ئەھلى ھىدايەتنىڭ ئۆز-ئارا ئىختىلاپلىشىشىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

ئىككىنچى سەۋەب:

  ئەھلى زالالەتنىڭ ئىتتىپاقلىشىشى ئۇلارنىڭ پەسلىكىدىندۇر، ئەھلى ھىدايەتنىڭ ئىختىلاپلىشىش ئۇلارنىڭ ئىززىتىدىندۇر. يەنى ئەھلى غەپلەت بولغان ئەھلى دۇنيا ۋە ئەھلى زالالەت ھەق ۋە ھەقىقەتكە تايانمىغانلىقى ئۈچۈن پەس ۋە ئاجىزدۇر. پەس بولغانلىقتىن قۇۋۋەت تېپىشقا مۇھتاجدۇر. بۇ ئېھتىياج تۈپەيلىدىن باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ۋە ئۇلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىشقا سەمىمى ئىنتىلىدۇ. ھەتتا تۇتقان يولى ئازغۇنلۇق بولسىمۇ ئىتتىپاقلىقنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ. گويا ئۇ ھەقسىزلىكتە بىر ھەقىقەتپەرۋەرلىك، ئۇ زالالەتتە بىر ئىخلاس، ئۇ دىنسىزلىقتا دىنسىزلارچە بىر مۇتەئەسسىپلىك ۋە ئۇ نىفاقتا بىر ئىتتىپاقلىقنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ ۋە مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشىدۇ. چۈنكى سەمىمى بىر ئىخلاس يامانلىقتا بولسىمۇ نەتىجىسىز قالمايدۇ. شۇنداق، ئىخلاس بىلەن كىم نېمە خالىسا ﷲ بېرىدۇ.(ھاشىيە)

  ئەمما دىن ۋە ھىدايەت ئەھلى، ئىلىم ۋە تەرىقەت ئەھلى ھەق ۋە ھەقىقەتكە تايانغانلىقى ئۈچۈن، ھەمدە ھەربىرى ھەق يولدا پەقەتلا رەببىنى ئويلاپ، ئۇنىڭ تەۋپىقىگە ئىشىنىپ ماڭغاچقا، مەنىۋى جەھەتتە ئۇ يولدىن كەلگەن ئىززەتلىرى بار. ئاجىزلىق ھېس قىلغان ۋاقىتتا ئىنسانلارنىڭ ئورنىغا رەببىگە مۇراجىئەت قىلىدۇ، مەدەتنى ئۇنىڭدىن تىلەيدۇ. مەسلەكلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن سىرتقى جەھەتتىن ئۆز مەسلەكلىرىگە مۇخالىپ بولغانلارغا قارىتا ياردەملىشىش ئېھتىياجىنى تولۇق ھېس قىلمايدۇ، ئىتتىپاقلىققا بولغان مۇھتاجلىقنى كۆرمەي قالىدۇ. ئەگەر شەخسىيەتچىلىكى ۋە مەنمەنچىلىكى بولغان بولسا، ئۆزىنى ھەقلىق، قارشى تەرەپنى ھەقسىز دەپ بىلىپ، ئىتتىپاق ۋە مۇھەببەت ئورنىغا ئىختىلاپ ۋە رىقابەت ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئىخلاسنى قاچۇرىدۇ، ۋەزىپىسى بىتچىت بولىدۇ.

  مانا بۇ دەھشەتلىك سەۋەبتىن كەلگەن ۋەھىمىلىك نەتىجىلەرنى كۆرمەسلىكنىڭ بىردىنبىر چارىسى توققۇز تۈرلۈك ئىشتۇر:

1. مۇسبەت ھەرىكەت قىلىش، يەنى ئۆزىنىڭ مەسلىكىگە بولغان مۇھەببەت ئاساسىدا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش؛ باشقا مەسلەكلەرگە ئاداۋەت قىلىشتەك ۋە ئۇلارنى تۆۋەن كۆرۈشتەك ئەھۋاللار ئۇنىڭ پىكىر ۋە ئىلمىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكى، ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن مەشغۇل بولماسلىقى لازىم.

