سۈرە فەتھنىڭ ئاخىرىدىكى ئايەتنىڭ يەتتە تۈرلۈك غەيبى خەۋەرلىرىگە دائىردۇر

سۈرە فەتھنىڭ ئاخىرىدىكى ئايەتنىڭ يەتتە تۈرلۈك غەيبى خەۋەرلىرىگە دائىردۇر

يەتتىنچى لەمئا

سۈرە فەتھنىڭ ئاخىرىدىكى ئايەتنىڭ يەتتە تۈرلۈك غەيبى خەۋەرلىرىگە دائىردۇر.

بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ

﴿لَقَدْ صَدَقَ اللّٰهُ رَسُولَهُ الرُّؤْيَا بِالْحَقِّ لَتَدْخُلُنَّ الْمَسْجِدَ الْحَرَامَ اِنْ شَاءَ اللّٰهُ آمِنِينَ مُحَلِّقِينَ رُؤُسَكُمْ وَ هُوَ الَّذِى اَرْسَلَ رَسُولَهُ بِالْهُدَى وَدِينِ الْحَقِّ لِيُظْهِرَهُ عَلَى الدِّينِ كُلِّهِ وَ كَفَى بِاللّٰهِ شَهِيدًا مُحَمَّدٌ رَسُولُ اللّٰهِ وَالَّذِينَ مَعَهُ اَشِدَّاءُ عَلَى الْكُفَّارِ رُحَمَاءُ بَيْنَهُمْ تَرَيهُمْ رُكَّعًا سُجَّدًا يَبْتَغُونَ فَضْلاً مِنَ اللّٰهِ وَ رِضْوَانًا سِيمَاهُمْ فِى وُجُوهِهِمْ مِنْ اَثَرِ السُّجُودِ ذلِكَ مَثَلُهُمْ فِى التَّوْرَيةِ وَ مَثَلُهُمْ فِى اْلاِنْجِيلِ كَزَرْعٍ اَخْرَجَ شَطْاَهُ فَآزَرَهُ فَاسْتَغْلَظَ فَاسْتَوَى عَلَى سُوقِهِ يُعْجِبُ الزُّرَّاعَ لِيَغِيظَ بِهِمُ الْكُفَّارَ وَعَدَ اللّٰهُ الَّذِينَ آمَنُوا وَ عَمِلُوا الصَّالِحَاتِ مِنْهُمْ مَغْفِرَةً وَ اَجْرًا عَظِيمًا﴾

(فەتھ:27-29)

سۈرە فەتىھنىڭ بۇ ئۈچ ئايىتىنىڭ نۇرغۇنلىغان مۆجىزىلىك تەرەپلىرى باردۇر. قۇرئانى مۆجىزۇلباياننىڭ مۆجىزىلىك ئون ئومۇمىي جەھەتىدىن غەيبتىن خەۋەر بېرىش جەھەتى، شۇ ئۈچ ئايەتتە يەتتەسەككىز جەھەتتە كۆرىنىدۇ.

  بىرىنچىسى: ﴿لَقَدْ صَدَقَ اللّٰهُ رَسُولَهُ الرُّؤْيَا﴾ (ئاخىرىغىچە…) مەككىنىڭ فەتھىسىنى(مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا ئۆتۈشىنى) مەيدانغا كېلىشتىن بۇرۇن قەتئىييەن خەۋەر بېرىدۇ، ئىككى يىلدىن كېيىن خەۋەر بېرىلگەن شەكىلدە يۈز بەرگەندۇر.

  ئىككىنچىسى: ﴿فَجَعَلَ مِنْ دُونِ ذلِكَ فَتْحًا قَرِيبًا ﴾ كالامى ئىپادە قىلىدۇ ۋە خەۋەر بېرىدۇكى: «ھۇدەيبىيە سۈلھىسى، گەرچە كۆرۈنۈشتە ئىسلامنىڭ زىيىنىغا (ئىززىتىگە زىت شەكىلدە) تۈزۈلۈپ، قۇرەيشىيلەر بىرئاز غالىب كۆرۈنگەندەك بولسىمۇ، ھەقىقەتتە بۇ سۈلھى مەنىۋى، بۈيۈك بىر فەتىھ ھۆكمىدە بولىدۇ ۋە باشقا فەتىھلەرنىڭمۇ ئاچقۇچى بولىدۇدەپ بەرگەن. دەرۋەقە، ھۇدەيبىيە سۈلھىسى بىلەن گەرچە ماددى قىلىچ ۋاقتىنچە غىلىپىغا سېلىندى. بىراق قۇرئاننىڭ چاقماقتەك ئالماس قىلىچى چىقتى، قەلبلەرنى، ئەقىللەرنى فەتىھ قىلدى(ئىگىلىدى). سۈلھى مۇناسىۋىتى بىلەن بىربىرلىرى بىلەن بېرىشكېلىش قىلىشتى. ئىسلامنىڭ گۈزەللىكلىرى ۋە قۇرئاننىڭ نۇرلىرى قەبىلىۋازلىق جاھىللىقىنى ۋە مۇتەئەسسىپلىكىنى يىرتىپ ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلدى. مەسىلەن: بىر ئۇرۇش داھىيسى بولغان خالىد بىن ۋەلىد ۋە بىر سىياسەت داھىيسى بولغان ئەمر ئىبنۇل ئاسقا ئوخشاش مەغلۇبىيەتنى قوبۇل قىلمىغان زاتلار، ھۇدەيبىيە سۈلھىسى بىلەن جىلۋىسىنى كۆرسەتكەن قۇرئاننىڭ قىلىچى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، مەدىنەئى مۇنەۋۋەرەگە ھەقىقىي بىر ئىتائەت بىلەن بېرىپ ئىسلامىيەتكە تامامەن تەسلىم بولۇشتى. كېيىن ھەزرىتى خالىد بىر «سەيفۇللاھ»(ﷲنىڭ قىلىچى) شەكلىگە كىردى ۋە ئىسلام فەتىھلىرىنىڭ بىر قىلىچى بولدى.

