شەيتاننىڭ يوللىرىغا(ئىزىدىن) ئەگەشمەڭلار

شەيتاننىڭ يوللىرىغا(ئىزىدىن) ئەگەشمەڭلار

خۇتۇۋاتى سىتتە(ئالتە قەدەم)

اَعُوذُ بِاللهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ وَلاَ تَتَّبِعُوا خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ

(شەيتاننىڭ يوللىرىغا(ئىزىدىن) ئەگەشمەڭلار)

سۈرە بەقەرە:168،208؛سۈرە ئەنئام:142

  ھەر قانداق بىر زاماننىڭ ئىنسى بىر شەيتىنى باردۇر. ئەمدىلكتە بولسا ئىنسانيەتتە ئىنسان سۈرىتىدە شەيتاننىڭ ۋەكىلى بولغان غادايغان زالىم رۇھلۇقلار پىتنەكارلارچە سىياسىتى بىلەن جاھاننڭ ھەر تەرىپىگە ئوت تۇتاشتۇرغۇچى ئەلخەنناس بولغان شەيتان، ئالتە قەدەم ئارقىلىق ئىسلام دۇنياسىدا پىتنەپاسات تېرىش ئۈچۈن ئىنسانلاردا ۋە ئىنسان جامائەتلىرىدىكى خابىس(بوزۇقپەس)مەنبەلەرنى ۋە تەبئىيتىدىكى زىيانلىق رودىلارنى قېزىپ پىئىلى پروپىگاندىلار بىلەن يەنى ھەركەتچان تەشۋىقتەرغىباتلىرى بىلەن قوللىنىپ پايدىلىنىۋاتىدۇ ۋە ئاجىزلىق تومۇرلىرىنى تۇتىۋېلىۋاتىدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ ئىنتىقامپەرەستلىكىدىن، بەزىلىرىنىڭ نام ئابرۇي پەرەسىتلىكىدىن، كىمنىڭ تاماخورلىقىدىن، كىمنىڭ ئەخماقلىقىدىن، كىمنىڭ دىنسىزلىكىدىن ھەتتا ئەڭ ھەيران قالارلىقى شۇدۇركى بەزى كىشىلەرنىڭ مۇتەئەسسىپلىقىدىن پايدىلىنىپ سىياسىتىگە ۋاسىتە قىلىۋاتىدۇ.

  بىرىنچى قەدەم:

دەيدۇ ۋەياكى دىگۈزىدۇ:

  ”سىلەر ئۆزۈڭلارمۇ دەيسىلەر: مۇسىبەتكە لايىق بولدۇڭلار. قەدەر زالىم ئەمەس، ئادالەت قىلىدۇ. ئۇنداق بولسا سىلەرگە قارشى قىلغان مۇئامىلەمگە رازى بولۇڭلار.“

  شۇ ۋەھىمىلىك ۋەسۋەسىگە قارىتا دېيىشىمىز كېرەك:

  ئاللاھنىڭ تەقدىرى ئىسيانلىرمىز تۈپەيلى يەنى ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىگە قارشى چىققانلىقىمز ئۈچۈن مۇسىبەت بىرىدۇ. ئۇنىڭغا رازى بولغانلىق ئۇ گۇناھتىن تەۋبە قىلىش دىگەنلىكتۇر.

  سەن ئەي مەلئۇن! گۇناھىمىز ئۈچۈن ئەمەس، ئىسلامىيتىمىز ئۈچۈن زۈلۈم قىلدىڭ ۋە قىلىۋاتىسەن.

  ئۇنىڭغا(كاپىر ۋە زالىملارغا ۋە ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا) رازىلىق كۆرسىتىش ۋەياكى ئۆز ئختيارى بىلەن ئىتائەت قىلىش دىگەنلىك نەئۇزۇبىللاھ! ئىسلامىيەتتىن پۇشايمان قىلىش ۋە يۈز ئۆرۈش دىگەنلىكتۇر.

