يىگىرمە ئۈچىنچى لەمئا
تەبىئەت رىسالىسى
(ئون يەتتىنچى لەمئانىڭ ئون ئالتىنچى خاتىرىسى بولۇپ، ئەھمىيىتىگە بىنائەن يىگىرمە ئۈچىنچى لەمئا بولدى. تەبىئەتتىن كەلگەن كۇفۇر پىكرىنى تىرىلمىگۈدەك بىر دەرىجىدە ئۆلتۈرىدۇ. كۇفۇرنىڭ ئۇل تېشىنى گۇمران قىلىۋېتىدۇ.)
ئەسكەرتىش:
شۇ خاتىرىدە، تەبىئەتچىلەرنىڭ ئاتېئىست قىسمى ماڭغان يولنىڭ ماھىيىتى، نە قەدەر ئەقىلدىن ئۇزاق، نە قەدەر يىرگىنچلىك ۋە نەقەدەر خۇراپى ئىكەنلىكى ئاز دېگەندە توقسان ئىمكانسىزلىقنى ئىچىگە ئالغان توققۇز ئىمكانسىزلىق بىلەن بايان قىلىندى. باشقا رىسالىلەردە ئۇ ئىمكانسىزلىقلار خېلىلا ئىزاھ قىلىنغانلىقتىن، بۇ يەردە ناھايىتى قىسقا يېزىلىپ بەزى باسقۇچلار چىقىرىۋېتىلدى. قارالسا بۇ مەشھۇر پەيلاسوپلارنىڭ قانداق قىلىپ بۇ قەدەر ئوچۇق ۋە ئاشكارا بىر خۇراپاتلارنى بىراقلا قوبۇل قىلىپ شۇ يولدا كېتىۋاتقانلىقى كىشىنىڭ ئەقلىگە كېلىدۇ.
شۇنداق، ئۇلار مەسلەكلىرىنىڭ (يولىنڭ) ماھىيىتىنى كۆرەلمىگەن. مەسلەكلىرىنىڭ ھەقىقىتى ۋە تەقەززاسى بولسا، ھەربىر ئىمكانسىزلىقنىڭ ئاخىرىدا بايان قىلىنغان ئۇ يېقىمسىز، يىرگىنچلىك ۋە ئەقىلگە زىت (ھاشىيە) خۇراپىيلەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكى شۈبھىسى بولغانلارغا ناھايىتى ئېنىق ۋە قەتئىي دەلىللەر بىلەن تەپسىلىي ھالدا بايان ۋە ئىسپات قىلىشقا تەييارمەن.
بِسْمِ اللّهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ
﴿قَالَتْ رُسُلُهُمْ اَفِى اللّهِ شَكٌّ فَاطِرِ السَّموَاتِ وَاْلاَرْضِ﴾(ئىبراھىم:10)
شۇ ئايەتى كەرىمە ئىستىفھامى ئىنكارىي** بىلەن «جانابى ﷲ ھەققىدە شەك بولماسلىقى كېرەك.» دېيىش ئارقىلىق ﷲنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىنىڭ شۈبھىسىز دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ سىرنى ئىزاھلاشتىن ئاۋۋال بىر ئەسلىمە:
1338-يىلى(ھىجرىيە) ئەنقەرەگە باردىم. ئىسلام ئارمىيىسىنىڭ يۇناننى يەڭگەنلىكى سەۋەبى بىلەن سۆيۈنگەن مۇسۇلمانلارنىڭ قۇۋۋەتلىك پىكىرلىرى ئىچىدە ناھايىتى قورقۇنچلۇق بىر دىنسىزلىك پىكرىنىڭ ئىچىگە كىرىش، بۇزۇش ۋە زەھەرلەندۈرۈش ئۈچۈن ھىيلە–مىكىرلەر بىلەن ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئاپلا! دېدىم. بۇ ئەجدىھا ئىماننىڭ ئاساسلىرىغا چېقىلىدىغان بولدى! شۇ چاغدا، يۇقىرىقى ئايەتى كەرىمىنىڭ ناھايىتى ئاشكارە ھالدا ﷲنىڭ «بارلىق ۋە بىرلىكى»نى بىلدۈرىشى جەھەتتە، ئۇنىڭدىن مەدەت سوراپ، ئۇ دىنسىزلىكنىڭ بېشىنى پارچىلىۋېتىدىغان دەرىجىدىكى، قۇرئانى كەرىمدىن ئېلىنغان قۇۋۋەتلىك بىر دەلىلنى ئەرەبچە رىسالىدە يازدىم. ئەنقەرەدە «يېڭى كۈن» مەتبەئەسىدە باستۇرغانىدىم. ئەپسۇسكى، ئەرەبچىنى بىلگەنلەر ۋە ئەھمىيەتلىك دەپ قارىغانلار ئاز بولغانلىقتىن، ئۇ قۇۋۋەتلىك دەلىل ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتەلمىدى. ئەپسۇسكى، شۇ دىنسىزلىك پىكرى ھەم تەرەققى قىلدى ھەم قۇۋۋەت تاپتى.
شۇڭا ئۇ دەلىلنى تۈرك تىلىدا ئاز–تولا بايان قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئۇ دەلىلنىڭ بەزى پارچىلىرى بەزى رىسالىلەردە تولۇق ئىزاھ قىلىنغانلىقتىن، بۇ يەردە ئىخچام يېزىلىدۇ. باشقا رىسالىلەردە بۆلەكلەر بويىچە بۆلىنىپ يېزىلغان تۈرلۈك دەلىللەر، بۇ دەلىلدە قىسمەن بىرلەشتۈرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەربىرى بۇنىڭ پارچە قىسىملىرى ھۆكمىدە بولىدۇ.
مۇقەددىمە
ئەي ئىنسان! بىلگىنكى، ئىنسانلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان ۋە دىنسىزلىكنى پۇراتقان خەتەرلىك سۆزلەر بار. ئەھلى ئىمان بىلمەستىن قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. مۇھىملىرىدىن ئۈچىنى بايان قىلمىز.
بىرىنچىسى: «ئەۋجەدەتھۇل ئەسباب» يەنى، «سەۋەبلەر بۇ نەرسىنى يارىتىدۇ.»
ئىككىنچىسى: «تەشەككەلە بىنەفسىھى» يەنى، «ئۆزلىكىدىن شەكىللىنىدۇ، ئۆزلىكىدىن پەيدا بولىدۇ، ئۆزلىكىدىن تاكاممۇللىشىدۇ.»
ئۈچىنچىسى: «ئىقتەزەتھۇت تەبىئەت» يەنى، «تەبىئەتتىندۇر، تەبىئەت تەلەپ قىلىپ ئىجاد قىلىدۇ.»
خوش، مەۋجۇداتنىڭ بار ئىكەنلىكى ئېنىقتۇر ۋە ئىنكار قىلىنشى مۇمكىن ئەمەس. ھەم مەۋجۇداتنىڭ ھەرقاندىقى سەنئەتلىك ۋە ھىكمەتلىك ھالدا ۋۇجۇدقا كېلىۋاتىدۇ. ھەمدە قەدىمىي ئەمەس، يېڭىدىن بولىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا، ئەي دىنسىز! بۇ مەۋجۇداتنى، مەسىلەن بۇ ھايۋاننى دېيىشىڭ كېرەككى يا ئالەمدىكى سەۋەبلەر ئۇنى يارىتىۋاتىدۇ؛ يەنى، سەۋەبلەرنىڭ يىغىلىشى بىلەن ئۇ مەۋجۇدات پەيدا بولۇۋاتىدۇ… ۋە ياكى ئۇ ئۆزلىكىدىن شەكىللىنىۋاتىدۇ… ياكى تەبىئەت تەقەززاسىغا بىنائەن، تەبىئەت تەسىرى بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىۋاتىدۇ… ۋە ياكى ھەممىگە قادىر بىر ﷲنىڭ قۇدرىتى بىلەن يارىتىلىۋاتىدۇ. ئەقىل بويىچە بۇ تۆت يولدىن باشقا يول يوق بولغانلىقتىن، ئاۋۋالقى ئۈچ يولنىڭ ئىمكانسىز، باتىل ۋە ئەقىلگە زىت ئىكەنلىكلىرى قەتئىي ئىسپات قىلىنسا، زۆرۈرى ۋە ئوچۇق ھالدا تۆتىنچى يول بولغان تەۋھىد يولى شەك– شۈبھىسىز ئسپاتلاتغان بولىدۇ.
بىرىنچى يول: ئالەمدىكى سەۋەبلەرنىڭ يىغىلىشى ئارقىلىق شەيئىلەرنىڭ شەكىللىنىشى ۋە مەخلۇقاتلارنىڭ پەيدا بولىشىدۇر. ئىنتايىن كۆپ بولغان ئىمكانسىزلىقلىرىدىن پەقەت ئۈچىنى زىكىر قىلىپ ئۆتىمىز:
بىرىنچى ئىمكانسىزلىق:
بىر دورىخانىدا، تۈرى ناھايىتى كۆپ بولغان ماددىلار بىلەن تولغان يۈزلەرچە ئىدىش بار. ئۇ ماددىلاردىن ھاياتدار مەجۇن(مەلھەم دورا) ياسىلىش تەلەپ قىلىندى. ھەم ھاياتدار ئالاھىدە بىر تىرياقنىڭ ئۇلاردىن ياسىلىشى لازىم بولدى. ئۇ دورىخانىغا بېرىپ ئۇ ھاياتدار مەلھەمنىڭ ۋە تىرياقنىڭ كۆپلىگەن تەركىپلىرىنى كۆردۇق. ئاندىن ئۇ دورىلارنىڭ ھەربىرىسىنى تەتقىق قىلدۇق. ئۇ ئىدىشلارنىڭ ھەربىرىدىن بىر مەخسۇس ئۆلچەم بىلەن بىر–ئىككى گرام بۇنىڭدىن، ئۈچ–تۆت گرام ئۇنىڭدىن، ئالتە–يەتتە گرام باشقىسىدىن ۋەھاكازا… تۈرلۈك مىقدارلاردا ماددىلارنىڭ ئېلىنغانلىقىنى كۆردۇق. ئەگەر بىرىدىن بىر گرام يا كەم ۋە ياكى ئوشۇق ئېلىنىپ قالسا، ئۇ دورا ھاياتدار بولمايدۇ ۋە مەنپەئەتىنى كۆرسىتەلمەيدۇ. ئۇ ھاياتدار تىرياق ئۈچۈنمۇ ھەربىر ئىدىشتىن بىر مەخسۇس ئۆلچەم بىلەن ماددىلار ئېلىنغانكى، زەررە مىقدار كەم ياكى ئارتۇق بولسا، ئۇ تىرياق خۇسۇسىيىتىنى يوقىتىدۇ. ئۇ يەردىكى ئىدىشلەر ئەللىكتىن ئارتۇق بولسىمۇ، ئايرىم–ئايرىم تارازا بىلەن ئېلىنغاندەك، ئايرىم–ئايرىم مىقدارلاردا ماددىلىرى بار. ئەجەبا، ئۇ ئىدىشلاردىن ئېلىنغان خىلمۇ–خىل مىقدارلار، ئىدىشلارنىڭ ئاجايىب بىر تاسادىپىيلىق ياكى بوران–چاپقۇنلۇق بىر ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئۇرۇلىشى نەتىجىسىدە يىقىلىپ چۈشۈپ، ھەربىرىسىدىن ئېلىنغان مىقدارچىلىكلا ئېقىپ چىقىپ، بىرلىكتە مېڭىپ ۋە توپلىشىپ، ئۇ ھاياتدار دورىنى شەكىللەندۈرىشىگە ھېچ بىر جەھەتتە ئىمكان ۋە ئېھتىمال بارمۇ؟ بۇنىڭدىنمۇ خۇراپى، ئىمكانسىز، باتىل بىر نەرسە بولامدۇ؟ ئېشەك قاتمۇ–قات دەرىجىدە ئېشەكلەشسە، كېيىن ئىنسان سۈرىتىگە كىرسە، «بۇ پىكىرنى قوبۇل قىلمايمەن» دەپ قاچىدۇ.
مانا بۇ مىسالدەك… ھەربىر جانلىق، ھاياتدار بىر مەلھەمدۇر. ھەربىر ئۆسۈملۈك، بىر ھاياتدار تىرياققا ئوخشايدۇ. خىلمۇ–خىل بىرىكمىلەردىن ناھايىتى ئىنچىكە بىر ئۆلچەم بىلەن ئېلىنغان ئېلېمىنتلاردىن تۈزۈلگەن بۇ جانلىقلارنىڭ يارىتىلىشى ئەگەر سەۋەبلەرگە ۋە ئېلېمىنتلارغا بېرىلىپ، «سەۋەبلەر ياراتتى» دېيىلسە، ئەينەن دورىخانىدىكى دورىنىڭ ئىدىشلارنىڭ يىقىلىپ چۈشىشىدىن پەيدا بولۇپ قېلىشىدەك يۈز ھەسسە ئەقىلدىن ئۇزاق، ئىمكانسىز ۋە باتىل بولىدۇ.
دېمەك، شۇ چوڭ ئالەم دورىخانىسىدىكى، ھەكىمى ئەزەلى بولغان ﷲنىڭ ئەمىر ۋە تەقدىر «تارازىسى» بىلەن ئېلىنغان ھاياتىي ماددىلار چەكسىز ھىكمەت، چەكسىز ئىلىم ۋە ھەممە نەرسىنى قورشىغان ئىرادە بىلەنلا ۋۇجۇدقا كېلەلەيدۇ. «كور، گاس، چەك–چىگرا تونىماس، سەلدەك ئاققان ئېلىمىنتلارنىڭ، تەبىئەتلەرنىڭ ۋە سەۋەبلەرنىڭ ئىشى بۇ!» دېگەن بەدبەخت ئۇ ئاجايىب تىرياقنى، ئۆزلىكىدىن ئىدىشلارنىڭ يىقىلىشىدىن شەكىللەندى، دېگەن ساراڭ بىر ھەزىلكەش، مەست بولغان بىر ئەخمەقتىنمۇ ئارتۇق ئەخمەقتۇر. شۇنداق، ئۇ كۇفۇر ئەخمىقانە، مەستلەرچە، ساراڭلارچە بىر جۆيلۈشتۇر.