  مۇھىم بىر سوئال: فەخرۇلئالەمىين ۋە ھەبىبى رەببۇلئالەمىين بولغان ھەزرىتى رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭ مۇشرىكلەرگە قارشى ئۇھۇد غازىتىنىڭ ئاخىرىدىكى ۋە ھۈنەين غازىتىنىڭ بېشىدىكى مەغلۇبىيىتىنىڭ ھىكمىتى نېمىدۇر؟

  جاۋاب: مۇشرىكلەر ئىچىدە، ئۇ چاغدا مۇسۇلمانلار سېپىدە بولغان ساھابىلەرنىڭ بۈيۈكلىرىگە ئىستىقبالدا(كېلەچەكتە) تەڭداش كېلەلەيدىغان ھەزرىتى خالىدتەك نۇرغۇن زاتلار بولغانلىقى ئۈچۈن، شانلىق ۋە شەرەپلىك بولغان ئىستىقباللىرى نوقتىئىنەزىرىدە ئۇلارنىڭ ئىززەتلىرىنى پۈتۈنلەي سۇندۇرماسلىق ئۈچۈن، ﷲنىڭ ھىكمىتى، ئۇلارنىڭ ئىستىقبالدىكى ياخشىلىقلىرىنىڭ ئالدىن بېرىلگەن بىر مۇكاپاتى سۈپىتىدە، ئۆتكەن زاماندا غالىبىيەتنى ئۇلارغا بەرگەن. ئىززەتلىرىنى پۈتۈنلەي سۇندۇرمىغان. دېمەك، بۇرۇنقى ساھابىلەر كېيىنكى(ئىستىقبالدىكى) ساھابىلەرگە قارشى مەغلۇپ بولغان. شۇندىلا ئۇ كېلەچەكتىكى ساھابىلەر قىلىچ قۇرقۇنچى بىلەن ئەمەس، بەلكى ھەقىقەت نۇرىنىڭ جەزبىسى بىلەن ئىسلامىيەتكە كىرەتتى ۋە ئۇ فىترىي(تەبىئىي) قەھرىمانلىقلىرى بەك خورلۇق تارتمايتتى.

  ئۈچىنچىسى: ﴿لاَ تَخَافُونَ ﴾ كالامى بىلەن خەۋەر قىلىدۇكى: «سىلەر مۇتلەق ئامانلىق ئىچىدە كەبىنى تاۋاپ قىلىسىلەر». ھالبۇكى ئۇ ۋاقىتتا ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى بەدەۋى قەۋملەرنىڭ كۆپى دۈشمەن بولۇش بىلەن بىللە، مەككە ئەتراپى ۋە قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ كۆپ قىسمى ھەم دۈشمەن تۇرسىمۇ، «يېقىن بىر زاماندا ھىچ خەۋپ ھېس قىلماستىن كەبىنى تاۋاپ قىلىسىلەر» دەپ خەۋەر بېرىپ، ئەرەب يېرىم ئارىلى ئىتائەت ئاستىغا ۋە پۈتۈن قۇرەيش خەلقىنىڭ ئىسلامىيەت دائىرىسى ئىچىگە ئېلىنىدىغانلىقىغا، ھەمدە تامامەن ئاسايىشلىق تەمىن قىلىنىدىغانلىقىغا دالالەت قىلغاندۇر. ئەينەن خەۋەر بېرىلگىنىدەك چىققاندۇر.

  تۆتىنچىسى: ﴿هُوَ الَّذِى اَرْسَلَ رَسُولَهُ بِالْهُدَى وَ دِينِ الْحَقِّ لِيُظْهِرَهُ عَلَى الدِّينِ كُلِّهِ ﴾ ناھايىتى كەسكىنلىك بىلەن خەۋەر قىلىپ دەيدۇكى: «رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام كەلتۈرگەن دىن، بارلىق دىنلارغا غالىپ كېلىدۇ». ھالبۇكى ئۇ زاماندا يۈزلەرچە مىليون ئەگەشكۈچىلىرى بولغان خرىستىيان، يەھۇدى ۋە مەجۇسىي دىنلىرى؛ ۋە ئۇ دىنلار رىم، چىن(جۇڭگو) ۋە ئىران ھۆكۈمىتىدەك يۈزلەرچە مىليون پۇقرالىرى بولغان جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت دىنى تونۇلىدىغان تۇرۇقلۇق، ئۆزىنىڭ كىچىك قەبىلىسىگە قارشى تامامەن غەلىبە قىلىپ بولالمىغان بىر ۋەزىيەتتىكى مۇھەممەدى ئەرەبى ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام كەلتۈرگەن دىننىڭ بارلىق دىنلارغا غالىپ بولىدىغانلىقىنى ۋە پۈتكۈل دۆلەتلەر ئۈستىدىن غەلىبە قازىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ. ھەم ناھايىتى ئېنىق ۋە قەتئىي شەكىلدە خەۋەر قىلىدۇ. ئىستىقبال، ئۇ غەيبىي خەۋەرنى ئىسلام قىلىچىنىڭ تىنچ ئوكياندىن ئاتلانتىك ئوكيانغىچە ئۇزىرىشى بىلەن تەستىق قىلغاندۇر.

