دۇئارىڭىز بولمىسا نىمە ئەھمىيىتىڭىز بار؟

دۇئارىڭىز بولمىسا نىمە ئەھمىيىتىڭىز بار؟

بەشىنچى نۇقتا:

  ئىماننىڭ دۇئانى ئۆزىگە قەتئىي بىر ۋاستە سۈپىتىدە تەلەپ قىلىدىغانلىقى ۋە ئىنساننىڭ يارىتىلىشى دۇئانى شىددەت بىلەن خالىغىنىدەك، جانابى ھەقمۇ «دۇئايىڭلار بولمىسا نېمە ئەھمىيىتىڭلار بار؟» مەنىسىدە ﴿قُلْ مَا يَعْبَؤُا بِكُمْ رَبِّى لَوْلاَ دُعَاؤُكُمْ(فۇرقان:77) دەپ پەرمان قىلىدۇ. ھەم ﴿اُدْعُونِى اَسْتَجِبْ لَكُمْ (مۇئمىن:60) دەپ ئەمىر قىلىدۇ.

  ئەگەر دېسەڭ: كۆپ قېتىملاپ دۇئا قىلىمىز. قوبۇل بولمايۋاتىدۇ. ھالبۇكى «ئايەت ئومۇمىيدۇر. ھەر دۇئاغا جاۋاب بار» دەيدۇ. (قانداق چۈشىنىمىز؟)

جاۋاب: جاۋاب بېرىش باشقا، قوبۇل قىلىش باشقىدۇر. ھەر دۇئا ئۈچۈن جاۋاب بېرىش بار. لېكىن قوبۇل قىلىش ۋە خالىغىنىنىڭ ئۆزىنى بېرىش جانابى ﷲنىڭ ھىكمىتىگە باغلىقتۇر. مەسىلەن: كېسەل بىر بالا چاقىرىدۇ؛

ــ ئەي، دوختۇر، ماڭا قارا! دوختۇر:

ــ كەل، نېمە تىلىكىڭ بار؟ دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بالا:

ــ شۇ دورىنى ماڭا بەر،دەيدۇ.

  دوختۇر بولسا يا ئەينەن خالىغىنىنى بېرىدۇ ياكى ئۇنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراقىنى بېرىدۇ ۋە ياكى كېسىلىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ ھېچ بەرمەيدۇ.

  جانابى ﷲ، چەكسىز ھىكمەت ئىگىسى، ھازىرى نازىر(ھەر نەرسىنىڭ يېنىدا ۋە ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى) بولغانلىقى ئۈچۈن قۇلىنىڭ دۇئاسىغا جاۋاب بېرىدۇ. يالغۇزلۇق ۋە ئىگىسىزلىك دەھشىتىگە چۈشكەنلەرنى ھوزۇرىغا ئېلىپ، جاۋاب بېرىش ئارقىلىق ئۇ دەھشەتنى يوق قىلىدۇ. لېكىن ئىنساننىڭ ھەۋاپەرەست ۋە ھەۋەسكار نەفسىنىڭ ھۆكۈمى بويىچە ئەمەس، بەلكى رەببانىي ھىكمىتىگە ئاساسەن يا خالىغىنىنىڭ ئۆزىنى ياكى تېخىمۇ ياخشىراقىنى بېرىدۇ ۋە ياكى ھېچ بەرمەيدۇ.