ئىككىنچى ئىمكانسىزلىق:
ئەگەر ھەر نەرسىنىڭ يارىتىلىشى ۋاھىدى ئەھەد(بىر)، قادىرى زۇلجالالبولغان ﷲتىن دېيىلمىسە، بەلكى سەۋەبلەردىن دېيىلسە، ئالەمنىڭ كۆپلىگەن ئاساسى ماددىلىرى ۋە سەۋەبلىرى ھەربىر جانلىقنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش ئىشىغا ئارىلىشىشى كېرەك بولىدۇ. ھالبۇكى، چىۋىندەك بىر كىچىككىنە مەخلۇقنىڭ تېنىدە، ئۇ خىلمۇ–خىل، ئۆز–ئارا زىت ۋە ماھىيەتلىرى بىر–بىرىگە يىراق بولغان سەۋەبلەرنىڭ مۇكەممەل بىر ئىنتىزام، ناھايىتى ئىنچىكە بىر ئۆلچەم ۋە دەل بىر ئىتتىپاقلىق بىلەن يىغىلىشى، ئۇ قەدەر ئاشكارە بىر ئىمكانسىزلىقتۇركى، چىۋىن قانىتىچىلىك ئەقلى بولغانمۇ «بۇ ئىمكانسىزدۇر، مۇمكىن ئەمەس» دېيەلەيدۇ. شۇنداق، بىر چىۋىننىڭ كىچىككىنە جىسمى، ئالەمنىڭ كۆپلىگەن ئېلېمىنتلىرى ۋە سەۋەبلىرى بىلەن ئالاقىداردۇر، بەلكى ئۇنىڭ بىر خۇلاسىسىدۇر. ئەگەر (ئۇنىڭ يارىتىلىشى) قادىرى ئەزەلىي بولغان ﷲتىن دېيىلمىسە، ئۇ ماددى سەۋەبلەر ئۇنىڭ تېنى يېنىدا ئۆزلىرى دائىم تەييار تۇرىشى لازىم، بەلكى ئۇنىڭ كىچىككىنە جىسمى ئىچىگە كىرىشى كېرەك، ھەتتا جىسمىنىڭ كىچىككىنە بىر نەمۇنىسى بولغان كۆزىدىكى بىر ھۈجەيرىسىگە كىرىشى كېرەك بولىدۇ. چۈنكى سەۋەب ماددى بولسا، سەۋەب نەتىجىسىدە مەيدانغا كېلىدىغان سەنئەت ئەسىرىنىڭ يېنىدا ۋە ئىچىدە بولىشى لازىم. ئۇ ھالدا، ئىككى چىۋىننىڭ يىڭنە ئۇچىدەك بارماقلىرى پاتمايدىغان ئۇ كىچىككىنە ھۈجەيرىسىنىڭ ئىچىدە، ئالەمدىكى ئاساسلىق ماددىلارنىڭ، سەۋەبلەرنىڭ ۋە تەبىئەتلەرنىڭ ماددا ھالىتىدە «ئۇستا»غا ئوخشاش ئىشلىگىنىنى قوبۇل قىلىش كېرەك بولىدۇ. دۇرۇست، سەۋفەستائىيلەرنىڭ ئەڭ ئەخمەقلىرىمۇ بۇنداق بىر پىكىردىن خىجىل بولىدۇ.
ئۈچىنچى ئىمكانسىزلىق:
اَلْوَاحِدُ لاَ يَصْدُرُ اِلاَّ عَنِ الْوَاحِدِ دېگەن ئېنىق قائىدە بويىچە، «بىر نەرسىنىڭ بىرلىكى بولسا، ئۇنداقتا ئۇ چوقۇم بىردىن، بىر قولدىن چىقىدۇ.» بولۇپمۇ، ئۇ نەرسە ناھايىتى مۇكەممەل بىر ئىنتىزام ۋە ئىنچىكە بىر ئۆلچەم ئىچىدىكى مۇجەسسەم بىر ھاياتقا ئىگە بولسا، ئېنىقكى، ئىختىلاپ ۋە قالايمىقانچىلىققا سەۋەب بولغان تۈرلۈك قوللاردىن چىقمىغانلىقىنى، بەلكى چەكسىز قۇدرەت ئىگىسى، چەكسىز ھىكمەت ئىگىسى بولغان بىرلا زاتنىڭ قولىدىن چىققانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇنداقتا، چەكسىز، جانسىز، ئىلىمسىز، چەك–چىگرىسىز، ئەقىلسىز، كور، گاس بولغان قالايمىقان ھالەتلەردىكى سەۋەبلەرنىڭ ئىنتىزام پەرق ئەتمەس قوللىرىغا چەكسىزلەرچە ئېھتىماللىق ئىچىدە، يىغىلىش ۋە ئارلىشىش ئارقىلىق ئۇ سەۋەبلەرنىڭ كورلىقى ۋە گاسلىقى تېخىمۇ زىيادىلىشىپ كېتىۋاتقان تۇرسىمۇ، ئىنتىزاملىق، ئۆلچەملىك، مۇكەممەل ۋە بىر پۈتۈن بولغان ئۇ مەخلۇقنىڭ (ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈلۈش ئىشىنى) بېرىش يۈز ئىمكانسىزلىقنى تەڭلا قوبۇل قىلغاندەك ئەقىلدىن ئۇزاقتۇر. بۇ ئىمكانسىزلىقنى دېمەي تۇرساقمۇ، ماددى سەۋەبلەرنىڭ تەسىرلىرى ئەلۋەتتە بىر–بىرىگە تېگىشىپ ئالاقە قۇرۇش بىلەن بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ تەبىئى سەۋەبلەرنىڭ ئالاقىسى جانلىق مەۋجۇداتلارنىڭ سىرتقى قىسمى بىلەنلا بولىدۇ. ھالبۇكى بىلىمىزكى، ئۇ ماددى سەۋەبلەرنىڭ قوللىرى يېتىشمىگەن ۋە تېگىشىپ ئالاقىلىشالمىغان ئۇ جانلىقىنىڭ ئىچى، ئون ھەسسە سىرتقى قىسمىدىن تېخىمۇ مۇنتىزىم، تېخىمۇ نازۇك، سەنئەتتە تېخىمۇ مۇكەممەلدۇر. ماددى سەۋەبلەر قوللىرى ۋە قوراللىرى بىلەن ھېچ بىر جەھەتتە ئىچىدە ئورۇنلىشالمايدىغان، ھەتتا سىرتقى قىسمى بىلەنمۇ ھەقىقىي ھالدا تېگىشىپ ئالاقە قىلالمايدىغان كىچىككىنە جانلىقلار ۋە ئۇششاق ھايۋانلار ئەڭ چوڭ مەخلۇقلارغا قارىغاندا سەنئەت بويىچە تېخىمۇ ئاجايىب، يارىتىلىش جەھەتتە تېخىمۇ گۈزەل بىر سۈرەتتە تۇرسىمۇ، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىنى ئۇ جانسىز ئىلىمسىز، قالايمىقان، چوڭ، ماھىيىتى بىر–بىرىگە زىت ۋە ئۇزاق بولغان كور، گاس سەۋەبلەرگە تاياندۇرۇش يۈز ھەسسە كور، مىڭ ھەسسە گاس بولۇش بىلەن بولىدۇ!…
ئىككىنچى يول بولسا: «تەشەككەلە بىنەفسىھى» يەنى: ئۆزلىكىدىن شەكىللىنىدۇ. بۇ جۈملىنىڭمۇ كۆپلىگەن ئىمكانسىزلىقلىرى بار. كۆپ جەھەتلەردە باتىل، مۇمكىنسىزدۇر. مىسال ئۈچۈن ئىمكانسىزلىقلىرىدىن ئۈچىنى بايان قىلىمىز.
بىرىنچى ئىمكانسىزلىق:
ئەي جاھىل دىنسىز! سېنىڭ مەنمەنچىلىكىڭ سېنى ئۇ قەدەر ئەخمەقلاشتۇرغانكى، يۈز ئىمكانسىزلىقنى بىرلا قوبۇل قىلىشقا خېلى ئىشەنچ بىلەن ھۆكۈم قىلىۋاتىسەن. دىققەت قىل: سەن بىر بارلىقسەن. ئاددى بىر ماددا ياكى جانسىز ۋە ئۆزگەرمەس ئەمەسسەن، بەلكى دائىم يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان، ناھايىتى مۇنتىزىم بىر ماشىنىغا ياكى ھەيران قالارلىق ۋە دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بىر سارايغا ئوخشايسەن. سېنىڭ تېنىڭدە ھەر ۋاقىت مولىكۇلىلار ئىشلەۋاتىدۇ. سېنىڭ تېنىڭ ئالەمدىكى مەۋجۇداتلار بىلەن، بولۇپمۇ رىزىق مۇناسىۋىتى، بولۇپمۇ نەسىلنىڭ داۋامى بويىچە ئالاقىداردۇر ۋە ئېلىش–بېرىشى باردۇر. سېنىڭ تېنىڭدە ئىشلەۋاتقان مولىكۇلىلار ئۇ مۇناسىۋەتنى بۇزماسلىق ۋە ئۇ ئالاقىدارلىققا رىئايە قىلىش ئۈچۈن دىققەت قىلىدۇ، خۇددى پۈتۈن كائىناتتىكى ھەر نەرسىگە قاراپ، سېنىڭ مۇناسىۋەت دائىرىلىرىڭنى ئالەمدە كۆرۈپ تۇرۇپ خىزمەت قىلىۋاتقاندەك ئېھتىيات بىلەن قەدەم باسىدۇ ۋە بەكمۇ ئىنچىكە ۋە ھىكمەتلىك ھالەتلەردە بولىدۇ. سەن سىرتقى ۋە ئىچكى ھېس–تۇيغۇلىرىڭ بىلەن مولىكۇلىلارنىڭ ئۇ ھەيران قالارلىق ھالىتىدىن پايدىلىنىسەن. ئەگەر سەن تېنىڭدىكى ئۇ مولىكۇلىلارنى ھەممىگە قادىر بولغان ﷲنىڭ قانۇنى بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغان كىچىك خىزمەتچىلەر ياكى بىر ئارمىيە، ياكى تەقدىر قەلىمىنىڭ ئۇچلىرى (ھەربىر مولىكۇلا بىر قەلەم ئۇچى) ياكى قۇدرەت قەلىمىنىڭ چېكىتلىرى (ھەربىر مولىكۇلا بىر چىكىت) دەپ قوبۇل قىلمىساڭ، ئۇ ۋاقىتتا سېنىڭ كۆزۈڭدە ئىشلەۋاتقان ھەربىر مولىكۇلىغا شۇنداق بىر كۆز لازىمكى، سېنىڭ پۈتۈن بەدىنىڭنىڭ ھەر تەرىپىنى، ھەتتاكى سەن مۇناسىۋەتدار بولغان پۈتۈن كائىناتتىكى ھەممە نەرسىنى كۆرىدىغان بولىشى لازىم، شۇنداقلا (ئۇ مولىكۇلىدا) سېنىڭ پۈتۈن ئۆتمۈش ۋە كېلەچىكىڭنى، نەسىل ۋە ئەسلىڭنى، ئېلېمىنتلىرىڭنىڭ مەنبەلىرىنى ۋە رىزىقلىرىڭنىڭ مەدەنلىرىنى بىلىدىغان، تونۇيدىغان يۈز دانىشمەننىڭ ئەقلىدەك بىر ئەقىل بولىشى لازىم بولىدۇ. سىېنىڭدەك بۇ مەسلىلەر بويىچە مولىكۇلىچىلىك ئەقلى بولمىغانلارنىڭ بىر مولىكۇلىسىدا مىڭ فىلاتوننىڭ ئىلىم ۋە ئەقىللىرى بار دېيىش مىڭ ھەسسە ئەخمىقانە بىر خۇراپاتچىلىقتۇر.
ئىككىنچى ئىمكانسىزلىق:
سېنىڭ تېنىڭ، ھەر گۈمبىزىدە تاشلار تىرەكسىز بىر–بىرىگە تاياندۇرۇلۇپ مۇئەللەقتە تۇرغۇزۇلغان مىڭ گۈمبەزلىك ھەيران قالارلىق بىر سارايغا ئوخشايدۇ، بەلكى سېنىڭ تېنىڭ بۇ سارايدىن مىڭ ھەسسە تېخىمۇ ئاجايىبتۇر. چۈنكى ئۇ تەن سارىيىڭ داۋاملىق مۇكەممەل ئىنتىزام بىلەن يېڭىلىنىپ تۇرىۋاتىدۇ. ئاجايىب بىر مۆجىزە بولغان روھ، قەلب ۋە مەنىۋى ھېس–تۇيغۇلىرىڭنى نەزەرگە ئالماي تۇرساقمۇ، پەقەتلا جىسمانىي بولغان ھەربىر ئەزايىڭ بىر گۈمبەزلىك ھۇجرا ھۆكمىدىدۇر. مولىكۇلىلار خۇددى ئۇ گۈمبەزدىكى تاشلاردەك مۇكەممەل مۇۋازىنەت ۋە ئىنتىزام بىلەن مۈرىنى–مۈرىگە تىرىگەن ھالدا بىرلىشىپ، ھەيران قالارلىق بىر بىناغا ئوخشىغان پەۋقۇلئاددە بىر سەنئەت بولغان كۆز ۋە تىلدەك ئاجايىب بىر قۇدرەت مۆجىزىسىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر ئۇ مولىكۇلىلار شۇ ئالەم ئۇستىسىنىڭ ئەمرىگە بويسۇنغان خىزمەتچى دەپ قارالمىسا، ئۇ ۋاقىت ھەربىر مولىكۇلا ئۇ بەدەندىكى بارلىق مولىكۇلىلارغا ھەم مۇتلەق ھۆكۈمران… ھەم ھەربىرىسىگە مۇتلەق مەھكۇم(قۇل)… ھەم بىر–بىرىگە ئوخشاش… ھەم ھاكىمىيەت نۇقتىسىدىن زىت… ھەم پەقەتلا ۋاجىبۇل ۋۇجۇد بولغان جانابى ﷲقىلا خاس بولغان كۆپلىگەن سۈپەتكە ئىگە… ھەم ناھايىتى چەكلىك دائىرىدە… ھەم ناھايىتى چەكسىزلىك ئىچىدە بولۇشتەك ئىنتايىن مەنىسىز بولغان خۇراپاتلىقلارنى قوبۇل قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. دېمەك تەۋھىد سىرى بويىچە پەقەتلا ۋاھىدى ئەھەد بولغان ﷲنىڭلا سەنئەت ئەسىرى بولغان ئۇ چەكسىز ئىنتىزام ئىچىدىكى بارلىقلارنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىنى، ئۇ چەكسىز مولىكۇلىلاردىن دەپ بىلىشنىڭ بەك ئېنىق بىر ئىمكانسىزلىق، بەلكى يۈز ئىمكانسىزلىق ئىكەنلىكىنى زەررە قەدەر ئەقلى بار بولغان چۈشىنەلەيدۇ.
