۇنىڭغا قورقۇپ ئەمەس، بەلكى بىر جەھەتتە ئىشتىياق بىلەن قارىدىم، تەرىقەت ئەھلىنىڭ ئۆلۈمنى كۆپ ئەسلەش دەستۇرىنىڭ سىرىنى چۈشەندىم.
ئاندىن ھەر كىشىنى زاۋال تېپىش ئارقىلىق يىغلاتقان، ھەر كىشىنى ئۆزىگە مەپتۇن ۋە ئاشىق قىلغان، گۇناھ ۋە غەپلەت بىلەن ئۆتىدىغان ۋە ئۆتۈپ كەتكەن ياشلىقىمغا قارىدىم. ئۇنىڭ شۇ چىرايلىق، گۈزەل كىيىمى ئىچىدە، تولىمۇ يىرگىنچلىك، مەست ۋە ھۇشسىز بىر يۈز كۆردۈم. ئەگەر مەن ماھىيىتىنى بىلمىگەن بولسام بىر قانچە يىل مېنى مەست قىلىپ كۈلدۈرۈپ قويۇپ، ئورنىغا يۈز يىل (ياشايدىغان بولسام) يەنىلا مېنى يىغلىتاتتى. شۇڭا شۇنداقلاردىن بىرسى يىغلاپ تۇرۇپ دېگەنىكەن:
لَيْتَ الشَّبَابَ يَعُودُ يَوْمًا فَاُخْبِرَهُ بِمَا فَعَلَ الْمَشِيبُ
يەنى: «كاشكى ياشلىقىم بىر كۈن قايتا كەلسە ئىدى، قېرىلىقنىڭ بېشىمغا نەقەدەر قايغۇلۇق ھاللارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئۇنىڭغا شىكايەت قىلغان بولاتتىم.» مانا بۇ زاتتەك ياشلىقنىڭ ماھىيىتىنى بىلمىگەن قېرىلار، ياش ۋاقتىنى ئويلىنىپ ئەپسۇسلىنىش ۋە سېغىنىشلار بىلەن يىغلىشىدۇ. ھالبۇكى بۇ ياشلىق ئەگەر ئەھلى قەلب، ئەھلى ھوزۇر، ئەقلى بېشىدا ۋە قەلبى ئورنىدا بولغان مۆئمىنلەردە بولسا ئىبادەتكە، خەيرلىك ئەمەللەرگە ۋە ئاخىرەتلىك تىجارەتكە سەرپ قىلىنسا، ئەڭ قۇۋۋەتلىك بىر تىجارەت ۋاستىسى، ھەمدە شېرىن ۋە مۇكەممەل بىر خەير قازىنىش قورالى بولغان بولىدۇ. شۇنداق، دىنىي ۋەزىپىسىنى بىلىپ ياشلىقىنى سۈيئىستېمال قىلمىغانلار ئۈچۈن، ياشلىق قىممەتلىك ۋە ھوزۇرلۇق بىر ئىلاھىي نىمەتتۇر. ئەگەر ئىستىقامەت، ئىپپەت ۋە تەقۋادارلىق بولمىسا كۆپ خەتەرلىرى باردۇر. نەفسى خاھىشىغا ئەگىشىپ ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ ئەبەدى سائادىتىنى ۋە ئاخىرەتلىك ھاياتىنى زېدىلەيدۇ، ھەتتا دۇنياۋى ھاياتىنىمۇ بەربات قىلىدۇ. بىر–ئىككى يىللىق ياشلىق ھەۋىسى نەتىجىسىدە قېرىغاندا كۆپ يىللار غەم ۋە قايغۇ چېكىدۇ.
شۇنداق، كۆپىنچە كىشىلەردە ياشلىق زىيانلىق بولىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا بىز ياشانغانلار ﷲقا شۈكۈر قىلىشىمىز كېرەككى، ئۇ ياشلىقنىڭ خەتەرلىك زىيانلىرىدىن قۇتۇلدۇق. ھەر نەرسىدەكلا ياشلىقنىڭ لەززەتلىرىمۇ كېتىدۇ. ئەگەر ئىبادەت ۋە خەيرلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىنغان بولسا، ئۇ ياشلىقنىڭ مېۋىلىرى ئۇنىڭ ئورنىدا باقىي قېلىپ، ئەبەدى ھاياتتىكى ياشلىقنى قازىنىشقا سەۋەب بولىدۇ.
ئاندىن كېيىن كۆپىنچە ئىنسانلار ئاشىق ۋە مۇپتىلا بولغان دۇنياغا قارىدىم. قۇرئان نۇرى ئارقىلىق كۆردۈمكى، بىر–بىرى ئىچىدىكى ئۈچ خىل ئومۇمى دۇنيا بار. بىرسى ﷲنىڭ ئىسىملىرىغا قارايدۇ، ئۇلارنىڭ ئەينىكىدۇر (يەنى ئۇلارنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ). ئىككىنچى يۈزى ئاخىرەتكە قارايدۇ، ئۇنىڭ ئېتىزىدۇر. ئۈچىنچى يۈزى بولسا دۇنياپەرەستلەرگە قارايدۇ، غەپلەتتە يۈرگەنلەرنىڭ تاماشاگاھىدۇر.
