سۇ» ھەققىدە مەيدانغا كەلگەن بىر قىسىم مۆجىزىلەر»

سۇ» ھەققىدە مەيدانغا كەلگەن بىر قىسىم مۆجىزىلەر»

سەككىزىنچى ئىشارەت:

   «سۇ» ھەققىدە مەيدانغا كەلگەن بىر قىسىم مۆجىزىلەرنى بايان قىلىدۇ.

  مۇقەددىمە: مەلۇمدۇركى، جامائەتلەر ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن ھادىسىلەر ئاھادىي* شەكىلدە نەقىل قىلىنغان بولسا، يالغانغا چىقىرىلمىسىلا، ئۇنىڭ توغرىلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئىنساننىڭ فىترەتىدە (تەبىئىتىدە) يالغانغا يالغاندۇر دېيىشكە يارىتىلىش جەھەتتىنلا بىر مايىللىق بار. ھەر قەۋمدىن زىيادە يالغانغا قارشى سۈكۈت قىلمايدىغان ساھابىلەر بولسا تېخىمۇ شۇنداق. بولۇپمۇ ئۇ ھادىسىلەر، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا ئائىت بولغان بولسا ۋە نەقىل قىلغان كىشىمۇ ساھابىلەرنىڭ مەشھۇرلىرىدىن بولسا، ئەلۋەتتە ئۇ خەۋەرى ۋاھىدنىڭ ئىگىسى، ئۇ ھادىسىنى كۆرگەن جامائەتنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە رىۋايەت قىلىدۇ. ھالبۇكى، تۆۋەندە سۆزلىنىدىغان سۇ مۆجىزىلىرىنىڭ ھەربىر مىسالىنى كۆپلىگەن يوللار بىلەن، نۇرغۇنلىغان ساھابىلەرنىڭ قوللىرىدىن تابىئىنلارنىڭ مىڭلارچە مۇھەققىقلىرى ئېلىپ ساغلام شەكىلدە ئىككىنچى ئەسىر مۇجتەھىدلىرىنىڭ قوللىرىغا بەرگەن. ئۇلارمۇ ناھايىتى ئەستايىدىللىق ۋە يۈكسەك ھۆرمەت بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئارقىسىدىكى ئەسىرنىڭ مۇھەققىقلىرىنىڭ قوللىرىغا بەرگەن. ھەر تەبىقىدىن، مىڭلارچە قۇۋۋەتلىك قوللاردىن ئۆتۈپ، ئاخىرى ئەسرىمىزگە يىتىپ كەلگەن. ھەم سائادەت ئەسىرىدە يېزىلغان ھەدىس كىتابلىرى ساغلام شەكىلدە ئۆتكۈزۈلۈپ، تاكى بۇخارى ۋە مۇسلىمدەك ھەدىس ئىلىمىنىڭ داھىي ئىماملىرىنىڭ قوللىرىغا ئۆتكەن. ئۇلارمۇ ئىنچىكە تەھقىقلەپ، دەرىجىلىرىنى ئايرىپ، ساغلاملىقى شۈبھىسىز بولغانلىرىنى توپلاپ بىزگە دەرس بەرگەن، تەقدىم قىلغان. جَزَاهُمُ اللّٰهُ خَيْرًا كَثِيرًا

  رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ مۇبارەك بارماقلىرىدىن سۇنىڭ ئاققانلىقى ۋە نۇرغۇن كىشىگە ئىچۈرگەنلىكى مۇتەۋاتىردۇر. شۇنداق بىر جامائەت نەقىل قىلغانكى، يالغاندا بىرلىشىشى ئىمكانسىزدۇر. شۇ مۆجىزە غايەت دەرىجىدە قەتئىيدۇر. ھەم ئۈچ قېتىم، ئۈچ چوڭ جامائەتنىڭ ئىچىدە تەكرارلانغان. باشتا بۇخارى، مۇسلىم، ئىمامى مالىك، ئىمامى شۇئەيب، ئىمامى قەتادەدەك نۇرغۇنلىغان ئەھلى سەھىھ بىر جامائەت، ساھابىلەردىن، باشتا پەيغەمبىرىمىزنىڭ خىزمەتچىسى ھەزرەتى ئەنەس، ھەزرەتى جابىر، ھەزرەتى ئىبنى مەسئۇدتەك ساھابىلەرنىڭ مەشھۇر بىر جامائىتىدىن، بارماقلىرىدىن سۇنىڭ كۆپلەپ ئېقىشى ۋە قوشۇنغا ئىچۈرىشى قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن بايان قىلىنغاندۇر. بۇ تۈردىكى سۇ مۆجىزىلىرىنىڭ كۆپلىگەن مىساللىرىدىن توققۇز مىسالنى بايان قىلىمىز.

  بىرىنچى مىسال: باشتا بۇخارى، مۇسلىم، سەھىھ كىتابلار ھەزرەتى ئەنەستىن سەھىھ نەقىل بىلەن خەۋەر بېرىدۇكى، ھەزرەتى ئەنەس شۇنداق دەيدۇ: «زەۋرا دېگەن جايدا، ئۈچيۈزدەك ئادەم رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام بىلەن بىللە ئىدۇق. دىگەر نامىزى ئۈچۈن تاھارەت ئېلىشىمىزنى بۇيرىدى، ئەمما سۇ تېپىلمىدى. ئازراق بولسىمۇ سۇ كەلتۈرۈشىمىزنى بۇيرۇدى، سۇنى كەلتۈردۇق. ئۇ مۇبارەك قوللىرىنى سۇغا تىقتى. كۆردۈمكى بارماقلىرىدىن بۇلاقتەك سۇ ئېقىۋاتاتتى. ئاندىن ئۇ يەردە بولغان ئۈچيۈز ئادەمنىڭ ھەممىسى كەلدى؛ ھەممىسى تاھارەت ئالدى ۋە ئىچتىمانا شۇ مىسالنى ھەزرەتى ئەنەس، ئۈچيۈز كىشىگە ۋەكىل بولۇپ خەۋەر بېرىۋاتىدۇ. ئۇ ئۈچيۈز كىشىنىڭ شۇ خەۋەرگە مەنەن ئىشتىراك قىلماسلىقى ۋە ئىشتىراك قىلمىغان تۇرۇقلۇق يالغانغا چىقارماسلىقى ھېچ مۇمكىنمۇ؟!

  ئىككىنچى مىسال: باشتا بۇخارى، مۇسلىم، سەھىھ كىتابلار سەھىھ نەقىل بىلەن خەۋەر بېرىدۇكى، ھەزرەتى جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەنسارى بايان قىلىدۇ: «بىز مىڭ بەشيۈز كىشى، ھۇدەيبىيە غازىتىدا ئۇسساپ كەتتۇق. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام قىربا دېيىلىدىغان تېرىدىن قىلىنغان بىر تۇلۇم سۇدىن تاھارەت ئالدى، ئاندىن قولىنى ئىچىگە تىقتى. كۆردۈمكى بارماقلىرىدىن بۇلاقتەك سۇ ئېقىۋاتاتتى. مىڭ بەشيۈز ئادەم ئىچىپ، تۇلۇملىرىنى ئۇ قىربادىن تولدۇرۇۋېلىشتىسالىم ئىبنى ئەبى جائدە جابىردىن: «قانچە كىشى ئىدىڭلار؟» دەپ سورىغاندا، جابىر: «يۈزمىڭ كىشى بولغان تەقدىردىمۇ يېتەتتى، ئەمما بىز ئونبەش يۈز (يەنى مىڭ بەشيۈز) ئىدۇقدېگەن. مانا شۇ ئوچۇق مۆجىزىنىڭ راۋىلىرى مەنەن مىڭ بەشيۈز قەدەردۇر. چۈنكى ئىنساننىڭ فىترەتىدە يالغانغا يالغان دەيدىغان بىر مايىللىق بار. ساھابىلەر بولسا، راستچىللىق ۋە توغرىلىق ئۈچۈن جان ۋە مېلىنى، ئاتائانىلىرىنى، ھەمدە قەۋم ۋە قەبىلىلىرىنى پىدا قىلىپ، راستچىللىق ۋە ھەق ئۈچۈن پىدائىي بولغان تۇرۇقلۇق؛ ھەم «مەندىن، بىلىپ تۇرۇپ يالغان بىر ئىشنى خەۋەر بەرگەن ئادەم جەھەننەم ئوتىدىن جايىنى ھازىرلىسۇنمەنىسىدىكى ھەدىسى شەرىفنىڭ تەھدىدىگە قارشى، يالغاننى كۆرۈپ تۇرۇپ سۈكۈت قىلىشلىرى مۇمكىن ئەمەستۇر. مادەم سۈكۈت قىلدى؛ دېمەك ئۇ خەۋەرنى قوبۇل قىلدى ۋە مەنەن ئىشتىراك قىلىپ تەستىق قىلدى دېگەنلىكتۇر.

