توققۇزىنچى نۇقتا: رامىزانى شەرىپتىكى روزىنىڭ توغرىدىن–توغرا نەفسنىڭ مەۋھۇم رۇبۇبىيىتىنى سۇندۇرۇش ۋە ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق قۇللىقىنى بىلدۈرۈش جەھەتتىكى ھىكمەتلىرىدىن بىر ھىكمىتى شۇدۇركى: نەفس رەببىنى تونۇشنى خالىمايدۇ ۋە پىرئەۋنلارچە ئۆز–ئۆزىگە رۇبۇبىيەت خالايدۇ. نەقەدەر ئازاپلار بىرىلسىمۇ ئۇ ھېس ئۇنىڭدا قالىدۇ. بىراق ئاچلىق ئارقىلىق ئۇ ھېس سۇنىدۇ… مانا بۇ رامىزاندىكى روزا بولسا بىۋاستە نەفسنىڭ پىرئەۋنلىك ئىستىھكامىغا زەربە بېرىدۇ، سۇندۇرىدۇ، ئاجىزلىقىنى، زەئىپلىكىنى، پېقىرلىقىنى كۆرسىتىپ قۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ھەدىس رىۋايەتلىرىدە باردۇركى: جانابى ﷲ نەفستىن سوراپتۇ: «سەن كىم، مەن كىم؟» نەفس دەپتۇ: «مەن دېگەن مەن، سەن دېگەن سەن!». ئاندىن ئازاپ بېرىپتۇ، جەھەننەمگە تاشلاپتۇ. يەنە سورىسا يەنە «مەن مەن، سەن سەن.» دەپتۇ. قايسى خىل ئازاپ بەرسىمۇ مەنمەنچىلىكتىن ۋاز كەچمەپتۇ. كېيىن ئاچلىق بىلەن ئازاپ بېرىپتۇ، يەنى ئاچ قويۇپتۇ. يەنە سوراپتۇ: «مەن كىم، سەن كىم؟» ئاندىن نەفس دەپتۇكى: اَنْتَ رَبِّى الرَّحِيمُ وَاَنَا عَبْدُكَ الْعَاجِزُ يەنى: «سەن مېنىڭ رەھىملىك رەببىمسەن، مەن سېنىڭ ئاجىز قۇلۇڭمەن…».
ئەسكەرتىش:
شۇ ئىككىنچى قىسىم (قىرىق مىنۇتتا) بەكمۇ تېز يېزىلغانلىقتىن، مەن ۋە كاتىپ ئىككەيلەن كېسەل بولغانلىقىمىزدىن ئەلبەتتە ئىچىدە بەزى قالايمىقان ۋە قۇسۇرلۇق جۈملىلەر بولۇپ قالىدۇ. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ توغرا چۈشنىشىنى سورايمىز. مۇناسىپ كۆرگەنلىرىنى تۈزىتىۋالسا بولىدۇ.