سىزنڭ مىسال ئالىمىدىكى سۈرىتىڭىز قانداق؟

سىزنڭ مىسال ئالىمىدىكى سۈرىتىڭىز قانداق؟

مىسال ئالىمى دىگەن نىمە؟

  مىسال ئالىمىھەر نەرسىنىڭ سۈرىتى ۋە ھەقىقىتىنىڭ بېسىپ ئۆتىدىغان ۋە ئەكىس ئېتىدىغان بىر ئالەمدۇر. باشقا تەبىر بىلەندۇنيا بىلەن ئاخىرەت ئارىسىدىكى بىر ئالەمدۇركى بۇ سەۋەپ تۈپەيلى مىسال ئالىمى: بەرزاخ ئالىمى، قەبىر ئالىمى ۋەياكى سۇر ئالىمى دەپمۇ ئاتىلىپ كەلمەكتە.

  ئەمدى مىسال ئالىمىنى بىر قانچە مىسال بىلەن زىھىنگە يېقىنلاشتۇرۇشقا تىرىشىمىز.

  بىرىنچى مىسال: ئىخلاس بىلەن سۆزلەنگەن اَلْحَمْدُ لِلّهِ كەلىمىسىنىڭ ھەر بىر ھەرپى مىسال ئالىمىدە بىر مىۋىلىك دەرەختەك تەمەسسۇل(ئەكىس ئىتىدۇ) قىلىدۇ. بۇ كەلىمىدە ئون ھەرىپ بولغاچقا، مىسال ئالىمىدە ئون دەرەخ بولىدۇ ۋە ھەر بىر دەرەختە ئەڭ ئاز ئون تال مىۋە بولىدۇ.

  ئىككىنچى مىسال: غەيۋەت قىلىشمىسال ئالىمىدە سېسىق پۇراقلىق بىر گۆش پارچىسى بولۇپ كۆرىنىدۇ.(سۆزلەر،480-بەت)

  ئۈچىنچى مىسال: ھېلىگەر بىر ئادەم مىسال ئالىمىدە مايمۇن ۋەياكى تۈلكە سۈرىتىدە كۆرىنىدۇ.

  تۆتىنچى مىسال: ئاداۋەتخور بىر ئادەم مىسال ئالىمىدە يىلان سۈرىتىدىدۇر.

  بەشىنچى مىسال: نۇمۇسئىپپەت نوقتىسىدا غەيرەتسىز بولغان ئىنسان مىسال ئالىمىدە توڭگۇز سۈرىتىدىدۇر.

  ئالتىنچى مىسال: دۇنياغا قارشى كۆپ خىرىس كۆرسىتىدىغان(ئاچكۆزتويماس) بىر ئادەمنىڭ مىسال ئالىمىدىكى شەكلى چۈمۈلىدۇر. چۈنكى چۈمۈلە بىر يىل بۇيى بىر ئىككى دانە(بۇغداي) يىتەرلىك كىلىدىغان تۇرسىمۇ ئۇ خىرس(ئاچكۆزلۈكى)سەۋەبىدىن يۈزلەرچە بەلكى مىڭلارچە دانە توپلايدۇ ۋە يىغىدۇ، لىكىن ئۆزى يىيەلمەيدۇ. خىرىسكار(ئاچكۆز ۋە تاماخور)بىر ئادەمنىڭ ھالال ھارام دىمەستىن مال تېپىشى ۋە توپلىشىمىسال ئالىمىدە چۈمۈلە شەكلىدە كۆرىنىدۇ. بۇ ئادەم قەبىرگە كىرگەن ۋاقىتتا، قەبرىسى چۈمۈلىلەر بىلەن تولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئازاپ بىرىدۇ.

  يەتتىنچى مىسال: نامىزىنى تەئدىل ئەركانلارغا رىئايەت قىلماستىن ئوقۇيدىغان بىر كىشىنىڭ مىسال ئالىمىدىكى شەكلى ئوغرىدۇر. چۈنكى رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيسىسسالاتۇ ۋاسسالام ھەدىسى شەرىپلىرىدەئەڭ ناچار ئوغرىنامىزىدا ئوغۇرلۇق قىلغان يەنى قىرائەت، رۇكۇ، ئىتىدال(تەمكىنلىك) ۋە سەجدەلىرىنى دەل جايىغا بەجا كەلتۈرمەيدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئىپادە قىغان. بۇنىڭغا بىنائەنرەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئەركىشىلەردىن بەيئەت ئالغان ۋاقىتتا: ’’ئوغۇرلۇق قىلماڭلار“ دەپ ئەمىر قىلغان(مۇمتەھىنە،12-بەت) ۋە بەيئىتىنى بۇ شەكىلدە قوبۇل قىلغان. چۈنكى كۆپلىگەن ئاياللار نامىزىغا لايىق رەۋىشتە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ.