  ئۈچىنچى مىسال: بۇۋات غازىتىدا، يەنە بۇخارى، مۇسلىم باشتا، سەھىھ كىتابلار بايان قىلىدۇكى، ھەزرەتى جابىر شۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام: «نَادِ بِالْوُضُوءِ يەنى، تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن چاقىر» دېدى. «سۇ يوق» دېيىلدى. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام: «ئازراق سۇ كەلتۈرۈڭلاردېدى. ناھايىتى ئاز سۇ كەلتۈردۇق. ئاندىن ئۇ ئاز سۇ ئۈستىگە قولىنى يېپىپ بىر نەرسىلەرنى ئوقۇدى. نېمىلىكىنى بىلمىدىم. ئاندىن: رِدْنَا بِجَفْنَةِ الرَّكْبِ يەنى، «قوشۇننىڭ چوڭ ئىدىشىنى كەلتۈرۈڭلاردېدى. ماڭا ئېلىپ كېلىندى، مەن ئۇنى رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ئالدىغا قويدۇم. ئۇ قولىنى ئىچىگە تىقىپ بارماقلىرىنى ئاچتى. مەن ئۇ ئاز سۇنى مۇبارەك قولى ئۈستىگە قۇيدۇم. كۆردۈمكى مۇبارەك بارماقلىرىدىن بۇلدۇقلاپ سۇ ئېقىۋاتاتتى. ئىدىش تولغاندىن كېيىن سۇغا مۇھتاج بولغانلارنى چاقىردىم، ھەممىسى كەلدى. ئۇ سۇدىن تاھارەت ئېلىپ، ئىچىشتى. مەن: «ئەمدى ئادەم قالمىدىدېدىم. قولىنى چىقاردى. ئۇ ئىدىش لىپمۇلىق پېتى قالدى.

  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئوچۇق مۆجىزىلىرى مەنەن تەۋاتۇردۇر. چۈنكى ھەزرەتى جابىر ئۇ ئىشتا باشتا بولغانلىقى ئۈچۈن، بىرىنچى سۆز ئۇنىڭ ھەققىدۇر. ئۇ ئومۇمنىڭ نامىدا ئېلان قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇ چاغدا خىزمەت قىلغان ئادەم ئۇ زات ئىدى. ئېلان قىلىش، ئەڭ ئاۋۋال ئۇنىڭ ھەققىدۇر. ئىبنى مەسئۇدمۇ ئۆز رىۋايىتىدە ئەينى شۇنىڭدەك دەيدۇكى: «مەن رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ بارماقلىرىدىن سۇنىڭ بۇلاقتەك ئاققانلىقىنى كۆردۈمئەجەبا، سادىق ساھابىلەرنىڭ مەشھۇرلىرىدىن بولغان ئەنەس، جابىر، ئىبنى مەسئۇدتەك بىر جامائەت: «مەن كۆردۈم» دېسە، كۆرمەسلىكى مۇمكىنمۇ؟ ئەمدى ئۇ ئۈچ مىسالنى بىرلەشتۈر، نەقەدەر ئوچۇق بىر مۆجىزە ئىكەنلىكىنى كۆر! شۇ ئۈچ يول بىرلەشسە، ھەقىقىي تەۋاتۇر ھۆكمىدە بارماقلىرىدىن سۇ ئاققانلىقىنى قەتئىي ئىسپات قىلىدۇ.