ئۈچىنچى ئىمكانسىزلىق:
ئەگەر سېنىڭ تېنىڭ ۋاھىدى ئەھەد بولغان قادىرى ئەزەلىينىڭ قەلىمى بىلەن يېزىلغان خەت بولماستىن تەبىئەتكە، سەۋەبلەرگە مەنسۇپ مەتبەئە خېتى بولسا، ئۇ چاغدا سېنىڭ تېنىڭدىكى بىر دانە بەدەن ھۈجەيرىسىدىن تارتىپ، مىڭلارچە بىر–بىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دائىرىلەرگىچە تۈرلۈك شەكىللىك تەبىئەت قېلىپلىرىنىڭ بولىشى لازىم بولىدۇ. چۈنكى، مىسالغا ئالساق، بۇ قولىمىزدىكى كىتاب قول يازما دېيىلىدىغان بولسا، بىر تال قەلەم، يازغۇچىسىنىڭ ئىلىمىگە تايىنىپ ھەممىسىنى يازىدۇ. ئەگەر بۇ، قول يازما خەت بولمىسا، ئۇنىڭ يېزىلىشى يازغۇچىنىڭ قەلىمىگە بېرىلمىسە، ئۆزلىكىدىن بولغان ياكى تەبىئەت يازدى دېيىلسە، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ئۈچۈن مەتبەئەدە بېسىلغان كىتابتەك ھەربىر ھەرىپىگە بىردىن تۆمۈر قەلەم لازىم بولىدۇ. مەتبەئەتخانىدا ھەرپلەرنىڭ يېزىلىشى ئۈچۈن بارلىق ھەرپلەر سانىدا تۆمۈر ھەرپلەر بولغاندەك، بۇ ئەھۋالدىمۇ بىر يالغۇز قەلەمنىڭ ئورنىغا بارلىق ھەرپلەر سانىدا قەلەملەر بولىشى لازىم كېلىدۇ. بەزىدە ئۇچى ئىنچىكە قەلەمنىڭ كىچىك ھەرپلىرى بىلەن بىر چوڭ ھەرپ ئىچىدە بىر بەت خەت يېزىلىش كېرەك بولسا، مىڭلارچە قەلەم بىرلا ھەرپ ئۈچۈن لازىم بولىدۇ. ئەگەر ئۇ چوڭ–كىچىك ھەرپلەر ۋە قاتلام–قاتلام دائىرىلەر سېنىڭ جەسىتىڭدەك بىر شەكىل ئالسا، ئۇ ۋاقىت ئۇ «بەدەندىكى» ھەربىر دائىرىدە، ھەربىر پارچىسى ئۈچۈن بىر–بىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇ نۇرغۇن دائىرىلەر سانىدا قېلىپلارنىڭ بولىشى لازىم بولىدۇ. يۈز ئىمكانسىزلىق ئىچىدىكى بۇ مەسىلىنى يەنىلا مۇمكىن دېسەڭمۇ، بۇ ئىنتىزاملىق، سەنئەتلىك تۆمۈر ھەرپلەرنىڭ، مۇكەممەل قېلىپلارنىڭ ۋە قەلەملەرنىڭ ياسىلىشى يەنىلا بىرلا قەلەمگە بېرىلمىسە، ئۇلار ئۈچۈنمۇ ئۇلارنىڭ سانىدا يەنە قەلەملەر، قېلىپلار ۋە ھەرپلەر لازىمدۇر. چۈنكى ئۇلارمۇ ياسىلىدۇ ۋە ئىنتىزاملىق ۋە سەنئەتلىكتۇر. ۋەھاكازالار… زەنجىرسىمان كەتكەنسىرى كېتىۋېرىدۇ…
مانا سەنمۇ چۈشەنگىن! بۇ شۇنداق بىر پىكىردۇركى، سېنىڭ مولىكۇلىلىرىڭ سانىدەك ئىمكانسىزلىق ۋە خۇراپىيلەرنى نەتىجىلەندۈرىدۇ. ئەي جاھىل كاپىر! سەنمۇ خىجىل بول… بۇ ئازغۇنلۇقتىن ۋاز كەچ.
ئۈچىنچى كەلىمە: «ئىقتەزاتھۇت تەبىئەت» يەنى، «تەبىئەت كېرەك قىلىدۇ، تەبىئەت يارىتىدۇ.» بۇ ھۆكۈمنىڭمۇ كۆپ ئىمكانسىزلىقلىرى بار. مىسال ئۈچۈن ئۈچىنى زىكىر قىلىمىز:
بىرىنچىسى:
ئەگەر مەۋجۇداتتىكى، بولۇپمۇ جانلىقتىكى كۆرۈش ۋە ھىكمەت نەتىجىسىدە بولۇۋاتقان ئاجايىب سەنئەت ۋە ئىجادىيەت، شەمسى ئەزەلىي بولغان ﷲنىڭ تەقدىر قەلىمىدىن ۋە قۇدرىتىدىن چىققان دېيىلمىسە، بەلكى كور، گاس، ئاڭسىز بولغان تەبىئەت ۋە تەبىئى كۈچلەر ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن دېيىلسە، تەبىئەت شەيئىلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەر شەيئىدە چەكسىز مەنىۋى ماشىنا ئۈسكىنىلىرىنى ۋە مەتبەئەلەرنى بار قىلىشى ياكى ھەر نەرسىگە كائىناتنى يارىتالايدىغان قۇدرەت ۋە ھىكمەتنى ئورۇنلاشتۇرىشى لازىم بولىدۇ. چۈنكى: مىسالغا ئالساق، قۇياشنىڭ شولىلىرى ۋە ئەكىسلىرى، زېمىن يۈزىدىكى كىچىك ئەينەك پارچىلىرىدا ۋە سۇ تامچىلىرىدا كۆرىنىدۇ. ئەگەر ئۇ مىسالىي ۋە ئەكسىي كىچىك قۇياشلار، ئاسماندىكى بىر قۇياشتىن دېيىلمىسە، ئۇ ھالدا بىر سەرەڭگە بېشى سىغمايدىغان بىر كىچىك ئەينەك پارچىسىدا تەبىئى، ھەقىقىي، راست قۇياشنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە، كۆرىنىشتە كىچىك، مەنىۋى جەھەتتىن بەك چوڭقۇر بولغان بىر قۇياشنىڭ ماددى جەھەتتىكى بارلىقىغا ئىشىنىپ، بارلىق پارقىراق بۇيۇملار سانىچىلىك تەبىئى قۇياشلارنى قوبۇل قىلىش لازىم كېلىدۇ. ئەينەن بۇ مىسالدەك، مەۋجۇدات ۋە جانلىقلار بىۋاستە شەمسى ئەزەلى بولغان ﷲنىڭ ئىسىملىرىنىڭ شولىلىرىدىن دېيىلمىسە، ئۇ ھالدا ھەربىر بارلىقتا، جۈملىدىن ھەربىر جانلىق ئىچىدە، چەكسىز بىر قۇدرەت ۋە ئىرادىگە، چەكسىز بىر ئىلىم ۋە ھىكمەتلەرگە ئىگە بولغان بىر تەبىئەتنىڭ، بىر قۇۋۋەتنىڭ، گوياكى بىر ئىلاھنىڭ بارلىقىنى قوبۇل قىلىش لازىم كېلىدۇ. بۇ خىل پىكىر بولسا، كائىناتتىكى ئىمكانسىزلىقلارنىڭ ئەڭ باتىلى، ئەڭ خۇراپىسىدۇر. كائىنات ياراتقۇچىسىنىڭ سەنئەت ئەسەرلىرىنى مەۋھۇم، ئەھمىيەتسىز، ئەقىلسىز بىر تەبىئەتكە بەرگەن ئىنسان، ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ يۈز ھەسسە ھايۋاندىن تېخىمۇ ھايۋان، تېخىمۇ ئەقىلسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئىككىنچى ئىمكانسىزلىق:
ئەگەر ناھايىتى ئىنتىزاملىق، ئۆلچەملىك، سەنئەتلىك، ھىكمەتلىك بولغان شۇ مەۋجۇداتنىڭ يارىتىلىشى، چەكسىز قادىر، ھەكىم (ھىكمەت ئىگىسى) بولغان بىر زاتقا بېرىلمىسە، بەلكى تەبىئەتكە بېرىلىسە، ئۇ ھالدا نۇرغۇنلىغان گۈللەر ۋە مېۋىلەرنىڭ شەكىللىنپ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە سەۋەب بولغان ھەربىر پارچە تۇپراقتا، تەبىئەت، ياۋرۇپانىڭ پۈتۈن مەتبەلىرى ۋە زاۋۇتلىرى سانىچىلىك ماشىنا ئۈسكىنلىرىنى ۋە مەتبەئەلەرنى بار قىلىشى لازىم كېلىدۇ.
چۈنكى گۈللەر ئۈچۈن مەخسۇس تەشتەك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بىر قاچا تۇپراقتا، (ئىچىدە) ئۇرۇقلىرى نۆۋەت بىلەن قايتا–قايتا تىكىلگەن بارلىق گۈللەرنىڭ بىر–بىرلىرىدىن كۆپ پەرقلىق بولغان شەكىل ۋە كۆرىنىشلىرىنى شەكىللەندۈرەلەيدىغان ۋە تەسۋىرلىيەلەيدىغان بىر قابىلىيەت ئەمەلىي ھالدا كۆرىنىدۇ. ئەگەر بۇ، قادىرى زۇلجالالدىن دېيىلمىسە، ئۇ ۋاقىت، ئۇ قاچىدىكى تۇپراقتا، ھەربىر گۈلنىڭ مەنىۋى، «تەبىئەتتىن بولغان»، ئۆزىگە خاس بىر ماشىنىسى بولمىسا، ئۇ نەتىجە ۋۇجۇدقا كەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇرۇقلارنىڭ ماددىلىرى سپىرما ۋە تۇخۇملاردەكلا ئوخشاشتۇر، بىردۇر. يەنى ھىدروگىن، ئوكسىگىن، كاربون، ئازوتلارنىڭ تەرتىپسىز، شەكىلسىز، خېمىردەك تەرتىپسىز ئارلاشمىسىدىن ئىبارەت. ھاۋا، سۇ، ئىسسىقلىق، يورۇقلۇقمۇ ھەربىرى ئاددى، ئەقىلسىز بولۇپ ھەر نەرسىگە قارىتا سەلدەك بىر شەكىلدە يۈزلىنىدۇ. ئۇنداقتا ئۇ نۇرغۇنلىغان خىلمۇ–خىل گۈللەرنىڭ ئايرىم–ئايرىم ھالدا ناھايىتى ئىنتىزاملىق، سەنئەتلىك بىر سۈرەتتە ئۇ تۇپراقتىن چىقىشى ئۈچۈن، ئۇ قاچىدىكى تۇپراقتا، چوقۇم ۋە زۆرۈرى ھالدا ياۋرۇپانىڭكىچىلىك مەنىۋى ۋە كىچىك مىقياسىدىكى مەتبەئەلىرى ۋە زاۋۇتلىرى بولۇشى لازىم. شۇندىلا بۇ قەدەر ھاياتدار رەختلەر ۋە مىڭلارچە تۈرلۈك نەقىشلىك توقۇلمىلار ۋۇجۇدقا چىقالايدۇ.
مانا قارا، تەبىئەتپەرەستلەرنىڭ كۇفۇر پىكىرلىرىنىڭ نەقەدەر ئەقىل دائىرىسىنىڭ سىرتىدا ئېزىپ يۈرگىنىنى قىياس قىل ۋە تەبىئەتنى ياراتقۇچى دەپ ھېساپلىغان ئىنسان سۈرىتىدىكى ئۇ ئەخمەق مەستلەر «ئالىم ۋە ئەقىللىقمىز» دەپ داۋاملىق كۆرەڭلەپ يۈرۈشسىمۇ، ئۇ داۋاسىنىڭ ئەقىل ۋە پەندىن نەقەدەر ئۇزاق ئىكەنلىكىنى ۋە ھېچبىر جەھەتتە مۇمكىن بولمىغان بىر خۇراپاتلىقنى ئۆزلىرىگە كەسىپ قىلىۋالغانلىقلىرىنى كۆر، كۈل ۋە تۈكۈر !…
ئەگەر دېسەڭ: مەۋجۇداتنىڭ يارىتىلىشى تەبىئەتكە بېرىلسە شۇنداق ئاجايىپ ئىمكانسىزلىقلار، قوبۇل قىلىش جەھەتتە چەكسىز مۈشكىلاتلار بولىدىكەن. ئەجەبا، ئەھەد ۋە سەمەد (بىر ۋە ھېچ نەرسىگە مۇھتاج بولمىغان) بولغان ﷲقا بېرىلگەندە، ئۇ مۈشكىلاتلار قانداق يوقىلىدۇ؟ ئۇ مۈشكۈل ئىمكانسىزلىق قانداق قىلىپ، قولاي بولغان زۆرۈرى تەستىققا ئالمىشىدۇ؟
جاۋاب: بىرىنچى ئىمكانسىزلىقتا دېيىلگەندەك، قۇياشنىڭ نۇرى چەكسىز دەرىجىدىكى قولايلىق بىلەن، كۈلپەتسىز ھالدا، ئەڭ كىچىك تامچىدىن تارتىپ، ئەڭ چوڭ دېڭىزنىڭ يۈزىگە قەدەر ئەكس ئېتىپ جىلۋە ۋە تەسىرىنى مىسالىي كىچىك قۇياشلىرى ئارقىلىق ناھايىتى قولاي ھالدا كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بۇلارنىڭ قۇياشتىن ئالاقىلىرى كېسىلسە، ئۇ ۋاقىت ھەربىر زەررىدە تەبىئىي ۋە ھەقىقىي قۇياشنىڭ ئىمكانسىز دەرىجىدە بىر قېيىنچىلىق بىلەن بار بولالىشىنى قوبۇل قىلىش لازىم كېلىدۇ. شۇنداقلا، مەۋجۇداتنىڭ يارىتىلىشى ئەھەد ۋە سەمەد بولغان ﷲقا بېرىلسە، زۆرۈرى تەستىق دەرىجسىدە بىر ئاسانلىق ۋە قولايلىق بىلەن، ئۇنىڭغا باغلىنىش ۋە جىلۋىلىنىش ئارقىلىق، ھەربىر بارلىققا كېرەكلىك ھەربىر نەرسە ئۇنىڭغا يەتكۈزۈلگىلى بولىدۇ. ئەگەر ئۇ باغلىنىش كېسىلسە ۋە ئۇنىڭغا خىزمەتكارلىق باشباشتاقلىققا ئايلانسا، ھەمدە ھەربىر بارلىق ئۆز بېشىغا ۋە تەبىئەتكە تاشلانسا، ئۇ ۋاقىت ئىمكانسىز دەرىجىدە يۈزمىڭ مۈشكىلات ۋە قېيىنچىلىق بىلەن، چىۋىندەك بىر جانلىقنىڭ، كائىناتنىڭ كىچىك بىر ئۈلگىسى بولغان ئاجايىپ بىر تەن ماشىنىسىنى ئىجاد قىلغان ئۇنىڭ ئىچىدىكى كور تەبىئەت ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇ تەبىئەتنىڭ كائىناتنى يارىتىپ ئىدارە قىلغۇدەك بىر قۇدرەت ۋە ھىكمەت ئىگىسى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىش كېرەك بولىدۇ. بۇ بولسا بىر ئىمكانسىزلىق ئەمەس، بەلكى مىڭلارچە ئىمكانسىزلىقتۇر.