  شۇنداق، دۇئا بىر ئىبادەتتۇر. ئىبادەتنىڭ مېۋىسى بولسا ئاخىرەتتىدۇر. دۇنياۋى مەقسەتلەر بولسا، ئۇ دۇئا ۋە ئىبادەتنىڭ ۋاقىتلىرى ھېساپلىنىدۇ. ئۇ مەقسەتلەر، ئۇ ئىبادەتنىڭ غايىلىرى ئەمەس. مەسىلەن: يامغۇر نامىزى ۋە دۇئاسى بىر ئىبادەتتۇر. قۇرغاقچىلىق ئۇ ئىبادەتنىڭ ۋاقتىدۇر. لېكىن ئۇ ئىبادەت ۋە دۇئا يامغۇرنى كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس. ئەگەر پەقەتلا ئۇ نىيەت بىلەن بولسا ئۇ دۇئا ۋە ئىبادەت خالىس بولمىغانلىقتىن، قوبۇل قىلىنىشقا لايىق بولمايدۇ. قۇياشنىڭ پېتىشى شام نامىزىنىڭ ۋاقتى بولغىنىدەك، قۇياش ۋە ئاينىڭ تۇتۇلۇشلىرىمۇ كۇسۇف ۋە خۇسۇف نامازلىرى دېيىلگەن ئىككى مەخسۇس ئىبادەتنىڭ ۋاقىتلىرىدۇر. يەنى، كېچە ۋە كۈندۈزنىڭ نۇرانى ئايەتلىرىنىڭ نىقابلىنىشى ئىلاھىي بىر ئۇلۇغلۇقنى بىلدۈرۈشكە بىر سەۋەب بولغانلىقتىن، جانابى ﷲ قۇللىرىنى ئۇ ۋاقىتتا بىر ئىبادەتكە دەۋەت قىلىدۇ. دېمەك ئۇ ناماز (مۇنەججىم ھېسابى بىلەن ئېچىلىشى ۋە نەقەدەر داۋام قىلىشى بەلگىلىك بولغان) ئاي ۋە قۇياش تۇتۇلۇشلىرىنىڭ تۈگەپ، ئېچىلىشى ئۈچۈن ئەمەستۇر. دەل شۇنىڭدەك، قۇرغاقچىلىقمۇ يامغۇر نامىزىنىڭ ۋاقتىدۇر. بالامۇسىبەتلەرنىڭ بېسىۋىلىشى ۋە زىيانلىق نەرسىلەرنىڭ راھەتسىزلەندۈرىشى بەزى دۇئالارنىڭ مەخسۇس ۋاقىتلىرى بولۇپ، ئىنسان ئۇ ۋاقىتلاردا ئاجىزلىقىنى بىلىپ دۇئا بىلەن، تىلەك بىلەن ھەممىگە قادىر بولغان ﷲنىڭ دەرگاھىغا ئىلتىجا قىلىدۇ. ئەگەر دۇئا كۆپ قىلىنغان بولسىمۇ، مۈشكىلاتلار يوقالمىسا «دۇئا قوبۇل بولمىدى» دېيىلمەيدۇ. بەلكى «دۇئانىڭ ۋاقتى تۈگىمىدى» دېيىلىدۇ. ئەگەر جانابى ﷲ ئېھسان ۋە ئىنايىتى بىلەن بالالارنى يوق قىلسا نۇر ئۈستىگە نۇر، ئۇ چاغدا دۇئانىڭ ۋاقتى تۈگەيدۇ، قازا بولىدۇ (پۈتىدۇ).

  دېمەك، دۇئا ئىبادەتنىڭ ئىنچىكە بىر ھەقىقىتىدۇر.

  ئىبادەت بولسا خالىس ھالدا ﷲ ئۈچۈن بولىشى كېرەك. ئاجىزلىقنى كۆرسىتىپ دۇئا بىلەن ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلىش كېرەك. رۇبۇبىيىتىگە* ئارىلاشماسلىق كېرەك. قانداق ئىش بېجىرىشىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇش كېرەك. ھىكمىتىگە ئىشىنىپ، رەھمىتىنى تەنقىد قىلماسلىق كېرەك.

  شۇنداق، ھەقىقەتتە ئوچۇق ئايەتلەرنىڭ بايانى بىلەن تۇراقلىق بولغىنىدەك، بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ھەر قايسىسى مەخسۇس تەسبىھلەر، خۇسۇسىي ئىبادەتلەر ۋە خاس سەجدىلەر قىلغاندەك، پۈتۈن كائىناتتىن (مەۋجۇداتتىن) ﷲ دەرگاھىغا يۆنەلگەن پەقەتلا بىر دۇئادۇر. بۇ يا قابىلىيەت تىلى ئارقىلىق قىلغان دۇئادۇر. (يەنى، بارلىق ئۆسۈملۈكلەر ۋە ھايۋانلارنىڭ ھەربىرى قابىلىيەت تىلى ئارقىلىق چەكسىز بەرىكەت ئىگىسى بولغان ﷲتىن بىر شەكىل تەلەپ قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئىسىملىرى ئۈچۈن مۇكەممەل ئەينەك بولۇشنى تىلەيدۇ.) ياكى يارىتىلىشتىكى ئېھتىياج تىلى ئارقىلىق قىلغان دۇئادۇر. (بارلىق جانلىقلارنىڭ ئىقتىدارلىرى يەتمىگەن زۆرۈرى ھاجەتلىرى ئۈچۈن قىلغان دۇئالىرى بولۇپ، ھەربىرى ئۇ ئېھتىياج تىلى ئارقىلىق چەكسىز ئېھسان ئىگىسى بولغان ﷲتىن ھاياتىنىڭ داۋامى ئۈچۈن رىزىققا ئوخشىغان بەزى نەرسىلەرنى تىلەيدۇ.) ۋە ياكى مەجبۇرىيەت تىلى ئارقىلىق قىلغان دۇئا بولۇپ، (قېيىنچىلىقتا قالغان ھەربىر جانلىق قاتتىق يالۋۇرۇش بىلەن دۇئا قىلىدۇ، يوشۇرۇن بىر قوغدىغۇچىسىغا ئىلتىجا قىلىدۇ، بەلكى رەھىملىك ياراتقۇچىسىغا يۈزلىنىدۇ.) بۇ ئۈچ تۈرلۈك دۇئا بىر توسالغۇ بولمىسا دائىم مەقبۇلدۇر.