  ھەزرەتى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تاشتىن ئون ئىككى يەردە بۇلاقتەك سۇ چىقىرىشى، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ئون بارمىقىدىن ئون جۈمەكتەك سۇ ئېقىشىنىڭ دەرىجىسىگە چىقمايدۇ. چۈنكى تاشتىن سۇ چىقىشى مۇمكىندۇر، ئادىياتتا، يەنى يارىتىلىش قانۇنىيەتلىرى ئىچىدە مىسلى تېپىلىدۇ. ئەمما گۆش ۋە سۆڭەكتىن ئابى كەۋسەردەك سۇنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنىڭ ئوخشىشى ئادىيات ئىچىدە يوقتۇر.

  تۆتىنچى مىسال: باشتا ئىمامى مالىك، «مۇۋەتتا» ئاتلىق مۆتىۋەر كىتابىدا، مۇئاز ئىبنى جەبەلدەك مەشھۇر ساھابىلەردىن خەۋەر بېرىدۇكى، ھەزرەتى مۇئاز ئىبنى جەبەل شۇنداق دېگەن: «تەبۇك غازىتىدا بىر بۇلاق ئۇچرىدى، سۇ ساقىپ ئاران چىقىۋاتاتتى، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئازراق سۇ كەلتۈرىشىمىزنى بۇيرىدى. ئوچۇملار بىلەن سۇ ئېلىپ كېلىندى؛ رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئۇ سۇدا قولىنى ۋە يۈزىنى يۇدى؛ سۇنى بۇلاققا تۆكتۇق. بىردىنلا بۇلاقنىڭ كۆزى ئېچىلىپ، سۇ بۇلدۇقلاپ چىقتى. پۈتۈن قوشۇنغا يەتتىھەتتا بىر راۋى بولغان ئىمام ئىبنى ئىسھاق شۇنداق دەيدۇ: «يەر ئاستىدا ئۇ بۇلاقنىڭ سۈيى گۈلدۈرمامىدەك گۈرۈلدەپ ئاقتى. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ھەزرەتى مۇئاز ئىبنى جەبەلگە: يُوشِكُ يَا مُعَاذُ اِنْ طَالَتْ بِكَ حَيَاةٌ اَنْ تَرَى مَا ههُنَا قَدْ مُلِئَ جِنَانًا يەنى: بۇ مۆجىزە ئەسىرى بولغان سۇ داۋاملىق ئېقىپ، بۇ يەرلەرنى باغچىغا ئايلاندۇرىدۇ» دېگەن. دەرۋەقە شۇنداق بولغاندۇر.