  ئىمام راببانىي بۇ ھەقتە مەنە جەھەتتىن شۇنداق ئەمىر قىلغان: ”ئاياللار، نامازلىرىدا ئوغۇرلۇق قىلىدۇ. يەنى نامازلىرىنى توغرا تۈزۈك قىلمايدۇ ۋە تەئدىل ئەركانلىرىغا رىئايەت قىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام قۇرئان تىلى بىلەن ئۇلارغا باشقىلارنىڭ مېلىنى ئوغۇرلىماسلىق شەرتىنى قۇشۇپ قويغان ۋە ئىشارەت مەنىسى بىلەن ئاياللارغا نامازلىرىدا ئوغۇرلۇق قىلماسلىقىنى ئەمىر قىلغان.“

  سەككىزىنچى مىسال: بەش ۋاقىت نامىزىنى قىلغان ۋە كەبائىر گۇناھلارنى تەرك قىلغان بىر مۇئمىن، مىسال ئالىمىدەئىچىدە ئوزۇق تۈلۈكلىرى بار بولغان سومكىسى قولىدا، قۇرالى مۈرىسىدە بولغان بىر ئەسكەر شەكلىدە كۆرىنىدۇ. نامىزىنى تەرك قىلغان ۋە كەبائىر گۇناھلارنى قىلغان بىر كىشى بولسا،مىسال ئالىمىدەسومكىسى ۋە قۇرالى يوق بىر سۈرەتتە كۆرىنىدۇ. چۈنكى مىسال ئالىمىدە نامازسومكا سۈرىتىدە، تەقۋالىق بولساقۇرال سۈرىتىدە كۆرىنىدۇ.(ئۈچىنچى سۆز)ۋەھاكازا ھەر قانداق نەرسىنىڭ سۈرىتى ۋە ھەقىقىتى مىسال ئالىمىگە ئۆتىدۇ ۋە قەيىت قىلىنىدۇ. ئەۋلىيائۇللاھ(ئاللاھ دوسىتلىرى) مىسال ئالىمىدە نەرسىلەرنىڭ سۈرىتىنى ۋە ھەقىقىتىنى كەشىپ قىلىپ كۆرىدۇ، پەقەت ئىلمى جەھەتتىن ئىسپات قىلالمايدۇ. ئەسفىيا ماقامىغا يەتكەنلەر بولسا، مىسال ئالىمىدە كەشىپ قىلىپ كۆرگەنلىرىنى ئىلھام يولى ئارقىلىق ھەم ئىزاھ قىلالايدۇ ھەم ئىسپات قىلالايدۇ. مۇئەللىپ(بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسى) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەسفىيا ماقامىدا بولغاچقا ئەسەرلىرىدە بۇ ئۇسلۇپ بىلەن قەلەم تەۋرەتكەن ۋە بۇ ھەقىقەتنى 18-مەكتۇپتا ئىزاھ قىلغاندۇر.

  قۇرئانى ئەزىممۇششان(شانى ئۇلۇغ قۇرئان)دا مىسال ئالىمىدىكى تەمەسسۇل بىلەن ئالاقىدار بەك كۆپ مىساللار بار.(بەقەرە:17،19،20،171،261،264،265؛ ئال ئىمران: 117؛ ئەنئام:122؛ يۇنۇس:24؛ ھۇد:24؛ ئىبراھىم:18،24،25،26؛ نەھىل: 75،76؛ كەھىف: 45؛ ئەنكىبۇت: 41؛ زۈمەر: 29؛ ھەدىد: 20 گە ئوخشاش)بىز بۇ مىساللاردىن ئۆلگە قىلىپ ئىككى مىسال زىكىر قىلىمىز:

  بىرىنچى مىسال:

وَاتْلُ عَلَيْهِمْ نَبَاَ الَّذى اتَيْنَاهُ ايَاتِنَا فَانْسَلَخَ مِنْهَا فَاَتْبَعَهُ الشَّيْطَانُ فَكَانَ مِنَ الْغَاوينَ وَلَوْ شِئْنَا لَرَفَعْنَاهُ بِهَا وَلكِنَّهُ اَخْلَدَ اِلَىالْاَرْضِ وَاتَّبَعَ هَويهُ فَمَثَلُهُ كَمَثَلِ الْكَلْبِ اِنْ تَحْمِلْ عَلَيْهِ يَلْهَثْ اَوْ تَتْرُكْهُ يَلْهَثْ ذلِكَ مَثَلُ الْقَوْمِ الَّذينَ كَذَّبُوا بِايَاتِنَا فَاقْصُصِ الْقَصَصَ لَعَلَّهُمْ يَتَفَكَّرُونَ