2. ئىسلامىيەت دائىرىسى ئىچىدە قايسى مەسلەك بولىشىدىن قەتئىنەزەر مۇھەببەت، قېرىنداشلىق ۋە ئىتتىپاقلىققا سەۋەب بولىدىغان كۆپلىگەن بىرلىك باغلىرىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ ئىتتىپاقلىشىش.

3. ھەقلىق بولغان ھەربىر مەسلەك ئىگىسىنىڭ باشقىلارنىڭ مەسلىكىگە چېقىلماسلىق جەھەتتىكى بۇرچى بولسا، «”مېنىڭ يولۇم توغرا“ ياكى ”بەكرەك ياخشى“ دىيەلەيدۇ، بىراق باشقىلارنىڭ يولىنىڭ خاتالىقىنى ۋە يامانلىقىنى پۇرىتىپ ”پەقەت مېنىڭ يولۇملا ھەقتۇر“ ياكى ”مېنىڭ مەسلىكىملا ياخشىدۇر“ دىيىشكە بولمايدۇ دېگەن ئىنساپ دەستۇرىنى ئۆزىگە رەھبەر قىلىش.

4.ھەقىقەت ئەھلى بىلەن ئىتتىپاقلىشىش ﷲنىڭ تەۋپىقىگە ئېرىشىشنىڭ سەۋەبى ۋە دىندىكى ئىززەتنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش.

5. زالالەت ۋە ھەقسىزلىق ئەھلى، ئۆزئارا تايىنىشىش ئارقىلىق جامائەت شەكلىگە كىرگەن كۈچلۈك بىر مەنىۋى شەخس ھۆكمىدە قۇۋۋەتلىك ئىقتىدار بىلەن ھۇجۇم قىلىۋاتقان زاماندا، ئۇ مەنىۋى شەخسكە قارشى شەخسىي بولغان ئەڭ كۈچلۈك بىر قارشىلىق كۈچىنىڭمۇ مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ، ئىتتىپاقلىق بىلەن ھەقىقەت ئەھلى تەرىپىدىن چىقىرىلغان بىر مەنىۋى شەخس شەكىللەندۈرۈپ، ئۇ دەھشەتلىك ئازغۇنلۇقنىڭ مەنىۋى شەخسىگە قارشى ھەققانىيەتنى مۇھاپىزەت قىلدۇرۇش.

6. ھەقنى باتىلنىڭ ھۇجۇمىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن

7. نەفسىنى ۋە مەنمەنچىلىكىنى

8. خاتا چۈشىنىۋالغان ئىززىتىنى

9.ئەھمىيەتسىز رىقابەتكارانە ھېسسىياتىنى تەرك قىلىش ئارقىلىق ئىخلاسنى قازىنىدۇ، ۋەزىپىسىنى مۇكەممەل ئادا قىلىدۇ. (ھاشىيە) **

——————————————————————————-

*(ھاشىيە): شۇنداق، مَنْ طَلَبَ وَ جَدَّ وَجَدَ (تەلەپ قىلغان ۋە غەيرەت كۆرسەتكەن تەلىپىگە ئېرىشىدۇ) سۆزى بىر ھەقىقەت دەستۇرىدۇر. ئۇنىڭ دائىرىسى كەڭ بولۇپ بىزنىڭ مەسلىكىمىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالالايدۇ.

** (ھاشىيە): ھەتتا سەھىھ ھەدىس بويىچە، ئاخىرزاماندا خرىستىئانلارنىڭ ھەقىقىي دىندارلىرى قۇرئان ئەھلى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق دۈشمىنى بولغان دىنسىزلىككە قارشى تۇرىدىغىنىدەك، بۇ زاماندىمۇ دىن ۋە ھەقىقەت ئەھلى پەقەتلا دىندىشى، مەسلەكدىشى ۋە قېرىندىشى بولغانلار بىلەنلا سەمىمى ئىتتىپاقلىشىش ئەمەس، بەلكى خرىستىئانلارنىڭ ھەقىقىي دىندارلىرى بىلەنمۇ ئىختىلاپقا سەۋەب بولىدىغان نۇقتىلارنى ۋاقىتلىق تالاشتارتىش قىلماي، ئورتاق دۈشمەنلىرى بولغان تاجاۋۇزچى دىنسىزلارغا قارشى ئىتتىپاقلىشىشقا مۇھتاجدۇر

1280قېتىم كۆرۈلدى

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir