ئىككىنچى نۇكتە: ئىمامى رەببانى ئەھمەدى فارۇقى(ر.ئە) دېگەنكى: «مەن رۇھانى ساياھىتىمدە مەرتىبىلەر بۆسۈۋاتقاندا، ئەۋلىيالار تەبىقىسى ئىچىدە ئەڭ پارلاق، ئەڭ ھەشەمەتلىك، ئەڭ لاتاپەتلىك، ئەڭ ئىشەنچلىك بولغىنى سۈننەتى سەنىييەگە ئەگىشىشنى ئۆزىنىڭ تەرىقەت ئاساسى قىلغانلار ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. ھەتتا ئۇ تەبىقىنىڭ ئەڭ ئاددى ئەۋلىيالىرى باشقا تەبىقىنىڭ ئەڭ خاس ئەۋلىيالىرىدىنمۇ بەكرەك ھەيۋەتلىك كۆرۈندى». مۇجەددىدى ئەلفىسانى ئىمامى رەببانى(ر.ئە) ھەق سۆزلەيدۇ، سۈننەتى سەنىييەنى ئاساس قىلغانلار ھەبىبۇللاھنىڭ(س.ئە.ۋ) سايىسى ئاستىدا ماقامى مەھبۇبىيەتكە (سۆيۈلگەنلەر ماقامى) ئىگىدۇر.
ئۈچىنچى نۇكتە: بۇ پېقىر سائىد، كونا سائىدتىن چىقىشقا تېرىشقان ۋاقىتتا، رەھبەرسىزلىك ۋە نەفسى ئەممارىنىڭ ھاكاۋۇرلىقى تۈپەيلى، غايەت مۇدھىش ۋە مەنىۋى بىر بوران–چاپقۇن ئىچىدە ئەقىل ۋە قەلبىم ھەقىقەتلەر ئارىسىدا دومىلاندى. گاھ سۈرەييادىن سەراغا(يۇلتۇزدىن يەرگە)، گاھ سەرادىن سۈرەيياغا قەدەر چۈشۈش ۋە چىقىشلار بىلەن چايقىلىۋاتاتتى.
ئۇ زامان كۆردۈمكى، سۈننەتى سەنىييەنىڭ مەسىلىلىرىنى، ھەتتا كىچىك ئەدەپلىرىنى، كېمىلەردە يۆنىلىش كۆرسىتىدىغان قىبلىنامىلىك بىر كومپاستەك، چەكسىز دەرىجىدە زىيانلىق، زۇلمەتلىك يوللار ئىچىدە بىر ھەل قىلغۇچ ئاچقۇچ ھۆكمىدە كۆرەتتىم. ھەم ئۇ روھىي ساياھەتتە ئۆزۈمنى نۇرغۇن بېسىملار ئاستىدا، ئېغىر يۈكلەر يۈكلەنگەن ۋەزىيەتتە كۆرگەن ۋاقىتتا، سۈننەتى سەنىييەنىڭ ئۇ ۋەزىيەتكە ئالاقىدار مەسىلىلىرىگە ئەگەشكەنچە مېنىڭ پۈتۈن ئېغىرلىقلىرىمنى ئالغاندەك يەڭگىللەپ قالاتتىم. بىر تەسلىمىيەت نەتىجىسىدە، ھەرخىل شۈبھىلەردىن ۋە ۋەسۋەسىلەردىن، يەنى: «ئەجەبا مۇشۇنداق قىلىش دۇرۇستمۇ؟ مۇۋاپىقمۇ؟» دېگەندەك ئەندىشىلەردىن قۇتۇلاتتىم. قاچانكى قولۇمنى يىغىپ قارىسام، بېسىم كۆپ، نەگە بارىدىغانلىقى ئېنىق بولمىغان يوللار بار، يۈك ئېغىر، مەن ئىنتايىن ئاجىز، نەزىرىممۇ قىسقا، يول ھەم قاراڭغۇ، قاچانكى سۈننەتكە يېپىشسام، يول ئايدىڭلىشىپ، ساغلام چىقىش يولى كۆرىنەتتى. يۈك يەڭگىللىشىپ، بېسىملار تۈگەۋاتقاندەك بىر ھالەت ھېس قىلاتتىم. ئۇ زامانلىرىمدا ئىمامى رەببانىينىڭ ھۆكۈمىنى بىلمۇشاھىدە(كۆرگەن ھالدا) تەستىقلىدىم.