رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ سۈننەتى سەنىييەسىنىڭ مەنبەسىنى بىلەمسىز؟

رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ سۈننەتى سەنىييەسىنىڭ مەنبەسىنى بىلەمسىز؟

ئون بىرىنچى نۇكتە: «ئۈچ مەسىلە»دۇر.

  بىرىنچى مەسىلە: رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ سۈننەتى سەنىييەسىنىڭ مەنبەسى ئۈچتۇر. يەنى، سۆزلىرى، ھەرىكەتلىرى ۋە ھالەتلىرىدۇر. بۇ ئۈچ قىسىممۇ ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ. يەنى: پەرزلەر، نەفىلىلەر ۋە ياخشى ئادەتلىرىدۇر. پەرز ۋە ۋاجىپ قىسىمىدا ئەگىشىشكە مەجبۇرىيەت بار. تەرك قىلىنىشىدا ئازاپ ۋە جازا بار. ئۇنىڭغا ئەگىشىش ھەركىم ئۈچۈن بۇرچتۇر. نەفىلىلەر قىسمىدا، ياخشى كۆرىلىدىغان ئەمىر بىلەن ئەھلى ئىمان ۋەزىپىداردۇر. بىراق تەرك قىلىنىشىدا ئازاپ ۋە جازا يوقتۇر. ئۇنى قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىشتە بۈيۈك ساۋاپلار بار. ئۇنى ئۆزگەرتىش ۋە ئالماشتۇرۇش بىدئەت ۋە زالالەتتۇر، بۈيۈك خاتادۇر. پاك ئادەت ۋە گۈزەل ھەرىكەتلىرى بولسا، ھېكمەت جەھەتتىن، مەنپەئەت جەھەتتىن، شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي ھايات ئېتىبارى بويىچە ئۇنى تەقلىد قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىش ناھايىتى ئالقىشلىنىدىغان ھەرىكەتتۇر. چۈنكى ھەربىر ئاددى ھەرىكىتىدە نۇرغۇن ھاياتىي مەنپەئەتلەر بولغىنىدەك، ئەگىشىش بىلەن ئۇ ئەدەپ ۋە ئادەتلەر ئىبادەت ھۆكمىگە ئۆتىدۇ. مادەمكى، دوست ۋە دۈشمەننىڭ بىردەك قارىشى بىلەن زاتى مۇھەممەدىيە(س.ئە.ۋ) گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئەڭ يۈكسەك مەرتىۋىلىرىگە ئىگىدۇر. ۋە مادەم، ئىنسانىيەت ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر ۋە ئەڭ تاللانغان بىر شەخسىيەت ئىكەنلىكىدە ئىنسانلار ئورتاقلىققا ئىگىدۇر. ۋە مادەم، مىڭلارچە مۆجىزىلەرنىڭ دالالىتى بىلەن، ئۇ تەشكىل قىلغان ئىسلام ئالىمىنىڭ ۋە كامالىتىنىڭ شاھادىتى بىلەن، ھەمدە تەبلىغچىسى ۋە تەرجىمانى بولغان قۇرئانى ھەكىمنىڭ ھەقىقەتلىرىنىڭ تەستىقى بىلەن ئەڭ ئۈستۈن بىر كامىل ئىنسان ۋە ئەڭ مۇكەممەل بىر مۇرشىد(رەھبەر)دۇر. يەنە مادەم، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلىك نەتىجىسىدە، مىليونلارچە ئەھلى كامال كامالەت مەرتىۋىلىرىدە تەرەققى قىلىپ ئىككى دۇنيا سائادىتىگە ئېرىشكەندۇر. ئۇنداق بولغانىكەن، ئەلۋەتتە ئۇ زاتنىڭ سۈننىتى، ھەرىكىتى ئىقتىدا قىلىنىدىغان ئەڭ گۈزەل نەمۇنىلەردۇر، ئەگىشىلىدىغان ئەڭ ساغلام رەھبەرلەردۇر ۋە دەستۇر قىلىنىدىغان ئەڭ مەھكەم قانۇنلاردۇر. سۈننەتكە ئەگىشىشتىكى ئۈلۈشى زىيادە بولغان، ھەقىقىي بەختىياردۇر. سۈننەتكە ئەگەشمىگەن، ھورۇنلۇق قىلسا چوڭ بىر زىيان، ئەھمىيەتسىز كۆرسە چوڭ بىر جىنايەت، ئۇنى يالغانغا چىقىرىشنى پۇراتقان تەنقىد بولسا، چوڭ بىر ئازغۇنلۇقتۇر.

  ئىككىنچى مەسىلە: جانابى ھەق قۇرئانى ھەكىمدە: ﴿وَاِنَّكَ لَعَلَى خُلُقٍ عَظِيمٍ﴾(قەلەم:4) پەرمان قىلىدۇ. سەھىھ رىۋايەت بىلەن ھەزرەتى ئائىشە سىددىقا(ر.ئە)دەك ساھابەئى گۈزىن(يۈكسەك)، ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنى تەرىپلىگەندە «خۇلۇقۇھۇل قۇرئان» دەپ تەرىپلەيتتى. يەنى: «قۇرئان بايان قىلغان گۈزەل ئەخلاقنىڭ مىسالى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامدۇر. ھەمدە ئۇ گۈزەللىكلەرنى ئەڭ زىيادە ئۆزىدە كۆرسەتكەن ۋە يارىتىلىشىدىن ئۇ گۈزەللىكلەر ئۈستىدە يارىتىلغان ئۇدۇر

  مانا مۇشۇنداق بىر زاتنىڭ ھەرىكەتلىرى، ھالەتلىرى ۋە سۆزلىرىنىڭ ھەربىرى ئىنسانىيەتكە ئۆرنەك ھۆكمىگە ئۆتۈشكە لايىق تۇرسا، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان ۋە ئۈممىتىدىن بولغان غاپىللارنىڭ(سۈننىتىگە ئەھمىيەت بەرمىگەن ۋە ياكى ئۆزگەرتمەكچى بولغانلارنىڭ) نەقەدەر بەدبەخت ئىكەنلىكىنى ئەخمەقلەرمۇ چۈشىنىدۇ.