خۇلاسە: ۋاجىبۇل ۋۇجۇد بولغان ﷲنىڭ شېرىكى ۋە مىسلىنىڭ بولىشى مۇمكىنسىز ۋە ئىمكانسىز بولغىنىدەك، ئۇنىڭ رۇبۇبىيىتىگە***** ۋە شەيئىلەرنى ئىجاد قىلىشىغا باشقىسىنىڭ ئارىلىشىشىمۇ زاتىنىڭ(ئۆزىنىڭ) شېرىكى بولمىغىنىدەكلا ھېچ مۇمكىن ئەمەستۇر.
ئىككىنچى ئىمكانسىزلىقتىكى مۈشكىلات بولسا، كۆپلىگەن رىسالىلەردە بايان قىلىنغىنىدەك، ئەگەر بارلىق نەرسىنىڭ يارىتىلىشى ۋاھىدى ئەھەد بولغان ﷲقا بېرىلسە، بارلىق نەرسىلەرنىڭ يارىتىلىشى بىرلا نەرسىنىڭ يارىتىلىشىدەك ئوڭايلىشىدۇ. ئەگەر سەۋەبلەرگە ۋە تەبىئەتكە بېرىلسە، بىرلا شەيئىنىڭ يارىتىلىشى بارلىق شەيئىلەرنىڭ يارىتىلىشىدەك مۇشەققەتلىك بولىدىغانلىقى تۈرلۈك ۋە كەسكىن بولغان دەلىللەر بىلەن ئىسپات قىلىنغان.
بىر دەلىلنىڭ خۇلاسىسى شۇكى:
مەسىلەن، بىر ئادەم، بىر پادىشاھقا ئەسكەرلىك ياكى خىزمەتچىلىك جەھەتتە باغلانسا، ئۇ ئەسكەر ياكى خىزمەتچى شۇ باغلىنىش قۇۋۋىتى بىلەن شەخسى قۇۋۋىتىدىن يۈزمىڭ ھەسسە ئارتۇق ئىشلارنى قىلالايدۇ. ھەتتا پادىشاھ نامىدىن بەزىدە چوڭ بىر ھاكىمنى ئەسىرگە ئالىدۇ. چۈنكى قىلغان ئىشلىرىدا تايىنىدىغان قورال–ياراق ۋە تەمىنات قۇۋۋىتىنى ئۆزى ئېلىپ يۈرمەيدۇ ۋە كۆتۈرۈشكىمۇ مەجبۇر بولمايدۇ. بەلكى ئۇ باغلىنىش نەتىجىسىدە پادىشاھنىڭ خەزىنىلىرى ۋە ئارقىسىدىكى تايانچ كۈچ بولغان ئارمىيە ئۇ تەمىنات قۇۋۋىتىنى ۋە قورال كۈچىنى تەمىنلەپ بېرىدىغان يۆلەنچۈكىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئىشلىرى، بىر پادىشاھنىڭ ئىشلىرىدەكلا، قىلغان ھەرىكەتلىرى بىر ئارمىيە ھەرىكىتىدەكلا ھەيران قالارلىق دەرىجىدە بولالايدۇ. خۇددى چۈمۈلە (ﷲقا) خىزمەتكارلىق جەھەتتە فىرئەۋننىڭ سارىيىنى خاراپ قىلغاندەك… چىۋىن (ﷲقا) باغلىنىش ئارقىلىق نەمرۇتنىڭ جېنىنى ئالغاندەك… ۋە يەنە ئۇ باغلىنىش ئارقىلىق بۇغداي دېنىچىلىك بىر قارىغاي ئۇرۇقىمۇ يوغان قارىغاي دەرىخىنىڭ پۈتۈن تۈزۈلمىلىرىنى يېتىشتۈرىدۇ.
ئەگەر ئۇ (پادىشاھ بىلەن) باغلىنىش كېسىلسە، ئۇ ئەسكەر ئەسكەرلىكتىن بوشىتىلسا، قىلىدىغان ئىشلىرىدا تايىنىدىغان قورال–ياراقلار ۋە تەمىنات قۇۋۋەتلىرىنى بېلىدە ۋە بىلىكىدە كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ ۋاقىت، كىچىككىنە بېلىكىدىكى قۇۋۋەت مىقتارىچىلىكلا ۋە بېلىدىكى ئوق–دورا كۈچىچىلىكلا ئىش كۆرەلەيدۇ. ئاۋۋالقى ھالەتتە ناھايىتى قولايلىق بىلەن كۆرگەن ئىشلىرى بۇ ھالىتىدە ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلسا، ئەلۋەتتە بىلىكىدە بىر ئارمىيەنىڭ تەمىناتى قۇۋۋىتىنى ۋە بېلىدە بىر پادىشاھنىڭ ھەربى قوراللار زاۋۇتىنى كۆتۈرۈپ يۈرىشى لازىم بولىدۇ. كۈلدۈرۈش ئۈچۈن ئاجايىپ خۇراپىلەرنى ھېكايە قىلىغان مەسخىرىچى مەدداھلارمۇ بۇ خىيالدىن خىجىل بولىدۇ.
دېمەك، ھەر شەيئىنىڭ يارىتىلىشىنى ۋاجىبۇل ۋۇجۇد بولغان ﷲقا بىرىشتە زۆرۈرى دەرىجىدە ئوڭايلىق بار. تەبىئەتكە بېرىشتە بولسا، ئەقىل قوبۇل قىلالماس دەرىجىدە قېيىنچىلىق ۋە ھەسسىلەنگەن ئىمكانسىزلىق بار.
ئۈچىنچى ئىمكانسىزلىق:
بۇ ئىمكانسىزلىقنى ئىزاھ قىلىدىغان بەزى رىسالىلەردە بايان قىلىنغان ئىككى مىسال:
بىرىنچى مىسال: خالى بىر چۆلدە قۇرۇلغان ۋە بارلىق مەدەنىيەت ئەسەرلىرى بىلەن كامالغا يەتكۈزۈلۈپ بېزەلگەن بىر سارايغا ناھايىتى ياۋايى بىر ئادەم كىرىدۇ. ھەمدە ئىچىگە قاراپ مىڭلارچە مۇكەممەل ۋە سەنئەتلىك نەرسىلەرنى كۆرىدۇ… ياۋايىلىقىدىن ۋە ئەخمەقلىقىدىن: «بۇ ساراينى ياساشتا سىرتتىن ھېچكىم ئارىلاشماي، شۇ كۆرۈۋاتقان نەرسىلەردىن بىرى بۇ ساراينى ئىچىدىكى باشقا نەرسىلىرى بىلەن بىللە ياساپتۇ.» دەپ ئۇستىسىنى ئىزدەشكە باشلايدۇ. قايسى نەرسىگە قارىسا، ئۇلارنىڭ بۇ قەدەر ئىشلارنى قىلىشىنى ئۇنىڭ ياۋايى ئەقلىمۇ مۇۋاپىق كۆرمەيدۇ. كېيىن ئۇ ساراينىڭ تەشكىلى پروگراممىسى، نەرسىلەرنىڭ تىزىملىكى ۋە باشقۇرۇش قائىدە–قانۇنىيەتلىرى ئىچىدە يېزىلغان بىر دەپتەرنى كۆرىدۇ. گەرچە قولسىز، كۆزسىز، بازغانسىز… بولغان ئۇ دەپتەرنىڭمۇ ساراي ئىچىدىكى باشقا نەرسىلەردەكلا ساراينى قۇرۇش ۋە بېزەشتە ھېچ بىر قابىلىيىتى يوق ئىدى. بىراق ئامالسىز ۋە مەجبۇرى ھالدا، باشقىلىرىغا نىسبەتەن ئىلمى قائىدە–قانۇنىيەتلەرىنىڭ بىر ئىسىم– تىئورمىلىرى بولغانلىقتىن، ئۇ ئادەم ساراينىڭ ھەممە نەرسىگە بۇ دەپتەرنى مۇناسىۋەتلىك كۆرۈپ «بۇ ساراينى قۇرۇپ، تەرتىپكە سېلىپ بېزىگەن، ھەم بۇ لازىمەتلىكلەرنى ياساپ، تاقاپ ئورۇنلاشتۇرغان مانا مۇشۇ دەپتەر ئىكەن.» دەپ ياۋايىلىقىنى ئەخمەقلەرنىڭ، مەستلەرنىڭ جۆيلۈشلىرىگە ئوخشىتىپ قويۇپتۇ.
مانا دەل مۇشۇ مىسالدەك، ئۇ سارايدىن چەكسىز دەرىجىدە تېخىمۇ ھەيران قالارلىق، تېخىمۇ مۇكەممەل ۋە ھەر تەرىپى مۆجىزىلىك ھىكمەتلەر بىلەن تولغان شۇ ئالەم سارىيىنىڭ ئىچىگە، ياراتقۇچىنى ئىنكار قىلغان «تەبىئەتچىلىك» پىكرىدىكى ياۋايى ئىنسان كىرىدۇ. ئۇ چوڭ ساراينىڭ يارىتىلغانلار دائىرىسى سىرتىدىكى ۋاجىبۇل ۋۇجۇد بولغان ﷲنىڭ سەنئەت ئەسىرى ئىكەنلىكىنى ئويلىماي ۋە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، يارىتىلغانلار دائىرىسى ئىچىدىكى، ئىلاھىي تەقدىرنىڭ يېزىپ ئۆچۈرۈپ تۇرىدىغان بىر لەۋھەسى ھۆكمىدە بولغان ۋە ئىلاھىي قۇدرەتنىڭ ئىجىرائىيەت قانۇنلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ ئالمىشىپ تۇرىدىغان بىر دەپتىرى دېيىشكە بولىدىغان، لېكىن ناھايىتى خەتەرلىك ۋە خاتا ھالدا «تەبىئەت» نامى بېرىلگەن، يارىتىلىشتىكى ئىلاھىي قانۇنلار مەجمۇئەسىنى، رەببانىي******* سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ تىزىملىك دەپتىرىنى كۆرىدۇ. دەيدۇكى: «بۇ مەۋجۇداتنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئەلۋەتتە بىر سەۋەبكە مۇھتاج. بۇنىڭغا ھېچ بىر نەرسىنىڭ بۇ دەپتەرچىلىك مۇناسىۋىتى كۆرۈنمەيۋاتىدۇ. گەرچە كۆزسىز، ئەقىلسىز، قۇدرەتسىز بۇ دەپتەرنىڭ، ئىلاھىي رۇبۇبىيەتنىڭ ئىشى بولغان ۋە چەكسىز بىر قۇدرەتنى تەلەپ قىلىدىغان بۇ يارىتىلىش ئىشلىرىنى قىلالىشىنى ھېچ بىر جەھەتتە ئەقىل قوبۇل قىلمايدۇ. بىراق مەن ياراتقۇچىنى قوبۇل قىلمىغاندىن كېيىن ئەڭ مۇناسىپ كېلىدىغىنى بۇ يەكۈندۇر: مانا بۇ دەپتەر بۇ چوڭ ساراينى ياسىغان ۋە ياسايدۇ.» دەيدۇ. بىزمۇ دەيمىز:
ئەي ھاماقەتلەرنىڭ ئەخمەقلىرىدىنمۇ ئەخمەقلىشىپ كەتكەن مەست ئەخمەق! بېشىڭنى تەبىئەت پاتقاقلىقىدىن چىقار، ياخشى قارا، زەررىدىن سەييارىگە قەدەر بارلىق مەۋجۇدات ئايرىم–ئايرىم تىللار بىلەن بارلىقىغا ۋە بىرلىكىگە شاھادەت قىلىۋاتقان ۋە ھەتتا بارماقلىرىنىڭ ئىشارىتى بىلەن كۆرسىتىۋاتقان بىر سانىئى زۇلجالال ****بولغان ﷲنى كۆر… ھەم بۇ ھەشەمەتلىك ساراينى ياسىغان، شۇنداقلا ئۇ دەپتەردە ساراينىڭ پروگراممىسىنى يازغان نەققاشى ئەزەلى بولغان ﷲنىڭ جىلۋىسىنى كۆر.. پەرمانىغا قارا.. قۇرئانىنى ئاڭلا.. ئۇ جۆيلۈشلەردىن قۇتۇل!
ئىككىنچى مىسال: ناھايىتى ياۋايى بىر ئادەم ھەيۋەتلىك بىر ھەربىي لاگىر دائىرىسىگە كىرىدۇ. ناھايىتى مۇنتىزىم بىر ئارمىيەنىڭ ئېلىۋاتقان تەلىملىرىنى، ئىنتىزاملىق ھەرىكەتلىرىنى كۆرىدۇ. بىر كىشىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن بىر باتالىيون، بىر پولك، بىر دېۋىزىيە ئەسكەرلىرى مۇكەممەل بىر تەرتىپ بىلەن تۇرىدۇ، ئولتۇرىدۇ، ماڭىدۇ. بىر ئېتىش ئەمرى بىلەن تەڭ ئاتقانلىقلىرىنى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ ئاددى ۋە ياۋايى ئەقلى، بىر قۇمانداننىڭ دۆلەت نىزاملىرى ۋە پادىشاھ قانۇنلىرى بىلەن بولىۋاتقان كوماندىسىنى چۈشەنمەي ئىنكار قىلغانلىقتىن، ئۇ ئەسكەرلەرنىڭ يىپلار ئارقىلىق بىر–بىرى بىلەن باغلاقلىق ئىكەنلىكىنى ئويلايدۇ. ئۇ خىيالىي يىپنىڭ نەقەدەر ھەيران قالارلىق يىپ ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ ھاڭ–تاڭ قالىدۇ. كېيىن قايتىپ، ئاياسوفىيادەك ناھايىتى چوڭ بىر مەسجىدكە جۈمە كۈنى داخىل بولىدۇ. ئۇ مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ بىر كىشىنىڭ ئاۋازى بىلەن تۇرۇپ، ئېگىلىپ، سەجدە قىلىپ ئولتۇرغانلىقلىرىنى كۆرىدۇ. ئۇ مەنىۋى ۋە ساماۋى قانۇنلارنىڭ يىغىندىسى بولغان شەرىئەتنى ۋە شەرىئەت ئىگىسىنىڭ ئەمىرلىرىدىن كەلگەن مەنىۋى دەستۇرلارنى چۈشەنمىگەنلىكتىن، ئۇ جامائەتنىڭمۇ ماددى يىپلار بىلەن باغلانغانلىقىنى ۋە ئۇ ئاجايىپ يىپلارنىڭ ئۇلارنى رام قىلىۋېلىپ ئوينىتىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ، ياۋايى ئىىنسان سۈرىتىدىكى يىرتقۇچ ھايۋانلارنىمۇ كۈلدۈرىۋېتىدىغان دەرىجىدىكى مەسخىرىلىك پىكىر بىلەن چىقىپ كېتىدۇ.
