سۇئال: ئىنسان نىمە ئۈچۈن بالالار، مۇسىبەتلەر ۋە ھادىسىلەرگە ئۇچىرايدۇ؟
ئىمانسىزلار-ھۆررىيەتى ۋىجدان* دەستۇرىدىن پايدىلىنپ كېتىۋاتىدۇ. شەيتاندىن دەرىس ئېلىپ داۋاملىق تۈردە ئىمان ئەھلىگە ھېچ ئارام بەرمەيۋاتىدۇ. ئىنشائاللاھ، ئىدارە قىلغۇچىلارنىڭ زور كۆلەملىك قارار بىرىشى ۋە كۆپچىلىك مىللەتنىڭ ئارزۇسى، ئەھلى ئىماننىڭ تېنچ ئامانلىقىغا ۋەسىلە بولىدۇ. بىر نۇرنىڭ، بىر ھەقىقەتنىڭ ھامىسى، قوغدىغۇچىسى ۋە مۇھاپىزەتچىسى اللە دەپ ئېتىقات قىلىنغان تەقدىردە، ئۇنىڭدىن يەنە نىمىنى ئەندىشە قىلىمىز؟ پەقەت بۇ ھادىسلەر ۋە مۇسىبەتلەر نىمىشقا كىلىدۇ؟ دەپ سورالسا، جاۋابەن دەيمىزكى:
بۇ دۇنيا، ئىمتىھان ۋە ئىبتىلا(بالا–مۇسىبەت) مەيدانىدۇر. بۇنىڭغا ئوخشاش مۇسىبەتلەر ئەھلى ئىماننى، ئۆز قۇسۇرلىرىنى ئويلىنىپ تەۋبە–ئىستىغفار قىلىشقا، ئاجىزلىقىنى ھېس قىلىپ قۇۋۋىتى مۇتلەق بولغان(كۈچ–قۇۋۋىتىدە تەڭدىشى يوق) اللە قا سېغىنىشقا، دەرىتلىرىنى تۆكۈپ رەھىمى مۇتلەق (رەھىمدىللىقىدا تەڭدىشى يوق) بولغان اللەتىنلا مەدەت كۈتۈشكە بىر تۈرىتكە بولىدۇ.
بالا–مۇسىبەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭى پەيغەمبەرلەرگە، ئاندىن ئەۋلىيالارغا، ئاندىن كېيىن باشقا ئىنسانلارغا ۋە مەخلۇقاتلارغا بىرىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ھەزىتى پەيغەمبىرىمىز مەۋجۇداتلارنىڭ خۇلاسىسى، ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرگەن ھەبىبى ۋە ئالەملەرگە رەھمەت قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن بولسىمۇ، نە قەدەر بۈيۈك بالا–مۇسىبەتلەرگە دۇچار بولغانلىقى ئېنىقتۇر. ئەگەر بۇ دۇنيادا بالا ۋە مۇسىبەت بولمىغان بولسا، يەنى كەلمەسلىكىنى پەرەز قىلغان بولساق، باشتا ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىزنىڭ بالا ۋە مۇسىبەتلەرگە دۇچار بولماسلىقى لازىم بولغان بولاتتى. دېمەك، مۇسىبەتلەر، كېسەللىلكلەر ۋە ھادىسلەر، ھەممىسى شۇ مۈۋەككەۋەنات دېيىلدىغان يارىتلىش ئايەتلىرىنىڭ ۋە دەلىللىرىنىڭ مالىكى ، شۇ مەخلۇقاتنىڭ خالىقى ۋە شۇ ئىنسانلارنىڭ ھەقىقى ئىبادەت قىلىدىغان مەئبۇدى، پۈتۈن ئالەملەرنى ئىدارە ۋە تەربىيە قىلغان رەببى، يەككە يىگانە ۋاھىد، ئەھەد بولغان اللە نىڭ ئەمرى بىلەن، ئىرادىسى بىلەن بولغان، بولىدۇ يەنى يۈز بىرىۋاتىدۇ.
مۇسىبەت ۋاقتى ۋە ئىبادەت تەكلىپى– يوق بولمايدىغانلىقىغا ئوخشاش، مەنىۋى كۆرەشلەر، قۇرئانى ۋە ئىمانى ۋەزىپىلەرمۇ نەزىرىمىزدىن ساقىت قىلىنسا قەتئىييەن بولمايدۇ. پەقەت ھەر ۋاقىت ئېھتىيات قىلىشقا بولىدۇ، قوللىنىلىدۇ ۋە ئەۋزەل. ئۇنداق بولسا، ، قۇرئاننىڭ ھەقىقى تەپسىرلىرىنى پەرىزلەردىن كىيىن پەقەتلا بۈيۈك مەسجىدلەردىلا ئوقۇش شەرىت بولماستىن، قەيەردىلا بولسۇن قانچىلىك مۈمكىن بولسا شۇنچىلىك ئوقۇشقا تىرىشماق ئەۋزەل ھېساپلىنىدۇ ۋە بالا–مۇسىبەتلەرنىڭ يوق بولىشىغا ئەڭ مۇھىم سەۋەپ بولىدۇ.
—————————————-
*ھۈررىيەتى ۋىجدان: ئاممىنىڭ ھوقۇقى ۋە شەخسى ھوقۇقلارغا تاجاۋۇز قىلماسلىق شەرتى بىلەن ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ھەر قانداق بىر پىكىر ۋەياكى بىر دىننى قوبۇل قىلىش ۋە قوبۇل قىلماسلىقتا ئەركىن بولىشىنى كۆرسىتىدۇ. لىكن، ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغان بىر كىشى، ئىسلامنىڭ ئاساسلىرىنى قىسمەن بولسىمۇ ئىنكار ۋە رەت قىلىشتا ھېچ ئەركىنلىكى يوق بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئىسلام ھوقۇقىدا مۇرتەدلىك مۇئامىلىسىنى كۆرىدۇ.