سەن ۋەزىپىسىز بىر ئادەمسەن؟

سەن ۋەزىپىسىز بىر ئادەمسەن؟

  ئەگەر دېسەڭلار: بۇ ھۆرمەت، مەرتىۋە ۋە يۈزلىنىش، ۋەزىپە بېشىدا بولغان ۋاقىتقا خاستۇر ۋە ۋەزىپىدارلارغا مەخسۇستۇر. سەن ۋەزىپىسىز بىر ئادەمسەن. ۋەزىپىدارلاردەك خەلقنىڭ ھۆرمىتىنى قوبۇل قىلالمايسەن!

  جاۋاب: ئەگەر ئىنسان پەقەتلا بىر جەسەتتىن ئىبارەت بولغان بولسا ۋە ئىنسان دۇنيادا ئۆلمەي دائىمىي قالسا ۋە قەبرە ئىشىكى تاقالسا، ئۆلۈم ئۆلتۈرۈلسە، نەتىجىدە ۋەزىپە پەقەتلا ئەسكەرلىك ۋە ئىدارە خىزمەتچىلىرىگە قالسا، دېگەن سۆزۈڭلاردا بىر مەنە بولاتتى. بىراق، مادەم ئىنسان پەقەتلا جەسەتتىن ئىبارەت ئەمەس. جەسەتنى بېقىش ئۈچۈن قەلب، دىل، ئەقىل ۋە مىڭە چىقىرىلىپ ئۇ جەسەتكە يىگۈزۈلمەيدۇ. ئۇلار ئۆلتۈرۈلمەيدۇ. ئۇلارمۇ باشقۇرۇش خالايدۇ. ۋە مادەم قەبىر ئىشىكى تاقالمايدۇ، ھەمدە قەبىرنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئىستىقبال ئەندىشىسى ھەر كىمنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسىدۇر. ئەلۋەتتە خەلقنىڭ ئىتائەت ۋە ھۆرمىتىگە تايانغان ۋەزىپىلەر پەقەتلا دۇنياۋىي ھاياتقا، ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ھەربىي ۋەزىپىلىرىگە چەكلىنىپ قالمايدۇ. شۇنداق، يولۇچىلارغا ساياھەت ئۈچۈن يول خېتى بېرىشمۇ بىر ۋەزىپە بولغىنىدەك، ئەبەد تەرەپكە ماڭغان يولۇچىلارغىمۇ ھەم يول خېتى، ھەم ئۇ قاراڭغۇ يول ئۈچۈن نۇر بېرىش شۇنداق بىر ۋەزىپىدۇركى، ھېچبىر ۋەزىپە ئۇ ۋەزىپىچىلىك ئەھمىيەتلىك ئەمەستۇر. بۇنداق بىر ۋەزىپىنىڭ ئىنكار قىلىنىشى ئۆلۈمنىڭ ئىنكار قىلىنىشى بىلەن اَلْمَوْتُ حَقٌّ (ئۆلۈم ھەق) دېگەن دەۋانى مۇردىلىرىنىڭ مۆھرى بىلەن ئىمزالاپ تەستىق قىلغان ئوتتۇز مىڭ شاھىدنىڭ شاھىدلىقىنى ئىنكار قىلىش بىلەن بولىدۇ. مادەم مەنىۋى بولغان، زۆرۈرى ھاجەتلەرگە تايانغان مەنىۋى ۋەزىپىلەر بار. ئۇ ۋەزىپىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىمى، ئەبەدكە يۈزلەنگەن ساياھەت ئۈچۈن پاسپورت قەغىزى، بەرزەخ(قەبرە) قاراڭغۇلىقىدا قەلبنىڭ قول چىرىقى ۋە مەڭگۈلۈك سائادەتنىڭ ئاچقۇچى بولغان ئىماندۇر، ئىمان دەرسلىرى ۋە ئىماننىڭ كۈچلەندۈرىلىشىدۇر. ئەلۋەتتە ئۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىغان ئەھلى مەرىپەت، نىمەتكە تۇزكورلۇق قىلىپ ئۆزىگە بىرىلگەن ئىمانىي نىمەتنى يوققا چىقىرىپ ھەرگىزمۇ كەيپساپا ۋە گۇناھ يولىدا يۈرگەنلەرنىڭ دەرىجىسىگە چۈشمەيدۇ. ئۆزىنى پەسلەرنىڭ بىدئەت ۋە بۇزۇقچىلىقلىرى بىلەن بۇلغىمايدۇ! سىلەر ياقتۇرمايۋاتقان ۋە باراۋەرلىككە زىت دەپ كۆرىۋاتقان ئۆزۈمنى يالغۇزلۇققا تارتىشىم مانا بۇنىڭ ئۈچۈندۇر.

  بۇ ھەقىقەت بىلەن بىللە مېنى ئىسكەنجىلەر بىلەن قىيناۋاتقان سىلەردەك مەنمەنچىلىكتە ۋە باراۋەرلىك قانۇنىنى بۇزۇشتا فىرئەۋىنلىك دەرىجىسىگە چىققان تەكەببۇرلارغا دېمەيمەن. چۈنكى تەكەببۇرلارغا قارىتا كىچىك پېئىللىق قىلىش پەسلىك دەپ چۈشىنىلگەنلىكى ئۈچۈن كىچىك پېئىللىق قىلماسلىق كېرەكتۇر. بەلكى ئىنساپلىق، كىچىك پېئىل، ئادىل قىسمىغا دەيمەنكى: ﷲقا شۈكۈر، مەن ئۆزۈمنىڭ قۇسۇرۇمنى ۋە ئاجىزلىقىمنى بىلىمەن. مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىدە تەكەببۇرلارچە بىر ھۆرمەت مەرتىۋىسى خالاش ئەمەس، بەلكى ھەر ۋاقىت چەكسىز قۇسۇرلىرىمنى، ئەھمىيەتسىلىكىمنى كۆرۈپ ئىستىغفار بىلەن تەسەللى تېپىپ خەلقلەردىن ھۆرمەت ئەمەس دۇئا خالاۋاتىمەن. مېنىڭ بۇ مەسلىكىمنى مېنىڭ بارلىق دوستلىرىم بىلىشىدۇ دەپ ئويلايمەن. لېكىن شۇ يىرى باركى، قۇرئانى ھەكىمگە خىزمەت ۋاقتىدا ۋە ئىمان ھەقىقەتلىرى دەرس بېرىلگەن چاغدا، ئۇ ھەقىقەت نامىدىن ۋە قۇرئاننىڭ شەرىپىنى دەپ، ئۇ ماقام تەلەپ قىلغان ئىلمىي ئىززەت ۋە تەمكىنلىكنى دەرس ۋاقتىدا مۇھاپىزەت قىلىپ، بېشىمنى زالالەت ئەھلىگە ئەگمەسلىك ئۈچۈن ئۇ ئىززەتلىك ھالەتنى ۋاقىتلىق قوبۇل قىلىمەن. بۇ نۇقتىلارغا قارشى چىقىشقا ئەھلى دۇنيانىڭ قانۇنلىرىنىڭ ھېچبىر ھەددى ئەمەس دەپ ئويلايمەن.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.