  بەشىنچىسى: ﴿مُحَمَّدٌ رَسُولُ اللّٰهِ وَالَّذِينَ مَعَهُ اَشِدَّاءُ عَلَى الْكُفَّارِ رُحَمَاءُ بَيْنَهُمْ تَرَيهُمْ رُكَّعًا سُجَّدًا﴾ (ئاخىرىغىچە…) شۇ ئايەتنىڭ بېشى، ساھابىلەرنىڭ پەيغەمبەرلەردىن كېيىن ئىنسانىيەت ئىچىدە ئەڭ ئۈستۈن سانىلىشىغا سەۋەب بولغان گۈزەل ئەخلاقلىرى ۋە يۈكسەك پەزىلەتلىرىنى خەۋەر بېرىپ؛ ئوچۇق مەنىسى بىلەن، ساھابىلەر تەبىقىسىنىڭ ئىستىقبالدا ئىگە بولغان ئايرىمئايرىم ئۆزگىچە، خاس سۈپەتلىرىنى ئىپادە قىلغان بولسا؛ ئىشارى مەنىسى بىلەن، ئەھلى تەھقىق(ھەقىقەتلەرنى دەلىللەر بىلەن بىلگەن ئالىملار)نىڭ قارىشىچە، پەيغەمبىرىمىزنىڭ(س.ئە.ۋ) ۋاپاتىدىن كېيىن ئورنىغا چىقىدىغان خۇلەفائى راشىدىنغا(قۇرئان يولىدا مۇستەھكەم تۆت چوڭ خەلىپە) خەلىپىلىك تەرتىپى بىلەن ئىشارەت قىلىپ، ھەربىرىسىنىڭ ئالاھىدە ۋە ئۈستۈن بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرى بولغان خاس ۋە مەشھۇر سۈپەتلىرىنىمۇ خەۋەر بېرىدۇ. شۇنداقكى: ﴿وَالَّذِينَ مَعَهُ﴾ (ئۇنىڭپەيغەمبەربىلەن بىللە بولغانلار) ئالاھىدە يېقىنلىق ۋە خاس سۆھبەت، ھەمدە ئەڭ ئاۋۋال ۋاپات بولۇپ يەنە ئۇنىڭ يېنىغا كېلىش شەرەپلىرى بىلەن تونۇلغان ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر سىددىقنى(ر.ئە) كۆرسەتكىنىدەك، ﴿اَشِدَّاءُ عَلَى الْكُفَّارِ﴾ (كافىرلارغا قارشى شىددەتلىك) بىلەن كېلەچەكتە يەر شارىنىڭ دۆلەتلىرىنى فەتىھلىرى بىلەن تىترىتىدىغان ۋە ئادالىتى بىلەن زالىملارغا گۈلدۈرمامىدەك شىددەت كۆرسىتىدىغان ھەزرىتى ئۆمەرنى(ر.ئە) كۆرسىتىدۇ. ۋە ﴿رُحَمَاءُ بَيْنَهُمْ﴾ (ئۆزئارا مەرھەمەتلىك) بىلەن كېلەچەكتە چوڭ بىر فىتنە مەيدانغا كېلىدىغان ۋاقىتتا، كامالى مەرھەمەت ۋە شەپقىتىدىن ئىسلام ئىچىدە قان تۆكۈلمەسلىك ئۈچۈن روھىنى پىدا قىلىشقا نەفسىنى كۆندۈرۈپ، قۇرئان ئوقۇغان ھالدا مەزلۇملارچە(زۇلۇمغا ئۇچرىغان ھالدا) شېھىت بولۇشنى تاللىغان ھەزرىتى ئوسماننىمۇ خەۋەر بەرگىنىدەك، ﴿تَرَيهُمْ رُكَّعًا سُجَّدًا يَبْتَغُونَ فَضْلاً مِنَ اللّٰهِ وَ رِضْوَانًا﴾ سەلتەنەت ۋە خەلىپىلىككە يۈكسەك لاياقەت ۋە قەھرىمانلىق بىلەن كىرگەن، ھەمدە پەۋقۇلئاددە زاھىتلىق(دۇنياۋى ئىستەك ۋە ئارزۇلاردىن تامامەن قول ئۈزمەك)، ئىبادەت، يوقسۇللۇق ۋە ئىقتىسادچىللىقنى ئىختىيار قىلغان، ھەمدە رۇكۇ ۋە سەجدىسىنىڭ كۆپ ۋە دائىمىيلىقىنى ھەركىم تەستىق قىلىدىغان ھەزرىتى ئەلىنىڭ(ر.ئە) كېلەچەكتىكى ۋەزىيىتىنى، شۇنداقلا ئۇ فىتنىلەر ئىچىدىكى جەڭلىرى بىلەن مەسئۇل بولمايدىغانلىقىنى، نىيەتئارزۇسىنىڭ ﷲنىڭ پەزلىئىھسانى ئىكەنلىكىنى خەۋەر بېرىدۇ.

  ئالتىنچىسى: ﴿ذلِكَ مَثَلُهُمْ فِى التَّوْرَيةِ﴾ بۆلىكى، ئىككى جەھەتتىن غەيبى خەۋەردۇر.

  بىرىنچىسى: ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامدەك ساۋاتسىز بىر زاتقا نىسبەتەن غەيب ھۆكمىدە بولغان تەۋراتتىكى ساھابىلەرنىڭ سۈپەتلىرىنى خەۋەر بېرىدۇ. شۇنداق، (ئون تۇققۇزىنچى مەكتۇپتا بايان قىلىنغىنىدەك) ئاخىرزاماندا كېلىدىغان پەيغەمبەرنىڭ ساھابىلىرى ھەققىدە تەۋراتتا بۇ ئابزاس بار: «ئۇلۇغلارنىڭ بايراقلىرى ئۇلار بىلەن بىللىدۇريەنى ئۇنىڭ ساھابىلىرى تائەت ۋە ئىبادەتتە مۇكەممەل، ئەھلى تەقۋا، ئەۋلىيالاردۇركى، بۇ سۈپەتلەرنى «ئۇلۇغلار» يەنى «مۇقەددەس» تەبىرى بىلەن ئىپادە قىلغاندۇر. تەۋراتتا باشقاباشقا نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىشى سەۋەبىدىن ئۇ قەدەر ئۆزگەرتىلىشلەر بولغان تۇرۇقلۇق، شۇ فەتىھ سۈرىسىنىڭ ﴿مَثَلُهُمْ فِى التَّوْرَيةِ﴾ ھۆكۈمىنى ھەرخىل بايانلىرى(ئايەتلىرى) بىلەن تەستىق قىلىدۇ.

  ئىككىنچى جەھەتتىكى غەيبى خەۋەر شۇدۇركى: ﴿مَثَلُهُمْ فِى التَّوْرَيةِ﴾ بۆلىكى بىلەن خەۋەر قىلىدۇ: «ساھابىلەر ۋە تابىئىنلار ئىبادەتتە شۇنداق بىر دەرىجىگە كېلىدۇكى، روھلىرىدىكى نۇرانىيلىق يۈزلىرىدە پارلايدۇ ۋە كۆپ سەجدە قىلغانلىقتىن ھاسىل بولغان بىر ئەۋلىيالىق مۆھۈرى پىشانىلىرىدە كۆرىنىدۇشۇنداق، ئىستىقبال بۇنى ئوچۇق، قەتئىي ۋە پارلاق بىر سۈرەتتە ئىسپات قىلغاندۇر. ئۇ قەدەر ئاجايىپ فىتنىلەر ۋە سىياسەت قالايمىقانچىلىقلىرى ئىچىدە، كېچە ۋە كۈندۈزدە زەينەلئابىدىنغا ئوخشاش مىڭ رەكەت ناماز ئوقۇغان ۋە تائۇسى يەمەنىيگە ئوخشاش قىرىق يىل خۇپتەن تاھارىتى بىلەن بامدات نامىزىنى ئادا قىلغان قەدرقىممىتى ناھايىتى ئۈستۈن بولغان نۇرغۇنلىغان زاتلار، ﴿مَثَلُهُمْ فِى التَّوْرَيةِ ﴾ سىرىنى كۆرسەتكەندۇر.

  يەتتىنچىسى: ﴿وَ مَثَلُهُمْ فِى اْلاِنْجِيلِ كَزَرْعٍ اَخْرَجَ شَطْاَهُ فَآزَرَهُ فَاسْتَغْلَظَ فَاسْتَوَى عَلَى سُوقِهِ يُعْجِبُ الزُّرَّاعَ لِيَغِيظَ﴾ بۆلىكى، ئىككى جەھەتتىن غەيبى خەۋەردۇر.