ئەينەن مۇشۇ مىسالدەك، ئەزەل ۋە ئەبەد سۇلتانى بولغان ﷲنىڭ ھەيۋەتلىك بىر ھەربىي لاگىرى بولغان شۇ ئالەمگە ۋە ئۇ مەبۇدى ئەزەلىينىڭ****** ھەشەمەتلىك بىر مەسجىدى بولغان شۇ كائىناتقا تولىمۇ ياۋايى بولغان ماتىرىيالىست بىر دىنسىز كىرىدۇ. ئۇ ئەزەلى سۇلتاننىڭ ھىكمىتىدىن كەلگەن كائىنات نىزاملىرىنىڭ مەنىۋى قانۇنلىرىنى، بىردىن جىسمانى ماددا دەپ تەسەۋۋۇر قىلىپ ۋە ﷲنىڭ رۇبۇبىيەت سەلتەنىتىنىڭ ئېتىبارىي***** قانۇنلىرىنىڭ، ھەمدە ئۇ مەبۇدى ئەزەلىينىڭ كائىناتتىكى يارىتىلىش شەرىئىتىنىڭ مەنىۋى ۋە ئىلمىي شەكىلدىكىلا ئەھكام ۋە دەستۇرلىرىنى بىردىن جىسمانى شەكىلدىكى ماددى نەرسە دەپ خىيال قىلىپ، ئىلاھىي قۇدرەتنىڭ ئورنىغا، ئۇ ئىلىم ۋە كالامدىن كەلگەن، پەقەتلا ئىلمىي تۈردە بولغان ئۇ قانۇنلارنى دەسسىتىش ۋە قوللىرىغا يارىتىش قابىلىيىتىنى بېرىش، كېيىن ئۇلارغا «تەبىئەت» نامى تاقاش، پەقەتلا ﷲنىڭ رەببانىي قۇدرىتىنىڭ جىلۋىسى بولغان قۇۋۋەتنى قۇدرەتلىك، مۇستەقىل بىر قۇدرەت ئىگىسى دەپ بىلىش، مىسالدىكى ياۋايىلىقتىن مىڭ ھەسسە ئارتۇق بىر ياۋايىلىقتۇر.
دېمەك، تەبىئەتچىلەرنىڭ مەۋھۇم ۋە ھەقىقەتسىز بولغان «تەبىئەت» دېگەن نەرسىسى ماددى شەكىلدىكى ھەقىقەت بولسا،پەقەت ۋە پەقەت بىر سەنئەت ئەسىرىلا بولالايدۇ، سەنئەتكار بولالماس. بىر نەقىشتۇر، نەققاش بولالماس. ئەھكامدۇر، ھۆكۈم ئىگىسى بولالماس. بىر يارىتىلىش شەرىئىتىدۇر، شەرىئەت ئىگىسى بولالماس. يارىتىلغان بىر(ﷲنىڭ) ئىززەت(قوغداش) پەردىسىدۇر، ياراتقۇچى بولالماس. تەسىر ئاستىدىكى يارىتىلىشتۇر، تەسىر بەرگۈچى بولالماس. قانۇندۇر، قۇدرەت ئەمەس، قۇدرەت ئىگىسى بولالماس. شەيئى ۋە ھەرىكەتنىڭ يارىتىلىشىغا ۋاستە بولىدۇ، مەنبە بولالماس.
خۇلاسە: مەۋجۇداتنىڭ بار ئىكەنلىكىدە گۇمان يوق. بۇ تېمىنڭ بېشىدا دېيىلگەندەك، شۇ مەۋجۇداتنىڭ يارىتىلىشىدا ئەقلىي ھالدا تۆت يولدىن باشقىسى خىيالغا كەلمەيدۇ. بۇ تۆت يولنىڭ ئۈچىنىڭ ھەربىرىسىنىڭ ئۈچ ئېنىق ئىمكانسىزلىق بىلەن باتىل ئىكەنلىكى قەتئىي بىر سۈرەتتە ئىسپاتلاندى. ئەلۋەتتە قەتئىي ۋە ئېنىق ھالدا تۆتىنچى يول بولغان تەۋھىد(بىرلىك) يولى قەتئىي ئىسپات قىلىنغان بولىدۇ.
ئەمدى ئۇ تۆتىنچى يول بولسا: ﴿اَفِى اللّهِ شَكٌّ فَاطِرِ السَّموَاتِ وَاْلاَرْض﴾ ئايىتى شەك–شۈبھىسىز ۋە ئوچۇق ھالدا ۋاجىبۇل ۋۇجۇد بولغان ﷲنىڭ ئىلاھلىقىنى ۋە ھەر نەرسىنىڭ بىۋاستە ئۇنىڭ قۇدرەت قولىدىن چىقىدىغانلىقىنى، ھەمدە ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئۇنىڭ تەسەررۇپى(باشقۇرۇشى) ئاستىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەي سەۋەبپەرەست، تەبىئەتكە چوقۇنغان بىچارە! ھەر نەرسىنىڭ تەبىئىتى، ھەر نەرسىدەكلا يارىتىلغان مەخلۇقتۇر. چۈنكى سەنئەتلىكتۇر ۋە يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ… ھەر سەۋەب نەتىجىسىدە بولغان ئەسەرگە ئوخشاشلا سىرتقى سەۋەبمۇ سەنئەت ئەسىرىدۇر. ھەمدە ھەر نەرسىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى كۆپلىگەن قوراللارغا ۋە لازىمەتلىكلەرگە مۇھتاجدۇر. ئۇنداقتا، ئۇ تەبىئەتنى ئىجاد قىلغان ۋە ئۇ سەۋەبلەرنى ياراتقان بىر قادىرى مۇتلەق بار. ئەگەر، ئۇ ھالدا ئاجىز ۋاستىلارنى، رۇبۇبىيىتىگە ۋە يارىتىشىغا ئالاقىدار (شېرىك) قىلىشىدا ئۇ قادىرى مۇتلەقنىڭ نېمە ئېھتىياجى بار؟ دېسەڭ: ھاشا! (ئۇنداق ئەمەس!)… بەلكى بىۋاستە ھالدا، مۇسەببەبنى (سەۋەب نەتىجىسىدە بولغان ئىشنى ياكى نەرسىنى) سەۋەب بىلەن بىرلىكتە يارىتىپ، ئىسىملىرىنىڭ جىلۋىسىنى ۋە ھىكمىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىنتىزامغا سېلىش ئارقىلىق، ھەمدە ئۇ نەتىجە ئۈچۈن كۆرۈنۈشتىكى بىر يېقىنلىق ۋە سىرتقى بىر سەۋەب تەيىنلەش ئارقىلىق سىرتقى جەھەتتە كەمچىلىك، مەرھەمەتسىزلىك ۋە نۇقسان بولۇپ كۆرۈلۈپ قالىدىغان ئىشلارغا ياكى نەرسىلەرگە مەنبە بولۇش ئۈچۈن، سەۋەب ۋە تەبىئەتنى قۇدرەت قولىغا پەردە قىلغاندۇر، ئىززىتىنى ئۇ سۈرەتتە مۇھاپىزەت قىلغاندۇر. ئەجەبا بىر سائەتچى بىر سائەتنىڭ چاقلىرىنى ياساپ، ئاندىن ئۇ سائەتنى ئۇ چاقلار ئارقىلىق قۇراشتۇرۇپ چىقسا ئاسانراقمۇ؟ ياكى بولمىسا ئۇ چاقلار ئارىسىدا مۇكەممەل بىر ماشىنىنى ئاۋۋال ياساپ، كېيىن سائەت چاقلىرىنىڭ قۇراشتۇرۇلىشىنى ئۇ ماشىنىنىڭ جانسىز قوللىرىغا ھاۋالە قىلسا ئاسانراقمۇ؟ ھەقىقەتەن بىر ئىمكانسىزلىق ئەمەسمۇ؟ قېنى، ئۇ ئىنساپسىز ئەقلىڭ بىلەن سەن ئېيتىپ باق… سەن تەتقىق قىلىپ كۆر! ۋە ياكى سىياھ، قەلەم، قەغەزلىرى بولغان بىر يازغۇچى، ئۇلار بىلەن ئۆزىلا كىتابىنى يازسا ئاسانراقمۇ؟ بولمىسا، ئۇ قەغەز، سىياھ، قەلەم ئارىسىدا، ئۇ كىتابقا قارىغاندا تېخىمۇ سەنئەتلىك، تېخىمۇ مۇشەققەتلىك ۋە پەقەتلا ئۇ كىتابقا خاس بىر يېزىق ماشىنىسى ئىجاد قىلىپ، كېيىن ئۆزى ئارىلاشماستىن، ئۇ ئەقىلسىز ماشىنىغا: «قېنى، سەن ياز!» دېسە ئاسانراق بولامدۇ؟ ئەجەبا يۈز قېتىم يېزىشتىنمۇ مۈشكۈل ئەمەسمۇ؟!
ئەگەر دېسەڭ: شۇنداق، بىر كىتابنى يازغان ئۇ ماشىنىنىڭ ياسىلىشى، ئۇ كىتابتىن يۈز ھەسسە مۈشكۈل بولىدۇ. لېكىن ئۇ ماشىنا، ئۇ كىتابنىڭ كۆپلىگەن نۇسخىلىرىنى يېزىشتا ۋاستە بولۇشى جەھەتتە بىر قولايلىق بولۇشى مۇمكىنغۇ؟
جاۋاب: نەققاشى ئەزەلى بولغان ﷲ چەكسىز قۇدرىتى بىلەن، ئىسىملىرىنىڭ چەكسىز جىلۋىلىرىنى ھەر ۋاقىت يېڭىلاش ۋە تۈرلۈك شەكىللەردە كۆرسىتىش ئۈچۈن، شەيئىلەرنىڭ ئۆزگىچىلىكلىرىنى ۋە خۇسۇسى سىيمالىرىنى شۇنداق بىر سۈرەتتە ياراتقانكى، جانابى ﷲنىڭ ھېچبىر سەمەدانىي ئەسىرى(مەخلۇقى) ۋە ھېچبىر رەببانىي كىتابى يەنە بىرىگە ئوخشاش ئەمەس. نېمىلا بولمىسۇن ئايرىم مەنىلەرنى ئىپادىلەش ئۈچۈن چوقۇم ئايرىم ۋە ئۆزگىچە سىيماسى بولىشى كېرەك. ئەگەر كۆزۈڭ بولسا ئىنسان سىيماسىغا (يۈزىگە) قارا! كۆرىسەنكى، ئادەم ئەلەيھىسسالام زامانىدىن ھازىرغا قەدەر، ھەتتا ئەبەدكە قەدەر، بۇ كىچىككىنە سىيمانىڭ ئاساسى ئەزالاردا بىردەكلىك بىلەن بىللە، بارلىق سىيمالارغا نىسبەتەن ئايرىم–ئايرىم ھالدا چوقۇم بەلگىلىك ئالامەتلىرى بار ئىكەنلىكى قەتئىي ئىسپاتلار بىلەن مەلۇمدۇر. يەنى، ھەربىر سىيما ئايرىم بىر كىتابتۇر. پەقەتلا ئۇنىڭغا خاس سەنئەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ئۈچۈن ئايرىم بىر يېزىق ئەسلىھەلىرى، ئايرىم بىر رەتكە سېلىش مەشغۇلىيىتى ۋە ئايرىم بىر «يازغۇچىلىق» ماھارىتى لازىم بولىدۇ. ماددىلىرىنى ھەم يىغىش، ھەم ئورۇنلاشتۇرۇش، شۇنداقلا جىسمىغا كېرەكلىك ھەر نەرسىنى دەل ئورنىغا قويۇش ئۈچۈن پۈتۈنلەي ئايرىم بىر ئىش ئورنى لازىم بولىدۇ. (شۇنداق، ئىمكانسىز بىر پەرەز بىلەن تەبىئەتكە بىر مەتبەئە نەزىرى بىلەن قاراپ بېقىۋاتىمىز.) بۇ مەتبەئەگە خاس بولغان رەتلەش ۋە بېسىش، يەنى مۇئەييەن بىر تەرتىپنى قېلىپقا قويۇشتىن باشقا، بۇ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشكە قارىغاندا، يۈز ھەسسە تېخىمۇ مۈشكۈل ۋۇجۇدقا كېلىدىغان بىر جانلىقنىڭ جىسمىغا كېرەكلىك ماددىلارنى ئالەمنىڭ ھەرتەرىپىدىن مەخسۇس بىر ئۆلچەم ۋە خاس بىر تەرتىپ بويىچە ياساش، كەلتۈرۈش ۋە مەتبەئە قولىغا بېرىش ئۈچۈن پەقەت يەنىلا شۇ مەتبەئەنى ئىجاد قىلغان قادىرى مۇتلەقنىڭ قۇدرەت ۋە ئىرادىسىگە ئېھتىياج بار. دېمەك، تەبىئەتنىڭ بۇنداق بىر مەتبەئە بولۇش ئېھتىمالى ۋە پەرىزى پۈتۈنلەي مەنىسىز بىر خۇراپىيلىقتۇر.