  بەشىنچى مىسال: باشتا بۇخارى، ھەزرەتى بەرادىن ۋە مۇسلىم ھەزرەتى سەلەمە ئىبنى ئەكۋەدىن ۋە باشقا سەھىھ كىتابلار باشقا راۋىلاردىن بىرلىككە كېلىپ خەۋەر بېرىدۇكى: ھۇدەيبىيە غازىتىدا بىر قۇدۇق ئۇچرىدى. بىز تۆتيۈز كىشى ئىدۇق. ئۇ قۇدۇقنىڭ سۈيى ئەللىك ئادەمگە ئاران يېتەتتى. بىز سۇنى تارتىپ، قۇدۇقنىڭ ئىچىدە ھېچنېمە قويمىدۇق. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام كەلدى، قۇدۇقنىڭ بېشىدا ئولتۇردى ۋە بىر چىلەك سۇ تەلەپ قىلدى؛ كەلتۈردۇق. چىلەكنىڭ ئىچىگە مۇبارەك ئاغزىنىڭ سۈيىنى قويدى ۋە دۇئا قىلدى، ئاندىن ئۇ چىلەكتىكى سۇنى قۇدۇققا تۆكتى. بىردىنلا ئۇ قۇدۇق جۇش ئۇرۇپ قاينىدى. ئاغزىغىچە سۇ تولدى. پۈتۈن قوشۇن ئۆزلىرى ۋە ھايۋانلىرى قانغىچە ئىچتى؛ تۇلۇملىرىنىمۇ تولدۇردى.

  ئالتىنچى مىسال: يەنە مۇسلىم ۋە ئىبنى جەرىرى تەبەرىدەك ھەدىسنىڭ داھىي ئىماملىرى باشتا بولۇپ، سەھىھ كىتابلار سەھىھ نەقىل بىلەن مەشھۇر ئەبى قەتادەدىن خەۋەر بېرىدۇكى، ئەبى قەتادە شۇنداق دەيدۇ: مەشھۇر مۇتە غازىتىدا، رەئىسلەرنىڭ شېھىد بولىشى سەۋەبىدىن ياردەمگە كېتىۋاتاتتۇق. مەندە بىر تۇلۇم بار ئىدى. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ماڭا: اِحْفَظْ عَلَىَّ مِيضَئَتَكَ فَسَيَكُونُ لَهَا نَبَاٌ عَظِيمٌ يەنى: «تۇلۇمنى چىڭ ساقلا، ئۇنىڭ چوڭ ئىشى بار» دېدى. كېيىن ئۇسساپ كەتتۇق، يەتمىش ئىككى كىشى ئىدۇق، (تەبەرىنىڭ نەقلىگە قارىغاندا، ئۈچيۈز ئىدۇق) سۇسىز قالدۇق. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام «تۇلۇمنى كەلتۈردېدى، كەلتۈردۈم. ئۇ ئېلىپ ئاغزىنى تۇلۇمنىڭ ئاغزىغا ئەكەلدى، ئىچىگە پۈۋلىگەندەك قىلدى، بىلمەي قالدىم؛ ئاندىن يەتمىش ئىككى كىشى كېلىپ ئىچىشتى ۋە تۇلۇملىرىنى تولدۇرۇشتى. ئاندىن مەن ئالدىم، مەن بەرگەن پېتى تۇراتتى.

  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مانا بۇ ئوچۇق مۆجىزىسىنى كۆر، اَللّٰهُمَّ صَلِّ وَ سَلِّمْ عَلَيْهِ وَ عَلَى آلِهِ بِعَدَدِ قَطَرَاتِ الْمَاءِ دە!