  شۇنداق، ئوخشاش نەرسىنى ھەم مۇسىبەتتۇر ، ئاللاھ بىرىدۇ، ئادالەت قىلىدۇ. چۈنكى گۇناھىمىزغا، شەريامانلىقلىرىمىزغا مەجبۇرى شەكىلدە ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتۈرۈش ئۈچۈن بىرىدۇ. ئۇ نەرسىنى ئوخشاش ۋاقىتتا ئىنسان بىرىدۇ، زۈلۈم قىلىدۇ. چۈنكى باشقا سەۋەپلەرگە بىنائەن جازا بىرىدۇ. ئىسلام دۈشمەنلىرى شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىنى بىزگە ئىجرا قىلىدۇ. چۈنكى مۇسۇلمان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن.

  ئىككىنچى قەدەم:

دەيدۇ(ۋەياكى دىگۈزىدۇ):

  ”باشقا كاپىرلارغا دوسىت بولغىنىڭلاردەك ماڭىمۇ دوسىت ۋە تەرەپتار بولۇڭلار. نېمىشقا ئۆزۈڭلارنى تارتىسىلەر؟ “

شۇ ۋەسۋەسىگە قارىتا دەيمىز:

  ياردەمگە ئۇزاتقان قولنى قوبۇل قىلىش باشقىدۇر. ئاداۋەت قولىنى سۆيۈشمۇ پۈتۈنلەي باشقىدۇر. بىر كاپىرنىڭ ھەر بىر سۈپىتى كاپىر بولىشى ۋەياكى كۇپۇرى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان بولىشى لازىم بولمىغىنىدەك، ئىسلامنىڭ ۋە تاجاۋۇز قىلغان بىر دۈشمىنىنىڭ دەپئىي قىلىنىشى ئۈچۈن، بىر كاپىر ياردەم قولىنى ئۇزاتسا، قوبۇل قىلىش ئىسلامىيەتكە خىزمەتتۇر. سېنىڭ بولسا ئەي مەلئۇن كاپىر! سېنىڭ كۇپۇرىڭدىن پەيدا بولغان، تىنچلىقنى قۇبۇل قىلمايدىغان دۈشمەن قولۇڭنى سۈيۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، تىگىپ كىتىشمۇ ئىسلامىيەتكە ئاداۋەت قىلىش دىگەنلىكتۇر.

  ئۈچىنچى قەدەم:

دەيدۇ(ۋەياكى دىگۈزىدۇ):

  ”ھازىرغچىلىك سىلەرنى ئىدارە قىلغانلار يامانلىق قىلىپ كەلدى، قالايمىقانلاشتۇرىۋەتتى. ئۇنداق بولسا ماڭىمۇ رازى بولۇڭلار.“

بۇ ۋەسۋەسىگە قارشى دەيمىز:

  ئەي ئەلخەنناس! ئۇلارنىڭ يامانلىقلىرىنىڭ ئەسلىي سەۋەبىمۇ سەن ئۆزۈڭ. دۇنيانى ئۇلارغا تارلاشتۇردۇڭ. ھايات جان تۇمۇرىنى كىسىۋەتتىڭ، نامەشرۇ ئەۋلاتلارنى ئۇلارغا ئارلاشتۇرىۋەتتىڭ. دىنسىزلىككە يول ئېچىپ دىننى پارا قىلىپ بىرىشىنى خالىدىڭ. ئۇلارغا بەدەل سېنى قوبۇل قىلىش بولسا نىجىس بولغان سۇ بىلەن نىجىس بولغان بىر كىيىمنى چوشقاتوڭگۇزنىڭ سۈيدىكى بىلەن يۇيۇش دىگەنلىكتۇر. سەن يالغۇز ھايۋاندەك ۋاقىتلىق بىر پەس ھاياتنى بىزگە تاشلاپ قويۇپ ئىنسانلىققا لايىق، ئىسلامىي ھاياتنى ئۆلتۈرىۋاتىسەن. بىز بولساق ھەم ئىنسانلىققا لايىق ھەم مۇسۇلمانلىققا لايىق ياشاشنى خالايمىز. سېنىڭ دىگىنىڭنىڭ دەل ئەكىسچە ياشايمىز!(داۋامى بار.)


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.