مانا بۇ سائەت ۋە كىتاب مىساللىرىدەك، سانىئى زۇلجالال بولغان ۋە ھەممىگە قادىر بولغان ﷲ سەۋەبلەرنى ياراتقان، نەتىجىنىمۇ ئۇ يارىتىدۇ. ھىكمىتى ئارقىلىق نەتىجىلەرنى سەۋەبكە باغلايدۇ. كائىنات ھەرىكەتلىرىنىڭ تەرتىپ تۈزىلىشىگە دائىر (ﷲنىڭ) مەۋجۇداتقا دائىر قانۇنلىرىدىن ئىبارەت بولغان ئالەمدىكى يارىتىلىش شەرىئەتلىرىنىڭ بىر جىلۋىسىنى، ھەمدە شەيئىلەردىكى ئۇ جىلۋىسى ئۈچۈن پەقەتلا بىر ئەكس ئەتتۈرگۈچى ئەينەكلىك رولىنى ئوينايدىغان شەيئىلەرنىڭ تەبىئىتىنى ئىرادىسى ئارقىلىق تەيىنلىگەندۇر ۋە ئۇ تەبىئەتنىڭ كۆرۈنىدىغان ماددى جەھەتىنى قۇدرىتى بىلەن ئىجاد قىلىپ، شەيئىلەرنى ئۇ تەبىئەت ئۈستىدە يارىتىپ، بىر –بىرىگە ماس ۋە زىچ ھالدا باغلىنىشلىق قىلىۋەتكەندۇر… مانا بۇ ئەقىلگە ناھايىتى مۇۋاپىق ۋە چەكسىز دەلىللەرنىڭ نەتىجىسى بولغان بۇ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىش ئاسانراقمۇ؟ (ئەجەبا زۆرۈرى دەرىجىدە شۇنداق بولىشى كېرەك ئەمەسمۇ؟) ياكى بولمىسا جانسىز، ئەقىلسىز، ياسالغان، ئاددىي، مەخلۇق بولغان ئۇ سەۋەب ۋە تەبىئەت دېگەن نەرسىلىرىڭلارغا، ھەربىر نەرسىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۈچۈن لازىملىق چەكسىز ئەشيالار ۋە قوراللارنى بېرىپ، ناھايىتى ھىكمەتلىك ۋە بەسىيرانە (كۆرۈلۈپ تۇرۇپ) ۋۇجۇدقا چىقىۋاتقان ئىشلارنى ئۇلارغا ئۆزلىكىدىن قىلدۇرۇش ئاسانراقمۇ؟ ئەجەبا چەكسىز دەرىجىدە ئەقىلدىن ئۇزاق ۋە ئىمكانىيەت سىرتىدا ئەمەسمۇ؟ سېنىڭ ئۇ ئىنساپسىز ئەقلىڭنىڭ ئىنساۋىغا ھاۋالە قىلىمىز.
دىنسىز ۋە تەبىئەتپەرەست مۇنداق دەيدۇ: ھەقىقەتەن مېنى بۇ قەدەر ئىنساپقا دەۋەت قىلدىڭ. مەنمۇ دەيمەنكى، ھازىرغىچە خاتا ماڭغان يولىمىزنىڭ ھەم يۈز ھەسسە ئىمكانسىز، ھەم بەكمۇ زىيانلىق، ھەم چەكسىز دەرىجىدە يىرگىنچلىك بىر مەسلەك ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدىم. ئاۋۋالقى تەتقىقاتلىرىڭىزدىن زەررە مىقدار ئەقلى بولغان چۈشىنىدۇكى، سەۋەبكە ۋە تەبىئەتكە يارىتىش قابىلىيىتى بېرىش چەكسىز دەرىجىدە ئىمكانسىزلىقتۇر، مۇمكىن ئەمەستۇر. ھەر نەرسىنى بىۋاستە ۋاجىبۇل ۋۇجۇد بولغان ﷲقا بېرىش ۋاجىپتۇر، زۆزۈردۇر. «ئەلھەمدۇلىللاھى ئەلەل ئىيمان» دەپ ئىمان ئېيتىمەن.
بىراق بىر شۈبھەم بار: ﷲنىڭ خالىق (ياراتقۇچى) ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلدىم. ئەمما بەزىبىر ئۇششاق سەۋەبلەرنىڭ ئەھمىيەتسىز نەرسىلەردە يارىتىش ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى ۋە ئازغىنە مەدھىيە، ماختاشلارغا ئىگە بولىشى ﷲنىڭ رۇبۇبىيەت سەلتەنىتى ئۈچۈن نېمە زىيىنى بار؟ سەلتەنىتىگە نۇقسان يېتەمدۇ؟
جاۋاب: بەزى رىسالىلەردە قەتئىي ئىسپات قىلغىنىمىزدەك، ھاكىمىيەتنىڭ خۇسۇسىيىتى ئارىلىشىۋېلىشنى رەت قىلىشتۇر. ھەتتا بىر ئاددى ھاكىم ياكى بىر ئەمەلدارمۇ ھاكىمىيەت دائىرىسىدە ئوغلىنىڭ ئارىلىشىۋېلىشىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ھەتتا ھاكىمىيەتكە ئارىلىشىۋېلىشىدىن گۇمان قىلىپ بەزى دىندار پادىشاھلارنىڭ خەلىپە تۇرۇپ مەسۇم ئەۋلاتلىرىنى زۇلۇم بىلەن ئۆلتۈرۈشى، بۇ «ئارىلىشىۋېلىشنى رەت قىلىش قانۇنىيىتى»نىڭ ھاكىمىيەتتە نەقەدەر مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىر ناھىيەدىكى ئىككى ھاكىمدىن تارتىپ، تا بىر مەملىكەتتىكى ئىككى پادىشاھقا قەدەر، ھاكىمىيەتتىكى مۇستەقىللىق كېرەك قىلغان «باشقۇرۇشتا شېرىكلىشىشنى مەنئى قىلىش قانۇنى» ئىنسانىيەت تارىخىدا ئاجايىب چوڭ دەھشىتى بىلەن تەسىرىنى كۆرسەتكەن. ھەقىقىي ھاكىمىيەتنىڭ ئاجىز ۋە ياردەمگە مۇھتاج ئىنسانلاردىكى بىر كۆلەڭگىسىنىڭ، بۇ خىل ئارىلىشىۋېلىشنى رەت قىلىشىنى، ھاكىمىيىتىدە بىللە باشقۇرۇشنى قوبۇل قىلماسلىقىنى، ھەمدە مۇستەقىللىق ئورنىنى قوغداش ئۈچۈن شىددەت بىلەن تېرىشىشلىرىنى كۆر. ئاندىن، مۇتلەق ھاكىمىيىتى رۇبۇبىيەت دەرىجىسىدە، مۇتلەق ئامىرىيىتى(ھۆكۈمرانلىقى) ئىلاھلىق دەرىجىسىدە، مۇتلەق مۇستەقىللىقى ئەھەدىيەت (بىرلىك) دەرىجىسىدە ۋە مۇتلەق ئېھتىياجسىزلىقى چەكسىز قادىرىيەت دەرىجىسىدە بولغان بۈيۈك ﷲ ئۈچۈن بۇ خىل ئارىلىشىۋېلىشنى رەت قىلىش، شېرىكلىشىشنى مەنئى قىلىش ۋە شېرىكنى قوبۇل قىلماسلىق مەسلىسى، ئۇ ھاكىمىيەتنىڭ نە قەدەر مۇھىم زۆرۈرىيىتى ۋە قەتئىي تەلىپى ئىكەنلىكىنى قىياس قىلالىساڭ قىل.
ئەمدى ئىككىنچى تۈرلۈك شۈبھەڭگە كەلسەك: بەزى سەۋەبلەر بەزى ئۇششاق نەرسىلەرنىڭ بەزىبىر ئىبادەتلىرىگە ئىبادەتتە يۆنىلىش نۇقتىسى بولسا، ئۇ مەبۇدى مۇتلەق بولغان ۋاجىبۇل ۋۇجۇدقا(ﷲقا) يۈزلەنگەن ئاتوملاردىن سەييارىلەرگە قەدەر پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ ئىبادەتلىرى ئازلاپ قالامتى؟ دەۋاتىسەن.
جاۋاب: شۇ كائىناتنىڭ چەكسىز ھىكمەت ئىگىسى بولغان ياراتقۇچىسى، كائىناتنى بىر دەرەخ ھۆكمىدە يارىتىپ ئۇنىڭ ئەڭ مۇكەممەل مېۋىسىنى ئەقىل ئىگىسى ۋە ئۇ ئەقىل ئىگىلىرىنىڭمۇ ئەڭ ئاساسلىق مېۋىسىنى ئىنسان قىلغاندۇر. ھەمدە ئىنساننىڭمۇ ئەڭ ئەھمىيەتلىك مېۋىسى بولغان شۈكۈر ۋە ئىبادەتنى ئۇنىڭ يارىتىلىش نەتىجىسى ۋە ھاياتىي غايىسى قىلغاندۇر. ئۇ ھاكىمى مۇتلەق ۋە مۇستەقىل ئەمىر قىلغۇچى بولغان ﷲ، ئۆزىنى سۆيدۈرۈش ۋە تونۇتۇش ئۈچۈن كائىناتنى ياراتقان ئۇ ۋاھىدى ئەھەد، پۈتۈن كائىناتنىڭ مېۋىسى بولغان ئىنساننى ۋە ئىنساننىڭ يۈكسەك مېۋىسى بولغان شۈكۈر ۋە ئىبادىتىنى باشقا قوللارغا بېرەمدۇ؟ بارلىق ھىكمىتىگە زىت ھالدا يارىتىلىش نەتىجىسىنى ۋە كائىنات مېۋىسىنى بىكار قىلىۋېتەمدۇ؟ ھاشا!… ھەمدە ھىكمىتى ۋە رۇبۇبىيىتىنى ئىنكار قىلدۇرىۋېتىدىغان بىر شەكىلدە مەخلۇقاتلىرىنىڭ ئىبادەتلىرىنى باشقىلارغا بېرىشكە رازى بولامدۇ؟ ۋە بۇنىڭغا رۇخسەت بېرەمدۇ؟ شۇنداقلا چەكسىز بىر دەرىجىدە ئۆزىنى سۆيدۈرۈش ۋە تونۇتۇشنى خالىغىنىنى پائالىيىتى بىلەن كۆرسىتىپ تۇرۇقلۇق، ئەڭ مۇكەممەل مەخلۇقاتىنىڭ شۈكۈر ۋە مىننەتدارلىقلىرىنى، مۇھەببەت ۋە ئىبادەتلىرىنى باشقا سەۋەبلەرگە بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئۇنۇتتۇرۇپ، كائىناتتىكى ئەڭ ئالى مەقسىتىنى ئىنكار قىلدۇرامدۇ؟ ئەي تەبىئەتپەرەسلىكتىن ۋاز كەچكەن دوست! قېنى سەن سۆزلەپ باق؟
ئۇ دەيدۇكى: ئەلھەمدۇلىللاھ، بۇ ئىككى شۈبھەم يېشىلىش بىلەن تەڭ، ﷲنىڭ بىرلىكى ۋە ھەقىقىي مەبۇد ئىكەنلىكىگە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بىرى ئىبادەتكە لايىق ئەمەسلىكىگە ئۇ قەدەر پارلاق ۋە قۇۋۋەتلىك دەلىل كۆرسەتتىڭكى، ئۇنى ئىنكار قىلىش، قۇياشنى ۋە كۈندۈزنى ئىنكار قىلغاندەك ھەقىقەتكە كۆز يۇمۇشتۇر.
خاتىمە
تەبىئەتپەرەستلىككە ئائىت كۇفۇر پىكىرلىرىنى تاشلاپ ئىمانغا كەلگەن زات مۇنداق دەيدۇ: ئەلھەمدۇلىللاھ، مېنىڭ شۈبھىلىرىم قالمىدى. بىراق قىزىقىۋاتقان بىر نەچچە سوئالىم بار:
بىرىنچى سوئال: كۆپلىگەن ھورۇنلارنىڭ ۋە نامازنى تەرك قىلغانلارنىڭ مۇنداق دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ قالىمىز: جانابى ﷲنىڭ بىزنىڭ ئىبادىتىمىزگە نېمە ئېھتىياجى باركى، قۇرئاندا ناھايىتى شىددەتلىك ۋە تەكرار–تەكرار ھالدا ئىبادەتنى تەرك قىلغانلارنى جەھەننەمدەك دەھشەتلىك بىر جازا بىلەن تەھدىت قىلىدۇ؟ ئەھمىيەتسىز كىچىككىنە بىر خاتالىققا بەكمۇ چوڭ شىددەتنى كۆرسىتىش، ئىپادىسى ئستىقامەتلىك، ھىكمەتلىك ۋە ئادالەتلىك بولغان قۇرئانغا قانداق ماس كېلىدۇ؟
جاۋاب: شۇنداق، جانابى ﷲ، سېنىڭ ئىبادىتىڭگىلا ئەمەس، بەلكى ھېچبىر نەرسىگە مۇھتاج ئەمەستۇر، لېكىن سەن ئىبادەتكە مۇھتاج. چۈنكى مەنىۋى جەھەتتىن كېسەلسەن ۋە بىچارىسەن. ئىبادىتىڭ بولسا، مەنىۋى يارىلىرىڭغا قۇتقازغۇچ دورا بولىدىغانلىقىنى كۆپ رىسالىلەردە ئىسپاتلىدۇق. ئەجەبا بىر كېسەل، پايدىلىق دورىلارنى ئۇنىڭغا ئىچكۈزۈش ئۈچۈن قايتا–قايتا جېكىلىگەن ناھايىتى شەپقەتلىك بىر دوختۇرغا: نېمە ئۈچۈن مۇنداق جېكىلەۋىرىسەن؟ سېنىڭ نېمە ئېھتىياجىڭ بار؟ دېسە نەقەدەر مەنىسىز بولىدىغانلىقىنى بىلىسەن.
ئەمدى قۇرئاننىڭ ئىبادەتنى تەرك قىلغانلارغا قارشى شىددەتلىك تەھدىتلىرى ۋە دەھشەتلىك جازالار ھەققىدە بەرگەن خەۋەرلىرىگە كەلسەك، مەسىلەن: بىر پادىشاھ ئۆز خەلقىنىڭ ھوقۇقىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن، ئاددى بىر كىشىنىڭ خەلق ھوقوقىغا زىيانلىق بولغان بىر جىنايىتى سەۋەبلىك شىددەتلىك جازاغا تارتىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، نامازنى ۋە ئىبادەتنى تەرك قىلغان كىشىمۇ ئەزەل ۋە ئەبەد سۇلتانى بولغان ﷲنىڭ خەلقى ھۆكمىدىكى مەۋجۇداتلارنىڭ ھوقۇقىغا چوڭ بىر دەپسەندىچىلىك ۋە مەنىۋى زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. چۈنكى، مەۋجۇداتلارنىڭ كامالەتلىرى، ئۇلارنىڭ تەسبىھ ۋە ئىبادەتلىرى ئارقىلىق سەنئەتكارى بولغان ﷲقا قارىغان جەھەتىدە كۆرۈنىدۇ. ئىبادەتنى تەرك قىلغان كىشى بولسا مەۋجۇداتلارنىڭ ئىبادىتىنى كۆرمەيدۇ ۋە كۆرەلمەيدۇ، ھەتتا ئىنكار قىلىدۇ. ئۇ ۋاقىت، ئىبادەت ۋە تەسبىھ جەھەتتە يۈكسەك ئورۇندا بولغان، ھەمدە ھەربىرى بىردىن مەنىدار ئىلاھىي مەكتۇپ ۋە بىردىن رەببانىي ئىسىملارنىڭ ئەكس ئەتتۈرگۈچى ئەينىكى بولغان مەۋجۇداتنى ئالى دەرىجىلىرىدىن چۈشۈرۈپ، ئەھمىيەتسىز، ۋەزىپىسىز، جانسىز، پەرىشان بىر ھالەتتە كۆرگەنلىكىدىن مەۋجۇداتنى پەس كۆرگەن، كامالەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلغان بولىدۇ.