  بىرىنچىسى: ساۋاتسىز پەيغەمبەرگە نىسبەتەن غەيب ھۆكمىدە بولغان، ئىنجىلنىڭ ساھابىلەر ھەققىدىكى خەۋرىنى خەۋەر قىلىدۇ. ئىنجىلدا، ئاخىرزاماندا كېلىدىغان پەيغەمبەرنىڭ سۈپىتىدە مَعَهُ قَضِيبٌ مِنْ حَدِيدٍ وَاُمَّتُهُ كَذلِكَ گە ئوخشاش ئايەتلەر بار. يەنى: ھەزرىتى ئىيسا ئەلەيھىسسالامدەك قىلىچسىز ئەمەس، بەلكى قىلىچ ساھىبى بىر پەيغەمبەر كېلىدۇ، جىھاد بىلەن ۋەزىپىدار بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىنىڭمۇ قوللىرىدا قىلىچ، ھەمدە جىھاد بىلەن ۋەزىپىدار بولىدۇ. ئۇ قەزىبى ھەدىد(تۆمۈر ھاسا) ساھىبى، ئالەمنىڭ رەئىسى بولىدۇ. چۈنكى ئىنجىلنىڭ بىر يېرىدە دەيدۇكى: «مەن كېتىمەن، ئاندىن ئالەمنىڭ رەئىسى كېلىدۇيەنى: ئالەمنىڭ رەئىسى كېلىۋاتىدۇ. ئىنجىلنىڭ بۇ ئىككى بايانىدىن چۈشىنىلىدۇكى، ساھابىلەر گەرچە دەسلەپتە ئاز ۋە زەئىپ كۆرىنىدۇ، ئەمما ئۇرۇقلاردەك ئۆسۈپ چىقىپ، يۈكسىلىپ ۋە قۇۋۋەتلىنىپ كافىرلارنىڭ غەزەپلىرىنى ئۇلارغا يۇتقۇزۇپ بوغدۇرىدۇ. قىلىچلىرى بىلەن ئىنسانىيەتنى ئۆزلىرىگە بويسۇندۇرۇپ، رەئىسلىرى بولغان پەيغەمبەرنىڭ(س.ئە.ۋ)نىڭ ئالەمگە رەئىس ئىكەنلىكىنى ئىسپات قىلىدۇ. ئەينەن شۇ فەتىھ سۈرىسىنىڭ ئايىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئىپادە قىلىدۇ.

  ئىككىنچى جەھەت: شۇ كالام خەۋەر قىلىدۇكى، ساھابىلەر گەرچە ئاز ۋە ئاجىزلىقىدىن ھۇدەيبىيە سۈلھىسىنى قوبۇل قىلغان؛ ئەلۋەتتە، ئاز بىر زاماندىن كېيىن تېز سۈرەتتە تەرەققىي قىلىپ، شۇنداق بىر ئۈستۈنلۈك ۋە قۇۋۋەت قازىنىدۇكى، يەر يۈزى ئېتىزىدا قۇدرەت قولى بىلەن تىكىلگەن ئىنسانىيەت «ئۇرىقى»نىڭ ئۇ زاماندىكى غەپلەتلىرى سەۋەبلىك قىسقا، قۇۋۋەتسىز، نوقسان، بەرىكەتسىز قالغان باشاقلىرىغا نىسبەتەن، غايەت يۈكسەك، قۇۋۋەتلىك، مېۋىدار ۋە بەرىكەتلىك بىر سۈرەتتە كۆپىيىدۇ، قۇۋۋەت تاپىدۇ ۋە ھەشەمەتلىك ھۆكۈمەتلەرنى ھەسەتتىن ۋە قىزغىنىشتىن كەلگەن بىر ئاچچىق ئىچىدە قويىدۇ. شۇنداق، ئىستىقبال بۇ غەيبى خەۋەرنى ئىنتايىن پارلاق بىر سۈرەتتە كۆرسەتكەندۇر. شۇ خەۋەردە شۇنداق بىر يوشۇرۇن ئىمامۇ(مەخپىي ئىشارەت) باركى، ساھابىلەرنى مۇھىم سۈپەتلىرى بىلەن مەدھىيەلەۋىتىپ، تېما ئېتىبارى بويىچە ئەڭ چوڭ بىر مۇكاپاتنىڭ ۋەدە قىلىنىشى لازىم كەلگەن تۇرۇقلۇق، ﴿مَغْفِرَةً﴾ دېيىلىشى، كېلەچەكتە ساھابىلەر ئىچىدە فىتنىلەر ۋاستىسى بىلەن چوڭ قۇسۇرلار ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. چۈنكى مەغفىرەت، قۇسۇرنىڭ بولىشىغا دالالەت قىلىدۇ. ۋە ئۇ زاماندا ساھابىلەر نەزىرىدە ئەڭ مۇھىم ئارزۇ ۋە ئەڭ يۈكسەك ئىھسان «مەغفىرەت» بولىدۇ. ھەمدە ئەڭ چوڭ مۇكاپات بولسا، ئەپۇ قىلىنىپ جازانىڭ بېرىلمەسلىكىدۇر. ﴿مَغْفِرَةً﴾ كەلىمىسى، بۇ نازۇك ئىمانى كۆرسەتكىنىدەك، سۈرىنىڭ بېشىدىكى ﴿ لِيَغْفِرَلَكَ اللّٰهُ مَا تَقَدَّمَ مِنْ ذَنْبِكَ وَمَا تَاَخَّرَ﴾ جۈملىسى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىكتۇر. سۈرىنىڭ بېشى، ھەقىقىي گۇناھلاردىن مەغفىرەت ئەمەس، چۈنكى ئىسمەت(گۇناھسىزلىق) بار، گۇناھ يوق. بەلكى پەيغەمبەرلىك ماقامىغا لايىق بىر مەنە بىلەن پەيغەمبەرگە مەغفىرەت خۇش خەۋىرى، ئاخىرىدا ساھابىلەرگىمۇ مەغفىرەت خۇش خەۋىرى بېرىش بىلەن، ئۇ ئىماغا يەنە بىر لاتاپەت(گۈزەللىك) قاتىدۇ.

