تەنقىد قىلماسلىق

تەنقىد قىلماسلىق

ئىككىنچى دەستۇر:

  بۇ قۇرئان خىزمىتىدىكى قېرىنداشلىرىڭلارنى تەنقىد قىلماسلىق، پەزىلەتپۇرۇشلۇق بىلەن (باشقىلاردىن ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتۇپ)، ئۇلارنىڭ قىزغىنىش ھېسسىنى قوزغىماسلىق. چۈنكى، مىسال، ئىنساننىڭ بىر قولى يەنە بىر قولى بىلەن رىقابەتلەشمەيدۇ، بىر كۆزى يەنە بىر كۆزىنى تەنقىد قىلمايدۇ، تىلى قۇلىقىغا ئېتىراز قىلمايدۇ، قەلب روھنىڭ ئەيىبىنى كۆرمەيدۇ. بەلكى بىربىرىنىڭ كەمچىلىكىنى تولۇقلايدۇ، قۇسۇرىنى ياپىدۇ، ئېھتىياجىغا ياردەم قىلىدۇ، ۋەزىپىسىگە مەدەت بىرىدۇ. بولمىسا، ئۇ ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ ھاياتى ئۆچىدۇ، روھى قاچىدۇ، جىسمىمۇ تاراپ كېتىدۇ. ياكى ئالايلۇق، بىر فابرىكىنىڭ چاقلىرى بىربىرى بىلەن رىقابەتكارانە تىركەشمەيدۇ. بىربىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتىۋېلىپ ھۆكۈمرانلىق قىلمايدۇ، بىربىرىنىڭ قۇسۇرىنى كۆرۈپ تەنقىد قىلىپ ھەرىكىتىدىكى قىزغىنلىقىنى سوۋۇتۇپ توختىتىپ قويمايدۇ. بەلكى پۈتۈن قابىلىيىتى بىلەن ھەرىكەتلىرىنىڭ ئورتاق مەقسەتكە يۈزلىنىشىگە ئۆزئارا ياردەم قىلىشىدۇ. ھەقىقىي بىر بىرلىك ۋە ئىتتىپاق بىلەن يارىتىلىش غايىلىرى ئۈچۈن مېڭىشىدۇ. ئەگەر زەررە مىقدار بىر دەخلەتەئەررۇز ياكى ھۆكۈمرانلىق ئارىلاشسا ئۇ فابرىكىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ، نەتىجىسىز، ئۈنۈمسىز قالدۇرۇپ قويىدۇ. ئۇ فابرىكا ئىگىسىمۇ ئۇ فابرىكىنى بۇزۇپ تاشلىۋېتىدۇ.

  ئەي رىسالەئى نۇر تالىپلىرى ۋە قۇرئان خىزمەتكارلىرى! سىزلەر ۋە بىزلەر شۇنداق بىر كامىل ئىنسان ئىسمىغا لايىق بىر مەنىۋى شەخسنىڭ ئەزالىرىمىزۋە ئەبەدىي ھايات ئىچىدىكى ئەبەدىي سائادەتنى نەتىجىلەندۈرىدىغان بىر فابرىكىنىڭ چاقلىرى ھۆكمىدىمىزھەمدە ساھىلى سالامەت بولغان دارۇسسالامغا (جەننەتكە) ئۈممەتى مۇھەممەدىيەنى (ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام) چىقارغان بىر ئىلاھىي كېمىدە ئىشلەيدىغان خادىملارمىز. ئەلۋەتتە تۆت كىشىدىن بىر مىڭ بىر يۈز ئون بىر مەنىۋى قۇۋۋەتنى تەمىن قىلىدىغان ئىخلاس سىرىنى قازىنىش بىلەن ھەقىقىي تايىنىشىش ۋە بىرلىشىشكە مۇھتاج ۋە مەجبۇرمىز. شۇنداق، ئۈچ ئەلىف(ا) بىرلەشمىسە قىممىتى ئۈچ بولىدۇ. رەقەم ھالىتىدە بىرلەشسە يۈز ئون بىر قىممەتكە ئىگە بولىدۇ. تۆت يەردە تۆت ئايرىمئايرىم بولسا قىممىتى ئون ئالتە بولىدۇ. ئەگەر قېرىنداشلىق سىرى، بىر مەقسەت ۋە ئورتاق ۋەزىپە بىلەن ماسلىشىپ بىر سىزىق ئۈستىدە مۈرىنى مۈرىگە تىرىسە، ئۇ ۋاقىت تۆت مىڭ تۆت يۈز قىرىق تۆت قۇۋۋىتىدە ۋە قىممىتىدە بولىدۇ. شۇنىڭدەكلا ھەقىقىي ئىخلاس سىرى بىلەن ئون ئالتە پىداكار قېرىنداشنىڭ مەنىۋى قۇۋۋىتى ۋە قىممىتى تۆت مىڭدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىغا بەكمۇ كۆپ تارىخى ئەمىلىيەتلەر شاھىتتۇر.

  بۇ سىرنىڭ سىرى شۇدۇركى، ھەقىقىي ۋە سەمىمىي بىر ئىتتىپاقلىقتا ھەربىر شەخس باشقا قېرىنداشلىرىنىڭ كۆزى بىلەنمۇ قارىيالايدۇ، قۇلاقلىرى بىلەنمۇ ئاڭلىيالايدۇ. خۇددى ھەقىقىي شەكىلدە بىرلەشكەن ئون ئادەمنىڭ ھەربىرى يىگىرمە كۆز بىلەن قاراۋاتقاندەك، ئون ئەقىل بىلەن ئويلاۋاتقاندەك، يىگىرمە قۇلاق بىلەن ئاڭلاۋاتقاندەك، يىگىرمە قول بىلەن ئىشلەۋاتقاندەك دەرىجىدە مەنىۋى قىممىتى ۋە قۇۋۋىتى بولىدۇ. (ھاشىيە)*

———————————————

*ھاشىيە: شۇنداق، ئىخلاس سىرى بىلەن سەمىمىي تايىنىشىش ۋە بىرلىشىش، چەكسىز مەنپەئەتلەرگە سەۋەب بولغىنىدەك، قورقۇنچلارغا، ھەتتا ئۆلۇمگە قارشىمۇ ئەڭ مۇھىم بىر قورغان، بىر تايىنىش نۇقتىسىدۇر. چۇنكى، ئۆلۈم كەلسە بىر روھنى ئالىدۇ. ھەقىقىي قېرىنداشلىق سىرى بىلەن، ﷲنىڭ رىزاسى يولىدا ئاخىرەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا قېرىنداشلىرى سانىچە روھلىرى بولغاچقا، بىرى ئۆلسە «باشقا روھلىرىم ساق قالسۇن، چۇنكى ئۇ روھلار ھەر ۋاقىت ساۋابلارنى ماڭا قازاندۇرۇش بىلەن مەنىۋى بىر ھاياتىمنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقتىن مەن ئۆلمەيمەن» دەپ، ئۆلۈمنى خۇشال ھالدا قارشى ئالىدۇ ۋە «ئۇ روھلار ۋاستىسى بىلەن ساۋاب جەھەتتە ياشاۋاتىمەن، پەقەت گۇناھ جەھەتتىلا ئۆلدۇم» دەيدۇ، راھەت بىلەن ياتىدۇ.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.