ئاۋازلىق:سۈننەتى سەنىىييەگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ھەرقانداق نەرسە يىرگىنىشلىك ۋە رىياكارلىق بولامدۇ؟

ئاۋازلىق:سۈننەتى سەنىىييەگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ھەرقانداق نەرسە يىرگىنىشلىك ۋە رىياكارلىق بولامدۇ؟

سۈننەتى سەنىىييەگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ھەرقانداق نەرسە يىرگىنىشلىك ۋە رىياكارلىق بولامدۇ؟

  ئىنسان، ھەر كۈنى ئەڭ ئاز بولغاندا بەش قېتىم، ئۆزىگە مەخسۇس كىيىمكىچەكلىرىنى كىيىپ، ناماز ۋاستىسى بىلەن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىدۇ. شۇنداقلا، جانابى ھەقنىڭ شۇھۇدىغا يەنى كۆرىشىگە ئىزھار ۋە ئىلتىماس قىلىپ: «يا رەببى! بۇلارنى ماڭا سەن بەردىڭ، مەنمۇ زىننەتلەندىم، كەلدىم» دەيدۇ. يالغۇز ئۇنىڭ ھۇزۇرىنى ئويلىنىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇپ، باشقىلارنى ئويلىنىش، ئۇ ھۇزۇرنىڭ ئەدىبىگە مۇخالىپ بولىدۇ. ھەمدە جانابى ھەق، ئۇنى زىشۇئۇر يەنى ئەقىلئىدراك ساھىپلىرىغا كۆرسىتىش ئارقىلىق سەنئىتىنى تەشھىر يەنى كۆرگەزمە قىلىدۇ. ئۇ زاتى زۈلجەلال، ھەر ئىككىلا خىل ئەھۋالدا، ئۆزىگە مەخسۇس بىر لەززەت ئالىدۇ. دېمەك، بۇ دەرىس ھەم ئىخلاس دەرسى، ھەم تەۋھىد دەرسى، ھەم ھەقىقەت دەرسى، ھەم شەرىئەت دەرسى، ھەم تەرىقەت دەرسىدۇر.

  شۇنداق، جانابى ھەق، ئىنسانغا مىڭلارچە ئەزا، ئورگان، ھىسسىيات ۋە لاتىپەتۇيغۇلار بىلەن جەملەنگەن بىر بەدەنبىر ۋۇجۇت بىرىپ، مىڭبىر ئىسمىنىڭ جىلۋىسى بىلەن زىننەتلەندۈرگەن. ئىنسانمۇ، ئۇ ئىسىملارنىڭ نەقىشلىرى ئىكەنلىكىنى بىلگەن ھالدا زىننەتلىنىپ، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىپ، مۇراسسائاتىنى يەنى جەۋھەرلەر بىلەن بېزەلگەن قىممەتلىك نەرسىلىرىنى، توغرىدىن توغرا ئۆزى شەخسەن جانابى ھەققە ئىزھار ۋە ئىلتىماس قىلىدۇ.

  ئۇنداقتا ئىنسان، جانابى ھەقنىڭ ئۇنىڭغا ئېھسان قىلغان نەرسىلىرىگە ئىگە چىقىۋېلىپ، ئۆزىنى يەنى نەپسىنى ياخشى كۆرمەسلىكى كېرەك ۋە ئۆزىنىمەئبۇد بولغان ئاللاھتىن باشقىسىغا كۆرسىتىپ، رىياكارلىق قىلماسلىقى كېرەك. ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇپ، باشقىلارنىڭ تەۋەججۈھيۈزلىنىشىنى خالىماسلىقى كېرەك. شۇنداق، ئىنسان جانابى ھەقنىڭ بىر ئەينىكىدۇر. ئۇنىڭ ئېھسانلىرى ئىكەنلىكى بىلىپ تۇرۇپ زىننەتلىنىشى كېرەك ۋە توغرىدىن توغرا بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ شۇھۇد نەزىرىگە يەنى كۆزدىن كەچۈرىشىگە، مۇراسسائات يەنى جەۋھەرلەر بىلەن زىننەتلەنگەن نەرسىلىرىنى ئىزھار قىلىشى كىرەك. ئۇنىڭدىن كېيىن، جانابى ھەق ئۇنى زىشۇئۇرلارغا شاھىد يەنى ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىدۇ.

  شۇنداق، ئاللاھۇ تائالا بىر قۇلىنىڭ ئىبادىتىنى قوبۇل قىلسا، پۈتۈن مەلەكلەرگە ۋە پۈتۈن ئالەملەرگە ئەمىر قىلىپ دەيدۇ: «كېلىڭلار، بۇ قۇلۇمنى تاماشا قىلىڭلار. قاراڭلار، نە قەدەر گۈزەل ئەينەكلىك رولىنى بىلىپ ئىزھار قىلىۋاتىدۇ. ھەممىڭلار، بۇ قۇلۇمنى سۆيىڭلار

  مەسىلەن: ئاللاھۇ تائالا، رەسۇلى ئەكرەم(ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام)نى سۆيىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن ئالەملەرمۇ ھەم رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنى سۆيگەن. ھەدىستە رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، ئاللاھ بىر قۇلىنى سۆيسە، جىبرائىل ئەلەيھىسسالامغا دەيدۇ: «مەن پالانى قۇلۇمنى سۆيدۈم، سەنمۇ ھەم سۆيجىبرائىل ئەلەيھىسسالاممۇ ھەم ئۇنى سۆيىدۇ. بۇ قېتىم ئەمدى جىبرائىل ئەلەيھىسسالام پۈتۈن مەلەكلەرگە ئەمىر قىلىدۇ: «ئاللاھ پالانى قۇلىنى سۆيىدى، مەنمۇ ھەم سۆيدۈم، سىلەرمۇ ھەم سۆيۈڭلار.» ھەممىسىمۇ ھەم سۆيۈشكە باشلايدۇ تاكى زېمىن يۈزىگىمۇ ئۇنىڭ سۆيگىسى تارالسۇن.

  دېمەك: «شاھىدى ئەزەلى بولغان ئاللاھنىڭ شۇھۇد ۋە ئىشھاد نەزىرىگە كۆرۈنۈش» ئىپادىسىدىكى مۇرات بۇدۇر. بۇنىڭ يولى ۋە ئۆلچىمى بولسا، سۈننەتى سەنىييەگە ئىتتىبا قىلىشئەگىشىشتۇر. سۈننەتى سەنىييەگە ئەگىشىش، ھوزۇر قازىنىشنىڭ ئەڭ تەسىرلىك سەۋەبى ۋە جانابى ھەقنىڭ شۇھۇد ۋە ئىشھاد نەزىرىگە قارىتا بىلگەن ھالدە زىننەتلىنىش ۋە ئىسىملىرىغا ئەينەكتارلىق قىلىشنىڭ يىگانە يولىدۇر. سۈننەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ھەر قانداق نەرسە يىرگىنىشلىكتۇر ۋە رىياكارلىقتۇر.

قُلْ إِن كُنتُمْ تُحِبُّونَ اللّهَ فَاتَّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُ اللّهُ

يەنىدېگىنكى: ئەگەر ئاللاھنى سۆيسەڭلار، دەرھال ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھمۇ سىلەرنى سۆيسۇنئايىتى بۇ ھەقىقەتنى ئىسپات قىلىدۇ.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.