  سۈرە فەتىھنىڭ ئاخىرىدىكى ئۈچ ئايىتى بىلەن، قۇرئاننىڭ ئون مۆجىزىلىك جەھەتىدىن پەقەت غەيبى خەۋەر جەھەتىنىڭ كۆپلىگەن تەرەپلىرىدىن پەقەت يەتتە تەرىپىنى سۆزلىدۇق. جۈزئى ئىختىيارى ۋە تەقدىرگە دائىر يىگىرمە ئالتىنچى سۆزنىڭ ئاخىرىدا، شۇ ئاخىرقى ئايەتنىڭ ھەرپلىرىنىڭ ئورۇنلىشىشىدىكى مۇھىم بىر مۆجىزە نۇرىغا ئىشارەت قىلىنغاندۇر. بۇ ئاخىرقى ئايەت، جۈملىلىرى بىلەن ساھابىلەرگە قارىغىنىدەك، قەيتلىرى(كالاملىرى) بىلەنمۇ يەنە ساھابىلەرنىڭ ئەھۋالىغا قارايدۇ. سۆزلىرى بىلەن ساھابىلەرنىڭ سۈپەتلىرىنى ئىپادە قىلغىنىدەك، ھەرپلىرى بىلەن ۋە ئۇ ئايەتتىكى ھەرپلەرنىڭ تەكرارلىنىشى بىلەن يەنە بەدىر، ئۇھۇد، ھۇنەين، سۇففە ۋە رىزۋان ساھابىلىرىدەك ساھابىلەرنىڭ مەشھۇر تەبىقىسىدە بولغان زاتلارغا ئىشارەت قىلىدۇ، شۇنداقلا جىفر* ئىلمىنىڭ بىر تۈرى ۋە بىر ئاچقۇچى بولغان تەۋافۇق(دەل كەلمەك) جەھەتى بىلەن ۋە ئەبجەد* ھېسابى بىلەنمۇ نۇرغۇن سىرلارنى ئىپادە قىلىدۇ.

﴿سُبْحَانَكَ لاَ عِلْمَ لَنَا اِلاَّ مَا عَلَّمْتَنَا اِنَّكَ اَنْتَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ﴾

* * *

  سۈرە فەتىھنىڭ ئاخىرىدىكى ئايەتنىڭ ئىشارىي مەنىسى بىلەن بەرگەن غەيبى خەۋەر مۇناسىۋىتى بىلەن، كېلىدىغان ئايەتمۇ ئەينى خەۋەر، ئەينى ئىشارىي مەنىنى بەرگەنلىكى ئۈچۈن بىر ئاز ئۇنىڭدىن سۆزلىنىدۇ.

بىر قوشۇمچە

﴿وَلَهَدَيْنَاهُمْ صِرَاطًا مُسْتَقِيمًا وَمَنْ يُطِعِ اللّهَ وَ الرَّسُولَ فَاُولئِكَ مَعَ الَّذِينَ اَنْعَمَ اللّٰهُ عَلَيْهِمْ مِنَ النَّبِيِّينَ وَ الصِّدِّيقِينَ وَ الشُّهَدَاءِ وَ الصَّالِحِينَ وَ حَسُنَ اُولئِكَ رَفِيقًا﴾

(نىسا:69)

بۇ ئايەتنىڭ بايانىدا ئۇنىڭ مىڭلارچە نۇكتەلىرىدىن «ئىككى نۇكتە»سىگە ئىشارەت قىلىمىز.

  بىرىنچى نۇكتە: قۇرئانى مۆجىزۇلبايان چۈشىنىشلىك ۋە ئوچۇق مەنىسى بىلەن، ھەقىقەتلەرنى ئىپادە قىلغىنىغا ئوخشاش، ئۇسلۇبلىرى بىلەن، كەلىمىلىرىنىڭ ئەھۋالى بىلەنمۇ نۇرغۇن ئىشارى مەنىلەرنى ئىپادە قىلىدۇ. ھەربىر ئايەتنىڭ نۇرغۇن مەنە دەرىجىلىرى بار. قۇرئان، ئىلمى مۇھىت(ھەممە نەرسىنى قورشىغان، ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەكسىز ئىلىم)تىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن، پۈتۈن مەنىلىرى مەقسەت بولالايدۇ. ئىنساننىڭ جۈزئىي پىكرى ۋە شەخسىي ئىرادىسى بىلەن بولغان سۆزلەردەك بىرئىككى مەنە بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ.

  مانا بۇ سىرغا بىنائەن قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ ئەھلى تەپسىر تەرىپىدىن چەكسىز ھەقىقەتلىرى بايان قىلىنغاندۇر. تەپسىرلىگۈچىلەر تېخى بايان قىلمىغان نۇرغۇن ھەقىقەتلىرى بار. بولۇپمۇ ھەرپلىرىدە ۋە ئوچۇق مەنىسىدىن باشقا ئىشارى مەنىلىرىدە كۆپلىگەن مۇھىم ئىلىملەر باردۇر.

  ئىككىنچى نۇكتە: مانا بۇ ئايەتى كەرىمە ﴿مِنَ النَّبِيِّينَ وَ الصِّدِّيقِينَ وَ الشُّهَدَاءِ وَ الصَّالِحِينَ وَ حَسُنَ اُولئِكَ رَفِيقًا﴾ تەبىرى بىلەن، سىراتى مۇستەقىم ئەھلى سانالغان ۋە ﷲنىڭ ھەقىقىي نىمەتلىرىگە ئىگە بولغان ئىنسانىيەتتىكى پەيغەمبەرلەر جامائىتى، سىددىقىينلار تائىپىسى، شېھىتلەر قوشۇنى، سالىھلار سىنىپى ۋە تابىئىنلار تەبىقىسى ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلىش بىلەن بىللە، ئىسلام ئالىمىدە ئۇ بەش قىسىمنىڭ ئەڭ مۇكەممەللىرىنىمۇ ئايرىم ۋە ئوچۇق شەكىلدە كۆرسەتكەندىن كېيىن، ئۇ بەش قىسىمنىڭ ئىماملىرى ۋە باشتىكى رەئىسلىرىنى مەشھۇر سۈپەتلىرى بىلەن زىكىر قىلىش بىلەن ئۇلارغا دالالەت قىلىپ ئىپادە قىلغىنىدەك، غەيبى خەۋەر تۈرىدىن بولغان مۆجىزە بىلەن، ئۇ تائىپىلەرنىڭ ئىستىقبالدىكى رەئىسلىرىنىڭ ۋەزىيەتلىرىنى بىر جەھەتتىن تەيىن قىلىدۇ. شۇنداق، ﴿مِنَ النَّبِيِّينَ﴾ ئوچۇق ھالدا ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا قارىغىنىدەك؛ ﴿وَالصِّدِّيقِينَ﴾ كەلىمىسى بىلەن ئەبۇ بەكىر سىددىققا قارايدۇ. ھەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامدىن كېيىن بىرىنچى ئىكەنلىكىگە ۋە ئەڭ ئاۋۋال ئورنىغا ئولتۇرىدىغانلىقىغا، ھەمدە «سىددىق» ئىسمى، ئۈممەت ئىچىدە ئۇنىڭغا مەخسۇس ئۇنۋان ۋە سىددىقلارنىڭ بېشىدا كۆرىنىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغىنىدەك؛ ﴿وَالشُّهَدَاءِ﴾ كەلىمىسى بىلەن ھەزرىتى ئۆمەر، ھەزرىتى ئوسمان، ھەزرىتى ئەلى رىزۋانۇللاھى ئەلەيھىم ئەجمەئىين(ﷲ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن.) ئۈچىنى بىللە ئىپادە قىلىدۇ. ھەم ئۈچى سىددىقتىن كېيىن پەيغەمبەرلىكنىڭ خەلىپىلىكىگە ئىگە بولىدىغانلىقلىرىنى ۋە ئۈچىلىسىنىڭ شېھىت بولىدىغانلىقىنى، شېھىتلىك پەزىلەتلىرىمۇ باشقا پەزىلەتلىرىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى ئىشارەت ۋە غەيبى بىر سۈرەتتە ئىپادە قىلىدۇ. ﴿وَالصَّالِحِينَ﴾ كەلىمىسى بىلەن سۇففە، بەدىر، رىزۋان ساھابىلىرىگە ئوخشاش ئۈستۈن زاتلارغا ئىشارەت قىلىپ؛ ﴿وَحَسُنَ اُولئِكَ رَفِيقًا﴾ جۈملىسى بىلەن، ئوچۇق مەنىسى بىلەن ئۇلارغا ئەگىشىشكە تەشۋىق قىلىپ، ھەمدە تابىئىنلارنىڭ ئەگىشىشىنى ناھايىتى شەرەپلىك ۋە گۈزەل كۆرسىتىش بىلەن، ئىشارى مەنىسى بىلەن، تۆت خەلىپىنىڭ بەشىنچىسى بولىدىغان ۋە اِنَّ الْخِلاَفَةَ بَعْدِى ثَلاَثُونَ سَنَةً ھەدىسى شەرىفىنىڭ ھۆكمىنى تەستىق قىلغۇزىدىغان، خەلىپىلىك مۇددىتىنىڭ قىسقىلىقى بىلەن بىللە قىممىتىنى چوڭ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇ ئىشارى مەنىسى بىلەن ھەزرىتى ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى كۆرسىتىدۇ.