  تۆتىنچى تۈرلۈك دۇئا ئەڭ مەشھۇر دۇئا بولۇپ، بىزنىڭ دۇئالىرىمىزدۇر. بۇمۇ ئىككى قىسىمدۇر.

  بىرى، ھەرىكەت ۋە ئەھۋالى بىلەن؛ يەنە بىرى، قەلب ۋە سۆزى بىلەن. مەسىلەن: سەۋەب قىلىش بىر خىل ھەرىكەت دۇئاسىدۇر. سەۋەبلەرنىڭ توپلىنىشى، نەتىجىنى پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئەھۋال تىلى ئارقىلىق نەتىجىنى جانابى ﷲتىن خالاش ئۈچۈن، تەلەپ قىلىنغان بىر ھالەتنى شەكىللەندۈرۈشتۇر. مەسىلەن: يەر ھەيدىمەك رەھمەت خەزىنىسىنىڭ ئىشىكىنى قاقماقتۇر. بۇ خىل ھەرىكەت دۇئاسى چەكسىز ئېھسان ئىگىسى بولغان ﷲنىڭ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىگە يۆنەلگەنلىكتىن مۇتلەق كۆپچىلىكى قوبۇل بولىدۇ.

  ئىككىنچىسى، تىل ۋە قەلب بىلەن دۇئا قىلىشتۇر. قولى يېتىشمىگەن بىر قىسىم ئېھتىياجلىرىنى تىلەشتۇر. بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم جەھەتى، ئەڭ ئېسىل غايىسى، ئەڭ تاتلىق مېۋىسى شۇدۇر: يەنى، دۇئا قىلغان كىشى چۈشىنىدۇكى، بىرىسى بار، ئۇنىڭ قەلب خاتىرىلىرىنى ئاڭلايدۇ. ھەر نەرسىگە قولى يېتىدۇ. ھەربىر ئارزۇسىنى بىجا كەلتۈرەلەيدۇ. ئاجىزلىقىغا مەرھەمەت، مۇھتاجلىقىغا ياردەم قىلىدۇ.

  ئەي ئاجىزلىقى ۋە مۇھتاجلىقى كۆپ بولغان ئىنسان! دۇئادەك رەھمەت خەزىنىسىنىڭ بىر ئاچقۇچى ۋە تۈگىمەس بىر قۇۋۋەتنىڭ سەۋەبى بولغان بىر ۋاستىنى قولدىن چۈشۈرمە، ئۇنىڭغا يېپىش، ئىنسانىيەتنىڭ ئالايى ئىللىييىنىگە چىق. بىر سۇلتاندەك پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ دۇئالىرىنى ئۆز دۇئايىڭ ئىچىگە ئال. كۆپ جەھەتلىك بىر قۇل ۋە ئومۇمىي بىر ۋەكىلدەك ﴿اِيَّاكَ نَسْتَعِينُ دە، كائىنات مەۋجۇداتلىرى ئىچىدە ئەڭ مۇكەممەل ماقامدا بول!

———————————————–

*رۇبۇبىيەت: «رەب»لىك. جانابى ھەقنىڭ ھەر ۋاقىت، ھەريەردە، ھەر مەخلۇقىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش، بېقىش، ئۇنى نىمەتلەر بىلەن تەمىنلەش، ئۆستۈرۈش، باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش سۈپىتى.-ت


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.