شۇنداق، ھەركىم كائىناتنى ئۆز ئەينىكى بىلەن كۆرىدۇ. جانابى ﷲ ئىنساننى كائىناتتىكى مەۋجۇداتلار ئۈچۈن بىر سېلىشتۇرىلىدىغان ئۆلچەم قىلىپ ياراتقان. ھەر ئىنسان ئۈچۈن، بۇ ئالەمدىن خۇسۇسىي بىر ئالەم بېرىپ، ئۇ ئالەمنىڭ رەڭگىنى ئۇ ئىنساننىڭ قەلب ئېتىقادىغا قارىتا كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ناھايىتى مەيۈس ۋە ماتەملىك ھالدا يىغلىغان ئىنسان، مەۋجۇداتنى يىغلاۋاتقان ۋە مەيۈس سۈرەتتە كۆرىدۇ. ناھايىتى خۇشاللىق، خوشلۇق، سۆيۈنچ ۋە شاتلىقتىن كۈلگەن بىر ئادەم كائىناتنىمۇ ئۆزى بىلەن بىللە كۈلۈۋاتقاندەك خۇشال ھالەتتە كۆرىدۇ. شۇنىڭدەك، ھەقىقى بىر تەپەككۇر ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن تەسبىھ ۋە ئىبادەتكە بېرىلگەن ئادەم، مەۋجۇداتلارنىڭمۇ ھەقىقەتەن ئېنىق ۋە ئەمەلىي بولغان ئىبادەت ۋە تەسبىھلىرىنى چۈشىنىدۇ ۋە كۆرىدۇ. غەپلەت ياكى ئىنكار بىلەن ئىبادەتنى تەرك قىلغان ئادەم بولسا، مەۋجۇداتنى ھەقىقىي كامالىتىگە پۈتۈنلەي زىت ۋە مۇخالىپ بىر شەكىلدە كۆرۈپ، مەنىۋى جەھەتتىن ئۇلارنىڭ ھوقوقىغا تاجاۋۇز قىلغان بولىدۇ.
ھەمدە ئۇ نامازنى تەرك قىلغان كىشى ئۆزىگە ئۆزى مالىك (ئىگە) بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆز مالىكىنىڭ بىر قۇلى بولغان «ئۆزى»گە زۇلۇم قىلىدۇ. ئۇنىڭ مالىكى ئۇ قۇلىنىڭ ھەققىنى، ئۇنىڭ نەفسى ئەممارىسىدىن ئېلىش ئۈچۈن دەھشەتلىك بىر تەھدىت بىلەن قورقىتىدۇ.
شۇنداقلا، يارىتىلىش نەتىجىسى ۋە ھاياتىي غايىسى بولغان ئىبادەتنى تەرك قىلغانلىقتىن ئىلاھىي ھىكمەت ۋە رەببانىي ئىرادىگە قارشى ئىسيان قىلغان بولىدۇ ۋە جازاغا تارتىلىشى ھەق بولىدۇ.
دېمەك، ئىبادەتنى تەرك قىلغان ئادەم، ھەم ئۆزىگە زۇلۇم قىلىدۇ، (ئۆزى بولسا ﷲنىڭ قۇلى ۋە بەندىسىدۇر.) ھەم بۇ كائىناتتىكى شەيئىلەرنىڭ كامالەت ھوقۇقلىرىغا قارشى بىر دەخلى–تەئەررۇز ۋە زۇلۇم قىلىدۇ. شۇنداق، كۇفۇر مەۋجۇداتلارغا قارشى ھاقارەت بولغىنىدەك، ئىبادەتنى تەرك قىلىشمۇ كائىناتتىكى شەيئىلەرنىڭ كامالەتلىرىنى ئىنكار قىلىشتۇر. شۇنداقلا ئىلاھىي ھىكمەتكە قارشى بىر دەخلى–تەئەررۇز بولغانلىقتىن، دەھشەتلىك تەھدىتكە ۋە شىددەتلىك جازاغا لايىق بولىدۇ.
مانا شۇ ھوقۇق ۋە ھەقىقەتنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن، بايانى مۆجىزىلىك بولغان قۇرئاننىڭ، مۆجىزىۋى بىر سۈرەتتە ئۇ شىددەتلىك ئۇسۇلنى قوللىنىشى، بەكمۇ مۇۋاپىق ۋە مۇناسىپ ھالدا، بالاغەت ھەقىقەتلىرىدىن بولغان «ئەھۋالنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلۇق»قا دەل ئۇيغۇندۇر.
ئىككىنچى سوئال: تەبىئەتتىن ۋاز كەچكەن ۋە ئىمانغا كەلگەن زات دەيدۇكى:
ھەر مەۋجۇداتنىڭ ھەر جەھەتتە، ھەر ئىشىدا، ھەمدە ھەر نەرسىسىدە ۋە ھەر ھالىتىدە ئىلاھىي ئىرادە ۋە رەببانىي قۇدرەتكە بويسۇنۇشى بەكمۇ بۈيۈك ھەقىقەتتۇر. ئۇلۇغلىقى جەھەتتە تار زىھىنلىرىمىزگە سىغمايدۇ. ھالبۇكى، بىز بۇ ئالەمدە كۆرىۋاتقان بۇ چەكسىز دەرىجىدىكى كۆپلۈك ۋە بۇ شەيئىلەرنىڭ يارىتىلىشىدىكى چەكسىز ئوڭايلىق، ھەمدە يۇقۇرىقىدەك دەلىللىرىڭىز نەتىجىلىگەن تەۋھىد يولىدىكى شەيئىلەرنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىدا كۆرىنىدىغان چەكسىز دەرىجىدىكى ئاسانچىلىقلار، شۇنداقلا قۇرئان تىلى بىلەن بايان قىلىنغان
﴿مَا خَلْقُكُمْ وَلاَ بَعْثُكُمْ اِلاَّ كَنَفْسٍ وَاحِدَةٍ﴾(لوقمان: 28) ❁ ﴿وَمَا اَمْرُ السَّاعَةِ اِلاَّ كَلَمْحِ الْبَصَرِ اَوْ هُوَ اَقْرَبُ﴾(نەھل: 77) دەك ئايەتلەر بەكمۇ ئوچۇق تۈردە ئىپادىلىگەن چەكسىز دەرىجىدىكى ئوڭايلىقلار، ئۇ ئۇلۇغ ھەقىقەتنىڭ ئەڭ مەقبۇل ۋە ئەڭ ئۇيغۇن بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ قەدەر ئوڭايلىقلارنىڭ سىرى ۋە ھىكمىتى نېمە؟
جاۋاب: يىگىرمىنچى مەكتۇپنىڭ ئونىنچى كەلىمىسى بولغان ﴿وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ﴾******** بايانىدا، ئۇ سىر ئىنتايىن ئوچۇق، شۈبھىسىز ۋە قايىل قىلارلىق ھالدا بايان قىلىنغان. بولۇپمۇ ئۇ مەكتۇپنىڭ ئىلاۋەسىدە تېخىمۇ روشەن ئىسپات قىلىنغان. يەنى بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ يارىتىلىشى سانىئى ۋاھىد بولغان ﷲقا بېرىلسە، بىرلا بارلىقتەك ئوڭايلىشىدۇ. ئەگەر ۋاھىدى ئەھەد بولغان ﷲقا بېرىلمىسە، بىر مەخلۇقنىڭ يارىتىلىشى، پۈتكۈل مەۋجۇداتتەك مۈشكۇللىيشىدۇ، بىر ئۇرۇق بىر دەرەختەك قېيىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر ھەقىقىي سەنئەتكارىغا بېرىلسە، كائىنات بىر دەرەختەك، دەرەخ بىر ئۇرۇقتەك، جەننەت بىر باھاردەك ۋە باھار بىر گۈلدەك قولايلىشىدۇ، ئاسانلىق پەيدا قىلىدۇ. كۆزىمىز ئالدىدىكى چەكسىز قولايلىق بىلەن ۋۇجۇتقا كېلىۋاتقان مەۋجۇداتنىڭ ئىنتايىن مەبزۇلىيەتتە(كۆپ) ئىكەنلىكىنىڭ، شۇنداقلا چەكسىز مەخلۇقاتلارنىڭ ھەر قايسى تۈرىنىڭ سان جەھەتتە بەكمۇ كۆپ بولىشى بىلەن بىرگە تەرتىپلىك، سەنئەتلىك، قىممەتلىك بولغان ئۇ مەۋجۇداتنىڭ ناھايىتى تېز ۋە ئاسان ھالدا ۋۇجۇتقا كېلىشىنىڭ سىرلىرىنى بايان قىلغان ۋە ھىكمەتلىرىنى كۆرسەتكەن يۈزلىگەن دەلىللەر ئىچىدىن باشقا رىسالىلەردە يېزىلغان بىر ئىككىسىنى يىغىنچاق ھالدا ئىزاھلايمىز:
مەسىلەن: يۈز كىشى بىر قومانداننىڭ باشقۇرىلىشىغا بېرىلسە، بىر كىشىنىڭ يۈز قومانداننىڭ باشقۇرىلىشىغا بېرىلىشىدىن يۈز ھەسسە ئاسان بولىدۇ. پۈتۈن بىر ئارمىيىنىڭ ھەربىي قورال–ياراقلىرى ئەگەر بىر مەركەز، بىر قانۇن، بىر زاۋۇت ۋە بىر پادىشاھنىڭ ئەمرىگە بېرىلگەن ۋاقىتتا، بىر كىشىنىڭ قورال–يارىقىدەكلا ئوڭايلىشىدۇ. ھەربىر كىشىنىڭ قورال–يارىقىنىڭ تۈرلۈك مەركەزلەرگە، تۈرلۈك زاۋۇتلارغا، تۈرلۈك قوماندانلارغا بېرىلىشىمۇ، خۇددى بىر ئارمىيىنىڭ قورال–يارىقىدەك سان جەھەتتىن مۈشكۈل بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئەھۋالدا بىر كىشىنىڭ قورال–يارىقى ئۈچۈن، پۈتۈن ئارمىيىگە كېرەك بولغان زاۋۇتلارنىڭ بولىشى لازىم بولىدۇ.
ھەمدە بىر دەرەخنىڭ، ھاياتىي ماددىلىرى بىرلىك سىرى جەھەتتە، بىر يىلتىزدا، بىر مەركەزدە، بىر قانۇن بىلەن بېرىلگەنلىكتىن، مىڭلىغان مېۋە بەرگەن ئۇ دەرەخنىڭ يېتىلىشى بىر مېۋىدەكلا ئاسان بولىدىغانلىقى كۆرىنىپ تۇرىدۇ. ئەگەر بىرلىكنى تاشلاپ كۆپلۈككە كەتكەندە، ھەربىر مېۋىگە كېرەكلىك ماددىلار باشقا–باشقا يەردىن بېرىلسە، ھەربىر مېۋىنىڭ ئەي بولىشى بىر دەرەختەك مۈشكىلات پەيدا قىلىدۇ. بەلكى دەرەخنىڭ بىر ئۆرنىكى ۋە (خۇلاسىۋى) مۇندەرىجىسى ھۆكمىدە بولغان بىر دانە ئۇرۇقنىڭ پەيدا بولىشىمۇ ئۇ دەرەختەكلا قېيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ. چۈنكى بىر دەرەخنىڭ ھاياتىغا لازىم بولغان پۈتۈن ھاياتىي ماددىلار، بىر دانە ئۇرۇق ئۈچۈنمۇ لازىم بولىدۇ.
مانا شۇ مىسالدەك يۈزلىگەن مىساللار كۆرسىتىدۇكى، بىرلىكتە ناھايىتى ئاسان ۋۇجۇتقا كەلگەن مىڭلارچە مەۋجۇداتنىڭ يارىتىلىشى، شېرىكتىكى ياكى كۆپلۈكتىكى بىرلا نەرسىنىڭ يارىتىلىشىدىن تېخىمۇ ئوڭاي بولىدۇ. باشقا رىسالىلەردە بۇ ھەقىقەت ئىككى كەررە ئىككى تۆت دەرىجىسىدە ئىسپات قىلىنغانلىقتىن ئۇلارغا ھاۋالە قىلىپ، بۇ يەردە پەقەت ئىلىم، ئىلاھىي تەقدىر ۋە رەببانىي قۇدرەت نۇقتىئىنەزىرىدە بۇ ئوڭايلىقلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر سىرىنى بايان قىلىمىز. يەنى:
سەن بىر بارلىقسەن. ئەگەر قادىرى ئەزەلى بولغان ﷲقا ئۆزۈڭنىڭ يارىتىلىشىنى بەرسەڭ، بىر سەرەڭگە ياققانغا ئوخشاش يوقتىن بىر ئەمىر بىلەن ۋە چەكسىز قۇدرىتى بىلەن سېنى تېزلا يارىتىدۇ. ئەگەر يارىلىشىڭنى ئۇنىڭغا بەرمىسەڭ، بەلكى ماددى سەۋەبلەرگە ۋە تەبىئەتكە بەرسەڭ، ئۇ ۋاقىت، سەن كائىناتنىڭ مۇكەممەل خۇلاسىسى، مېۋىسى، ھەمدە كىچىك بىر پروگراممىسى ۋە مەزمۇنى بولغانلىقىڭدىن، سېنى ياساش ئۈچۈن كائىناتنى ۋە ئېلېمىنتلارنى يۇپقا ئەلگەك بىلەن تاسقاپ، سەزگۈر تارازىلار بىلەن ئالەمنىڭ ھەرقايسى تەرىپىدىن سېنىڭ تېنىڭدىكى ماددىلارنى يىغىش لازىم كېلىدۇ. چۈنكى ماددى سەۋەبلەر پەقەتلا يىغىدۇ، قۇراشتۇرىدۇ، ئۆزلىرىدە بولمىغاننى يوقتىن بار قىلالمايدىغانلىقى ھەر ئەقىل ئىگىسىگە مەلۇمدۇر. ئۇنداقتا، كىچىك بىر جانلىقنىڭ جىسمىنى ئالەمنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدىن يىغىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
مانا، بىرلىكتە ۋە تەۋھىدتە نەقەدەر ئوڭايلىق، ھەم شېرىك ۋە زالالەتتە نەقەدەر مۈشكىلاتلار بارلىقىنى چۈشەن!
