Genel

«سېنى ئىسكەنجىگە ئالغان بۇ بىدئەتچى ۋە قىسمەن مۇناپىق بولغان باشتىكى ئىنسانلار تۇتقان سىياسەتكە قانداق قاراۋاتىسەنكى، ئۇنىڭ بىلەن كارىڭ بولمايۋاتىدۇ؟»

  قىزىقتۇرىدىغان ئىككىنچى سوئال: بۇ ئىككى ئايدىن بېرى ھاياجانلىق بىر سىياسىي ۋەزىيەت قارشىسىدا، قۇۋۋەتلىك بىر ئېھتىمال بىلەن ماڭا ھەم ئالاقىدار بولغان كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمغا سۆيۈنچ بېرىدىغان بىر تەشەببۇستا بولىشىم لازىم تۇرسىمۇ، ئۇ ۋەزىيەتكە ھېچ ئەھمىيەت بەرمەستىن، ئەكسىچە مېنى ئەزگەن ئەھلى دۇنيانىڭ تەرىپىدە تۇرىدىغان بىر پىكىردە بولدۇم. بەزى زاتلار بەكمۇ چوڭ ھەيرانلىق ئىچىدە قېلىشتى. دېيىشتىكى: «سېنى ئىسكەنجىگە ئالغان بۇ بىدئەتچى ۋە قىسمەن مۇناپىق بولغان باشتىكى ئىنسانلار تۇتقان سىياسەتكە قانداق قاراۋاتىسەنكى، ئۇنىڭ بىلەن كارىڭ بولمايۋاتىدۇ؟»

  بەرگەن جاۋابىمنىڭ خۇلاسىسى شۇدۇركى: بۇ زاماندا ئەھلى ئىسلامنىڭ ئەڭ مۇھىم تەھلىكىسى(ھالاكىتى)، پەن ۋە پەلسەپىدىن كەلگەن بىر زالالەت بىلەن قەلبلەرنىڭ بۇزۇلىشى ۋە ئىماننىڭ زېدىلىنىشىدۇر. بۇنىڭ يىگانە چارىسى: نۇردۇر. نۇر كۆرسىتىلگەندىلا، قەلبلەر ئىسلاھ بولىدۇ، ئىمانلار قۇتۇلىدۇ. ئەگەر سىياسەت توقمىقى بىلەن ھەرىكەت قىلىنسا، زەپەر قازىنىلسا، ئۇ كاپىرلار مۇناپىق دەرىجىسىگە چۈشىدۇ. مۇناپىق كاپىردىن تېخىمۇ ياماندۇر. دېمەك، توقماق بۇنداق بىر زاماندا قەلبنى ئىسلاھ قىلالمايدۇ. ئۇ چاغدا كۇفۇر قەلبكە كىرىدۇ، يوشۇرىنىدۇ، مۇناپىقلىققا ئۆزگىرىدۇ. ھەم نۇر، ھەم توقماقئىككىسىنى بۇ زاماندا مەندەك بىر ئاجىز ئادەم قىلالمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن قۇۋۋىتىم بىلەن نۇرغا ئېسىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىمدىن، سىياسەت توقمىقى قانداق شەكىلدە بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭغا قارىماسلىق لازىم كېلىدۇ. ئەمما ماددى جىھادنىڭ لازىملىقى بولسا، ئۇ ۋەزىپە ھازىرچە بىزدە ئەمەس. شۇنداق، زۆرۈر تېپىلغاندا كافىرنىڭ ۋەيا مۇرتەدنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇشقا توقماق لازىمدۇر. ئەمما ئىككى قولىمىز بار، ئەگەر يۈز قولىمىز بولغان تەقدىردىمۇ، نۇرغا ئاران يېتىدۇ، توقماق تۇتىدىغانغا قولىمىز يوق!…