شۇنداقلا بۇ دۇنيادا ھەركىمنىڭ يوغان بىر دۇنياسى بار. گويا ئىنسانلارنىڭ سانىچىلىك دۇنيالار بىر–بىرىنىڭ ئىچىگە كىرىشكەن بولۇپ ھەركىمنىڭ خۇسۇسىي دۇنياسىنىڭ تىرىكى ئۆزىنىڭ ھاياتىدۇر. قاچانكى جىسىم تىرىكى سۇنسا، دۇنياسىمۇ بېشىغا يىقىلىدۇ، قىيامىتى قوپىدۇ. غاپىل ئىنسانلار ئۆز دۇنياسىنىڭ ئەنە شۇنداق تېز يىقىلىدىغان ماھىيىتىنى بىلمىگەنلىكتىن، خۇددى ئومۇمىي دۇنيادەكلا دائىمىي دەپ ئويلاپ ئۇنىڭغا ئاشىق بولىدۇ. شۇنداق باشقىلارنىڭ دۇنياسىدەكلا مېنىڭمۇ تېز يىقىلىپ بۇزۇلىدىغان خۇسۇسىي بىر دۇنيايىم بار. شۇ خۇسۇسىي دۇنيايىمنىڭ بۇ قىسقىغىنا ئۆمرۈمدە نېمە رولى بار، دەپ ئويلاندىم. قۇرئان نۇرى بىلەن كۆردۈمكى، ھەم مەن ھەم ھەركىم ئۈچۈن شۇ دۇنيا ۋاقىتلىق بىر تىجارەتگاھ؛ ۋە ھەر كۈنى تولۇپ بوشىلىدىغان بىر مېھمانخانا؛ كەلگەن–كەتكەنلەرنىڭ سودا–سېتىقى ئۈچۈن يول ئۈستىدە قۇرۇلغان بىر بازار؛ ئەزەلىي نەققاش بولغان ﷲنىڭ يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان (ھېكىمەت بىلەن يېزىلىپ، ئۆچۈرۈلۈپ تۇرىدىغان) بىر دەپتىرى؛ ھەر باھار بولسا زىننەتلەنگەن مەكتۇبى؛ ھەربىر ياز بولسا پاساھەتلىك قەسىدىسى؛ ھەمدە ئۇ ئۇلۇغ سەنئەتكارنىڭ ئىسىملىرىنىڭ جىلۋىلىرىنى يېڭىلاپ كۆرسىتىپ تۇرىدىغان ئەينەكلىرى؛ شۇنداقلا ئاخىرەتنىڭ تېخى كۆچەتلىك ھالىتىدىكى بىر باغچىسى، ئىلاھىي رەھمەتنىڭ بىر گۈل تەشتىكى ۋە ئۇ باقىي ئالەمدە كۆرسىتىلىدىغان مەنزىرىلەرنى تەييارلايدىغان ۋاقىتلىق سېخ ماھىيەتلىرىدە كۆرۈندى. بۇ دۇنيانى بۇ سۈرەتتە ياراتقان ئۇلۇغ ياراتقۇچىغا يۈزمىڭ شۈكۈر قىلدىم ۋە چۈشەندىمكى، ئىنسانلارغا دۇنيانىڭ ئاخىرەتكە ۋە ﷲنىڭ ئىسىملىرىغا قارىغان گۈزەل ماھىيىتىگە قارىتا مۇھەببەت بىرىلگەن تۇرسىمۇ، ئۇ مۇھەببەتنى سۈيئىستېمال قىلىپ، دۇنيانىڭ فانىي، يىرگىنچلىك، زىيانلىق، غەپلەتلىك بولغان يۈزىگە قارىتا سەرپ قىلغانلىقتىن
حُبُّ الدُّنْيَا رَاْسُ كُلِّ خَطِيئَةٍ
(يەنى، دۇنيانى سۆيۈش پۈتۈن خاتالىقلارنىڭ بېشىدۇر.)
ھەدىسى شەرىفىنىڭ سىرىغا لايىق بولۇپ قېلىشتى.
مانا ئەي قېرىپ قالغان قېرىنداشلىرىم ۋە ھەمشىرىلىرىم! قۇرئانى ھەكىمنىڭ نۇرى بىلەن، قېرىلىقنىڭ ئەسكەرتىشى بىلەن، ئىماننىڭمۇ كۆزۈمنى ئېچىشى بىلەن يۇقىرىقى ھەقىقەتنى كۆردۈم ۋە كۆپ رىسالىلەردە قەتئىي دەلىللەر بىلەن ئىسپات قىلدىم. ئۆزۈم ئۈچۈن بىر ھەقىقىي بىر تەسەللى، قۇۋۋەتلىك بىر ئۈمىد، پارلاق بىر نۇر كۆردۈم، ھەمدە قېرىلىقىمغا مەمنۇن بولۇپ، ياشلىقىمنىڭ كەتكەنلىكىگە سۆيۈندۈم. سىلەرمۇ يىغلىماڭلار، شۈكۈر قىلىڭلار. ھېلىمۇ بىزدە ئىمان بار، ھەقىقەتمۇ ئەنە شۇنداقتۇر. ئۇنداقتا ئاشۇ ئەھلى غەپلەت يىغلىسۇن، ئەھلى زالالەت يىغلىسۇن…