ئىككىنچىدىن: ئىلىم جەھەتتىنمۇ چەكسىز ئاسانلىق بولىدۇ. يەنى، تەقدىر، ئىلىمنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ھەر نەرسىنىڭ مەنىۋى بولغان مەخسۇس قېلىپى ھۆكمىدىكى ئۆلچىمىنى لايىھەلەيدۇ. تەقدىرىي ئۆلچەم ئۇ نەرسىنىڭ بارلىققا چىقىشى ئۈچۈن بىر پىلان، بىر مودىل ھۆكمىدە بولىدۇ. قۇدرەت ئىجاد قىلغان ۋاقىتتا، ناھايىتى ئوڭايلىق بىلەن ئۇ تەقدىرىي ئۆلچەمگە قارىتا ئىجاد قىلىدۇ. ئەگەر ئۇ نەرسىنىڭ بارلىققا چىقىشى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەكسىز ۋە ئەزەلىي بىر ئىلىمنىڭ ئىگىسى بولغان قادىرى زۇلجالالغا بېرىلمىسە (يۇقىرىدا دېيىلگەندەك)، مىڭلىغان مۈشكىلات ئەمەس، يۈزلىگەن ئىمكانسىزلىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. چۈنكى ئۇ تەقدىرىي ۋە ئىلمىي ئۆلچەم بولمىسا، كىچىككىنە بىر ھايۋاننىڭ ياسىلىشى ئۈچۈن، مىڭلىغان سىرتقى ۋە ماددى قېلىپلارنىڭ قوللىنىلىشى لازىم بولىدۇ.
مانا شۇنداق، بىرلىكتە چەكسىز ئوڭايلىقنىڭ، زالالەتتە ۋە شېرىكتە چەكسىز مۈشكىلاتنىڭ بولىدىغانلىقىنىڭ سىرىنى بىل. ﴿وَمَا اَمْرُ السَّاعَةِ اِلاَّ كَلَمْحِ الْبَصَرِ اَوْ هُوَ اَقْرَبُ﴾ ئايىتىنىڭ نەقەدەر قىممەتلىك، توغرا ۋە يۈكسەك بىر ھەقىقەتنى ئىپادە قىلغىنىنى چۈشەن!
ئۈچىنچى سوئال: بۇرۇن دۈشمەن، ھازىر دوست بولغان ۋە ھىدايەتكە ئېرىشكەن كىشى دەيدۇكى: شۇ زاماندا ناھايىتى راۋاج تاپقان پەيلاسوپلار «يوقتىن ھېچ نەرسە بار بولمايدۇ ۋە ھېچ بىر بار نەرسە يوق بولمايدۇ. پەقەت بېرىكىش ۋە پارچىلىنىشلارلا كائىنات زاۋۇتىنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ» دېيىشىدۇ. بۇنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟
جاۋاب: مەۋجۇداتقا قۇرئان نۇرى بىلەن قارىمىغان پەيلاسوپلارنىڭ ئەڭ راۋاج تاپقانلىرى، تەبىئەت ۋە سەۋەبلەر ۋاسىتىسى ئارقىلىق بۇ مەۋجۇداتنىڭ شەكىللىنىشىنى ۋە پەيدا بولۇش مەسلىسىنى، يۇقىرىدا ئىسپاتلىغان ئۇسۇلدا، ئىمكانسىزلىق دەرىجسىدە مۈشكۈل كۆرگەنلىكىدىن ئىككى قىسىمغا ئايرىلدى.
بىر قىسمى سەۋفەستائى بولۇپ، ئىنسانىي سېزىملارنىڭ بىرى بولغان ئەقىلدىن ئىستىپا بېرىپ، ئەخمەق ھايۋانلاردىنمۇ تۆۋەن چۈشۈپ، بۇ ئالەمنىڭ بارلىقىنى ئىنكار، ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئىنكار قىلىشنى، زالالەت يولىدىكىدەك تەبىئەتنى ياراتقۇچى دەپ تونۇشقا قارىغاندا تېخىمۇ ئوڭاي ۋە ئۇيغۇن كۆرگەنلىكلىرىدىن ھەم ئۆزلىرىنى، ھەم كائىناتنى ئىنكار قىلىپ مۇتلەق جاھالەت پاتقىقىغا پېتىشقاندۇر.
ئىككىنچى گورۇھ بولسا: زالالەتتە، سەۋەب ۋە تەبىئەتنىڭ ياراتقۇچى بولۇش نۇقتىسىدا، بىر چىۋىن ۋە بىر ئۇرۇقنىڭ يارىتىلىشىدا چەكسىز مۈشكىلات بولىدىغانلىقى، ھەمدە ئەقىل تەسەۋۋۇر قىلالمىغۇدەك بىر ئىقتىدار لازىم بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، مەجبۇرى ھالدا «يارىتىش»نى ئىنكار قىلىدۇ. «يوقتىن بار بولمايدۇ» دەيدۇ. يوق قىلىشنىمۇ ئىمكانسىز كۆرۈپ «بار يوق بولمايدۇ» دەپ ھۆكۈم قىلىشىدۇ. پەقەتلا ئاتوملارنىڭ ھەرىكىتى ۋە تاسادىپى «شاماللار» نەتىجىسىدىكى بېرىكىش ۋە پارچىلىنىش، ھەمدە تارقالماق ۋە توپلانماق دەپ ئاساسسىز خىياللارنى قىلىدۇ.
مانا كەل، ئەخمەقلىقنىڭ ۋە جاھالەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسىدىكى، بىراق ئۆزىنى ئەقىل جەھەتتە ئەڭ ئۈستۈن دەپ چاغلىغان ئادەملەرنى كۆر ۋە زالالەتنىڭ ئىنساننى نەقەدەر مەسخىرىگە قالدۇرىدىغانلىقىنى ۋە تولىمۇ پەس ۋە دۆت قىلىدىغانلىقىنى بىل، ئىبرەت ئال!
ئەجەبا ھەر يىلدا ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۆت يۈز مىڭ تۈرىنى تېزلا يەر يۈزىدە ئىجاد قىلغان، ئاسمان ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتقان ۋە ھەر باھاردا، ئالتە ھەپتىدە كائىناتتىنمۇ سەنئەتلىك، ھىكمەتلىك، جانلىق بىر كائىناتنى قۇرۇپ چىققان ئەزەلى بىر قۇدرەتكە كۆز يۇمۇپ، ئىلىم دائىرىسىدە لايىھەلىرى، ئۆلچەملىرى بەلگىلەنگەن ئىلمىي تۈردىكى مەۋجۇداتلارنى (كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان بىر رەڭ بىلەن يېزىلغان كۆرۈنمىگەن بىر خەتنى، بىر ماددىنى سۈرۈش بىلەنلا كۆرسەتكەنگە ئوخشاش) ناھايىتى ئوڭاي ھالدا، سىرتقى جەھەتتە بارلىقى بولمىغان ﷲنىڭ ئىلمىدىكى مەۋجۇداتقا سىرتقى «بارلىق» ھالىتى بېرىشنى ئۇ ئەزەلى قۇدرەتتىن ئۇزاق كۆرۈش ۋە يارىتىشنى ئىنكار قىلىش، ئاۋۋالقى گورۇھ بولغان سەۋفەستائىلەردىنمۇ ئەخمىقانىلىق ۋە جاھالەتتۇر. بۇ بەدبەختلەر بەكمۇ ئاجىز بولغانلىقتىن پەقەتلا جۈزئى ئىختىيارىدىن باشقا قوللىرىدا ھېچ نەرسىنىڭ بولمىغانلىقى، فىرئەۋنلاشقان ئۆز نەفىسلىرى ھېچ بىر نەرسىنى يوقىتالمىغان ھەم يوقىتىۋېتەلمىگەنلىكى ۋە بىر دانە ئاتومنى ياكى بىر ماددىنى يوقتىن ئىجاد قىلالمىغانلىقلىرى، شۇنداقلا ئىشەنچ باغلاۋاتقان سەۋەب ۋە تەبىئەتلىرىنىڭمۇ قوللىرىدىن يوقتىن بار قىلىشنىڭ كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئەخمەقلەرچە «يوقتىن بار بولمايدۇ، بار يوق بولمايدۇ» دەپ، بۇ باتىل ۋە خاتا قائىدىسىگە، قادىرى مۇتلەق بولغان ﷲنىمۇ تەتبىقلىغۇسى كېلىدۇ.
شۇنداق، قادىرى زۇلجالال بولغان ﷲنىڭ ئىككى شەكىلدىكى ئىجادىيىتى، يارىتىشى بار.
بىرى: ئىختىرا ۋە ئىبدا بىلەن. يەنى يوقتىن بار قىلىدۇ ۋە ئۇ بارلىققا لازىم بولغان نەرسىنىمۇ يوقتىن ئىجاد قىلىپ بېرىدۇ.
يەنە بىرى: ئىنشا ۋە سەنئەت بىلەن. يەنى، ھىكمىتىنى ۋە نۇرغۇنلىغان ئىسىملىرىنىڭ جىلۋىلىرىنى كۆرسىتىشتەك ھىكمەتلەر ئۈچۈن، كائىنات ئېلېمىنتلىرىدىن بىر قىسىم مەۋجۇداتنى قۇرۇپ چىقىدۇ، ئۆز ئەمرىگە بويسۇنغان بارلىق ئاتوملارنى ۋە ماددىلارنى رىزىق بېرىش قانۇنى بىلەن ئۇلارغا ئەۋەتىپ ئۇ يەردە خىزمەت قىلدۇرىدۇ. شۇنداق، قادىرى مۇتلەقنىڭ ئىككى شەكىلدە: ھەم ئىبدا، ھەم ئىنشا شەكلىدە ئىجادىيىتى بار. بارنى يوق قىلىش ۋە يوقنى بار قىلىش ئەڭ قولاي، ئەڭ يىنىك، بەلكى دائىملىق ئومۇمىي بىر قانۇنىدۇر. ھەربىر باھاردا ئۈچ يۈز مىڭ تۈرلۈك جانلىق مەخلۇقاتلارنىڭ شەكىللىرىنى، سۈپەتلىرىنى، بەلكى زەررىلىرىدىن باشقا بارلىق ئەھۋاللىرىنى يوقتىن بار قىلغان بىر قۇدرەتكە قارشى «يوقنى بار قىلالمايدۇ» دېگەن ئادەم يوق بولىشى كېرەك!
تەبىئەتنى تاشلاپ ھەقىقەتكە ئۆتكەن زات دەيدۇكى: ﷲقا زەررىلەر سانىچە شۈكۈر ۋە ھەمدۇ–سانا ئېيتىمەنكى، تولۇق ئىماننى قازاندىم، گۇمان ۋە زالالەتلەردىن قۇتۇلدۇم ۋە ھېچ شۈبھەم قالمىدى.
اَلْحَمْدُ لِلّهِ عَلَى دِينِ اْلاِسْلاَمِ وَ كَمَالِ اْلاِيمَانِ
﴿سُبْحَانَكَ لاَ عِلْمَ لَنَا اِلاَّ مَا عَلَّمْتَنَا اِنَّكَ اَنْتَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ﴾
* * *
————————————————————-
*(ھاشىيە): بۇرىسالىنىڭ يېزىلىش سەۋەبى، بەكمۇ ھەددىدىن ئېشىپ ۋە ناھايىتى يىرگىنچلىك بىر يول بىلەن «ئىمانى ھەقىقەتلەر »نى پەس كۆرۈپ، بۇزۇق ئەقلى يېتىشمىگەن نەرسىنى خۇراپىي دەپ، دىنسىزلىكنى تەبىئەتكە باغلاپ، «قۇرئان»غا ھۇجۇم قىلغانلىقىدىندۇر. بۇ ھۇجۇم بولسا بىزدە شىددەتلىك بىر غەزەپنى قوزغىدىكى، ئۇ ئاتېئىستلار ۋە ھەقتىن يۈز ئۆرۈگەن باتىل يول تۇتقانلارغا دەھشەتلىك ۋە ئېغىر كاچاتلارنى يېگۈزدى. ھالبۇكى نۇر رىسالىلىرىنىڭ مەسلىكى يۇمشاق، نازاكەتلىك ۋە سىپايىلىقنى ئاساس تۇتىدۇ.
**ئىستىفھامى ئىنكارى: مەنپى جەھەتتىن سوئال سورىماق (مەسىلەن: «بولمايدۇ» دېگەن بىرىسىگە قارىتا «بولامدۇ؟» دەپ سوراشقا ئوخشاش.) –ت
*** سەۋفەستائىي: ﷲنى قوبۇل قىلماسلىق ئۈچۈن، ھەممە نەرسىنىڭ، ھەتتا ئۆزىنىڭمۇ بار ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدىغان كاپىرلار.-ت
****شەمسى ئەزەلىي: بىر ۋە ئەزەلدىن بار بولغان قۇياش. بارلىقى دائىمى بولۇپ، ھەر نەرسىنى نۇرلاندۇرغان ﷲ ھەققىدە ئوخشىتىلىپ سۆزلەنگەن تەبىردۇر.-ت
*****رۇبۇبىيەت: «رەب»لىك. جانابى ھەقنىڭ ھەر ۋاقىت، ھەريەردە، ھەر مەخلۇقنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش، ئۇنى نىمەتلەر بىلەن تەمىنلەش، ئۆستۈرۈش، باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش سۈپىتى.-ت
****** شۇنداق، ئەگەر ئۇ باغلىنىش بولسا، ئۇ ئۇرۇق ئىلاھى تەقدىردىن بىر ئەمىر ئالىدۇ ۋە ھەيران قالارلىق نەتىجىلەرنى كۆرسىتەلەيدۇ. ئەگەر ئۇ باغلىنىش كېسىلسە، ئۇ ئۇرۇقنىڭ يارىتىلىشى، چوڭ قارىغاي دەرىخىنىڭ يارىتىلىشىدىن تېخىمۇ مۇرەككەپ بولغان تۈزۈلمە، ئىقتىدار ۋە سەنئەتنى كېرەك قىلىدۇ. چۈنكى تاغدىكى قۇدرەت ئەسىرى بولغان مۇجەسسەم قارىغاي دەرىخى، پۈتۈن ئەزالىرى ۋە تۈزۈلمىلىرى بىلەن بىرگە، ئۇ ئۇرۇقتىكى (تەقدىر ئەسىرى بولغان) مەنىۋى دەرەختە مەۋجۇت بولىشى لازىم بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ چوڭ دەرەخنىڭ زاۋۇتى ئۇ ئۇرۇقتۇر. ئىچىدىكى تەقدىرىي دەرەخ قۇدرەت بىلەن سىرتتا ۋۇجۇتقا كېلىپ، جىسمانى قارىغاي دەرىخى بولىدۇ.
******* رەببانىي: ﷲنىڭ «رەب» ئىسمىغا ئائىت بولغان.-ت
******** سانىئى زۇلجالال: ئۇلۇغ ياراتقۇچى، مۇقەددەس سەنئەتكار.-ت
********* مەبۇدى ئەزەلى: ئەزەلدىن بار بولغان، چوقۇنۇشقا، ئىبادەت قىلىشقا لايىق ھەقىقىي ئىلاھ (ﷲ).-ت
********** ئېتىبارىي: ھەقىقىي بارلىقى يوق، بىراق بار سانىلىدىغان.-ت
************«ئۇ (ﷲ) ھەممە نەرسىگە قادىردۇر.»-ت