  خۇلاسە: سۈرە فەتىھنىڭ ئاخىرقى ئايىتى، تۆت خەلىپىگە قارىغىنىغا ئوخشاش، بۇ ئايەتمۇ ئۇنى تەستىق قىلىپ، غەيبى خەۋەر تۈرىدىن ئۇلارنىڭ كېلەچەكتىكى ۋەزىيەتلىرىگە قىسمەن ئىشارەت سۈرىتىدە قارايدۇ. قۇرئاننىڭ مۆجىزە تۈرلىرىدىن غەيبى خەۋەر تۈرىنىڭ مۆجىزە نۇرلىرى قۇرئان ئايەتلىرىدە ئۇ قەدەر كۆپتۇركى، ھەددىھېسابى يوق. زاھىرى ئالىملارنىڭ قىرىقئەللىك ئايەتكە قىسقارتىشى زاھىرى نەزەر بىلەندۇر. ھەقىقەتتە بولسا مىڭدىن ئاشىدۇ. بەزەن بىر ئايەتتە تۆتبەش جەھەتتە غەيبى خەۋەر تېپىلىدۇ.

﴿رَبَّنَا لاَ تُؤَاخِذْنَا اِنْ نَسِينَا اَوْ اَخْطَاْنَا﴾

﴿سُبْحَانَكَ لاَ عِلْمَ لَنَا اِلاَّ مَا عَلَّمْتَنَا اِنَّكَ اَنْتَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ﴾

* * *

يۇقۇرىدىكى قوشۇمچىغا ئىككىنچى بىر ئىزاھ**

  شۇ فەتىھ سۈرىسىنىڭ غەيبى ئىشارىتىنى قۇۋۋەتلەندۈرىدىغان، ھەم فاتىھەئى شەرىفتىكى سىراتى مۇستەقىم ئەھلى ۋە ﴿صِرَاطَ الَّذِينَ اَنْعَمْتَ عَلَيْهِمْ﴾ ئايىتىدىكى مەقسەت كىملەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدىغان، ھەم ئەبەدىيلئەبەدنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن يولىدا ئەڭ نۇرانىي، سۆيىلىدىغان، كۆپ ۋە جەلپكار بىر دوستلار توپىنى كۆرسىتىدىغان، ھەمدە ئەھلى ئىمان ۋە ئەقىل ئىگىلىرىنى شىددەت بىلەن ئۇ توپقا ئەگىشىشكە ۋە قوشۇلۇشقا مۆجىزىلىك بىر شەكىلدە دەۋەت قىلىدىغان شۇ ئايەت ﴿فَاُولئِكَ مَعَ الَّذِينَ اَنْعَمَ اللّٰهُ عَلَيْهِمْ مِنَ النَّبِيِّينَ وَ الصِّدِّيقِينَ وَ الشُّهَدَاءِ وَ الصَّالِحِينَ وَ حَسُنَ اُولئِكَ رَفِيقًا﴾ يەنە فەتىھ سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى ئايىتىدەك بالاغەت ئىلىمىدە «مەئارىزۇل كەلام»(يېپىق مەنىلەر) ۋە «مۇستەتبەئاتۇت تەراكىب»(ئىشارەتلىك ئالاقىدار مەنىلەر) دەپ تەبىر قىلىنغان مەقسەت قىلىنغان مەنىدىن باشقا، ئىشارىي ۋە رەمزىي(زەئىپرەك ئىشارەت) مەنىلەر بىلەن تۆت خەلىپە ۋە بەشىنچى خەلىپە بولغان ھەزرىتى ھەسەنگە(ر.ئە) ئىشارەت قىلىدۇ. غەيبى ئىشلاردىن بىر قانچە جەھەتتە خەۋەر بېرىدۇ.