  ئۈچىنچى مەسىلە: رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام يارىتىلىشىدىن ئەڭ ۋاساتىي(مۆتىدىل) بىر ھالەتتە ۋە ئەڭ مۇكەممەل بىر سۈرەتتە يارىتىلغانلىقتىن، ئىشھەرىكەت ۋە يۈرۈشتۇرۇشلىرى ئەڭ مۇناسىپ ۋە ئىستىقامەتلىك(مۇستەقىم) ھالدا بولغاندۇر. پارلاق ھاياتى قەتئىي بىر سۈرەتتە كۆرسىتىدۇكى، ھەر ھەرىكىتىدە ئىستىقامەت ۋە مۆتىدىللىك بىلەن ماڭغاندۇر. ئىفرات ۋە تەفرىت (چەكتىن ئاشۇرىۋېتىش ۋە يىتەرسىزلىك)تىن ساقلانغاندۇر. دېمەك، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ﴿فَاسْتَقِمْ كَمَا اُمِرْتَ﴾(ھۇد:112) ئەمرىگە تامامەن ئۇيغۇنلاشقانلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن ھەرىكەت، سۆز ۋە ئەھۋاللىرىدا ئىستىقامەت، قەتئىي بىر سۈرەتتە كۆرۈنىدۇ. مەسىلەن: ئەقىل ھېسسىنىڭ زىيان ۋە زۇلمىتى ھۆكمىدىكى ئىفرات ۋە تەفرىتلىرى بولغان جەربەزە (ھىيلىگەرلىك) ۋە ھاڭۋاقتىلىقتىن پاك ھالدا دەل ئوتتۇرا يول ۋە ئىستىقامەت ئاساسى بولغان ھىكمەت بويىچە قۇۋۋەئى ئەقلىيەسى(ئەقىل ھېسسى) دائىم توغرا ھەرىكەت قىلغىنىدەك، غەزەپ ھېسسىنىڭ ئىفرات ۋە تەفرىتلىرى بولغان قاراملىق ۋە قورقۇنچاقلىقتىن پاك ھالدا، قۇۋۋەئى غەزەبىيەسى(غەزەپ ھېسسى) دەل ئوتتۇرا يول ۋە ئىستىقامەت ئاساسى بولغان پاك شىجائەت بىلەن ھەرىكەت قىلىش بىلەن بىللە، قۇۋۋەئى شەھەۋىيەنىڭ ئىفرات ۋە تەفرىتلىرى بولغان ئىشتىھاسىزلىق ۋە ئىپپەتسىزلىكتىن ساپ ھالدا، ئۇ ھېسنىڭ ئىستىقامەت ئاساسى بولغان ئىپپەتنى ئەڭ يۈكسەك گۇناھسىزلىق دەرىجىسىدە ئۆزىگە رەھبەر قىلغاندۇر. ۋەھاكازاگۈزەل بولغان پۈتۈن ھاياتىي يولىدا، فىترى ھالەتلىرىدە ۋە شەرئىي ئەھكاملىرىدا ئىستىقامەتنى ئىختىيار قىلىپ، زۇلۇم ۋە زۇلمەت بولغان ئىفرات ۋە تەفرىتتىن، ئىسراپ ۋە بۇزۇپچېچىشتىن ساقلانغاندۇر. ھەتتا سۆزلەش، يېيىشئىچىشتىمۇ ئىقتىسادچىللىقنى رەھبەر قىلىپ، ئىسراپتىن قەتئىي ساقلانغاندۇر. بۇ ھەقىقەتنىڭ تەپسىلاتىغا ئائىت مىڭلارچە جىلىد كىتاب يېزىلغاندۇر. اَلْعَارِفُ تَكْفِيهِ اْلاِشَارَة سىرى بويىچە، بۇ دېڭىزدىن بۇ تامچە بىلەن كۇپايىلىنىپ گېپىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىمىز.

اَللّٰهُمَّ صَلِّ عَلَى جَامِعِ مَكَارِمِ اْلاَخْلاَقِ وَ مَظْهَرِ سِرِّ (وَ اِنَّكَ لَعَلَى خُلُقٍ عَظِيمٍ) اَلَّذِى قَالَ: مَنْ تَمَسَّكَ بِسُنَّتِى عِنْدَ فَسَادِ اُمَّتِى فَلَهُ اَجْرُ مِاَةِ شَهِيدٍ

﴿اَلْحَمْدُ لِلّٰهِ الَّذِى هَدَينَا لِهذَا وَ مَا كُنَّا لِنَهْتَدِىَ لَوْ لاَ اَنْ هَدَينَا اللّٰهُ لَقَدْ جَائَتْ رُسُلُ رَبِّنَا بِالْحَقِّ﴾

(ئەئراف:43)

﴿سُبْحَانَكَ لاَ عِلْمَ لَنَا اِلاَّ مَا عَلَّمْتَنَا اِنَّكَ اَنْتَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ﴾

* * *


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.