استغفر الله-ئەستغفىرۇللاھ

استغفر الله-ئەستغفىرۇللاھ

  نامازدىن كېيىن قىلىنغان تەسبىھات، نامازدا كۆرۈلىدىغان كەمچىللىك، نوقسانلىق ۋە قۇسۇرلارنى تەكمىل يەنى تولۇقلاش ئۈچۈندۇر. ناماز ئىچىدىكى

تەسبىھ(سُبْحَانَ اللّٰهِ )،

تەھمىد(َالْحَمْدُ ِللّٰهِ)

ۋە تازىم(اَللّٰهُ اَكْبَرُ)

ۋەزىپىسىنى ھەققىنى بىرىپ قىلالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، نامازنىڭ ئاخىرىدىكى تەسبىھات بىلەن ئۇ نوقسانلىقلارنىڭ ئورنى تولدۇرۇلغان بولىدۇ. ھەتتا بۇ سەۋەپ تۈپەيلى، سالام بىرىپ بولغاندىن كېيىنلا ئۈچ قېتىم استغفر الله دېيىش سۈننەتتۇر. ناماز ئىبادىتىنى ئادا قىلغاندا گوياكى نامازدا گۇناھ ئىشلىگەندەك ئاللاھقا ئىستىغپار ئېيتىشىمىز كېرەك. چۈنكى، قۇلنىڭ نامىزى خاتا ۋە قۇسۇردىن خالى ئەمەستۇر.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.