  يەتتىنچى مىسال: باشتا بۇخارى ۋە مۇسلىم بولۇپ سەھىھ كىتابلار ھەزرەتى ئىمران ئىبنى ھۇسەيندىن خەۋەر بېرىدۇكى، ئىمران شۇنداق دەيدۇ: بىر سەپەردە، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام بىلەن بىللە سۇسىز قالدۇق. ماڭا ۋە ئەلىگە: «پالانى يەردە بىر ئايال ئىككى تۇلۇم سۇنى ئۇلىغىغا ئارتىپ كېتىۋاتىدۇ، ئۇنى بۇ يەرگە كەلتۈرۈڭلار» دېدى. مەن ئەلى بىلەن بىللە باردىم، دەل شۇ يەردە ئۇ ئايالنى سۇ بىلەن بىللە تاپتۇق، كەلتۈردۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىر قاچىغا ئازراق سۇ چۈشۈرۈڭلار» دېدى، چۈشۈردۇق. بەرىكەت بىلەن دۇئا قىلدى؛ ئاندىن كېيىن سۇنى يەنە ئۇ ئۇلاغ ئۈستىدىكى تۇلۇمغا تۆكتۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەممەيلەن كېلىپ تۇلۇملىرىنى تولدۇرسۇن» دېدى. پۈتۈن جامائەت كېلىپ تۇلۇملىرىنى تولدۇردى ۋە ئىچىشتى. ئاندىن: «ئايالغا بىر نەرسە يىغىپ بىرىڭلار» دېدى. ئايالنىڭ ئېتىكىنى تولدۇرۇشتى. ئىمران دەيدۇكى: «مەن ئۇ ئىككى تۇلۇمنى بارغانسېرى تولۇپ جىقلاۋاتقاندەك خىيال قىلدىمرەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئۇ ئايالغا: اِذْهَبِى فَاِنَّا لَمْ نَاْخُذْ مِنْ مَائِكِ شَيْئًا وَلكِنَّ اللّهَ سَقَينَا يەنى: «سېنىڭ سۈيۈڭدىن ئالمىدۇق، بەلكى جانابى ھەق بىزگە خەزىنىسىدىن سۇ ئىچۈردى» دېدى.

  سەككىزىنچى مىسال: باشتا مەشھۇر ئىبنى ھەزم سەھىھ كىتابىدا، راۋىلار ھەزرەتى ئۆمەردىن نەقىل قىلىدۇكى: تەبۇك غازىتىدا سۇسىز قالدۇق. ھەتتا بەزىلەر تۆگىسىنى سويغاندىن كېيىن، ئىچىدىكى سۈيىنى سىقىپ ئىچەتتى؛ ئەبۇ بەكىرى سىددىق رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ دۇئا قىلىشىنى ئىلتىجا قىلدى. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام قولىنى كۆتۈردى؛ تېخى قولىنى چۈشۈرمەستىنلا بۇلۇت يىغىلدى ۋە يامغۇر شۇنداق ياغدىكى، تۇلۇملىرىمىزنىمۇ تولدۇرالىدۇق. ئاندىن يامغۇر توختىدى. قوشۇنىمىزغا مەخسۇس شەكىلدە كەلگەن بولۇپ، دائىرىمىزنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتمىدى. دېمەك، تاسادىپىلىق ئارىلاشمىغان، پەقەتلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر مۆجىزىسى ئىدى.

  توققۇزىنچى مىسال: مەشھۇر ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاسنىڭ ئوغلى ۋە تۆت ئىمام ئىشىنىپ تەخرىجى ھەدىس* ئۈچۈن تايانغان ئەمر ئىبنى شۇئەيبدىن سەھىھ نەقىل بىلەن خەۋەر بېرىلىدۇكى، ئۇ شۇنداق دېگەن: پەيغەمبەرلىك كېلىشتىن ئاۋۋال، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام تاغىسى ئەبۇ تالىب بىلەن تۆگىگە مىنىپ، ئەرەفە ئەتراپىدىكى زىلمەجاز دېگەن جايغا كەلگەن ۋاقىتتا ئەبۇ تالىب: «مەن ئۇسسىدىم» دەپتۇ. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام تۆگىدىن چۈشۈپ، پۇتىنى يەرگە ئۇرغانىكەن، سۇ چىقىپتۇ. ئەبۇ تالىب ئۇ سۇدىن ئىچىپتۇ. مۇھەققىقلاردىن بىرسى شۇنداق دېگەن: «شۇ ھادىسە پەيغەمبەرلىكتىن ئاۋۋال بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىرھاسات تۈرىدىن بولۇش بىلەن بىللە، مىڭ يىلدىن كېيىن دەل شۇ يەردىن ئەرەفات بۇلىقىنىڭ چىقىشى، ئۇ ھادىسىگە بىنائەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ بىر كارامىتى سانىلىدۇ