  شۇ ئايەت ئوچۇق مەنىسى بىلەن، ئىنسانىيەتتە ﷲنىڭ ئالىي نىمەتلىرىگە ئىگە بولغان، سىراتى مۇستەقىيم ئەھلى بولغان پەيغەمبەرلەر جامائىتى، سىددىقلار تائىپىسى، شېھىتلەر قوشۇنى، سالىھلار سىنىپى ۋە تابىئىنلەر تەبىقىسىنىڭ «مۇھسىنىن» (ياخشىلىق قىلىدىغانلار، ﷲنى كۆرگندەك ئىبادەت قىلىدىغانلار) ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلغىنىدەك؛ ئىسلام ئالىمىدىمۇ ئۇ تائىپىلەرنىڭ ئەڭ مۇكەممىلى ۋە ئەڭ پەزىلەتلىكى بارلىقىنى، ھەمدە ئاخىرزامان پەيغەمبىرىدىن پەيغەمبەرلىك ۋارىسى بولۇش سىرى بويىچە ئۇلىنىپ كەلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرى تائىپىسىنى، سىددىقى ئەكبەرنىڭ سىددىقىيىتىنىڭ مەنبەسىدىن ئۇلىنىپ كەلگەن سىددىقلار جامائىتىنى، ئۈچ خەلىپىنىڭ شېھىتلىك مەرتىۋىسى بىلەن باغلىق بولغان شېھىتلەر قوشۇنىنى، ﴿وَ الَّذِينَ آمَنُوا وَ عَمِلُوا الصَّالِحَاتِ﴾ سىرى بىلەن باغلانغان سالىھلار سىنىپىنى، ھەمدە ﴿اِنْ كُنْتُمْ تُحِبُّونَ اللّهَ فَاتَّبِعُونِى يُحْبِبْكُمُ اللّٰهُ﴾ سىرىنى ئۆزلىرىدە گەۋدىلەندۈرگەن ۋە ساھابىلەرگە ۋە خۇلەفائى راشىدىنغا يولداش بولىدىغان تابىئىنلەر تەبىقىسىنى غەيبى خەۋەر تۈرىدىن كۆرسەتكىنىدەك؛ ﴿وَالصِّدِّيقِينَ﴾ كەلىمىسى بىلەن ئىشارىي مەنىسى جەھەتتە رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامدىن كېيىن ئورنىغا ئولتۇرىدىغان ۋە خەلىپىسى بولىدىغان، ھەمدە ئۈممەت ئىچىدە «سىددىق» ئۇنۋانى بىلەن شۆھرەت تاپىدىغان ۋە سىددىقلار جامائىتىنىڭ رەئىسى بولىدىغان ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر سىددىقنى خەۋەر قىلىدۇ. ﴿وَالشُّهَدَاءِ﴾ كەلىمىسى بىلەن خۇلەفائى راشىدىندىن ئۈچىنىڭ شېھىت بولىدىغانلىقىنى ۋە سىددىقتىن كېيىن ئۈچ شېھىتنىڭ خەلىپە بولىدىغانلىقىنى خەۋەر بېرىدۇ. چۈنكى ﴿شُّهَدَاءِ﴾ جەمدۇر(كۆپلۈكتۇر). جەمنىڭ ئەڭ ئېزى ئۈچتۇر. دېمەك ھەزرىتى ئۆمەر، ھەزرىتى ئوسمان، ھەزرىتى ئەلى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم) سىددىقتىن كېيىن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىغا ئۆتىدۇ ۋە شېھىت بولىدۇ. دەرۋەقە ئەينى غەيبى خەۋەر مەيدانغا چىققاندۇر. ھەم ﴿وَالصَّالِحِينَ﴾ كەلىمىسى بىلەن ئەھلى سۇففەگە ئوخشاش تائەت ۋە ئىبادەتتە تەۋراتنىڭ ماختىشىغا ئىگە بولغان سالىھلىق ۋە تەقۋادارلىقتا كامىل ئىبادەت ئەھلىنىڭ كېلەچەكتە كۆپ بولىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولسا، ﴿وَحَسُنَ اُولئِكَ رَفِيقًا﴾ جۈملىسى ساھابىلەرگە ئىلىم ۋە ئەمەلدە يولداش بولغان ۋە ئەگەشكەن تابىئىنلەرنىڭ ئەگىشىشىنى ئالقىشلاش بىلەن، ئەبەد يولىدا ئۇ تۆت سىنىپقا يولداش بولۇشنى ياخشى ۋە گۈزەل كۆرسىتىش بىلەن بىللە، ھەزرىتى ھەسەننىڭ(ر.ئە) بىر قانچە ئايدەك قىسقا خەلىپىلىك مۇددىتى گەرچە ئاز بولسىمۇ، ئەمما اِنَّ الْخِلاَفَةَ بَعْدِى ثَلاَثُونَ سَنَةً ھۆكۈمى بىلەن ۋە ئۇ پەيغەمبەرنىڭ غەيبى خەۋىرىنىڭ تەستىقى بىلەن، ھەمدە اِنَّ ابْنِى حَسَنٌ هذَا سَيِّدٌ سَيُصْلِحُ اللّٰهُ بِهِ بَيْنَ فِئَتَيْنِ عَظِيمَتَيْنِ ھەدىسىدىكى پەيغەمبەرنىڭ مۆجىزانە غەيبى خەۋىرىنى ئەمەلىيەتتە تەستىق قىلغان؛ ۋە ئىسلامنىڭ ئىككى چوڭ جامائىتىنىڭ، ئىككى بۈيۈك قوشۇنىنىڭ سۈلھىسىنى تەمىن قىلىپ، جىدەلنى ئارىدىن يوقاتقان ھەزرىتى ھەسەننىڭ(ر.ئە) قىسقىغىنە خەلىپىلىك مۇددىتىنى ئەھمىيەتلىك كۆرسىتىپ، تۆت خەلىپىگە بىر بەشىنچى خەلىپە كۆرسىتىش ئۈچۈن، غەيبى خەۋەر تۈرىدىن ئىشارى مەنىسى بىلەن ۋە ﴿وَحَسُنَ اُولئِكَ رَفِيقًا﴾ كەلىمىسىدە بەشىنچى خەلىپىنىڭ ئىسمىغا بالاغەت ئىلمىدە «مۇستەتبەئاتتۇت تەراكىب» تەبىر قىلىنغان بىر سىر بىلەن ئىشارەت قىلىدۇ.

مانا بۇ ئىشارىي خەۋەرلەرگە ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ سىرلار بار. تېمىمىزغا مۇناسىۋەتسىز بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىشىك ئېچىلمىدى. قۇرئانى ھەكىمنىڭ كۆپ ئايەتلىرى باركى، ھەربىر ئايەت كۆپ جەھەتلەردىن غەيبى خەۋەر تۈرىدىندۇر. قۇرئاننىڭ بۇ تۈرلۈك غەيبى خەۋەرلىرى مىڭلارچىدۇر.