  ئەي رەسۇلۇم! ئۇلارغا(يەھۇدىلارغا)ئۇ كىشىنىڭ(ئىسرائىل ئوغۇللىرىدىن بىر ئالىمنىڭ)خەۋىرىنى ئوقۇغىنكى: ” ئۆزىگە ئايەتلىرىمىزنى بەرگەنتۇق، ئۇنى تەۋراتنىڭ ئەھكاملىرىغا ۋاقىپ قىلغان بولساقمۇ، ئەمما ئۇ ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ئۇ ئايەتلىرىمىزنىڭ ئەھكامىدىن تەجەررۇت ئەتتى يەنى ئۆزىنى تارىتتى ۋە ئايرىلدى. شۇنىڭ بىلەن شەيتان ئۇنى قوغلىشىپ ئۆزىگە ئەگەشتۈرىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى زالالەتكە كىرىپ ھالاكەتكە دۇچار بولغانلاردىن بولدى. ئەگەر بىز خالىساق، ئەلبەتتە ئۇ كىشىنى بۇ ئايەتلەر سايىسىدا ئۈستۈن قىلغان بولاتتۇق، مەرتىۋىسىنى يۈكسەك قىلغان بولاتتۇق. ئەمما ئۇ دۇنياغا بىرىلىپ كەتتى ۋە ھەۋىسىگە ئەگەشتى(نەپسى خاھىشىغا بويسۇندى). دېمەك ئۇنىڭ مىسالى گۇياكى ئىتنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇكى قوغلىۋەتسەڭ تىلىنى چىقىرىپ ھاسىرايدۇ، ئۆز ھالىغا قويساڭمۇ(قوغلىۋەتمىسەڭمۇ) تىلىنى ساڭگىلىتىپ(چىقىرىپ) ھاسىرايدۇ. ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئەھۋالى دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ. ئەي رەسۇلۇم! قىسسىنى بىلدۈرگىن(ئويلاپ بېقىشلىرى ئۈچۈن بۇ قىسسىنى سۆزلەپ بەرگىن). بولىدۇكى لايىق رەۋىشتە ئويلىنىپ باقسۇن(چۈشىنىپ باقسۇن).“ (ئەئراف:175-176)

  ئىككىنچى مىسال:

مَثَلُ الَّذينَ حُمِّلُوا التَّوْريةَ ثُمَّ لَمْ يَحْمِلُوهَا كَمَثَلِ الْحِمَارِ يَحْمِلُ اَسْفَارًا بِئْسَ مَثَلُ الْقَوْمِ الَّذينَ كَذَّبُوا بِايَاتِ اللّهِ وَاللّهُ لَايَهْدِى الْقَوْمَ الظَّالِمينَ

  ” تەۋرات بىلەن مۇكەللەپ قىلىنغان بولسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئەمەل قىلمىغانلارنىڭ مىسالىتوملاپ كىتاپ توشۇيدىغان ئىشەكنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان(يالغانغا چىقارغان) قەۋىمنىڭ ھالى نېمىدىگەن ياماندۇر! ئاللاھ زالىملار قەۋمىنى ھىدايەتكە ئېرىشتۈرمەيدۇ. “ (جۇمە: 5)

  بۇ ئايىتى كەرىمىلەردە يەھۇدى ئالىملىرنىڭ دۇنياغا بىرىلىپ كىتىشلىرى، ئەھلى دۇنياغا خوشامەتچىلىك قىلىشلىرى، شەھۋەت، نامشۆھرەت ۋە مەنپەئەتلەرنىڭ ئارقىسىدىن يۈگىرىشلىرى ۋە پايدىسى ئاز بولغان دۇنياغا بەدەل تەۋراتنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۆزگەرتىشى سەۋەبلىك بىرىنچى مىسالدا ئىتقا، ئىككىنچى مىسالدا بولسا ئىشەككە ئوخشىتىلغاندۇر. چۈنكى ئىتمەنپەئەتنى، ئىشەك بولسا شەھۋەتنى تەمسىل قىلىدۇ. مىسال ئالىمىدە بۇ پەس ئەخلاق ساھىپلىرى ئىت ۋە ئىشەك سۈرىتىدە كۆرىنىدۇ.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.