  مانا بۇ توققۇز مىسالدەك، توقسان مىسال بولمىسىمۇ، «سۇ» مۆجىزىلىرىنى خەۋەر بەرگەن توقسان سۈرەتتە قىلىنغان رىۋايەتلەر باردۇر. باشتىكى يەتتە مىسال مەنىۋى تەۋاتۇردەك قەتئىي ۋە قۇۋۋەتلىكتۇر. گەرچە ئاخىرىدىكى ئىككى مىسالنىڭ رىۋايەت يوللىرى ئۇ دەرىجىدە قۇۋۋەتلىك ۋە خىلمۇخىل ئەمەس، راۋىلىرىمۇ كۆپ ئەمەس. ئەمما سەككىزىنچى مىسالدىكى ھەزرەتى ئۆمەردىن رىۋايەت قىلىنغان بۇلۇت مۆجىزىسىنى قۇۋۋەتلەندۈرىدىغان ئىككىنچى بىر بۇلۇت مۆجىزىسى شۇكى:

  باشتا ئىمامى بەيھەقى ۋە ھاكىم بولۇپ، سەھىھ كىتابلار ھەزرەتى ئۆمەردىن خەۋەر بېرىدۇكى: ھەزرەتى ئۆمەر رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامدىن يامغۇر دۇئاسىنى ئىلتىجا قىلدى. چۈنكى قوشۇن سۇغا مۇھتاج ئىدى. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام قولىنى كۆتۈردى، بىردىنلا بۇلۇت يىغىلىپ يامغۇر ياغدى. قوشۇننىڭ ئىھتىياجىغا لايىق سۇ بېرىپ كەتتى. گويا پەقەتلا قوشۇنغا سۇ بېرىش ئۈچۈن ۋەزىپىدار ئىدى. كەلدى، ئىھتىياجغا كۆرە بېرىپ كەتتى.

  شۇ ھادىسە، سەككىزىنچى مىسالنى قۇۋۋەتلەندۈرگەن ۋە ئىسپات قىلغىنىدەك، شۇ ھادىسىدە مەشھۇر ئۆلىمالاردىن ۋە سەھىھنى تاللاشتا ناھايىتى قىيىنلاشتۇرىۋېتىدىغان، ھەتتا نۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەرنى ئويدۇرما دەپ قوبۇل قىلمىغان ئىبنى جەۋزىيدەك بىر مۇھەققىق دەيدۇكى: شۇ ھادىسە مەشھۇر بەدىر غازىتىدا مەيدانغا كەلگەن. ﴿وَيُنَزِّلُ عَلَيْكُمْ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً لِيُطَهِّرَكُمْ بِهِ﴾ ئايەتى كەرىمەسى، ئۇ ھادىسىنى سۆزلەپ ئىپادە قىلىدۇ. مادەم ئايەت ئۇ ھادىسىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنداقتا قەتئىيلىكىدە شۈبھە قالمايدۇ.

  ھەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى بىلەن، بىردىنلا ۋە تېز سۈرەتتە ۋە تېخى قولىنى چۈشۈرمەستىنلا يامغۇرنىڭ يېغىشى كۆپ قېتىم تەكرارلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۆزىلا مۇتەۋاتىر بىر مۆجىزىدۇر. بەزىدە مەسجىدتە، مۇنبەر ئۈستىدە (دۇئا ئۈچۈن) قولىنى كۆتۈرگەن، تېخى قولىنى چۈشۈرمەستىنلا يامغۇر ياغقان؛ تەۋاتۇر بىلەن نەقىل قىلىنغاندۇر.

———————————————————–

*ئاھادىي: رىۋايىتى مۇتەۋاتىر ۋە بەك مەشھۇر دەرىجىدە بولمىغان.ت

*تەخرىج: مۇجتەھىدلەرنىڭ (قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىن ھۆكۈم چىقىرىدىغان زاتلارنىڭ) مەنبەلەرگە تايىنىپ تۇرۇپ شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى چىقىرىشى.-ت


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.