﴿رَبَّنَا لاَ تُؤَاخِذْنَا اِنْ نَسِينَا اَوْ اَخْطَاْنَا﴾

﴿سُبْحَانَكَ لاَ عِلْمَ لَنَا اِلاَّ مَا عَلَّمْتَنَا اِنَّكَ اَنْتَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ﴾

* * *

خاتىمە

  قۇرئانى ھەكىمنىڭ تەۋافۇق(دەل ۋە ئۇيغۇن كەلمەك) جەھەتىدىن ئوتتۇرىغا چىققان مۆجىزىلىك نۇكتەلىرىدىن بىر نۇكتەسى شۇدۇركى: قۇرئانى ھەكىمدە ﷲ، رەھمان، رەھىم، رەب ئىسىملىرى ۋە ئىسمى جەلال » ئىسمى) ئورنىدا قوللىنىلغان «ھۇۋە»(ئۇ)نىڭ ئومۇمىي سانى تۆت مىڭدىن ئارتۇقتۇر. ﴿بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ﴾ ئەبجەدچە (ئەبجەد ھېسابىنىڭ ئىككىنچى تۈرى ھەرپ تەرتىپى بويىچە تىزىش بىلەندۇر.) ئۇمۇ تۆت مىڭ نەچچە. چوڭ سانلاردا كىچىك كەسىرلەر تەۋافۇقنى بۇزمىغانلىقى ئۈچۈن كىچىك كەسىرلەر نەزەردىن ساقىت قىلىندى. ھەم ﴿ الم ﴾ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى ئاتىف «ۋاۋ»ى(سۆزلەر ۋە جۈملىلەرنى بىربىرى بىلەن باغلايدىغان «ۋاۋ» ھەرپى) بىلەن بىللە ئىككى يۈز سەكسەن نەچچە. ئەينەن سۈرە بەقەرەنىڭ ئىككى يۈز سەكسەن نەچچە جەلال ئىسمىغا، ھەمدە ئىككى يۈز سەكسەن نەچچە ئايىتىنىڭ سانىغا تەۋافۇق كېلىش بىلەن بىللە، ئەبجەدنىڭ ئوقۇلۇش شەكلىدىكى ئىككىنچى ھېسابى بىلەن، يەنە تۆت مىڭ نەچچە بولىدۇ. ئۇمۇ يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان بەش مەشھۇر ئىسىمنىڭ سانىغا تەۋافۇق كېلىش بىلەن بىللە ﴿ بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ﴾ نىڭ كەسىرلىرى نەزەردىن ساقىت قىلىنسا، سانىغا تەۋافۇق قىلىدۇ. دېمەك بۇ تەۋافۇق سىرىغا بىنائەن، ﴿الم﴾ ھەم مۇسەمماسىنى (ئىسىم ئىگىسىنى) ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئىسىمدۇر. ھەم بەقەرە سۈرىسىگە ئىسىم، ھەم قۇرئانغا ئىسىم، ھەم ئىككىسىگە قىسقىچە بىر مۇندەرىجە، ھەم ئىككىسىنىڭ ئۆرنىكى، خۇلاسىسى ۋە ئۇرۇقچىسى، ھەم ﴿بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ﴾ نىڭ قىسقارتىلغان شەكلىدۇر. ئەبجەدنىڭ مەشھۇر ھېسابى بىلەن ﴿ بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ﴾ رەب ئىسمىنىڭ سانىغا تەڭ بولۇش بىلەن بىللە، ﴿الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ﴾ دىكى تەشدىتلىك (ر) ئىككى (ر) سانالسا، ئۇ چاغدا توققۇزيۈز توقسان بولۇپ، ناھايىتى كۆپ مۇھىم سىرلارغا ئاساس بولۇپ، ئون توققۇز ھەرپى بىلەن ئون توققۇزمىڭ ئالەمنىڭ ئاچقۇچى بولىدۇ.

  قۇرئانى مۆجىزۇلباياندا لەفزى جەلالنىڭ» سۆزىنىڭ) گۈزەل تەۋافۇقلىرىدىندۇركى، پۈتۈن قۇرئاندا بەتنىڭ ئاخىرقى قۇرىنىڭ ئۈستى قىسمىدا سەكسەن لەفزى جەلال بىربىرىگە تەۋافۇق بىلەن قارىغىنىدەك، ئاستى قىسمىدىمۇ ئەينەن سەكسەن لەفزى جەلال بىربىرىگە تەۋافۇق بىلەن قارايدۇ. يەنە شۇ ئاخىرقى قۇرنىڭ ئوتتۇرىسىدا يەنە ئەللىك بەش لەفزى جەلال بىربىرى ئۈستىگە چۈشۈپ، بىرلىشىپ گوياكى ئەللىك بەش جەلال سۆزىدىن تەركىپ تاپقان بىر لەفزى جەلالدەك كۆرىنىدۇ. ئاخىرقى قۇرنىڭ بېشىدا، يالغۇز ۋە بەزىدە ئۈچ ھەرپلىك قىسقا بىر سۆز پاسىل بىلەن يىگىرمە بەش تەۋافۇق، ئوتتۇرىدىكى ئەللىك بەش تەۋافۇققا قوشۇلسا، سەكسەن تەۋافۇق بولۇپ، ئۇ قۇرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى سەكسەن تەۋافۇققا ۋە كېيىنكى يېرىمىدىكى يەنە سەكسەن تەۋافۇققا تەۋافۇق كېلىدۇ. ئەجەبا بۇنداق گۈزەل، ئىنچىكە، مۇنتىزىم، ۋەزىنلىك ۋە مۆجىزىلىك بولغان بۇ تەۋافۇقلار نۇكتەسىز، ھېكمەتسىز بولامدۇ؟ ھاشا، بولالمايدۇ. بەلكى ئۇ تەۋافۇقلارنىڭ ئۇچى بىلەن مۇھىم بىر خەزىنىنى ئاچقىلى بولىدۇ.

﴿رَبَّنَا لاَ تُؤَاخِذْنَا اِنْ نَسِينَا اَوْ اَخْطَاْنَا﴾

﴿سُبْحَانَكَ لاَ عِلْمَ لَنَا اِلاَّ مَا عَلَّمْتَنَا اِنَّكَ اَنْتَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ﴾

سەئىد نۇرسى

——————-

* جىفر ۋە ئەبجەدئەرەپچە ھەرپلەرگە بېرىلگەن سان قىممىتى ئارقىلىق، كېلەچەككە ياكى ئۆتكەن زامانغا، ئىبارىلەردىن يىلنامە ياكى ئىسىمغا دائىر ئىشارەتلەرنى چىقىرىش ئىلمىبۇ ئىلىمنىڭ ئىسلامىيەتتە مەقبۇل ئىكەنلىكى بىرىنچى شۇئا رىسالىسىدە بىر ھەدىس ۋە باشقا ھىكمەتلەر بىلەن ئىسپات قىلىنىدۇ. –ت

**قېرىنداشلىرىم ھەر ئىككىسىنى پايدىلىق كۆرگەنلىكىدىن، ئىككى ئىزاھنى بىللە قەيت قىپتۇ؛ بولمىسا بىرى يېتەرلىك ئىدى.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.